You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى

ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى

مۇتەللىپ ئىقبال
بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلىرىمىز مەلۇم بىر ئادەتنىڭ ، قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە بىلەن بولىدۇ . ئەنە شۇ ئادەت ۋە مۇراسىم ئەنئەنىلىرى ئىچىدە ناماقۇللۇق چېيى ۋە مەشرىپى ئۆزگىچە ئەقلىيەتچىلىك بىلەن جەلىپكاردۇر .
ناماقۇللۇق چېيى ئادەتتە ئۆز – ئارا زىدىيەتلىشىپ قالغانئىككى كىشى ، دوست – بۇرادەر ، قۇلۇم – قوشنا ، يۇرت – جامائەت ئارىسىدا ئېلىپبارىدىغان ئاداۋەتنى يۇيۇپ ، بۇرۇنقى كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، باشقىدىن دوست – بۇرادەر ، قۇلۇم – قوشنا بولۇپ ئۆتىدىغان ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇش مەزمۇنىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان چايدىن ئىبارەت . ئەگەر ئىككى كىشى ئارازلىشىپ قالسا ، شۇ كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئارا تۇرالايدىغان بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ زىدىيەتلىشىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ، ئۇلارغائايرىم داستىخان ھازىرلاپ ، ئۈچىيلەن بىر يەرگە كىلىپ ، ئارازلىشىپ قالغان كىشىلەر ئۆتكەن – كەچكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىشىدۇ ياكى ياراشتۇرغۇچى ئۇلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ چىقىدۇ . ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن ، ياراشتۇرۇش باشلىنىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى سىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ . قايسى كىشى بەكرەك كەتكۈزۈپ قويغانبولسا ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ ، گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ياراشتۇرغۇچى ياكى گۇناھى ئېغىر تەرەپ ئارازلىشىپ قالغان كىشىگە چاي قۇيۇپ ، قارشى تەرەپتىن ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ . قارشى تەرەپمۇئۆزىدىن ئۆتكەن تەرەپلىرىنى سۆزلەپ كەمتەرلىك بىلەن خاتالىقىنى تونۇپ ، سۇنغان چاينى قوبۇل قىلىدۇ .
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولىدۇ . ئىككى كىشى «ئەسسالامۇئەلەيكۈم » دەپ قايتىدىن كۆرۈشىدۇ ۋە يارىشىدۇ . كېيىنچە بىر – بىرىگەئاداۋەت ساقلاپ يۈرمەيدۇ . ئادەتتە ، ياراشتۇرغۇچىسىز بىرەيلەن بىرەيلەننى ئۆيىگە چاقىرىپ ، چايقۇيۇپ ناماقۇللۇق بىلدۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار .
قۇلۇم – قوشنا ، يۇرت جامائىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇش چايلىرىمۇ يۇقىرقىدەك شەكىلدە ئېلىپ بىرىلىدۇ . بۇنىڭدا پەقەت قۇلۇم – قوشنىلارئوتتۇرسىدا ئىككى تەرەپكە ئارا تۇرالايدىغان ، ئىككى تەرەپ ھۆرمەتلەيدىغان ، ئىناۋەتكە ئىگە كىشى ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ . يۇرت بىلەن يۇرت كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش بولىدۇ . پەقەت ئىككى يۇرت تەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىركىشى ياكى شۇ يۇرتنىڭ ئاقساقال ، مۆتىۋەرلىرى بولسا ۋە ياكى ئىككى يۇرت ئىچىدىن ئىككى يۇرت كىشىلىرىگىلا ۋەكىل بولالىغۇدەك كىشىلەر بولسا بولىدۇ . ئەگەر ئاداۋەت ئىككى يۇرت كىشىلىرى ئارىسىدا ساقلانغان بولسا ، ۋەكىل كىشىلەر بىر يەرگە كىلىپ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئىلىشىپ ، ناماقۇللۇق بىلدۈرۈشسە ياكى چاي قۇيۇشسا ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولىدۇ . ھەممە كىشىلەرنىڭ ناماقۇللۇق چېيى قويۇشى ھاجەتسىز .
ناماقۇللۇق چېيى قۇيۇلسا ئىككى كىشى ، قۇلۇم – قوشنىلار ، يۇرت ئەھلىقاتارلىقلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت ئاساسەن شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ ، ئىككى تەرەپ ياراشتۇرۇغۇچىنىڭ كېلىشىمىگە بويسۇنمايدىغان ئەھۋال ئاساسەن يوق . ئىككى تەرەپ قايىل بولۇشمىسا ھىلىقى ياراشتۇرغۇچىسىن ئابرويلۇق بىرەيلەن ئارىغاچۈشۈپ ناماقۇللۇق چېيى قۇيسا بولىدۇ .
ئەگەر يۇرت كىشىلىرى تەرىپىدىن لەنەتگەردى قىلىنغان ، يۇرت كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدىن قالغان كىشى بولسا يۇقىرقىدەك شەكىلدە جامائەتكە داستىخان سېلىپ ، ئۆز گۇناھىنى تونۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەپۇقىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردا ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەر بار . ناماقۇللۇق مەشرىپى ئادەتتە مەشرەپ قائىدىسىنى بۇزغان ، مەشرەپ تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمىغان ، مەشرەپكە كىچىكىپ كەلگەن ، كەلمىگەن ، ئىجتىمائى ئەخلاقنى بۇزغان كىشى ئۆزگۇناھىغا ئاساسەن ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان جازا مەشرىپىدىن ئىبارەت .
ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى بولسا ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشىنى قاتناشتۇرۇپ ئىلىپ بىرىلىدىغان ، ئىككەيلەننى ياراشتۇرۇپ ئاداۋەتنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلغان مەشرەپتىن ئىبارەت . ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىلەر مەشرەپ سورۇنىدا بىر – بىرىگە چاي قۇيۇشۇپ ، قايتىدىن كۆرۈشىدۇ ۋە ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ كىتىشىدۇ . مەشرەپ داۋاملىشىدۇ .
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، خەلقىمىز ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىداناماقۇللۇق چېيىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئادىتىمىز ھاراق سورۇنىنى مەركەز قىلىپ ئۆتكۈزىلىدىغان بولدى . ئۆز – ئارا ياراشماقچى بولغان ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە ھاراق قۇيۇش ئارقىلىق ئاداۋەتنى يۇيۇشىدىغان بولدى .
ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلارجەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام ئىلىپ بىرىلىشىغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىق قارىشىنىڭ ۋە ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر پسېخىكىسىنىڭ خارەكتىرىدىكى ئوچۇق مىجەزلىك ، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولۇش ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە ئەقلىيلىكنى مەنبە قىلىشتەك خاسلىقىنى يورۇتۇپ بىرىدۇ ، شۇنداقلا ساغلام بىر جەمئىيەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۆلچەم ۋە ئادەتلەرنىڭ بۇرۇندىنلا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .
بىر مىللەتتە شەرىئەت ، ئادالەت مەھكىمىلىرىنىڭ ، ھەقىقەت دەستۇرلىرىنىڭ بولۇشى جەمئىيەتنىڭ خارەكتىرى ۋە تەرەققىياتىغا باشلىق ئىش . ئەمما ، ھەق – ئادالەت ئىشلىرىنى مەلۇم بىرئۇيۇشۇشچانلىق ئىچىدە سىلىق – چىرايلىق ھەل قىلىش تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنىڭ بولۇشى شۇ مىللەت خارەكتىر كۈچىنىڭ ساپ ۋەئۆتكۈرلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇشمەشرەپلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەت قانۇنى ۋە ھۆكۈم شەكلىدە ئىجرا قىلىنىشى ئەلۋەتتە تىلغا ئالغۇدەك ۋە داۋاملاشتۇرۇدەك قۇتلۇق ئىش.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top