You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي ھاكىمىيىنىڭ نۆۋەتتىكى كرىزىسى

خىتاي ھاكىمىيىنىڭ نۆۋەتتىكى كرىزىسى

ئاپتور: ئەنۋەر ئەھمەد

بۇ نۆۋەت خىتاي دۆلىتىدە يۈز بېرىۋاتقان توك يېتىشمەسلىك، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قېلىشى، خىتاي دۆلىتىنىلا ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولىۋاتىدۇ.
خىتاي دۆلىتىدىكى توك يېتىشمەسلىك رايون دائىرىسىنىڭ چوڭلۇقى 20 ئۆلكىگە يىتەركەن، توك توختاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپمۇ بېيىجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، جىياڭسۇ، جېجىياڭ قاتارلىق دېڭىز ياقىسىدىكى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن 30% دىن ئارتۇق تاشقىي پىرىۋوت يارىتىدىغان رايونلارغا مەركەزلىشىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ، تېز ئارىدا ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمىلىي قەدەملىرىنىڭ كۆرۈلمەسلىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىجتىمائىي جەمىيىتىدە بىر چوڭ داۋالغۇشتىن دېرەك بەرمەكتە. پايچەك بازىرىدىكى 60 قا يېقىن ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىمۇ ئىشتىن توختىغان. توك تەمىنلەش توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ئېنىق ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلغىنى يوق.

بۇ ئەھۋال خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەركىزى ھۆكۈمەتكىمۇ ئېغىر خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت تەرەپ بۇلغۇنۇشنى تېزگىنلەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش دىگەندەك سەۋەپلەرنى كۆرسەتكەن بولسا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى كۆمۈرنىڭ كەمچىللىكىنى باھانە قىلىپ كۆسەتكەن. بىر قىسىم ئورۇنلار ئاۋسترالىيەنى ئېقتىسادىي جەھەتتىن جازالاپ، ئۇلارنىڭ كۆمۈرىنى سېتىۋېلىشنى بايقوت قىلغانلىقتىن بۇ خىل ئاقىۋەتكە قالدۇق دىگەن سەۋەپنى كۆرسەتكەن. يىغىنچاقلىغاندا خىتاي دۆلىتىدەك كوممۇنىست دېكتاتورلۇقىدىكى ھۆكۈم سۈرىدىغان جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان ئاۋازنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەسىلىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلغان كۈمۈرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئاليومىن ۋە پۆلات تاۋلاشقا ئىشلىتىدىكەن. ئوت ئېلېكتېر ئىستاسىلىرىغا ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ سۈپىتى ناچار، سەرپىياتى يۇقۇرى، بۇلغاش دەرىجىسى يۇقۇرى ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي دۆلىتىدە ئاساسلىق ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان كۈمۈرگە تايىنىدىكەن. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان مال باھاسى ئۆسۈپ، توك ئىشلەپچىقىرىش زىيان تارتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. توك ئىشلەپچىقىرىشتا كېلىپ چىقىدىغان زىياننى مەركىزى ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالمىغاچقا ئېلېكتېر – ئېنېرگىيە شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان.

ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاي دۆلىتىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش تورىنىڭ ئېغىر بۆھرانغا دۇچ كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىسمەن رايونلاردا توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ توختىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دۆلىتى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ توك ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ، توك بىلەن تەمىلەش تورىنىڭ ئېغىر بۆھرانغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى مەسىلىنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مۇتەخەسىسلەر بۇ توغرىسىدا تۈرلۈك ئانالىزلارنى قىلىۋاتقان بولۇپ:
1. خىتاي دۆلىتى بەلكىم توك ئىشلەپچىقىرىشتىكى كونا، سەرپىياتى يۇقۇرى بولغان ئۇسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى قالدۇرۇپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش باسقۇچىدىكى قىيىنچىلىق.
2. خىتاي دۆلىتىدىكى غايەت چوڭ، سانلىق ئۇچۇر ئاممىرىنىڭ توك ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىناقلار.
3. كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان قىشلىق ئولېمپېك يىغىنىغا قىلىنىۋاتقان تەييارلىق.
4. شى جىنپىڭنىڭ كېلىمات توغرىسىدا ئامېرىكىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى.

يەنە بىر خىل قاراش بولۇپ، ئۇنىڭدا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر پىلاننى لاھىيەلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ پىلان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېقتىسادىي، تېخنىكا، ھەربىي ھازىرلىقى شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشتىكى مەزمۇنلارغا چېتىشلىق ئىكەن.
1. يېڭى ھەربىي قورال سىنىقى: يەردىن نۇر ئارقىلىق سۈن´ئىي ھەمرانى ئېتىپ چۈشۈرۈش قورال سېستىمىسى سىنىقى. بۇ خىل قورال سېستىمىسىنىڭ توك ئىستىمالى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن 6 سائەت ئىچىدە خىتاي دۆلىتىگە قوشنا بولغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىق سۈنئىي ھەمراسىنى ئېتىپ چۈرۈۋەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش بولدى دىيىلسە خىتاي دۆلىتى بۇ خىل قورال سېستىمىسىغا تايىنىپ پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالايدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسى دەل بۇ قورالنى سىناق قىلىش باسقۇچىدا ئىكەن.
2. ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش. نۆۋەتتە بارغانچە يىرىكلىشىۋاتقان ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئامېرىكا ئاۋىياماتكىلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بېرىپ، ئۇرۇش پارتلاپ قالسا قۇرۇقلۇق بەرىبىر ئامېرىكىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ چاغدا يۈز بەرگۈسى شارائىتقا خىتاي پۇقرالىرىنى ھازىردىن باشلاپ كۆندۈرۈش.
3. ئامېرىكىغا زەربە بېرىش. ئامېرىكا تەرەپ زاكاس قىلغان تاۋار ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا ئېكسپورت قىلىشنى ئازايتىش. مۇشۇنداق بولغاندا ئامېرىكىدا مال يېتىشمەسلىك سەۋەپلىك مال باھاسى ئۆرلەيدۇ، پۇل پاخاللىغى كېلىپ چىقىدۇ، ئاقىۋەتتە ئامېرىكا ئېقتىسادىي كىرىزىسكە پاتىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزىنىڭ بۇ خىل سۈيئىقەست نەزىرىيىسى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكىنى ئېقتىسادىي جەھەتتىن چېكىندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش شۇم نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ دىگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس.

يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر، خىتاي دۆلىتىدىكى ئېنېرگىيە، كان بايلىقلىرى، پۇل- مۇئامىلە باشقۇرۇشنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، مەنپەئەتى خىرىسقا ئۇچرىغان سابىق كوممۇنىست رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ دەپ نپەرەز قىلىشماقتا. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ سابىق كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن جىياڭ زىمىن بىلەن زېڭ چىنخۇڭ كۆمۈركان، پۈل- مۇئامىلە ساھەسىنى، ۋېن جىياباۋ مېتال كان بايلىقى مەنبەئەلىرىنى، لى پېڭ يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسىلىرىنى، جۇ يۈنكاڭ نېفىت ساھەسىنى مونوپول قىلىۋالغان. كېيىنكى ۋاقىتتا شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تازىلاش جەريانىدا ئۇلارنىڭ زور مىقتاردىكى ئېقتىسادىي مەنپەئەتىگە خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇلار ئاخىرقى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ شى جىنپىڭنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

خىتاي دۆلەت رەھبىرى شى جىنپىڭ، 21 ئايدىن بۇيان چەتئەلگە چىقالماي بېكىنىۋالدى، ھەتتا بۇ نۆۋەتلىك 20 گ دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرۇشىشىغىمۇ قاتنىشالماي “ئۆزىنى نامايەن قىلىش“ پۇرسىتىنى قولدىن بەردى. يېقىندا خىتاي سودا مىنىستېرلىقى، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال بويۇملىرى ھازىرىلىقى قىلىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقاندىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئومۇمىي يۈزلۇك مال باھاسى ئۆرلەپ، نارازىلىق كەيپىياتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۆتكەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا، شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 10 دىن ئارتۇق يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرمىي ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇردى. بولۇپمۇ غەربىي شىمال ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرىشى، بۇ خىتاي ئارمىيەسى ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭمۇ، ھوقۇقدارلار ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ نەقەدەر كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ئەھۋال. ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 10 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ پارتلاش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، نۆۋەتتە 16 دىن ئارتۇق ئۆلكىگە كېڭەيگەن.

خەلقارادا بولسا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 32 دۆلەت، خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىغا قارىتا ئىلگىرىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى 2021- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى، شۇنىڭدەك قان- يىرىڭغا بۇلغانغان پولات، ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ غەرپتىكى چىگرىسىدا ھىندىستان بىلەن بولغان سۈركۈلۈشى يەنە ئەۋجىگە چىقماقتا. خىتاي جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئامېرىكا يىتەكچىلىكىدىكى بىرلەشمە قوشۇن بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئۆز- ئارا كۈچ كۆرسۈتۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارادا كۈچلۈك دېپلوماتىك قارشىلىققا ئۇچرىماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قويۇقلۇشىشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىنى سۇندۇرۇشتىكى يەنە بىر سەۋەپ بولدى.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار سەۋەپلەر، شى جىنپىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئىچكىي – تاشقىي جەھەتتىن ھالسىراتقان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى نۆۋەتتە ئېغىر بىر كىرىزىس باشقۇچىدا تۇرماقتا.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار، خىتاي دۆلىتىدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگۈرۈشلەرلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق پۇرسەتلەرلەرنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇشىمىز لازىم.

2021- يىلى 8- نويابىر، گېرمانىيە

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.dw.com/de/china-ver%C3%A4rgert-%C3%BCber-eu-delegation-in-taiwan/a-59718898
https://www.wiwo.de/politik/ausland/wirtschaftskrise-china-in-der-krise-tausende-verlieren-ihren-job-seite-3/5494680-3.html
https://www.merkur.de/wirtschaft/china-evergrande-immobilienboom-schulden-krise-geisterstaedte-ueberangebot-china-zr-91061687.html
https://www.tagesschau.de/wirtschaft/evergrande-krise-gefahren-lehman-101.html
https://www.handelsblatt.com/finanzen/immobilien/immobilienfirmen-in-china-evergrande-krise-zieht-weitere-kreise-neue-schwierigkeiten-bei-fantasia-und-modern-land/27695584.html?ticket=ST-2208878-ancFW5nRBMYQufwQelJe-cas01.example.org
https://www.dw.com/de/china-versch%C3%A4rft-corona-ma%C3%9Fnahmen/a-59676005
https://intelligent-investors.de/der-kampf-um-die-globale-vormachtstellung/

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top