You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » كىتاب باشلايدىغان دۇنيا

كىتاب باشلايدىغان دۇنيا

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

2014 – يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ باشلىرىدا مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسى جوڭگۇدا كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرغىدەك ئازلىقى ھەققىدە توختىلىپ بىر سىتاتسىتكا ئېلان قىلدى. سىتاتسىتكىدا جوڭگۇدا كىتابنى ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا 40 ياشتىن 53 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، 19 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دېمەك جوڭگۇدا كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ئازلىقى كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەمەلىيەت. كىشىدە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بالىلارنى كىتابقا قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇغىدەك پۇرسەت بەرمەكتە يوق، كىتاب ۋە بىلىمدىن زېرىكتۈرىۋاتقانلىقى بۇ ئەمەلىيەتنىڭ خېلىغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. گەرچە بىز بۇلارنى ھىس قىلىپ تۇرساقمۇ، جوڭگۇنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتىدا ئېيتىلغان يۇقارقى سېلىشتۇرما كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى كىتاب ئوقۇماي چوڭ بولۇۋاتقان بۇ بىر ئەۋلات ئەتە- ئۆگۈن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزلىرى كىتاب ئوقۇماي تەربىيەلەنگەن بۇ كىشىلەر ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى، تەلەپ قىلىشى ناتايىن. مەنچە بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشاش. پەقەت ئۇيغۇرلار كىتابتىن ئەندىشە قىلىش، كىتاب ساقلاشتىن خەۋپسىرەش، بىلىش ۋە بىلدۈرۈشتىن قورقۇش قاتارلىق مەدەنىيەت ئىقىلابىغا خاس كەيپىياتلىرى بىلەن خەنزۇلاردىن پەرق قىلىدۇ . بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا كىشىلەر كىتابلارنىڭ قانۇنسىز، ياكى سىياسىي جەھەتتە خەتەرلىك بولۇپ قېلىشىدىن بەكرەك ئەنسىرەپ كىتابلارنى ساقلىيالماس بولۇپ كەتتى. دىيارىمىزدا قانۇنلۇق بېسىلغان خالىغان مەزمۇندىكى كىتابنى خالىغانچە ئوقۇغىلى بولسا ئۇيغۇردا كىتاب ئوقۇش دولقۇنى تولۇق قوزغىغىلىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا ھازىر ئۇيغۇردا 19 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە چىقىرىلغان سىتاتىستىكىدىن خېلىلا ئازمىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. چۈنكى 19 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇر بالىلىرى مەملىكېتىمىزنىڭ باشقا رايۇنلىرىدىن پەرقلىق ھالدا يەنىلا مەجبۇرىي مائارىپنى داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا دەرسلىكتىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇش ۋاقتىدىن مەھرۇم.
يۇقارقى مەلۇماتلار بىزنىڭ ئۈمىتسىزلەرچە قاقشاپ قاساشلىرىمىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. لېكىن بىز قاقشاپ تىللىرىمىز قاناپ كەتسىمۇ ھىچ نېمە ئۆزگەرمەيدۇ. قاساپ زاماننىڭ يۈزىنى قارىغىلى بولماس قىلىۋەتسەكمۇ كورنىڭ تاماششاسى ئۆز يولىدا بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا مەن بىر تەدبىرنىڭ مىڭ ۋەزخانلىقتىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. مەنچە پەرزەنتلىرىمىزدە كىتابخۇمارلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپتە دەز كەتكەن يۇرەكلىرىنى پۈتۈنلەيدۇ. بۈگۈنكى مەكتەپ مائارىپى ئۈچتەن بىر قىسىم بالىلارنى تاللىۋېلىپ، ئۈچتەن ئىككى قىسىم ئوقۇغۇچىنى شاللىۋېتىپ  ئۈمۈتسىزلەندۈرىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي پەنلەردىكى نەتىجىسىنى ئۇلارنىڭ ئۇتۇقىنى بېكىتىدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋالغان بۇ سىستېمىدا بالىلىرىمىزنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسى نۆلگە تەڭ قىلىنماقتا. مەسلەن، بىر سىنىپتا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئوتتۇز ئوقۇغۇچى بار دەپ پەرەز قىلساق دەرس نەتىجىسى ئالدىنىقى ئون ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولالىغانلار مەكتەپ ۋە ئائىلىنىڭ ئۈمىت يۇلتۇزۇغا ئايلىنىپ مۇكاپاتتىن، ئىتىباردىن ۋە رىغبەتتىن بەھرىمان بولىدۇ. قالغان يىگىرمە ئوقۇغۇچى مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ياكى ئائىلىدە بولسۇن تەنقىدنىڭ، تەنبىھنىڭ ۋە ئەدەپلەشلەرنىڭ ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىدىن ئۈمىتسىزلەنگەچكە ئۇلارغا سەلبى باھالاردا بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا بۇنداق بالىلارغا كىتاب ئوقۇشنى تەكىتلەش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەردىن سانىلىدۇ. مەكتەپتىكى مەغلۇبىيەتلىك ھالىتىدىن غەش بولغان بالىلىرىمىز كىتابلاردىكى ئۆزگىچە دۇنيا ۋە ئۆزگىچە ھاياتتىن ئۆزىگە تەسەللى تاپىدۇ. مەكتەپ ۋە ئىمتىھانلار بالىلىرىمىزغا نومۇر بېرىدۇ، نومۇر ئارقىلىق ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، شەرەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەمما بالىلىرىمىز ئۇنۇتمايدىغان ھەقىقى بىلىمگە كۆپ ئېرىشەلمەيدۇ. ئىمتىھان ئۈچۈن يادىلاش، مەشىق قىلىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىتتا مىڭىگە قاچىلانغان مەزمۇنلار نومۇر ئېلان قىلىنىپ بولغىچە ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بالىلىرىمىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، ئۆزى خالاپ، تاللاپ ئۆگىنىۋالغان بىلىملەرنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايدۇ. كىتابنى كۆپ ئوقىغان بالىلاردا كۈچلۈك ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە تەھلىل قىلىش قابىلىيىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. بۇنداق بالىلار ھامان مەكتەپتىكى ئوقۇشقا يېتىشىپ كېتەلەيدۇ.
كىتابخۇمارلىقنىڭ بالىمىزغا مەكتەپ بېرەلمىگەن يۈرەك، تەپەككۇر ۋە ئىلىمسۆيەرلىكنى بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۆزۈم ۋە دوستلىرىمنىڭ كەچۈرمىشىلىرى بىلەن ئىسپاتلايمەن. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغىچە ئوتتۇراھال ئوقۇغان ئوقۇچۇچى ئىدىم. ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى ئالگىبرا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي پۈتكۈزگەنىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئەدەبىيات بىلەن بىئولوگىيەدىن باشقا دەرسلىك كىتابلىرىمنىڭ ئىسمىلا ئېسىمدە. مۇشۇ ئىككى پەن مەن ئەڭ ھوزۇرلىنىپ ئۆگەنگەن ھەم ھازىرغىچە ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بىلىملەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققان چاغلىرىمدا ھوشۇمنى تاپمىسام بولمايدىغان بولدى چۈنكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر يىل تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىۋالغان ئىدىم. مەن ئەقىللىقلاردىن ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن، ئەمما مەن ئىزچىل ياخشى ئوقىمىغان بىلەن ئىزچىل كىتاب ئوقىغان بالا ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك ياخشى ئوقۇشنى قارار قىلغان چاغلىرىمدا ئۆگىنىپ ئۈلگىرەلىگەن ئىكەنمەن. مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئوقۇپلا ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىككى دوستۇممۇ مەن ئالى مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن ئۆگىنىۋاتقان ھۈنەرلىرىنى تاشلاپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئىككىسى تولۇقسىزنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىلەن كىتاب ئوقۇشنى تاشلىمىغان بالىلار ئېدى. بىزنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىمىز كىتابخۇمارلىق ئىدى.
مېنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقىمىغان، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى تۈگەتكەن بىر دوستۇم كېيىن ئۆزلىكىدىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر ئونۋىرسىتىتتا كومپىيوتىر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.  بۇ دوستۇمنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمىغانلىقى ئۇنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرۇس كەسپىدە ئوقۇشىغا ۋە شۇ تىرىشقانچە ئامېرىكىدا كومپىيوتىر ئىلمىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلىپ داڭلىق بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولىشىغىچە بولغان مۇۋەپپەقىيەت مۇساپىسەگە تەسىر قىلمىدى. ئۇمۇ بىر كىتاب مەستانىسى ئىدى. بۇ ئۈچ دوستۇمنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆلىكىدىن ئۆگىنىش. بىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇشىمىزنىمۇ، ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىشىمىزنىمۇ ئۆزىمىز بېكىتكەن. ئەگەر قوشۇپ قوشۇشقا توغرا كەلسە ئۈچىنچى ئالاھىدىلىكىمىز مۇستەقىللىق. ئەلۋەتتە بۇمۇ كىتابخۇمارلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. يۇقارقى كەچۈرمىشلەردىن خۇلاسەم شۇكى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ئەگەر ئۇلاردا ئىزچىل كىتاب ئوقۇش، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر ئادىتى بولسا ھامان زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆگىنىپ، يېتىشىپ كېتەلەيدۇ.
قاماقتا بولغان كۈنلىرىمدە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزلىرىنى، ئاقلاش سۆزلىرىنى يېزىشىپ بەردىم. ئادەتتە كىتاب بىلەن ئالاقىسىز ياشايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىمۇ مەسىلە بار ئىكەن. سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن، قايسى پاكىتلارغا ئاساسەن كېسىلگەنلىكى شۇنچە ئېنىق تۇرسىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان، خەنسۇ تۇرۇپ ئۆز تىلىدىكى ئەيىپلەشنامىنى ماڭا چۈشەندۈرگىلى سالىدىغان بۇ مەھبۇسلارغا ئىچىم ئاغرىيتتى. دېمەك، كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەمنىڭ يېزىقچە ماتىرياللارنى چۈشىنىش ئەقتىدارىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنداق كىشىلەر ھامان ساۋادلىق تۇرۇپمۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويىشىغا ھاجەتمەن بولىدىكەن. شۇڭا كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولۇش بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان يازما ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن دەپ ئويلۇدۇم.
بالىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بۈگۈنكى دۇنياغا قانداق يۈزلىنىش ۋە تەرەققىياتقا قانداق ماسلىشىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زاماننىڭ تەرەققىياتى ئىلىمنىڭ ۋە تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك يېڭىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تىنىمسىز ئۆگىنىش ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ قالدى. يېڭىلانغان بىلىم ۋە تېخنىكىنى ئەلۋەتتە يېزىقچە ماتىرىياللاردىن ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر كىشىلەر كۆزىنى يۇمىۋالمىسىلا يېزىقچە ۋە سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قورشاۋىدا ياشايدۇ. ئەگەر پەرزەنتلىرىمىزدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولسا مەكتەپكە بارماي تۇرۇپ كىتاپخانىدىن، كۈتۈپخانىدىن ھەتتا كىتابمۇ كۆرمەي تۇرۇپ تېلىفون ۋە ئەتراپىدىكى يېزىقچە ئۇچۇرلاردىن نۇرغۇن كېرەكلىك ساۋاتلارغا ئېرىشەلەيدۇ. كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولۇش دېگەنلىك يېزىقچە ئۇچۇرلارغا مايىللىقى بولۇش، يېزىقچە ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش ۋە يېزىقچە ماتىرىياللاردىن خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتى بولۇش دىگەنلىككە باراۋەر.
بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار يېزىق بىلەن بولىدۇ. مەسلەن، كۈندە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يېزىق ئارقىلىق قوبۇل قىلىمىز. نېمە قىلمايلى توختاملارغا ئىمزا قويىمىز، نەگە بارساق قولىمىزغا بىر ۋاراق قەغەز تۇتقۇزىلىدۇ ياكى ئالدىمىزغا بىر ئىكران پەيدا بولۇپ بىزنى شۇ ئۇچۇرلار بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر بالىمىزدا يېزىقچە ئۇچۇرلارنى قوبۇلقىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولسا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا قولايسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇردا «كۆز كۆرمەيدۇ، كۆڭۈل كۆرىدۇ» دېگەن سۆز بار، كۆڭۈلدە كىتاب ئوقۇش مايىللىقى بولمىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە پايىلىق ئەسكەرتىشلەر يېزىلغان يوغان تاختاينى بۇرنىغا ئېسىپ قويسىمۇ ئوقۇمايدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەرىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئايالى ماكارتىنى خانىم يۇرتىمىزنى مەھبۇسقا ئوخشاتقانىكەن. كومپىيوتىر ئىلمى بارلىققا كەلمىگەن، تور ۋە سىمسىز ئالاقە دۇنيانى بۈگۈنكىدەك بىر مەھەللە ھالىتىگە كەلتۈرمىگەن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۇرتىمىز مەھبۇس ئېدى. مەھبۇسلۇقنىڭ ئازابى ۋە خورلۇقى كىشىلىرىمىزنى كۆزى ئوچۇق ئەمالارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. زىندانغا ئايلانغان بۇ تۇپراق دۇنيادىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەردىن يېزىق ئارقىلىق بەھرىمان بۇلۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى. بۈگۈنكى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئەقلىنى ھەرقانداق زىندان ۋە چىگرىلاردىن ئازاد قىلدى. بىز بالىمىزدا ئوقۇرمەنلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك ۋە ئۇلارغا ئوقۇشنىڭ لەززىتىنى ھەس قىلدۇرساق ئۇلار بىلىمى، تىرىشچانلىقى ۋە ئۆتكۈرلىكى بىلەن ھەر دائىم ھۆر ۋە كۆڭۈللۈك ياشىيالايدۇ.

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top