You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە سېرىق ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېڭى ئەسەرلەر

سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە سېرىق ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېڭى ئەسەرلەر

پروفېسسور دوكتور مەھمەت ئۆلمەز (يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: دوكتورانت مىھراي ئوسمان

سېرىق ئۇيغۇرلار، خىتايچە ئىسمى يۇگۇزۇ ۋە يوگۇر / يۇغۇر خەلقى ھەققىدە خىتايدا يېقىنقى 10-15 يىلدا نۇرغۇن قىممەتلىك يېڭى تەتقىقاتلار، فولكلور ۋە ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتى ئېلان قىلىندى. مەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە قۇردا تىلغا ئېلىشقا تىرىشىمەن.

(1) 西部裕固语研 ،(غەربىي رايۇن سېرىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى) 陈宗振 بېيجىڭ، 2004-يىل، 550-بەت ،چېن زوڭجېن

«غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىللىرى تەتقىقاتى» چېن زوڭجېننىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئۆمرىنى ئۇيغۇرچىغا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان. بۇ تەتقىقات سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى كۆپ خىل نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، سېرىق ئۇيغۇرچىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرگە، ھەجىملىك بىر تېكىست توپلىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تېكىستلەرنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ۋە ئاخىرىدا بۇ تېكىستلەرنىڭ لۇغىتى بار. لۇغەتتىكى تۈرلەر ئۆزى تۈزگەن كىشىنىڭ ئېغىز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، لۇغەتتە بىر سۆز بىردىن كۆپ تېما بېشى ۋە نۇسخىسى بىلەن كۆرسىتىلگەن. كىتابتىكى ماتېرىياللار تەخمىنەن 45 يىل توپلىنىپ رەتلەپ چىقىلغان توپلام ۋە نەشىرلەرنى ئاساس قىلغان.

كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا، تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، سارىگ، سارىگ باش تاركان قاتارلىق ئىسىم ۋە ئۇنۋانلار ئۈچۈن بېرىلگەن ئۇچۇرلار تىلغا ئېلىنغان. سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى غەربتىكى سېرىق ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىدا تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان. خىتاي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى روسىيەدىكى تەتقىقاتلار، سېرىق ئۇيغۇرچىنىڭ تۈرك تىللىرى ئىچىدىكى ئورنى ۋە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى تىلغا ئېلىنغان.

كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن:

بىرىنچى بۆلەكنىڭ بىرىنچى قىسمى گرامماتىكىلىق بۆلەك بولۇپ، گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان. باشتا تەپسىلىي ۋە كۆپ ئۆرنەكلىك فونېتىكا بۆلىكى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز بىلىمى، سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى بار (71-بەت)؛ ئۈچىنچى بۆلۈم قوشۇمچىلار ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گرامماتىكىلىق بۆلەك؛ تۆتىنچى بۆلۈمدە بولسا، كونا ئۇيغۇرچە ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن (242-315-بەتلەر).

فونېتىكا بۆلۈمىدە، يۇغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەر جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى. كېيىنكى بەتلەردە ھەر بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان سۆز مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن. گرامماتىكىغا تەۋە ھەر تېما، زامان قوشۇمچىلىرى، شەخس ۋە كېلىش قوشۇمچىلىرى ئالغان شەكىللەر نۇرغۇن مىساللار بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن:

بەل + دە ← بەلدە

سۆز + دە ← سۆزدە

ئاخس + دا ← ئاخسدا «ئېغىزدا»

ئورغاق + دا / تا ← ئورگاكدا «ئورغاقتا»

ئوھت + ې + ندا ← ئوھتېندا «ئوتۇندا»

ئەنەك + ى + ندە ← ئەنەگىندە «ئىنىكىدە»

كۈچەيتكۈچىلەر: ياپ-ياڭى «پۈتۈنلەي يېڭى»، يىپ-يىمساق «يۇپيۇمشاق»، ئۇپ-ئۇزۇن «ئۇزۇن»: جاراڭلىق تاۋۇشلۇق جۈپ سۆزلەر، يېقىن مەنىلىك جۈپ سۆزلەر: ئاخلدىن-گۈمۈس «ئالتۇن كۈمۈش»، ئاياق-ساۋا «ساپال»، ئوھق- يا «ئوقيا، قورال»، پو-گېلېش «مىلتىق قىلىچ، مىلتىق قىلىچ»، گوزى-ئۇلغاق «قوزا، ئوغلاق»، گارغا-گۇزغۇن «قاغا قۇزغۇن» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەر خىل بىرىكمىلەر قىزىقىشنى قوزغايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرلەشتۈرگەن سۆزلەردىن كۆپ پەرقلىقلىشىپ، مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە ئاساسەن ئوخشاش مەنىدىكىلىرىمۇ بار: گازىنا «قېينانا» (گازىن + ئانا «قايىن + ئانا»)، گېزاگا «ئاچا» (گېز «قىز» + ئاغا «ئاكا»)، شىتەر «ئىت تېرىسى» ( ئىشت «ئىت» + تەرى «تېرە»)، بۇگېن – بوگېن «بۈگۈن»، ئاخلدون «ئاتمىش» (<ئاھلتې + ئون).

ئىككىنچى قىسمىدا جۈملە مىساللىرى (500 جۈملە)، تۈزۈلگەن تېكىستلەر (336-459-بەتلەر)، قوشۇمچە تىزىملىكى (460-473-بەتلەر) ۋە ئاخىرىدا لۇغەت قىسمى بار (474-550-بەتلەر).

1) ئامگې گۇڭزو گۆھپ درو.

2) بۇ گۇڭزونې ئاملا تۇتگېش درو.

3) مېسلەر خوسى مالجى كېسى. « بىزلەر مالچى.»

4) مەندە ئاۋانا بار. « مېنىڭ دادام ۋە ئانام بار»

5) سەنېڭ ئاناڭ گايداغى كېسى؟ « سېنىڭ ئاناڭ كىم؟»

6) شادېڭ بار بە؟ « سېنىڭ ئايالىڭ بارمۇ؟» ( ساچلىغ «چاچلىق ← ئايال»)

7) سېنېڭ يەدۈگې كىسې بار بە؟ « سېنىڭ ئايالىڭ بارمۇ؟» ( يەدۈگى ← ئۆيدىكى كىشى « ئايال، خانىم»

8) سەنېڭ ئەرەن كىسې بار بە؟ « سېنىڭ ئەرىڭ بارمۇ؟»

9) سەن سۇت ساغېۋ جىداغاق بە؟ « سەن سۈت ساغالامسەن؟»

10) سەندە گەم بار مە؟ « سەندە كېسەللىك / غەم بارمۇ؟»

11) بۇ كېم دېر؟ « بۇ كىم؟»

يۇقىرىدىكى جۈملە مىساللىرى تېكىستلەر ئېلىندى. ھەر بىر جۈملىنى، سۆزنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ئاستىدا بېرىلگەن، توپلانغان تېكىستنىڭ ئىسمى ۋە توپلانغان ۋاقتى خاتىرىلەنگەن. تېكىستنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم خىتايچە تەرجىمىسى خىتايچە سۆز تىزىلىشى بويىچە بېرىلگەن.

بېر ئەنەكدىڭ لوماك «بىر ئىنەكنىڭ ھېكايىسى» (< تۈركچە يوماك)

بىر ئانېغا بار مە درو، ئانىگا بېر ئەنەك ئاھسېراپ بار مە درو، ئەنەكدې ئۇھگارماس مە درو، كۇن سەن لا جالوھتگاك مە درو. « بىر موماي / چوڭ ئانا بار ئىكەن، بۇ ئايال بىر ئىنەك باقىدىكەن، ئىنىكى ئوتلىمايدىكەن، ھەر كۈنى ئۇنى (ئۆزى ئوتلىسۇن دەپ) قويۇپ بېرىدىكەن.»

تېكىستلەر ئىچىدە تېپىشماق، ماقال-تەمسىل قاتارلىق فولكلور ئېلېمېنتلىرى بار:

بەس پېرغان ئەھتەېرېپ درو. بۇ نى درو؟ (ئېلېگ) « بەش بۇددا ئۇزىتىپ، بۇ نىمە؟» (قول)

بىر ھۇگۇسدېڭ موڭېسگە داس دەغسە، مېڭ ھۇگۇسدېڭ بوزې شېركېرا دېر. «بىر ئۆكۈزنىڭ مۈڭگۈزىگە تاش تەگسە، مىڭ ئۆكۈز بىنى ھىس قىلىدۇ» ( ھۇگۇس «ئۆكۈز، كالا»)

سېرىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەتقىقات تەخمىنەن 6000 سۆزلۈك لۇغەت بىلەن تاماملانغان.

(2) 外国 裕固族 研究 文集 چەتئەل سېرىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى توپلىمى، 钟进文 جوڭ جىنۋېن، بېيجىڭ 2008، 416 بەت.

بۇ خىتاي سىرتىدىكى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن غەرب ۋە شەرقىي يۇغۇرلار ھەققىدە ئېتنوگرافىيە، فولكلور ۋە تىل تەتقىقاتلىرىدىن توپلانغان ئىنسانشۇناسلىق كىتابى. ئىككى قىسقىچە مەزمۇندىن كېيىن، تەھرىر جوڭ جىنۋېننىڭ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىدىن چىقارغان ئۇزۇن بىر خۇلاسىسى يەر ئالغان (1-38). ئۇنىڭدىن كېيىن رۇس، ئامېرىكا، گوللاندىيەلىك، فىنلاندىيە، ياپون ۋە گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ نەشرلىرىدىن تەرجىمىلەر يەر ئالغان. 26 ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ توپلام تەھرىر تەييارلىغان بىر بىبلىئوگرافىيە ۋە ئاخىرقى سۆز بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ توپلاملار ماننېرخېمدىن مالوۋغىچە، تېنىشېۋدىن ساگۇچى تورۇغىچە بولغان تاللانمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

裕固千秋 Yugu qianqiu / The Long History of the Yugur, Beijing 2009, 77s.

«سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخى» ناملىق كىتاب ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە قوش تىللىق قىلىپ تەييارلانغان بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى باشتىن-ئاخىر ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاكادېمىك ۋە سەنئەتچىلەر قوشۇنى بىلەن تەييارلانغان بۇ كىتابتا خىتاي مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، موڭغۇلىيەدىن گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇر يايلاقلىرىغىچە بولغان كۆچۈش ۋە تارىخ بايان قىلىنغان.

كىتابنىڭ نەشر قىلىنغان يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60-يىلى، سۇنان يۇغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 55-يىلىغا توغرا كېلىدۇ (1-بەت).

تۈركولوگىيە ساھەسىدە سېرىق ئۇيغۇر ۋە سارىگ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خەلق ئۆزىنى يوگۇر / يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كىتابتا يۇغۇر دەپ ئېلىنغان. خىتايچە ئىسمى يۇگۇ بولۇپ، يۇغۇرلار خىتايدا ياشايدىغان 56 مىللەتنىڭ بىرى (7-بەت).

خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسەن، ئەڭ قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرى بولغان يۇغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، قەدىمكى سىبىرىيە خەلقلىرىنىڭ بىرى بولغان  گاۋچې ياكى چىلى قەۋمىدىن دىڭلىڭ قەبىلىسى يۇرتىدىن سۇ ۋە ئوتلاق ئىزدەش ئۈچۈن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206-يىلدىن 220-يىلغىچە) كۆچمەن بولۇپ ياشىغان ۋە ئاخىرىدا مۇڭغولىيە ساھەسىگە يەرلەشكەن.

پادىلىرى بىلەن يېڭى يايلاق ئىزدەش ئۈچۈن توختىماي كۆچۈپ يۈرگەن گاۋچىلارنى تەسۋىرلىگەن بىر رەسىم (18-بەت)

شىمالىي ۋە جەنۇب سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيە 420-يىلى مىلادىيە 589-يىلى) چىلە قەبىلىسى خېشى/ گەنسۇ كارىدورى رايونىدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى مانا مۇشۇنداق باشلانغان (19-بەت). چىلەلەردىن ئايرىلغان يۈەنخې قەبىلىسى چىليەن تېغىنىڭ ئېتىكىگە كەلگەن ۋە بۇ يەرگە يەرلەشكەندىن كېيىن خۇيخې (ئۇيغۇر) ئىسمىنى ئالغان بولۇپ، بۇلار يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر (20-بەت).

ئالدى بىلەن 756-يىلى، ئاندىن 758- ۋە 821-يىلى، خۇيخې (ئۇيغۇر) خانلىرى تاڭ سۇلالىسى خاندانلىقى مەلىكىلىرى بىلەن توي قىلغان («كۇنچۇي» گوڭجۇ – مەلىكە). بۇ توي بىلەن خۇيخې (ئۇيغۇر) بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ساقلانغان (22-بەت). بۇلارغا ئالاقىدار بەزى تەسۋىرلەر دۇنخۇاڭ ئۆڭكۈرلىرىدىكى تام رەسىملىرىدىمۇ تەسۋىرلەنگەن (25-بەت).

840-يىلى خۇيخېلار ئىسمىنى چەۋىك شاھىنغا ئۆزگەرتكەن، كېيىن خۇيخۇ / ئۇيغۇر ئىسمىنى ئالغان. ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپپا ياغلاقارلار بولۇپ، ئۇلار خېشى / گەنسۇ كارىدورىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قەبىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلار تارىختا گەنجو خۇيخۇ / كانچۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ بىلىنگەن (23-بەت).

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيخۇلار 300 يىلغا يېقىن چارۋىچىلىق بىلەن بىرگە تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، يىپەك يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلىغان، بۇنىڭ بىلەن شەرق ۋە غەرب تىجارىتىدە تۆھپە قوشقان. رايوندا 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، قاراخانىلار ئوتتۇرىغا چىققان. 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ يىمرىلىشى بىلەن سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان، خۇيخۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا داۋاملاشقان (26-27-بەت).

كانچۇ (قوچۇ) ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاڭغۇتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتنى تەشكىل قىلغان قەبىلىلەرمۇ ئاستا-ئاستا تارقىلىشقا باشلىغان (18-بەت).

يۇغۇرلارنىڭ مەشھۇر ھېكايىلىرى ئىچىدە سالى ماكە ئىسىملىك ياش قىزنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى داستان مۇھىم ئورۇن تۇرىدۇ. 600 يىلدىن بۇيان ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ كەلگەن بۇ داستاندا ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىماننىڭ قايغۇلۇق ھېكايىسى سۆزلەنگەن (29-31-بەت). يۇغۇر قىزلىرى بۈگۈنگىچە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن زىننەتلەنگەن دوپپىلارنى، كىيىملەرنى تىكىدۇ ۋە كىيىدۇ.

كىتابنىڭ داۋامىدا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ سۇلالىسى (1368-1644) ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى كۆچۈشىگە، تارىخىغا يەر بېرىلگەن. ئاخىرىدا، يۇغۇرلار چىلىيەن تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەرلەشكەن. بۇ رايونغا يەرلەشكەن يۇغۇرلار خۇاڭبو ئىسىمنى ئالغان. چىڭ / مانجۇ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىمپېراتور كاڭشى دەۋرىدە يەتتە تارماققا بۆلۈنگەن (40-بەت).

گەرچە يۇغۇرلار بۇرۇن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان (41-بەت).

1936- يىلدىن باشلاپ، قىزىل ئارمىيە بۇ رايونغا كىرگەن، 1949-يىلدىن كېيىن، يەرلىك كىشىلەر جاڭيېدا ئارمىيە بىلەن ئۇچراشقان (42-43-بەت).

قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى يۇغۇر خەلقى ناخشا ئېيتىشنى ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. تاغلارنىڭ، دەريالارنىڭ، ئوتلاقلارنىڭ، يايلاقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۇلارنىڭ تەبىئىي تالانتىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

ئىنقىلابتىن كېيىن سۇنەنگە ئەۋەتىلگەن در. جورج خاتېم رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى (47-بەت).

1953- يىلى، يوغور ئىسمى يۇغۇرغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلدى (48-بەت). يۇغۇر خەلقى زاڭزۇ بۇددا دىنىغا ئىشىنىدۇ. بۇددا بۇتخانىلىرى يۇغۇرلار ئۈچۈن ھەم مەكتەپ ھەم مەدەنىيەت مەركىزىگە ئوخشايدۇ (49-بەت). يۇغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە توي ئەنئەنىسى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇ مۇراسىملاردا كىيگەن رەڭلىك كىيىملىرى گۈزەللىكى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ (50-51-بەت).

يۇغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە كۆچمەن بولۇپ، يايلاقلاردىن يايلاقلارغا كۆچۈپ ياشايدۇ (53-بەت).

يۇغۇر خەلقى ئاق كۆڭۈل ۋە مېھماندوست بولۇپ، ئىشىكى ھەر يەردىن كەلگەن مېھمانلارغا چىن كۆڭلىدىن ئوچۇق. ئەسىرلەر بويى داۋاملاشقان تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر توختاپ قالمىغان بولۇپ، يۇغۇر خەلقىدىكى يېڭىلىقلار بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا (56-بەت). يۇغۇرلار ئىچىدە ھازىر ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىلا ئەمەس، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىدا ئوقۇغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، يۇغۇرلار تېخنىكىنىڭ يېڭىلىقلىرىنى ۋە يېڭى سودا مەھسۇلاتلىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنى يايلاقلاردىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللانماقتا (62-بەت).

بۇددىزم ئېتىقادىغا ئاساسەن بۇغا سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەلەي ۋە بەختنىڭ سىمۋولىدۇر (59-بەت).

يۇغۇرلارنىڭ تاغلىرى، يايلاقلىرى سەنئەتكارلارغا، رەسساملارغا ۋە شائىرلارغا ئىلھام بېرىدۇ، سەنئەتكارلار بۇ مەنزىرىگە قاراپ ئەسەر ئىجاد قىلىدۇ (65-بەت).

كىتابنىڭ ئاخىرىدا تۆھپە قوشقان ئاكادېمىكلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ رەسىملىرى ۋە ئىسىملىرى بېرىلگەن.

(3) 中国裕固族传统文化图鉴 خىتاي سېرىق ئۇيغۇر ئەنئەنە ۋە مەدەنىيىتى رەسىملىك توپلىمى / An Illustrated Volume of Chinese Yugur Traditional Culture, Chief Editor 高林俊 Gao Linjun, Beijing 2010, 244

يۇغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەزمۇن قىلغان رەڭدار، چوڭ ھەجىملىك ​​ئەسەر ئايرىم-ئايرىم ئىككى تونۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى تونۇشتۇرۇش سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى، ئىككىنچى تونۇشتۇرۇش يۇغۇر تەتقىقاتچىسى جوڭ جىنۋېنغا ئائىت. كىتابتا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئائىت بولغان نۇرغۇن بۇيۇملار، ئاشخانا، ئۆي سايمانلىرى، جابدۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ سېرىق ئۇيغۇر تىلى ئىسىملىرى بار. رەسىملەر، سېرىق ئۇيغۇر تىلى سۆزلەرنى چۈشىنىشىمىزنى قولايلاشتۇرىدۇ.

بۇ خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خەرىتىسى بولۇپ، خەرىتىدىكى ھالرەڭ قىسىم سېرىق ئۇيغۇرلار ياشايدىغان سۇنان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردۇر. ئوڭ تەرەپتىكىسى سېرىق ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ يېقىنلاشتۇرۇلغان خەرىتىسى.

بىرىنچى قىسمىدا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇلاھىزە قىلىنغان. كۈلتېكىن يېزىقىدىن باشلاپ، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، سېرىق ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان تولۇق ئۇيغۇر قوليازمىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئالتۇن يارۇق سۇدۇر تىلغا ئېلىنغان. بۇ بۆلۈمدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە يېزىق تىلى يوق ئىكەنلىكى، شەرقىي يۇغۇرلار تۈركچە، غەربىي يۇغۇرلار موڭغۇلچە قوللىنىلىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن (29-بەت).

ماددى مەدەنىيەت بۆلۈمىدە، نىمىلەرنى ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشى، ھەر خىل قوراللار- ئۈسكۈنىلەر ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى تونۇشتۇرۇلغان. كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ھەر خىل سۈرەتلەر بىلەن بەزى قوراللار، مەزمۇنلار شەرق ۋە غەرب يۇغۇر تىللىرىدا تونۇشتۇرۇلغان:

يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇۋاتقان يۇغۇرلار

تۇنجى سۆزلەر/ شەرق: گاجېر تاراما / ئىككىنچى  قاتاردا غەربىي يۇغۇرچىدىن: يەر دارېما «دېھقانچىلىق، يەر ھەيدەش»، نۈمە مەرتې / گۆشمە يولدا «كۆچۈش يولدا، بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچۈش»، داسېن تومېگا تالما / يېگ يېگېرگە بوكزا دىكمە « يىپ ئېگىرىپ توقۇش» (رەسىمدە)، گۇاسېن ئۈرىگە داسېن تومېما / يۇڭ دۇدگا يىپ يېگېرمە « يۇڭ توقۇپ يىڭ ئېگىرىش»، دىسەن ھالگاداجى، ئۇسۇنجەلما / يېپ ھايداۋ، سۇد يەيما « يۇڭ ئېگىرىپ يىپ ئېگىرىش»، ئالاگ نەكەمە / ئالا تاغار سوگما « كىيىم ئۈچۈن رەخت توقۇش»، دىسەن ھالغادا / يېپ ھاياداما « يىپ ئېگىرىش» ، مورەئىن ئولوڭ / گولېن «كەمەر»، لانتاگ / دارتېگ «ئارغامچا، ئارقان»، ھونې ئادداما / گوي ئۇھگارما «قوي ئوتلاتماق»، جىچىغار ھونې ھېرغاما / جىچىغا گوي گېركما «قوي قىرقىش»، گۇاسەن دەلگە / يۇڭ يازما «يۇڭ يايماق، يۇڭ ئاچماق»، سېكەئى تالما / گېغېس سالما «كېگىز ياساش»، نىن ساما / ئەنەگ ساغما «ئىنەك سېغىش»، ھۇسېن چۇگلاما / سۇد يومدارما «سۈت توپلاپ سېتىش»، جۇنې نوتوغې مالچېس / يەگې يورتداگې مالچېلار «يايلاقتىكى مالچىلار»، مال ئادداما / مال ئۇھگارما «ھايۋان ئوتلاتماق»، ئەلۋەكدەغە نۈمە / گۆش كېناما «كۆچۈش تەييارلىقى»، جانگ ئاچېما / شۇك شۇكدەمە «يۈك توشۇماق»، نۈمە مەرتې / گۆچمە يولدا «كۆچۈش يولدا»؛ ئوۋچىلىق: جانو / جانو «توزاق»، پۇ / پو «مىلتىق»، دېڭزى / مېسگا «ئوق قېلىپى»، دار گوتې / دار گۇتې «ئوق دورىسى قۇتىسى»؛ ئۈسكۈنىلەر: تالغان داما / تالگان ئۇغۇمە «ئۇن تالقانلىماق»، تەرمەن / تەغىرمەن «تۈگمەن»، گار تەرمەن / ئېلېگ تېغېرمەن «قول تۈگمىنى»، ئەمەل / ئەزەر «ئېگەر»، گولو دورو / گۇلا ئەزەنگى «ئۈزەڭگى»، گادار / يۈگەن «يۈگەن، ئارغامچا»، يېگ / يېگ «چاق ئوقى»، ھاش يېگتولغەي / كاژ ئاغېرچىگ «قاشتېشىدىن يومىلاق تەخسە»، ھۇاتشېگ / ئارگاش «سومكا، خۇرجۇن»، ئالاگ / ئالا تاغار «سومكا، تاغار»، بوگتشو / بوكجا «بوغچا»، كەدە / ئۇدۇگ «دەزمال»، مەڭگە ئايغا / گۇمې جاناگ «كۈمۈش چىنە»، سۇد باغاجا «سۈت قاچىسى»، تۇلۇم / تۇلۇم «تۇلۇم»؛ قول سەنئەتلىرى: دەرە / ياسدېگ « ياستۇق»، جۈلغە مېسگې / مانېم كەزغې «نەقىشلىق كىيىم»، ھورمەي / ئەھسەگ «نەقىشلىق كۆينەك، يوپكا» قاتارلىقلار.

كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت بۆلۈمىدە، دوپپا، ئاياغ، كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەتلەر تونۇشتۇرۇلغان. بىز بۇ بۆلەكتە زىبۇزىننەتكە ئائىت بىر قانچە مىسالنى بېرەلەيمىز: ھاش ئەمىگ / كاژ سېركا «قاشتېشىدىن ھالقا»، مەڭگې ئەمېگ، مەڭگې بېلەزېگ / گۇمېس بەلەسېگ «كۈمۈش ھالقا، كۈمۈش يۈزۈك، كۈمۈز بىلەيزۈك»، بەلداما / بەلدارتبا «كەمەر، بەلباغ».

مەدەنىيەت سىمۋوللىرى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بۆلۈمىدە، ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سىمۋوللۇق بەلگە، رەسىم ۋە نەقىشلەر تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرى ۋە سىزمىلىرى بۇ يەردە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىدۇ. ھەتتا سۇنەن شەھىرىدىكى ئىمارەتلەرمۇ يەرلىك نەقىشلەرگە ئاساسەن شەكىللەنگەن، بىنالارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى يۇغۇر دوپپىسىغا ئوخشىتىلغان.

ئائىلە مەدەنىيەت بۆلۈمىدە، ئاشخانا، ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرتاماقلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بىر قوينى بوغۇزلىنىپ پارچالانغاندا، ھەر بىر پارچىسىغا بېرىلگەن ئىسىملار تىزىلغان: شېكەيتا / يودا «يوتا، سان»، سۇيجى / يان «يان»، دالې / يارېن «يارىن»، پۇچۇن / دوس «دۆش»، سۇئىل ئۇچا / گۇزۇرېگ ئۇجا «قۇيرۇق، قۇيرۇق ئۇچى» قاتارلىقلار؛ تۇسېنچا / سۇددېغشا «سۈت چېيى، سارماي چېيى».

ئەنئەنە بۆلۈمىدە، توي مۇراسىمى، بالىلارنىڭ چاچ ياساش مۇراسىمى ۋە ھەر خىل ئېتىقادلار چۈشەندۈرۈلگەن. بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ چېچى تۇنجى قېتىم كېسىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم مۇراسىم بولۇپ، بۇ مۇراسىم ھەم قىزلار ھەم ئوغۇللار ئۈچۈندۇر.

دىنىي ئېتىقاد بۆلۈمىدە، بۇددىست بۇتخانىلىرى، دىنىي تېما ۋە دىنىي پائالىيەتلەر تونۇشتۇرۇلغان. يازنىڭ بىرىنچى ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوبوگ / ئوباگ مۇراسىملىرىنىڭ رەسىملىرى بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇغۇر يايلاقلىرى ۋە ھەر خىل ۋادىلاردىكى بۇتخانىلارنىڭ رەسىملىرى بار. دىنىي مۇراسىملاردا ئىشلىتىلىدىغان چالغۇلارنىڭ رەسىمى كىرگۈزۈلگەن. مىسال: ھەرغە / ساناغې «تەسبىھ».

ئاخىرقى بۆلۈمدە مۇھىت ۋە تەبىئەت تىلغا ئېلىنغان. بۇ بۆلۈمدە مۇھىت، سېرىق ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يايلاقلار ۋە بۇ رايوندىكى تۇرمۇش تونۇشتۇرۇلغان. كۆچمەنلەر ئۈچۈن مۇھىت ئىنتايىن مۇھىم، مۇھىت ھۆرمەتلىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ. بۇ بۆلۈمدە يۇغۇر جۇغراپىيەسىدىكى نۇرغۇن سۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، گۈللەرنىڭ ۋە سۈلەيسۈندىن ياۋا ئېشەككىچە نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ رەسىمىلىرى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى بۇلارنىڭ يۇغۇرچىدىكى ئىسمى بېرىلمىگەن.

كىتاب ئاخىرقى سۆز بىلەن تاماملانغان.

(4) 中国裕固族研究 خىتاي سېرىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى / Yugur Studies in China, CI, 钟进文 巴战龙

Zhong Jinwen, Ba Zhanlong, Beijing 2011, 528s.

سېرىق ئۇيغۇرلار؛ خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن سېرىق ئۇيغۇرلانىڭ تارىخى، تىلى ۋە باشقا تېمىلار توغرىسىدا خىتايچە نەشرگە تەييارلانغان بىر كىتاب. تونۇشتۇرۇش ۋە كىرىش سۆزدىن كېيىن، ئوخشىمىغان تېمىلاردا ماقالىلەر يەر ئالغان. بىز بۇ تېمىلارنى تارىخ، تىل، دىن، ئەنئەنە، ئەدەبىيات، مائارىپ، سەنئەت ۋە جەمئىيەت دېگەندەك تىزىسلارغا ئايرىپ چىقىرالايمىز. بۇ توپلامدا جەمئىي 63 پارچە ماقالىگە يەر بېرىلگەن.

ئاپتورلارنىڭ ئىسىملىرىنى تۆۋەندىكىدەك تىزىپ چىقالايمىز:

阿尔斯兰 ئارسلان

安惠娟 ئەن خۇيجۇەن

安晓东 ئەن شىياۋدوڭ

安维武 ئەن ۋېيۋۇ

巴 玉环 با يۈخۇەي

巴 战 龙 با جەنلوڭ

白晓霞 بەي شىياۋشىيا

陈宗振 چىن زوڭجىن

达隆 东 智 دالۇڭ دوڭجى،

杜曼 叶 尔 江 دۇمان يېرجان

高 启 安 گاۋ چىئەن،

李建宗 لى جيەنزوڭ،

林 红 لىن خوڭ،

刘荣 ليۇ روڭ،

罗布 藏 敦 智 لوبۇكاڭ دۇنجى،

钱文霞 چيەن ۋېنشيا،

全 迎春 چۇەن يىڭچۈن،

苏珊 سۇ شەن،

唐 授 朝 تاڭ ​​شو چاۋ

何 茂 活 خې ماۋخو،

铁穆尔  تىمۇر

王 锐 ۋاڭ رۈي،

王 锐 ۋاڭ رۈي،

王延军 ۋاڭ يەنجۈن

闫 天 灵 يەن تيەنلىڭ،

杨 富 学 ياڭ فۇشۈ،

叶梅 يې مېي،

赵国鹏 چاۋ گوپېڭ،

赵利生 جاۋ لىشېڭ

钟梅燕 جوڭ مېييەن

ئەسكەرتىش: سېرىق ئۇيغۇر تىلى سۆزلەرنى ئېلىپبەمىزدە ئىپادىلەش جەريانىدا، فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكنى كۆرسىتىدىغان تەپسىلاتلار مەلۇم دەرىجىدە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بولۇپ، ئېلىپبەدىكى ج، گ، غ، ژ، ك، ش ھەرپلىرى بىر نەچچە ئوخشىمىغان بەلگىلەرنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىپادىلەشلەر سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ قوللىنىلغان.

مەنبە: Sarı Uygurlar ve Sarı Uygurca Üzerinde Yeni Yayınlar

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top