You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » مۇستەقىللىق ئەۋزەل

مۇستەقىللىق ئەۋزەل

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بالىلاردىكى مۇستەقىللىقنىڭ ئاجىز بولۇش مەسىلىسى بالىلىرى باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار تەخىرسىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن ئەمەس. چۈنكى بۇ مەسىلە پەرزەنتلىرىمىز يېتىلگەندە، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇپ ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ. مەن ئالى مەكتەپلەردە ئون يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا پەرزەنتلىرىمىزدە مۇشۇنداق بىر نۇقساننىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدىم ۋە ھەل قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارىلرىنى قىلىپ كەلدىم. ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ۋە ياشلاردىكى مۇستەقىلسىزلىك-بېقىندىلىق ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ئامىللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىز ھەل قىلالايدىغان نېگىزلىك سەۋەب ئاتا ئانىلاردا. ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىغا تايىنىۋېلىشى ئېغىر كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇنداق بېقىنىش ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق بىلەن نەتىجىلەنمىسىلا قارشى ئېلىنىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھاياتىدا دائىم ئاخىرقى قارار چىقارغۇچى بولۇشنى خالايدۇ، ھەمدە بۇنى كۆڭۈلدىكىدەك پەرزەنت = ئاتا- ئانا مۇناسىۋەت مودېلى دەپ قارايدۇ. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ قايسى يەسلىدە ئوقۇشىدىن باشلاپ قارار چىقىرىشقا باشلىسا ھەتتا نەۋرىلەرنىڭ كىملەر بىلەن نىكاھلىنىشىغا قەدەر پىلانلاپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇنداق بېقىنىش- بېقىندۇرۇش مودىلىدىكى ئائىلىدە چوڭ بولغان بۈگۈنكى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ تايىنىۋىلىشلىرىدىن ئەندىشىلەنمەيدۇ، بىنورماللىق ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ شۇنداق بېقىنىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان.

ئەپسۇسكى دەۋىر ئالماشتى. خۇددى بىز ئاتا ئانىلىرىمىز ياشىغان زاماندا ياشىمايۋاتقانغا ئوخشاش بالىمىزمۇ بىز ياشىغان دەۋىردە ياشىمايدۇ. ئۆزگەرگەن زامانغا ماسلىشىش ئۈچۈن موما- بوۋىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان بېكىك ئېگىلىك موھىتىدا شەكىللەنگەن قاراشلىرى ۋە ئاتا ئانىلىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ھەممە نەرسىنى تەق قىلىپ بېرىدىغان پىلانلىق ئېگىلىك دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئىددىيەسى بىلەن بالىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىنكار قىلساق، بالىلاردىكى بېقىندىلىق ئاتا-ئانىلارغا ۋەيرانچىلىق، جەمئىيەتكە بېسىم، شەخسكە ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە، تېخنىكا يېڭىلىنىشى ئاستا بولغان زامانلاردا ئاتىدىن قالغان تۈگمەننى چۆرۈپ، ئانا ئىشلىگەن ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشۈپ ياشاپ كەتكىلى بولاتتى، ئەمدى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق بېقىنىش-بېقىندۇرۇش مودىلىدىن قالغان تەربىيە ئۇسۇلىدا بالىلارنى ئاتا ئانىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان قىلىپ چوڭ قىلىش دەۋرنىڭ تەلىپىگە زىتتۇر.

مەن ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئىشلەپ ئون يىلغا يېقىن ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار بىلەن بىللە بولدۇم. نۇرغۇنلىرى بىلەن دوستلاشتىم. ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىن تاللىنىپ ئالى مەلۇماتلىق بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بۇ تەلەيلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاقتىنى پىلانسىز، نىشانسىز، ئۈنۈمسىز ئۆتكۈزىدىغانلىقى يۈرىكىمنى غاجايتتى. بۇلار ئاساسەن دىپلوم ئۈچۈن ئوقۇيتتى. سەۋەب ئاددى، «ساۋاقداشلىرىممۇ دېپلوم ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاتا- ئانىلارمۇ دېپلۇم ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن، مەمۇرلۇق ئۈچۈنمۇ دېپلوم بولمىسا بولمايدۇ» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلايتتى. مەنچە ئالى مەكتەپلەردە دېپلوم بەرمەيدىغانلىرى بەك ئاز. ئەگەر بالىلىرىمىز كېيىنكى ھاياتىدا بۇنداق چەكلىمىسىز تارقىتىلىۋاتقان دىپلومغا تايىنىپ ياشايمەن دېگەن ئويدا بولسا خاتالاشقان بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا مەن ئوقۇتقان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلاردا مۇستەقىللىقنىڭ يېتەرسىزلىكى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ.

1.مەكتەپنىڭ ئېتىبارىغا تايىنىۋالىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىتودېنتلارغا نومۇردا ئېتىبار بېرىلىدۇ. ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە خەنزۇ بالىلارغا 60نومۇر ئۆلچەم قىلىنسا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا 35 نومۇر ئۆلچەم قويۇلىدۇ. مەن 90- يىللاردا ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بۇنداق ئېتىبارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ مۇتلەق كۆپ ئوقوغۇچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدىم. 2013- يىلى توردا بۇ تەشەببۇسنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ ئالقىشقا ئېرىشەلمىدىم. بەزى مەكتەپلەردىكى سىتۇدېنتلار بۇنداق ئېتىبارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە تەكشۈرۈش دوكىلاتى تەييار قىلىپ ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە سۇنغان بولسىمۇ مەسىلە ھەل بولماپتۇ. سەۋەبى مەكتەپمۇ، ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلارمۇ قوشۇلماپتۇ. ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئېتىبار يالغۇز نومۇردىلا ئەمەس ماقالە، پراكتىكا قاتارلىقلاردىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

2. مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز. ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان چېغىمدا ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم. ئوقوغۇچىلىرىمنىڭ كەسپى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق بولغاچقا ئۇلارغا خەنزۇچە كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، خەنزۇچە نۇتۇق مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئېنگىلىزچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردىم. ئىمتىھانلىرىغا ئۆزۈم نازارەتچى بولۇپ كۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدۇم. نەتىجىدە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىم فاكۇلتېت رەھبەرلىرىگە مېنى سىنىپ مەسئۇللۇقتىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئىمزالىق ئەرز يازدى. فاكۇلتېتتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە بۇ سىنىپتىكى دەرس خوش ياقمايدىغان بەش- ئالتە ئوقۇغۇچى تەشكىللىگەن ئىشكەن. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرسى مەكتەپتىن ئوقۇيالماي قايتۇرۇۋېتىلدى، قالغانلىرى دىپلومىنى بىر يىل كېيىن ئالدىمۇ تازا ئېسىمدە يوق. 30 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ بەش- ئالتە قۇلاقكەستىگە ئەگىشىپ ئۈستۈمدىن يېزىلغان ئەرىزگە ئىمزا قويۇپتۇ. ئەلۋەتتە، خاتالىق ئوقوغۇچىلىرىمدىلا ئەمەس. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن تارتىپ ئۆگىنىشىگىچە ھەممە ئىشلىرىغا چات كىرىۋالغان مەنمۇ ئەيىبكار. مېنىڭمۇ تەلەپلىرىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن ئارتىپ كەتكەنلىكى، تەربىيە ئۇسۇلىدا ئېلاستىكىلىقنىڭ كەم بولغانلىقى قاتارلىق كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىممۇ بار. ئەمما كېيىن ئايرىم مەندىن كەچۈرۈم سورىغانلارنىڭ سانىغا قارىغاندا ئۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىمنىڭ ماڭا نارازىلىقى يوقكەن. ئۇلار پەقەت ئۈستۈمدىن ھۆكۈم بىر ئىككى قۇلاق كەستىنىڭ باشلاشلىرىغا بېقىنىپ شۇنداق قىلىپتۇ.

3. مۇستەقىل پائالىيەت ئىقتىدارى كەمچىل. ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغىنىمدىن كېيىن ئىزچىل بىر ئىشقا ھەيران بولۇپ كەلدىم. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ئىچىدە قىزلارنىڭ سانى بارغانچە ئارتىپ ئوغۇللار ئازلاپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ماڭا ئۇيغۇر قىزلاردىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىشنى تەقەززا قىلدى. بايقىشىمچە ئۇيغۇر قىزلاردىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپ، پەرقلىق مەسىلە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق ئېدى. ئاڭلىشىمچە بەزى قىزلار ياتاقداشلىرى غىزالىنىپ بولغان بولسا ئايرىم تاماقلىنىشنى خالىماي ئاچ يۈرۈشكە رازى بولىدىكەن. ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇر قىزلارنىڭ يالغۇز تاماققا ماڭغان، ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ياكى سىرتقا ماڭغان ھالىتىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەرزىمەس كىشىلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ مەكتەپنى تاشلىۋەتكەن قىزلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ياتاقتا قىزلار بىلەن قويۇق ئارىلىشالماي يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدىم. قىزلاردىكى مۇستەقىل پائالىيەت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى شۇكى، ئۇلار بىرەر يېڭى دەرسنى تاللاش ياكى تاللىماسلىقتا دوستلىرىنىڭ شۇ دەرسنى تاللىغان ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدىكەن. مەقسەد دەرىسىنى بىللە ئۆگىنىش ئەمەس، دەرسخانىغا بىللە بېرىپ- كېلىش ئىكەن. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئامېرىكىلىق قىزلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلاردىن پەرقىنىڭ يالغۇز پائالىيەت ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

پەرزەنتلەرگە مۇستەقىل ياشاش تەربىيەسى بىرىشنىڭ زۆرۈرىيتى ئۇلار كۆز ئالدىمىزدا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىلىنمەيدۇ. ئالي مەكتەپلەرگە كەتكەن بالىمىزنىڭ دەردى بېشىمىزنى قاتۇرغاندا كىچىككەن بولىمىز. مەن ئالي مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا مۇستەقىل پۇل خەجلەشنى بىلمەيدىغان بالىلارنىڭ پۇلىنى ساقلاپ بەردىم. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن، ئۆگىنىشىدىن خەۋەر ئالدىم. ھەتتا پەرزەنتلىرىدىن ئەنسىرەپ مەكتەپ ئىچىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرماقچى بولغانلارغا ياردەمدە بولدۇم. مۇستەقىل تەپەككۇر، مۇستەقىل ئادەت، مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بۇنداق بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە خىزمەت، تۇرمۇش ۋە تىجارەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇتۇقلۇق بولۇشى تېخىمۇ قىيىن ئېدى. سۈرۈشتۈرسەم شۇنداق بېقىنىشچان بالىلارنىڭ ئۇتۇقسىز يۈرگەنلىرى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپتۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە مۇستەقىللىقنى كىچىكىدىن ئۈگىتىش چوڭ بولغاندىكى يۇقىرىدىكىدەك چوڭايغان دەردلەرنى تارتماسلىق ئۈچۈن زۆرۈر.

پەرزەنتلەرگە مۇستەقىل ياشاش ئادىتى ۋە روھىنى سىڭدۈرۈش زاماننىڭ تەقەززاسى. ئۇيغۇرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا قەدەر بىلىم، ھۈنەر ۋە تەجىرىبىلەر دادىدىن-بالىغا ئۇستازدىن-شاگىرتىغا مىراس قالىدىغان جەمئىيەتتە ياشىغان. بۇنداق جەمئىيەتتە بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ ياشنىڭ چوڭ بولۇشى بىلەن بىلىمنىڭ مول بولۇشى ئوڭ تاناسىپ ئىدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەجىربىسى بالىلارنىڭكىدىن كۆپ، بىلگەنلىرى تىرەن بولاتتى.شاگىرتلار ھەرقانچە كۈچىسىمۇ بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ئۇستازلىرىغا يېتىشەلمەيتتى. شۇڭا بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا، ياشلاردا ياشانغانلارغا تايىنىش ئىھتىياجى كۈچلۈك ئىدى. ئەمما بۇ خىل ھالەت ھازىر ئۆزگەردى. ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تورنىڭ دۇنيانى قاپلىشى، كىشىلىرىمىزنى ئۇستازسىز ئۆگىنەلەيدىغان مۇستەقىللىققا ئىگە قىلدى. ئۆزىنى-ئۆزى تەمىنلەيدىغان تەبىئى ئىگىلىكتىن كومپارتىيىگە ئەگىشىپ پىلانلىق ئىگىلىككە قەدەم قويغان رايونىمىز ئىقتىسادى ھازىر بازار ئىگىلىكى قاينىمىغا كىرىپ كەلدى. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىھتىياجى قەيەردە كۈچلۈك بولسا پەرزەنتلىرىمىز شۇ يەردە ياشاشقا، ئىشلەشكە مەجبۇر. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەبىئى ئىگىلىكى ۋە پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە شەكىللەنگەن بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى بوغىدىغان بەزى كۆز قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرى ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە نەدە ئىشلەپ، قانداق ياشىشىنى بېكىتىپ بىرىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. زاماننىڭ تەقەززاسى بالىمىزدىن ئۆزگىرىشچان بازار رىقابىتىگە تېخنىكا ۋە بىلىمنىڭ ئۇچقاندەك يېڭىلىنىشىغا يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كىچىكىدىن مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان ۋە ياشىيالايدىغان روھتا تەربىيەلەش زۆرۈر.

بىز دىيارىمىزدا بېقىنغان ‹‹ئاز سانلىق مىللەتكە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى›› گە بالىلىرىمىزنىڭ ئۇنى ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە قەدەر كېڭەيتىپ ۋارىسلىق قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەت. بىزنىڭمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئادەت بويىچە بالىلارنى قاناتلىرىمىز ئىچىدە تىنچ كۈن كەچۈرۈشكە ئۈندەۋاتقىنىمىزمۇ راست. نەتىجىدە بالىلىرىمىز ئېتىبارغا كۆنۈك، تەۋەككۈلچىلىكتىن يىراق چوڭ بولىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى مىساللاردا ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ زاماننىڭ تەقەززاسىغا بىمۇناسىپ ئاجىزلىقلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بىز ھازىر بازار ئىگىلىكىدە ياشاۋاتىمىز. بازارنىڭ ئىتراپ قىلىدىغىنى ئېتىبار ئەمەس ئىقتىدار. نومۇردا ئېتىبار بىلەن تەربىيلەنگەن بالىلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتتە ئېتىبارلىق ئورۇندا، ئىمتىيازلىق شارائىتتا ئىشلىيەلمەيۋاتقانلىقى ‹‹ئېتىبار سىياسىتى››گە يۆلىنىۋېرىشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىكى يۆلىنىۋېلىش، تەييارغا-ھەييار بولىۋېلىش، شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە مۇستەقىل باھا بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە جىددى مۇئامىلىدە بولماسلىقى، بىرى ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان تەپەككۇر ئادىتى، يەنە بىرى ئۇلار ئۆسكەن دەۋرنىڭ سەۋەبىدىن بولغان. بىز ئاتا-بوۋىمىز ياشىغان دەۋردە ياشاۋاتمايمىز، بالىلىرىمىزمۇ بىز ياشىغان دەۋردە ياشىمايدۇ. دەۋر ئۆزگىرىپ كەتكەن ئادەتمۇ ئۆزگىرىشى كېرەك. مۇستەقىللىق تەربىيەسىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىمىزدە يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر كۆرۈلگەنىكەن ئۇلارنى كىچىكىدىن ئىشچان قولىغا،ئۆتكۈر كاللىسىغا ۋە قورقماس يۈرىكىگە تايىنىپ ياشايدىغانلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشنى باشلىشىمىز زۆرۈر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top