You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا «كىشىلىك ھوقۇق ۋە مېدىيا بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى

ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا «كىشىلىك ھوقۇق ۋە مېدىيا بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلات ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا 8-ئاينىڭ 28- ۋە 29- كۈنلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە مېدىيا بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى» تور يۈزىدە ئېچىلدى. بۇ كۇرسقا تۈركىيەدىن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

كۇرستا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دېرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن ئەلىس ئاندىرسۇن (نازاكەت) خانىم ۋە زۈبەيرە شەمسىدىن خانىم، ھەم شۇنداقلا ياش تۈرك ئاكتىۋىستلاردىن كۈبرا ئۆزتۈرك ۋە فاتمانۇر شىرىن خانىملار ئاخبارات، مېدىيا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي كۆرەش يولىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى. كۇرسقا قاتناشقان ياشلار ئويلىغانلىرى ھەققىدە ئاكتىپ سوئاللارنى سوراشتى ۋە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تۈر كۇرسلارغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ياراملىق ۋە قابىلىيەتلىك ياشلارنى بايقاپ خىتايغا قارشى كۆرەش سېپىمىزدە قېرىنداش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، ياشلىرىمىزغا مىللىي كۆرەش سەھنىسىدە سورۇن ھازىرلاپ بېرىشكە تېرىشىۋاتىمىز.

كېيىنكى قېتىملىق كۇرسلاردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە لوبىچىلىق، تەشكىلاتچىلىق، تەشۋىقاتتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە مىللىي مۇستەقىللىق يوللىرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top