You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا

ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا

 

Anonymous_Venetian_orientalist_painting,_The_Reception_of_the_Ambassadors_in_Damascus',_1511,_the_Louvre

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن

1

    ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ سەمەرىسى. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىپ راۋاجلانغان بىر پۈتۈن ئالەمشۇمۇل مەدەنىيىتىنى نوقۇل شەرقنىڭ ياكى نوقۇل غەرپنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيىتى دەپ ئاتاش غەيرى تارىخىي كۆزقاراش بولۇپ، بۇنداق خاتا كۆزقاراش ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ راۋاجلىنىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا غايەت زور توسقۇنلۇقلار پەيدا قىلىدۇ.

    ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىر قېتىمدىلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا، ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىپ كەلگەن ۋە بىر قاتار يەرلىك تارىخىي خۇسۇسىيەتلەرنى گەۋدىلەندۈرگەن. ياۋرۇپالىقلارنىڭ قەدىمكى گىرىك- رىم- ۋىزانتىيە مەدەنىيىتىنى يارىتىشتىكى رولىغا ۋە يېقىنقى زاماندىكى ياۋرۇپا مەرىپەتچىلىكى، مەدەنىيەت ئويغۇنىشى، سانائەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمۇش قانداق مەنىسىزلىك بولسا، شەرق خەلقلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ، ھىندىستانلىقلارنىڭ، ئىرانلىقلارنىڭ، سۈرىيەلىكلەر ۋە ئەرەپلەرنىڭ قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمۇشمۇ ئوخشاشلا مەنىسزلىك بولغان بولىدۇ.

    دۇنيا تارىخىدا 6-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت، باشقىچە ئېيتقاندا رىم مەدەنىيىتى ئاخىرلاشقان، ياۋرۇپا مەرىپەتچىلىكى باشلانمىغان، ئەرەپلەر جاھان مەدەنىيىتىنىڭ غايەت مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلغان بىر پۈتۈن تارىخىي دەۋر ئوتتۇرا ئەسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىدا ئەڭ شۆھرەت قازانغان مەدەنىيەت شەرقتە ئېلىمىزنىڭ سۈي-تاڭ- سۇڭ سولالىلىرى دەۋرىدە ياراتقان (تاڭ دەۋرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ پارلاق نەمۇنىسىنى نامايەندە قىلغان) مەدەنىيەت بىلەن پۈتكۈل ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئەرەپ مەدەنىيىتى بولدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتى ئاتالغۇ جەھەتتىن ئۆز ئالدىغا خاس تارىخىي چۈشەنچىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ تار جۇغراپىيىلىك چەكلىمىسى ياكى ئەرەپ مىللىتىنىڭ بىر مىللەتلىك ئىتنوگىراپىك چۈشەنچىسى بىلەن چەكلەنمىگەن. ئەرەپ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي چۈشەنچە ئەڭ ئالدى بىلەن، ئەرەپ مىللىتى ئويغانغان ۋە تارىخنىڭ سىياسى سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن ھىندى دەرياسىدىن ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىگىچە بولغان كەڭ تېرتورىيىدە مەيدانغا كەلگەن ئەرەپ ئېمپېرىيىسىنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئورتاق مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەپلەر غايەت زور دىنىي- ئىدولوگىيىلىك ئۈستىقۇرۇلمىنى ۋە نەچچە يۈز مىلىيۇن خەلقنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان بىرخىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەيدانغا كەلتۈردى. مانا بۇ ئۈچ جەھەتكە ئەرەپلەردىن ئىلگىرى بۇ رايونلارنىڭ سىياسى سەھنىسىگە قەدەم قويغان كىر ۋە دارا ئاخمانىيلار ئېمپىرىيىسى بىلەن ماكادونىيىلىك ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ كىرىك- ماكادونىيە ئېمپىرىيىىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ھەربى- سىياسى مۇۋەپپەقيەتلەرنى زادى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي چۈشەنچە ئىككىنچىدىن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ۋە مۇنبەتلىك ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە، پەلەستىن، ھىلالىيە رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن چەكلەنمەيدىغان تارىخىي چۈشەنچىنى، باشقىچە ئېيتقاندا ئىسلامىيەت خەلىپىلىكلىرى زامانىدا قايتا تەتقىق قىلىنغان ۋە ئورتاق ئەرەپ مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغان قەدىمكى مىسۇپۇتامىيە، نىل، پىرسىيە، تۇران، ھىندىستان مەدەنىيەتلىرى بىلەن جۇڭگۇ ۋە گىرتسىيە مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئورتاق ئەنئەنىۋى گەۋدىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنى مۇستەسنا قىلغان ھالدا ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام مەدەنىيىتى مەيلى دىنىي ئىتىقات جەھەتتىن، مەيلى تەبىئەت ئىلمىي ياكى پەلسەپىۋى كۆزقاراشلار جەھەتتىن بولمىسۇن ئىسلامىيەت يېپىنچىسى بىلەن قايتا گەۋدىلەنگەن قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ قانۇنى ۋارىسى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت باسقۇچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ يورۇق بىر مەشئىلى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەرەپ مەدەنىيىتى ئەرەپ يېزىقىنى رىشتە قىلىپ قەدىمكى شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرۋايىتلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈردى ۋە ئۇنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتەردى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي چۈشەنچە ئۈچىنچىدىن، يالغۇز پۈتكۈل ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ، ئەرەپ تىل- يېزىقىنىڭ ۋە ئىسلامىيەت ئوتتۇرا ئەسىردە ياراتقان غايەت زور مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيىتى دېگەن چۈشەنچە بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئەرەپ مەدەنىيىتى نوقۇل ئەرەپ ھادىسى، ئىسلامىيەت ھادىسى، ئوتتۇرا ئەسىر ھادىسى بولماستىن ئۇ ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغان ياۋرۇپا مەرىپەتچىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ ھەقىقى پىرولوگى ئىدى. ئەرەپ مەدەنىيىتى ھەقىقى مەنىسى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، ئەرەپلەر ۋە غەيرى ئەرەپلەر، ئىسلامىيەت ۋە ساباھان، يەھۇدىچىلىك، خىرىستىيان، زەردەشت، مانى ۋە بۇددىزىمدىن ئىبارەت غەيرى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ھادىسىسى سۈپىتىدە قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنى يېقىنقى زامان مەدەنىيىتىگە تۇتاشتۇرغان ئاساسى كۆۋرۈك، ھەل قىلغۇچ ئۆتكەل، تارىخىي بەلۋاغ بولۇپ قالغان ئىدى. ئەرەپلەر 7- 8- ئەسىرلەردە كىرىك –رىم مەدەنىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان بولسا، 12- 13- ئەسىرلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت مۇئەللىمى بولدى. ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە كىرىك- رىم قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ غايەت زور تەسىرىنى دىققەتتىن چەتنەشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ياۋرۇپا پەلسەپىسى، ياۋرۇپا تەبىئەت ئىلمىي ۋە ياۋرۇپا گۇمانىزىمىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئىلھامى، تۈرتكىسى ۋە ئويغۇتۇشىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قىيىن.

    ئەرەپ مەدەنىيىتى يالغۇز يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن ئۈچ نوقتىدىن ئىبارەت تارىخىي چۈشەنچە بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە جانلىق- رېئال چۈشەنچىنى، ھازىرقى زامان دۇنيا ئاھالىسىدىكى نەچچە يۈز مىليۇنلىغان خەلقنىڭ ئىسلامىيەت ۋە ئەرەپ مەدەنىيىتى ئاسىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تۇتىشىدىغان تولىمۇ كەڭ بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    دىمەك ئەرەپ  مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنئەنىۋى داۋامى ۋە ئىسلامىيەت شەكلىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى. ئەرەپ مەدەنىيىتىنى يولغۇز ئەرەپ مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى دەپ قاراش، ئۇنى يالغۇز ئىسلامىيەتنىڭ دىنىي سېستىمىسى دەپ قاراش، ئۇنى تەتقىق قىلىشنى سىرلىقلاشتۇرۇش ياكى چەتكە قېقىش، تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىردەكلىك قانۇنىيىتىگە، ۋارىسلىق قانۇنىيىتىگە، ۋارىسلىق قانۇنىيىتىگە، راۋاجلىنىش قانۇنىيىتىگە كۆز يۈمغانلىق.

2

    ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى سېمىت (تەۋراتتا سۆزلەنگەن نوھنىڭ چوڭ ئوغلى سام) قەبىلىلىرىنىڭ قەدىمكى ماكانى ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بابىل، ئاسۇرىيە، فىنىك ئىسرائىل خەلقلىرىمۇ سام قەبىلىلىرىدىن ئاپىرىدە بولغان. سېمىت قەبىلىلىرىنىڭ تارىخىدا تۇنجى مەشھۇر شەخس سارگۇن (مىلادىدىن ئىلگىرى 2170- يىللىرى) ھەققىدىكى رىۋايەتنى مۇھەممەت پەيغەمبەرگىچە (571- 632) ئۆتكەن 2700 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئەرەبىستان، ھىلالىيە رايونى ۋە مىسۇپۇتامىيە تۈزلەڭلىكىدە گەرچە بىر قاتار پارلاق مەھەللىي مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيەتلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنياۋى مىقياستىكى مەدەنىيەت تەسىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    ئىسلامىيەت دەسلىۋىدە ئەرەپ مىللىتىنى تارقاقلىق، قالاقلىق ۋە قاششاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارغا ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆلەت چۈشەنچىسىنى بېغىشلاش مەقسىدىدە، نوقۇل ئەرەپ ھادىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بولسا، كېيىنچە ئۇ مىللەتچىلىك، قىرغىنچىلىق ۋە ھەربى ئىستىلا خاراتىرىنى ئالغان ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزى ئىستىلا قىلغان مىللەتلەردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنى ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك پىشاڭغا ئايلاندۇرۇش جەھەتتە تارىخ سەھنىسىدىكى ئىنتېرناتسېئونال مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىقىدىن ئىبارەت پىرسۇناج بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئىسلامىيەت تارىخىنىڭ ئوخىشىمىغان باسقۇچلىرىدا ئىپادىلەنگەن بۇ تارىخىي قانۇنىيەت داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

    ئىسلامىيەت مۇھەممەت پەيغەمبەردىن ئابابەكرىگىچە (632- 634) بولغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىچكى مىللىي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. نەتىجىدە ساباھان، يەھۇدى ۋە خىرىستىيان دىنىي ئورنىغا ئىسلام دىنىي مەيدانغا كەلدى ۋە قويۇق ئەرەپ مىللىي چۈشەنچىسى ھەم دۆلىتى شەكىللەندى. خەلىپە ئابابەكرى دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئىستىلاچىلىق خەلىپە ئۆمەر (634-644) دەۋرىدە رەسمىي تاجاۋۇز- بوي سۇندۇرۇش خاراتىرىنى ئالدى. خەلىپىلىك مىراس قالمايدىغان تۆت خەلىپىنىڭ «ئەل راشىدىن» دەپ ئاتالغان جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىلا، بولۇپمۇ ئۆمەر، ئوسمان (644- 656) ئەلى (656- 661) دەۋرىدە سۈرىيە، ئىراق، مىسىر، ئىران تېرىتورىيىلىرى ئىستىلاھ قىلىندى. ئەرەپلەر خەلىد ئىبىن ۋەلىد قاتارلىق تۇنجى سەركەردىلىرى بىلەن ئىستىلاچىلىق سەپىرىگە ئاتلانغاندا، كەلگۈسىدە سالجۇق ئوغۇز تۈركلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە «غازات» ئۇرۇشىنىڭ دىنىي- ھەربىي تەنتەنىسىگە غەرق بولغان ئىدى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھەربى- سىياسى- دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ كىشىلەر ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان تارىخىي- مەدەنىي ئاقىۋەتلىرىنى ئويلاپ يېتەلمەيتتى.

    دەمەشىقنى مەرگەز قىلغان ئومماۋىيە خەلىپىلىكى (661- 750) زامانىدا ئەرەپ ئىستىلاسى چېكىگە يەتتى. دەمەشىق خەلىپىلىكى  ئەرەپ مەدەنىيىتى تارىخىدا ئىككى چوڭ ئىش قىلدى. ئۇنىڭ بىرسى، ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ تېرىتورىيىسىنى غەرپتە ئاتلانتىك ئوكياندىن شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىسىغىچە كېڭەيتتى.  بۇ ئىشتا ئەرەپ سەركەردىسى قۇتەيبە بىلەن ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىنى ھىجازنىڭ ۋادىقورا يېزىسىدا تىلەمچىلىك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان سەركەردە مۇسا ئومماۋىيە خەلىپىلىكىگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى. دەمەشىق خەلىپىلىكى قىلغان ئىككىنچى ئىش ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى بىخىنى تىكىشتىن ئىبارەت بولدى. ئۇمماۋىيە دەۋرى ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ھامىلدارلىق دەۋرى ئىدى.

    ئۇمماۋىيە دەۋرىدە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىشلەنگەن ئەڭ چوڭ خىزمەت ھېساپلانغان ئەرەپ تىل –يېزىقى، ئۆز مەزمۇنىنى باشتىلا ئىككى ساھە بىلەن گەۋدىلەندۈرۈشكە كىرىشكەن ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىسلام ئەقىدىسى كالام تەلىماتىنى يازما شەكىلدە ئىپادىلىشىگە ئاساس سالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەرەپلەردىن مەدەنىيەتلىك شەرق ۋە غەرپنىڭ ئەنئەنىۋى مىراسلىرىنى ئەرەپ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ تۇنجى دەرۋازىسىنى ئاچتى. گەرچە دەسلىۋىدە دىنىي ئەدەبىيات شەكلىدە بولسىمۇ، ھىندىستاننىڭ بارلا ئام ۋە يۇساپات ھېكايىسى بىلەن «كىتابۇل بۇد»، «كىتاب بۇدا ساف» قاتارلىق كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىشتى. ئەرەپ تىلى تىز ئارىدا سېئىرىيەت ساھەسىدە بەزى مۇۋەپپەقيەتلەرگە ئېرىشتى. قەيس ئىبىن مۇراۋاخ يازغان «مەجنۇن لەيلا» (لەيلى مەجنۇننىڭ تۇنجى نۇسخىسى) بىلەن خەمەدرەۋىش توپلىغان «مۇئەللىقات» شېئىرى توپلىمى ئۇنىڭ تۇنجى نامايەندىلىرىدىن ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن دۇنياۋى مەدەنىيەت بولۇپ قېلىشى ئابباسىيە خەلىپىلىكى (750- 1258) دەۋرىنىڭ ئۇتۇغى بولدى. ئەرەپلەردىن خەلىپىلىكنى تارتىۋالغان پىرىيىسىيلىكلەر ئۇمماۋىيە ئەرەپلىرىنىڭ قارشىلىقى ۋە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى ئىچىدىكى ئىجتىمائىي- مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك چەۋەندازلىرىنىڭ ھەربى قۇدرىتىگە يۆلۈنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ھەرخىل دىنلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ساقلىنىپ تۇرىشىغا  ۋە ھەرخىل ئىلمىي مەكتەپلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويدى. باغدات خەلىپىلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان خەلىپە ھارۇن رەشىد (789- 809)، خەلىپە مامۇت (813- 833) دەۋرى ھەقىقى ماھىيىتى بىلەن ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن ۋە ئالەمشۇمۇل خاراكتىر ئېلىشقا يۈزلەنگەن دەۋرى بولدى.

ئەرەپلەر باغدات خەلىپىلىكى ۋاقتىدا زور كۆلەملىك ئىستىلا مۇۋەپپەقيەتلىرىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇلار ۋىزانتىيە بىلەن كىچىك ئاسىيانى تالىشىش يۈزىسىدىن گەرچە بىر ئەسىر كۆرەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئانچە چوڭ مۇۋەپپەقيەتكە ئېرىشەلمىدى. ھەتتا خەلىپە ھارۇن رەشىد بىلەن كارۇل سالمان تەنتەنىلىك دوستلۇق ئەھدى تۈزدى. مەھەللىي ھاكىمىيەتلەرگە كەڭ ئىمتىياز بېرىلدى، تارىخ كىچىك ئاسىيانى تالىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى.

    باغدات خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئۇمماۋىيە ۋاقتىدا باشلانغان شەرقتىن ۋە يۇنانلىقلاردىن ئۆگىنىش ھەركىتى رەسمىي خەلقئارا خاراكتىر ئالدى. بۇ ئىشتا ئەڭ ئالدى بىلەن سۈرىيەلىكلەر (بولۇپمۇ يەھۇدىلار)، ئۇلارغا ئەگىشىپلا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى. قەدىمكى شەرق ۋە كىرىك مەدەنىيىتى دەسلەپ سۈرىيە ۋە پەھلىۋى تىلىغا، ئاندىن ئەرەپ تىلىغا تەرجىمە قىلىناتتى. ئىبىن مۇكەففا، ئەبۇزەئىن ئىبىن ئىسھاق، ئەبۇ بەشەر مەتتا، ئەبۇل خەيىر ئەل قەممەر قاتارلىق يۈزلىگەن تەرجىمانلار مەدەنىيەت ئەلچىسى ۋە ۋاستىچىلىقى تولىنى ئۆتىدى. باغدات تىز ئارىدا خەلقئارا مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇپ قالدى. ئۇ غەرپتە باسرا، قۇبا ئىسكەندىرىيە ۋە دەمەشىقنىڭ، شەرقتە مەرۋى، بەلق ۋە خاماداننىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقات بۇلاقلىرىدىن ئېقىپ چىققان مەدەنىيەت دەرياسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان ئىدى. جۇڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەغەزچىلىك تېخنىكىسى 751- يىلقى تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە تونۇش بولسىمۇ، 794-يىلى خۇراسان ۋالىسى فەدىل ئىبىن يەھيانىڭ تەكلىۋى بىلەن باغداتتا تۇنجى قەغەز كارخانىسى قۇرۇلدى، ئەرەپلەر ئۇنى سەمەرقەنت شىۋىسىدە «كاغەز» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ ئىنىسى جەففار ھارۇن رىشىدقا ۋەزىر بولغاندىن كېيىن قوي تېرىسى ئورنىغا قەغەز ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. قەغەزچىلىك ئەرەپ مەدەنىيىتىنى تارىخىي خاراتىرلىك شۆھرەتكە مۇيەسسەر قىلغان ئۇلۇغۋار مۆجىزىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىگە ئالەمشۇمۇل خاراتىر بېغىشلىغان نەرسە، ئەرەپ ئىمپىرىيىسى، ئەرەپ تىل- يېزىقى ياكى ئىسلامىيەت ئېتىقادى بولماستىن، بەلكى دەل ئەرەپلەرنىڭ ئۆگىنىش روھىدىن، باشقىچە ئېيتقاندا ئۆزى بىلەن جەڭ قىلىپ ئىستىلا قىلىنغان ئىلگىرىكى رەقىپلىرىدىن ۋە ئۆز ئىتىقادىغا زىت بولغان ئىدولوگىيىلىك مۇخالىپلىرىدىن ئۆگىنىش روھىدىن ئىبارەت بولدى. ئەرەپ ئىمپىرىيىسىدەك ئۆزى بويسۇندۇرغان شۇنچە كەڭ تېرتورىيىدىكى ھەممە مىللەت خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى ۋە يۈكسەك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز مىللىيتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆگىنىشكە بەل باغلاشتەك تارىخى ھادىسە مەيلى ماكادونىيىلىك ئىسكەندەر ياكى ئىران ئاخمانى ئىمپىرىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا مىسلىسىز بولۇپلا قالماستىن، سالجۇق، چىڭگىزخان ۋە تۆمۈرلەڭ ئىمپىرىيىلىرى دەۋرىدىمۇ تەكرارلانمىغان ئىدى.

    ئەرەپلەر باغدات بىنا قىلىنىپ (762-يىلى) 80 يىلغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا چۆل مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئۇسسۇزلىقى بىلەن كىرىك- رىملىقلار نەچچە ئەسىر ئىچىدە ئىېرىشكەن مۇۋەپپەقيەتلەرنى ئېگەللەپ ئۈلگۈرەلىدى. ئارستوتىل ئەسەرلىرى، پىلاتون ۋە يېڭى پىلاتونىزىم تەتقىقاتى، پىخاگوۋ، ئېۋىكلىد، ئارخىمىد، پىتلومى ئاستىرو ماتىماتىكىسى، گىلىن ۋە ھېپوگرات تىبابەتچىلىكى جەھەتتە ئەينى زاماندا پەقەت ئەرەپلەرلا ئىلىم نوپۇزى بولالىغان. خەلىپە مامۇت 830-يىلى باغداتتا تۇنجى ئاكادېمىيە «بەيتۇل ھىكمە»نى تەسىس قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر كىتاپخانا ۋە ئوبسورىۋاتۇرىيىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. شامان شاھى ناسىر ئىبىن ئەخمەت (913- 943) كىتاپخانىسىدا فارابىنىڭ «ئىككىنچى تەلىمات» دېگەن قوليازمىسى ساقلانغان. بۈۋھىد خانلىقىنىڭ شەھى ئەدۇر ئەل دەۋلە (977- 982) زامانىدا شىرازدا «غىزانەتۇل كۇتۇپ» ناملىق كىتاپخانا قۇرۇلغان ئەينى زاماندا باسىرا، مەرۋى، بۇخارادا شۇخىل كۈتۈپخانىلار ۋە ئىلمىي تەتقىقات يۇرتلىرى قۇرۇلغان. قەشقەردە قاراخانىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان «ساجىيە» مەدرىسى، مىسىردىكى پاتىمە خەلىپىسىنىڭ خەلىپىسى ئەزىز 11- ئەسىرنىڭ بېشىدا قۇرغان ئەزىمەتلەر جامەسى (دارۇلفۇنۇنى) بىلەن «دارىلپىكمە» ئىلمىي يۇرتى، سالجۇق سۇلتانى مالىك شاھنىڭ ۋەزىرى نىزام مۈلۈك 1065-يىلى تەسس قىلغان «نىزامىيە» مەدرىسى ئەرەپلەرنىڭ ياۋرۇپا ئالى مەكتەپلىرى مەيدانغا كېلىشى ئالدىدىكى ئىلمىي مۇۋەپپەقيەتىرىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېساپلىناتتى. قەغەزچىلىك، كىتاپخانا ۋە تەرجىمىلىچىك ئەرەپ ئىلىم مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجىنى تىزلەتتى.

    فاسارى (796- 806) ھىندىستاننىڭ «سىنىد ھىنىد» دەستۇرىنى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىپ تۇنجى ئاستىرونومىيە دەرۋازىسىنى ئاچتى. ئاتاغلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىمى مۇھەممەد خارەزمى (780- 850) قەدىمكى تۇران، ھىندىستا ۋە گىرىك ئاستىرونومىيىلىك كۆز قاراشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلمىي كۈزۈتۈشلىرى ئاساسىدا تۇنجى ئاستىرونومىيىلىك جەدۋەل ئىشلەپ چىقتى. خارەزىمنىڭ ئىشلىرىنى ئەبۇ ئابباس ئەخمەت ئەل فەرغانى (861-يىلى نىل بويىدا سۇ ئۆلچەش پونكىتى قۇرغان) داۋاملاشتۇردى. خەلىپە مامۇت دەۋرىدە باغداتتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان يەھۇدى ئالىملىرىدىن ئىبىن ئەلى بىلەن يەھيا ئىبىن مەنسۇر باشچىلىقىدا ئوبسۇرۋاتۇرىيە قۇرۇلدى. ئاستىرونومىيە ئىلمى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىدىن بەلىخلىق ئەبۇ ھەشەر (886-يىلى ئۆلگەن) غەزنىلىك ئەبۇ رەيھان بىرونى (973- 1050)، ئىسپانىيىلىك ئەبۇل قاسىم مۇسلەمىي مەجىدىت (خارەزىمنىڭ مادرىتلىق شاگىرتى)، مىسىرلىق ئەلى ئىبىن يۇنۇس (1009 –يىلى ئۆلگەن)، نىساپۇرلۇق ئۆمەر ھەييام (1083-يىلى) تەرىپىدىن داۋاملىق تەتقىق قىلىندى.

    شەھەر، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرى، ئوردا ۋە باغ ھەرەم مەسجىد ۋە قەبرىگاھ قۇرۇلۇشلىرى گىئومېتىرىيە ۋە ھەندىسىدىن جەۋەردار نۇرغۇن بىناكارلىق ئۇستىلىرىغا مۇختاج ئىدى. باغداتتىكى ئۈچ چوڭ ئاسما كۆۋرۈك ئەينى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ غۇرۇرى سۈپىتىدە ھازىرمۇ قايتا قۇرۇلۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. مۇھەممەد خارەزىمى ئەرەپ ماتىماتىكىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ «ھىسابۇل جەبرى ۋەل مۇقابىلە» دېگەن ئەسەرنى ياراتتى. «ئالگىبرا»نىڭ تۇنجى قوللانمىسى بولغان بۇ ئەسەر 12 –ئەسىردىن كېيىن كىرىمۇنارلىق رالال تەرىپىدىن لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ 16-ئەسىرگىچە ياۋرۇپادا ئالگىبرا دەرسلىكى بولۇپ قالدى. خارەزمى تۇنجى قېتىم ھىندى رەقىمىنى ئەرەپ مەدەنىيىتىگە تونۇشتۇردى. ئۇنىڭغىچە رەقەم ئورنىدا يېزىق قوللىنىلاتتى، تۇنجى ياۋرۇپا ماتىماتىكى لېئوناردو ئەرەپ ماتىماتىكىسىنىڭ ئىلھامىدا كۋادىرات ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

    خېمىيە ئەرەپلەر دۇنياسىدا تېخى ئالخىميە ھالىتىدە تۇراتتى. ئۇ جۇڭگۇنىڭ دورىگەرچىلىكى، رىندەنچىلىكى ۋە كۇجىچىلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ قەندالچىلىقى، زەرگەرچىلىكى ۋە بۇلغارچىلىقى، ھىندىلارنىڭ بوياقچىلىقى، ئىرانلىقلارنىڭ مەيپۇرۇشچىلىقى ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئالخىمىيىسى ئاساسىدا باشلانغۇچ مۇۋەپپەقيەتلەرگە ئېرىشتى. 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشىغان سۈرىيىلىك سابىر ئىمىن ھەسەن ئەرەپ ئالخىمىيە (ئەل كېمىيا. ئەڭ قەدىمكى مىسىر تىلىدا «قارا» دېگەن سۆز بولۇپ، كېيىن خىمىيە بولۇپ ئىستىمال قىلىندى. ئۇيغۇر شائىرى ۋە خىمكى تەجەللى ئۆزىنىڭ «قارا ھەققىدە قەسىدە» دېگەن شېئىر خېمىيە ئىلمىگە بېغىشلىغان ئىدى)نىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە قەلەي، مىس، تۆمۈردىن ئالتۇن- كۆمۈش ياساشقا ئۇرۇنۇپ، ئەمەلدە بىر قانچە خېمىيىۋى بىرىكمىلەرنى سۇنئى ياساپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. ئۇنىڭ «شەرق سىماپلىرى» (ئەل زىبا قۇل شەرقى) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەڭ تۇنجى خىمىيە دەستۇرى سۈپىتىدە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان. باغداتلىق ئاتاغلىق دوختۇر، پەيلاسۇپ ئەبۇبەكرى زاكارىيە ئەررازى ۋە شاھاۋىدىن تىخەش (بولۇپمۇ ياقۇتسازلىقتا) بۇ جەھەتتە خىمىيە ئىلمىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئازۇت كىسلاتاسى، ئىسفىرت ۋە گۇڭگۇرت ئېرتمىسىدىن پايدىلىنىش تىبابەتچىلىكتە قوللىنىلغان ئىدى.

    تىبابەتچىلىك ئىجتىمائىي ئىھتىياجلار ۋە تەبىئەت ئىلمىي ئۇتۇقلىرى ئاساسىدا تېز راۋاجلاندى. ئىسلام دىنىي ۋە ئۇنىڭ ھامىلىرى تىبابەتچىلىك ۋە سەھىيىگە كەڭ ئىمكانىيەت قالدۇرغان ئىدى. دىنىي كالام تەلىماتلىرىدىن باشقا بارلىق تەبىئەت ئىلمى، جۈملىدىن پەلسەپە، تىبابەتچىلىك ۋە تىبابەتشۇناست نامىدا نىقاپلانغان. بۇ جەھەتتىكى ئالىملار بىر تۇتاش ھېكىم دەپ ئاتىلاتتى. ئىسلام خەلىپىلىكلىرى ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا رەسمى ھاممام (مۇنچا) تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئۇمماۋىيە دەۋرىدىلا كىرىك ۋە ئىران تىبابەتچىلىكى ئاساسىدا تۇنجى ئەرەپ تىبابەتچىسى خارىس ئىبىن كەلدا (634- يىلى ئۆلگەن) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مەيدانغا كەلدى. «ئەل ئەسەر ماقالە تۇخۇل ئەيىن» (كۆز كېسەللىكلىرى ھەققىدىكى ماقالىلار)نىڭ ئاپتۇرى ئەلى ئىبىن مەسەۋى، «فىردەۋسۇل ھىكمە» (ئەقىل- پاراسەت بېغى)نىڭ ئاپتۇرى ئەلى ئىبىن، بولۇپمۇ ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زاكارىيە ئەررازى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى فارابى پەلسەپىۋى سېستىمىسىنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ۋەكىلى ئەبۇئەلى ھۈسۈيۈن ئابدۇللا ئىبىن سىنا تىبابەتچىلىك ئىلمىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئەررازىنىڭ «كىتابۇل ئەسرار»، «كىتابۇل تىبىب ئەل مەنسۇرى»، «ئەل يۇدارى ۋەل ھەسپى» (قىزىل ۋە چىچەك)، «ئەل ھەۋى» (تىبابەتچىلىك توپلاملىرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىبىن ئابباس مەجۈسىنىڭ «كامىلۇل سىنا ئەل تىببە» (تىبابەتچىلىك قوللانمىسى) ناملىق ئەسىرى، بولۇپمۇ ئىبىن سىنانىڭ «كىتابۇل شىفا»، «دانىش نامە»، «ئەل قانۇن فىت تىبىب» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ شەرق ۋە غەرپتە قولغا كەلتۈرگەن تىبابەتچىلىك كۆز قاراشلىرى ۋە تەجىربىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يەكۈنى ۋە راۋاجى سۈپىتىدە يېقىنقى زامان ياۋرۇپا مىدىتسىناسىغا ئاساس سالغان. مىسىرلىق مۇھەممەد تامىمى، ئىسپانىيىلىك ئبىن زوھۇرى، كوردۇۋا يېنىدىكى زەھرە يېزىسىدا تۇغۇلغان ئاتاغلىق ئەرەپ خىرورگى ئوبۇل قاسىم ئىبىن ئابباس زەھرەۋى قاتارلىق دوختۇرلار ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەپ تىبابەتچىلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن ئىدى.

    ئەرەپلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرى پەلسەپە ساھىسىدىمۇ ئىپادىلەندى. ئىسلام «ئىلىمۇل» كالام تەلىماتىنىڭ «تېئو سىنتېرىزم» (تەڭرى مەركەزلىك) تەلىماتلىرى پەيدا بولدى. ئىسلامىيەت ئۆزى بويسۇندۇرغان مىللەتلەرنىڭ ئالەم ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ تۇرغان ئىدى. شىمالى ئىرانلىقلار ئەرەپ ئىستىلاسىدىن كېيىن يەنە ئىككى ئەسىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى زەردەشت ۋە خىرىستىيان ئېتىقادىدىن ۋازكەچمىگەن، سۈرىيەلىكلەردە قوش ئېتىقاتچىلىك بىر مەزگىل داۋام قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار شامان ۋە مانى ئېتىقادىنى ئىسلام رەسمىيەتلىرى بىلەن يۇپۇقلىغان ئىدى. بۇندىن باشقا يۇنان ۋە ھىندىستاننىڭ دىنىي ياكى پەلسەپىۋى كۆزقاراشلار تەسىرى داۋاملىق ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تۈرلۈك مەزھەپ ۋە ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى، ھەقىقەتكە ئەقىدىنى ئەمەس، بەلكى ئەقلىنى ھەم مەنتىقىلىق ئىسپاتلاشنى مىزان قىلىش مەسىلىلىرى ئاساسلىق ئىدىيىۋى تېما بولۇپ قالغان، مۇتەززىلىمچىلار كالامچىلار (مۇتەكەللىملار)دىن ئايرىلىپ چىقتى. ئىتىدائىي سوفىزىم (بولۇپمۇ ئۇنىڭ نامايەندىلىرى سابىر ئىبىن ھەسەن، جىنەيدىن باغدادى، بەلىقلىق ئىبرايىم ئەدھەم) ئىسيانكار تەلىمات سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى، ئۇ مۇتەززىلىزم، شېئە مەزھىپى، ئىسمائىلىزىم ۋە كارامەتچىلەر بىلەن  ھەمنەپەس ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى سۈپىتىدە «ئىمۋانۇل ساخا» (سادىق دوستلار) («ئىمۋانۇل ساغا» سۆزى ھىندى چۆچەكلىرى توپلىمى «كەلىلە ۋە دىمنە»دىكى بىر توپ ھايۋاننىڭ ئوۋچى قىلتىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر- بىرىگە قىلىشقان ۋەدىسىدىن ئېلىنغان ئىدى) ئىلمى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «راسا ئىل» ناملىق 51 ماقالىدىن تۈزۈلگەن مەجمۇئە ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ 10- ئەسىردىكى ئىلمىي قامۇسى سۈپىتىدە تەقدىرچىلىك ئەقىدىلىرىگە ئوت ئاچتى، ئەل بەستى ئەل زەنجەنى، ئال نەھرىجۇدى، ئەل ئەۋفى، ئىبىن دىفائە قاتارلىقلار مۇئەللىقاتى (ئەسەرلىرى) ھېساپلانغان بۇ قامۇس گەرچە مۇتەززىلىزم ۋە ئىپتىدائىي سوفىزم كۆزقاراشلىرىدىن خالى بولالمىغان بولسىمۇ، ئەرەپ ئارىستوتىلىزمى تەسىرىنىمۇ ئىپادىلەپ ئەرەپ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك ئىلھام بېغىشلىغان.

    ئەرەپ پەلسەپىسى تارىخىدا ئەبۇ يۈسۈپ ئىبىن ئىسھاق ئەل كىندى (801- 873) مۇھىم شەخس بولۇپ، ئەرەپ نەسەبىدىن ئىدى، ئەل كىندى گەرچە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى تەتقىقاتچىسى بولسىمۇ، ئۇ پىفاگۇر ۋە پىلاتونىزىمنى كەسكىن پەرقلەندۈرمىگەن. ئۇ پىفاگۇر ماتىماتىكىسىنى پۈتۈن تەبىئەت ئىلمىنىڭ ئاساسى دەپ تونۇغان.

    ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتىلى، «ئىككىنچى ئۇستاز» (ئارىستوتىل 1- ئۇستاز. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بىرىنچى تەلىمات، فارابى 2- ئۇستاز، فارابىزم ئىككىنچى تەلىمات دەپ ئاتالغان)، شەرق خەلقلىرىنىڭ سىپنوزىسى ئەبۇ نەسىر فارابى (870- 950) ئۇيغۇر- قارلۇق ئالىمى بولۇپ، ناتورالىزملىق پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى سېستىمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ «ئىمسام ئولۇم» (ئىلىملەرنى تۈرلەر بويىچە تونۇشتۇرۇش)، «كىتابۇل جەمئىي»، «خۇسۇسۇل ھىكىم» (پەلسەپە گۆھەرلىرى)، «ئىيۇنۇل ماسائىل» (مەسىلىلەر بۇلاقلىرى)، «ئارا ئەھلۇل مەدىنە تۇل فەزىلە» (پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ كۆزقاراشلىرى)، «ئەل سىياسەتۇل مەدىنىيە» (شەھەر گىراجدانلىق سىياسىتى)، كىتابۇل مەنتەقۇل كەبىر» (ئۇلۇغ لوگىكا كىتابى)، «كىتابۇل مۇسقۇل كەبىر» (ئۇلۇغ موزىكا كىتابى) قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى پەلسەپە تارىخىدا فارابىشۇناسلىقتىن ئىبارەت يېڭى تەتقىقات ساھەسىنىڭ باي مەنبىيى بولۇپ قالماقتا. فارابى پەلسەپىۋى يۆنۈلۈشنى ئىبىن سىنا، ئىبىن بەجە، ئبىن تۇفائىل، ئىبىن رۇشىدلار داۋاملىق راۋاجلاندۇرغان. فارابى پانتىئىزمى ياۋرۇپا پانتېئىزمىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ۋە سىپىنوزا تەلىماتىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالى شەكىلگە ئېرىشكەن. فىرانسوز ماتىريالىزىمى سىپىنوزا پاتىئېزمىنىڭ توغرىدىن- توغرا داۋامى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ موھىم بىر تەركىۋى قىسمى ئەرەپلەرنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقيىتى ئىدى. ئەرەپ ئەدەبىياتى پۈتكۈل ئەرەپ مەدەنىيىتىدەك ئەرەپ مىللىي ئەدەبىياتىنى ئەمەس، بەلكى ئەرەپ تىل- يېزىقىدا يارىتىلغان ئەدەبىياتنى نەزەردە تۇتىدۇ. شۇنىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، ئەڭ مۇھىم ئەدىپلەر غەيرى ئەرەپ مىللىتىدىن كېلىپ چىقىپ، ئەرەپ ئەدەبىياتىغا ئۆچمەس توھپە قوشقان. ئەل جاھىز (868- يىلى ئۆلگەن) باسىرا ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ئىدى. بەردى زامان سورۇنلاردا ئوقۇلىدىغان ھەجۋىيات جانىر «مۇقامەت»كە ئاساس سالدى. فارابى بىلەن بىللە شىمالى سۈرىيە مەمەدان خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيفۇل دەۋلە ھامىلىقىغا  ئېرىشكەن شائىر ئوبۇل خارەج ئىسپىخانى (897- 967) مەشھۇر «ئاغانى» شېئىر توپلىمىنى تۈزۈپ چىقتى. خەلىپە مەخەد ۋاقتىدىكى قارىغۇ شائىر بەشەر ئىبىن بۇرد، خەلىپە ھارۇن رىشىد ۋاقتىدىكى بەش، يەتتە بېيىتلىك غەزەلىياتقا ئاساس سالغان ئەبۇنۇۋاس، شۇ چاغدىكى دىنىي دەرۋىشلىك «زۇھدىيات» شېئىرى جانىرسىغا ئاساس سالغان ئوبۇل ئاتاھىيە، مەشھۇر «دىۋانۇل خەمىسە»نىڭ ئاپتۇرى ئىبىن ئابىدرەبى، ئەڭ ئاتاغلىق ئىسپانىيە ئەرەپ شائىرى ئىبىن زەيدۇن ئەرەپ شېئىرىيىتىنىڭ غۇرۇرى سۈپىتىدە ئەرەپ  مەدەنىيىتىگە قىممەتلىك تۆھپە قوشتى. سەيفۇل دەۋلە سارىيىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان فارابىيلىق تۈرك جەۋھىرى (1008-يىلى ئۆلگەن) تۈزۈپ چىققان ئالپاۋىتلىق لۇغەت ئەرەپ ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان. ئىراقلىق ئەل جەھشىيارى (942-يىلى ئۆلگەن) قەدىمكى پەھلەۋى ھىكايىسى «خىزىر ئەپسانە» ئاساسىدا ھىندىستان، كىرتسىيە، مىسىر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلق ھىكايىلىرىدىن پايدىلىنىپ «مىڭ بىر كېچە» قوليازمىسىنى ئىشلەپ چىقتى. كارران ئۇنى دەسلەپ فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلدى. 13- ئەسىر ئوتتۇرىللىرىدا «كەلىلە ۋە دىمنە» لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىندى. ئىسپانىيە يازغۇچىسى سىرۋانتىس «دونكىخوت» رۇمانىنى ئالجىرىيەگە تۇتقۇن قىلىنغاندا ئەرەپ تارىخچىسى شىدئەمىن- ئىبىن ئىجىل ئىشلىگەن «دونكىخوت تېلماندۇ» ئاساسىدا يازغانلىقىنى روماننىڭ 9- بابىدا ئىزاھلاپ ئۆتكەن.

    باغدات خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەپلەر ھېرودوتۇس ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئوتتۇرا ئەسىر شائارائىتىدا خانلىق سالنامىلىرىدىن پەرقلىق تۇنجى مۇستەقىل تارىخ ئىلمىگە ئاساس سالدى. ئەخمەت بەرزۇلى ۋە ئابدۇللا ئىبىن قۇتەيبىدىن كېيىن ئەڭ ئاتاغلىق ئەرەپ تارىخچىلىرى مۇھەممەدئىبىن جەففارتابادى (838- 923)، مەسكەۋى (1030-يىلى ئۆلگەن)، ئەبۇ ھەسەن ئەلى مەسئۇدى، سەئىد (1029- 1070)، ئىبىن خەللىكان (1282-يىلى ئۆلگەن)، ئوبۇل فىدا (1273- 1332)، ئابدۇراخمان ئىبىن خەلدۇن (1332- 1406)، پەلسەپە ۋە تىبابەتچىلىك تارىخچىلىرى ئبىن ئەبى ئۇسەيبە (1203- 1270)، ئەل ئىبىن يۈسۈپ قىفتى مەيدانغا كەلدى.

    قەدىمكى يىپەك يولى قۇرۇغلۇقتا چاڭئەن، باغدات ۋە ۋىزانتىيىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرسا، پارس قولتۇقىدىكى دېڭىز يولى شىمالى ئافرىقا، ئوتتۇرا دېڭىز، ھىندىستان ۋە مالايا ئاراللىرىنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. قاتناش قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ غايەت زور ئىلھامچىسى سۈپىتىدە جۇڭگۇنىڭ يىپەك گەزلىمىلىرى، پار-پۇر بويۇملىرى، خۇشپۇراق ماتىرياللىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياقۇتى، ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلىرى، پاختا توقۇلما بويۇملىرى، بۇخارا جەينامازلىرى بىلەن ھۈنەرۋەن- سەنئەت ئۇستىلىرىنى، ھىندىستاننىڭ بوياق بويۇملىرى، دورا ماتىرياللىرىنى، سۈرىيەلىكلەرنىڭ شىشە بويۇملىرى شېكەر- قەنت كېزەكلىرىنى، ھەتتا ئەڭ يىراق مالايانىڭ لىمۇنى بىلەن ئىسكاندىنوۋىيە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر- بىرىگە ئالماستۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تېرىقچىلىق، باغۋەنلچىلىك، يىپەكچىلىك ۋە قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنىمۇ خەلقئارالاشتۇردى. ئەرەپلەرنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئەتىرگۈلى جۇڭگۇنىڭ نىلۇپەر گۈلى بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ ئانىرى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ قوغۇن- تاۋۇزى بىلەن (خەلىپە مامۇت دەۋرىدە مۇز قاچىلانغان ئىدىشقا سولاپ باغداتقا ئېلىپ بېرىلغان تاۋۇزنىڭ بىرسى 70 دىنارغا سېتىلغان ئىدى) مەڭگۈ بىللە ئۆستۈرىلىدىغان بولدى. قاتناش جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ راۋاجىنى ئىلگىرى سۈردى، ئاتاغلىق ئەرەپ ساياھەتچىلىرىدىن ئەخمەت ئىبىن فادىلان (10 – ئەسىرنىڭ بېشىدا)، «مۇجەمۇل بۇلدۇن» جۇغراپىيىلىك لۇغىتىنىڭ ئاپتۇرى كىچىك ئاسىيالىق ياقۇت ھەمەۋى (1179- 1229)، «كىتابۇل بولدۇن»نىڭ مەئەللىمى ئىبىن ۋادىق يەشگۇبى ئەينى زاماننىڭ مەشھۇر جۇغراپىيىچىلىرى ۋە ساياھەتچىلىرى ئىدى.

4

    ئەرەپ مەدەنىيىتىنى ياۋرۇپاغا تونۇشتۇرۇشتا ئىسپانىيىلىكلەر، يەھۇدىلار، ئۇنىڭدىن كېيىن فىرانسۇزلار غايەت زور خىزمەت كۆرسەتتى. خىرىستىيان دىنىدىكىلەر تولېدو شەھرىنى قايتۇرىۋالغاندىن كېيىن پوپ لۇلدايمۇن (1126- 1152) تەشەببۇسىدا رەسمىي تەرجىمە مەتىۋى تەسىس قىلىندى. بۇ مەكتەپ بىر يېرىم ئەسىر ئىچىدە (1135- 1284) تەربىيلىگەن تەرجىمانلار بىرتانىيە يېرىم ئارىلىدىن (ۋانكىرسكۇت، روپات قاتارلىقلار) فىرانسىيىدىن، ئىتالىيىدىن كەلگەن ئىدى. تولېدو شەھرىدە 1250- يىلى تۇنجى شەرق تىل يېزىق مەكتىۋى قۇرۇلدى. رۇپات خارەزمى ئەسەرلىرىنى، ئەڭ مەشھۇر تەرجىمان كىرىمۇنالىق رىلال (1187-يىلى ئۆلگەن) فەرغانى، فارابى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. خىرىستىيان دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتكەن يەھۇدى تەرجىمانلىرىدىن ئىبراھىم ئىسرا (1167-يىلى ئۆلگەن) بىرونى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. ئۇ كېيىن (13- ئەسىردە) فىرانسوزچىغا تەرجىمە قىلىندى. لوندون يېنىدىكى كېرىنوۋېل مۇنەججىمخانىسى ئەرەپ ئاستىرونومىيىسى تەسىرىدە بەرپا بولغان دەسلەپكى ياپرۇپا ئوبسىرۋانتورىيىلىرىدىن بىرى ئىدى. پوپ لۇلل رايمۇن ھامىلىق قىلغان مۇسۇلمان تەرجىمانلىرى ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ تونۇشتۇرىلىشىدا مۇئەييەن رول ئوينىغان. 12 –ئەسىردە فىراسىيەنىڭ شەرقىدىكى كىلىندە ئەرەپ ئىلمى تەتقىقات مەركىزى شەكىللەندى. گىرمانىيە ئىمپىراتۇرى ئوتتو 953- يىلىلا كوردىۋاغا ئىۋەتكەن ئەلچىسى جۇن ئارقىلىق ئەرەپ تىلىدىكى ئارگىناللارنى ئالدۇرغان ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ياۋرۇپاغا تارقىلىشىدا ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى غايەت زور ۋاستە بولغانلىقىنى ئاتاپ ئۆتۈش كېرەك. «مىڭ بىر كېچە» بىلەن «كەلىلە ۋە دىمنە» سەلىپ ئۇرۇشىغا قاتناشقان جەڭچىلەر تەرىپىدىنمۇ ياۋرۇپاغا تونۇشتۇرۇلغان. قەغەزچىلىكتىن باشقا يەنە ئىككى مۇھىم جۇڭگۇ كەشپىياتى- ئوق دورىسى بىلەن كومپاس ئەھلى سەلىپ ۋاقتىدا ئەرەپلەر ئارقىلىق ياۋرۇپاغا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. قەغەز 12 –ئەسىردە ئىسپانىيىگە تارقالغان. 13 –ئەسىردە ئىتالىيەگە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. جۇڭگۇنىڭ (جۈملدىن ئۇيغۇرلارنىڭ) مەتبە تېخنىكىسى خەلىپە ئابدۇل رەخمان ۋاقتىدىلا ئىسپانىيىگە تارقالغان. كومپاس 1230-يىلى مۇھەممەد ئاۋفى يازغان «جەۋمىئەل ھىكايەت ۋە لەۋمىئەل راۋايەت» نامىلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. مىلتىق دورىسى ھەققىدە كىرىك ئاپتورى مارك 1300- يىلى يازغان ئەسىرىدە تىلغا ئالغان. بارابان ۋە كاناينىڭ ھەربى يۈرۈشتە ئىشلىتىلىشى، رېتسار (چەۋەنداز)لىق تۈزۈمى، پاگۇن ۋە مېدال تاقاش، ئەتىر ئىشلىتىش، شېكەر ئىستىمال قىلىشى، شامال تۈگمىنى ۋە بۇرۇت قويۇش، ئەينەك ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئەھلى سەلىپ ۋاستىسى بىلەن ياۋرۇپالىقلار قوبۇل قىلغان ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى قانداق تارىخىي ھادىسە بولسا، ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ياۋرۇپاغا تارقىلىشى ۋە تەسىرىمۇ ئوخشاشلا تارىخىي ھادىسە ئىدى. فارابى ئىنسانىيەتنىڭ دۇنياۋى تونۇپ بىلىش تارىخىي ھەققىدە توختالغاندا ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى بايان قىلىپ: «قەدىمكى ياۋايىلىقتىن كېيىن ئىراقتىكى ئولتۇراقلىشىش، ئاندىن مىسىر، ئاندىن يۇنانىستان، ئاندىن سۈرىيە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبىستان مەدەنىيىتىنى تىلغا ئالغان ئىدى. فارابى ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدا ئالەمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى، ئۇ تېخى خام نەرسىگە، ئوتتۇرسى تېشىلمىگەن گۆھەر تاشقا ئوخشاپ تۇرغانلىقىنى، ھەركىم ئەقىل چىرىغى بىلەن ھەرخىل ئىزاھلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئالەم ھەقىقى تەسۋىرىگە تېخى ئېرىشمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

    ئەرەپ مەدەنىيىتى ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىگە، بولۇپمۇ ياۋرۇپا مەرىپەتچىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئويغۇنىشىغا، ياۋرۇپا تەبىئەت ئىلمىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ئامرېكا تارىخچىسى فىلىپ ھىتتى ئۆزىنىڭ «ئەرەپ تارىخىي» ناملىق كىتابىدا: «8- ئەسىر ئوتتۇرا قىسمىدىن 13- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان دەۋردە، ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتنىڭ ئاساسلىق مەشئەلچىلىرى بولدى. قەدىمكى زامان ئىلمى بىلەن پەلسەپىسىنى قايتا ئىختىرا قىلىش، تولۇقلاش ۋە تۈزۈتۈش، ئالدىنقىلارنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، مانا مۇشۇ خىزمەتلەر ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بولغانچقا غەربى ياۋرۇپا مەدەنىيەت ئويغۇنىشى مۇمكىن بولالىغان ئىدى» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان ئىدى.

    ئىلغار ئەرەپ مەدەنىيىتى، ئەڭ ئالدى بىلەن تەبىئەت ئىلمى ۋە تېخنىكىلىق ۋاستىلەر، پەلسەپە ۋە گۇمانتىزملىق كۆز قاراشلار ياۋرۇپا جامائەتچىلىكىگە يورۇغلۇق ئېلىپ كەلدى، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىق ئىلغار پىكىرلەر ۋە مۇۋەپپەقيەتلەرنىڭ بىردەكلىگى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئەسىر كاتولىك دىنى ئەكسىيەتچىلىرى ۋە ياۋرۇپا ئىدىيالىزمنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. فارابى، ئىبىن سىنا ۋە رۇشىد تەلىماتلىرىنى چەكلەش مەجسىدىدە پوپ تۇركىيۇمارا تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان دىنى سوت (1481- 1499-يىلى) ئارىسىدىكى 18 يىل ئىچىدىلا 10220 كىشىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، 6960 كىشىنى سازايى قىلىپ بولۇپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش، 9732 كىشىنى باشقا جازا بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتەك دىنى تېرورلۇق ئۇسۇلىنى قوللاندى. 1502-يىلى ھەتتا كىمكى ئىبىن رۇشىد قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ساقلىسا كۆرۈلىدىغان جازا جاكالاندى. بىراق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى كىشىلەرنى ھەقىقەتكە، ئىلىم- مەدىنىيەت ئۆگىنىشكە ئىنتىلدۈرگەن ئىدى. كولومبى ئىبىن رۇشىد ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يېڭى قىتئەنى تېپىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ كەشپىياتتىن ئىلگىرى دىنى سوتنىڭ قاتتىق تەقىپىگە ئۇچرىغانلىقىنى يازغان ئىدى. دانتى ئەل ئەرەبىنىڭ ۋە ئىبىن رۇشىدنىڭ ئەسەرلىرى تەسىرىدە «تەڭرى كومىدىيىسى»نى يېزىپ چىقتى. ئۇ داستاننىڭ 3- قىسمىدا ئىبىن رۇشىدنى «ئۇلۇغ شەرھشۇناس ئاۋېررۇ يۇس» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان ۋە داستاننىڭ «جەننەت» سەھىپىسىدە كىرىك پەيلاسوپلىرى، جۈملىدىن ئارىستوتىلنىڭ ئوبرازىنى بېرەلىگەن. دانتى ئۆزىنىڭ  ئۈچ قىسىملىق بۇ داستانىدا ئەرەپ ئالەم نەزىريىسى ۋە پەلسەپىسى ئارقىلىق قەدىمكى دۇنيانىڭ مەنىۋى سۈرىتىنى سىزغان. ئۇنىڭ ئۇسلوبى بىنىي سوتنىڭ جازاسىدىن قوغدىنىش ۋاستىلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى. «ئىھۋانۇل سافا»نىڭ ئېنىسكلوپىدىيىلىك ماقالىلىرى ياۋرۇپا ئېنىسكلوپىدىستلىرىگە قانداق ئىلھام بېغىشلىغان بولسا، قەدىمكى كىرىك پەلسەپىسىدىكى «دىئالوگ» ئەرەبى ئۇسۇلى فىرانسوز ماتىريالىستلىرى دىدور، گۇلباخ، لامېتتىرى «دىئالوگ»لىرىغا ئورنەك يارىتىپ بەردى. ئۆزگەرتىلگەن شامال تۈگمىنى ۋە سۇ تۈگمىنى، توقۇمىچىلىق (باپكالىق) دەستىگاسى، كىمىسازلىق ۋە ئۇنىڭدا كومپاستىن پايدىلىنىش، مېتال ئېرىتىش ئۇچىغى، بىناكارلىق خۇمدانچىلىقى، مىلتىق دورىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ باشلىنىشى، قەغەز ۋە مەتبۇئاتچىلىق ياۋرۇپا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارغانسېرى فېئودالىزىم ئۆربېتىسىدىن ھالقىپ كىتىشكە ئېلىپ باردى. ياپرۇپالىقلار مۇشۇ ئاساستىلا ئافرىقىنى ئايلىنىپ ھىندىستانغا بارىدىغان ئۈمد تۇمشۇقى دېڭىز يولىنى ئاچالىدى ۋە ئامرېكا قىتئەسىنى تاپتى. ئامرېكا قىتئەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تىكلەش ئىقتىدارىغا تولىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ تارىخى كۆۋرىكى بولۇپ قالغان ئىدى. ئىلمىي تەتقىقات، خەلقئارا قاتناش، دىھقانلار ئۇرۇشلىرى ۋە دىنىي رىفورما ياۋرۇپا مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى سۈپىتىدە ياپرۇپالىقلارنى تارىخنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش دەرۋىگە ئېلىپ كىردى. داۋىنچى (1452- 1519)، لۇئىس فېۋىز (1492-1540)، جۇئان ۋارت (1535- 1592)، كوپېرنىك (1473- 1543)، گېئوردا نوبىرۇنو (1548- 1600)، گالىلبى (1564- 1642)، تۇماس مور (1478- 1535) قاتارلىق پەن ۋە گۇمانىزىم جەڭچىلىرى ئىتالىيىدە ۋە ياۋرۇپانىڭ باشقا جايلىرىدا مەدەنىيەت ئويغۇنىشى، ياۋرۇپا مېترىيالىزىم ۋە تەبىئەت ئىلمىنىڭ تۇنجى مەشئىلىنى كۆتۈرۈشتى. بىكۇندىن سىپىنوزا ئارقىلىق فىرانسوز ماتىريالىزىمىغىچە بۇ يۆنۇلۇش داۋاملىق ئىزچىللىشىپ، فىرانسۇز ماتىريالىزىمدىن كېيىن ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ راۋاجلاندى. نەتىجىدە «چېركاۋنىڭ روھى مۇستەبىتلىكى تارمار قىلىندى، ئەرەپلەردىن قوبۇل قىلىنغان ۋە تېپىلغان، كىرىك پەلسەپىسىدىن ئوزۇق ئالغان جانلىق ئەركىن پىكىر بارغانسىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، 18- ئەسىر ماتېريالىزم ئۈچۈن  ھازىرلىق قىلدى» (ئېنگىلىس). ۋاھالەنكى «ماتېريالىزىم كومۇنىزىمنىڭ مەنتىقىلىق ئاساسىي ئىدى» (ماركىس).

    مانا بۇ ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي مەنبىيى، ئاساسىي تۆھپىسى ۋە جاھان مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى، ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قىسقىچە بايان. مانا بۇ بىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىردەكلىك قانۇنىيىتى، ۋارىسلىق قانۇنىيىتى ۋە راۋاجلىنىش قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى كۆزقارىشىمىزنى تۈرلۈك ناتوغرا، بىرتەرەپلىمىلىك يۈزەكى قاراشلاردىن خالى قىلىشقا پايدىلىق بولغان قىسقىچە بايان. مانا بۇ بىزنىڭ ئەرەپ مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت، جۈملىدىن ياۋرۇپانىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت بىرقاتار كىتاپلارنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە مەنپەئەتلىك قىسقىچە بايان.

 

    1980-يىل ئىيۇل

    مەنبە: «كىتاپلارغا باھا» 1980-يىلى 4-سان

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانا «كىتاپلارغا باھا» ژورنىلى تەھرىر بۆلىمى نەشىر قىلغان.

(باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top