You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

دوتسېنت دوكتور م. شۈكرۈ ئاككايا (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىېتېتى گىرمان تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: قەلبىنۇر تەبەسسۇم

كىرىش

مەقسىتىمىز ئۇيغۇر  مەدىنىيىتى تېمىسىدا بىر مەسىلە ئوتتۇرغا چىقارماق ياكى تېمىنى يىڭى بىر نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەتقىق قىلىش ئەمەستۇر. بۇنىڭدىكى مەقسەت، تارىخىمىزدىكى پارلاق بىر دەۋىرنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەش بولۇپ،بۇ سەۋەپتىن  تەپەككۈر قىلىشقا  تېگىشلىك نۇقتىلارغا دىققەت تارتماقتۇر.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە بىر نەرسە بىلىدىغانلار بەختكە قارشى ناھايىتى ئازدۇر. ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلەر تەخمىنەن بىزنىڭ 25 – ئەجداتلىرىمىزدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە پايتەخت باغدات بولسىمۇ، داڭلىق ئالىملارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەرەبىستاندىن چىقماي، مول ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ساھىپلىق قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىن يېتىشىپ چىققاندۇر. بۇ ئەزىز ئەجداتلىرىمىزدىن پەقەت  ئىسلام ئالىم – ئۆلىمالىرىنىڭ  شەرىپى بولغان ئىبنى سىنا، فارابى ۋە مۇھەممەد بۇخارىلارنى تىلغا ئېلىش يېتەرلىك. بىز بۇ ئەتراپلىق ئىپادىلىنىشنىڭ تارىخى سەۋەپلىرىگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ھەيۋەتلىك ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى كۆرىمىز.  كۈندىلىك ئىشىلتىدىغان ئەشيالىرىنى، زىننەت بۇيۇملىرىنى زىننەتلىگەنگە ئوخشاش زىننەتلىگەن تۈركنىڭ ساھىپ بولغان بەدىئىي زوقىنىڭ تارىخىنى تەكشۈرگىنىمىزدە،  ئۇ سېھىرلىك بولغان ئۇيغۇر مەدىنىيىتى چىقىدۇ. دۆلەت مەمۇرىيىتىدە يۇقىرى كۈچ كۆرسەتكەن تۈركلەرنىڭ دېپلۇماتىك ھېكمەتلىرىنىڭ تارىخى قەدەملىرى تەكشۈرۈلگەندە، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى يەنىلا ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

جۇغراپىيە – شەرقى تۈركىستاندىكى كەڭ تارىم ئويمانلىقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ سەھنىسى  بولۇپ كەلدى. ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ، بۇ دۆلەتنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى بويلاپ ، خىتتاينى غەرب بىلەن تۇتاشتۇردىغان سودا يوللىرى  بار ئىدى. مەسىلەن، خىتتاينىڭ يىپەكلىرى ھەتتا رىم قەيسەر دەۋرىدىمۇ، بۇ يوللار ئارقىلىق رىم دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا توشۇلغان. بۇ سەۋەپتىن بۇ يوللار يىپەك يولى دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەتنىڭ يېرىنىڭ مۇنبەت، شەھەرلىرىنىڭ  باي -باياشات بولىشى ۋە بۇنىڭدىن باشقا  خىتتاي، ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق ئۈچ مۇھىم مەدىنىيەت دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، شۇنداقلا  بۇلارنىڭ دۇنيانىڭ مۇھىم بولغان رايونلىرىدا سودا ۋە تىجارەتكە سەھنە بولىشى، تارىم ئويمانلىقىنى بەكلا جەزبىدار ھالەتكە كەلتۈرگەن  ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ھۇنلار،تۇخارلار،ھېپتالىتلار،جۈۋەن جۈۋەنلەر ، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار بۇ مەيداندا پات- پات پەيدا بولۇپ كەلدى. بۇ جەزبىدارلىق ئەرەبلەرنى بويسۇندۇرۇش دەۋرىدىمۇ ئېنىق نامايەن بولىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، تۈركلەر نوپۇس، سىياسى ۋە مەدىنىيەت ئەۋزەللىكى جەھەتتە ئەزەلدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ كونا گۈزەل دۆلەت ئۇزۇندىن بۇيان «تۈركىستان» دەپ ئاتالغان.

مۇھىم ۋەقەلەر تىزىملىكى — ئەيسا ئەلەيھىسلامدىن بۇرۇنقى ئىككىنجى ئەسىردە تۈرۈك قەۋملىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك بىر كۆچۈش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. ھۇن تۈركلىرى  سېرىق دەريا (خۇاڭخې) ئەتراپى بويلىرىدىن غەرىبكە قاراپ كۆچ ھەركىتى باشلىغان، شىددەتلىك جەڭلەردىن كىيىن تۇخارلارنى بۇ يەرلەردىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. خىتتايلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى 170- يىللىرىدا شەرقى تۈركىستانغا ھاكىم بولغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا يېقىن ھاكىميەتنى قولغا ئېلىۋالغان خىتتايلار ئاجىزلىشىشقا قارپ يۈزلىنىدۇ. ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى ئۈچۈنجى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، تارىم ئويمانلىقى تەكرار ھونلارنىڭ ھاكىميىتىگە ئۆتىدۇ. ھون تۈركلىرى ياۋروپاغا كۆچكەندىن كىيىن، 552-يىلىدىن باشلاپ توقۇت ئ‍ورخۇن تۈركلىرى ھاكىمىيەتكە ئۆتىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنى كورلا-تۇرپان ۋە قۇمۇل دەريا بويلىرى ئەتراپىدا كۆرىمىز. بۇ ئۇيغۇرلار يەتتىنجى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۈچلىنىشكە باشلاپ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇچۇ ۋە ياكى تېخىمۇ گۈزەل ئىسمى بىلەن ئېيتقاندا «ئىدىقۇت» شەھرىنى سىياسى ۋە ئەينى زاماندا دىننىي مەركىزى قىلغان ئىدى.  745-يىلىدا تۇقۇت تۈركلىرىنىڭ قۇدرىتىنى يىقىتقان ئۇيغۇرلار بۇ تارىختىن ئىتىبارەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھاكىمى بولغان ئىدى.يۈزيىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ شەۋكىتىگە زەربە بەرگەن ئىدى.

ئارخولوگىيەنىڭ تارىخى — بۇ ئەسىرىمىزنىڭ باشلىرىغا قەدەر بولغان ئارلىقتىكى شەرقى تۈركىستان ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ بېشىدا، ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى 629-يىلىدا ھىندىستانغا تاۋاپ ئۈچۈن بارغان خىتتاي بۇدىست تاڭ شۇۋەن زاڭنىڭ ساياھەت تەزكىرلىرى كېلىدۇ. كىيىنكى مەزگىللەردە تاساددىپىي ھالدا قولغا چۈشكەن قول يازمىللىرى ۋاستىسى بىلەن بۇ مەملىكەتكە دىققەت تارتىلغان ، 1898-يىلىدا فىنلاندىيەلىك بارون مۇنك بىلەن دوكتور دۇننەرنىڭ بۇ رايونلارغا قىلغان ساياھىتى بىلەن روسيەلىك ئالىم كىلەمەنتزنىڭ تۇرپان خارابىلىقلىرىدا قىلغان تەتقىقاتى سەۋەپلىك تېخمۇ دىققەت قوزغىغان، ۋېنگىريەدە تۇغۇلغان دوكتور ئائۇرەل ستېئىيننىڭ ھىندى ئىېنگىلىز ھۆكىمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1900-1901-يىللىرىدا خوتەن ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ئارخولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشلىرىدە، پەۋقۇلئادە  دىققەت تارقان ھەرخىل بۇيۇملار تېپىلىپ، قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخنىڭ بىباھا غەزىنىللىرىگە ساھىپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان گېرمانلار، فىرانسىزلار، ھەتتا ياپونلار، خىتتايلارمۇ ئىلمى سەپەر ھەيئەتلىرىنى شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى. 1902 – يىلىدا. سەنئەت تارىخچىسى پروففىسور گرۈنۋۋېدېلنىڭ باشقۇرشىدىكى گېرمان ئىلمى ھەيئىتى تۇرپان ئەتراپىدا «ئىدىقۇت»دا ئارخولوگىيىلىك  قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەرنى ئ‍ېلىپ باردى.  شەھەرنىڭ سۇلىرى، ئىبادەتخانىللىرى ۋە باشقىلار ئوتتۇرغا چىقىرىلدى. قولغا چۈشۈرلگەن قول يازمىللىىرى سەۋەپلىك ۋون لى كوكنىڭ باشچىلىقىدا ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى قېتىملىق گېرمان ئىلمى ھەئىتى شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتىلدى. قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەر سەۋەپلىك تەتقىقاتلار چوڭقۇرلىغانسېرى، بۇ يەردە بىر ئەمەدس بىر نەچچە پومپىي خارابىللىرى بارلىقى ئوتتۇرغا چىقتى:  ھەيۋەتلىك شەھەر سېپىللىرى، بۇتخانىلار ، مۇناستېرلار، سارايلار، كۈتۈپخانىلار ئوتتۇرغا چىقتى.

1906-يىلىدا تەكرار شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ،  ئالدى بىلەن تۇرپاندىن باشلاپ گەنسۇغىچە بولغان جەنۇبى قىسىمى، ئاندىن بەكلا مۇشەققەتلىك بولغان بىر سەپەر بىلەن شىمالى قىسمىنى كېزىپ تەتقىق قىلغان دوكتور ستېئىن،  چاقىلىقنىڭ جەنۇبىدا كونا بىر قەلئە بولغان، مىراندا سۈپۈرۈندىلەرنىڭ ئىچىدە قوراللار، كىيىم كېچەكلەرلەردىن باشقا 1000 تالغا  قەدەر ياغاچ ياكى قەغەزگە يېزىلغان يازمىلارنى تېپىپ قولغا چۈشۈردى.

فرانسۇز ئالىمى، خىتتاي تىلى مۇتەخەسسىسى پەللىئوتمۇ 1906-1907-يىللىرىدا شەرقى تۈركىستانغا قىلغان بىر ساياھىتىدە، دوكتور سىتېئىن تاشلاپ قويغان كۈتۈپخانىنىڭ مۇھىم قىسىمىنى فىرانسىيەگە ئەكەتتى.

تېپىلغان بۇيۇملارنىڭ ماھىيىتى — دۇناغا تونۇلغان ئالىم ۋىلھېلم تومسېن «تۈركىستاننىڭ كەچمىشى» ناملىق يازمىسىدا بۇ قېزىلمىلار ۋە تەتقىقاتلار ھەققىدە «تېپىلغان مۇئەززەم بىنا خارابىللىرىنىڭ كۆپ سانلىقى بۇددىزىم خاتىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. لېكىن مانىزىم ۋە خىرىستىيانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ نۇرغۇن دىققەتنى تارتىدىغان ئىزلار بار ئىدى. بۇ بىنالار بىلەن ئوخشاش مەقسەتتە ئىشىلتىلىش ئۈچۈن ياسالغان غارلار تەرەپ – تەرەپتىكى رەسىم، مىنياتۈر، ھەيكەل ۋە قول يازمىللىرىغا ئوخشاش  گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ پەۋقۇلئادە دىققەت تارتىشقا ئەرزىگۈدەك ئالامەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ھالدا تۇراتتى.»

«گۈزەل سەنئەتلەرنىڭ مەركىزىنى قەندەھەر  تەشكىل قىىلاتتى. قەندەھەر مەكتىپى ھىندىستانچە ئۇسلۇپ  بىلەن گرېك سەنئىتىنىڭ ، غەرب يولى ئارقىلىق ئىران سەنئىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچىراش بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچىلىگەن ئورجىنال  خۇسۇسىيەتلەر، ئۇسلۇپلار تەسسەۋۋۇر قىلىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇ گۈزەل سەنئەتلەر ئەمدى ئۆزىگە خاس بولغان ئۇسلۇپ ۋە خاسلىققا ئىگە بولغان  بىر شەكىلگە كەلگەن .  ھەتتا شەرقىي تۈركىستتاندا شەكىللەنگەن رايونلۇق سەنئەت پۈتۈن شەرقى ئاسىيانىڭ دىننىي سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلىپ، گۈللىنىشىگە ۋاستە بولغان ئىدى….

«پەقەت، مەدىنىيەت ئەسەىرلىرى ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن قول يازمىللىرى بىلەن — تاختىلارنى ئويۇش ئارقىلىق چوڭ باسمىلار نى شەكىللەندۈرۈش بەكرەك مۇھىم بولسا كېرەك. ياغاچ لەۋھەلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرىغا، تېرە، يىپەك  ۋە  قەغەزگە  كۆچۈرۈلگەن يازمىلار تۈرلۈك ھەرپلەر ۋە تۈرلۈك تىللاردا يېزىلىقلىق ئىدى.  ئۇلارنىڭ ئارسىدا سانسكىرتتىن باشلاپ پەھلەۋى، پارت، سوغدى، موڭغۇل، خىتتاي، تىبەت تىللىرى ۋە يازمىللىرى  ۋە ئاساسىلىق قىسمىنى تەشكىلى قىلغان تۈرك ۋە ئاخىرىدا يۇنان تىللىرىغا ئوخشاش تۈرلۈك تىللار  ۋە يازمىلار  كۆمۈلۈگلۈك. گەرچە بۇ مەسىلىنىڭ كۆپىنچىسى دىننىي بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىيات، ئىقدىساد، داۋالاش ۋە مەمۇرىي تېكىستلەر، ۋەسىيەتنامە، ۋاقىفنامە ۋە ئېىتىبار بېرىلىش خېتى، شەخسي خەتلەر قاتارلىق ھۆججەتلەرمۇ بار….

پارلاق دەۋىر — ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ پارلاق دەۋرى 750-850-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ شەرق ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ تارىخىدە ئىنتايىن مۇھىم دەۋرلەرنى تەشكىل قىلىدۇ.  باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ خىل گۈللىنىش دەۋرى ياۋرۇپادا شارلىمەن ياكى ئۇلۇغ كارلنى سېلىشتۇرۇش بىلەن باشلانغان، غەربىي ئاسىيادا ھارۇن رەشىت دەۋرىدە، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولىدا تۇتقان بەرمىكلەرنىڭ ياردىمىدە باغداتتا، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ ئومۇملىشىشى سەۋەبىدىن توپلانغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلىنىش دەۋرىنى ئاچقان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار ئىسلام ئىلىم-پەن سەنئىتىنىڭ تېخىمۇ بەك تەرەققى قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان مەدىنىيەت مۇھىتىنى ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە بېيتىۋاتاتتى. دە ل مۇشۇ سەۋەپتىن ئارخولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق چۈشىنىدىغان ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەتلىرى ئالدى بىلەن سىرىتقى دەخلى-تەرۇز بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، پەقەت مىنياتۇر سەنئىتىنىڭلا قېلىپ قالغان ئاخىرقى ۋاقىتلاردا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ تونۇلغان سىمالىرى بۇ رايوندا يېتىشىپ چىققان ئىدى.

پارلاق مەدىنىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى — ئوتتۇرا ئاسىيا ماھىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدىنىيەتنىڭ بۆشىكى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق دەۋرىدىن تا  كىيىنكىگە ئوخشاش، ئاندا – ساندا يۈز بەرگەن كېلىمات ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن خارابىلىكلەرگە ئايلىنىشىغا قارىماي، مەدىنىيەت ھەرىكىتى يەنىلا ھېچ بىر ۋاقىت پۈتۈنلەي يوقلىشقا ئۇچىرماي، ئەكسىچە، پات-پات مۇھىم بولغان ئىلم-پەن ۋە سەنئەت ھەرىكەتلىرىگە كەڭ  كۆلەملىك دەرىجىدە سەھنە بولغان ئىدى.

شەرقى تۈركىستان  ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدىنىيەت مەركەزلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مۇھىم تاۋار ئالماشتۇرۇش رايونى بولۇپلا قالماي، يەنە داۋاملىق تۈردە مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشقا سەھنە بولۇپ كەلگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ  مەدىنىيەت جەھەتتىكى رولى سەۋەپلىك ئانادولۇنى ئۆزىگە يىقىن قىلىدۇ. ئ‍ۈچ تەرەپتىن دېڭىز بىلەن  قورشالغان ئانادولۇ، تارىخنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ شەرق ۋە غەرىپنىڭ قاتناش يوللىرى ئۈستىگە جايلاشقان بولغاچقا، سودا ماللىرىنى ئالماشتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش سەھنىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇزاق يەرلەردىن ئۆرنەك ئېلىشقا ھاجىتى قالمىغان ئىدى. ئىسلاھىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىن شەرقتكى تۈرلۈك مەدىنىيەت تەسىرلىرىنى ئەستە تۇتىشى كافىدۇر. بولۇپمۇ مىللىي تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىر ۋە ئىراندا ئاكادىمىيەلەر قۇرۇلغان ئىدى. مىسىردا لاتىنچە ھەرىپلەرنى قوللىنىشقا يۈزلىنىش بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا ھازىرغا قەدەر دۆلەت ۋە مەكتەپنىڭ تىلى بولغان پارس تىلىنىڭ ئورنىغا پۇشتۇ ۋە ياكى پۇختۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئافغان تىلىدا لاتىنجە ھەرىپلەر قوللىنىلغان ئىدى.

ئومۇمىي جەھەتتىن بولسۇن، جۇغراپىيەلەك شارائىتلاردىن بولسۇن قانداق پايدىلىنىشنى ئىنتايىن  ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىش كۈچى، ھەمدە  مەمۇرىي قابىلىيىتى تەمىنلىگەن تىنىچلىق ۋە بىخەتەرلىك سايىسىدە، بارلىققا كەلگەن ئىقدىسادى ھايات سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن گۈللىنىش، كەڭ ۋە يۈكسەك بولغان مەدىنىيەتكە مەنبە بولغان ئىدى. بەگ- غوجاملار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرىي مەجبۇريىتىن باشقا، دېھقانچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن، سودىگەرلەر  بولسا شۇغۇللىنىۋاتقان ئالەمشۇمۇل تەشەببۇسلىرى بىلەن مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ تۇرۇپ، خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى. ئەدىب-ئۆلىمالار ئەدەبىيات، قانۇن ۋە دىننىي ساھەدىكى قۇۋۋەتلىك  ئەسەرلىرى بىلەن   پىكىر- ئىدىيە ئېھتىياجىنى تەمىنلەش ئۈچۈن تەتقىقاتلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. قول- ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ جانلىق ھەيكەللىرى، نەپىس ۋە مۇھتەششەم سىزما رەسىملىرى، نازۇك مىنياتۈرلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ  بەدئىي زوقىنى قاندۇرۇش ئ‍ۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى.

ياۋرۇپادا پەقەت باشقىلارغا قوشۇلۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، ۋەھشىلىكىنىڭ تام مەنىسى بىلەن ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ئەزىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ، ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى چوڭقۇر كۆڭۈل خۇشلىقى بىلەن قورقۇپ تىترەيدىغان، مۇقەددەس ئۇرۇشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ گۈزەل ئەسەرلەر، مىللىي ئ‍ىپتىخارىمىزنىڭ ئەڭ ئەالىي ئابىدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.  ئەجداتلىرىنىڭ دۇنياغا ھەيۋەت ئاتا قىلغان سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە  ئوخشاش، بۇ مەنىۋىي، بەدئىي ئەسەرلىرمۇ ھەر بىر تۈرك بالىسىنىڭ قانچىلىك پەخىرلەنسە شۇنچە ئەرزىيدىغان يەردىدۇر.

ئۇيغۇر مەدىنىيىتى

بۈگۈنكى كۈندە شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى ، ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىلا تۈرك دۆلەت تەشكىلاتى خىتتايلارغا بىۋاستە ۋە  كەڭ تەسىر كۆرسىتىلىگلىك ئىدى. ئ‍ۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ھىندىستان،ئىران ۋە تېخىمۇ ئۇزاق  رايونلارغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغۇرسىدىكى تەتقىقاتلار ياخشى ئېلىپ بېرىلمايۋاتىدۇ. ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا  دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىملىرى، مۇتەپەككۈرلىرى قاتارلىق روللارنى ئوينىغانلىقى  پەقەت پروففىسور شەمسەتتىن گۈنئالتاينىڭ تۈرلۈك يازمىللىرى ۋە ئىلمىي يىغىنلىرىدىلا  بايان قىلىندى.

دۆلەتنى باشقۇرۇش — ئەتىلەر، سەلجۇقلاردا ۋە ئوسمانلىلارنىڭ بىرنجى ئەسىردىكى دۆلەت باشقۇرۇش شەكلىگە  ئوخشاش، دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقى دۆلەت بەگلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.  ئەمىلىيەتتە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرىشىلا ئەمەس، ھەتتا ھۆكۈمدارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرمۇ  دۆلەت بەگلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئايان مەجىلىسى  تەرىپىدىن بەلگىلەندى.  موڭغۇللارنىڭ باشقا مەدىنىيەت مىراس پۇرسەتلىرى ئىچىدە باشقۇرۇش تېخنىكىللىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەنلىكى بىر ئوچۇق ھەقىقەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى چېگرا تەشكىلاتى غايەت مەزمۇت ئىدى. دائىملىق  قاراۋۇلخانىلار بىلەن چېگرا داۋاملىق كونترول قىلىندى. چېگرادىن ئۆتۈشتە پاسپورت بىلەن ئۆتۈشكە رۇخسەت بېرىلدى. ئائۇرەل سىتېئىننىڭ بايقىغان ۋەسىقىللىرى ئىچىدە پاسپورت تىزىملىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان مەدىنىيەت دەپتەرلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

ئىقتىساد — ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقدىسادىي  ساھەسەدىكى مۇۋەپىقىيەتلىرى كۆرىنەرلىك ئىدى. دېھقانچىلىقتا كەڭ كۆلەمدە سۇ سۇغىرىش سېستىمىسى بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك غايەت زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئىدى. قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە زاپاس ئاشلىق ۋە ئۈزۈم شارىپى سودىسى، كرىدېت سودىسىغا ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەر تېپىلدى. مېتاللار، بولۇپمۇ ئالتۇن، كۈمۈش كانلىرىنى ئېچىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئېلىپ بېرىلاتتى. قەغەز ياساش، توقۇمچىلىق ۋە گىلەمچىلىك غايەت دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئىدى.

يېزىق — ۋون لى كوك ئۆزىنىڭ «شەرقى تۈركىستاندىكى ئەلەنىزىم(قەدىمكى يۇنان مەدىنىيىتى بىلەن شەرق سەنئىتىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، ئ‍ۆز زامانىغا نىسپەتەن يىڭى ۋە خاسلىققا ئىگە بولغان بىر سەنئەت ئېقىمىدۇر) ئىزلىرى ناملىق ئەسىرىدە شەرقىي تۈركىستان رايونلىرىدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا 17 خىل تىلدىكى 24 خىل يېزىقنىڭ تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم دەپ قارالغانلىرىنى يۇقۇرىدا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتىم. كېلىپ چىقىش مەنبەسى  گەرچە فىنىك ھەرىپ يېزىقىدىن بولۇپ،سۈرىيە -ئىراننىڭ ئۆزلەشتۈرشى بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى تەرەققى قىلدۇرىشى بىلەن  دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل يېزىق دېيىشكە بولىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىنى، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار شۇ پىتى قوبۇل قىلىپ  قوللانغان ئىدى.  مەن يەنە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتەيكى، ئورخۇن ئابىدىللىرى سەۋەپلىك دۇنياغا تونۇلغان رۇن يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان يېزىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇزۇن بىر مۇددەت قوللىنىلغان ئىدى.

مەتبەئەچىلىك — ئۇيغۇرلار تارىختا تۇنجى بولۇپ ياغاچلارنى ئويۇپ ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۈگۈنكى ۋاقىتلاردكىدەك ھەركەتچان تىپلارنى ياساپ كىتاپ باساتتى.  بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتتايدا مەۋجۇتلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بولىنسىمۇ، باشقا مەدىنىيەت ساھەلىرىدە يۈز بەرگىنىدەك، تەبىئىكى بۇنىڭ،  ئۇيغۇرلارنىڭ ماھارەتلىك قوللىرىدا  مۇكەممەللىشىپ، موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن مىسىرغا ھەتتا ياۋروپاغىچە كەلگەنلىكىنى  ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ.

ئەدەبىيات — ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولۇپ،  قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىققان بولسۇن ، مەيلى يېقىنقى زامانلاردا قولغا ئ‍ۆتكەن مۇھىم ۋەسىقىلەر بولسۇن ھەممىسى پەۋقۇلئادە دەرىجىدە مۇھىمدۇر. مەن يۇقىردا تومسېن ئېلىپ بارغان قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەر خىل تېما توغۇرسىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىقدىسادقا ئالاقىدار بولغانلىرىنى مەشھۇر تۈركشۇناس رادلوف «ئۇيغۇر تىل ئابىدىللىرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن، تىبابەتكە ئائىت  قىسىمىنى پروففىسور رەشىد راھمەتى ئارات «ئۇيغۇر تىبابىتى » ناملىق ئەسىرى بىلەن، ئەدەبىي ۋە دىنغا ئالاقىدار بولغانلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى فرانسۇز ئالىمى پېللىيوت ، بىر قىسىمىنى گېرمان ئالىملىرىدىن مۇتەۋەففا باڭ ۋە  ف.ۋ.ك مۈللەر ….قاتارلىقلار تەتقىق قىلغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، «ئوغۇز داستانى » يېقىندا پروففىسور ئارات تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. قانداقلا بولمىسۇن، ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى ساقلاۋاتقان نۇرغۇن ھۆججەتلەر يەنىلا ياۋروپانىڭ ئارخىپلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ نىسپەتەن كېيىنكى دەۋرگە ئائىت بولۇپ، بەزىللىرىنىڭ قارلۇق ۋە ياكى قاراخانىيلار مۇھىتىغا مەنسۇپ بولۇپ  قېزىۋىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن ئ‍وخشاش مۇھىتنىڭ مەھسۇلى بولغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەشھۇر«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرى ئالاھىدە مۇھىمدۇر.  ھەر ئىككىسى 1170 يىللىرىدا يېزىلغان ئىدى. بۇلاردىن دىۋانۇ لۇغەت نامىنىڭ ئىپادە ئەتكىنىگە ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك لۇغەت دىگەن مەنىدە ئىدى. ئۇ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەردىن باشقا ئىدىئوملارنى ، خەلق ناخشىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.  تۈركىيەدە خاتا بېسىلغان بىر نەشرى بار.

تۈرك تىل جەمئىيىتىدە ھۆرمەتلىك بېسىم ئاتالاي تېكىستكە باھا بېرىش يولى بىلەن يېڭىدىن تەتقىق قىلغان ۋە ئۈچ جىلىتلىق قىلىپ بېسىلغان ئىدى. «قۇتاغۇبىلىك» تەربىيلەش مەقسىتىدە يېزىلغان ئىدى. ئۇ بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ قايسى خىل سالايىھەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكىنى ئۇزۇن-ئۇزۇن ئ‍اڭلاتقان ئىدى. ئەسەر نەزمە شەكىلدە ئىدى. تارىم دەريا ۋادىسى تۈركلىرىنىڭ تەشكىلاتى ۋە ئىجتىمائىي ئەۋھۋاللىرى توغۇرسىدا ناھايىتى ياخشى چۈشەنچە بېرىدۇ. تېمىنىڭ بىرلا ئاھاڭدا ۋە بىر چېگراغىچە ئوپئوچۇق بولىشى ئەسەرنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەسەر يېزىلغان دەۋىردىكى دۇنيا مەدىنىيىتىدىكى يېتەرسىزلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولساق ، ئاپتور يۈسۈف خاس ھاجىپگە كۆرىنەرلىك ئورۇن بېرىش، ھەتتا ئۇنى دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك بىر مۇتەپەككۈر دىيىشكە ئەرزىيدۇ. ئەخلاق جەھەتتىن ئەۋلادلارغا جاسارەت، ئار- نومۇس ۋە ساداقەت سىڭدۈرگەن ئاپتور، بىر تەرەپتىن ئىلمىي،تەبىئىي قابىلىيەتلەرنى دۇنيا غەزىنىللىرىنىڭ ھەممىسىدىن، ھەتتا ھۆكۈمدارلىقتىنمۇ ئۈستۈن تۇتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەقىلسىز ، ئىداكسىز كىشى ئىلىمگە قىممەت بەرمەيدۇ ۋە پەقەت ئەقىل ۋە ئىدراك ئىككىسى بىرلەشكەن تەقدىردە قىممەتكە ئىگە بولىدۇ دەيدۇ. ئۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئ‍ىلگىرلەپ ،ئىلىم بىلەن ئىدراكنى  پەقەت تەجىربە بىلەن بىرلەشتۈرگەن بىرىنىڭ مۇكەممەل بىر ئىنسان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ تېمىدا رەھمەتلىك شەرىقشۇناس ۋامبېرىنىڭ سۆزىنى تەكرارلايمەن:«ئۇيغۇرلاردا ئىلىمگە نىسپەتەن بۇنچىلىك يۇقىرى ئورۇن بېرىلگىنىگە ھېچ ھەيران قالماسلىق لازىم. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا مىللى ئەدەبىيات شەكىللەنگەن چاغلاردا ياۋروپادا ياۋايىلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى».

تۈركچىنىڭ مۇھىم بىر شىۋىسى بولغان ئۇيغۇر تىلى تۈركچىنىڭ شىۋىمىزگە تولىمۇ يېقىندۇر. ئاشكارىلانغان تەسۋىرلەر مۇزىكىنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دىن — ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەر بىر مۇھىم مەدىنىيەت قاتلىمى ئۈچۈن، بىر دىننى قوبۇل قىلىشى لازىم بولۇپ كەلگەن ئىدى. كونا كۆك تەبىئەت ۋە ياكى شامان ئەقىدىسىدىن كېيىن تەرتىپ بويىچە بۇددا، خىرىستىيان،مانىي ۋە ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارغا كىرگەن ئىدى.  پەقەت بۇلاردىن خىرىستىيانلىقنىڭ چەكلىكلىكى   ۋە مانىي دىنىنىڭ يۇقىرى تەبىقىگىلا خاس بولىشىغا قارشى ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنى  ھەممىگە ھاكىم ۋە ئومۇمىي بىر دىن بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈرك قەبىلىلىرىگە نىسپەتەن قىياس ئەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەك بىر مەدىنىيەتكە ئەىگە بولىشىدا، ھازىرغىچە چۈشەندۈرۈپ كەلگىنىمىزدەك  تارىخى، جۇغراپىيەلىك، مەمۇرىي،ئىقدىسادى ئامىللاردىن باشقا، بولۇپمۇ بۇددا ۋە مانىي دىنلىرى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. شەرقى تۈركىستانغا بولغان ئەڭ قەدىمكى تاشقى تەسىر بۇددا دىنىي بولۇپ، خىرىستىيان دىنىدىن كېيىنكى بىرىنجى ئەسىردە ھىندىستاندىن كەلگەن ئىدى. يېڭى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇشقا بەكلا قىزىقىدىغان تۈركلەر ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغىنىدەك ،  بۇددا دىنىنىڭ  تارقىلىش دەۋرىدىمۇ يېڭى دىننىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان ئىدى ۋە ناھايىتى يۇقىرى ئىشتىياق بىلەن بۇددا ئىبادەتخانىللىرى ،ئىشخانىللىرىنى قۇرغان ئىدى. ھەتتا بۇددا دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈكسەك ئىتىبارى سەۋەپلىك خىتتايغا يېيىلىشىغا ئۇيغۇرلار بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

تەسۋىرلەش سەنئىتى — بۇددا دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشى ، دىننىڭ ئېھتىياجلىرىدىن سانىلىدىغان تەسۋىرلەش سەنئىتىنىڭ قەد كۆتۈرلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.  بۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇرلار دىنىي تەسۋىرلەش سەنئىتىنىڭ يىراق شەرىققە يۆتكىلىشىدە ۋاستە بولغان ئ‍ىدى.

تۆۋەندىكى رىۋايەتتە بۇددا دىنىي سەۋەپلىك تەسۋىرى سەنئەتنىڭ قارشى ئېلىنىشىغا ئائىت كۆز قاراشلار بايان قىلىنغان: ھىندىستاننىڭ ماتۇرا شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ۋەز-نەسىھەتچى ئۇپاگۇپتا ئۆزىنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ.  بۇددانىڭ دۈشمىنى ، كىشىلەرنىڭ خاھىشىغا قارشى تۇرىدىغان  ۋە ماھىيىتى شەيتاندىن باشقا نەرسە بولمىغان مارا، بۇدداغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىت، ئالتۇنلارنى ياغدۇرىدۇ، ساماۋىي رەققاسلارنى ئەۋەتىدۇ، گارمونلارنى چالدۇرىدۇ ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ. ئۇپاگۇپتانىڭ سەۋىر-تاقىتى تۈگەپ،ئۈچ جەسەتتىن ياسالغان چەمبىرەكنى مارانىڭ بېشى ۋە بوينىغا باغلايدۇ. مارا كۈچىنىڭ بارىچە تىركىشىدۇ، تەڭرىلەرگە، يېرىم تەڭرىلەرگە يالۋۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە ئەڭ چوڭ تەڭرى بارخاما :« ئۇپاگۇپتاغا يالۋۇر ، ئۇنىڭغا قايتا تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەر» -دەيدۇ، مارا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مارانىڭ تەلىپىگە بىنائەن ،ئۇپاگۇپتا بىر ئىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە شۇنداق دەيدۇ:«مەن بۇددا نىرۋاناغا قېتىلىپ 100 يىلدىن كېيىن دەرۋىش بولدۇم. مەن ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنىلا بىلىمەن، شەكىلى ۋە چىرايىنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن» دېدى. مارا ئۇپاگۇپتاغا ئۆزىنىڭ بۇددانىڭ شەكلىگە كىرىدىغانلىقىنى ، ئەمما ئۇپاگۇپتانىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمەت سالامى قىلماسلىققا ۋەدە ئالدى ۋە ئورمانلىقتا غايىپ بولدى. ئاندىن ئۇ بۇددانىڭ ھەيۋەتلەك ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە يېقىنلىرى بىلەن بىللە پەيدا بولدى. ۋۇجۇدىدىن چىقىۋاتقان ئالتۇن رەڭ نۇر ھالقىسى قۇياش نۇرىدەك پارلايتى. ئۇپاگۇپتا بۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنىش ئالدىدا بارغانسېرى ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىدۇ. مارا ھەيران بولغىنىچە .ۇنىڭ ۋەدىسىنى خاتىرلىتىدۇ. ئۇپاگۇپتا ئۇنىڭغا تىزلانمىغىنىنى، ۋەدىسىنى ھېچ ئۇنۇتمىغانلىقىنى دەپ بولۇپ، تۆۋەندىكى سۆزنى قىلىدۇ:« ئاڭلا! مىنىڭ قىلغىنىم لايدىن ياسالغان ھەيكەلنى بۇددا دەپ ئېتقاد قىلغانغا ئوخشاش ، يەنى مەن كۆڭلۈمدە بۇددانى ئويلاپ تۇرۇپ تىزلاندىم»… مانا بۇ رىۋايەت قىلىش يولى بىلەن بۇددىزىم، ساخاۋەتچى ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆنىڭ خىزمىتىگە مەجبۇرلىغان بىر قۇدرەت ھالىنى ئالغان ئىدى.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئىران بىلەن شىمالىي ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ، بۇ يەرلەردە نۇرغۇن شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشى سەۋەپلىك ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن يۇنانلىقلار ئارىسىدىكى سەنئەتكارلار، يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىپ بۇ يەرلەرگە يەرلىشىپ قالغان ئىدى. يۇنانلىقلارنىڭ سىڭدۈرگەن تەسۋىرلەش سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى سەۋەبىدىن، قەندىھەردە قۇرۇلغان يېڭى ئېقىم، قەدىمكى سەنئەتىنىڭ غەزىنىسىگە ئەپچىللىك بىلەن ئارلىشىپ، بۇددا دىنىي سەنئىتىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. بۇددىزىم قەندەھەر ئەتراپلىرىغا تارقىلىشتىن بۇرۇن، بۇددا تېخى بىر تىپنى  شەكىللەندۈرمىگەن ئىدى. ھىندىستاننىڭ قول ھۈنەرۋەنلىرى تېخى بۇنىڭغا قېتىلمىغان ئىدى. ئەمما قەندەھەرنىڭ قول-ھۈنەرۋەنلىرى ئاپوللو ۋە دىئونىسىسدىن بۇددا ئوبرازىنى ياراتتى. ھەرخىل كىلاسسىك ئەفسانىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بۇددا سەنئىتىنىڭ پۈتۈن تەڭرىلىرى، قەندەھەرنىڭ سەنئەت قۇياشى شەكلىدە ھىندىستانغا،جاۋاغا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق خىتتايغا، كورىيەگە ۋە ياپونىيەگە قەدەر بولغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئۆز نۇرى بىلەن يورۇتقان ئىدى. ھىندىستانغا سىڭدۈرۈلگەن قەدىمكى يۇنان سەنئىتى ئىككى يول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن ئىدى. بىرى غەربتىن پامىر-قەشقەر ئارقىلىق، يەنە بىرى كەشمىر، قاراقۇمدىن بولۇپ، جەنۇپتا يەركەنتتە بىرلىشىپ تارقالغان ئىدى. قەدىمكى يۇنانلىقنىڭ،  بولۇپمۇ سەنئىتىنىڭ مىسسوپوتامىيە، مىسىر، ئانادولۇ ۋە گىرىت ئاساسلىرىغا تايىندىغانلىقىنى ئويلىساق، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشاش بولغان تەبىئىي بولغان بىر يولغا ماڭغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز. رىملىقلار بىلەن گېرمانلار ئىلاھلىقىنى قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ماسلاشتۇرمىدىمۇ؟

ئەگەر قەدىمكى مەدىنىيەتتىن ئورتاق بەھىرلىنىش بىر ئىمتىياز بولسا، تۈركلەر بۇنى ياۋروپانىڭ تۇنجى گۈللىنىشى دەپ قارالغان شارىلماندىن بۇرۇن (ھېچ بولمىغاندىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا) قىلغان.  بۇددا دىنىي تارقاتقۇچىللىرىنىڭ تىك قىيالارغا ۋە ياكى ئەتراپى قورغانلار بىلەن  قورشىلىپ، مۇستەھكەم سېلىنغان ئىبادەتخنىلاردىن ياققان ھىدايەت مەشئىلى بىلەن ئۇزاقلارغىچە يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇتخانىلارنىڭ تاملىرى، ھەتتا نۇرغۇن قېتىم تورۇسلىرى ۋە ھەتتا پوللىرى ھەر خىل رەسىملەر بىلەن بېزەلدى. بۇتخانىلارنىڭ تىپىك شەكلى تۆۋەندىكىچە:

ئالدى زالدىن ھەقىقى بۇتخانىغا، يەنى ئىسلام دىنىدىكى ھەرەمگە كىرىلىدۇ. تۆت بۇلۇڭدىن شەكىللەنگەن ھەرەم قىسىمىنىڭ ئارقا تېمىغا بۇددانىڭ ھەيكىلى قويىلىدۇ. بۇ قۇرلۇشلارنىڭ ھەبىر كىرىش قىسىملىرى بىردىن كاردىدورغا تۇتاشتۇرۇلغان، بۇلار ئارقا تەرەپتە ئۈچۈنجى بىر كارىدورغا تۇتاشتۇرۇلغان. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇتخانىلاردا دېرىزە يوق. ھەرەمنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى ئادەتتە گۈمبەزنىڭ بېلى. بۇ گۈمبەزلەرنىڭ ئىچىگە ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇپتا  تاغ مەنزىرسى قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەنزىرىلەردە بۇددانىڭ ئارقا- ئارقىدىن تۇغۇلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. رەسساملاردىن ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزغانلىرىمۇ بار. ۋەخپە ئىگىللىرىنىڭ تەسۋىرى ناھايىتى دىققەت تارتاتتى. ئۇزۇن، كەشتىلەنگەن ياكى نەقىشلەنگەن كۆينەكلىرى، ئۈچ بۇلۇڭلۇق ياقىللىرى، پۈتۈن  ۋۇجۇدىنىڭ قۇرۇلمىسىنى  تىك تۇتۇپ تۇرغان  قىياپەتلىرى بىلەن ئەرلەر، ھەقىقى بىر چەۋاندازنىڭ ئوبرانى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەتتى. ئۇلارنىڭ مېتال كەمەرلىرىنىڭ بىر تەرىپىگە يۇمىلاق باشلىق تۈز بىر قىلىچ ئىېسىلىقلىق، يەنە بىر تەرىپىگە بولسا  سىكيان  خەنجەر تاقاغلىق ئىدى. چاچلىرى مۇئەييەن بىر شەكىلدە كېسىلىپ، ئوتتۇرسىدىن بۆلۈش ئارقىلىق ئايرىلغان ئىدى.  چەۋەندازلارنىڭ يېنىدا خانىم قىزلار تۇراتتى: بۇ خانىم-قىزلار كېلىشكەن ، ئىنچىكە بەدەنلىك، زىيادە ئوچۇق كۆكرەكلىك،ھەشىقپىچەك گۈلىدەك كەڭ ئېچىلىپ تىكىلگەن يەڭلىرى بار، بەدەننى چىڭ سىقىپ تۇرىدىغان كورسەنىڭ  پەسكە قاراپ يېيىلغان نەقىشلىك ئېتەكلىرى بار، ئارقا تەرەپتىكى ئېتىكى يەرگە سۆرىلىپ تۇرىدىغان كۆينەكنىڭ مۆرىللىرى ئازراق كەينىگە تارتىلغان ئىدى، بەدىنى سەل ئالدىغا ئېغىشقان يېقىشلىق قىلىقلىرى بىلەن ياۋروپانىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى تەسۋىرلەرگە ئوخشايدۇ.

رەسىم سىزىش تېخنىكىسى — تام تەسۋىرلىرى فىرەسكو دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسلۇپتا ياسىلاتتى. رەسىم تاختىسىنىڭ تېگى تۆۋەندىكىدەك تەييارلىناتتى: سامان ۋە ئوت-چۆپ تالاسى بىلەن تۆگە قۇمىدىن ئىبارەت بولغان ماتىرياللار ئارىلاشتۇرىلىپ ، تام بۇ ماتىريال بىلەن سۇۋىلىنىدۇ ۋە تەكشىلىنىدۇ. ئۈستىگە ئىنچىكە بىر ھاك سۈرتىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈستىگە رەسىمنىڭ لايھەسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى يۆتكەلگەندىن كېيىن رەڭلەر بېرىلەتتى.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى 750-850 يىللىرى ئارىسىدىكى 100 بولغانلىقى مەلۇمدۇر. تەبئىيكى، تەسۋىرلەش سەنئىتىنىڭ مۇكەممەل دەۋرى ئوخشاش ۋاقىتقا ماس كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا تەسۋىرلەش سەنئەتلىرى بۇددا دىنىنىڭ ھىمايىكار قاناتلىرى ئاستىدا ، ئ‍ۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ مۇكەممەللىشىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئىككىنجى بىر خوشاللىنارلىق بىر ئان بۇ جەرياننى كامالەتكە يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا سىرىتتىن كەلگەن يەنە بىر مۇھىم  دىننىي تەشكىل قىلغان مانىزىمدۇر. بۇ دىننىڭ قۇرغۇچىسى بولغان مانى ئۆزى بىر داڭلىق رەسسام ئىدى.  مانىزىمنىڭ ئەقىدە كىتاپلىرى ئەڭ گۈزەل قەغەزلەرگە، ئەڭ ياخشى سىياھلار بىلەن كىلاگىرافىك شەكلىدە يېزىلاتتى، ئاجايىپ گۈزەل مىنياتۈرلەر بىلەن بېزىلەتتى. مانىنىڭ بۇتخانىلارنى تام رەسىملەر بىلەن بېزىگەنلىكى دېيىلگەن. مانى سەنئەتكار سۈپىتى بىلەن شۇنچىلىك دەرىجىدە داڭق قازانغان ئىدىكى ، بىردىنبىر دۈشمىنى بولغان ئىران ۋە ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېسىدە رەسسام بولۇپ ياشىغانلىقى قالغىنىدەك، ئەقىل-پاراسەتلىك دەپ ئەستە قالغانلىقىمۇ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىشتۇر.

مانىلار ھەر تەرەپتىن كەلگەن ئىز قوغلىغۇچىلار سەۋەپلىك، بولۇپمۇ خىرىستىيانلارنىڭ قوغلاپ تەكشۇرۇشلىرى سەۋەپلىك، مانىلار ئەركىن ھالەتتە دىنلىرىنى تارقىتالمىدى. يەتتىنجى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا ھاكىم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھى سەۋەپلىك، ئاقسۆڭەك سىنىپى مانى دىنىغا كىرگەن ئىدى. بۇ سەۋەپلىك ئاساسلىقى بۇددا دىنى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تەسۋىرلەش سەنئىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. رەسىم، ھەيكەلنىڭ يىنىدا مىنياتۇر خېلىلا ئ‍ېگىز ئىدى. ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا موڭغۇللار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋاقىتلىرىدا،بۇ يەرلەردىن ئالغان ئېگىز مىنياتۇر سەنئەتلىرىنى بىر تەرەپتىن خىتتايغا يەنە بىر تەرەپتىن ئىرانغا ئەكەتكەن ئىدى. گەرچە ئىلگىرى ئىراندا بار بولسىمۇ ۋە كېيىنچە بۇ ئەنئەنە يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ تەسۋىرىي سۈرەتلەردىن كېيىن ئىران، ھىندىستان،ۋە ياكى ئىسلام مىنياتۇرى نامى بىلەن تونۇلغان رەسىم سەنئىتىگىمۇ شەرقىي تۈركىستان قايناق بولغان ئىدى.

تابلولارنىڭ ئۇسلۇبى: تابلولاردىكى پەرىقلىقكە ئىگە بولغان ئۇسلۇپنى تۈرلۈك كۆچ-كۆچلەرگە تەئەللۇق قىلىدىغانلارمۇ، ئايرىم-ئايرىم مىسيونېرلاغا مەنسۇپ قىلىدىغانلارمۇ بار. قانداقلا بولمىسۇن، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇسلۇپ تەنقىدى قىلىنىپ باقمىدى. بولۇپمۇ، باشقا قوللاش ۋە ياكى دەلىل بولمىغان ۋاقىتتا تابلولارنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ،قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكى، قانداق ئىكەنلىكىنى بېكىتىش بەكلا مۇھىمدۇر . بۇ تابلولارنىڭ قېلىپ ۋە چېرتىيوجلار ياردىمى بىلەن ياسالغىنىغا قارىغىنىمىزدا، كونا مودەلنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ قوللىنىلغان بولىشى  ئىھتىمالغا يېقىندۇر. گرۇن ۋېدىل ئۇيغۇر چېرتىيوج ئۇسلۇبىنى بەش قىسىمغا بۆلگەن ۋە خۇلاسە قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلىگەن ئىدى:

1) ئاياللار ئۇسلۇبى — گەرچە ئۇسلۇبىنىڭ ھەر خىل شەكىلى بولسىمۇ،بىراق بۇ قەدىمكى ئۇسلۇپتىن، بۇنىڭ قەندەھەر پىلاستىكلىرىدە ئوچۇق كۆرۈلگەن، كېيىنكى چاغلاردا يېتىشىپ چىققان خىزمەتچىلەردىن چۈشەنگەن قىسىمىدۇر. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر بەزىللىرىدە قەدىمكى خىزمەتچىلەرنىڭ، بەزىللىرى بولسا ئىران-ھىندىستان تارماقلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىدىن ئىبارەتتۇر.

2) ئۇزۇن قىلىچلىق چەۋەندازلار ئۇسلۇبى—بىرىنجى ئۇسلۇبنىڭ تەرەققىياتى دېيىشكە بولىدىغان ۋە ھىندى – سىكىت تىپى تەسىرىنى بەرگەن بۇ تۈرنىڭمۇ نۇرغۇن شەكىللىرى بار ئىدى. كۆرسىتىپ ئۆتىشكە بولىدۇكى، بۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشى، كىيىم-كېچەك مودىسىنىڭ ئۆزگىرشىدىن بۇرۇن كەلگەن ئىدى.

3) كونا تۈرك ئۇسلۇبى — گەرچە ئۇ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ئۇسلۇبقا ئاساسەن شەكىل ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىدە تەسۋىرلەنگەن تېما ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك، بەزىدە مۇستەقىل ئۇسلۇپ شەكلىدە بولىدۇ. بۇ يەردە خىتتاي ئېلمىنتلىرىمۇ كۆرىلىدۇ، مەسىلەن: تام، زىمىن تابلولىرىنىڭ ئەتراپى ئالاھىدە دېققەت تارتقۇچى گۈل-چىچەك بىلەن بېزەلگەن ئىدى.  ۋەقىپ قۇرغانلارنىڭ كىيىملىرى ئالدىنقىسىغا سېلىشتۇرغاندا تامامەن باشقا بىر ئ‍ۇسلۇپنى كۆرسىتەتتى.

4) كېيىنىكى دەۋىرلەردىكى تۈرك ئۇسلۇبى: بۇ، ھەقىقى مەنىدىكى ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدۇر. تۇرپان ئەتراپىدا، بولۇپمۇ بېزەكلىكتىكى بۇددالار تەسۋىرى بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنى كامىرنىڭ ماس قەدەملىك ئۇسلۇبى دېيىشكە بولىدۇ.

5) ئۇ ئىسلام ئۇسلۇبىدۇركى، زاڭزۇ ئۇسلۇبىنى ئاساس قىغان ئىدى. تەسۋىلەرنىڭ تېمىسى ئەپسانىۋىي رىۋايەت ۋە دىننىي تۈسنى ئالغان بولاتتى. ئىدىقۇتتا مەيدانغا چىققان بىر مىھمانخانا ئۆينىڭ زېمىن   قەۋتىگە فرەسكو تېخنىكىسى بىلەن تەسۋىرلەنگەن بىر تابلونى گرۈنۋەدەل مۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىدى: ھەر بىر زالدا ئالاھىدە مۇقەددەس بولىشى كېرەك بولغان ئۆينىڭ زىمىن قىسىمى ھەيۋەتلىك فرەسكو  بىلەن قاپلانغان ئىدى. پول ساپ فىرەسكو  ھەمدە نەم پىلاستېرغا تەتۇر يۆنىلىشتە بولغاچقا، تامغا چاپلانغان بوياققا قارىغاندا، ھاۋانىڭ تەسىرىگە چىداملىق ئىدى.  زىمىن قەۋىتى يۈزىدە چوڭ كۆل تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئىچىدىن مۇھتەششەم بىر شەكىلدە سىزىلغان ئىنچىكە، ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك ئەجدەرھالار چىقاتتى، ئارىدا يىلانلارغا، غازلارغا، بىر ئۆچكىگە ۋە ياكى بېگمۇتقا مىنگەن بىر ئوغۇل بالا، نىلۇفەر گۈلىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر مويسىپىت، تەبىئىي بىر شەكىلدە رەسىمگە سىزىلغان بىر قاناتلىق كىيىك ئوبرازلىرى كۆرىنەتتى. ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە مۇھتەششەم بىر شەكىلدە رەسىم قىلىپ سىزىلغان تەتۈر شەكىللىك نىلۇفەر گۈللىرى، چوغلۇقنى پۇراپ تۇرغان يوپۇرماقلار ۋە غۇنچىلار ھاۋادا ئۈزۈپ، لەيلەپ يۈرەتتى.

ماھىيىتى ئوخشاش بولغان يەنە بىر پارچە شۇ شەكىلدە ئىدى: بىر كەركىداننىڭ چوڭ بېشى بىلەن سۇنى ئوتتۇردىن ئىككىگە ئايرىپ مىڭىۋاتقان قىزىل ئالتۇن رەڭلىك ۋە قاناتلىق سۇ بۇغىسى، گۈللەر، لەيلەپ تۇرغان دولقۇننى جانلىق بېزەپ تۇراتتى. بۇغىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بويلاپ ئۇزىراپ ماڭغان مۇڭگۈزلىرى، ئەجدىرھا بېشىنىڭ ھەيۋەتلىك ئىپادىلىنىشى  بىلەن سېرىق، قىزىل، يېشىل ۋە قارا رەڭلەرنىڭ ئېسىل ماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇ رەسىم پۈتۈن توپلامنىڭ ئ‍ەڭ  جەزبىدار قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى.

گرۇنۋېدېل  سورچۇكتىكى بىر ئ‍ۆڭكۈردىكى رەسىملەرنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: بىر نەچچە قۇۋۋەتلىك سىزىق بىلەن سىزىلغان بولۇپ، ھاۋانى يېرىپ ئۇچىۋاتقان بىر پەرىشتە تەسۋىرىنى كۆرىۋاتىمىز. يەر شارىنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىۋاتقان بىر مەخلۇقنىڭ غەمسىز خۇشاللىقى ناھايىتى مۇۋاپىق ئىپادىلەنگەن. بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسىمى ئۇزۇن كۆينەكلەرنىڭ ئىچىدە  غايىپ بولىدۇ ۋە بۇ پەرىقلىق ۋەزىيىتى بىلەن كۆڭلەكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ ئۇچۇشىۋاتقان رەختلىرىنىڭ ئۈستىگە قاراپ دولقۇنلىنىۋاتقان سىزىقلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. ۋالد شىمىد  بېزەكلىكتە تېپىلغان 4- نومۇرلۇق بۇتخانىدىكى دەرۋىشنىڭ رەسىمىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: دەرۋىشنىڭ بېشى دېققەت چېكەتتى. جانلىقلىق بىلەن سىزىلغان سىزىقلار ئۇلارنى سەنئەتتتكى تېىخمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئەركىن بولغان خاسلىققا ئىگە قىلدى. ئەمىلىيەتتە ، ئۇ ئوچۇق-ئاشكارە زىددىيەتلىك تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولىشىدىن تارتىنىپ قالمىدى. چوڭقۇردا تۇرغان كۆزلىرى، تېشىغا چىقىپ تۇرغان ئالمىىجىك سۆڭىكىگە ئورۇنلاشقان كۆزلەر بىلەن قاراپ تۇرغان كۆز جىيەكلىرى، يوغان بۇرۇنلىرى ، مۇسكۇللارنىڭ غەلىتە بىر شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ قارىشىدا، غەربلىك ياۋايىلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا سەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۇ باش تەسۋىرىدە مۇبالىغە بىلەن تەسۋىرلەنگەن ئىدى.

تەسۋىلەردە دائىم نىلۇفەر گۈلىنى ئىشىلتىش بىر رىۋايەتنى ئاساس قىلاتىتى. بۇ رىۋايەت سەۋەبىدىن، بۇددا بولۇپ قالىدىغان ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى، ھەرخىل باسقۇچلارنىڭ تەسۋىرىنىڭ بولىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلاتتى. بۇ تەسۋىرلەر مايسا ياكى نەقىش يوللۇق رامكىلار بىلەن رامكىلىناتتى، سەھنىلەر ئۈسىتى تەرەپكە قاراپ، ئۈستى ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن كەشتىلەنگەن ،ئەگمە ، گىرۋەكلىك قىزىل رەخت تەسۋىر بىلەن يېپىلغان.

ھەققىدە يېزىشقا داۋاملاشتۇرالمىغىنغا  كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغان باشقا بەك مۇھىم نەقىشلەر بار ئىدى. يۇقىردا بۇددا تىپىنىڭ يۇنان پانتېسىدىن ياسالغىنىغا، تۈرلۈك كىلاسسىك ئەپسانىلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتىم. بۇ ئەپسانىۋى مەزمۇنلاردىن باشقا، گۈزەللىكى سەۋەبىدىن زېۋۇس بۈركۈتى تەرىپىدىن ئولىمپىسقا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قەدىمكى زاماندا تەسۋىرلەنگەن «گانىمەدەس » باشتا كېلىدۇ. زېئۇسنىڭ بۈركۈتى ماھاللى بىر ئەپسانە تىپ بولغان قۇش باشلىق،ئىنسان بەدەنلىك گرائ‍ۇدا، تۇرپاندا ئىراننىڭ سۇمرۇغىغا ۋە ياكى زۈمرۈتى ئەنقاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. كېيىنگە قالدۇرىلىپ قويۇلغان قەدىمقى دەۋرنىڭ ئۇچىۋاتقان غەلبە تەڭرىچىللىرى ۋە موللۇق ۋە بەرىكەتكە سىموۋل قىلىنغان ئىلاھلارنىڭ تەسۋىرى ئىچى مىۋە ۋە گۈللەرگە تولغان مۈڭگۈزلەر بىلەن تولدۇرۇلغان تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ. يەرلىك ئەنئەنە بىلەن ئالاقە قىلالايدىغانلار ھەر خىل تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈردى.

پىلاستىك سەنئەت(ئويما سەنئىتى:ھەيكەلتراشلىق، قېلىپقا سېلىپ بارپا قىلنىغان سەنئەت ياكى لاي، بوياق قاتارلىق بۇيۇملاردىن ياسالغان سەنئەت شەكلى) —  شەرقىي تۈركىستاندا پىلاستىك سەنئەت ئۈچۈن نە بىر مەرمەر تاش، نە بىر بۇ سەنئەتتە ئىشىلتىدىغان ئاردۇۋاز تېشى بار ئىدى، ھاك تاشنى تېپىشمۇ بەسى مۇشكۈل ئىدى. خۇددى مىسسوپوتامىيەدە سۈمەرلەر تاشنىڭ بولمىغانلىقتىن قومۇش بىلەن لاينى بىرلەشتۈرۈپ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغاندەك، شەرقى تۈركىستاندىمۇ لايغا سېغىز توپا، سامان، ئۆسۈملۈك تالاسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ياخشى يۇغۇرۇپ بۇنى ئىشىلتىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ ئىچى قىسىمى ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ياغاچ، تاش ياكى قومۇش بىلەن مۇقىملىناتتى. ئۈستىگە ئىنچىكە بىر قەۋەت ھاك تاش سۈركەلگەندىن كېيىن بويىلاتتى ياكى ئالتۇندىن ھەل بېرىلەتتى. تەييارلىنىشى  ئۈچۈن بۇنچە كۈچ كېتىدىغان ماتىرياللاردىن يەنىلا ناھايىتى مۇستەھكەم بولغان ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلتۈرلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىدىقۇتتا قولغا چۈشكەن بىر ھەيكەلمۇ  چىرايلىق قاتلاقلىرى بىلەن بەدەنگە يېپىشىپ تۇرغان لىباسى بىلەن گەۋدە قىسىمىنىڭ گۈزەل بىر شەكىلدە شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. سورچۇقتا تېپىلغان قېرىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بىر دەرۋىش بىلەن ياشلىقنىڭ زىلۋا چاغلىرىنى ئىپادە ئەتكەن بۇددا ھەيكەللىرى ئۇيغۇر پىلاستىك سەنئىتىنىڭ گۈزەل ئۈلگىللىرىنى تەشكىل قىلاتتى. ياغاچتىنمۇ ھەيكەل ياسىغانلىرى بار ئىدى. مارالبېشىدا تېپىلغان، ئولتۇرغان بىر بۇددانىڭ ھەيكىلى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

مەن مۇھىملىقىنى قىسقىچە تەكىتلىمەكچى بولغان بۇ ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئۈلگىلىك بولغان دۆلەت تەشكىلاتى، ئىقدىسادى، ئەدەبىياتى،مۇكەممەل بولغان تەسۋىرلەش سەنئەتلىرى بىلەن ئەڭ قىممەتلىك زامانىنى ياشاۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك مىۋىللىرى، رەڭگارەڭ چىچەكلىرى ۋە ئەتىر گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن باغچىللىرىىڭ ئىچىدە چالغۇللىرى ۋە مىللىي ئۇسۇللىرى بىلەن ھاياتىنى ناھايىتى خوشال ۋە ھوزۇرلۇق كەچۇرۋاتقاندا، 843-يىلى قىرغىزلارنىڭ توختىماي ھۈجۇم قىلىشى بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ داچىسىدەك بۇ گۈزەل دۆلەت پارچىلىنىپ كېتىپ، بۇ ئاچچىق رىئاللىقنىڭ نەتىجىسىدە يىڭىدىن بىخلىنىپ، تەرەققى قىلىشنى ئويلىغان بۇ گۈزەل بەدئىي ئەسەرلەر، ئىسلام دىنىنىڭ ھاكىم بولغان ۋاقىتلىرىدا پۈتۈنلەي يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى. خىتتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يىپەكنىڭ دېڭىز يولى بىلەن توشىلىشىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقدىسادى ھاياتىغا ئېغىر زەربە بولغان ئىدى. موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزى دۆلەتنىڭ نوپۇسىنى ۋەيران قىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ گۈزەل مەمۇرچىلىقلار  كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان چۆللۈككە ئايلانغان ئىدى. مەۋجۇت بولغان سۇغىرىش سېستىمىسىنى قوغداش ۋە ساقلاپ تۇرۇشقا يېتەرلىك نوپۇس بولمىغاچقا، كىشىلەر ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ دېھقانچىلىق قىلىنىدىغان يەرلەرگە چېكىندى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زەنجىرلىنىپ، ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغان تەبىئەت ، ئەمدىلىكتە ئۇ زەنجىرلەرنى چېقىپ ئىنسانلارنى ئۆزىگە قۇل قىلغان ئىدى.

پەقەت تەلەي پەرىشتىسى تۈركلەرگە يېڭى ئۇپۇقلار ئاچتى. يۈزلەرچە ۋە مىڭلارچە يىل سەرپ قىلىنىپ بەرپا قىلىنغان مەدىنىيەت، مۇشۇنداقلا  تارىختىن ئ‍ۆچۈرۈلۈپ كەتسە بولمايتتى. ئىسلام دىنىنىڭ 7-ئەسىردە مەيدانغا كېلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە قارىماي، ئەمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر بولغان ۋاقىتلارغىچە ، غەربىي ئاسىيادا كۆزگە كۆرىنەرلىك مەدىنىيەت ھەركىتى بولمىغان ئىدى. تۈرك مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ئۈمەۋىيلەرگە خاتىمە بېرىلگەندە، بەرمەكىلەر باغداتتا تەسس قىلىنغان ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ھوقۇقنى تارتىۋالغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېخىمۇ كەڭ بولغان تەرەققىيات سەھنىسى ئىزدىگەن ئۆتكۈر ئەقىلىگە ئالدى بىلەن باغدات يوللىرى كېلىپ، يېڭى بىر مۇھىت بەرپا بولغان ئىدى. لىئۇن كاھۇن مۇنداى دېگەن:« ئەگەر تۈركلەرنىڭ ھىممىتى بولمىغان بولسا ئىسلام مەدىنىيىتى بۇ قەدەر يۇقىرى كۆتۈرىلمىگەن ۋە بۇ قەدەر كەڭ بولغان ئىقلىملارغا تارقىمىغان بولاتتى» . پىروففسور شەمسەتتىن گۈنئالتاي بۇنى :«تۈركلەر بولمىغان بولسا، ئىسلام مەدىنىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان مەدىنىيەت بارىلىققا كەلمىگەن بولاتتى ۋە بۇنداق يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلمىغان بولاتتى، بۇ دەرىجىدىكى كەڭ ئىقلىملارغا تارقالمىغان بولاتتى.» دەپ ئىپادىلەيدۇ.

خىرىستىيانلىققا ئوخشاش ئەسلىدە ھىچ دىنامىك بولمىغان بىر دىننىڭ، رۇمغا ئوخشاش مەدىنىيەتلىك بىر مۇھىتقا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، باشتا پاپائوستىن بولسىمۇ ،كېيىن  پاپا بۈيۈك گىئورگىيىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلقى ئۈچۈن دۇنياغا تارقالغان بىر دىن ھالىغا كەلگىنىدەك، ئەرەبىستاننىڭ قۇرغا چۆللىرىدە تارقىلالمىغان ئىسلام دىنىمۇ -ئەندەلۇستىن باشقا ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كونا مەدىنىيەت مەركىزى ۋە داڭلىق شەخسلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن دۇنياۋىي خاراكتېرلىك بىر دىن بولغان ئىدى.

خۇلاسە

ئوردىسىدا 400 شائىرنىڭ بارلىقى بىلەن ئۆزىنى ئەپسانىۋى سەلتەنەت دەپ قارايدىغان بىر غەزنەۋى ئىمپىرىيىسى مەيدانغا كەلگەن بولسا؛پەقەت ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتتىلا ئەمەس، ئىسلامنىڭ مەركىزى بولغان باغداتتا قۇرغان ئىلمىي ئورگانلىرى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنى تىز پۈكتۈرگەن، ئەھلى سەلپ قوشۇنلىرنى تىرە-پىرەك قىلغان ئۇلۇغ سەلچۇق ئىمپىراتۇرلىقى مەيدانغا كەلگەن بولسا؛ ئەگەر ئوسمان غازىنىڭ بەگلىكى، ئاندىن ئارىدىن ئىككى يىل ئ‍ۆتمەي قۇرغان مۇئەززەم ئىمپىراتۇرلىقى مەيدانغا كەلگەن بولسا، ئىنسان ئەقلىي يەتمىگۈدەك بۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنىشلەرنىڭ بارىلىققا كېلىشىنىڭ قاينىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تاكاممۇللۇق باسقۇچىدىن، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ كامالىتىدىن ئىزدىشى كېرەك. ئەگەر تۈركلەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن  غەرپ بىلەن ماددى مەدىنىيەتتە تەڭ دەرىجىدە ئىلگىرلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ناھايتى ئىنچىكە بىر زوقى بار بولسا؛ ئەگەر،بىر تەرەپتىن زامانىۋى توقۇمچىلىقنىڭ دۆلىتىمىزدە يىڭى قۇرۇلىشىنىڭ يېنىدا،بىر تەرەپتىن  سەھرادىكى تۈرك قىزى  زامانۋى ياۋروپا تابلوسىنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغۇدەك دەرىجىدىكى ئىنتايىن ئىنچىكە  بولغان گىلەملەرنى ئىشتىياق بىلەن توقۇۋاتقان بولسا؛ ئەگەر بۇگۈن شەھەرلىك بىر تۈرك قىزى ياۋروپا تېخنىكىسىنى ھەۋەس قىلدۇردىغان نەفىس نەقىشلەرنى بەدىئىي بىر سىزىش بىلەن كەشتىلەۋاتقان بولسا، بۇ مۇقەددەس تەجەللىلەرنىڭ جەۋھىرىنى تارىختىكى يۈكسەك مەدىنىيەت چاغلىرىمىزدىن ئىزدىشى كېرەك.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Türklerini ve Kültürlerini Tanıyalım

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top