You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » تۇنجى قېتىملىق «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەشرىپى» پىروگىراممىسى ئىستانبۇل سەفاكۆيدە ئۆتكۈزۈلدى

تۇنجى قېتىملىق «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەشرىپى» پىروگىراممىسى ئىستانبۇل سەفاكۆيدە ئۆتكۈزۈلدى

2023-يىلى 05-ئاينىڭ 06-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بولغان سافا كۆيدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى تەرىپىدىن 5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇنجى قېتىملىق «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەشرىپى» پىروگىراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.

تارىختىن بۇيان كۆپ تەرەپلىمىلىك رولى ۋە تەربىيۋى ئەھمىيتى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك ئەنئەنىۋىي مىراسلىرىمىزدىن بولغان مەشرىپىمىزنىڭ باشلىنىشى ھەممىمىزگە خۇشاللىق ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىش بىرگە، مىللىي روھىمىزنىڭ ئۇرغۇشىغا ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇپتا تەسىر كۆرسىتىپ، يىراق -يېقىندىن كەلگەن قېرىندشلىرىمىزنى مەشرەپ شادلىقىغا چۆمدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇشبۇ مەشرىپىمىز تۇنجى قېتىملىق ئۆتكۈزۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە سىرىتقا يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، بۇ قېتىملىق پىروگىراممىمىزغا مۆھتىرەم ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازلىرىمىز، قىز-يىگىتلىرىمىز ۋە ئۆسمۈرلىرىمىز بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتكە سېلىنغان ئاددىيغىنە داستىخىنىمىز، يىراق-يېقىندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە كىيىملىرى، مېھمانلارنىڭ باشلىرىدىكى يۇرتلارنىڭ خىلـمۇ-خىل ئەنئەنىۋىي دوپپىلىرى، دۇتار ۋە ساتار كۆتۈرۈپ پائالىيەتكە قاتناشقان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ نۇمۇرلىرى ۋە شېئىر -قوشاقلار پىروگىرامما كەيپىياتىنى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ بەك يۇقىرى كەيپىياتقا ئىگە قىلدى.

پائالىيەتكە كەلگەن كىشلەرنىڭ يۈزىدىن ئىپادىلىنىۋاتقان خۇشاللىق سىيماسى ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلەن بىقىلغان مېھىرلىك كۆزلەر، پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ سەبىي قەلىبلىرى بىلەن ئەتراپىمىزدا پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ ئويناشلىرى قوشۇلۇپ گۈزەل ۋەتىنىمىز زىمىنىنىڭ بىر پارچىسىدا تۇرغاندەك ھىسياتقا تەسۋىرلىگۈسى ۋەتەن سېغىنچىغا ۋە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ھاياجانلىق تەمىگە بىر لەھزە بولسىمۇ كىرىپ، مۇھاجىرەتتىكى بىر پارچە ۋەتەن كارتىنىسىغا ئايلاندۇق.

پائالىيتىمىز سەردار زارئوغلى ۋە ئابىدە ئابباس نەسرىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىيسى ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ۋە ئۇيغۇر دوپپا ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتى بىلەن باشلاندى.

 

ئارقىدىنلا ئۇزۇن يىللىق تېلىۋېزىيە ئىستانسىدا ئىشلەش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەلگە تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى يۇنۇسجان توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەشرىپى ھەققىدە سۇنغان دوكلاتى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر بىرەيلەننىڭ قەلبىدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىگە بولغان ئومومىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىپلا قالـماستىن، مەشرەپ سۆيگۈسى مەشرەپكە ئىنتىلىش ئىزنالىرى پەيدا قىلدى.

سۇتۇق بۇغرا ئوغلىمىزنىڭ دوپپا ھەققىدە جانلىق دېكلاماتسىيە قىلىنغان شېئىرى پائالىيتىمىزنى يەنە بىر قەدەم قىزغىن تۈسكە ئېلىپ كىردى.
قازاقىستان سەنئەت ئانسانبىلى ئەزاسى رۇستەم نىيازنىڭ مەشرەپ ئەھلىگە ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەسى مەشرەپكە كەلگەنلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سوۋغاتلاردىن بولۇپ قالدى.

دۇتار ۋە ساتار كۆتۈرۈپ كەلگەن سەنئەتكار ئوغلانىمىز رۇستەم نىياز ئەپەندى نومۇر ئورۇنلاپ بېرىش ئىختىيارلىقىنى مەشرەپ ئەھلىنىڭ تەلەپ قىلىشىغا قويغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ۋەتەن»، «ئانا» قاتارلىق تېمىلاردا يېقىملىق دۇتار ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىنغان ناخشىلىرى بىلەن ھەممەيلەنگە ھوزۇر بېغىشلىدى. قاتناشقۇچىلاردىن خالىغانلىرى ئۆزلىرى توقۇغان قوشاقلىرىنى ئوقۇشتى.

ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان ھەممەيلەن قىسقا تونۇشۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزگە قانداق ياردەملەردە بولالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ياشلار ئارىسىدا يېقىنقى رىئاللىقتا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە قىسقا مۇنازىرىلەردە بولدى.

ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق دېگەندەك، پىروگىرامما ئاخىرىدا ساھىپخانلار ۋە مېھمانلار قىيالـمىغان بىر تەرزدە خوشلاشتى. ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان مەشرىپىمىز ئەلئارا سەنئەتلىك ۋە مائارىپلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان ئاساستا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە جانلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان كىشلەرنىڭ قىزغىنلىقى، يۈزلىرىدىكى تەبەسسۇم جىلۋىسى، داۋاملاشتۇرىشىمىزغا بولغان تەلەپلىرى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە كىملىكىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇرۇپ، پىروگىراممىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان رىغبىتىمىزنى كۈچەيتتى.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇچراشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ تويلىشىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جۈملىدىن تۈركىيەدە تارىختىن بۇيان ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەشرەپلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئىستانبۇلنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلىرىدا «مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەشرىپى» پىروگىراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانلانماقتا. مەشرىپىمىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىدا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

«مۇھاجىراتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلىقىمىز ۋە كىملىكىمىزنى ساقلاش ئىنقىلابىدىكى ئاخىرقى جەڭچىدۇر» شۇئارىمىز بىلەن يەنە بىر قېتىم مەشرەپتە كۆرۈشكۈچە خەلقىمىزگە ئامانلىق يار بولسۇن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top