You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە خىتاي ئىشخالىغا قارشى كۆرەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە «ھەدەم نەدە؟« ھۆججەتلىك فىلىمى تونۇشتۇرۇلدى

ئەنقەرەدە خىتاي ئىشخالىغا قارشى كۆرەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە «ھەدەم نەدە؟« ھۆججەتلىك فىلىمى تونۇشتۇرۇلدى

ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ 10 نەچچە يىلدىن بېرى چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مەڭگۈتاش چەتئەل تىلى مەكتىپىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا 2024-يىلى 21-سىنتەبىر شەنبە كۈنى تۈركىيە، تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئىشتىراك قىلغان ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى بىرلىكتە خىتاي ئىشخالىغا قارشى كۆرەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

مۇزاكىرە يىغىنىدا تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايىدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ تونۇتۇش، بولۇپمۇ ياش ئەۋلاتلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇتۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تەكىتلەندى ۋە تۈركىيە ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ يىتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشىشنىڭ بەزى يوللىرى ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا خىتايغا قارشى كۆرەشلىرىدە يەنە بەزى مۇھىم پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقى، بۇ پۇرسەتلەرنى پايدىلىق شارائىتقا ئېگە قىلىش ئۈچۈن، مۇھىم دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلاردىن لېدىر يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرەلەر بولدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشكەن قابىل ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەش ۋە ئۇلارنى مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەش سېپىگە ئەكىرىشنىڭ مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

مۇزاكىرە يىغىنىدىن كېيىن نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە شەھەرلىرىدە قۇيۇلۇۋاتقان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ھەققىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان «ھەدەم نەدە؟«  ھۆججەتلىك فىلىمى قويۇلدى. بۇ فىلىمدە ئۇيغۇر سىياسەتچىلەردىن ئۇيغۇر ھەرىكىتى دېرىكتورى رۈشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنىڭ خىتاي كومىنىستلىرىگە قارشى كۆرەش ھېكايىسى، خىتاينىڭ جازا لاگىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار كۆرگۈچىلەرنى تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى. فىلىم ئاخىرىدا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى تەرىپىدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا يەتكۈزۈلدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top