You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » دۈشمەنلىرىنىڭ تىلىدا ئەخمەتجان قاسىمى

دۈشمەنلىرىنىڭ تىلىدا ئەخمەتجان قاسىمى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ۋە رەقىبلىرى مەيلى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ياكى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن بولسۇن قەلەم تەۋرىتىشكەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چالا ساۋات، ھەتتا ھېچقانداق مەلۇماتى يوق بولغان خىتاي ئۆلكەلىرىدىكى خىتايلار بۇ ھەقتە ئەينى چاغدا ئىچكىرىدە نەشىر قىلىنغان گېزىت-ژورناللارغا بېسىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى ماقالەلەردىن پايدىلىناتتى. بۇ خىلدىكى ماقالەلەرنى تەييارلىغۇچىلار كۆپىنچە تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ خەۋەر مەنبەسى، سىياسىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى نامەلۇم. ماقالەدىكى بەزى ئۇچۇرلارنىڭ مەقسەتلىك ھالدا تارقىتىلغان ئېغۋا ۋە جەمئىيەتتىكى ئەپقاشتى گەپلەر ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىش تەس ئەمەس. بۇ خىلدىكى بايانلار ھەتتا ئەينى چاغدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان باشقىچە سىياسىي مەۋقەدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق رەقىبلىرىنىڭ تىلىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، قوللانغان تاكتىكالىرى، پىشقان بىر سىياسىيونغا خاس ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسى، يۈرۈش تۇرۇشى، سالاپەتى ۋە ناتىقلارغا خاس سۆز-ھەرىكەتلىرىنى بىلىش مۇمكىن.  


ئەخمەتجان دېگەن بۇ كىشى

ئېلىس (艾力思)

ئۇ بۇرۇن شىنجاڭ ئۆلكەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىلى ۋەقەسى مەزگىلىدە توپىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى ئىدى. مانا ھازىر ئۇ مەسئۇدقا قارشى ئاساسلىق ئۇنسۇر بولۇپ قالدى ….

كېلىپ چىقىشى بىر سىر

(شاڭخەي تېز خەۋەرلىرى) ئەسلىدە «ئەخمەتجان» تۈركلەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، لاتىن ئىملاسىدا ئەسلى Achmet Jan Kasimoff دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى. ئەمما ھازىر شاڭخەيدە چىقىۋاتقان غەرب گېزىت-مەتبۇئاتلىرى ئۇنى Ahomatichang دەپ يازماقتا. بۇ پۈتۈنلەي خىتايچە تەلەپپۇزدىن تەرجىمە قىلىنغان شەكىل بولۇپ، توغرا يېزىلىشى ئەمەس. «ئەخمەتجان» دېگەن بۇ كىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كەلسەك، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھەتتا شىنجاڭلىقلارمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئىلى تەرەپنىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭ 1945-يىلى ئىلى ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى تۇرار جايىنىڭ قەيەر بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئوخشاشلا ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولغان ۋە ھازىر ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپ ئورۇنباسارى بولغان (ئابدۇكېرىم) ئابباسوۋدىن پەرقلىق ھالدا، ئەخمەتجاننىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 1946-يىلى ئەتىيازدا غۇلجا ۋەقەسى تېنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، ئەخمەتجان ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۇ مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ «تەقسىر، مېنى ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ ھۆكۈمەت ھەيئىتى تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن بىر ھازا ھودۇقۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان. كېيىن ئەخمەتجاننىڭ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھۆكۈمەت ھەيئىتى بۇرۇن شىڭ شىسەينىڭ 4-تۈرمىسىگە قامالغان چاغدا ھەر كۈنى «ئۈچ مەسلەك»نى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز گۇناھىنى يېنىكلەتمەكچى بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ تۇرار جايى ئالدىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، دائىم سۇ ئالغىلى كېلىدىغان مەھبۇسلاردىن بىرى دەل ئەخمەتجان ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. چۈنكى ئەخمەتجان 4-تۈرمەنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ، تۈرمىگە كىرىشتىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى. ئەسلى بۇ سۆزلەر دېيىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ يېڭى ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن ھال سوراش يىغىنىدا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆكۈمەت ھەيئىتى تاماق ئەسناسىدا يەنە شۇ 4-تۈرمە ھەققىدىكى گەپنى ئۆرۈپ، ناھايىتى شۈكرى قىلغان ھالدا :« 4-تۈرمە ھازىر بۇرۇنقى ھالىتى بىلەن ئاسمان زىمىن پەرق قىلىدۇ. رەئىس جاڭ (جىجۇڭ) ھۆكۈمەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن بۇرۇنقى ئۇ مۇدھىش مەنزىرە سۈپۈرۈپ تاشلاندى. تەقسىر بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟» دېگەن. ئەخمەتجان بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلاپلا:« توغرا، ئالدىنقى كۈنى مەن ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتكەن ئىدىم، سىز بىلەن ئوخشاش ھېستا بولدۇم» دېگەن. ئەسلى، ئۇلار پاراڭلىشىپ تۇرغان جاينىڭ دەل ئۇدۇلىدا 4-تۈرمەنىڭ چوڭ دەرۋازىسى جايلاشقان ئىدى. ئۇنىڭ «بۇ تەرەپلەرگە» دېمەستىن «ئۇ تەرەپلەرگە» دېگەنلىكىدىن ھەممىنى چۈشىنىش مۇمكىن.

ئەخمەتجان ئۆزىنى ئۇيغۇر دېسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئۆزبېك دەپ قارايدۇ. ئەسلى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دېيىشتىن مەقسىتى غۇلجا تەرەپتە رەھبەرلىك قىلىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن. شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋەزىيەتى بىلەن تونۇش بولغان ھەر مىللەت زاتلىرى ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنى پانتۈركىزم ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئەنۋەر پاشا (Enver Pasha) نىڭ ئەگەشكۈچىسى دەپ قارىماقتا. ئەنۋەر پاشا ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتە قىزىل ئارمىيە بىلەن سوقۇشۇپ، 1923-يىلى قاراقۇم قۇملۇقىدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئىدى. ئەخمەتجان قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، سىياسىي تەربىيەلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. غۇلجا ۋەقەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىپتىدائىي توپىلاڭ باسقۇچىدا ئەخمەتجان فېئودال مىللەتچى ئەلىخان تۆرەنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان. ھەربىي ھەرىكەت باسقۇچىدىن سىياسىي ھەرىكەت باسقۇچىغا ئۆتكەندە، يەنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ئۇ زور بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھەتتا ئىنقىلاب رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن بىر سەكرەپلا «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ ھەربىي بۆلۈم باشلىقى بولغان.

شائىر، سىياسىئون، قۇتراتقۇچى

فىرانسىيەلىك رەسسام ژاڭ-فغاڭسۇۋا مىللې (Jean-François Millet)نىڭ «كەچكى تىلاۋەت» ( L’Angélus) ناملىق ئەسىرى

ئەخمەتجان تەبىئىتىدىن كېلىشكەن بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا تولىمۇ قۇيۇق شائىرانە سالاپەت بار. ئۇ 36-35 ياشلارغا كىرگەن بولۇپ، بوي-تۇرقى قاۋۇل، يۈزى يۇمىلاق كەلگەن، كۆزلىرى چوڭ ۋە نۇرلۇق بولۇپ، بەدىنىدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ يازدىكى بامبۇك نوتىسىنىڭ قېرىق ھىدى كېلىپ تۇراتتى. لەۋلىرى ئۈستىدە قاپقارا قىسقا بۇرۇتى بولۇپ، دائىما كۈلۈمسىرەپ، ئاستا ۋە ۋەزىنلىك سۆزلەيتتى. ھەر قانداق سورۇندا ئۈچ-تۆت سائەت ئۈزمەي سۆزلىيەلەيتتى. لېكىن تولىمۇ ئاقىلانە پوزىتسىيەنى مەڭگۈ ساقلايتتى. ۋارقىرىمايتتى، ئۇرۇشمايتتى. ھەر دائىم ئۆزىنىڭ سىياسىونغا خاس سالاپىتىنى ۋە ئاقىلانە سەۋىيەسىنى نامايەن قىلاتتى. ئامما ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە بولسا، ئۇ تولىمۇ مەردانە سۆزلەيدىغان بولۇپ، زال ئىچىدىكى ئۇسلۇبى بىلەن تامامەن پەرقلىق ئىدى. ئۇ غۇلجادا كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن «غۇلجادىن ئالتايغىچە ھەممە جايدا ئىنقىلابىمىزنىڭ يالقۇنى يېلىنجىماقتا!» دېگەندە نەچچە مىڭلىغان ئامما بەس-بەستە چۇقان سېلىشىپ، باشتىن ئاخىرى خۇددى كىنولاردىلا كۆرۈنىدىغان بىر مەنزىرە مەيدانغان كەلگەن ئىدى. ئۇ خىتايچەنى يامان ئەمەس سۆزلىيەلەيدىغان بولسىمۇ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ھەرگىز بىر ئېغىزمۇ خىتايچە سۆزلىمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىمى ناھايىتى مول بولۇپ، سەنئەت جەھەتتىكى ھەۋىسىمۇ كۈچلۈك ئىدى. بىر كۈنى مەلۇم بىر رەسسام ئەخمەتجان بىلەن بىرگە يېڭى ئەسەر ئۈچۈن ماتېرىيال ئىزدەپ تەڭرىتاغقا چىققان بولۇپ، بۇ رەسسام ئەخمەتجاننى سەھرالىق دەپ قاراپ، يول بويى پاراڭلىرىدا ئۇنىڭغا رەسساملىق نەزەرىيەلىرىدىن ھېچ سۆز ئاچمىغان ئىكەن. قاراڭغۇ چۈشەرگە ئاز قېلىپ، ئۇلار مېڭىپ-مېڭىپ بىر بۇغدايلىققا بېرىپ قالغاندا، ئەخمەتجان تۇيۇقسىزلا بۇغداي باشاقلىرىنى تېرىۋاتقان بىر قانچە كىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «قاراڭ، بۇ مەنزىرەنىڭ گۈزەللىكىنى. بەئەينى رەسسام مىللېنىڭ <كەچكى تىلاۋەت> ناملىق ئەسىرىدىكىگە ئوخشايدىكەن،-ھە؟!» دېگەن ۋە رەسسامغا مەنىلىك قاراپ قويغان. رەسسام بولسا ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئات مىنىشكە ماھىر بولۇپ، يايلاقتا ئاتنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، قالپىقىنى قوش قوللاپ كىيىپ سالالايدىكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە زىيالىيلار قاتلىمى(Intelligentsia)نىڭ ناھايىتى مۇنەۋۋەر تىپىك ۋەكىلى دېيىش مۇمكىن.

ئۇ غۇلجادىكى چېغىدا دائىما «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ ھەربىي فورماسىنى كىيىپ، مەيدىسىگە «باھادىرلىق» ۋە «ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش» مېداللىرىنى ئېسىپ، ساقال-بۇرۇت قويماي كۇسا يۈرەتتى. 1946-يىلى ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن، شىم-كاستۇم ۋە دوپپا (酒白帽) كىيىدىغان، شۇنداقلا نەچچە يۈزمىڭ مۇسۇلمان خەلق ياشايدىغان زىمىننىڭ ھوقۇقدارى بولۇشتەك سالاپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىسقا بۇرۇت قويىدىغان بولدى. جۈمە كۈنلىرى بولسا ئۇ جامائەت بىلەن جۈمە نامىزىغا قاتنىشاتتى، ھەتتا مەسچىت مۇنارىغا چىقىپ «ئاللاھۇ! ئىلاھە!ئاللاھۇ ئەكبەر» (توغرىسى:لائىلاھە ئىللەللا، ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ ئەزان توۋلايتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى كۆرگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقىسىدىن كۈلىشەتتى.

غۇلجادىن ئۈرۈمچىگىچە

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئەركان (بۆلۈم) باشلىقى پولكوۋنىك ئەخمەتجان قاسىمى

غۇلجا ۋەقەسى دەسلەپتە مەيدانغا چىقىشىدا بىر فېئودال مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى ھەربىي كۈرەش بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئاخۇنلار (مۇسۇلمان داھىيلار)، پومىشچېكلار، ھەربىيلەر ۋە سىياسەتچىلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇئارى «كاپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش، خىتايلارنى يوقىتىش» بولۇپ، مەقسىتى تولۇق سىياسىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. كۆرۈنۈشتىكى رەھبىرى بولسا ئېلىخان تۆرە ئىدى. ۋۇ جۇڭشىن شىنجاڭدىن كېتىپ، جاڭ جىجۇڭ غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمەسى مۇدىرى نامىدا قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن، غۇلجا تەرەپمۇ ئىپتىدائىي قوراللىق توپىلاڭدىن بىردىنلا مۇنتىزىم سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. «ئىنقىلابچىلار» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر ياشلار ئالدىنقى مەزگىلدە ئەدەپ كەتكەن مىللىي ئازاتلىق ۋە سىياسىي مۇستەقىللىق تەرەپتارلىرىغا قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ بولسىمۇ تاقابىل تۇرۇشتىن يانمىدى ۋە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىخان تۆرە دېگەن كىشىنىڭمۇ «سىبىرىيە ئۇنىۋېرىستېتى»غا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىشتەك تەقدىرى بېكىتىلدى. ئۇلارنىڭ شۇئارى ئەلۋەتتە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى ۋە كەسكىن ھالدا «ئۈچ مەسلەك(三民主义)نى يەر بىلەن يەكسان قىلىش» ئىدى.

ئەخمەتجان غۇلجا ۋەقەسىگە باشتىن ئاخىرى قاتناشقان بولۇپ، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ گاھ ئەلەم گاھ قەلەم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى، گاھ كۆتۈرۈلۈپ گاھ پەسىيىشىگە ئەخمەتجاننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە ۋەزىپەلىرىنى كۈزىتىش بىلەن تۆۋەندىكىچە جاۋاب تاپالايمىز:

بىرىنچىدىن، 1941-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىپ دەسلەپكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن مەزگىلدە، شىڭ شىسەينىڭ ئىشەنچىسى تەۋرىنىپ، «رەڭگى» ئۆزگىرىپ كەتتى. مەلۇم تەرەپ شۇنىڭدىن كېيىن قەھرىمانلارچە تۈسى قۇيۇق بولغان بىر خىتاينىڭ ھاكىمىيەتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا سوتسىيالىزمنى ئېلىپ كىرىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەنلىكىگە چىنپۈتتى. بۇندىن باشقا يەنە تۈركىيەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشنى پىلانلىغان پانتۈركىزم ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغان بىر ئۇنسۇرىنى شىمالىي شىنجاڭغا ئەۋەتىش ئارقىلىق شىنجاڭدا كۆپ سانلىق مىللەتلەردىن (تۈرك تىللىق مىللەتلەر شىنجاڭدىكى 14 مىللەتنىڭ ئىچىدە يۈزدە توقسەننى ئىگەللەيدۇ) پايدىلىنىپ، شىڭ شىسەيگە زەربە بېرىشنى لايىق كۆردى. ئويلىمىغان يەردىن شىڭ شىسەي بالدۇرلا كېتىپ قېلىپ، قىلچە زىيان كۆرمىدى. ۋۇ جۇڭشىن بولسا دەل ۋاقتىدا پەيدا بولۇپ، بىلىپ-بىلمەيلا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، مەلۇم تەرەپ تەدبىر ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن ھەربىي يولدىن سىياسىي يولغا ئالمىشىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەلبەلىك قۇرۇلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان خەلقئارا ۋەزىيەتنى چىقىش قىلغاندىمۇ ھەر تەرەپ كېلىشىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دونكىخوتقا ئايلىنىپ، ھەددىنى بىلمەي قالغان ئۇ بىر توپ مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تەرەپدارلىرى باستۇرۇلۇپ، يېڭىچە بىر گۇرۇھ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت بىلەن تېنچلىق بىتىمى ئىمزالىدى. شۇندىن كېيىن، ئەخمەتجان غۇلجا تەرەپ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت شەكلىدىكى ھۆكۈمەتكە قاتناشتى. ئۇنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ۋەزىپەسى سۆزسىز ھالدا بىر كېلىشتۈرگۈچى بولۇشتۇر.

سېھىرگەرلىكتىنمۇ خەۋىرى بار

ئەخمەتجان قاسىمى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە جاڭ جىجۇڭ قەشقەردە، 1947-يىل ماي

ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ئەخمەتجان ئادەتتە خىزمەتداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندىكى مۇئامىلەسىدە مۇلايىملىق ئىچىدە قاتتىقلىق يوشۇرۇنغان، ھەتتا ئانچە-مۇنچە باندىتچە پۇراقمۇ چىقىپ تۇرىدۇ دەپ ئېيتساق ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ئەمدى «تاكتىكا» ۋە پەم-پاراسەت ھەققىدە سۆز ئاچىدىغان بولساق، ئەخمەتجان سۆز ۋە ھەرىكەتتە قىلچە چاندۇرمايدىغان بىر سېھىرگەردىن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھىيلە-نەيرەڭلەرگە ئىگە.

گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ناھايىتى قىيىن شارائىت ئىچىدىكى ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىشتا «ئىتتىك سوققان تومۇرنى يىڭنە سانجىپ ئاستىلىتىش»(急脉缓灸) ئۇسۇلىنى تاللىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رېئالىزم بىلەن غايىۋىيلىق ئارىسىدا پەرق مەۋجۈت ئەمەس ئىدى. ئۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى، ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي پروگرامماسىنى ئېلان قىلدى ۋە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كەڭ كۆلەمدە مەمۇرىي خىزمەت ئۈچۈن كادىر قۇبۇل قىلدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ مەلۇم يات دۆلەت (سوۋېت ئىتتىپاقى)نىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. شۇنداقلا ئەمەلىيەتتە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بويىچە مانجۇ چىڭ ھاكىمىيەتىنىڭ 200 يىللىق فېئودال ئىستىبداتى ۋە مىنگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇم-سىتەملىرى، شۇنداقلا شىڭ شىسەينىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ئاستىدا ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى. لېكىن، جەمئىيەتتە يەنە بىر خىل گەپلەر ئېقىپ يۈرگەن بولۇپ، خۇددى جاڭ جىجۇڭ يولغا قويغان بارلىق ئىجرائاتلار پۈتۈنلەي ئىلى ئىنقىلابىدا تۆكۈلگەن قانلار ۋە ئەخمەتجاننىڭ كۈچ چىقىرىشىنىڭ نەتىجەسى دېگەندەك تەسىر پەيدا بولغان.

ئىلى ئىنقىلابىدا ئەلۋەتتە قان تۆكۈلدى، ئەخمەتجانمۇ ئەلۋەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى. لېكىن، ئۇ باشقىلار قىياس قىلغان شەكىلدە كۈچ چىقارمىدى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ پىكىر ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىدە تەستىقتىن ئۆتمىگەندە، ئۇ ئۈنچىقمايدۇ ۋە رەڭگى رويى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ «كاناي»لىرى ئۆزلۈكىدىنلا توختىماستىن بىر ھازا ياڭراپ كېتىدۇ. بۇلاردىن چوڭلىرى پرولتارىيات لۈكچەكلىرىنىڭ يېتەكچى ئۇنسۇرى ئابلەھەت مەخسۇم گۇرۇھىدىكىلەر بولسا، كىچىكلىرى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئوپېرا ئۆمەكىنىڭ نەيچىسى، ئالىقاناتلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇگۈل گۇرۇھىدىكىلەردىن ئىبارەت. ئۇلار خەلقنى خالىغانچە تۇتۇپ، جەنۇبىي گۈلباغ (南花园) يەنى ئەخمەتجاننىڭ تۇرالغۇسى (阿公馆)غا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلالايدىكەن (يېقىندا تۇتۇلۇپ، جەنۇبىي گۈلباغقا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ئىكەن. ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇلار ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر بولۇپ، بىر ئوتتىلېنىيە ئەسكەر ھەربىي ۋەزىپەدىن قېچىپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىكەن). تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ قوللىرى كەينىگە قايرىپ باغلىنىپ، تاياق يېگەن ھالدا كوچىلاردا سازايە قىلىنىدىكەن. بىر تەرەپتىن ئۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى «مەن خىتاينىڭ غالچىسى!» دەپ توۋلاشقا قىستايدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال ئىكەن. ئەخمەتجان بۇ خىل ئەھۋالدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئەمەس بولۇپ، بەزىدە ئۆزى بۇ خىلدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرگە تەنبىھ بېرىپ تۇرىدىكەن.

شىنجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر قانچە زاتنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى سىياسىي ۋەزىيەتىدىكى داۋالغۇش يەنىلا مەسئۇد (سابىرى)نى ۋە ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن)نى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان شاۋقۇندىن پەيدا بولغان ئىكەن. مەسئۇد (سابىرى)نىڭ رەئىس بولۇشى «شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلار باشقۇرۇش»(疆人治疆)تىن ئىبارەت دەسلەپكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپ، ئىلى تەرەپنىڭ ئۆلكە رەئىسىنى بىۋاستە سايلاش جەريانىدا ئىشپىيونلار ۋە تېرورلۇق ۋاستەلىرى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۇرۇنۇشىغا نىسبەتەن بىر توسالغۇ ئىدى. شۇڭا ئويلاپ كۆرسەك ئۇلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن «جاڭ جىجۇڭ رەئىسلىكتە قېلىپ تۇرسۇن» دەپ توۋلاشلىرى ئەمەلىيەتتە «كېيىن ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول قويۇش» (欲取姑予) تىن ئىبارەت تەدبىر ئىكەن، خالاس.

خۇلاسە

شۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتى ناھايىتى مۈشكۈل. لېكىن، كۆرۈنۈشتىكى قالايمىقانچىلىق ھازىرچە پەقەتلا جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلەسى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى مەسىلەسى ئەمەس (بۇ دۆلەت مۇداپىئەسىدە مەسىلە يوق دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە). جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىپادەلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسىلەلەر ھەققىدىكى تونۇشى چوڭقۇر بولۇپ، ئۆز پوزىتسىيەسىنى دەماللىققا ئۆزگەرتىشنى ئويلاشمايدۇ. گەرچە ھازىر موڭغۇلىيە قوشۇنلىرى بەيتىكتىن چېكىنمىگەن ۋە ماناس دەرياسى(ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي شىمالىغا يۈز كىلومېتىر كېلىدۇ)نىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي «چېگرا قوغداش قوشۇنلىرى»دىن سەككىز مىڭ نەپەر ئەسكەر كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا بىر «كۆرۈنۈش»، خالاس.

مەنبە:«يەر-جاھان» (纵横天下) ژورنىلى، 1947-يىلى ئاۋغۇست بېسىلغان 6-سانى


مەزكۇر ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخاسى:

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top