You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (9)

ھىجران يولى (9)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

ئات ئاتقا گىرەلىشىپ چىقىۋاتقان كىشنەش- سادالار، تىغ تىغقا ئۇرۇلۇپ چاچراۋاتقان ئوت ئۇچقۇنلىرى، چاچرىغان قانلار، قىيا – چىيالار ۋېيخې دەرياسى قىرغىقىنى بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزىگە ئايلاندۇرغان ئىكەن. لەشكەرلەرنى چېپىپ تۈگىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ ئۆلۈمدىن قورقماي شۇنچىلىك ئەسەبىلىك بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئالىپلار ئاتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەرگە يىقىلغانلىرى يىقىلىپتۇ، ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپتۇ، يارىلانغانلىرى يارىلىنىپ، كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاشقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ. ئەڭ ئاخىرى پەقەت كۇرشاد قوشۇلۇپ تۆت يىگىتلا ھايات قاپتۇ. ئۇلار دۈشمەننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا يىرتقۇچ ئەجدىھاغا ئورۇلۇپ قالغان كۆك بۆرىلەردەك تۇرۇپ قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ تۆتى تۆت تەرەپكە قاراپ دۈگىلەك بولۇپ تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى سېپىدىن چىڭ قىسىپ تۇتۇپ، دۈشمەندىن ئالدىغا ئېتىلىپ كەلگىنىنىڭ جېنىنى ئاپتۇ. قاتتىق تېرىككەن لەشكەرنىڭ باققاۋۇلى دوق – پوپوزا قىلىپ تۇرۇپ: «قىلىچلىرىڭنى تاشلاپ تەسلىم بولۇش. بولمىسا ھەممىڭنى چېپىپ قىيما – چىيما قىلىپ، دەرياغا تاشلاپ، دەرھال بېلىقلارغا يەم قىلىۋېتىمەن!» دەپ ۋاقىراپتۇ. ئەمما قاتتىق ھالسىزلىغان كۇرشاد بار كۈچىنى يىغىپ: «بىز سەنلەرگە ئەسلا تەسلىم بولمايمىز. بىرىڭ كەلسەڭ بىرىڭنىڭ كاللىسىنى ئالىمىز. سەنلەر جان قىيىپ، ئوت قويۇپ، بۇلاپ – تالاپ، ھەددى – ھېسابسىز بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۇرۇشتۈڭ. يۇرتلىرىدىن ئايرىشتىڭ. سەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم! بىز ئاخىرغىچە جەڭ قىلىمىز. قېنى جېنىڭدىن تويغىنىڭ كېلىش! ئەگەر ھەقىقىي مەرت بولساڭ بىرگە بىر چىق!» دەپ، غەزەپ بىلەن قىلىچىنى كۆتۈرۈپتۇ. بۇ سادانى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە تاغۇ – دەريالاردىكى يىرتقۇچ يولۋاس ئاڭلىغان بولسا، قورققىنىدىن يۈرەكلىرى جىغىلداپ كەتكەن بولار ئىكەن.

بۇ چاغدا قاتتىق قورققان ۋە غەزەپكە كەلگەن خىتاي باقاۋۇل تىترەپ، لەۋلىرى كۆكىرىپ كېتىپتۇ. كۇرشادنىڭ قىلغان ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلدىمۇ قانداق، ئۇ ئەتراپىدىكى چىلبۆرىلەردەك تۇرغان لەشكەرلىرىگە قاراپ تۇرۇپ: «چېكىنىڭلار!» دەپ ۋاقىراپتۇ. ئۆز سەركەردىسىدىن ئۆلگىدەك قورقۇدىغان لەشكەرلەر دەرھال ئارقىغا گۈررىدە سۈرۈلۈپتىكەن، قورشاۋ چەمبىرىكى كېڭىيىپ، چوڭ بىر مەيدان ئېچىلىپتۇ. ئېگىز بويلۇق، بەستلىك كەلگەن خىتاي باقاۋۇل، بېشىغا شىرنىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن پولات دۇبۇلغا، دۇبۇلغىنىڭ ئارقىسىدا يوغان قىزىل پۆپۈك، ئۇچىسىدا قەلەي تەڭگىچلەردىن قۇرۇلغان ساۋۇت، بېلىدە يىرتقۇچ ھايۋان بېشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلۈپ، ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن كەمەر، مەيدىسى ۋە دۈمبىسىدە مىستىن ياسالغان يۈرەك دالدىغاچ، پۇتىغا كۆسەي ئۆتۈك كىيىۋالغان قىياپەتتە، قولىغا ئالتۇن يالىتىلغان شەمشىرىنى تۇتقان پېتى مەيدانغا سەكرەپ چىقىپتۇ ۋە جىددىي قىلىپ: «مەرتنى مەيداندا سىنا دەپتىكەن، قېنى كەلمەمسەن، ئېلىشىپ باقمايمىزمۇ» دەپ جار ساپتۇ. خىتاي باقاۋۇلنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ باتۇرلىقى نامايەن بولۇپ، نوچىلارغا قول قويىدىغان، باتۇرلۇققا زوقمەن بىر قوماندان ئىكەنلىكى  ئاشكارا بوپتۇ.

ئويلىمىغان يەردىن چىققان بۇ «مەرتلىك»نى كۆرگەن كۇرشادمۇ دەرھال پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، قىلىچىنى دەستىسىدىن چىڭ سىقىپ تۇتۇپ، باقاۋۇلنىڭ ئالدىغا مەردانە قەدەم تاشلاپتۇ. باقاۋۇلمۇ شەمشىرىنى كۆتۈرۈپ كۇرشادقا ئېتىلىپتۇ.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

بۇ ئىككىسى قاتتىق ئېلىشىپتۇ. گاھ بىرىگە بىرى خۇددى سۇمۇرغدەك چەرخ ئۇرسا، گاھ بىرىنى بىرى بۈركۈتتەك غۇيۇلداپ سوقۇپتۇ. بىرى ھەملە قىلىپ تىغىنى خىرىس ئەيلەپ چەنلەپ ئۇرسا، بىرى تىغىنى قالقان قىلىپ، پەم بىلەن بېشىنى قاچۇرۇپتۇ. بىرى غۇلاچ كېرىپ شىددەت بىلەن قىلىچىنى ئۇرۇپ ئالدىغا ئېتىلسا، يەنە بىرىمۇ ھېچ قورقماي شۇڭغۇپ ھۇجۇم قىپتۇ. بۇ ئىككى پالۋان شۇ تەرىقىدە 30 نەچچە مەرتەم ئېلىشىپ، بىر – بىرىنى يېڭەلمەپتۇ. ئەمما، كۇرشادنىڭ ئېلىشقانسېرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپتۇ. باقاۋۇل بولسا بارا – بارا مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ئەتراپتىكى لەشكەرلەر باقاۋۇلنىڭ يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ھەممسى گۈررىدە كېلىپ باقاۋۇلغا بولۇشماقچى بوپتۇ،  كۇرشادنىڭ ئۈچ ئالىپىمۇ شىددەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەپتۇ. ئەمما، باقاۋۇل ئەسەبىيلىك بىلەن لەشكەرلىرىگە قول ئىشارىتى قىپتۇ. لەشكەرلەر يەنە گۈررىدە ئارقىغا داجىپتۇ. يەنە بىر مەيدان يەكمۇيەك ئېلىشىش باشلىنىپتۇ. بىر ھازا ئېلىشقاندىن كېيىن، پاراسەت –  پەم بابىدا ھەممىدىن ئەلا كۇرشاد چاندۇرغاندەك قىلىپ، بىر ھىيلە ئىشلىتىپتىكەن، باقاۋۇل ئەمدى ئېپى كەلدى دېگەندەك قىلىپ، شەمشىرىنى بار كۈچى بىلەن كۇرشادنىڭ كۆكسىگە سانجىماقچى بوپتۇ، ئەمما دەل مۇشۇ پەيتتە كۇرشاد شارتلا قىلىپ تولغىنىپتىكەن، باقاۋۇل شەمشىرى بىلەن بىللە كۇرشادنىڭ قوينىغا كىرىپ قاپتۇ.

بۇ چاغدا كۇرشاد ئەپچىللىك بىلەن قىلىچىنى «شارت» قىلىپ ئۇنىڭ بوينىغا سۈرتۈپتۇ. بوغۇزى كېسىلگەن باقاۋۇل بىر خىقىراپ يەرگە دۈم چۈشۈپتۇ. كۈتۈلمىگەن بۇ مەغلۇبىيەتنى كۆرگەن لەشكەرلەر نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭ قېتىپلا قاپتۇ. شۇ چاغدا ئارىدىن بىرسى «چېپىڭلار!» دەپ جان – جەھلى بىلەن ۋارقىراپتۇ. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان يۈزلىگەن لەشكەر دەرھال ئەس – ھۇشىنى تېپىپتۇ- دە، ئاچ قالغان يىرتقۇچ ھايۋاندەك يارىلانغان تۆت باھادىر يىگىتنىڭ ئۈستىگە بىراقلا ئېتىلىپتۇ. ئۇلار بۇ يىرتقۇچلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كۇرشاد لەشكەرلەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئوڭ قولىدىن ئايرىلغان، سول قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا ئۆزى يالغۇز قاپتۇ. ئۇ ئەتراپىدا ھۆرپىيىپ تۇرغان لەشكەرلەرگە مۇتلەق ئېتىبار بەرمەي، يارىلانغان بۆرىدەك قەھر – غەزەپلىك ھۆركىرەپ، لەشكەرلەرنىڭ يۈرىكىگە ۋەھىم سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قىلچە يېقىن يولاتماپتۇ. ئاخىرى قاتتىق قانسىرىغانلىقتىن، ئۆرە تۇرۇشقا ھېچ ماجالى قالماپتۇ. ئۇ قىلىچىنىڭ ئۇچىنى قارا تۇپراققا سانجىپ تۇرۇپ، دەستىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاندىن ئەتراپىدا ياتقان ئۈچ سەپدىشىنىڭ قان ئىچىدىكى جەسىتىگە سىنچىلاپ قاراپتۇ. بۇ ئۈچ باھادىرنىڭ قان يۇقى يۈزى، تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرىدا يەرگە ۋاقىتىسىز تۆكۈلگەن قىپقىزىل يوپۇرماقتەك يالتىراپ تۇرغانىكەن. كۇرشادنىڭ قىلىچ دەستىسىگە يەملىشىپ كەتكەن، قىپقىزىل قانغا بويالغان تېنىمۇ قاراڭغۇلۇقتا، زۇلمەتتە قالغان خەلققە يېقىلغان مەشئەلدەك لاۋۇلداپ يانماقتا ئىكەن. سەۋر – تاقىتى قالمىغان لەشكەرلەر بۇ لاۋۇلداپ تۇرغان مەشئەلنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، تەرەپ – تەرەپتىن دۈرۈلدەپ كېلىپ، ئۆز تىغلىرىنىڭ زەھەرلىك ئۇچىنى كۇرشادقا ئارقا – ئارقىدىن سانجىپتۇ.

بۇ ھىجران ئازابىدىن، تەڭرى لەشكىرى قەھرىدىن ئاسماننى قاپقارا بۇلۇت قاپلاپتۇ. ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تاڭ چولپىنى دەريانىڭ چېتىگە تاسقىلىپ مۆكۈنۈپتۇ. ئۈنچە – تەڭگىلەردەك تۆكۈلگەن يامغۇرلار كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 ئالىپىنىڭ مۇبارەك تەنلىرىدىن ئاققان قىپقىزىل قانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، دەريانىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇلىرىغا ساقىپ، جۇشقۇنلىرى ئۇپۇققىچە ئۇلىشىپتۇ. دەريا ۋادىسىدىكى چوغلۇق گۈللەرنىڭ يوپۇرماقلىرىدىكى قان داغلىرى يۇيۇلۇپ، تۆۋىگە ساقىپ سىڭىپ كېتىپتۇ. بىردىنلا پۈتۈن تەبىئەت، پۈتۈن ئالەمنى ئاق گۈل، ئاق چېچەك قاپلاپ، پۈتۈن جىلغىلار ئاق لىباستا ياسىنىپتۇ. كۇرشاد ۋە 40 ئالىپنىڭ يەردىكى تىغ ۋە نەيزىلىرى كۈمۈشتەك يالتىراپ، شەمشەر، ئايپالتىلىرى پارقىراپ چاقناپتۇ. ئوقيا ۋە ساداقلارىدىكى كۆك بۆرىلەرنىڭ نەقىشلىرى جانلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەكنى ئۆرتەپ تاشلايدىغان، ئادەمنىڭ ئەسەبلىرى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نالىلىرى ئەتراپتىكى جىلغىلارنى زىلزىلىگە ساپتۇ. كۇرشاد ۋە 40 ئالپنىڭ مۇبارەك تەنلىرىدىن ئايرىلغان روھلار 41 ئاققۇ بولۇپ، كۆكتە ئوقيا شەكىلدە سەپ تۈزۈپ، ئانا ۋەتەنگە قاراپ لەرزان قانات قېقىپتۇ.

ئەلقىسسە، كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 ئالىپنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرىنى بايان قىلىدىغان بۇ ھېكايە  مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مېنىڭ گېپىمگە ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار ئالىپلىرىم، بىز بۈگۈن ئاشۇ كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 ئالپىدەك باھادىرلىرىمىزدىن ئايرىلىپ، ھىجران ئازابىدا قەلبىمىز ئىچ – ئىچىدىن ئۆرتۈلمەكتە، يۈرەكلىرىمىز پارە – پارە بولماقتا. بىز تۈرك مىللەتلىرىنىڭ شانلىق ۋە تېراگىدىيەلىك تارىخىدا ھەمدە مۇشۇ تاپتا نۇرغۇن قەھرىمانلار، شاھلار، خانلار ۋە باھادىر ئەزىمەتلەر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 ئالىپىدەك خىتاي پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىشتەك بۇنداق باتۇرلۇق ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان. قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولغان خەلققە ئەركىنلىك مەشئىلىنى ياققان بۇ باھادىرلار، گەرچە مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي پادىشاھى لى شىمىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوردا ئەمەلدارلىرى ئەينى چاغدا شۇنچىلىك قورقۇپ كەتكەنكى، ئەسىرگە ئالغان 100 مىڭدىن ئوشۇق تۈركلەرنى چىننىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە تارقىتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىپ تۈگۈتۈۋېتىش نىيىتىدىن دەرھال ۋاز كېچىپ، ھەممىسىنى ئۆز يولىغا سېلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا ئەركانلىرى تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا بالا بولۇشىدىن قاتتىق قورقۇپ، دەرھال ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر مىللەت ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ، ھۆرلۇك يولىغا قاراپ ماڭغان. كېيىن بۇ مىللەت تەرەققىي قىلىپ، تىرىلىپ تارىختا شانلىق ئىمپېراتورلۇقلارنى قۇرغان. ئەگەر شۇ چاغدا كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 باھادىرىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى بولمىغان بولسا، بەلكى بۈگۈنكى تۈرك مىللىتى بولمىغان بولاتتى.

كۇرشادنىڭ بۇ بۈيۈك قەھرىمانلىق روھى پۈتۈن تۈرك قەۋملىرىنىڭ مىللى روھىدۇر. كۇرشاد بىر پۈتۈن تۈرك تارىخىدىكى لاۋۇلداپ يانغان يالقۇنلارنىڭ، ئوت ئۇچقۇنلىرىنىڭ، يانار تاغلارنىڭ يېنىدا پارلىغان مەڭگۇ ئۆچمەس كۆك قۇببىدىكى يالتىراق شاھاپ يۇلتۇزى. ئەنە شۇ چاقنىغان يۇلتۇز تارىخنىڭ يولىنى ئۆزگەرتتى. مىللەتنى يوپيورۇق داغدام يولغا باشلاپ، ئەڭ بۈيۈك ھەقىقىي ئەركىنلىكنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر ئەيلىدى. بۇ، ئەركىنلىكنىڭ ئەزەلى ۋە ئەبەدى قەھرىمانلىق، بىرلىك – ئىتتىپاقلىقنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق كېلىدىغانلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر ھەقىقەتنى بىزگە يورۇتۇپ بەردى. تارىخ يول، يول تارىختۇر. تارىخىي يوللارغا مىللىتىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى ساپ قەھرىمانلىق روھى كۆمۈلگەن. بىز ھەر بىر تارىخىي ھېكايىلەرنى ئوقۇغۇنىمىزدا، ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە بەدىئىيلىكىدىن ئىستېتىك زوق ئېلىپلا قالماي، يەنە مىللىتىمىزگە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشنى خاتىرلەيمىز، غەلىبىلىرىدىن پەخىرلەنسەك، مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئۆكۈنىمىز. تراگېدىيەلىك ئازاب ئىچىدە سىلكىنىپ ئويغىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ ھەرقايسى زامان ۋە ماكاندىكى ماڭغان يوللىرىدىن يېڭى يوللارنى ئاچىمىز.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ تەسىرلىك تارىخىي ھېكايىسىنى ۋە ئاخىرىدا قىلغان خىتابلىرىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغان 40 يىگىتنىڭ غەزەپ ۋە ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىدە، ئالدىدا يالجىپ يېنىۋاتقان قۇرۇق توغراق شاخلىرىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ شولىسى ئەكس ئەتتى. قاراسلاپ ئاۋاز چىقىرىپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاندىن چىققان قارا تۈتۈن، توختىماي يىلاندەك تولغىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى. گۈرۈلدەپ يېنىۋاتقان گۈلخاننى ئاستا تۈرتۈپ قويغان ئەردەمنىڭمۇ قەلبى ئوت ئىچىدە قالغاندەك، ئىچىدىكى بۇ ئوت ئەپتىگە تەپكەندەك يۈزلىرى بويۇنلىرغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە كۆكتىكى بۇلۇتلارمۇ ئاستا – ئاستا تارقىلىپ، ئاينىڭ جامالىنى يېپىپ تۇرغان داكا رومال ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. ئاي شۇنچىلىك يۈكسەكتە تۇرۇپمۇ نۇرلىرى بىلەن يوغان كۈمۈش تاۋاقتەك پۈتۈن دالانىڭ ئۈستىنى قاپلىغان ئىدى. بۇ چاغدا  ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ، تاڭدىن كەچكىچە جەڭ قىلىپ، يول ئېلىپ چارچىغان يىگىتلەر ئەسنەپ، مۈگدەشكە باشلىدى ۋە ھەممىسى ئولتۇرغان يەرلىرىدىلا تاتلىق ئۇيغۇغا كەتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولسا ھەربىر جەڭچىگە ئايرىم – ئايرىم كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرقىغا بىر – بىرلەپ قارىدى، ئۇلار دەردلىرىگە دەرد قوشۇلۇپ، ئۈستىدىكى يۈكى تېخىمۇ ئارتىۋاتقان ھېس – تۇيغۇغا كېلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ تېخى ئۇخلىمىغان ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلار بىلەن خېلى ئۇزاق بىر ۋاقىتقىچە گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭلاشتى. كېيىن ئۇلارمۇ يۇلتۇزلۇق سامانى يوتقان، ئانا تۇپراقنى كۆرپە، ئېرىق قىرلىرىنى مامۇق ياستۇق قىلىپ قاتتىق ئۇيقۇغا چۆكتى. سەل يىراقتا قاراۋۇللۇقتا  تۇرغان ئىككى يىگىتنىڭ تاماكىسىنىڭ ئوتى تاڭ يورۇغىچە ھېچ ئۆچمىدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top