You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (8)

مەسئۇت ئەپەندى (8)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۈگۈن غۇلجا شەھەرنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىغان بوستان كوچىسىدىكى سابىرھاجى ئائىلىسىنىڭ يوغان ئېچىلغان دەرۋازىسىنىڭ ھاۋا رەڭ ئىككى قانىتى بەجايىكى مۇشۇ مەھەللىگە قادالغان ئىككى بايراقتەك سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ كەتكەن ئىدى. قورۇنىڭ ئىچىگە ئېسىلغان يوغان داشقازاندا پۇرۇقلاپ قايناۋاتقان قوي گۆشىنىڭ مەززىلىك ھىدى مەھەللىگە تاراۋاتاتتى. قۇرۇتۇلغان يالپۇز، رەيھان ۋە زەپە ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان چايلار سېلىنغان چەينەكلەرگە چوڭ ساماۋەردە قايناۋاتقان قايناق سۇلار كوكۇرتۇپ قۇيۇلۇپ دەملىنىۋاتاتتى. چىرايلىق ئەتىرگۈل سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن رۇس پەتنۇسلىرىنىڭ ئۈستىگە تىزىلغان قەنت – گېزەكلەر دالان ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ، ساراي ئۆيدىكى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا تارتىلىۋاتاتتى. تۈۋرۈك ۋە لىملىرى چىرايلىق ھاۋا رەڭدە سىرلانغان پېشايۋانغا قاراپ ئېچىلىدىغان دېرىزىلەرنىڭ قاپقاقلىرى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى مېھمانلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

مەسئۇتنى ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئۇزىتىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەرىكىگە داخىل بولۇشقا كەلگەن مېھمانلارنىڭ قورۇغا كىرىپ – چىقىۋاتقانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پوزۇر ياسىنىۋالغان مەسئۇت بىلەن سابىر ھاجى بولسا، يۇرت چوڭلىرى ۋە مەھەللە جامائىتى قاتارلىق يىراق – يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئاللاھ نېسىپ قىلسا، ئۇ ئەتە دوستى ئابدۇراخمان شاھىدى بىلەن ئىستانبۇلغا يولغا چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەس – ھوشى ھازىر ئىستانبۇلدا ئىدى. ئىستانبۇل ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان بىلىم بۇلىقى ئىدى. ئۇنىڭ بىلىمگە تەشنا يۈرىكى ئاشۇ سۈپسۈزۈك بىلىم بۇلىقىغا تەلمۈرۈپ سوقۇۋاتاتتى. ئۇ تېزراق بۇ بۇلاقنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە دۈم پېتى چۆكۈپ كەتكۈسى كېلەتتى.

گەرچە بۇ ياشتىكى يىگىتلەر بۇنداق چاغلىرىدا قىزلارغا كۆز قىسىپ، مۇھەببەتكە تازا تەلپۈنىدىغان، ئۇ گۈلدىن بۇ گۈلگە قونۇپ، ھەر گۈلنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇسى كېلىپ، شاشلىشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما مەسئۇتتا ئۇنداق بىر ھەۋەس ۋە ئوي يوق ئىدى. ئۇ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قەلبىنى، روھىنى بىلىم ئارقىلىق زىننەتلەشنىلا ئويلايتتى. ئۇنىڭ قىزلارغا بولغان ھېسسىياتىنى بىلىمگە بولغان ھېسسىياتى بېسىپ چۈشكەن ئىدى. ئۇ بىلىم ئىشقىدا مەجنۇن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپ يۈرگەن، ئۆز ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىپ پۇچۇلىنىپ كېتىۋاتقان بىر تام قوشنىسى ساۋۇت ئاكىنىڭ قىزى ئاسىيەنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىغا، قۇدۇق بېشىدا ئۇچرىشىپ قالغاندا ئۇزۇن تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان قاپقارا ئۆرۈمە چاچلىرىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ ئويناشلىرىغا، سۈپسۈزۈك ئەينەكتەك پېشانىسىگە چۈشۈپ تۇرغان تال – تال چاچلىرى نازۇك ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن نازلىنىپ تاراشلىرىغا، كۆزلەر ئۇچرىشىپ قالغاندا تاغ ئالمىسىدەك قىزىرىپ، كۆزلىرىنى ئىتتىك ئەپقېچىشلىرىغا، سالاملاشقاندا قاردەك ئاق چىشلىرىنى يېپىپ تۇرغان جېنەستىدەك لەۋلىرىنىڭ تىترەشلىرىگە ھېچ پەرۋا قىلمىغان ئىدى. ئاسىيەنىڭ شۇ ھالى ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىكى «جانان قىز»نىڭ مۇنۇ ھاللىرىغا تەققاس كېلەتتى:

جان ئىچىدە جانان قىز،

جانغا ئوتنى ياققان قىز.

ياخشىلارنى كۆرگەندە،

ئالمىدەك قىزارغان قىز.

بىلدۈرمەستىن سىرىنى،

تاشلاپ كۆزىنىڭ قېرىنى.

تاڭ قالدۇرۇپ بەرىنى،

ناز قوينىدا ياتقان قىز.

دېمەك لەيلىنىڭ ئىشق ئازابىدىن مەجنۇن بىخەۋەر ئىدى. دېمىسىمۇ بۇ ھاياتتا تالاي –  تالاي لەيلىلەر ئۆز قەلبىدىكى مەجنۇنلارنىڭ يۈرىكىنى ئۇتالمىغان ۋە تالاي – تالاي مەجنۇنلارمۇ ئۆز قەلبىدىكى لەيلىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالمىغان، ئاشىقسىز مەشۇق ۋە مەشۇقسىز ئاشىقلار تۈمەن مىڭ ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر بىتەرەپلىك بىتەلەي ئاشىقسىز مەشۇقلاردىن بىرى ئاسىيە ئىدى. ئاسىيە مۇشۇ مەھەللىدىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەدەپلىك، نومۇسچان قىزلارنىڭ بىرى ئىدى. قىز مەسئۇتتىن بىر ياش كىچىك بولۇپ، مەسئۇتنىڭ بويىنىڭ يېنىدا كىچىك قىزلاردەكلا كۆرۈنىدىغان ئاسىيەنى، مەسئۇت ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەكلا كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ قىزنى كۆرگەندە خۇددى ئۆزىنىڭ سىڭلىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسئۇت كۈن بويى كىتابتىن بېشىنى كۆتەرمىگەچكە قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان مەيلىنى ھېچ پەرق ئەتمىگەن ئىدى. ھەر ئادەمنىڭ بۇ ھاياتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىسى، بىر غايىسى بولىدۇ. مەسئۇتنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى كىتاب، غايىسى بولسا ياخشى بىر مۇئەللىمىم ياكى بىر ھېكىم بولۇش ئىدى. ئۇ ئۆز غايىسى ئۈچۈن، توختىماي تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتاتتى. شۇتاپتا مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مەسئۇت، يەتتە پەخشىلىك پاسىل تامنىڭ ئارقىسىدىكى ئالمىلىق باغدا ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتىنى تۈندەك قاپقارا يوغان كۆزلىرى بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان ئاسىيەنى نەدىنمۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن دەيسىز.

ئاسىيە ھازىر ئۆزىنىڭ بېغىدىكى ھېچ مېۋىسى قالمىغان بىر تۇپ يوغان لىمون ئالما دەرىخىنىڭ توم بىر شېخىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، خۇددى بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئايدەك ئۆزىنى يوپۇرماقلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ تۇرۇپ، مېھمانلارنى ئۇزىتىش، خوشلىشىش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان قورۇدىكى مەسئۇتقا ئىنس – جىنغىمۇ تۇيدۇرماي قاراپ تۇراتتى. قىزنىڭ يۈرەك – باغرى بىرىنچى مۇھەببەتنىڭ ئىشق ئوتىدا كاۋاپ بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى. مەسئۇتنىڭ كېلىشكەن چىرايى قىزنىڭ قەلبىدە پاتماس قۇياشتەك ئىدى. قىزنىڭ ئىنسانلىق ماھىيىتىدىن بۇنداق قىلىشقا ھەققى بار ئىدى. دەرۋەقە مۇھەببەت توغرىسىدا ئىبنى سىنا بۇنداق دېگەن:«مۇھەببەت پۈتكۈل ئالەمنىڭ كامالەتكە، ئەۋزەللىككە ئىنتىلىش قانۇنىدۇر. ئىنساندىكى مۇھەببەت، ھەتتا ياخشى كۆرۈشكەن جىنس ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئۇشبۇ ئالەم ئىنتىلىشىنىڭ ئەقىلدان تەبىئىتىدىكى ئىپادىسى». دەرھەقىقەت، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىنساننىڭ تەبىئىي ھەققى. بۇ دېگەن كۆڭۈل ئەركىنلىكىگە مەقبۇل بولغان مۇھەببەت. ئەمما ئاسىيە بىر قىز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا، ئوغۇللاردەك ئۆز مۇھەببىتىمىزنى دادىللىق بىلەن ئىزھار قىلىدىغان جاسارەتكە كامىل ئەمەس. ھەم قىزلار بۇنداق قىلىشنى «نومۇس» بىر ئىش دەپ بىلىدۇ. مۇشۇ زامان، مۇشۇ ماكاندا بىر قىزنىڭ بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشنىڭ ئۆزىنى ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ مىسقاللىق تارازىسىدا تارتىدىغان بۆھتانچى جامائەت، مۇتلەق ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايتتى. ئەمما ئوغۇل بالا ئۈچۈن بەرىبىر، مەيلى قىز ئۆزىنى ياخشى كۆرسۇن ۋە ياكى كۆرمىسۇن ئۆز كۆڭلىدىكىنى دەۋېتىپلا قاراپ تۇراتتى. دېمەك ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن، بۇ زاماندىكى ھەممە ئىشلار نېمە دېگەن ئاسان ھە، خالىسا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالايدۇ، قىزلارچۇ؟ قىزلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ ئۆزى بىر «گۇناھ». قىزلارنىڭ ھايات تەرزى ھەر تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشى باشقىلا تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لىمون ئالما دەرىخىنىڭ شېخىدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئاسىيەنىڭ تەقدىرىمۇ ئۆزىدىن بىخەۋەر ئاللىقاچان ئاتا – ئانىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن پىچىلىپ بولغان ئىدى. ئاسىيەنىڭ تەقدىرى خۇددى رەھىمسىز ئوۋچى يىراقتىن نىشانغا ئالغان ياپيېشىل چۆپلەر ئارىسىدا ئوتلاپ يۈرگەن كېيىكنىڭ تەقدىرىگە ئوخشايتتى.

كۈزنىڭ شامىلىدا يەڭگىل شىلدىرلاۋاتقان لىمون ئالمىسىنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ سارغايغان يوپۇرماقلار ئىچىدە بىر جۈپ قارا كۆز مەسئۇتنىڭ ئېگىز زىلۋا بويۇنى باشتىن – ئاياق كۆزىتىپ، دەل مۇشۇ تۇرقى بىلەن سۈرەتكە ئېلىپ، ئۆزىگە مەڭگۈ ئۆچمەس خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن فوكۇسنى توغرىلاپ تۇراتتى. گەرچە ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈپ قىلىشىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرىسىمۇ، ئەمما قىز ئۈچۈن، بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بولغاچقا بۇنداق بىر تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيتتى. باشقىچە ئەزگۈ ھېسسىياتقا غەرق بولغان قىز:«ياق، مەسئۇت چوقۇم ئۆز يۇرتىغا، مەھەللىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. مۈشۈك جېنىدا كۆزىنى تېڭىپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەن يەردىن ئۆيىنى تېپىپ قايتىپ كېلىدىغۇ، مەسئۇت مەسئۇلىيەتچان يىگىت تۇرسا نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەلمەيدىكەن؟» دېگەن ئويلارنى ئەقلىدىن كەچۈرۈۋاتاتتى.  بىردىنلا تەئەججۈپلەنگەن قىز يەنە :«بۇ ھاياتتا ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلۇش نېمە دېگەن بەختلىك بىر ئىش ھە!، كاشكى ھەر ئادەمنىڭ ئۆز جىنسىنى تاللاش ئەركىنلىكى بولغان بولسىچۇ. ئەگەر شۇنداق ئەركىن تالاش ھوقۇقۇم بولىدىغان بولسا، ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا مەسئۇتتەك ئوغۇل بالا بولۇپ، تۇغۇلۇشنى تاللىغان بولاتتىم. مەسئۇت مەكتەپكە بارىمەن دەپ بارالىدى. مەنچۇ؟ شۇنچە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسىمۇ، ئاتا – ئانام ‹بۇ شەھەردە قايسۇ بىر قىز بالىنىڭ ئوقۇغىنىنى كۆردىڭىز؟ قىز بالىنىڭ ئوقۇشى ھارام› دەپ، ‹ئوقۇيمەن!› دېگەن سۆزنى ئېغىزىمدىن چىقارغىنىمغا تۇيغۇزۇۋەتتى. تېخى ئەتە مەسئۇت جاھاننىڭ ئۇ ئۇچىدىكى ئىستانبۇل دېگەن شەھەرگە ماڭىدۇ، دېڭىز، ئوكيانلارنى كۆرىدۇ.

دېمەك ئوغۇل بالىلارغا ياردەم قىلىدىغان قانداقتۇ بىر سىرلىق كۈچ بار. ئەنە شۇ كۈچ دائىم ئۇلارنى قوللاپ -قۇۋۋەتلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە. ئۇلارنى شۇنچىلىك قەيسەر، ئىرادىلىك قىلغان ئەنە شۇ يوشۇرۇن كۈچ. بىز قىزلارغا كەلگەندە بۇنداق يوشۇرۇن سىرلىق كۈچ ياردەم قولىنى سۇنمايدۇ. ياردەم قىلمىغاننى ئاز دەپ تېخى دائىم يولىمىزنى توراپ، ئارزۇلىرىمىزغا چوماق سوقىدۇ، ئۆز تەقدىرىمىزنى بەلگىلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇنداق قارشىلىق كۈچ ھەربىر قىزنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىچىدىلا بار. يىراقتىن ئىزدەشكە نە ھاجەت. ھەممە ئائىلە ئوخشاش. چۈنكى بۇ ئائىلىلەر ئوخشاش بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى. ئائىلە دېگەن شۇ جەمئىيەتتىكى ئەنئەنىلەرگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان تۇرسا. ئەگەر بىر ئائىلىسىنىڭ قىزىنى ‹مەكتەپتە ئوقۇدى› دەپ قىياس قىلساق، چوقۇم پۈتۈن جەمئىيەت ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە بىز قىزلار ئۈچۈن نېمە دېگەن ناھەقچىلىق كۆپ ھە!؟ ئەمما ئوغۇللار ئۇنداق ئەمەس، پەقەت بىز قىزلارنىڭلا ئەركىن ئىرادىسى بويىچە قىلىنغان ئىستەكلىرى رەت قىلىنىدۇ. بىرسىنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ئالەمنىڭ نىزامى قىزغا قاراپ تېگىشىدۇ. گەرچە روھ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرى ئوخشاش بولسىمۇ، ئاشۇ ئۇلۇغ غايىلەر ئۈچۈن، بۇ دۇنياغا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس بىر جىنسىنىڭ ئىستەكلىرى قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بىر جىنسىنىڭ رەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ دۇنيانىڭ ئادالىتى. ئارزۇ- ئارمانلار ئوغۇللارنىڭ بەختى ئۈچۈن تەققاس بولسا، قىزلارنىڭ قايغۇ- ھەسرەتلىرىگە تەققاس» دېگەن ئوي – پىكىرلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى.

تۈنۈگۈنلا ھېچنېمىنىڭ غېمىنى قىلماي، گۈلدىن – گۈلگە قونۇپ ئۇچۇپ، كېپىنەكتەك بەختىيار ئويناپ يۈرگەن ئاسىيە، بۈگۈن گۈل يۈزىنى غەم بۇلۇتلىرى باسقان، روھى ھالىتىدە شادلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان قىياپەتتە، قاپىقىنى سولغۇن گۈلدەك تۇرۇپ، ئالما شېخىدا ئولتۇراتتى. كۆكتىكى يالتىراق قۇياشنىڭ ئالما شاخلىرى ئارىسىدىن سىيرىلىپ چۈشكەن تەپتى يوق نۇرى، قىزنىڭ يۈزىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. سەلكىن شامال بولسا، قىزنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى نەمدىگەن ياشلىرى بىلەن بىرگە قەلبىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنىمۇ قوشۇپ، خۇددى تاڭ سۈبھىسىدە قىزىل گۈل ياپراقلىرىغا قونغان شەبنەمنى تىترىتىپ ئۇچۇرتقاندەك ئۇچۇرتۇپ كېتىۋاتاتتى. تىپتىنچ باغ بولسا سۈكۈناتىنى بۇزۇپ، كۈز ھاۋاسىدا قىپقىزىل قىزارغان قوينىدىكى كۈزلۈك ئالمىلارنى، مەسئۇتنىڭ قورۇسىدىكى مېھمانلارغا كوزا – كوزاڭ قىلماقچى بولغاندەك تەۋرەنمەكتە ئىدى.ئاسىيەنىڭ يەلكىسىگە خۇددى كۆرۈمسىز پەرىشتەلەرنىڭ قاناتلىرى تەگكەندەك، لىمون ئالمىنىڭ يوپۇرماقلىرى ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. قىز دەل شۇ مىنۇتلاردا تەقدىر قەلىمىدە پېشانىسىگە يېزىلغان قىسمىتىگە تەن بېرىدىغان بىر ھېسقا كەلگەندەك بولدى. كەلمەستىن نە چارە.

بۇ ۋاپاسىز ھاياتتا قىزلار ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەقدىرنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈشتىن باشقا ئامال يوق. قىزنىڭ كەلگۈسى مۇشۇ باغنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدەك قاراڭغۇ، ھاياتى مۇشۇ شەھەردىكى مىڭلىغان قىزلارنىڭ ھاياتىدەك بەختسىز. ئۇ ھازىر يىراقتا تۇرغان ئوۋچى نىشانغا ئالغان كەكلىكتەك، باشقىلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان نىشانغا ئېلىنغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنىڭ ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۇرمۇشلۇق ئىشىنى باشقىلار بىلەن پۈتۈشۈپ بولغانلىقىدىن بىخەۋەر بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق بىر قاباھەتلىك كۈننىڭ ھامان بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى، ھەدىلىرىنىڭ تەقدىرىگە قاراپ قىياس قىلىپ بولغان ئىدى. ئىنسانغا ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ئوغۇللار ئاۋانگارت ئىدى، ئەمما قىزلار بۇنداق كۈرەش قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم ئىدى. قاتمۇ- قات ئادەت، ئەنئەنىلەر بىلەن چۈمكەلگەن پاسسىپ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە قىزلارنىڭ تەقدىرى ئوغۇللارنىڭ ئىنسابىغا قالغان. شۇڭا قىزلار بۇ ھاياتتا بەختلىك ياشاش ئىستىكىدىن شۇ قەدەر تېز ۋاز كېچىدۇ.

ئاسىيە، قۇياش بارغانسېرى پېتىپ قان رەڭگىگە كىرىشكە باشلىغاندا، بولۇق ئوت – چۆپلەر ئارىسىدىن چىققان توشقاندەك ئالما شاخلىرى ئارىسىدىن چىقىپ، يەرگە ئاستا سىيرىلىپ چۈشتى. ھېلىمۇ ياخشى، بۇ چاغدا ھېچكىم كۆرمىدى. قەلبى ئۆرتەنگەن قىز، ئالتۇن زەررىچىلىرىنى چېچىۋەتكەندەك جۇلالىنىپ تۇرغان دولقۇنسىمان گەۋدىسى لەرزان قەدەم بىلەن يۆتكەپ، باغدىن ئۆيگە تەرەپكە قاراپ سوقما تامنى ياقىلاپ ماڭدى. تام ياقىسىدا  قىزىل ئېچىلغان قوناق گۈللەر، سېرىق سەبدە بىلەن چۇغلۇق ۋە زەڭگەر رەڭ كاككۇك گۈللىرى ئۇنىڭ شېكەستىلەنگەن قەلبىگە ھەمراھ بولغانتى. قىز مەسئۇتنىڭ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەغرۇر تۇرغان سىيماسىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

تۈن قوينىدا ئۇيقۇغا پاتقان مەھەللىنىڭ قويۇق تېرەكلىرى كۈز شامىلىدا شىلدىرلايتتى. پۈتۈن شەھەر ئانا يۇرت قۇچىقىدا شېرىن چۈش كۆرۈۋاتاتتى. مەسئۇت ۋە ئابدۇراخمان شاھىدىلارمۇ بۇ شېرىن چۈشكە داخىل بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چۈشىگە ھەم خۇشاللىق ھەم قايغۇ مۇجەسسەملەنگەن. ئەمما ئاسىيەنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇسىز. ئۇ پۈتۈن شەھەرنىڭ غەم – قايغۇسىنى ئۆزىنىڭ نازۇك گەۋدىسىگە يۈكلىۋالغان ئىدى. بۇندىن كېيىن ئۇ قۇدۇق بېشىغا ئەپكەش كۆتۈرۈپ ماڭغاندا ئۇنىڭ چىرايىدا مۇڭ – زاردىن باشقا بىر شادلىق كۆرۈلمەيدىغانلىقى بۈگۈندىن باشلاپ مەلۇم بولغانتى. قىزنىڭ شىكەستىلەنگەن پاك قەلبىنى،

ئاي يۈزلۈكۈم، تال بويلۇقۇم،

يىراققا كەتسەڭ نە قىلاي.

ساڭا كۆيگەن بۇ كۆڭۈلنى،

ئەمدى كىمگە خار قىلاي.

دېگەن ناخشىلارنىڭ مىسرالىرى ئەسىرگە ئالغان ئىدى. ئەگەر كىمكى ئاڭلاپ باقمىغان بولسا، ئىلى خەلقىنىڭ يېگانە ئاشىقسىز مەشۇقلارغا ئاتاپ ئېيتقان ئاشۇ قەسىدىلەرگە قۇلاق سالسۇن. ئەلۋەتتە بۇ قەسىدىلەر يېگانىلەرگە ۋە يېگانە ئەمەسلەرگىمۇ خاستۇر. دەرھەقىقەت بۇندىن كېيىن قىزنىڭ كۆڭلى خار، كەلگۈسى تۇمانلىق. ئاتقان تاڭلار كۈتۈش بىلەن ئۆتىدۇ، پاتقان كۈنلەر ئارمان بىلەن بىرلىكتە پاتىدۇ. ئاھ، بىرىنچى مۇھەببەت! قىزنىڭ مۇھەببىتى شۇنچىلىك ساپ، شۇنچىلىك ئاددىي، شۇنچىلىك ساددا ئىدىغۇ. مانا بۇ ئاشىقسىز مەشۇق. بۇ دۇنيادا ئاشىقسىز مەشۇقنىڭ، مەشۇقسىز ئاشىقنىڭ ئازابىدىن بەتتەر ئازاب بارمىدۇ؟!

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top