You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا

ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا

ئاپتورى: ئەنۋەر ئەخمەد

ئافغانىستان 652 كۇۋادېرات كىلومېتىر زىمىن، 38 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە كىچىك دۆلەت بولۇشىغا قارىماي كەيىنكى يىللاردا دۇنيانىڭ سىياسى دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلدى.

تالىبانلار كابۇلنى ئالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ دىققىتى تېخىمۇ بەكرەك بۇ رايونغا مەركەزلەشتى. خەلقارادىكى نوپوزلۇق تەتقىقاتچىلار: تالىبانلارنىڭ كابۇلغا كىرىشى يېڭى بىر توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

ئافغانىستان شەرقىي ئاسىيا بىلەن غەربىي ئاسىيانىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا ئافغانىستان ئۈچۈن 2.3 مىليارد دوللاردىن كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلغان. ئامېرىكا ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا كۆزلىگەن مەقسىدىگە يىتەلمىگەندىن كېيىن ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز تاشلاپ چىكىتىشنى قارار قىلدى ۋە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چىكەتكەندىن كېيىن بۇ رايون خىتاي دۆلىتى ۋە روسىيەنى ئەندىشىگە سالدى. تالىبانلار دەرھال خىتاي دۆلىتىدىن ياردەم سورىدى. خىتاي دۆلىتى ئۆزلىرىنىڭ كېلەر يىلىدىكى 20 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ۋە بەئى جىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئامان- ئىسەن ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن دەرھال تالىبانلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىك ساداقىتىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاننىڭ ئېقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئافغانىستاندا چەمبەرسىمان يول ياسىغان. غايەت چىقىم بىلەن ياسالغان بۇ يول، ئافغانىستاننىڭ ئېقتىسادىنى ياخشىلاشقا تۈرككە بولماستىن بەلكى تالىبانلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە تېز ھەركەت قىلىشىغا، ئۇلارنىڭ ئەپيۇن يۆتكىشىگە قولايلىق بولغان.

ئافغنىستاننىڭ يەر شارائىتى تاغ ۋە جىلغا بولغاچقا دېھقانچىلىق ۋە سانائەت يوق. دۇنيا ئەپيۇن مەھسۇلاتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى يەنى 85 % دىن ئارتۇق ئەپيۇن ئافغانىستاندىن چىقىدۇ. ئۇلار ئەپيۇندىن قىلغان كىرىمگە تايىنىدۇ. ئەپيۇننىڭ كىرىمى ھەرقانداق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ كىرىمىدىن يۇقۇرى بولغاچقا ئافغانلارمۇ ئەپيۇن تېرىشقا ئادەتلەنگەن. ياسالغان يولنىڭ بىر قىسمىمۇ تالىبانلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ يولدا قاتنايدىغانلار، ئۆتكۈچىلەر تالىبانلارغا يول ھەققى تۆلەيدىغان بولۇپ، بۇ يول تالىبانلارنىڭ كىرىم قىلىش مەنبە´ئەسىگە ئايلانغان. ئافغانىستاندا يول ياساش تەننەرقى ئادەتتىكى يول ياشاشقا قارىغاندا 17 ھەسسە قىممەت بولىدۇ. يەنى ھەر كىلومېتىر يول ياشاش ئۈچۈن 100 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق چىقىم كېتىدۇ. بۇ يولدىن ئەپلىك پايدىلانغان تالىبانلار تېزدىن زورىيىپ، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا تالىبانلارنىڭ كۈچلىنىشىگە ئۆزلىرى مەبلەغ سالغان دىيىشكە بولىدۇ.

ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۇرۇش قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىمۇ شۇنداق. ئامېرىكا ئافغانىستاندا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشكە كۆزى يەتمىدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىنىڭ كائى- مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا، ئافغانىستاندا 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەمدە جازا لەگېرلىرى ياساپ، ئۇيغۇرلارنى لاگەرلارغا سولىۋېتىشىنىڭمۇ بىر ئارقا كۆرۈنىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. خىتاي دۆلىتى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستانغا بولىدىغان تەسىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن خىتاي دۆلىتى تالىبانلار كابۇلنى ئېلىشتىن ئىلگىرىلا، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستان ئارقىلىق تالىبانلارنى رازى قىلغان. ئارقىدىن خىتاي دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تالىبانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە، ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقنى ئۈتۈن´گەن. خىتاي دۆلىتى كېلەر يىلىدىكى 20 – قۇرۇلتاي ۋە 2022 – يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن تالىبانلارنىڭ ھەرقانداق شەرتىنى بىجا كەلتۈرۈشكە ھازىر. ئەگەر خىتاي دۆلىتى، تالىبان ھاكىمىيىتىنى رازى قىلالمىغان تەقدىردە، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلىتىدىن يۈز ئۆرۈشى مۈمكىن.

تالىبانلاردىن باشقا يەنە ئافغانىستاندىكى، تالىبانلارغا قارشى «شىمالى ئىتتىپاق» كۈچلىرىمۇ خىتاي دۆلىتىدىن ياردەم سورىدى. خىتاي دۆلىتى ئۇلارغىمۇ ياردەم قىلىشقا مەجبۇر. خىتاي دۆلىتى، ئافغانىستاندىكى بۇ جىدەلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق. شۇ نۇقتا ئېنىقكى، خىتاي دۆلىتى ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا ئوخشاش نوقۇل پۇل ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورنىغا باشقىچە ئۇسۇل قوللۇنىشى مۈمكىن. خىتاي دۆلىتىنىڭ چوڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرى، ئافغانىستاندا ئاساسىي مۇئەسسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا ياردەم قىلىشى ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەئەتىگە، «بىر يول بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇيغۇن.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىن لادېننى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئاخىرلاشقان دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكا «شىمالى ئىتتىپاق» كۈچلىرىنى يۆلەپ، ئۆزىگە مايىل بولغان، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تىكلەشتە مەغلۇپ بولدى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن تالىبانلار، ئامەرىكا تاشلاپ كەتكەن 2 مىڭدىن ئارتۇق برونىۋىك، 40 دىن ئارتۇق تىك ئۇچار، ئۇچقۇسىسىز ئايرۇپىلان ۋە زور مىقتاردىكى م 16، م 4 تىپلىق پىلىموت، كېچىسى ئۇرۇش قىلىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرىغا ئىگە بولدى. بۇ خىتاي دۆلىتىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان بىر نۇقتا.

تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاننى قولىغا ئېلىشتىن ئىلگىرىلا، خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇچرىشىشى خەلق´ئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. تالىبانلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بولسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاندىن ئالدىراپ چېكىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، خىتاينىڭ دىققىتى ئافغانىستاندىكى قىممەتلىك تەبىئىي بايلىققا مەركەزلەشكەن. خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە خىتاي ئانالىزچىلىرى تالىباننىڭ قولىدىكى ئافغانىستاننىڭ بايلىقىنى ئېچىش ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەرنى باشلىغان.

بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي تېلېفونلار ۋە ئېلىكتىرلىق ماشىنىلارغا ئىشلىتىلىدىغان، نادىر توپا بىلەن لىتىي ماددىسىغا بولغان ئېھتىياج كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە. ئافغانىستاندا بۇ خىل تەبىئىي بايلىقلار مول بولۇپ، قىممىتى 1 تىرىلىيون دوللاردىن ئاشىدىكەن. ئۆتكەنكى 40 يىل داۋامىدا، ئافغانىستاندا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئەمدىلىكتە خىتاي دۆلىتى، بۇ قىممەتلىك بايلىققا كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ، قوشنا دۆلەت پاكىستانغا سالغان 60 مىليارد دوللارلىق ئاساسىي مۇئەسسە قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇ خام ئەشيالارنى قېزىش ۋە خىتايدىكى زاۋۇتلىرىغا توشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تولۇق مۇقىملىق ئورنىتىشى ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى ساقلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بىز شەرقىي تۈركىستانلىلار بولساق نۆۋەتتە قانداق قىلىپ تېزدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقىتىش، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىمىزگە پايدىلىق يوچۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خەلقىمىزنى خىتاي دۆلىتىنىڭ تۆمۇر تاپىنىدىن قۇتقۇزۇش، ئۇلارنى ئەركىنلىككە ئەرىشتۈرۈش، ئۆزىمىزنى دۆلەت باشقۇرۇش ئېقتىدارىغا ئىگە ساپا بىلەن يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. دۆلەت قۇرۇش ئاسان ئەمەس، ئۇنى دۆلەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. بۇ نۇقتىنى ئۆز تارىخىمىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرغان تەجىربىسىدىن ئۈگۈنىشىمىز كېرەك.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.bbc.co.uk/programmes/m000zfgx

https://www.bbc.co.uk/programmes/m0010kwv

https://www.dw.com/de/kabul-h%C3%A4tte-zerst%C3%B6rt-werden-k%C3%B6nnen/a-59613162

https://www.dw.com/de/afghanistan-blickt-in-den-wirtschaftlichen-abgrund/a-59549669

https://www.dw.com/de/die-not-der-afghanischen-fl%C3%BCchtlinge/a-59485172

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top