You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (10)

مەسئۇت ئەپەندى (10)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سۇلتان ئالىپ ئارسلان (1029-1072) بۈيۈك سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ 2-ھۆكۈمدارى ۋە تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگە كۆچۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان داھىي ۋە بۇ يولدا دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغان ئەسكىرى قوماندان. ئۇنىڭ دادىسى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۈرك مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەبۇ سۇلايمان داۋۇد چاغرى بەگ ئىدى. سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ 1- سۇلتانى تۇغرۇل بەگ (رۈكنەددىن ئەبۇ تالىپ مۇھەممەد تۇغرۇل بەگ بىن مىكائىل  990-1063) بولسا، ئالىپ ئارسلاننىڭ تاغىسى ئىدى. سۇلتان تۇغرۇل بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامەسىگە ئاساسەن، ئالىپ ئارسلان تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. يەنى 1064- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ناھايىتى داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ 2- سۇلتانى بولغان ۋە شۇ چاغدىكى بۈيۈك دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان نىزامۇلمۈلۈكنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئالپ ئارسلان تەختىگە چىققاندىن كېيىن،  ئۆزىگە قارشى تۇرغان پۈتۈن تۈرك سويلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ۋە ئۇلارنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىغا بىر زېمىن ھازىرلاش ئۈچۈن 1065- يىلدىن باشلاپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى )نىڭ زېمىنلىرىغا ھۇجۇم باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن گروزەننى ئىگىلىگەن ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرىدىكى ھۆكۈمدارلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان.1070 – يىلى ئەزەربەيجاننى، سۈرىيەنى ۋە دىيار بەكىرنى ئىگىلەپ، تا مىسىرغىچە كېڭەيگەن. 1071- يىلى پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى ھالەپتە بىرلەشتۈرگەن. بۇ جەرياندا ئالىپ ئارسلان نۇرغۇنلىغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ، ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. قولغا كەلگەن سان – ساناقسىز غەلبىلەردىن كېيىن, ئالىپ ئارسلاننىڭ شۆھرىتى دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغان. سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ كۈندىن – كۈنگە تەسىر دائىرىسى كېڭىيىۋاتقان ۋە ھەربىي كۈچى ئېشىۋاتقان ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە، ئۇنى ئاناتولىيەدىكى زېمىنلاردىن تەل – تۆكۈس قوغلاپ چىقىرىشنى ئىرادە قىلغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى رومانوس دىئوگنېس پۈتۈن ئەسكىرىنى توپلاپ، سەلجۇقىيلار دۆلىتىگە قارشى جەڭگە ئاتلانغان. يەنى 1071- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىمپېراتور رومانوس 200 مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئىستانبۇلدا ناھايىتى چوڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاناتولىيەگە قاراپ يولغا چىققان.

ئەينى چاغدا بۇ رىم قوشۇنى خىرىستىيانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ناھايىتى زور بىر قوشۇن بولۇپ، ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان فىرانسۇز، ئەرمەن، رۇس، بۇلغار ۋە خىرىستىيان دىنىدىكى تۈركلەردىن تەشكىللەنگەن ئىدى. شۇچاغدا قوشۇننىڭ ئۇدۇل ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئالىپ ئارسلان، مىسىرغا قىلىدىغان سەپىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىپ، كەينىگە يانغان. ئالىپ ئارسلان شەرق ئانادولۇغا قاراپ يۈرۈش قىلغان رىم قوشۇنىنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن، دىيار بەكىر ئارقىلىق ئاھلاتقا يېتىپ كەلگەن. شۇ يەردە ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان سەپداشلىرىدىن ئەمىر ئافشىن بىلەن ئۇچراشقان ۋە رىم قوشۇنى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق جەڭنى شۇ يەردە قىلغان. بۇ جەڭ رىم قوشۇنىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، تۈركلەرنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. مەغلۇبىيەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىمپېراتور رومانوس 1071- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى مالازگىرتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلەپ، چوڭ – كىچىك پۈتۈن خەلقنى قانلىق قىرغىن قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 200 مىڭ رىم ئەسكىرىگە قارشى 50 مىڭ تۈرك ئەسكىرى ئوتتۇرىسىدا دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر مالازگىرت ئۇرۇشى پارتلىغان. بۇ چاغدا سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ يېنىدا ئافشىن، ساۋتېكىن، سۇندۇق، ئايتېكىن، تاران ئوغلى، ئەخمەت شاھ قاتارلىق ئاناتولىيەدىكى داڭلىق تەجرىبىلىك ئەمىرلەر ۋە قوماندانلار بار بولۇپ، ئۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن بىر ئەلچە ھەيئىتىنى ئىمپېراتور رومانوسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ، بىر تەكلىپنامە سۇنغان.

رومانوسقا ئەلچى بىلەن ئەۋەتىلگەن تەكلىپ نامەنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «دۆلىتىڭگە قايتىپ كېتىپ تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشنى ئويلىساڭ، بۇنى باغداد خەلىپىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلىمىز. ئەگەر ئەكسىچە بولىدىغان بولسا، بىزنىڭ مەقسىتىمىز، قارارلىرىمىزنى ۋە ئارزۇلىرىمىز بىلەن باغلىق بولغان ئۇلۇغ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىمىز». ئەسكىرى كۈچىنىڭ سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكىگە ئىشىنىپ، غەلىبە قىلىشنى ئويلىغان رومانوس بۇ تەكلىپنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ، بۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «مەن سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك ۋە چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە بولغان قوشۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن پۇل ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. تىنچلىق پەقەت ۋە پەقەتلا سەلجۇقىيلارنىڭ پايتەختىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا بولىدۇ. مەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۆز دۆلىتىمگە ئىگە بولغاندەك ئىگە بولمىغىچە ھەرگىز ئارقامغا قايتمايمەن» ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن باش ئەلچى ئىبنۇل ماھلەباندىن:«ئىسفاھان شەھىرى گۈزەلمۇ، ھەمەدانمۇ؟» دەپ سورىغان.ئىبنۇل ماھلەبان:«ئىسفاھان» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىمپېراتور رومانوس: «ھەمداننى بەك سوغۇق دەپ ئاڭلىدىم، شۇڭا بىز ئىسفاھاندا قىشنى ئۆتكۈزىمىز، چارۋا ماللىرىمىز ھەمداندا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ » دېگەن. ئىبنۇل ماھلەبان ئۆزىنى ئەخمەق قىلغاندەك دېگەن بۇ سۆزلەرگە بۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «ھايۋانلىرىڭ ھەمداندا قىشلىشى مۇمكىن، ئەمما سىلەرنىڭ نەدە قىشلايدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن». رومانوس تۈركلەرنى ئاناتولىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۆلىتىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىشنى  ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپلا خام – خىيال قىلغاچقا،  ئىران، ئىراق، سۈرىيە ھەتتا  مىسىرغا ئۆز گېنېراللىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ بولغان. ئالىپ ئارسلان ئەمدى تىنچلىقنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا چارىنىڭ قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، قىلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پۈتۈن قوشۇنغا جىددىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىشقا ئەمىر بەرگەن.

بۇنداق قىيىن كۈنلەردە سۇلتاننىڭ ئىمامى ۋە غازىسى بۇخارالىق ئۆلۈما ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد، سۇلتان ئالىپ ئارسلانغا مەنىۋى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «ئەي سۇلتانىم، سەن ئاللاھنىڭ پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلغان ئىسلام دىنىي ئۈچۈن سوقۇشىۋاتىسەن. شۇ ۋەجىدىن پۈتۈن ئىسلام دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلار سېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان جۈمە كۈنى پېشىن ناماز ۋاقتىدا دۈشمەنگە ھۇجۇم قىل، مەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن زەپەرنى سېنىڭ ئۈستۈڭگە يېزىشىنى ئارزۇ قىلىمەن». شۇنىڭدەك باغداد ئابباسىيە خەلىفەسى قائىم بىئەمرۇللاھ بولسا، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى كۆڭۈل بۆلگەن بۇ مالازگىرت ئۇرۇشىدا ئالىپ ئارسلاننىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن، دۇئا مەتىنى تەيارلاتقۇزۇپ، جۈمە كۈنى بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامىزىدا ئوقۇشىنى بۇيرۇغان. بۇ دۇئانىڭ مەزمۇنى بۇنداق ئىدى:«ئاللاھىم ئىسلام بايرىقىنى يۇقىرى قىل ۋە ئىسلامغا ياردەم قىل! دۈشمەننىڭ بېشىنى ئەز ۋە تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىل! ساڭا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىپ، ساڭا ئائىت بولۇش ئۈچۈن بۇ يولدا قانلىرىنى ئاققۇزغان يىگىتلىرىمىزنى كۈچلەندۇر ۋە ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق يۇرتلىرىنى ئامانلىق ۋە غەلىبە خۇشاللىقى بىلەن تولدۇرىدىغان ياردەملىرىڭنى ھەرگىز ئايىما! مۆمىنلەر ئەمرىنىڭ بۇرھانى بولغان سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ سېنىڭدىن تىلىگەن ياردىمىنى ئايىما! سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن غەلىبىگە ئېرىشىپ، شەنىنى ئەتراپىغا يايسۇن ۋە زاماننىڭ زالىملىرى ئالدىدا تىك تۇرسۇن! سېنىڭ دىنىڭنى شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ تۇتۇش ئۈچۈن، ھەرۋاقىت تەسىرى بولىدىغان ياردىمىڭدىن ئۇنى مەھرۇم قىلما! ئۇنىڭ دۈشمەننىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈنىنى ئەتىگە يەتكۈز!  ئۇنى پەرىشتەلەر، پەرىشتىلەر بىلەن قوللا. نىيەت ۋە مەقسەتلىرىنى ياخشىلىق ۋە غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇر! چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئۇلۇغ ئىستەكلىرىڭ ئۈچۈن راھەتنى تاشلىدى، مال ۋە جانلىرىنى بۇيرۇقلىرىڭغا ئەمەل قىلىش غايىسى بىلەن يولۇڭغا ئاتىدى. چۈنكى سەن ‹ئەي ئىمان ئەتكەنلەر، جاننى ياقىدىغان بىر ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولىنى كۆرسىتەيمۇ؟

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنسەڭلار، ئۇنىڭ يولىدا جان ۋە مېلىڭلارنى تىكىپ ئۇرۇشىڭلار› دەپ بۇيرۇغان ئىدىڭ. سېنىڭ سۆزۈڭ ئەمەلىيلەشتى. ئاللاھىم! ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، بەندىلىرىڭنى قوغداش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىككىلەنمەي دۈشمەنگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان ۋە دىنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلىغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشنى نەسىپلەندۇر. ئۇلۇغ تىلەكلىرىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ياردەمچى بول، قازا ۋە قەدەرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ۋە ئوڭۇشلۇق بىر شەكىلدە تەجەللى ئەتتۈرگىن! ئۇنى شۇنداق بىر قوغدىغۇچىلار بىلەن قوغدىغىنكى، دۈشمەنلەرنىڭ ھەرتۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلىرىنى يوقاتسۇن ۋە ئىلتىپاتىڭ بىلەن بۇ قوغدىغۇچىلار ئۇنى گۈزەل سۈپەتلىرى بىلەن، ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ساغلام قوللىرى بىلەن قوغدىسۇن! قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى، ئۇنىڭغا قولايلىق قىل! شۇنداق قىلىش ئارقىلىق دۈشمەنگە قارشى ئاتلانغان بۇ قۇتلۇق كۈرەشتە زەپەر بىلەن نۇرلانسۇن! دۈشمەن گۇرۇھلىرىنىڭ، تىنچلىق يوللىرىنى كۆرەلمىگەن يولدىن ئازغان  كۆزلىرى كۆر بولسۇن! ئەي قېرىنداشلار توغرا نىيەت، مەقسەت ۋە ئاللاھتىن قورققان پاك يۈرەك بىلەن بىرلىك باراۋەرلىك باغچىسىدىن بەختكە ئېرىشكەن سۈپەت بىلەن ۋە ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئېتىقاد بىلەن سۇلتان ئالىپ ئارسلان ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ مۇناجات قىلىمىز! ئەي مۇسۇلمانلار ئالىپ ئارسلاننىڭ باھادىرلىق بىلەن دۈشمەنلەرنى يوق قىلىشى ئۈچۈن بايرىقىنى تىك قىل! زەپەرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مەقسىتىگە يېتىشى خۇسۇسىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز. ئاللاھىم! ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇر ۋە دۈشمەنلەرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بويۇن ئەگدۇر«!

1071- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى (جۈمە) تاڭ سەھەردە سۇلتان ئالىپ ئارسلان پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى توپلاپ، ئاتتىن چۈشۈپ، يەردە يۇكۇنۇپ تۇرۇپ بۇنداق دۇئا قىلغان:«ئەي ئۇلۇغ ئاللاھىم! سېنى ئۆزۈمگە ۋەكىل قىلدىم، بۇ ئۇرۇشتا ساڭا يېقىنلاشتىم؛ مۇشۇ تاپتا سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا سەجدە قىلىپ تۇرۇپتىمەن ۋە يالۋۇرۋاتىمەن. مۇشۇ ئېيتقان سۆزلىرىم مېنىڭ ھەقىقىي يۈرىگىمدىن چىققان سۆزلەر بولمىسا مېنى ۋە ياردەمچىلىرىمنى يەر بىلەن يەكسان قىل. ئەگەر ئىستەكلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمغا ياردەم قىلماقچى بولساڭ، بۇ جەڭدە دۈشمەنگە قارشى ماڭا ياردەمدە بول ۋە مېنى مۇزەپپەر بىر سۇلتان قىل.«!سۇلتان ئالىپ ئارسلان دۇئاسىنى قىلىپ بولۇپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۈستىگە كىيىۋالغان ئاق كىيىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئەسكەر ۋە قوماندانلارغا  بۇنداق خىتاب قىلغان:«مەن ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىغان مۇختەسىپلەردەك سەۋرلىك بىرسى بولىمەن ۋە ھاياتىمنى خەۋپ-خەتەرگە ئېتىپ، ئەسكەرلىرىمنىڭ ئالدىدا ئۇرۇش قىلىمەن. ئەگەر ئاللاھ مېنىڭ  ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مېنى غەلىبىگە مۇيەسسەر قىلسا، بۇ بىر ئۇلۇغ غەلىبە بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە  بولسا، ئوغلۇم مەلىكشاھنى ئورنۇمغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن».

ناھايىتى بۇيۇك ھاياجان ۋە زور ئىشەنچ بىلەن ئۆز سۇلتاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قوماندانلار ھېچ ئىككىللەنمەي ھەممىسى بىردەك «باش ئۈستىگە» دېگەن. شۇ كۈنى سۇلتان پۈتۈن قوشۇن بىلەن بىرلىكتە جۈمە نامىزىنى قىلغان ۋە نامازدىن كېيىن بۇنداق خىتاب قىلغان: «ئەي ئەسكەرلىرىم، قوماندانلىرىم! قاچانغىچە بىز ئازلىقتا، دۈشمەن كۆپلۈكتە بولۇشتەك بۇنداق ھالەتنى ساقلاپ تۇرىمىز؟ مەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىدلىرىدە بىزگە دۇئا قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلىرىدە، دۈشمەننىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. غالىب كەلسەك ئارزۇ قىلغان نەتىجىگە ئېرىشىمىز، ئەكسىچە بولغان تەقدىردە شېيىت بولىمىز. بۇ شەرەپكە  ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار مېنىڭ ئارقامدىن ماڭسۇن. خالىمىغانلار ئۆز ئىختىيارى، كەتسە بولىدۇ. بۈگۈن بۇ يەردە يا بۇيرۇق بېرىدىغان بىر سۇلتان، يا بۇيرۇق ئالىدىغا بىر ئەسكەر يوق، ھەممىمىز ئوخشاش. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىمەن. بىز تۈركلەر ئەزەلدىن بىرى قىلىپ كېلىۋاتقان بىرمۇقەددەس جەڭنى قىلماقچىمىز!». بۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغان قوماندان ۋە ئەسكەرلەر بىردەك:«ئەي سۇلتانىم بىز سېنىڭ ئەسكەرلىرىڭ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سەن نېمىنى قىلساڭ بىز شۇنى قىلىمىز! ساڭا ياردەمچى بولۇپ، ئۈمىدىڭنى ئاقلايمىز!» دېگەن. مانا شۇنداق داغدۇغىلىق مۇراسىم ئىچىدە دۇنيا تارىخىدا ئەڭ مەشھۇر ئۇرۇشلاردىن بىرى بولغان مالازگىرت جېڭى باشلانغان. ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا سەلجۇقلار قوشۇنى ئالىپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىغىدا ھەممىسى بىردەك تەكبىر ئېيتتىپ، ئىنسان روھىنى ھاياجانغا سالىدىغان چۇقان – سۆرەنلەر ئىچىدە نەرە تارتىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئالىپ ئارسلان بولسا، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرىگە كونا زامانلاردىن بېرى تۈركلەر قوللىنىپ كېلىۋاتقان بوزقىر ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىشلەتكەن. يەنى بىر چەتتىن جەڭ قىلىپ بىر چەتتىن ئاستا – ئاستا چېكىنىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى ئالداپ، ئۆزىنىڭ ئاساسى قوشۇنى يوشۇرۇنغان ئەپلىك جايغا ئالداپ ئەكەلگەن. ئاندىن ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىغا يوشۇرىنىپ ياتقان تۈرك ئەسكەرلىرى تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، دۈشمەننى زور زىيانغا ئۇچراتقان ۋە دۈشمەن قوشۇنلىرى تىرە – پىرەڭ بولۇپ، سەپلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن.

بۇ مەغلۇبىيەتنى كۆرگەن ئىمپېراتور رومانوس دەرھال ئاساسى قوشۇنغا باش بولۇپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. مول تاكتىكىغا ئىگە باش قوماندان ئالىپ ئارسلان ئەسكەلىرى بىلەن دۈشمەن قوشۇنى باشتا يېرىم چەمبەر شەكىلدە قورشاۋغا ئالغان، ئاندىن كېيىن پۈتۈن بىر چەمبەر شەكىلدە قورشاپ، دۈشمەن ئۈستىگە ئارسلاندەك ئىتىلىپ ئاجايىپ قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلغان. بۇ جەڭنىڭ بېشىدىلا رومانوس ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كىرالىق خىرىستىيان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئالىپ ئارسلان قوشۇنى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. دەرۋەقە، پۇل ئۈچۈن جەڭ قىلغان خىرىستىيان تۈركلەر ئوقيا ئىتىشقا ناھايىتى ماھىر بولۇپ، بۇلارنىڭ يۈز ئۆرۇشى رومانوس قوشۇنىنغا زور بىر زەربە بولغان. سەپلىرى بۇزۇلغان ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرى چارىسىزلىق ئىچىدە تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ۋە قوماندانلىرى قېچىپ كەتكەن. ئەمما، قىچىشقا ئۆلگىرەكمىگەن رومانوس ئەسىرگە چۈشكەن. ئالىپ ئارسلان ئەسىرگە ئېلىنغاندىن رومانوسنى ھېچ خورلىماي ئەكسىچە ناھايىتى ياخشى كۇتكەن ۋە خىزمىتىنى قىلىدىغان ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىن ئالدىغا چاقىرىپ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن تېچلىق شەرتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، رومانوس بۇنداق جاۋاب بەرگەن:«ئەي سۇلتان دۆلىتىڭنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ھەجلەپ ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن ئەسكەر توپلىدىم، ئەمما يەنىلا سەن غەلىبە قىلدىڭ، دۆلىتىم پەرىشان بولدى. مەن ئەسىرگە چۈشتۇم. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا مېنى ئازارلىما. ئۆتۈنۈپ قالاي ماڭا قاتتىق سۆزلەرنىمۇ قىلما. ئەمما، مېنى ئۆلتۈرسەڭ ئۆلتۈر». سۇلتان ئالىپ ئارسلان:«ئەگەر سەن غەلىبە قىلغان بولساڭ ۋە مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئەسىرگە ئېلىنغان بولسام. سەن مېنى نېمە قىلاتتىڭ؟» دەپ سورىغاندا، رومانوس مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىشلارنى قىلغان بولاتتىم». بۇنىڭغا جاۋابەن ئالىپ ئارسلان:«ھەقىقەتەن توغرا سۆزلىدىڭ. ئەگەر ئەكسىنچە دېگەن بولساڭ، ئۇ ۋاقىت يالغان سۆزلىگەن بولاتتىڭ». بۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئالىپ ئارسلان«رومانوسنى ئەقىللىك بىرسى ئىكەن، ئۇنى ئۆلتۈرسەك توغرا بولمايدۇ» دەپ، ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق كېلىشىم تۈزىگەن.

1- رومانوس ئۆزىنىڭ ھايات قىلىش بەدەلى ئۈچۈن 1.5 مىليون تىللا تۆلەيدۇ.

2- ۋىزانتىيە دۆلىتى ھەر يىلى سەلجۇقىيلار دۆلىتىگە 360 مىڭ تىللا باج تۆلەيدۇ.

3- ۋىزانتىيە قولىدىكى مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى شەرتسىز قويۇۋېتىدۇ.

4- ۋىزانتىيە دۆلىتى جىددىي پەيتلەردە سەلجۇق دۆلىتىگە ئەسكىرى ياردەمدە بولىدۇ.

5- رىم ئىمپېراتورىنىڭ  قىزلىرىدىن بىرىنى سۇلتاننىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىدۇ.

6- ئىمپېراتور ئىستانبۇلغا قايتىپ تەختىگە ئولتۇرغاندا ئانتاكيا، ئۇرفا، مۇنبىچ قاتارلىق شەھەرلەرنى سەلجۇقىيلار دۆلىتىگە قايتۇرىدۇ.

رومانوس بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىققان. لېكىن ئۇ بارغىچە ئورنىغا مىكائىل دۇكاسى ئىمپېراتور بولۇپ تەختىنى ئىگىلىۋالغان ۋە رومانوسنى قولغا ئېلىپ زىندانغا تاشلىغان ۋە 1072- يىلى 8- ئايدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. رومانوسنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىلەرمۇ بىكار بولغان. مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ شۆھرىتى دۇنياغا تارقالغان. پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرى تەبرىكلەرنى يوللىغان. بۇ غەلىبە يالغۇز ئىسلام دۇنياسىغىلا تەسىر قىلىپ قالماي بەلكى يەنە رىم ئىمپېرىيەسى ۋە پۈتۈن ياۋروپاغا تەسىر قىلغان. سەلجۇقىيلارنىڭ ئۇرۇش غەلىبىسىدىن كېيىن سۇلتان ئالىپ ئارسلان ئاناتولىيەنىڭ ھەممە يېرىنى ۋە سۈرىيەنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان. سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن پۈتۈن ياۋروپا شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تارىختىكى مەشھۇر خىرىستىيان ئەسكەرلىرىنىڭ سەپىرىنى باشلاتقۇزغان. شۇ سەۋەبتىن مالازگىرت ئۇرۇشى تۈرك ۋە دۇنيا تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان مۇھىم بىر تارىخى ۋەقەدۇر.

مالازگىرت ئۇرۇشىدىن كېيىن سۇلتان ئالىپ ئارسلان داۋاملىق ئىغۋا تۇغدۇرۇپ، ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقان كۆي ئوغلى ۋە غەربى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى شەمسۇلمۇلك ناسرىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلغان. ئالىپ ئارسلان 200 مىڭ كىشىلىك زور بىر قوشۇن بىلەن ئىلگىرىلەپ بەرزەن قەلئەسىنىڭ قوماندانى خارەزملىك يۈسۈپ بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرى كۈچلۈك قوشۇنغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى پەملىگەن يۈسۈپ تەسلىم بولماقچى بولغان. ئەمما لېكىن، ئالىپ ئارسلاننى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان ۋە تەسلىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ئۈچ بالىسى بىلەن بىرگە ئايالىنى بوغۇزلىۋەتكەن. سۇلتاننىڭ ئەسكەرلىرى تەسلىم بولغان يۈسۈپنى سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا يالاپ ئەكەلگەن. مانا مۇشۇ پەيتتە يۈسۈپ ئالىپ ئارسلاننىڭ قولىنى سۆيمەكچى بولۇپ ئېگىلگەن ۋە قوينىغا تىقىۋالغان خەنجەرنى چىقىرىپ سۇلتانغا ئارقا – ئارقىدىن سانجىغان. سۇلتان ئېغىر يارىلانغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي شېھىت بولغان. يۈسۈپنى ئەسكەرلەر نەق مەيداندىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. تارىختىكى بۇ تىراگېدىيەلىك ۋەقە دەل 1072- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر ئىسلام دۇنياسىغا تارالغان. بىر رىۋايەتتە بۇ ۋەقەنى بۇنداق بايان قىلىدۇ:

شەمسۇلمۈلك ناسرىنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى بولغان خارەزملىك يۈسۈپ بەرزەن قەلئەسىدە تۇتۇلۇپ، سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە. سۇلتان ئەسىرگە ئېلىنغان يۈسۈپنى تەھدىت قىلىپ قورقۇتقان. ئۇنى ئەكەلگەن ئىككى ئەسكەرگە قول – پۇتلىرىنى باغلاشنى بۇيرۇغان. ئاندىن سۇلتان ئوق يانى قولىغا ئېلىپ، يۈسۈپنى نىشانغا ئالغان، دەل مۇشۇ چاغدا يۈسۈپ:«ئەي زالىم سۇلتان، بىر ئەسىرنى مۇشۇنداق ئۆلتۈرىدىغان ئىش نەدە بار؟» دەپ سۇلتاننى ھاقارەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ، ئۇنىڭ باغلاقلىرىنى يەشكۈزۈۋەتكەن، ئاندىن كېيىن ئيانى كىرىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئاتقان. ئەمما لېكىن، ئوق تەگمىگەن، مۇشۇ كۈنگە قەدەر ئالىپ ئارسلان ئاتقان ئوق ھېچبىر زامان نىشانغا تەگمەي قالمىغان.بۇ ئەھۋالدىن تېڭىرقاپ قالغان سۇلتان دەرھال يۈسۈپ تەرەپكە قاراپ، ئۇدۇل ماڭغان. ئەمما، سۇلتان پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان يۈسۈپ، دەرھال تىقىۋالغان خەنجەرنى قوينىدىن چىقىرىپلا سۇلتاننىڭ ئۈستىگە ئىتىلىپ بېرىپ سانجىغان ۋە ئۆزىمۇ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ چاغدا ئېغىر يارىلانغان سۇلتان بۇنداق نەسىھەت قىلغان: «ئوغلۇم مەلىكشاھ ئورنۇمغا تەختى ۋارىسى بولسۇن. نىزامۇلمۈلك داۋاملىق ۋەزىر بولۇپ قالسۇن» ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي يەنى 1072-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شېھىت بولغان. ئۆلۈش ئالدىدا  يەنە بۇنداق دېگەن:«ھەر ۋاقىت دۈشمەن ئۈستىگە يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيتتىم. يارىلىنىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىققىنىمدا، ئەسكەرلىرىمنىڭ كۆپلۈكىدىن، قوشۇنۇمنىڭ ھەيۋەتلىكىدىن ئاستىمدىكى تاغ تەۋرىگەندەك تۇيۇلدى ۋە دەل شۇ چاغدا ئەقلىمدىن، مەن دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىمەن، ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ دېگەن كىبىرلىك ئويلار كەچتى. مانا مۇشۇلارنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، جانابى ھەق ئەسىرگە چۈشكەن ئاجىز بىر بەندىسىنىڭ قولى بىلەن مېنى جازالىدى. قەلبىمدىكى بۇ خاتا چۈشەنچىلەر ۋە بۇرۇن ئىشلىگەن گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، گۇناھلىرىمنى كۆچۈرۈشىنى تىلەيمەن.»

سۇلتان ئالىپ ئارسلان  جەسۇر ئەسكەرى قوماندان بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئۇلۇغ بىر دۆلەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىدا ئىلىم – مەرىپەتكە ناھايىتىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىلىم تەسىس قىلىدىغان مەدرىسەلەرنى قۇرغان. نۇرغۇن ياراملىق ئىلىم ئادەملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئىلىم – مەرىپەتنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مەدرىس ۋە ۋەخپىلەرنى قۇرۇپ چىققان. شۇنىڭدەك ئېسىل نەققاشلار بىلەن زىننەتلەنگەن مەسچىتلەرنى سالدۇرغان. سۇلتان ئالىپ ئارسلان يەنە ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغدادقا بېرىپ مۇدەررىسلىك قىلىش ئارزۇسىنى قوللىغان ۋە ئۇنى ئاباسىيە سۇلالىسىنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە تۈرك تىلى دەرسى ئۆتۈشكە تەيىنلىگەن. مەھمۇد كاشغەرىي باغدادقا بارغاندىن كېيىن خەلىپىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر«تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان.سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ «سىلەرگە شۇنداق بىر ۋەتەن ئالدىمكى، بۇ مەڭگۈ  سىلەرنىڭ بولىدۇ!» دېگەن بۇ مۇقەددەس سۆزىنى ئەسىرلەدىن بىرى تۈرك مىللىتى ئېسىدە ساقلاپ كەلمەكتە ۋە ئۇنىڭ جەسۇر روھىنى ئۆز مەنىۋىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تۈۋرۈكى قىلماقتا.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top