You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (22)

مەسئۇت ئەپەندى (22)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تاڭ ئېتىپ يېڭى بىر كۈن، يېڭى بىر ھايات باشلاندى. ئۇلار يول يۈرۈپ بەك چارچاپ كەتكەن بولغاچقا ئاخشام بالدۇرلا ياتقان ئىدى. دەرۋەقە، كۈندۈزلىرى شۇنچىلىك سەگەك يول يۈرگەنلىكى ۋە ئاخشام نۇرتاي بىلەن دەللىڭ ئازراق بولسىمۇ مۇڭدىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ كېچە بەھۇزۇر، ئازادە ئۇخلىۋالغان ئىدى. مانا خورازنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىشى، يېزا مەسچىتى مەزىنىنىڭ مۇڭلۇق ئېيتقان ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن تەڭ، ئۇلار ئۇيقۇ ئالۋاستىسىنىڭ ھىيلىسىگە ئالدانماي ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇشتى.

ھايال ئۆتمەي نۇرتاي بىلەن مەسئۇت سابىرى ۋە ئابدۇراخمان شاھىدىلار بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرگە ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە قاراپ يولغا چىقتى. مەھەللە كوچىسى بۇرۇنقىدەك سالقىن ۋە ساپ ھاۋا بىلەن پۈركەنگەن ئىدى. ئەمما، تۈنۈگۈن تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇر بىلەن تەڭ چىققان شامال ئالما چېچەكلىرى بىلەن قىزىلگۈل بەرگىلىرىنى مەھەللە كوچىسىغا ئۇچۇرۇپ ئەكېلىپ تۆكۈۋەتكەن ئىدى. ئۈستىدە ماڭغان ئادەملەرنىڭ ئاياغلىرىدا ئېزىلگەن چېچەك ۋە گۈل بەرگىلىرى مىجىلىپ، ئېزىلىپ خۇددى قان تامچىلىرىدەك يەردە يېيىلىپ ياتاتتى.

ئەڭ باشتا كېتىۋاتقان مەسئۇت سابىرى دەسسەلمەي قالغان گۈل بەرگىلىرى بىلەن چېچەكلىرىنى دەسسىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاۋايلاپ قەدەم ئېلىپ، يولنىڭ چېتىنى بويلاپ كېتىپ باراتتى؛ ئارقىسىدىن نۇرتاي بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى ئىز بېسىپ كېلىۋاتاتتى. مەسئۇت سابىرى يولدىكى چېچەك ۋە گۈل بەرگىلىرىنى يىغىۋېلىپ، نېرىدىكى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا تاشلاپ، ئېقىتىۋەتكۈسى كەلدى. لېكىن ناماز ۋاقتىغا ئاز قالغاچقا ئىتتىك – ئىتتىك قەدەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئويلىرى قايسى بىر ساھىبجامال قىز يازغان مۇنۇ نەزمىلەرگە تەققاس ئىدى.

گۈلنى كۆمسەم خەق بۈگۈن مېنى ئەخمەق دەپ كۈلۈر،

بىلمىدىم تاڭ، ئەتە ئۆلسەم كىم كېلىپ مېنى كۆمۈر؟

بىر كۈنى باھار پۈتەركى غۇنچە بوي قىزمۇ تۈگەر،

گۈل توزۇپ، ئادەم ئۆلۈپ بولسا خاراب، نامى ئۆچەر.

ئۇلار مېڭىپ يولنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ ئوڭغا بۇرۇلدى. چۈنكى ئۇدۇلدا يول يوق بولۇپ، بۇ يەرلەر پۈتۈنلەي كەڭ كەتكەن ئېتىزلىق ئىدى. ئېتىزلىقتا يەر بېغىرلاپ لەيلەپ يۈرگەن ئاقۇچ تۇمانلار بەجايىكى كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلاردەك ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. تۈن قاراڭغۇسىدا تاڭنى سېغىنغان جىمىكى جانلىقلار بىردىنلا جانلىنىپ، ئۆز ۋىسالىغا يەتكەن ھەر بىرسى ئۆزىگە خاس ئاۋازلارنى چىقىرىپ شادلانماقتا، سايراشماقتا، چۇقۇرۇشماقتا ۋە بۇ يېقىملىق كۈينى بۇزۇشقا قەسەم قىلغاندەك يىراقتىن بىر ئېشەكنىڭ  دەھشەتلىك ھاڭرىغان ئاۋازىمۇ ياڭرىماقتا ئىدى. تاڭ شەپىقىدە قىزغۇچ رەڭگە كىرگەن بولۇق ئۆسكەن بۇغداي مايسىلىرى نەمخۇش سوغۇق شامالدا دولقۇنلاۋاتاتتى ۋە يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مەسئۇت سابىرىلارنىڭ ئاياق تېۋىشىدىن ئۈركۈگەن بوز تورغايلار، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۈستىدىكى تۇمانلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، بىپايان ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشتى، ئاندىن كەپتەرۋازنىڭ ئىسقىرتقىنىدەك ئاۋاز چىقىرىپ سايراپ كەتتى.

مەسئۇت سابىرى سۈپسۈزۈك كۆكتىكى چەكسىز بوشلۇققا نەزەر تاشلىغان پېتى قەدەملىرىنى سەل ئاستىلىتىپ دەقىقە ئىچىدە ئويغا كەتتى:« ئەگەر ئۇلۇغ ئىگەم، مۇشۇ كۆكتىكى چەكسىز بوشلۇقنى بىز ۋە بارلىق مەۋجۇداتلار ئۈچۈن ياراتمىغان بولسا، ھېچبىر مەۋجۇدات يەردىن بېشىنى يۇقىرىغا كۆتۈرەلمىگەن بولاتتى، ھېچبىر دەل – دەرەخ ۋە زىرائەتلەر يۇقىرىغا قاراپ بوي تارتىپ ئۆسمىگەن بولاتتى. ئابرال، دىلمۇك ۋە تەڭرى تاغلىرىمۇ باشلىرىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ تۇرالمىغان بولاتتى. بىزنىڭ يۈكسىلىشىمىزگە سەۋەبچى بولغان پەقەت مۇشۇ ئۈستىمىزدىكى كۆك قۇببە، ئەگەر مۇشۇ كۆك قۇببە بولمىغان بولسا، تاڭ سەھەردە قۇياشمۇ قىپقىزىل شەپەقنى يېرىپ ئۆرلىمىگەن بولاتتى، بىزمۇ مەڭگۈ زۇلمەت قاراڭغۇسى ئىچىدە قالغان بولاتتۇق. ئۈستىمىزدە ئاشۇ كۆك قۇببە ۋە ئۇنىڭ قوينىدا پارقىراپ تۇرغان قۇياش ۋە يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن تاۋاقتەك ئاي يوقالماي تۇرىدىغانلا بولسا، بۇ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدىمنى ھەرگىز ئۈزمەيمەن»!.

ئۇلار ئېتىز بويلاپ مېڭىپ مەسچىتكىمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. مەسچىتنىڭ ئىچى جامائەتكە سەل چوڭ كەپقالغاندەك قىلاتتى.ئۇلار مۇناسىپ يەردە ئولتۇرۇپ، جامائەت بىلەن بىرلىكتە نامىزىنى ئوقۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى ۋە كۆڭۈللىرىگە پۈككەن تىلەكلىرىنى تىلىدى. نامازدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت بىلەن بىر- بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. بىردەم ھال – ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن كۆڭۈللىرى يورۇپ، ئۆزلىرىنى ئەركىن، ئازادە ھېس قىلىپ قېلىشتى. مەسچىتتىن چىققان جامائەت بىر- بىرلەپ ئۆيلىرىگە قاراپ تارالغاندا مەسئۇت سابىرى مەسچىتنىڭ بىقىنىدىكى ئانا مەكتىپىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. مەكتەپنىڭ ئىشىكى قۇلۇپسىز بولغاچقا، ئىختىيارسىز ھالدا ئىشىكنى ئېچىپ، مەكتەپ قورۇسى ئىچىگە قەدەم باستى. قورۇنىڭ ئىچىگە قاراپ ھەربىر قەدەمنى ئالغانسېرى ئۇنىڭ يۈرىكى شۇنچە قىسىلغاندەك بولدى. ئۇ، قورۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، ئەتراپىغا بىر- بىرلەپ كۆز ئاتقان چاغدا، ھەربىر بۇلۇڭدا بالىلىق دەۋرنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەكتەپ قورۇسىنىڭ ھازىرقى ھالى ھال ئەمەس ئىدى. ئۇ، ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ، تەنلىرى تىترەپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

بىر لەھزە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ، قورۇنىڭ غەربىدىكى پاسىل تامنىڭ يېنىدىكى ئابدۇراخمان موللام ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان گۈلزارلىققا قارىدى. بۇرۇن مۇشۇ مەزگىلدە ھۈپپىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان سەكسەن ساپاق قىزىل ئەتىرگۈللەر بىلەن تەڭ بوي تالىشىپ تاملارغا يامىشىپ كېتىدىغان ھەشقىپىچەك ۋە ھەرخىل رەڭدىكى پىل – پىل گۈللەرنىڭ ئورنىنى بىر دۆۋە ئەخلەت – چاۋا ئىگىلىگەن ئىدى. بۇلارنى كۆرگەن مەسئۇت سابىرىنىڭ مەيدىسىدە خۇددى تاش يۇتۇۋالغاندەك قاتتىق بىر نەرسە پەيدا بولۇپ، ئاشقازىنى مۇجۇپ ئاغرىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئېغىر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن ئالدىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينىڭ پېشايۋىنىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن پەشتاقلىرىنى ئاۋايلاپ دەسسەپ يۇقىرىغا چىقتى. پېشايۋاننىڭ ھەممە تۈۋرۈكلىرى ياۋا كەپتەرنىڭ ماياقلىرى بىلەن ئالا – پاساق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، سەيناسىمۇ ئۇزۇن مەزگىل سۈپۈرۈكسىز قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆرۈمسىز ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەڭ چەتتىكى جىنازا قويىدىغان ئۆيدىن باشقا ئىككى ئېغىز ئۆينىڭ ئىشىكلىرى ھاڭغىرقاي ئوچۇق ئىدى. مەسئۇت سابىرى خۇددى ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆيگە كىرىۋاتقان ئانىدەك، يەرنى ئاۋايلاپ دەسسەپ ئاستا ئۆزى ئوقۇغان سىنىپقا كىردى. ئەينى چاغلاردا ئاپئاق ئاقارتىلغان سىنىپنىڭ تۆت تېمىنىڭ سۇۋاقلىرى شۇرقىراپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، تورۇسلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى.

ئابدۇراخمان موللام ئولتۇرىدىغان سۇپا پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇلۇڭلارغا توپا باسقان سامان قەغەزلەر بىلەن ئەخلەت – چاۋالار يىغىلىپ قالغان ئىدى. قارىماققا بۇ سىنىپ خۇددى بىرلىرى چوماق سوقۇپ بۇزۇۋەتكەن ھەسەل ھەرىلەرنىڭ كۇدېسىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. مانا بۇ مەنزىرىلەرگە شاھىت بولغان مەسئۇت سابىرىنىڭ ئەقلىدىن مۇنداق ئويلار چاقماقتەك چىقىپ ئۆتتى:«بالىلىق چاغلىرىمدا بۇ سىنىپتا يۈرىكىمگە خاتىرە بولۇپ مۆھۈرلەنگەن بىر نەرسە بار. ئەنە شۇ نەرسە مېنىڭ تا ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسەم بولۇپ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلانماقتا. ئۇ نەرسە مېنى سېھىرلەپ، ماڭا يۇمشاق بىر راھەتلىك ئاتا قىلىپ كەلمەكتە ۋە قەلبىمنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ تۇرماقتا.

ئۇ نەرسە بولسا ئابدۇراخمان موللام مۇشۇ سىنىپتا بىرىنچى قېتىم ماڭا ئۆگەتكەن ‹ئەلىف› دۇر. ‹ئەلىف› مەن ئۆگەنگەن بىرىنچى ھەرپ ۋە بىرىنچى ئىلىم بولۇپ، ئۇ ماڭا بۇ ھاياتتا دۇرۇسلۇقنى، ئىرادىنى، تەك بارلىققا ئۇدۇل ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئۆزۈمنى ئاستا – ئاستا تونۇپ يېتىشنى ئۆگەتتى. مېنىڭ ھازىردىن باشلاپ شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىرىپ،  كارغا كەلمەس بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا، بالىلىق دەۋرلىرىمدىكى بارلىق خاتىرىلەر كاللامدىن تەل – تۇكۇس يۇيۇلۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ‹ئەلىف› ھەرگىز يۇيۇلمايدۇ. ‹ئەلىف›، مېنى  ھەر دائىم بالىق دەۋرىم بىلەن ھازىرقى ھالىمنى باغلاپ تۇرىدۇ. ئىچكى دۇنيايىمدا بىر ئىككىلىنىش بولغاندا، روھى جەھەتتىن تەڭپۇڭلىقلىرىم بۇزۇلغاندا ۋە بەزىدە ھاياتقا بولغان ئىشەنچەمنى يوقاتقاندا ئۇ ماڭا ھەرزامان يول كۆرسەتكۈچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ماڭا ھامان ھاياتنىڭ بىر گورىزونتال سىزىقنى بويلاپ داۋام قىلىدىغانلىقىنى يادىمغا سېلىپ تۇرىدۇ ۋە ماڭا غۇرۇرلۇق بولۇشنى، ئىرادەمنى قەتئىي، قەلبىمنى پاك تۇتۇشنى ۋە قانداق يارىتىلغان بولسام شۇنداق قارارلىق بولۇشنى تەكىتلەيدۇ«.

ئەمدى بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن مەسئۇت سابىرى، سىنىپتىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ياندىكى ئابدۇراخمان موللام ھۇجرا قىلغان ئۆيگە كىردى، بۇ ئۆينىڭ ھالىمۇ ئاشۇ سىنىپنىڭ ھالىدىن بەتتەر ئىدى. ئۆز ۋاقتىدىكى پاك – پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆي، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە زەرەتكالىقتىن بەتتەر قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆيدىكى پۈتۈن بىساتلارنى بىرلىرى كىرىپ تالان – تاراج قىلغاندەك، يەردە پارچە -پۇرات يىرتىق يوتقاننىڭ پاختىلىرى بىلەن مەنگەن قاتارلىق پاخاللار سۆرۈلۈپ ياتاتتى. ئۇ ئارقىسىغا يېنىپ قورۇنىڭ سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم ئانا مەكتىپىگە بىر قۇر قارىدى. ئۆلگەندە كېرەك بولىدىغان جىنازا قويۇلغان ئۆينىڭ ئالدىدىن باشقا ھەممە يەر مەينەتچىلىك ئىچىدە قالغان ئىدى. ھەر ھالدا بۇ يېزىدا پات -پات ئادەم ئۆلۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن جىنازا قويىدىغان ئۆينىڭ قەدىر- قىممىتى، بالىلار ئىلىم ئالىدىغان سىنىپنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرغانلىقى مۇتلەق ھەقىقەت ئىدى. ئابدۇراخمان موللام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يۇرت ئەھلى بالىلارنىڭ دىلىغا «ئەلىف»نىڭ سۇنۇقىنى سالىدىغان بىرەر موللامنى تېپىپ ئەكېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگىنى بىلەن، ئۆلىدىغان چاغدا چۈشىدىغان جىنازىنى قۇلۇپلاپ، ئوبدان ساقلىغان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ بىلىم ئوچىقىغا پەقەت بىرسى ئۆلگەندىلا ئاندىن ئادەم ئايىغى بېسىلىدىغانلىقى بۇ ۋەيرانە ھالىدىن مەلۇم ئىدى.

ئەينى يىللاردا بالىلارنىڭ خۇش ئاۋازلىرى، ئابدۇراخمان موللامنىڭ ھېكمەتكە باي ۋەزلىرى، دىماققا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان گۈلنىڭ شېرىن پۇراقلىرى بىلەن تولغان مەكتەپ قورۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پىنھان بىر تاشلاندۇق جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىچى ئۆرتەنگەن مەسئۇت سابىرى روھى چۈشكۈن ھالەتتە تالاغا چىقتى. ئۇ قاغجىراپ ھالى قالمىغان مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قانىتىغا قاراۋېتىپ، تىزلىرىنىڭ تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە بېشى قايغاندەك بولۇپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئاندىن ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ، ئانا مەكتىپىگە قاراپ تۇرۇپ خىتاب قىلدى:«مەن قۇدرەت ۋە ھېكمەت ئىگىسى بولغان بىردىنبىر ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىنىمەن ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئانا يۇرتتا قىلىدىغان ئىشىمنى مەكتەپ ئېچىش بىلەن باشلايمەن. مۇشۇ ئانا تۇپراقنىڭ روھى بۇ تۇپراقتا ئەلمىساقتىن ياشاپ كەلگەن خەلقىمنىڭ بەخت – سائادىتىدىن ئوزۇق ئالىدۇ. بۇ بەخت – سائادەتكە  پەقەت ۋە پەقەتلا ئىلىم ئۆگىنىش ئارقىلىق ۋە بۇ يولدا ئەبەدىي مېڭىپ ئەركىن، ھۆر، مۇستەقىل بىر ۋەتەننى ئاپىرىدە قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.«

ئۇ، ئارقىغا بۇرۇلدى ۋە  نېرىدا ساپسېرىق چېچەكلەپ كەتكەن قىچىلار بىلەن پۈركەنگەن ئېتىزنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ، قانداقتۇ بىرنېمىلەر ئۈستىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن نۇرتاي بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنى كۆردى ۋە دەرھال ئۇلار تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top