You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ بالقانلىشىش ئەندىشىسى

ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ بالقانلىشىش ئەندىشىسى

دوتسېنت قىلىچ بۇغرا قانات

تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىدىقۇت ئوغلى

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى بەك تارتىپ كەتمەيتتى. لېكىن، يېقىنقى زامانلاردا رايوندىكى مەسىلىنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەبىدىن، ئېغىر دەرىجىدىكى كەسكىنلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن ئېتنىك توقۇنۇشقا ئايلاندى.

مەسىلىنىڭ تارىخى ئاساسلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە كېيىن رايوننىڭ خىتاي تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى بىلەن قۇرۇلغان ھەم ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» (ئەسلى شەرقىي تۈركىستان) دەپ ئاتالغان جۇغراپىيەدە بۈگۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇش، پەرىقلىق ئىچكى ۋە تاشقى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى بولغان بىر كىرزىسقا ئايلاندى. بۇ كىرىزىس، پەقەت خىتايدىكى ئاز سانلىق بىر خەلقنىڭ زۇلۇمغا ئۇچىرىشىدىن بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىچكى سىياسىتى، كىملىك سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تونىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇپ قالدى.

مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە دۆلەت بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارنىڭ ھەل بولۇشىدا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىك، بولۇپمۇ مەسىلىگە سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈنلەي بىخەتەرلىك قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىش، رايوننىڭ ۋە رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ بىر تەھدىت ئامىلى دەپ تونۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى دۆلەتتىكى كۆپ سانلىقلاردىن ۋە دۆلەتتىن يىراقلاشتۇردى. دۆلەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم بىر تەرەپتىن رايوندىن قېچىش بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قوزغاشقا باشلىدى.

«ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ جىق ھېس قىلىنغان ۋە ئەڭ كەسكىن قارشىلىق يۈز بەرگەن رايونىغا ئايلىنىپ ئىچكى تەھدىت تونۇشىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى»

– قېلىچ بۇغرا قانات

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاينىڭ يۈكسەلگەن ئىقتىسادىي كۈچى ۋە رايون خارەكتېرلىك خىرىسلىرى بىلەن بىللە، گىئوپولىتىك ۋە ئىستىراتىگىيەلىك دەرىجىگە يۈكسەلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ «غەرپكە يۈرۈش قىلىش» سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ھەم تېخىمۇ بىخەتەر ئېنىرگىيە ۋە تىجارەت يوللىرىنىڭ تار بوغىزىدىكى بىر رايوننىڭ مۇقۇملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تاشقىي سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر.

ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق قىلىپ خەلقئارالاشتى؟

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي باشتىن تارتىپ تەھدىت قارىشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارايتتى. سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقكە ئېرىششىدىن بېرى، ئۆزگەرگەن رايون خاراكتېرلىك تەڭپۇڭلۇقلار ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىشى بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ بەك ئىستراتىگىيەلىك سەۋىيەدە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.

بولۇپمۇ سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن بالقان يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭ ياراتقان تەسىرى، خىتاينىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى قاتتىقلىقنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تەسىرىگە بولغان ئەندىشە، يەنە بىر تەرەپتىن بالقانلىشىش دەپ ئاتالغان بۆلۈنۈش ئەندىشىسى ئېلىپ كەلگەن ئەنسىزلىك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىكى زوراۋانلىقنى ئاشۇردى. رايوندا ھەر تۈرلۈك ئېتنىك ۋە سىياسىي تەلەپ بىر تەھدىت ئامىلى دەپ قارىلىۋاتقاندا، خىتاي باشلىغان »قاتتىق زەربە بېرىش« سىياسىتى بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ ئاتالغان «بۆلگۈنچىلىك، تېرورىزىم ۋە ئەسلىيەتچىلىككە قارشى ئۇرۇش» ئىسمى ئاستىدا رايوندىكى ھەر تۈرلۈك پەرىقلىق قاراش، كىملىك ۋە ئاۋازغا ئومۇمىيۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىندى. رايوندا ئېتنىك ۋە دىنىي ھەق مەسىلىلىرىدە چوڭ چېكىنىش بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارىغان ئۇيغۇر مەسىلىسى، تۇنجى قېتىم بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ بەك خەلقئارا بىر سەۋىيەگە يەتتى. رايوندىكى ئېشىپ بارغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە بولۇپمۇ 1997-يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى ۋە قىيناشلار خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باشلىق كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار تۇنجى قېتىم خىتايدىكى بۇ مەسىلىنى ئاڭلاشقا باشلىغان ئىدى.

«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن بالقان يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭ ياراتقان تەسىرى، خىتاينىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى قاتتىقلىقنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تەسىرىگە بولغان ئەندىشىگە، بالقانلىشىش دەپ ئاتالغان بۆلۈنۈش ئەندىشىسىمۇ قوشۇلدى.»

– قېلىچ بۇغرا قانات

بۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پائالىيەلىرىنى ۋە ۋە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرىنى توسۇش مەقسىتىدە قىلغان سىياسەتلىرى نەتىجىدە مەسىلىنى تېخىمۇ بەك رايون خاراكتېرلىك سەۋىيەگە ئېلىپ كەلدى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان بەش دۆلەتلىك بىرلىكنىڭ قۇرۇلىشى ۋە بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى رايونغا كەڭ يېيىشتا چىڭ تۇرۇشى ئىدى.

بىر كىملىك قورالى بولغان ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ مەزگىلدە، بىر تەرەپتىن رايون خارەكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق بىر مەسىلە بولۇش يولىدا ئىلگىرلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىست رېجىملەر يىقىلغاندىن كېيىن ئېغىر كىملىك كىرزىسى ئىچىگە كىرىپ قالغان ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن قانۇنلۇق بولىشى ئۈچۈن يېڭى بىر ئىدىئولوگىيەلىك تايانچ ئىزدەپ يۈرگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقكە مىللەتچىلىكنى سىڭدۈرۈشى بىلەن باشقا بىر سەۋىيەگە يېتىپ باردى. سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت پۈتۈنلىكى ئۈچۈن بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان ئامېرىكا ۋە ياپونىيە  بىلەن بولغان تىجارى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشى، غەرپ ۋە ياپونىيەگە قارشى بولغان مىللەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چىقىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن تەڭ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۆلەت پۈتۈنلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئەزگۈچى ئاپپاراتىنىڭ قانۇنلۇقلىشىشى ئۈچۈن پەرىقلىق بىر ئۇسۇل ئىزدىمەكتە.

بولۇپمۇ «ئۈچ خىل كۈچ» سىياسىتى بىلەن كېسىشىدىغان شەكىلدە دۆلەتتىكى ئاز سانلىقلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر «بۆلگۈنچىلىرى» نىشان قىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بۆلگۈنچى» ئېنىقلىمىسىنىڭ كەڭلىكىدىن، بۇ ئاتاق ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويالايدىغان پۈتۈن تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ئامېرىكىغا قارشى مىللەتچىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ مېراڭ ئېففىكتى چەكلىك، تىزگىنلىگىلى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى ۋە چىقىمى ئاز بولغان بىر يول تېپىلغان ئىدى. ئاز سانلىقلانى تەربىيەلەش ۋە زامانىۋىلەشتۈرۈش رولىنى ئۈستىگە ئالغان بىر دۆلەت ۋە بۇ ئاز سانلىقلارنىڭ ئىپتىدائىيلىقىغا قارشى يارىتىلغان زامانىۋىي خىتاي ئوبرازى يىللاردىن بېرى خىتاي كىملىك سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يېڭى ئاز سانلىققا قارشى مىللەتچىلىك، ئۇيغۇرلارنى ھەم ئىجتىمائىي جەھەتتىن چەتكە قېقىپ، ھەم دۆلەت ئالدىدا بىر گۇماندار ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى.

بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بۇرىلىش نۇقتىلىرىدىن بىرى، 11- سىنتەبىر ۋەقەسى ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئوخشىمىغان خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭچى، ئىپتىدائىي، ئىنقىلاپ قارشى تۇرغۇچىلارغا ئوخشاش سۈپەتلەش ۋە ئەيىپلەشلەرگە ئۇچىردى. 11- سىنتەبىر ۋەقەسى بىلەن تېرورلۇققا قارشى دۇنياۋىي كۈرەشنى پۇرسەت دەپ بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىم رايوندا تېرورلۇق تەھدىتىنىڭ بار ئىكەنلىكى تەشۋىقاتىنى باشلاپ، خەلقئارا جامائەت پىكرىدە قىلغان زۇلۇملىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى.

بۇ يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان تېرورلۇق دوكلاتلىرىدىكى زىتلىقلار ۋە تېرورلۇق ئۇقۇمىنى خالىغانچە ئىشىلتىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا جامائەت پىكرى تەرىپىدىن خېلى بەك تەنقىدكە ئۇچىردى. لېكىن باشلاتقان دۆلەت قوللىشىدىكى مىللەتچىلىك دولقۇنى ۋە ئۇيغۇرغا قارشى مىللەتچىلىك بىلەن، 11- سىنتەبىردىن كېيىنكى ئىسلامدىن قورقۇش كەيپىياتى دۆلەت چەتكە قاققان ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئوچۇقتىن ئوچۇق يەكلىنىلىشىگە سەۋەپ بولدى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان چەكلىمىلەر ۋە مىھمانخانىلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىكى، ئۇزۇن مۇددەتتە ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئوخشاش بىر ئۆزگۈرۈشنىڭ ئالدىن خەۋەر بەرگۈچىسى ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانداق قىلىپ دۆلەت بىلەن بىر ئېتنىك گۇرۇپ ئارسىدىكى ئىختىلاپنى، ئاز سانلىق گۇرۇپ بىلەن كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان خىتايلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ناھايىتى ياقتۇردىغان «ئىناق جەمئىيەت» ئۇقۇمىغا ئەڭ چوڭ زەربىنى بەرگەن ئىدى. شاۋگۇەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە ئارقىدىن ئۈرۈمچىدىكى نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي كۈچ كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ ساقچىنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى دۆلەتنىڭ بۇ ئېتنىك توقۇنۇشتىكى تۇتقان تەرىپىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

گىئوپولىتىك بىر مەركەز بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئىناق جەمئىيەت ۋە ئىتتىپاقلىق تەشۋىقاتى چۆكۈشكە باشلاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ئۇ ئا ر) (شەرقىي تۈركىستان) خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ پەرىقلىق، بەكرەك ئىقتىسادىي ۋە گىئوپولىتىك بىر سەۋىيەدە يېڭىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 90- يىللاردا باشلىغان ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىقتىسادىي ۋە كەينىدىن سىياسىي بىر كۈچ پروجېكسيونى قىلىدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. بەرپا قىلغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي ساھەلەر كېيىنكى يىللاردا خىتاي ئۈچۈن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دېموگرافىك بىر سەكرەش تاختىسى بولدى.

«دۆلەت قوللىشىدىكى مىللەتچىلىك دولقۇنى، ئۇيغۇرغا قارشى مىللەتچىلىك ۋە 11– سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن باشلىتىلغان ئىسلامدىن قورقۇش  كەيپىياتى، دۆلەت چەتكە قاققان ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئوچۇقتىن ئوچۇق يەكلىنىشىگە سەۋەپ بولدى.»

– قېلىچ بۇغرا قانات

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ ئا ر (شەرقى تۈركىستان) غا قارىتا ئوخشىشىپ قالىدىغان بىر ئۇسۇل قوللىنىشقا باشلىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان «غەرىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» پىلانى، ئۇ ئا ر نى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش نامى ئاستىدا ئىككى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك نىشان بەلگىلىگەن ئىدى.

بىرىنچى نىشان ئېنىرگىيە ۋە تىجارەت يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئىدى. 1993 – يىلدىن باشلاپ تاشقىي ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە قاراشلىق بولغان خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن بولۇپمۇ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خىتايغا بىخەتەر يەتكۈزىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. دېڭىز يوللىرىنىڭ، بولۇپمۇ مالاككا بوغۇزىدىن كېيىنكى يەرلەرنىڭ يېتەرلىك بىخەتەرلىك بېرەلمەسلىكى سەۋەبىدىن تېخىمۇ بەك قۇرۇقلۇق يوللىرىغا مەركەزلەشتى. بولۇپمۇ گۋادار پورتى پروجېكتى بىلەن بىرگە پۈتۈن ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ئۈچۈن ئۇ ئا ر مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. كېيىن ئوتتۇرىغا قويغا يىپەك يولى پىلانىدا ئۇيغۇر رايونى ئالاھىدە بىر مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى.

ئىككىنچى گېئوپولىتىك مەقسەت بولسا، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە دېموگرافىك جەھەتلەردىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر رايونىنى كېڭەيتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر سەكرەش تاختىسى قىلىش. ئەلۋەتتە بۇيەردە بۇ سەكرەش تاختىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن رايوندىكى ھەر تۈرلۈك مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇيغۇر مۇخالىپ قاراش ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ يوقىتىلىپ قاتتىق كونترول قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە كىلملىك ئاسىمىلاتسىيەلىرى بۇ مەزگىلدە باشقىچە سەۋىيەگە يەتتى.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلەرنىڭ رايوندىكى ئېتنىك زىددىيەتكە بولغان ئەڭ شىددەتلەندۈرگۈچى تەسىرى، رايونغا قىلىنغان دېموگرافىك مۇداخىلە ئىدى. بۇ دېموگرافىك مۇداخىلە بىلەن رايونغا خىتاي كۆچمەن يەرلەشتۈرۈلۈپ رايوندىكى باشقا ئېتنىك گۇرۇپلارنى پاراكەندە قىلىدىغان بىر نوپۇس لاھىيەسىگە تۇتۇش قىلدى.

ئۇيغۇرلاردىكى يۈكسەك ئىشسىزلىق نىسبىتىگە قارىماي خىتاي ئەمگەك كۈچى رايونغا كىرگۈزۈلۈپ خىزمەت بېرىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. بۇمۇ مەۋجۇت مىللەتچىلىك بىلەن يىرىكلەشكەن ئېتنىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان ھالدا تېخىمۇ بەك كەسىنلىشىشىگە يول ئاچتى.

پۈتۈن بۇلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ گىئوپولىتىك نىشان ۋە تەھدىت قاراشلىرى نۇقتىسىدا ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋىيەگە چىقتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ جىق ھېس قىلىنغان ۋە ئەڭ كەسكىن قارشىلىق يۈز بەرگەن رايونىغا ئايلىنىپ ئىچكى تەھدىت تونۇشىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. كېڭىيىشى مۇمكىن بولغان بىر ئېتنىك توقۇنۇش تەھدىتى، ئېنىرگىيە يوللىرى بىخەتەرلىكى، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى، ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىستىراتېگىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەلىماتىغا داۋاملىق تۈردە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

رايوندا ئېشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، زۇلۇم ۋە ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. لېكىن، يۈرگۈزۈلگەن بۇ سىياسەتلەر خىتاينى بارا – بارا تېخىمۇ چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرمەكتە. رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، ئېشىۋاتقان مۇھاجىر سانى ۋە رايوندىكى ۋەقەلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش، مەسىلىنى تېخىمۇ بەك خەلقئارالاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ بەك يىراقلاشتۇرىۋاتىدۇ.

مەسىلىنى ئىنكار قىلىش، مەسىلىنى تېرورلۇق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرلۈك سەۋىيەلىرىنى كۆرمسكە سېلىش، مەسىلىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قوي ئىزدەش، يۈكسەلگەن دۇنياۋىي كۈچ بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە سېسىپ كەتكەن بىر يارا بولۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ مەسىلىنىڭ ئىنسانىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي چىقىملىرى ئېشىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئالالايدىغان ئەڭ ئىجابىي قەدىمى، بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ۋە ھەقىقىي سەۋەپلىرىنى تونۇش بىلەن مۇمكىن بۇلىدۇ.

تۈركچە ئەسلى مەنبەسى: Uygur Sorunu ve Çin’in Balkanlaşma Korkusu

قىلىچ بۇغرا قانات – ۋاشىڭگتون سەتا تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات دېرىكتورى ۋە پېن شىتات ئۇنىۋېرسىتىتى سىياسەت بىلىمى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، تۋىتتىر ھېسابى: @KilicKanat

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top