You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » جۇمھۇرىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

جۇمھۇرىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئەرەپچە «خەلق، ئاھالە ياكى مىللەت» دېگەن مەنىدىكى «جۇمھۇر» سۆزىدىن ياسالغان «جۇمھۇرىيەت» ئۇقۇم جەھەتتىن جۇمھۇررەئىس سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان دۆلەت ياكى دۆلەت شەكلىدۇر. باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا، جۇمھۇرىيەت خەلقنىڭ ھاكىميىەتنى مەلۇم بىر مۇددەت ئۈچۈن سايلىغان ۋەكىللىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىدىغان دۆلەت شەكلىنى ئىپادىلەيدۇ. «جۇمھۇرىيەت» لاتىنچىدا «رېسپۇبلىكا» (Respublica) دەپ ئاتالغان. رېسپابلىكا (Respublica) تېرىمىدىكى «رېس» (Res) «ئىشلار، ۋەقەلەر ۋە مەسىلىلەر» دېگەن مەنىدە، پۇبلىكا (Publica) «خەلق»، «جامائەت» دېگەن مەنىدە بولۇپ، رېسپابلىكا (Respublica) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنسى «خەلق ئىشلىرى، جامائەت ئىشلىرى» دېگەن بولىدۇ.

رېسپۇبلىكا، ئۇقۇم سۈپىتىدە، خەلققە ئائىت بولغان نەرسىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خەلق تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مەيلى «جۇمھۇرىيەت» بولسۇن، مەيلى «رېسپۇبلىكا» بولسۇن، بۇ تېرىملەردە خەلق، ئاھالە ۋە جامائەت ئامىلى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. قانۇنىيلىقى ئىلاھىي مەنبە (تەڭرى، تەڭرى قۇتى، تەڭرىنىڭ لۇتفى ۋە ئاتا مىراسى) گە ئەمەس، خەلققە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە تايىنىدىغان جۇمھۇرىيەتتە ھەر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ ھاكىمىيەتكە، يەنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش مەجبۇرىيەتى بولىدۇ. خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئىمكان ۋە پۇرسىتىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سېستىما ۋە مېخانىزىما بولسا دېموكراتىيەدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېموكراتىيە بولسىمۇ جۇمھۇرىيەت بولمىغان، جۇمھۇرىيەت بولسىمۇ دېموكراتىيە بولمىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن: ئەنگىليەدە دېموكراتىيە بار، ئەمما جۇمھۇرىيەت يوقتۇر. چۈنكى خەلق پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلىيالسىمۇ، پادىشاھنى سايلىيالمايدۇ. خىتايدا جۇمھۇرىيەت بولسىمۇ، دېموكراتىيە يوقتۇر. خىتايدا جۇمھۇررەئىس خەلق سايلىمى بىلەن ئەمەس، خىتاي كومۇنىست پارتىيسى ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن «خەلق ۋەكىللىرى» تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.

جۇمھۇرىيەتنى كەڭ مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت ۋە تار مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت دەپ ئايرىش مۇمكىن. خەلقنىڭ ئىرادىسىنى سايلام ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان جۇمھۇرىيەت كەڭ مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى، بولۇپمۇ جۇمھۇررەئىسنى سايلام ئارقىلىق مەلۇم بىر مۇددەت ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىدىغان جۇمھۇرىيەت تار مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كەڭ مەنىدىكى جۇمھۇرىيەتتە دېموكراتىيە بولىدۇ. جۇمھۇررەئىس ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سايلام ھوقۇقىغا ئىگە پۇخرالار تەرىپىدىن سايلىنىدۇ، بۇ سايلامغا قاتنىشىدىغان پۇخرالارنىڭ ئەركىنلىكى قانۇن بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كەڭ مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت ئەمەس، تار مەنىدىكى جۇمھۇرىيەتكە كىرىدۇ.

جۇمھۇرىيەت چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ مەنبەسىنى قەدىمكى يۇنان دەۋرىگە تاياندۇرۇش مۇمكىن بولسىمۇ، مودېرن (ھازىرقى) مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت فرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە شەكىللەنگەن. بۇ كونتېكستتە جۇمھۇرىيەت دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، تەڭ باراۋەرلىك ۋە ئادالەت قاتارلىق قىممەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بۇ قىممەتلەر سېستىمىسى بولماي تۇرۇپ ھەقىقىي مەنىدىكى جۇمھۇرىيەتتىن  ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

جۇمھۇرىيەت دۆلەت شەكلىنى، دېموكراتىيە ھاكىمىيەت شەكلىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەتنىڭ قانداق يۈرگۈزىلىدىغانلىقى، دېموكراتىيە بولسا ھاكىمىيەتنىڭ كىمگە ئائىت بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇمھۇرىيەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت شەكلىدۇر. دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە زامانىۋىي شەكىللىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەتنى سايلىغۇچى بىلەن سايلانغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى بىر كېلىشىم ۋە ئەھدىنامە دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىگە ساداقەت، ئەخلاق، نومۇس ۋە شەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، تۈركلەر جۇمھۇرىيەت پەزىلەتتۇر دەيدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنى قۇرغان ئاتاتۈرك «جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى دېمەك دېموكراتىيە سېستىمىسى ۋە دۆلەت شەكلى دېمەكتۇر» دەيدۇ ۋە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ «تۈرك مىللەتىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئادەتلىرىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقۇرۇش سېستىمىسى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

جۇمھۇرىيەتنىڭ مەزكۇر مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر بۇرۇلۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەت شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەتنىڭ خانلار، روھانىيلار، ئاقسۆڭەكلەر ياكى مىلىتارسىتلار تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىدىغان دۆلەت شەكلىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىدىن، خەلق ئىرادىسى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 2-ماددىسىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ جۇمھۇرىيەت ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسا، 4-ماددىسىدا دۆلەتنىڭ سايلام ئارقىلىق پارلامېنتقا كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقى، 6-ماددىسىدا رەئىسى-جۇمھۇرنىڭ مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) تەرىپىدىن تۆت يىللىق مۇددەت بىلەن سايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ۋەكىللەر ۋە ۋەكىللەر تەرىپىدىن سايلىنىدىغان جۇمھۇررەئىس باشقۇرىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۇنجى جۇمھۇرىيەت تەجرىبىسى بولۇپ ھېسالىنىدۇ. شۇڭا بۇ جۇمھۇرىيەت نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن تاكامۇللاشقان بولمىسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە بولغان تونۇشى، ئىشەنچى ۋە بۇ تۈزۈمگە ئۆتۈش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 1912-يىلى قۇرۇلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتى (中华民国) ۋە رۇسىيەدە 1917–يىلى قۇرۇلغان سوۋېت سوتسىيالىست جۇمھۇرىيەتلەر ئىىتىپاقى (CCCP) مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ياڭ ئۆلۈپ تاپتى لەھەت، بولمامدىكەن جۇمھۇرىيەت / بەرمىسە جۇمھۇرىيەت بۇ ئىشلىرى قاملاشمىدى» دېگەن مىسرالار ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتكە بولغان ئىستەك ۋە تەلپۈنىشىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەت ئارزۇسى مىڭلىغان شېھىتلار بەدىلىگە 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى رېئاللىققا ئايلانغان ۋە ئەمەلگە ئاشقان بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مودېرن (زامانىۋىي) دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار دۆلەت شەكلى بولغان جۇمھۇرىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى 1944-يىلى ئىككىنچى قېتىم قۇرغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئارقىلىق ئىپادىلىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلىكىنى، زېمىن-جايلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئۆزلىرى باشقۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ۋە ھوقۇقىدۇر.

مەلۇم بولغاندەك، جۇمھۇرىيەت خەلق ھاكىمىيىتى دېمەكتۇر. بۇ يەردىكى خەلق تىلى، دىنى، رەڭگى ۋە جىنسىيىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىر دۆلەتكە پۇخرالىق رىشتىسى بىلەن باغلانغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. سايلاش ۋە سايلىنىش ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە ھەر بىر پۇخرانىڭ بۇ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. مەيلى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولسۇن، مەيلى 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولسۇن، بۇ جەھەتتە بىزگە ناھايىتى ياخشى بىر ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن. بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت كابىنېتلىرىدا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا قېرىنداش خەلقلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرمۇ ۋەزىپە ئالغان. مەسىلەن: 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ نازىرى ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ئوسمانلى تۈركلىرىدىن، ھەربىي نازىرى ئورازبەگ قىرغىزلاردىن، ئەدلىيە نازىرى زېرىپ قارىھاجى ۋە ھىپزى سىھھەت نازىرى ئابدۇللاھ خانىي ئۆزبەكلەردىن بولغان. 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ رەئىسجۇمھۇرى ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجا ئۆزبەك، مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قۇماندانى ئىسھاق بەگ مۇنۇنوف قىرغىز، مۇئاۋىن باش قۇماندان گېنېرال دەلىلقان سۇگۇربايېف قازاقلاردىن بولغان، ھۆكۈمەت كابېنتى ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، رۇس، مۇڭغۇل قاتارلىق ھەر خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ كىشىلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

دېمەككى جۇمھۇرىيەتتە سايلاش ۋە سايلىنىش ھەققى ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ھەر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدە ۋەزىپە ئېلىش ھەققى بولىدۇ. 1933-ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بۇ ئۈلگىلىرى ئارقىلىق بىزگە جۇمھۇرىيەتتىن ئىبارەت دۆلەت شەكلىنى ئەنگۈشتەر ۋە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا جۇمھۇرىيەت ۋە دېموكراتىيەدىن باشقا يوللارنى ئىزدەش ئىككى جۇمھۇرىيەتكە ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىرادىسى ھەم تۇتقان يولىغا خىيانەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

ئالىمجان بۇغدا، تارىخىي ماتېرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى، ساتۇق بۇغراخان نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

نەبىجان تۇرسۇن، ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى، 7-توم. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، 2020.

Abdurrahman Kutlu, “Atatürk, Cumhuriyet Ve Millî Kimlik”. Erdem. Sayı. 33, 1999,  ss. 833-838.

Aristoteles, Politika, Remzi Kitabevi, İstanbul, 2010.

Cumhuriyet, Demokrasi ve Milli Kimlik, Yayına Hazırlayan: Nuri Bilgin, Bağlam Yayıncılık, İstanbul, 1997.

Ercan Haytaoğlu, “Cumhuriyet, Türk Tarihindeki Gelişimi ve Atatürk”. Atatürk Araştırma Merkezi Dergisi. Cilt 14, Sayı.42, 1998,  s. 1136-1149.

Locke, (2012). Yönetim Üzerine İkinci İnceleme: Sivil Yönetimin Gerçek Kökeni, Boyutu ve Amacı Üzerine Bir Deneme. çev. Fahri Bakırcı, Ebabil Yayınları, Ankara, 2012.

Jean-Jacques Rousseau, Toplum Sözleşmesi. Türkçesi: Turhan Ilgaz. Kırmızı Yayınları, İstanbul, 2007.

Neşe Çetinoğlu, “Cumhuriyet Kavramı ve Atatürk’ün Cumhuriyet Anlayışı”, Atatürk Araştırma Dergisi, Cilt 12, Sayı.36, 1996, s.721-731.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top