You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قايسى خىل شەكىلدە بېسىم قىلىدۇ؟

خىتاي تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قايسى خىل شەكىلدە بېسىم قىلىدۇ؟

سالاھىددىن قەشقىرى (قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئابلېكىم مۆمىن

خىتايلارنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستىغانلىقىنى دوكلات قىلغان تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇغيول ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى ۋە تەھلىللىرىنى قىرىم خەۋەر ئاگېنتىلىقىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرەگە ئېلىش ئارقىلىق ۋە پەرقلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئىستىخباراتى، تۈركىيەدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلققە ئاڭلىتىۋاتقان ۋە ئاكتىپ پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تەشكىلاتلار ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلارنى توپلاۋاتىدۇ.

نىشانلىق دۆلەت – تۈركىيە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى دۆلەت ھالقىغان بېسىمى

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىسپانىيە مەركەزلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (Safeguard Defenders) نىڭ ئالدىنقى ئايلاردا ئېلان قىلغان «نىشانلىق دۆلەت – تۈركىيە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى دۆلەت ھالقىغان بېسىمى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دوكلاتنىڭ ئاپتورى، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور  يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل – ئىسپات ۋە ئانالىزلىرىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس سۆھبەت تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرسىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ

مۇخبىر: دوكلاتتا، سىزنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 93  ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىڭىز كۆرسىتىلگەن. ئۇلاردىن، قانداق تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى سورىغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

دوكتور يالقۇن ئۇلۇغيول: خىتاي ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ھالقىغان نازارەت ۋاستىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى، بولۇپمۇ يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە سۆز قىلغان ئاكتىۋىستلار پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ساقچىلىرى، ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى ۋە تۇغقانلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى قورقۇتىدۇ، ئەگەر يەنە پائالىيىتىگە داۋام قىلسا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدۇ. تەتقىقاتقا قارىغاندا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداقتۇر بىر شەكىلدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تېلېفون تاپشۇرۇۋېلىش، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە «ئۇچۇر بېرىش» قاتارلىق تەھتىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى رەت قىلغان تەقدىردە، يېقىنلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنداقلا، بەزى كىشىلەرنى پۇل ئارقىلىق قىزىقتۇرۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشىغا ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقنى ۋاسىتىلىك ھالدا بۇزۇشقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. بۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىمىزدا، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىسى ۋە ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ئىچىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان ۋە ئېغىر پىسخىكىلىق زەخمىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە «نورمال» بىر تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

خىتايلارنىڭ ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا خادىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پېيىدا

مۇخبىر: دوكلاتىڭىزدا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئەلچىخانىسى ياكى كونسولخانىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىقراق تەدبىر ئېلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

دوكتور يالقۇن ئۇلۇغيول: خىتاي ئەلچىخانا ياكى كونسولخانا خادىملىرىنىڭ دىئاسپورادىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالدا، خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن خىتايلارغا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشىنى ۋە سىياسىي جەھەتتە ئاكتىپ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قايتا ئالاقىلىشىش تەكلىپىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلچىخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، خىتاي پۇخرالىقىدىكى ئۇيغۇرلار پاسپورتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشقا باشلىغان. خىتاي ئەلچىخانىلىرى توپلىغان ئۇچۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى دۆلەت ھالقىغان بېسىم تورىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى. بۇ جەھەتتە تۈركىيە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت ھالقىغان نازارات ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئۇيغۇرلار پىسخىكىلىق ياردەمگە ئېرىشەلىشى كېرەك

مۇخبىر: ئاخىرىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ تەھدىت ۋە بېسىمىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قىسقىچە بايان قېلىپ بېرەمسىز؟

دوكتور يالقۇن ئۇلۇغيول: تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ساھىبخان دۆلەتلەردە، دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداش مېخانىزىمى كەمچىل. ئالدى بىلەن، بىز خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمىغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ۋە يەرلىك خەلقنىڭ تونۇشى ۋە قارشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمىدىن مۇداپىئەلىنىش مېخانىزىمى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاش مېخانىزىمىغا يولغا قويۇلۇشى كېرەك.

مەزكۇر يازمىنىڭ تۈركچە مەنبەسى:

https://www.qha.com.tr/amp/ozel-haber-roportaj/cin-in-turkiye-de-yasayan-uygur-turkleri-uzerindeki-baskisi-nasil-isliyor-477189

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top