You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (9)

مەسئۇت ئەپەندى (9)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىستانبۇل خاتىرىلىرى

ياق-ياق! بۈيۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن،

زېمىن ئۆزى بىرەر چوڭ ئىمكان.

چوڭ ئىشلارغا تەييارمەن بۈگۈن،

مەندە قۇدرەت، ئارزۇ بىر جاھان.

«فاۇست» دىن.

قىش ئۆتۈپ باھار كېلىش ھارپىسىدا ئىستانبۇلنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان نەم سوغۇقلىرى ئوبدانلا پەسىيىپ، سامادىكى قۇياشنىڭ تەپتى جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىغان ئىدى. قاپالى چارشىنىڭ توققۇز قوۋۇقىنىڭ بىرى بولغان نۇرۇئوسمانىيە قوۋۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «باشقىلارغا ئېغىرلىقىڭنى سالماسلىقىڭ ئۈچۈن، تىرىشىپ ئىشلە، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياخشىغان ئادەم ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ» دېگەن شۇنچىلىك چىرايلىق يېزىلغان ھۆسنى خەتكە بىر كۆز ئېتىپ، ئىللىق كۈلۈپ قويغان يىگىرمە يەتتە ياشلاردىكى بۇ كىشى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئابدۇلھەمىت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە تۇغۇلغان كۈنى يەنى 1898- يىلى 12-  ئاينىڭ 30- كۈنى رەسمىي ئېچىلغان «گۈلخانە ھەربىي مېدىتسىنا ئاكادېمىيەسى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى مەسئۇت سابىرى ئىدى.

ئۇ ھەر قېتىم تۈركىستانلىق ھاجىلارنى ۋە تۈركىستاندىن تىجارەتكە كەلگەن باي سودىگەرلەرنى ئىستانبۇلنىڭ كىندىكىگە ئىنشا قىلىنغان بۇ ھەيۋەتلىك ئۈستى يېپىق بازارغا ئەكەلگىنىدە، ئۇستا خەتتات سامى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئەل – كاسىبۇ ھابىبۇللاھ» دېگەن ھەدىس – شەرىپىنىڭ شەرھىسى بولغان، ئاشۇ ئالتۇن قۇرلارنى ئوقۇغىنىدا ئۆز- ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ، نۇرلۇق يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىسى جۇلالىنىپ كېتەتتى. مەسئۇت سابىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە تۈركىستانلىق ھاجىلارنىڭ تىنماي سورىغان سوئال – سوراقلارغا جاۋاب بېرىپ ۋە ئۇلارنى ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيە ۋە سۇلتان ئەخمەت جامەلىرى قاتارلىق تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە يۇقىرى بىناكارلىق ماھارىتى بىلەن سېلىنغان ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى زىيارەت ۋە ئىبادەت قىلدۇرۇپ ۋە قايناپ تاشقىنلىققا تولغان بازارلارنى كەزدۈرۈپ ۋە دۇكاندارلار بىلەن قىلىنغان سودا – سېتىقلاردىكى باھا تالىشىشلار نەتىجىسىدە ھېرىپ ھېچ ھالى قالمىغان چاغلىرىدا، شۇ يالتىراپ تۇرغان چوڭقۇر ھېكمەتكە تولغان جۈملىلەرگە بىر كۆز ئاتاتتى – دە، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ھاردۇقلىرى چىقىپ، ئىچى يورۇپ، يەڭگىل بولۇپ قالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ توققۇز يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا، ئائىلىسىگە ھېچ ئېغىرچىلىقىنى سالماي، ئەنە شۇنداق ھاجىلارغا، تۈركىستانلىق باي سودىگەرلەرگە ياردەم قىلىپ تاپقان تاپاۋىتىگە تايىنىپ، جاپالىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرايلا دەپ قالغان ئىدى.

مانا بۈگۈنمۇ مەسئۇت سابىرى مەككە مۇكەرەمدىن ھەج تاۋاپىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، قايتىش يولىدا ئىستانبۇلغا ھەم زىيارەت ھەم تىجارەتكە كەلگەن تۈركىستانلىق ئۈچ ھاجىنى ئىستانبۇلدىكى بىر كۆرۈشكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قىممەتلىك جايلارنى ئايلاندۇرۇپ، قاپالى چارشىدىكى دۇكانلاردىن سوغا – سالاملارنى ئېلىشىغا ياردەملىشىپ بولۇپ، خوشلاشقاندىن كېيىن، نۇرۇئوسمانىيە قوۋۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئاشۇ خەتكە ئادىتى بويىچە بىر قارىۋېتىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى. بەزى بايۋەتچى ھەمشەھەرلىرى ئۇنىڭغا «ھەي، غۇلجىلىق مەسئۇت! سېنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇنچىلىك قىيىنچىلىقىڭ بولمىغاندىكىن، نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ئاۋارە بولۇپ، جاپا تارتىسەن؟» دېگەن سوئاللىرىغا، ئۇ دائىم «ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالمىغان ئادەم، ھەرگىزمۇ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بېرەتتى. دەرۋەقە ئۇنىڭ پۇلغا ئۇنچىلىك ئېھتىياجى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر جەھەتتىن تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنسا، يەنە بىر جەھەتتىن تاپقان تاپاۋىتىنىڭ كۆپىنى ئىستانبۇلدىكى يېتىم – يېسىرلارغا ئىئانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ھال خۇددى ئۆمەر ھەييامنىڭ مۇنۇ رۇبائىيسىغا تەققاس ئىدى:

بىر غېرىبنىڭ كۆڭلىنى قىلالىساڭ شاد،

ياخشىدۇر يەر يۈزىنى قىلغاندىن ئاۋات.

لۇتفۇڭ بىلەن بىردىلنى قۇل قىلىپ ئالساڭ،

ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى  قىلغاندىن  ئازاد.

دەرۋەقە ئىستانبۇل دېگەن بۇ شەھەردە قانچىلىك كۆپ باي بولغىنىدەك، شۇنچىلىك كۆپ كەمبەغەلمۇ پاناھلىنىدىغان ئاجايىپ سىرلارغا تولغان ماكان ئىدى. ئىستانبۇل يالغۇز ئوسمانلى ئوپېراتورلۇقىنىڭ پايتەختى بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە «دارۇلخىلافە » دەپ ئاتىلاتتى، يەنى ئىسلام خەلىپىسى تۇرىدىغان ماكان بولغاچقا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر شەھىرى بولۇپ ھېسابلىناتتى. جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى چۈشىدىغان ھەر غېرىچ  يېرى تارىخنىڭ ئىزنالىرى بىلەن تولغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى جۇغلانغان مۇقەددەس جاي ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئىستانبۇل مۇھەققەق فەتھى قىلىنىدۇ. بۇ فەتھنى قىلغۇچى ھۆكۈمدار نېمە دېگەن گۈزەل ھۆكۈمدار ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى  نېمە دېگەن باھادىر ئەزىمەت ئەسكەرلەر ھە !» دەپ خۇش خەۋەردىن بېشارەت بەرگەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىسلامنىڭ ئۈچىنچى خەلىپىسى ھەزرىتى ئوسمان رائىياللا دەۋردىن تارتىپ ئىسلام قوماندانلىرى تەرىپىدىن بۇ تىلسىمات شەھەرنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن پىلانلار تۈزۈلگەن. ئەمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋردە نەچچە قېتىملاپ ئەسكىرى يۈرۈشلەر بولغان. ئەمما بۇ شەھەرنى قورشاپ تۇرغان مۇستەھكەم  قەلئەلەرنىڭ پولاتتەك سېپىللىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلمەي سان – ساناقسىز شېھىتلەرنىڭ قانلىرى بىكارغا ئاققان ئىدى.

دەرھەقىقەت 1453- يىلىغا كەلگەندە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى 21 ياشلىق سۇلتان مەھمەد «يا مەن ۋىزانتىيەىنى ئالىمەن، يا ۋىزانتىيە مېنى ئالىدۇ» دەپ ئانت ئېچىپ، ئۆزىنىڭ جەسۇر قوماندان ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن ھۇجۇم باشلاپ، ئەڭ ئاخىرى 53 كۈن داۋام قىلغان قانلىق جەڭلەردىن كېيىن، 1453- يىلى 29- ماي تاڭ سەھەردە  قۇياش تېخى كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ، كونستانتىنپولىس دەپ ئاتىلىدىغان ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان، بۇ شەھەرنىڭ قەلئەسى ئۈستىگە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى تىكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مەھمەد ئۇلۇغ «فاتھ» ئۇنۋانىغا مۇيەسسەر بولۇپ، تارىختا فاتىخ سۇلتان مەھمەد دەپ ئاتالغان ئىدى. شانلىق تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمالىرىدىن بىرى بولغان فاتىخ سۇلتان مەھمەد كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپلا ئىلىم – ئېرپانغا ھېرىسمەن، قىلىچۋازلىققا ماھىر جەسۇر تەبىئەتلىك ۋە يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا پەۋقۇلئاددە ئىشتىياق باغلىغان شاھزادە بولۇپ، باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن قېتىرقىنىپ ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئۆز ئۇستازلىرىنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلغان. شۇڭا ئۇ، ئون توققۇز ياشتا تەختكە چىقىپ پادىشاھ بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۆز ئۇستازلىرىنى يېنىدىن ھېچ ئايرىمىغان. دائىم ئۇلار بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىرلىكتە قارارلارنى ئالغان. ئۆز ئۇستازلىرىنى شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلغان. بولۇپمۇ ئەڭ داڭلىق ئۇستازلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئاق شەمسەددىن بىلەن موللا گۈرەنىگە بولغان ھۆرمىتى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى ئالاھىدە نەزەرگە ئالغان. ئەنە شۇ چەكسىز ھۆرمەتنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزى كىچىك  تۇرۇپلا  شۇنچىلىك قۇدرەتكە  ئىگە بىر ئىمپېراتورلۇقنى ئىدارە قىلغۇچىلىك قۇدرەتكە نائىل بولغان. دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ  ئىستىقبالى ئۈچۈن مەنىۋى قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان ئۇستازلارنى ئۆز يېنىدىن ئايرىمىغان. ھەتتا ئىستانبۇلنى  فەتھى قىلىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە ھەيۋەتلىك نەرە تارتىپ كىرگەن چاغدىمۇ ئىككى يېنىدا ئىككى ئۇستازى بار ئىدى.

ئەنە شۇندىن مۇقەددەم  بۇ شەھەر تۈرك ۋە ئىسلام  دۇنياسىنىڭ قەلبى تەلپۈنىدىغان، ئىلىم تەسىس قىلىدىغان ۋە پاناھلىنىدىغان ھەم ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى يىمىرىلمەس قەلئەسىگە ئايلانغان. 1461- يىلى فاتىخ سۇلتان مەھمەد ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە پۈتۈن دۇنيا سودىگەرلىك كېلىپ سودا قىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى يېپىق بازار ھېسابلىنىدىغان 4000 مىڭدىن ئارتۇق دۇكان، 31000 كىۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلىگەن، 61 كوچىدىن تەركىب تاپقان ۋە ئالتۇنچىلار بازىرى، يىپچىلار بازىرى، دوپپىچىلار بازىرى، گەزمالچىلار بازىرى، ماشىنىچىلار بازىرى، يۇڭچىلار بازىرى، مارجانچىلار بازىرى، جۇۋۇچىلار بازىرى، يوتقان – كۆرپە بازىرى، مەتبەئەچىلەر بازىرى، رەسساملار بازىرى، ئەسەر- ئەتىقە بازىرى قاتارلىق 61 ئايرىم – ئايرىم كوچا بازارلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭدىن باشقا ئوندىن ئوشۇق مەسچىت ۋە مۇنچا، ھامماملىرى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قاپالى چارشىنى سالدۇرغان ئىدى. شۇندىن مۇقەددەم ئەسىرلەر بويى بۇ بازاردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ھېچ ئۈزۈلمىدى. بولۇپمۇ بۇ بازار تۈركىستان ئەللىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە ھەج تاۋاپىدىن قايتقان مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە ئالاھىدە مەپتۇن قىلاتتى. بازاردا يىڭنە – يىپتىن تارتىپ تا ئالتۇن – كۈمۈش ۋە ئېسىل سەنئەت بۇيۇملىرىغىچە بولغان توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. گاھ ئىشىكى ئوچۇق مىسكەچى دۇكانلىرىدىن تەلەڭگىلەرگە گۈل چېكىۋاتقان مىسكەرلەرنىڭ بولقىلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق سادالار ئاڭلانسا، گاھ دۇكان ئالدىدا خېرىدارلارنى ئىچىگە تەكلىپ قىلىپ، توۋلاۋاتقان ھۆپىگەرلەرنىڭ ئۆز ماللىرىنى ماختاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

گاھ بىر – بىرى بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ ئاۋازلىرى ئەتراپنى بىر ئالسا، گاھ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن ئۇششاق بالىلارنىڭ قىيقاس – چۇقانلىرى بازارنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ بۇنداق بازاردا قانچە ئادەم كۆپ بولغىنى بىلەن، يەنىلا ھۆپىگەرلەرنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇۋېتىشلىرى بولمايدىغان بولسا، شۇنچە ياخشى ماللارغىمۇ خېرىدارنىڭ نەزىرى چۈشمەي قالاتتى. چۈنكى زور كۆپ خېرىدارلار تاۋارنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن قىزىق گەپ چۈشمەيدىغان ھەييار ھۆپىگەرلەرنى  چوڭ بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!  بۇ بازاردىكى بارلىق شاۋقۇن – سۈرەنلەرگە، ھۆپىگەرلەرنىڭ ئاۋازى قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان جاراڭلىق ئەكس سادالار بەجايىكى ئەسىرلەردىن بېرى ئورتا ئاسىيانىڭ بوز دالىلىرىدا چاپقان چاپقۇر ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان ياڭراق ئاۋازلاردىن تەبىئىي ھاسىل بولغان يايلاق سىمفونىيەسىنىڭ مۇشۇ گۈزەل ئىستانبۇلدىكى ئەكس سادالىرىدەك مەسئۇت سابىرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردە ئۆزىنى تەنھالىقتا ھېس قىلمايتتى. يەنە كېلىپ دوقمۇش – دوقمۇشلاردىكى مۇنارلىرى كۆككە بوي تارتقان ھەيۋەتلىك سۇلتان ئەخمەت ۋە ئاياسوفىيە قاتارلىق جامەلەر بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ھەيۋىسىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىپ تۇراتتى ۋە ئۇلاردىن كۆتۈرۈلگەن مۇڭلۇق ئەزاننىڭ ساداسى ھەيۋەتلىك فوسفور بوغىزىدىكى دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ شاۋقۇنلىرى بىلەن بىرگە پۈتۈن ئالەمگە  يېيىلىپ، كىشىنى غەم – غۇسسىدىن خالىي قىلىپ، ئادەمگە مەنىۋى بىر قۇۋۋەت بېغىشلايتتى.

مەسئۇت سابىرى ئىستانبۇلغا يېڭىدىن كەلگەن چاغلىرىدا، ھالىڭ نېچۈك دەيدىغانغا يا ئاتا – ئانىسى، يا قوۋم -قېرىنداشلىرى يېنىدا يوق ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ ئىسسىق – سوغۇقىدىن، ئاچ – توقلۇقىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھېچكىمى يوقتى. مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا «ئىتتىھات ۋە تەراككىي » يەنى «بىرلىك ۋە تەرەققىيات» تەشكىلاتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا «گالاتا مەكتەبى سۇلتانى» ناملىق ئەڭ داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان ئىدى. بۇ مەكتەپ بولسا، ھازىرقى ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان «ئىتتىھات ۋە تەراككى» پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ھەربىي نازىر ئەنۋەر پاشا(گېنېرال)، ئىچكى ئىشلار نازىرى تەلەت پاشا ۋە تۈرك مىللەتچى ئىدېئولوگىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى تۇرغۇزۇۋاتقان زىيا گۆكئالپ قاتارلىق داڭلىق زىيالىيلارنىڭ دۆلەت ۋە تۈرك مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياراملىق يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدىغان يېڭىچە مائارىپ ئاساسىدا قۇرۇلغان مەكتەپ ئىدى. يەنى ئەنۋەر پاشانىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن گېرمانىيە گىمنازىيۇم مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا دەرس پىروگراممىلىرى تۈزۈلگەن مەكتەپ بولۇپ، بەزى دەرسلەر فىرانسۇزچە ئۆتۈلەتتى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي، پەلسەپەسىنى ئاساسلىق دەرس قىلىپ تۇرۇپ، تۈرك مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلاتتى.

بۇ مەكتەپ يەنە يۇقىرىقى دەرسلەردىن باشقا تەنتەربىيە دەرسلىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، قاتتىق ھەربىي تۇزۇم بويىچە چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارغا ھەربىي ئىنتىزامنىمۇ ئۆگىتەتتى. شۇڭا ئىستانبۇلدىكى بۇ مەكتەپكە تۈرك دۇنياسىدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەرخىللىرى كېلىپ ئوقۇيتتى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى مۇشۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەسئۇت سابىرى ھازىر ئوقۇۋاتقان «گۈلخانە ھەربىي مېدىتسىنا ئاكادېمىيەسى » گە ئوقۇشقا كىرىپ غەربچە تېببىي ئىلمىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە يەنە ھەربىي ئىلىملەرنى ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئوقۇۋاتاتتى. ئابدۇراخمان شاھىدى بولسا دارىلمۇئەللىمىن بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كىرىپ پېداگوگىكا ئىلىملىرىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ۋە تۈرك تارىخىدىن بىلىم ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئىككى ياش تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرى ھېسابلىنىدىغان ھۇنلارنىڭ تارىخىي ۋە كۆك تۈركلەر تارىخىي، قاراخانىيلار تارىخىي ۋە سەلجۇقىيلار تارىخلىرىنى ھەمدە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخلىرىنى ناھايىتىمۇ ئەستايىدىل ئۆگەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى سەلجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولغان سۇلتان ئالپئارسلان بىلەن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەدنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ تا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيە بىلەن مۇشۇ ياۋروپا زېمىنلىرىغىچە كېلىپ، شانلىق ئىمپېراتورلۇقلارنى قۇرغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان تارىخلار ئىدى.

ئۇلار قەھرىمان ئەجدادلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭلەرنى قىلىپ، ئۆز ئەقىل – پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ، تارىختا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغانلىقىنى ئويلىقىنىدا، ئۆزلىرى بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە قالاتتى. ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدا، ئۆز زېمىنلىرىدا تۇرۇپمۇ، باشقىلارغا بوزەك بولۇپ، بىر دۆلەت قۇرالماي تا بۈگۈنگىچە زەبۇنلۇق ئىچىدە، چىننىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىدىن نومۇس قىلىپ، ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك كارغا كەلمەس ھېس قىلىپ قالاتتى. تولا چاغلاردا مەسئۇت سابىرى خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، فوسفور بوغۇزىنىڭ لېۋىدىكى قۇرام تاشلار ئۈستىگە چىقىپ، چەكسىز دېڭىزنىڭ تاغدەك كۆتۈرۈلۈپ يەنە پەسلەپ تۇرىدىغان دولقۇنلىرىغا قاراپ تۇرۇپ، سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ بوز ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئاناتولىيە زېمىنلىرىغا يۈرۈش قىلغان ھەيۋەتلىك سىيماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى ۋە يەنە سۇلتان ئالىپ ئارسلاننىڭ باھادىرلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇرۇشلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ئات تۇياقلىرىنىڭ، قىلىچ ۋە قالقانلارنىڭ ساداسى قۇلاق تۆۋىدە ئاڭلىنىۋاتقاندەك بولۇپ، تەپەككۇر تۇلپارلىرىنى ئاشۇ زامانلارغا چاپتۇراتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top