You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى دۇنياغا كەلدى

ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى دۇنياغا كەلدى

ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خاررىس موۋبراي (Harris Mowbray) لايىھەلىگەن ئۇيغۇرچە ئەمالار ئېلىپبەسى

ئاپتورى: ئەنۋەر ئەخمەت

ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ۋەزنى، قۇرۇلمىسى ۋە مول مەزمۇننى ئىپادىش شەكلى بىلەن خۇددى ئېنگىلىز، ئەرەب، ئىسپان ۋە فرانسوز تىللىرىدەك نوپوزغا ئىگە بولغان. ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، تارىخىي يازمىلىرى بىلەن دۇنيا تىل – مەدىنىيەت ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالغان تىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. «مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى»، «ئوغۇزنامە»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئەتەبېتۇل ھەققايىق» قاتارلىق ئەسەرلەر بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسىسلەر 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسى ساھەسىدە ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلارنى قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئالتاي تۈرك تىلى سېستىمىسى» نىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. دۇنيادىكى تىللارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەئەسى كۆرسۈتۈلگەن تۆۋەندىكى خەرىتىدىن بۇ نۇقتىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن.

ئەزىز ۋەتىنىمىزنى دەسلەپتە مانجۇ ئېمپرىيەسى بېسىۋالغان ۋە كېيىن بۇنىڭغا گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ۋارىسلىق قىلغان ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتقا ئېرىشىش تۈگۈل، ئەكسچە ئۆزىنىڭ قاباھەتلىك تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 1933- يىلى ۋە 1944- يىللىرى ئىككى قېتىم جۇمھۇريىتىمىز قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما قىسمىتىمىزنىڭ كاجلىقىدىن جۇمھۇريەتلىرىمىزنىڭ ئۆمىرى قىسقا بولدى.

بىزگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان نۇرغۇن مىللەتلەر، ئۆزىنىڭ تىلى ۋە مەدىنىيىتىنى يوقۇتۇپ ھۆكۈمران مىللەتلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، تارىخ سەھنىسىدىن خوشلاشتى. بىز ئۇيغۇرلار بولساق: بىرىنچى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، ئىككىنچى ھازىرغىچە بولغان جەرياندا، ھەر ساھەدىكى مىللىتىمىزنىڭ ئەقلى بايلىقى بولغان زىيالىلىرىمىزنىڭ مىھنەتسىز تىرىشچانلىقى تۈرتكىسىدە تىلىمىزنى ساقلاپ، ئۇنى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن ئەبىدىي ئابىدە قىلىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ.

خىتايدەك فاشىست، زالىم ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىسىدە، ئۇيغۇر تىلى ئېغىر دەرىجىدىكى خىرىسقا دۇچ كەلگەن شارائىتتا تۇرماقتا. بۇنداق بىر سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە تىلىمىزنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمالار تىلىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش، ئەما قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ نورمال ئادەمدەك يېزىش، ئوقۇش، نورمال مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.

يۇقارقىدەك ئەھۋالنى نەزەرگە ئالغان، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز، خارۋارد ئۇنىۋەرسىتېتى ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋەرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە، بىر يىلغا يېقىن جىددىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.

فرانسىيەلىك لوئىس برائىللە 1825 – يىلى 16 يېشىدا، تۇنجى ئەمالار يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ ئەمالارنى يېزىق بىلەن يېزىش – ئوقۇش ۋە ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئىدى. ئەمالار يېزىقى، 6 چېكىت، 64 شەكىلدىن تەركىپ تاپقان ئېلىپبە بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا ھەرقايسى تىللارنىڭ ئەمالار يېزىقى بارلىققا كەلگەن. فرانسىيەلىك لوئىس برائىللەنىڭ سېستېمىلىق ئەمالار يېزىقىنى ئىجاد قىلغانلىق غايەت زور تۆھپىسىنى خاتېرلەش ئۈچۈن فرانسىيە پىداگوگىكا ئاكادېمىيەسى 1850- يىلى، ئۇ ئىجاد قىلغان ئەمالار يېزىقىنى رەسمى ھالدا ئەمالار يېزىقى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەمالار يېزىقى، ھەرقايسى تىللار بويىچە بارلىققا كېلىشكە ۋە تەرەققىي قىلىشقا ئېرىشىپ، ئەما كىشىلەر جەمئىيەتتە نورمال كىشىلەردەك يېزىق بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

دۇنيادىكى تۇنجى ئەمالار مەكتىپى لوئىس برائىللەنىڭ ئەمالار يېزىقىنى ئىجاد قىلىشىدىن خېلى بۇرۇن يەنى 1784- يىلى، پارىزدا قۇرۇلغان. ئىككىنچى بولۇپ 1790- يىلى، ئەنگىلىيەنىڭ لىۋەرپولدا قۇرۇلغان. 1801- يىلى ئامېرىكىنىڭ بوستون ماسساچۇسەتتستا ئۈچىنچى ئەمالار مەكتىپى قۇرۇلغان. 1804- يىلى ئاۋستىرىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرى ۋە 1806- يىلى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھەرلىرىدە ئارقىمۇ – ئارقا ئەمالار مەكتىپى قۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمالارمۇ جەمئىيەتنىڭ نورمال ئەزالىرىغا ئوخشاش، ئۆز- ئارا ئالاقىلىشىش، نورمال مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش، جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس ھالدىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللۇنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر تىلىدەك نوپوزلۇق بىر تىلنىڭ، غەرب ئەللىرىدە ئەمالار يېزىقى ۋە ئەمالار مەكتىپى قۇرۇلۇپ، 2 يېرىم ئەسىردىن كېيىن ۋۇجۇتقا چىقىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ھەممىمىزنى بىر تەرەپتىن خوشال قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئاچچىق رىئاللىق.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خاررىس موۋبراي ئەپەندى قاتارلىق مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ، بۇ تۈردىكى خىزمەتنى 2021-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشلىغان. گۇرۇپپىدىكى خادىملار خىتاي دۆلىتى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمالار يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى، يولغا قويۇلۇش جەريانى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى توسقۇنلۇقلار، يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەمئىيەتتە ئىستىمالدىن قالدۇرۇلىشى، ئېرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ئانالىز قىلغاندىن كېيىن خاررىس موۋبراي ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىر بوشلۇقىنى تولدۇردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن گۇرۇپپا ئەزالىرىغا، تەشكىلاتلىرىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن مىھنەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىلىرىمىزغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ يىل كىرىشى بىلەنلا، فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ چىقارغان تارىخى قارارلىرى ھەممىمىزگە ئۈمىت، خۇرسەنلىك ئاتا قىلغان بولسا بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى بارلىق ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدىغان، ئۇيغۇر تىلى تارىخىدىكى بىر يېڭىلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان خوش خەۋەر ھىساپلىنىدۇ. 2022-يىلى خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بىر يىل بولغۇسى.

2022-يىلى 25-يانىۋار، گېرمانىيە

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى تور مۇھاكىمىسىدىكى پىكىرلەر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەمالار يېزىقى دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللار ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدىكى ئەمالارنىڭ پايدىلىنىشىغا كېرەكلىك بولغان ئۇيغۇرچە ئەمالار يېزىقى تا ھازىرغىچە ئىلىم ساھەسىدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ كەلگەن ئىدى. 2021-يىلى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خاررىس موۋبراي (Harris Mowbray) بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەمەلار يېزىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ھەرقايسى ساھە بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 21-فېۋرال كۈنى مەخسۇس تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

ئالدى بىلەن خاررىس يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ئىجات قىلىنىشى ھەققىدىكى ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەچ بۇ يېزىقنىڭ باشقا تىللار، جۈملىدىن ئەرەب تىلىنىڭ ئەمالار يېزىقى بىلەن تونۇشلۇقى بولغانلار ئۈچۈن بەكمۇ ئاسانغا چۈشىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭدا پەقەت ئالتە-يەتتە ھەرپنىڭلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى، تىرىشقان ھەرقانداق كىشى بىر ئىككى كۈندىلا ئ‍ۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىن رىياسەتچىسى، د ئۇ ق نىڭ خادىمى كوئېن ستۇپ (Koen Stoop) ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى نۇرغۇن مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىق ئارقىسىدا روياپقا چىققانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ يېزىقنى مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىش، جۈملىدىن ئەما بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار بۇنى قانداق قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خاررىس بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ بۇنىڭدا بەزى رېئال مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەمالار يېزىقىنى بېسىپ چىقىرالايدىغان خەت باسقۇ (پىرىنتېر) ھەمدە بۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ھەجىملىك قېلىن قەغەز لازىم بولىدىكەن. بىرىنچى قەدەمدە خەت باسقۇ ئارقىلىق ئەمالار يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى قېلىن قەغەزگە كۆپتۈرمە چېكىتلەر شەكلىدە چۈشۈرىلىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەيلەن بۇ يېزىقنىڭ ئېلىپبەسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئەمالارغا ئۆگىتىشنى باشلىسا بولىۋېرىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىمۇ خەلقئارادىكى باشقا ئەمالار يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە تۈزۈلگەن بولغاچقا بۇنى ئۆگىنىش بەك قىيىن ئەمەس ئىكەن. لېكىن ئەمالار يېزىقىغا ئىشلىتىلىدىغان خەت باسقۇ بەك قىممەت بولغاچقا ھەممىلا ئائىلە بۇنى ئالالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا دەسلەپكى قەدەمدە چەككۈچ ئارقىلىق قەغەزگە چېكىت ئۇرۇش يولى بىلەن ئوقۇش ۋە يېزىشنى باشلىسىمۇ بولىدىكەن. بۇنىڭدا چېكىتلەرنى قول بىلەن ئۇرۇپ چىقىش توغرا كېلىدىغان بولغاچقا بۇنىڭ سۈرئىتى بىراز ئاستا بولىدىكەن. ئەمما بۇ كۆپ ئەرزانغا چۈشىدىكەن. ئەمالار يېزىقىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار زۆرۈر بولغاندا ئەنە شۇ خىل ئەرزان ئۇسۇلدا باشلىسىمۇ بولىدىكەن.

رىياسەتچى كوئېن شۇنىڭدىن كېيىن «مېيىپلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىلدىكى ئەمالار يېزىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قانچىلىك مۇمكىنچىلىكى بار؟» دېگەن سوئالنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.

قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركولوگ، دوكتۇر ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتىكى مەسىلىگە جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار توپىنى بۇ رايون بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدا بولۇش ئىمكانىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. شۇڭا ھازىر ئ‍ۇ جايدىكى مېيىپلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. ئەمما بىزگە مەلۇم بولغان رېئاللىقنىڭ بىرى بۇ جايدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە مېيىپلاردىن يېتىشىپ چىققان كۆپلىگەن چولپانلار بار ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلاردا مېيىپلارنى چەتكە قېقىش ئادىتى يوق بولغاچقا بىر قىسىم مېيىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىيىتى ئارقىلىق مېيىپلارنىڭمۇ خېلى-خېلى كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ئىجات بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ بىر تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىشتىن بىخەۋەر قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ بەك خىجىل بولغان. ئەمما خىتايدا راۋرۇس ئومۇملاشقان مېيىپلارنى كەمسىتىش خاھىشى تۈپەيلىدىن ئۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمالار يېزىقى ئۆگەنگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان. قىسمەن جايلاردا ئەمالارنىڭ بىر يەرگە جەم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى بىلىشكە مۇمكىن بولمىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن دوكتۇر ئابلەت سەمەت رىياسەتچىنىڭ سوئالى بويىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا شۇنچە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە بىباھا گۆھەرلەرنى ياراتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتە ھۆرمەتلىنىش ئورنىغا چەكلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى ساھەسىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق قىسمىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىلىنى مەنئىي قىلىشى، تىلشۇناسلارنىڭ قامىلىشى، تىل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تاقىلىشى، مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىىڭ پۈتۈنلەي توختىغانلىقى، بالىلارنىڭ بۇ تىلنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قېلىشى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ كېلىپ بۇنداق ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئ‍الاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قايسى شەكىلدە قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر گۈلنىسا نەزەروۋا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ھەققىدە كۆپ كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە رازى بولغۇدەك جاۋاپ تېپىلمىغان. ئۇ جايدا ئەمالار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەر ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە نورمال ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئوقۇمايدىكەن. بۇ ئەھۋاللار باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس» دېگەندەك ئەڭ دەسلەپكى ئەمالار يېزىقىنى بالىلىق دەۋرىدە ئەما بولۇپ قالغان لۇيىس برايل (Louis Braille) 15 يېشىدا ئىجاد قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغان رۇسچە ئەمالار يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەمالار يېزىقى بار ئىكەن. تۈركىي تىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمالار يېزىقى بار ئىكەن. ئەمما تارىخىتا شۇنچە كۆپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتى بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە ئەمالار يېزىقىنى ۋۇجۇتقا چىقرىىش مۇمكىن بولمىغان. يەنە بىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئ‍ۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا مەكتەپ بولمىغاچقا ئۇلار ئادەتتە رۇس، ئۆزبېك ياكى قىرغىز مەكتەپلىرىگە بارىدىكەن. مېيىپ بالىلار بولسا مەخسۇس ئاشۇنداق بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپلەرگە بارىدىكەن ۋە بۇ جايلاردا رۇسچە ياكى ئاشۇ تىللاردىكى ئەمالار يېزىقىنى ئۆگىنىدىكەن. بۇ خىلدىكى ئەمالار يېزىقىنىڭ يىلتىزى بىر بولغاچقا ئۆزبېك ياكى قازاق ئەمالار يېزىقىنى بىلىدىغانلار ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ئوڭايلا ئۆگىنىۋالالايدىكەن. ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىۋاتقان ھەمدە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كەلگۈسىدىكى ئەما بالىلارغا مۇشۇ ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ئارقىلىق يەتكۈزۈش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئ‍ۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشكە ئادەم تەشكىللەش ھەمدە بۇ ھەقتىكى دەرسلىك ماتېرىيياللىرىنى ۋە ئەمالار كىتابلىرىنى بېسىپ تەييارلاش تەيارلاشمۇ بەك مۇھىم خىزمەتلەردىن ھېساپلىنىدىكەن.

شۇنىڭدىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب بۆلىكىدە بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان رېئال كەمچىلكىكلەر، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى نۆۋەتتە ئەمەلىي قوللىنىشقا تەييار بولغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە يەنە بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەش جىددىي زۆرۈر بولماقتا ئىكەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top