You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ئۆزبەك ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ: قەدىمقى دەۋىردە ئۇيغۇر دىيارى مەدەنىيەتتە كۆپ ئىلغار ئىدى

ئۆزبەك ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ: قەدىمقى دەۋىردە ئۇيغۇر دىيارى مەدەنىيەتتە كۆپ ئىلغار ئىدى

تۈركىيە ئاقساراي ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىئولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيە ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى يەكشەنبە كەچ سائەت 06:50 دەمەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلارغا ئۇيغۇر دىيارى ۋە چىن ئارخىئولوگىيەسى“ تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئىككىنجى قېتىملىق لىكسىيەسىدە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا ئۇيغۇر دىيارى ۋە چىننىڭ مىتال قوراللار دەۋرىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئەنقەرەدىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىيلار بۇ ئىلمىي دوكلاتتىن بەھرىمان بولدى.

ئېچىلىش نۇتىقىدا، تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى تاشقىي تۈركلەر باشقارمىسى مۇتەخەسىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلىمى دوكىلات يىغىنىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق ئۆز مىللىتىگە بولغان ئىشەن ۋە ئىپتىخارلىقنىڭ كۈچىيىشى ۋە دۇنيا كۆزقارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىدىكى ئىجابى رولىنى تەكىتلىدى.

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئۇيغۇر دىيارى ئارخىئولوگىيەسى لېكسىيەسىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ”مۇنبەت ھىلال“ دىگەن رايۇندا دۇنيادا تۇنجى بەرپا بولغان نىئولىتىك دەۋىرىدا دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىن باشلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق چىنغىچە يېتىپ بارغانلىقى ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، چىن ئارخىئولوگلىرىنىڭ سېرىق دەريا ۋە ئۇزۇن دەريا بويلىرى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى تارقالغان رايۇن دىگەنلىكى تۇلىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

1920 – يىلىدا چىننىڭ گەنسۇ رايۇنىدا باشلانغان ئارخىئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردا نىئولىتىك دەۋرىگە ئائىت بولغان قېلىنتىلار بالقالغان بولۇپ، ياڭشاۋ دەپ ئاتالغان بۇ مەدەنىيەتكە ئائىت ساپال قاچىلارغا سىزىلغان نەقىشلەرنىڭ تۈركمەنىستاندىكى ئاناۋ، ئىراندىكى سۇسا، ئۇكرائىنادىكى تىرىپولىيە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت ساپال قاچىلارغا تۇلىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەپ ئۆتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ۋە 5- ئەسىرلەردە ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاق ۋە بوستان مەدەنىيەتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئات ھارۋا جابدۇقلىرى ۋە ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قۇرال – سايمانلار چىندە يېيىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ قېزىلمىلارنىڭ ئۈچىنجى ھىپوتەز تۇچ قۇراللار دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، چىننىڭ مىتال قۇراللارنى ياساش تېخنىكىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالغانلىقى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالغانلىقىدا شەك – شۈبھىسىزدۇر. چۈنكى قېلىپ بىلەن مىتاللارنىڭ قويۇش تېخنىكىسى سىبىرىيە، مۇڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا چىندىن بىر قانچە يۈز يىللار بۇرۇنلا باشلىنىپ تەرەققىي قىلغان ئۇرۇش قۇراللىرى دەۋىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇيغۇر دىيارى ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا تېپىلغان ئۇرۇش قۇراللىرى بۇيۇملىرىنىڭ چىندىكىدىن بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنلىقى ۋە تىزلا ئۇرۇش قۇراللىرىنىڭ ياسىلىپ ئىشلىتىلشىدەك تەرەققىياتى، تۈچ قۇراللار دەۋىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھۈنەر – تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن چىندىن خېلىلار ئىلغار ۋە بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

TuchAt Harwa

ياۋرۇ-ئاسىيادىكى تۇچ مەدەنىيەتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ”مۇنبەت ھىلال“ رايۇنىدا پەيدا بولغانلىقى، تۇنجى تۇچ ياساش تېخنىكىسىنىڭ مىسسپۇتامىيەۋە ئىراندا پەيدا بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنلا مىسىر، شىمالىي ھىندىستان، ئاق دېڭىز رايۇنلىرى، ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا يېيىلغان بولۇپ، بۇ دەۋىردە چىن تېخى تۇچ ۋە تۇچتىن ياسالغان ئۇرۇش قۇراللىرىنى بىلمەيىتتى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تۇچتا ھەرخىل بويۇملار ۋە ئۇرۇش قۇراللىرىنى ياساش تېخنىكىسنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق چىنگە يېتىپ بارغانلىقى ئارخىئولوگلار تەرىپىدىن بىردەكلىككە ئىگە بىر قاراشتۇر.

ئات ھارۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا، ياۋايى ئاتلارنىڭ كۆندۈرۈلۈپ، ئۆي ھايۋانلىرى قاتارىغا قوشىلىشى ۋە ئۇرۇشلاردا ئاتلارنىڭۋە ئات ھارۋىلىرىنىڭ قوللىنىشى ئەڭ دەسلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان ۋە شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجاد قىلىنغانلىقى مۇھىم بىر ۋەقەدۇر. سۆڭەك تەتقىقاتى ئارقىلىق ئاتلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ ياشلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاشقا ئويۇلغان رەسىملەرگە ئاساسلانغاندا، ئاتلارنىڭ يۈك توشۇش ئۈچۈن قوللىنىلىشى ۋە ئاتلارنىڭ مىنىدىغان ھايۋانلار قاتارىدا ئورۇن ئېلىشى چىندە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كېيىن بولغانلىقىنىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. چىننىڭ جۇ سۇلالىسى ۋەقىتلىرىدا، ئات ۋە ئات ھارۋىلىرىنىڭ ئۇرۇش قۇراللىرى سۈپىتىدە بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئاتلارنىڭ چىن خەلقى ئىچىدە بىر ئات مەدەنىيىتى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرستەلمەيدۇ. چۈنكى، جۇ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن شىيا ۋە شاڭ سۇلالىسىگە ئوخشىمىغان شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە بىر مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تارىخچىلار ۋە ئىنسانشۇناسلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە، تۇچ مەدەنىيىتى ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، چىندىكى تۇچ پىچاق ۋە خەنجەر ياساش تېخنىكىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

چىننىڭ جۇ سۇلالىسى دەۋىرىگە ئائىت بېيجىڭ يېقىنلىرىدىكى بەيفۇ مازارلىقىدا بىر ئايال ئەسكەرنىڭ تۇچ ئۇرۇش قۇراللىرى بىلەن بىرگە كۆمۈلگەن جەسىدى بالقالغان. شىيا، شاڭۋە جۇ سۇلالىسى دەۋىرلىرىدە، چىن خەلقىدە ئاياللارنىڭ ئورنى تۆۋەن بولۇپ، ئاياللاردىن ئۇرۇش قىلالىغۇدەك ئەسكەر بۇلىشى مۇمكىن بولمىغان. ئاياللاردىن ئەسكەر بولىشى پەقەت شىمالدىكى ئات چاپتۇرغان مىللەتلەردە بولغانلىقى شۇبھىسىز بىر ھەقىقەتتۇر.

2012 – يىلى ئۇيغۇر دىيارى بۆرتالا ۋىلايىتىدە تۇچ دەۋىرىگە ئائىت مازارلىقلار ئېچىلغان. كانادا خان جەمەتى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ كاربون ئانالىزى نەتىجىسىدە، بۇ مازارلىقلاردىكى تۇچ بويۇملىرىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1900 يىللار بۇرۇنقى تۇچ ئەشيالار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سانى 90 دىن ئارتۇق بۇ مازارلىقلار شەھىرىدە، ئىنسان سۆڭەكلىرى ۋە تۇچلاردىن ياسالغان ئەشيالار تېپىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر.

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئارخىئولوگىيە لېكسىيەسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چىن مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭمۇھىم يەنە بىر ئامىلنىڭ قاشتېشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خوتەن ۋە ياركەنت قاشتاشلىرى مىلادىدىن 8000 يىل بۇرۇنقى دەۋىردىن تارتىپ چىنگە كەڭ كۆلەمدە سېتىلغانلىقى ۋە چىنلىقلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئەتىۋارلىنىپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ئارخىئولوگىيەلىق قېزىلمىلاردىن كۆرۈلمەكتە. قاشتېشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چىندىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلگەن ھەدىيەلەر، سەپەرلەر شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت سۆڭەكلەرگە يېزىپ قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى خوتەن قاشتېشى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دىنى مۇراسىملاردا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەتىۋارلىق زىننەت بويۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ۋە چىنلىقلار ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

Qashteshi

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئارخىئولوگىيە لېكسىيەسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، تارىختا يىپەك يولىدىن خېلى بۇرۇنلا چىن بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدا قاشتېشى يولى پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ يول تارىختىكى چاڭئەندىن – قەشقەر ۋە خوتەنگىچە بولغان يىپەك يولى بىلەن ئوخشاش لىنىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ لىكسىيەسىدە، چىندىن ئۇيغۇر دىيارىغىچە بولغان قاشتېشى يولى ۋاسىتىسى بىلەن چىنلىقلار تۇچ تېخنىكىسىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالغانلىقىنى كۆرىۋېلىش قېيىن ئەمەسلىكى ۋە بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە، تۇچتىن ياسالغان ئەينەكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىنگە بارغانلىقىنى تەكىتلىدى. دېمەك، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان دەۋىرلەردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆندۈرىلىشى، ئات، ئات ھارۋىلار ۋە تۇچتىن ياسالغان نەيزەۋە قىلىچلارنىڭ ئۇرۇشتا قوللىنىشى، ساپاق قاچا ۋە قاشتېشى قاتارلىق بويۇملارنىڭ زىننەت بويۇمى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى چىندىن نەچچە ئەسىرلەپ بۇرۇن بارلىققا كەلگەنلىكى، ھۈنەر – تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياۋرۇ ئاسىيا بىلەن بىر پۈتۈن ئىكەنلىكى، ياۋرۇ – ئاسىيادىكى پۈتۈن مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق چىنگە يېتىپ بارغانلىقىنى غەرب ئارخىئولوگلىرى تەرىپىدىن بىردەك تەرىپلەنمەكتە.

دوكلات سۇنۇلغاندىن كېيىنكى چاي ۋە پاستا زىياپىتىدە، ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلار قەدىمقى ئۇيغۇر تارىخى، قەدىقى ئۇيغۇر دىيارى ۋە چىن ھەققىدە ئىختىيارى سۆھبەتلەر، سۇئال – جاۋابلار جانلىنىپ كەتتى. ئۇيغۇر دىيارى ئارخىئولوگىيەسىنى پىشقان بىر ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىئولوگىدىن ئاڭلاش ۋە تارىختىكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتىنى ئارخىئولوگىيەلىك پاكىتلار ۋاسىتىسى بىلەن تونۇپ يېتىش – ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا ئۆز ئەجدادىغا بولغان ھۆرمەت، ئۆز تارىخى دەۋىرلىرىگە بولغان سېغىنىش ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۇرغۇزىلىشىدا تېپىلماس بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى يېغىنغان قاتناشقان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىنىڭ كۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئاخىرىدا، ئابدۇلھەمىد قاراخان يېپىلىش نۇتىقىدا، بۇ تۈردىكى ئايلىق ئىلىمى دوكىلاتلارنىڭ داۋاملىق بۇلۇپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىنىڭ ئېشىشىغا ۋە كۈچلۈك مىللىي بىرلىك ھىسسياتىنىڭ كۈچىيىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزبېكىستانلىق ئارخېئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋغا ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلارغا چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتتى ۋە كېلەركى ئايدىكى ئىلمىي دوكىلاد بېرىش نۆۋىتىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈركولوگ پىروففىسسور ھۈليا چەنگەل خانىم مەڭگۈتاشتا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلارغا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوشۇمچە:

1) ئۆزبېكىستانلىق ئارخېئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئۇيغۇر دىيارى ۋە چىن ئارخىئولوگىيەسى ھەققىدە سۇنغان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ تۈركچەppt  ھۆججىتى

ئۇيغۇر دىيارى ۋە چىن ئارخىئولوگىيەسى

2) ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدۇۋنىڭ  ”ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى“ تېمىسىدىكى لىكسىيەسى

http://www.mengutas.com/kutuphana/?p=57

3) مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزى ئالاقە ئۇچۇرلىرى:

Web: http://www.mengutas.com/uy/

E-mail: bilgikut@gmail.com

Tel: 0090 312 231 67 57

Mobile: 0090 530 038 67 37

Adres: GMK Bulvarı. Sümer 2 Sokak.  No: 32/1, Kızılay, Ankara / TURKEY

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top