ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئىلمىيسىزلىك – يالقۇن روزى (لېكسىيە)
ئۇستاز يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىدا سۆزلىگەن نۇتقى «ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئىلمىيسىزلىك» لېكىسىيەسىنىڭ تولۇق قىسمى ھۇزۇرۇڭلاردا.
https://www.youtube.com/playlist?list=PLABUhtscwu6EDOflWDmPfo3oYlvUAvYrp
يالقۇن روزى – ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئىلمىيسىزلىك
ئائىلە بىر دۆلەتنىڭ كىچىك مودىلى. ئۇنى ھەر جەھەتتىن تەكشى ۋە ساغلام تەرەقى قىلدۇرۇش بىر دۆلەتنى ھەر جەھەتتىن ساغلام ۋە تەكشى تەرەققى قىلدۇرۇشتەكلا قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەخىتلىك ۋە پاراۋانلىق بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈنمۇ، بۈيۈك دۆلەت رەھبەرلىرىدە ئىلمىي دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى بار بولغىنىدەك، ئائىلە باشلىقلىرىدىمۇ بىر ئىلمىي ئائىلە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. خەلقىمىزمۇ بىر مەدەنىيەتلىك خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ بۈيۈك ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز ۋە زىيالىلىرىمىز بۇ تېمىدا ئۆزلۈكسىز ئىجتىھاد قىلماقتا. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندىممۇ ئاشۇ تېما ئۈستىدە ئىجتىھاد قىلىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ بېرسى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى بىلەن ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، «مەمتىلى ئەپەندى»، «تەكلىماكاندىكى ئالتۇ كولدۇرما»، «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن» ۋە «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، تونۇلغان ئوبزورچى، پىداگوگ يالقۇن روزى ئەپەندىم ئائىلە تەربىيەسى توغرىسىكى بىباھا قەلب سۆزلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىككە ئىزھار قىلماقچى.
لېكسىيە تېمىسى: ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئىلمىيسىزلىك
ئورنى: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئىچىدە (قىران بۈركۈت بىناسى 4-قەۋەت)
ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە
http://bilkuch.com/uy/index.php/Kutupxanimizxewerliri/2013/04-12/10.html
بىناۋا
يالقۇن روزى خەلقىمىزنى ئاڭ جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئەجىر قىلىۋاتقان ئەركەكلىرىمىزنىڭ بىرى.