You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە 05-ئاپرېل بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە شەھىدلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە 05-ئاپرېل بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە شەھىدلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

5-ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلار ، ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار ، سىياسەتچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە 05-ئاپرېل بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە شەھىدلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەنقەرەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنىمىزغا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستاپا دەستىجى ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى بۇراك توپالئوغلۇ، تۈرك ئوچاقلىرى مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئائىشە فىلىز ياۋۇز خانىم، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە شىۋىتسىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىلىرى دېپلوماتلىرى، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى ۋە قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى، شۇنداقلا كۆپ ساندا ئاكادېمىك، تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىسى رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلابتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاقلار توغرىسىدا توختالدى.

ئاخىرىدا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆز قىلىپ، پارتىيەسىنىڭ 1995-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى، بارىن شېھىتلىرىدەك قەھرامانلارنى يېتىشتۈرگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرى بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باشقا رەسىملەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز: https://www.facebook.com/photo/?fbid=10159806641874487&set=pcb.10159806646419487

مەنبە: ر ف ئا ئۇيغۇر بۆلۈمى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top