You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تالىبان، خىتاي دۆلىتى ۋە روسىيە بىلەن دوست بولالامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستانغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

تالىبان، خىتاي دۆلىتى ۋە روسىيە بىلەن دوست بولالامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستانغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ئاپتورى: ئەنۋەر ئەھمەد

تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشنىڭ ئالدى كەينىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ تالىباننى ھىمايە قىلىدىغان «ساداقىتى» نى ئىپادىلەپ كەلدى. ئېقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تالىبانلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئامىللار يوشۇرۇنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ:
1. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنى تالىبانلارنىڭ قوللۇشىدىن، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ شەرقىيتۈركىستانغا تەسىر كۆرسۈتىشىدىن مۇداپىئەلىنىش.
2. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن بوش قالغان بۇ رايوندا، ئۆزىنىڭ سىياسى، ئېقتىسادى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ «بىر يول، بىر بەلباغ» پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
3. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئاساسىدا بىخارامان ئافغانىستاندىكى زور كان بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.

تالىبان تەرەپ:
1. ئۇزۇن يىللار ئۇرۇش مالىمانچىلىقى سەۋەپلىك، ھەرقايسى تەرەپتىن ۋەيرانچىلىققا پاتقان ئافغانىستاننى خىتاينىڭ پۇلى، ئېقىسادى ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمىدىن پايدىلىنىپ قايتا قۇرۇپ چىقىش.
2. تالىبانلار ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قوراللىق كۈچلەرنى كوزۇر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلاش.
3. خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلارنى رازى قىلمىغان تەقدىردە، تالىبان ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈممەتداشلىرى بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستاندىكى قوراللىق كۈچلەرنى سەھنىگە چىقىرىش.
4. دۇنيانىڭ بولۇپمۇ غەرپ ئەللىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە، تالىبانلار ئۈنۈملۇك قارشى تۇرالىسا مەلۇم دەرىجىدە غەرپ ئەللىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئېقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش.

يۇقارقى ئامىللار خىتاي ھۆكۈمىتى، تالىبان تەرەپ ئۈچۈنمۇ بىر سىر ئەمەس، پەقەتلا دېپلوماتىك سورۇنلاردا ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەيتقاندا، ئافغانىستاندىكى قىممەتلىك كان بايلىقىدىنمۇ مۇھىم، ستراتىگىيەلىك ئورۇندا بولغاچقا، ئۇلار تالىبان تەرەپنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا تىرىشىپ، ئۆز ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

يېقىندىن بۇيان يۈر بېرىۋاتقان ئەھۋاللار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنچىۋالا تەلەيلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ 2018- يىلى باشلانغان ئامېرىكا- خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئېقتىسادىي سۈركۈلىشلەر، ھازىرقى ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەر خىتاي دۆلىتىنى ئېقتىسادىي، پەن- تېخنىكا، خەلقارا پۇل- مۇئامىلە، خەلقئارا دېپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتتە خېلىلا ھالسىراتقان. دۆلەت ئىچىدە بولسا، غەرپ ئەللىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئەلىش نەتىجىسىدە، دۇنيادىكى نوپوزلۇق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان پەن- تېخنىكا، ئۆي- مۈلۈك ۋە ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلار، پۇل- مۇئامىلە ئورۇنلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، دۆلەتنىڭ ئېقتىسادىي زور دەرىجىدە چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2013- يىلى باشلىغان «بىر يول، بىر بەلباغ» نامىدا ئېلىپ بارغان چوڭ پىلانى، بارغانچە كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدە 163 دۆلەتكە 843 مىليارد دۆللار مەبلەغ سالغان، بۇنى يىلىغا 85 مىليارد دوللاردىن كۆپەيتكەن. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ئامېرىكىنىڭ 37 مىليارد، ياپونىيەنىڭ 25 مىليارد دوللارلىق مەبلىغىدىن خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرىدىكى تۈرلەرگە سالغان مەبلىغىنى، نۆۋەتتە قايتۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتى يوق. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى كەمبەغەل دۆلەتلەرنى 385 مىليارد دۆللارلىق، تۆلىيەلمەس قەرزگە بوغۇپ قويغان. قەرزگە بوغۇلغان بىر قىسىم كەمبەغەل دۆلەتلەر، ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز پورتى، تۆمۈريول قاتنىشى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قەرزگە تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي دۆلىتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىشتىن باشقا يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز- ئارا ھوقۇق تالىشىش ئەنئەنىسى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، مەنپە´ئەتدارلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش چوڭقۇرلاشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇنداق بىر كىرىسىسقا پاتقان مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولغاچقا، تالىبانلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى تولۇق بىجا كەلتۈرەلمىدى. تالىبانلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدى. تالىبانلارغا ئارانلا 200 مىليون يۇئان ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئورنىغا ماددىي ئەشيالارنى بېرىپ، تۇنجى قەدەمدىلا تالىبانلارنى نا´ئۈمۈت قويدى. تالىبانلار ئەلبەتتە ئۇنىڭغا ھازىر جىددىي ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ ئەمما يىتەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن تالىبانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز راھىتىگە قويۇپ بېرىشى ناتايىن. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىكى سەۋەپنىڭ بىرىمۇ دەل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونندىكى خاتېرجەملىكىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، خىتاي دۆلىتى بىلەن روسىيە بىردەك، تالىباننى «جېدەلخور» دەپ قارايدۇ. خىتاي دۆلىتى، تالىباننى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە ياردەم قىلىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. تالىبانلار ئەينى چاغدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمىنى بولغان. ئامېرىكا تالىبانلارغا ياردەم قىلىپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقارغان، نەچچە ئون مىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكىرىنىڭ جەسىدى ئافغانىستان زىمىنىدا قالغان. بۇ ئۈچ تەرەپ ئارىسىدا ھەقىقىي ئىشەنچ، دوسلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى مۈمكىنمۇ؟ بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن چىگرىداش بولغان ئافغانىستان، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن «ئاۋارىچىلىق» تۇر. بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئېقتىسادىي جەھەتتە ئافغانىستان ئۈچۈن «مەرتلىك» قىلماسلىقى، ناھايىتى ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىشى مۈمكىن. روسىيە تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئۇنۇتقىنى يوق. خىتاي دۆلىتىمۇ روسىيەنىڭ تارتقان زىيىنىنى بىلىپ تۇرۇپ «ھۆل يەرگە دەسسەيدىغان» ئەخمەقلەردىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىدا بىرەر يېڭىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئېھتىمالدىن يىراق. ئافغانىستاندا سىياسى مۇقىمسىزلىق، ئىچكى توقۇنۇشنىڭ خېلى مەزگىلگىچە داۋاملىشىش ئېھتىمالى زور.

دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك دوستلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولمايدۇ، پەقەتلا مەنپەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇتتۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top