You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (25)

مەسئۇت ئەپەندى (25)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

4. ئۇسۇلى جەدىد

سەن ھېكىمسەن بىگانە،

سەن تېۋىپسەن يېگانە.

بار گىياھ ساڭا ئايان،

بار دەردكە تاپتىڭ دەرمان.

«فاۇست» دىن.

غۇلجىنىڭ ئىسسىق ياز ئايلىرى بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ ئالتۇن كۈز  ئايلىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. كۈز پەسىلدە غۇلجا خەلقىنىڭ قورۇسىدىكى ھەممە گۈللەر سولۇشۇپ خازان بولۇپ، بارچە ئوت – چۆپلەر قۇرۇپ ئوتۇن – چاۋاغا ئايلىنىپ كېتەتتى ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ يەرگە تۆكۈلۈشكە باشلايتتى. مەسئۇت سابىرىنىڭ قورۇسىنىڭ باغلىرىدىكى ئالما كۆچەتلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ تەبىئەتنىڭ قولى بىلەن پۇتىۋېتىلىپ يالىڭاچلىنىپ قالغان ئىدى.

يازىچە قىپقىزىل پەمىدۇر، كۆك مۇچ، كۈدە ۋە ياپيېشىل تاسما پۇرچاق قاتارلىق ئوتياشلار بىلەن تەمىنلىگەن ئېتىزلار قۇرۇقدىلىپ، پەقەت قىرلىرىدا سارغىيىپ كەتكەن ئوت – چۆپلەرلا قالغان ئىدى. باغنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىكى قۇرۇق – ئوت چۆپلەر، ئەخلەت – چاۋالار ۋە غازاڭلار كۈز شامىلىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئەمما، ئالما شاخلىرىنىڭ ئەڭ ئۇچلىرىدا قالغان بىرە ئىككى تال ئەرچۈزە ئالمىلار، ئولتۇرۇشقا تەرەددۈت قىلىۋاتقان كۈننىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرىدا كەھرىۋادەك تاۋلانغان يۈزلىرىنى كۆككە قىلىپ تۇراتتى. بۇنداق ئالمىلارنىڭ ساپاقلىرى شۇنچىلىك مۇستەھكەم بولۇپ، ئالما تۈپىنى ئادەم بار كۈچى بىلەن قانچە ئېغىتسىمۇ، كۈزنىڭ قاتتىق چىققان بورانلىرى قانچە لىڭشىتسىمۇ يەرگە چۈشمەي شېخىدا مەزمۇت تۇرىدۇ. بۇ ئالمىلارنى پەقەت قول – پۇتلىرى مايمۇندەك چاققان شوخ بالىلارلا ئالما شاخلىرىنىڭ  ئۈستىگە ئەپچىللىك بىلەن يامىشىپ چىقىپ، ئاشۇ ئالما بار تالنى ئېگىپ تۇرۇپ ئۈزۈۋالالايدۇ. ئۆز تۈپىگە سادىق بۇنداق ئالمىلارنى تاشقى بىر كۈچنىڭ قولى بىلەن شاخلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىۋەتمىگىچە، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ. ھەتتا  شاخلىرىغا مەھكەم يېپىشىپ، ئاخىرى شاختا تۇرۇپ سولۇشۇپ، چىرىپ كېتىدۇ. ئاز ساندىكى ئالمىلارنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى، ئۆز يۇرتىغا سادىق مەسئۇت سابىرىدەك كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىگە تەققاس كېلىدۇ.

دەرھەقىقەت، ھەر نەرسە ئەسلىدىن ئايرىلىشقا ئۆزى سەۋەبچى، ھەر نەرسىنى ئەسلى ھەرگىز تاشلىمايدۇ؛ مېۋىنى تۈپ، يوپۇرماقنى دەرەخ، ھەر كىمنى ۋەتەن تاشلىمايدۇ. مۇشۇ دەملەردە مەسئۇت سابىرى قورۇسىغا ئاچقان شىپاخانىسىدا كېسەللەرنى داۋالاش ۋە دىياگنوز قويۇش بىلەن مەشغۇل بولغان بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، باغ تەرەپكە قاراپ تۇرغان دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئالما شاخلىرىدىكى ئەنە شۇنداق بىر تال ئالمىغا قاراپ ئۇزۇن خىياللارغا غەرق بولغان ئىدى.بۈگۈن دەل 1920-يىلى 21- سېنتەبىر يەنى شەيشەنبە كۈنى ئىدى. ئۇ، دوستى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلغان ئەخمەت كامالنىڭ ئىستانبۇلغا ساق – سالامەت قايتىپ بارغاندىن كېيىن يازغان مەكتۇپىنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. مەسئۇت سابىرى بولسا، بۇ مەكتۇپنى تۈركىيەدىن كەلگەن دوستلىرى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان ئىككى كۈندىن بىرى قولىدىن چۈشۈرمەي قايتا – قايتا ئوقۇۋاتاتتى. مەكتۇپتا يېزىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئەخمەت كامال 1919- يىلى 28- ئاۋغۇست ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن يالاپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، تا شاڭخەيگىچە بولغان ئۇزۇن مۇساپىنى گاھ ئاتلىق، گاھ ھارۋا، گاھ پويىز، گاھ پاراخوتلار بىلەن بېسىپ مېڭىپ، مىڭ – بىر مۇشەققەتتە بەش ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇدۇل تۈرمىگە تاشلانغان. شاڭخەي تۈرمىسىدە ئالتە ئاي ياتقاندىن كېيىن گوللاندىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن ئازاد بولغان ۋە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە ماڭىدىغان ياپونىيەنىڭ ناۋكاۋمارو ناملىق پاراخوتى بىلەن يولغا چىقىپ، 40 كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن ھامبۇرگ پورتىغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردىن يەنە پاراخوت بىلەن دېڭىزدا ئون كۈنلۈك مۇساپىسىنى بېسىپ  ئىستانبۇلغا 1920- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى يەنى جۈمە كۈنى يېتىپ كەلگەن ئىكەن.

مەسئۇت ئەپەندى بولسا، دوستى ئەخمەت كامالنىڭ ئۆز يۇرتىغا ساق – سالامەت يېتىپ بارغانلىقىدىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ، خاتىرجەم بولغان ئىدى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىسىنىڭ نە قەدەر زور ئىكەنلىكىنى، ئالدىغا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكىنى، بولۇپمۇ كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان دۈشمەنلىكلەرنىڭ، تەھدىتلەرنىڭ قانچىلىك رەھىمسىزلىكىنى كۆز ئالدىدىن بىر- بىرلەپ ئۆتكۈزدى. دەرۋەقە، ئەخمەت كامالنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ئەمدى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى رېئاللىقتىن يىراق ئەمەس ئىدى. ئەخمەت كامال شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئۆتكۈزگەن بەش يېرىم يىللىق ھاياتىنىڭ ئۈچ يېرىم يىلىنى ئاتۇشتىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى ئۈچۈن ئاجراتقان بولسا، قالغان ئىككى يىل ۋاقتىنى ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ، قەشقەرگە كېلىپلا، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئاتۇشتا مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا، نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسا، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشلىرىدىن خالى بولالمىغان ئىدى. بولۇپمۇ قەشقەردىكى ئۆمەر بايدەك ياڭ زېڭشىننىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىگە يانتاياق بولىدىغان يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. ئۇ ئاتۇشقا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەر تۈرمىسىگە تاشلانغان ۋە مۇسابايلارنىڭ يول مېڭىشى بىلەن تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ ئازراق ۋاقىت ئۆتە – ئۆتمەيلا يەنە تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

ئەڭ ئاخىرى ئەخمەت كامالدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشنى ئويلىغان قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئىككى ئاتلىق ئەسكەرگە يالىتىپ، ئاتلىق يولغا سېلىپ قويغان ئىدى. شۇ چاغدا ئەخمەت كامالنىڭ قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر دوستلىرى ۋە ئۆزى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن تا مارالبېشىغىچە بىللە كېلىپ، ئۇ يەردىن ئاقسۇغا ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى. دەرۋەقە، ئەخمەت كامال ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا ئەقىللىك بولۇش ۋە ئەدەپلىك بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بېرەلىگەن بولغاچقا، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزىگە چەكسىز ھۆرمەت بىلەن ئىتائەت قىلىشنى ئۆگەنگەن ۋە دۈشمەنلىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارغا بولغان غەزەپ – نەپرەتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلەشكە جاسارەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئەخمەت كامالنىڭ ئارقىسىدىن نىدا قىلغان ياش شائىر سابىرئاخۇن ئۆزىنىڭ ئۆمەر باي ۋە سەلىم موللىلاردەك ئۆز نەپسانىيەتلىرى ئۈچۈن خەلقنى جاھىلىيەتكە باشلاپ، ئۇسۇلى جەدىدچىلىكنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ بىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەزىل قىلمىشلارنى قامچىلاپ مۇنداق شېئىر ئوقۇغان:

دىيارىم قەشقەردە يوق پەزىلەت،

تەرەققىيات يوللارىنى ئاچ ئاللاھىم!

بۇ خائىنلارنىڭ باشى موللا سەلىم،

بۇلارغا بەر ھىدايەت ئاللاھىم!

تەرەققىيات يوللارىنى توستى ئۆمەر باي،

بى- ناسىب قىلدى مائارىپتىن خۇدايىم!

بۇ خائىنلار شۇملۇقلىرىدىن قەشقەرلىك،

قۇتۇلالماسلارمۇ بۇ زىللەتدىن دائىم؟!

ئۆمەر، سەلىم قىلىپ ياشلارغا كۈلپەت،

ئۆتەرمۇ دۇنيادىن ئەي مېھرىبانىم!

بۇ مىللەتنىڭ نومۇسىنى تۆكتى يەرگە،

قولىنى تۇت ياشلارنىڭ ئەي ئاللاھىم!

ۋاي! سەلىم، ئۆمەر تۆرگە تويارسەنمۇ؟

خۇدايا! تۇتمىغايمۇ زەررە ئاھىم؟!

بۇ مىللەت خادىمى دەر يەنە سەۋر،

كېلۇر ساڭا ئىلتىجا خۇدايىم!!!

ئەخمەت كامال يالاپ ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇدۇل تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ، ئىككى يىللىق تۈرمە ھاياتىدىمۇ ھېچ جىم تۇرماي، سىرتتىكى دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن «يېڭى ھايات» ناملىق گېزىتنى چىقىرىپ، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىگىچە تارقاتقان ئىدى. بۇ گېزىتتىكى ماقالە ۋە شېئىرلار كەڭ خەلق – ئاممىسىنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئېڭىدا كۈچلۈك ئويغىنىش پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ گېزىتنىڭ بېشىغا : «مۇھەررىرى – قەلەم، مەسئۇلى – ۋىجدان، مەتبۇئاتى – بەش بارماق، نەشرىياتى – زىندان» دەپ ھۆسنى خەت بىلەن يېزىلغان سۆزلەر مۇشتىرىلەرنىڭ دىققىتى ئاجايىپ ئۆزىگە تارتقان. گەرچە بۇ گېزىت ئالتە ئاي جەريانىدا 30 ساننى نەشردىن چىقارغاندىن كېيىن، پايلاقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قىلىپ، نەشردىن چىقىرىش ئىمكانىيىتىنى مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە گېزىتنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتىمۇ كەڭ، تەسىر كۈچى ئاجايىپ زور بولغان. بولۇپمۇ بىلىمنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يېڭىچە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەر ۋە شېئىرلار، جۈملىدىن تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ياشلارنىڭ ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغان تېمىلىرىغا ئايلانغان. ھەتتا ئۇ، بەزى تېمىلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بەزى سانلارغا بىلىمنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى قوشۇپ بېسىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ ھېكايىلەردىن بىر ئۆرنەك:

بىر كۈنى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، ھاياتىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈۋاتقان  بىلىملىك بىر ئادەم كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، چاقچاق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:«ھىندىستاندا بىر دەرەخ بار ئىكەن. ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى كىم يېسە، ئۇ كىشى قېرىمايدىكەن ۋە مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن. ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى ئىكەن». بۇ گەپ قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ، ئاخىرىدا پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پادىشاھ «خەلقنىڭ ئاغزىدا تارىلىپ يۈرگەن بۇ پاراڭلار توغرا ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلاپ، ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىر چاپارمەننى نۇرغۇن مال – دۇنيا بىلەن ھىندىستانغا يولغا ساپتۇ. بۇ ئادەم ھىندىستانغا كېلىپ، ئۇ دەرەخنى ئىزدەپتۇ. ئەمما، پۈتۈن ھەممە يەرنى ئىزدەپ، قېدىرىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇ دەرەخنى ھېچبىر يەردىن تاپالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم ئۇ دەرەخنى نەچچە يىل ئىزدەپتۇ. ھىندىستان دېگەن بۇ دۆلەتتە بارمىغان يېرى، چىقمىغان دۆڭى، كەزمىگەن چۆلى قالماپتۇ. قايسى شەھەرگە بېرىپ كىمدىن ئۇ دەرەخنى سورىسا، بەزىلەر مىيىقىدا كۈلۈپ زاڭلىق قىلسا، بەزىلەر بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ھەي، ساراڭ بوپقاپتۇ  -دە، بۇ بايقۇش» دەپتۇ. يەنە بەزىلەر:«كۆڭلى تۈز بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ئەجىر قىلىشىنىڭ ۋە جاپا تارتىشىنىڭ بىر سەۋەبى باردۇر. بەلكى بۇ قۇرۇق سۆز ئەمەستۇ» دېيىشىپتۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرسى ئۇ ئادەمگە مۇنداق دەپتۇ:«پالانى يەرگە بارساڭ بىر ئورمان بار، ئاشۇ ئورماندا شۇنداق بىر دەرەخ بار». بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئادەم ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ. يىللاردىن بېرى بۇنداق بىر ياخشى خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بولغاچقا، ئاشۇ ئورمانغا قاراپ ئۇدۇل چېپىپتۇ. نەچچە يىللاردىن بىرى ئۇ دەرەخنى ئىزدەپ كۆپ جەبىر – جاپا تارتقان ۋە پادىشاھ ئەۋەتكەن نۇرغۇن مال – دۇنيانى بۇ ئىش ئىش ئۈچۈن راسخۇت قىلغان ئىكەن. ئەمما، تا بۈگۈنگىچە قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسىگە ئىگە بولماپتىكەن. بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن بىر ئۈمىدنىڭ ئۇچى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپتۇ.ئادەم شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئورمانغا يېتىپ كەپتۇ، قارىسا  تاللىرى شۇنداق ئېگىز، مېۋىسى توڭ، يوپۇرماقلىرى يېشىل بىر دەرەخ تۇرغۇدەك. ئەمما بۇ دەرەخ ھېلىقىدەك دەرەخ بولماستىن پەقەت شۇ ئورماننىڭ زىننىتى ئىكەن. ئادەمنىڭ نۇرسىز، ھارغىن كۆزلىرى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. شۇنچە كۆپ جاپالارنى تارتىپ ئېرىشكىنى قۇرۇق گەپ بوپتۇ. ئۆزىنى ناھايىتى بىچارە ھېس قىپتۇ. پۈتۈن قىلغان ئىشلىرى، تارتقان جاپالىرى بوش كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتماقچى بوپتۇ. دەرد- ئەلەم ئىچىدە ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن يولغا چىقىپتۇ.

ئەنە شۇنداق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر شەيخ ئۇچراپ قاپتۇ. ئادەم شەيخنى كۆرۈپ ئۆز ھالىنى مۇنداق بايان قىپتۇ: «ئۈمىدسىزلىك دېڭىزىغا چۆكتۈم. ئىچىم ھەسرەتكە تولدى. سېنىڭ مۇبارەك جامالىڭنى كۆرۈشۈم، مېنىڭ تەلىيىمنىڭ باشلىنىشى بولسۇن. ياخشى تىلەك، ئېسىل دۇئالىرىڭنى مېنىڭدىن ئايىما. ئۇ دۇئالىرىڭ يولدا ماڭا ياخشى ھەمراھ بولغاي. ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ئىشلاردىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم» ۋە يىغلاپ تۇرۇپ شەيخنىڭ قولىنى سۆيۈپتۇ. بۇلۇتتىن چۈشكەن يامغۇردەك كۆز ياشلىرى شەيخنىڭ مۇبارەك قوللىرىنى ھۆل قىلىۋېتىپتۇ. ئادەم يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ: «ئەي شەيخ! ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن! ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدىم. ماڭا ياردەم قىلغىن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. كۆڭلى يۇمشاق شەيخ بۇ ئىزتىراپقا تولغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ: «سېنىڭ بۇ مەيۈسلىكىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن؟ زادى مەندىن نېمە تىلەيسەن؟« دەپ سوراپتۇ.ئادەم جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ: «مېنى پادىشاھىم بىر دەرەخنى تېپىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئەكېلىشكە بۇيرۇغان ئىدى. ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى قېرىماسلىقنىڭ دورىسى بولغاچقا، ئۇ دەرەخ پۈتۈن دۇنيا ئارزۇ قىلىدىغان بىر دەرەخمىش.

مەن ئۇ دەرەخنى ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىزدىمىگەن بۇلۇڭ – پۇشقاق قالمىدى. ئەمما، ئۇنداق بىر دەرەخنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم. «بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان شەيخ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ئۇ ئادەمگە مۇنداق خىتاب قىپتۇ: «ئەي ئاق كۆڭۈل ئادەم! ئۇ دەرەخ بولسا ئالىملارنىڭ بىلىمدۇر. بۇنى پەقەت ئالىملار چۈشىنىدۇ. ئۇ شۇنداق ئۇلۇغ ھەم شۇنداق چوڭ، ھەر تەرەپكە يېيىلغان دەرەخ. ئۇ ئابىھاياتنىڭ بۇلىقى ۋە شۇنداق بىپايان كەتكەن چوڭقۇر دېڭىزدۇر. ئەي ئەخمەق سەن شەكىلگىلا قاراپسەن. مەنىسى ياپراقتىمۇ ئەمەس، مېۋىدىمۇ. ئۇنىڭ ئىسمى بەزىدە بىر دەرەخ، بەزىدە قۇياش، بەزىدە دېڭىز، بەزىدە بۇلۇت. ئەمما، مىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ئۇ پەقەت بىرلا نەرسە. بۇ نەرسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسىرى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. ئۇ يالغۇز، ئەمما ئەسەرلىرى سان – ساناقسىز. ھەر بىر ئەسىرنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىسىملىرى بار. ئۇ بەزىدە بىرلىرىگە قەھر ۋە زۇلۇم قىلسا، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىدۇ. سەن پەقەت دەرەخنىڭ ئىسىمىگە باغلىنىپ قېلىپ مۇشۇنداق چارىسىز، ئۈمىدسىز ھالغا چۈشۈپ قاپسەن. سەن ئىسمىنى ئويلىما، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە باق; ماھىيەت سېنى ھېكمەتكە ئېرىشتۈرسۇن».

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top