You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم چالغۇلار ۋە ئۇنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم چالغۇلار ۋە ئۇنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

پروفېسسور دوكتور مۇستاپا ئارسلان ۋە پروفېسسور دوكتور ئادەم ئۆگەر

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

تەھرىرلىگۈچى: قەلبىنۇر تەبەسسۇم

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ئاساسىدا  شەكىللەنگەن «مەشرەپ» دەپ ئاتىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە بارچە گۈزەللىكى بىلەن نامايەن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە چالغۇلىرىمۇ خىتاي مۇزىكا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ماقالىمىزدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە مۇزىكىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز، ئاندىن ئۇيغۇرلاردىن خىتايلارغا ئۆتكەن چالغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي، ئۇيغۇر، چالغۇ، مۇزىكا

تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا، ئەدەبىياتىدا ۋە سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلاردۇر. ھازىر، شەرقىي تۈركىستاندا، يەنى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىدىغان رايوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتە تۈركىيەگە ئەڭ يىراق جايلاردا بولسىمۇ، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتە ئىنتايىن يېقىندۇر.

تۈرك مەدەنىيىتىدە مۇزىكا ۋە ئۇنى تەشكىل قىلىدىغان چالغۇلار مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. تۇنجى ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۈرك خەلق شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا، مۇزىكا ۋە ھەممىدىن مۇھىمى  چالغۇلارنىڭ رولى چوڭدۇر. بۇ نۇقتىدىن باھالىغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار مۇزىكا ۋە مۇزىكا ئورۇندىلىشىدا ئىشىلتىدىغان چالغۇلار نۇقتىسىدىن  ھەقىقەتەن بايدۇر. مۇزىكا، ناخشا ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئىككى مۇقام ئەتراپىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىسى، مەشرەپ دەپ ئاتىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە بارچە گۈزەللىكى بىلەن نامايان قىلىنغان. ئۇيغۇرلار تارىخىتىن بۈگۈنگىچە بولغان بۇ جەرياندا يەتمىشتىن ئارتۇق چالغۇنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ھەر خىل مەنبەلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈنكى تۈرك دۇنياسىدا ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم چالغۇلارنىڭ  ئۇلار تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى ، كېيىن باشقا تۈرك قەبىلىلىرى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.

ماقالىمىزدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە چالغۇلىرى توغرىسىدا، تارىخى مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلىرنى باھالايمىز، ئاندىن مۇزىكا ۋە چالغۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە چالغۇلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە قايسى دەۋردىن ۋە قانداق ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئۆتكەن چالغۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز.

مۇزىكا ۋە چالغۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم  بىر ئورۇنغا ئىگە. بۇ ئەھۋالنى رىۋايەتلەردىن بولسۇن، تارىخىي مەنبەلەردىن بولسۇن ۋە ياكى ساياھەت كىتابلىرىدىن ياكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن بولسۇن ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇلىرى ۋە مۇزىكىلىرى توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئەتراپلىق ئۇچۇرلارنى خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بۇ تارىخى مەنبەلەرنىڭ بىرى بولغان «سۈينامە» دە، ئۇيغۇرلارنىڭ 5-6-ئەسىرلەردە كۇچا، قەشقەر ۋە ئىدىقۇت قاتارلىق مەركەز رايونلاردا 15-20 چالغۇدىن تەركىب تاپقان 20 كىشىلىك ئوركېستىرنىڭ بولغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئۇچۇرلار بىزگە ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ 5-ئەسىردە سىستېمىلىق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى ۋە چالغۇلىرى ھەققىدە بىزگە ئۇچۇر بېرىدىغان ئىككىنچى مەنبە بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىن تېپىلغان، «قىزىل مىڭ ئۆي تاشكېمىرلىرى» دەپ نام بېرىلگەن  8-ئەسىر 9-ئەسىردىن قالغان بۇددىست ۋە مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك تام رەسىملىرى ۋە مىنياتۈر رەسىملەردۇر. مۇراسىم تونلىرىنىڭ ئىچىدە  بېشىدا بىر خىل ئۇچلۇق دوپپىلىرى،  گۈل ئۇزۇتۇپ تۇرغان خانىملىرى، خىزمەتكارلىرى ۋە مۇزىكىشۇناسلىرى بىلەن بۇ رەسىم ۋە مىنياتۈر رەسىملەر، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موللىقى ۋە ھەيۋەتلىكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىبادەتخانىلار ۋە قۇرۇلمىلاردا، قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار قوللانغان ۋەكۆپۈنچىسى تا ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىۋاتقان بالىمان، غۈنقا، باربىت، راۋاب، ئۈچتار ۋە بەرباب قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىل چالغۇنىڭ رەسىمى بار. بۇ رەسىملەر، ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ يىنىدا، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نۇرغۇن  ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇر چالغۇلىرى ھەققىدىكى مەنبەلەرنىڭ يەنە بىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپان، يەنىسەي، كۇچا ۋە خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قېزىۋېلىنغان يېزىقلاردۇر. بۇ يېزىقلار ئىچىدە كۆپىنچىسى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىدىكى دۇئا ۋە نەسىھەت كىتابلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 8-ئەسىر ۋە 9-ئەسىرلەردە «سۇرناي»، «بۇرگا»، «دۇمباق»، «كوۋۇز (ئېغىز چېڭى، ئېغىز تەمبۇرى)»، «داپ»، «كوپۇز»، «پىپا» ۋە بىر قىسىم يايسىمان چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

13-ئەسىردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن ماركوپولو ئۆزىنىڭ ساياھەتنامەسىدە قەشقەر، ياركەنت، خوتەن ۋە قۇمۇل قاتارلىق ئۇيغۇرلار ياشىغان رايونلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە قۇمۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «قۇمۇللۇقلار ناھايىتى خۇشخۇي كىشىلەردۇر. ئۇلار كۈلۈپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.  ئۇنچىۋالا چوڭقۇر ئويچان كىشىلەر ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى مۇزىكا بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ، ئولتۇرسا قوپسا قىلىدىغان ئىشى مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىش. داۋاملىق مۇزىكا چالسۇن، ئۇسسۇل ئوينىسۇن ۋە كۆڭۈل ئاچسۇن.» بۇ ئۇچۇرلاردىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار بولۇپ، 13-ئەسىردە ئۇيغۇر مۇزىكىسى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بىر سەۋىيەدە ئىدى.

13-ئەسىردە، شەرقىي تۈركىستان چىڭگىزخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئاستىدا بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ۋە مۇزىكانتلىرى ھەرقايسى رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى موڭغۇل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان بولسا، بەزىلىرى چىڭگىزخانغا قارشى بولغان ھىندىستاندىكى «دېھلى سۇلتانلىقى» غا پاناھلانغان ۋە ئۇلار ئادەتتە ئوردىدا سەنئەتكار بولۇپ ئىشلىگەن. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ھىندى مۇزىكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىللىرىنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن بولىشىدا ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھىندىلار تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلىشىدا، چىڭگىزخان دەۋرىدە ھىندىستانغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىنىڭ مۇھىم رولى بار.

ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە چالغۇلىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى19-ئەسىردە شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە يھشھپ ئۆتكەن تارىخشۇناس، شائىر ۋە مۇزىكانت موللا ئىسمەتۇللاھ  بىننى نىمەتۇللاھ مۈجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىييۇن (مۇزىكانتلار تارىخى)» ناملىق ئەسىرىدۇر. 1854-يىلى يېزىلغان بۇ ئەسەر ئون ئالتە مۇزىكانتنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئىلمىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۇ ئەسەردە 16-ئەسىردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىستانبۇل، ئىراق، ئىران، خارەزەم، سەمەرقەنت ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياركەنت خانلىقىغا مۇزىكا مائارىپى ئۈچۈن كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ قوللىنىپ كېلىۋاتقان چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى  تۇنجى بولۇپ كىمنىڭ كەشىپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. ئەسەردە قالۇننى فارابى، دۇتارنى مەۋلانا ئەلى، راۋاب ۋە خۇشتارنى قادىرخان ياركەندى كەشىپ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

تارىخى مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە مۇزىكىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇزىكا ۋە چالغۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە توختىلىش مۇۋاپىقتۇر.

مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن  بىرىدۇر ۋە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مۇزىكا، تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەم بىلەن تەڭ يارىتىلغان بولۇپ، ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىنمۇ مۇزىكا بىلەن بولغان باغلىنىشى داۋام قىلىدۇ. چۈنكى مۇزىكا روھنى ئۇرغۇتىدىغان ۋە مەپتۇن قىلىدىغان بىردىنبىر ئېلېمېنت بولۇپ، روھ مۇزىكا ئارقىلىق تېرە بىلەن بىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارغا بەزى چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىشنى ئۆگەتكەنمۇ پەرىشتىلەردۇر. ھەزرىتى ئادەم ۋە مۇزىكىنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئۇيغۇر رىۋايەتلىرىدىن بىرى بۇ ئەھۋالنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:

«تەڭرى ئالدى بىلەن ئادەم تېنىنى، ئاندىن ئۇنىڭ روھىنى ياراتتى ۋە روھنىڭ تەنگە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى. پەقەت، روھ تەنگە كىرىشنى خالىماي، ئۇ ئۆزىنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى، تەننىڭ بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقىنى، شۇڭا تەننىڭ گۇناھقا مايىل ئىكەنلىكىنى ۋە تەڭرىدىن بۇ توغرىلىق ئۆتۈنگەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرى كۆك يۈزىدە ئىنساننىڭ ئىچى سىقىلىپ قېلىشىنى پەسەيتىدىغان ۋە ئۇنى بەختىيار قىلىدىغان مۇزىكىنى ياراتتى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنى يەريۈزىگە ئېلىپ چۈشىشىنى ئېيتتى. پەرىشتىلەر ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، مۇزىكىنىڭ بارلىق مېلودىيەلىرىنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چۈشۈپ، ئاھاڭلىرى بىلەن چېلىپ بەردى. مۇزىكا بىلەن سېھىرلەنگەن روھ، ھەزرىتى ئادەمنىڭ تېنىگە كىردى ۋە تۇنجى ئىنسان مۇشۇ ئۇسۇلدا يارىتىلدى».

ئۇيغۇرلارغا تەۋە نۇرغۇن رىۋايەتلەردە، مۇزىكا بىلەن بىللە بەزى چالغۇلارنىڭمۇ ھەزىتى ئادەم بىلەن بىرلىكتە يارىتىلغانلىقى ۋە چالغۇلارنى ئىجاد قىلىشنىڭ مەقسىتى ئىنساننىڭ زېرىكىشىنى پەسەيتىش ۋە ئۇنىڭ روھىنى ئارام ئالدۇرۇش ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. نەي ۋە ساتار قاتارلىق چالغۇلارنى ئىجاد قىلىش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بۇ ئەھۋالنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويماقتىدۇر. مەسىلەن: نەينىڭ يارىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:

«ھەزرىتى ئادەم يارىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر مەزگىل دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. بىر كۈنى چارچاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. چۈشىدە بىر پەرىشتە كېلىپ، ھەزىتى ئادەمنىڭ ئاغىزىدىن ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى قان تامچىغان بىر نەرسىنى تارتىپ چىقىرىپ، بۇ نەرسىنى لاي بىلەن چاپلاپتۇ ۋە ھەزرىتى ئادىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ھەزرىتى ئادەم ئۇنى قولىغا ئالغاندا، بۇ نەرسىنىڭ كاۋاك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەرىشتىدىن ئۇنىڭدىن نېمە قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. پەرىشتە ئۇنى پۈۋلەپ زېرىكىشنى پەسەيتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پەرىشتە ئالدى بىلەن بۇ جىسىمغا تۆت تۆشۈك ئېچىپتۇ.

ھەزرىتى ئادەم پۈۋلىگەندە، قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز چىقتىپتۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا يەنە تۆت تۆشۈك تېشىپ بېرىپتۇ، ئۇنىڭدىن يېقىملىق ئاۋاز چىقتىپتۇ. ھەزرىتى ئادەم پەرىشتىدىن بۇ نەرسىنىڭ سىرىنى سوراپتۇ. ئۇ مۇنداق دەپتۇ: ئالدىنقى تۆت تۆشۈكنىڭ دوزاخ ئازابىدىن، كېيىنكى تۆت تۆشۈكنىڭ جەننەتتىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە پانى دۇنيادا بۇنى چېلىشىنى ئېيتىپ غايىب بولۇپتۇ. ھەزرىتى ئادەم ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇ نەرسىنىڭ قۇچىقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بىر مەزگىل چېلىپتۇ. پەقەت ئۇ نەي چېلىش ئۈچۈن ئىبادەتنى توختاتقانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئادەمنىڭ ئۇنى چېلىشى مەنئى قىلىنىپتۇ. ھەزرىتى ئادەم نەي چېلىۋاتۋاتقاندا باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئۇخلاپ قاپتۇ ئەمما قومۇش ئۇنى پۈتۈن دېققىتى بىلەن ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، نەينىڭ  ئاۋازى ئۇنىڭغا سىڭىپ قاپتۇ. شۇڭلاشقا قومۇشنىڭ ئىچى كاۋاك ئىكەن. داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ سىر ئاشكارلىنىپتۇ».

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ساتتار – ھەققىدە كۆپ خىل ئەپسانىلىرى بولغان ۋە ئەڭ قەدىمىي چالغۇلاردىن بىرسىدۇر. ھەزرىتى ئادەم، جەننەتتىن ساتتارى بىلن بىرگە قوغلانغان ۋە ساتتار ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا چېلىشنى ئۈگەتكەن تۇنجى سازدۇر. بۇ ھەقتىكى ئەپسانىلەردىن بىرى قىشقىچە تۆۋەندىكىچىدۇر:

«تەڭرى، ھەزرىتى ئادەم بەدىنىنى تۇپراقتىن ياراتقاندىن كېيىن، روھنىڭ تەنگە كىرىشىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما روھ تەندىن قورقۇپ كىرىشنى خالىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، تەڭرى پەرىشتىلەرگە ئادەمنىڭ تىنىگە كىرىپ ساز چېلىشىنى بۇيرۇق قىپتۇ. تەندىن قېچىپ كەتكەن روھ سازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تەنگە كىرىپتۇ ۋە ھەزرىتى ئادەم يارىتىلىپتۇ. تەڭرىنىڭ پەرىشتىلەرگە چېلىشىنى بۇيرۇغان بۇ ئەسۋاب ساتار ئىكەن. ھەزرىتى ئادەم يارىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى ئىنتايىن يالغۇز ھېس قىپتۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئىچ ئاغرىتقان تەڭرى، پەرىشتىلەر چالغان ساتتارنى ھەزرىتى ئادەمگە بېرىپتۇ. ھەزرىتى ئادەم ساتار چېلىپ كۆڭلىنى خوش قىپتۇ.

تەڭرى كېيىن ھەزرىتى ھاۋانى يارىتىپتۇ. ھەزرىتى ھاۋاغا بولغان ئاشىقلىقى بىلەن ساتار چېلىشنى داۋام قىلغان ھەزرىتى ئادەم  ساتتارنىڭ ياردىمىدە ھەزرىتى ھاۋانى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپتۇ، بۇ ئىككەيلەن ھەر كۈنى ساتتار چېلىشنى داۋام قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبادەت قىلىشنى توختىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، تەڭرى پەرىشتىلىرىگە ساتتارنى پانى دۇنيادىن باقى دۇنياغا ئېلىپ بېرىشىنى بۇيرۇق قىپتۇ ۋە ساتتار باقى دۇنياغا كۆچۈرلۈپتۇ. ئۆلۈكلەرنىڭ روھى ئىككىنچى قېتىم تەنگە كىرىشنى خالىمىغان ۋاقىتتا، پەرىشتىلەر ساتتار چالىدىكەن. روھ شۇ ۋاقىتتا تەنگە كىرىپ بەدەننى سوراق سۇئالغا تەييارلايدىكەن ».

يەنە بىر رىۋايەتتە، ھەزرىتى ئادەم باقى دۇنيادىن پانى دۇنياغا ساتار بىلەن بىرلىكتە قوغلىنىدۇ ۋە ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئون ئىككى ئاي بويىچە ساتتار چالىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولغان بارلىق جانلىقلار، ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ ئىشنى تاشلاپ ساتتارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ ساتتار چېلىشنى مەنئى قىلىدۇ.

«رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، پەيغەمبىرىمىز ئىلاھىي مۇھەببەتنىڭ سىرىنى ھەزرىتى ئەلىگە سۆزلەپ بەرگەنمىش. بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ يۈكى ئاستىدا، ھەزرىتى ئەلى بېرىپ، بۇ مەخپىيەتلىكنى مەدىنە سىرتىدىكى بىر قاراڭغۇ قۇدۇققا ئېيتىپ قويغانمىش. قاراڭغۇ قۇدۇق كۆپۈپ تېشىپ كەتكەنمىش. سۇ ھەممە يەرنى قاپلىغاندا، قۇمۇش ئۆسۈپ چىققانمىش. ئۇ يەردىكى بىر پادىچى بۇ قومۇشتىن بىرنى كېسىپ، ئۇنىڭ بەزى جايلىرىنى تېشىپ، چېلىشقا باشلاپتۇمىش. چىققان ئاۋاز قەلبلەرگە قىزغىنلىق ۋە ھاياجان بېرىپ ۋە ئىلاھىي سىردىن خەۋەر بېرەرمىش. رەسۇلۇللاھ بۇ پادىچىنىڭ نەي ئاۋازىنى تاسادىپىي ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى چۈشەنگەن. شۇ كۈندىن كېيىن، نەي ئىلھامنىڭ مەنبەسى بولۇپ قاپتۇ».

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغان نەينىڭ قومۇشتىن ياسالغان بولىشى، ھەزرىتى ئادىمنىڭ چالغان نەي ئاۋازىنى،  قومۇشنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىغانلىقى ۋە ئۇنەي ئاۋازىنىڭ قومۇشقا سىڭىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئوخشاشلا، ئۇيغۇر ئەسۋابلىرىدىن ساتار پەقەت ئۈجمە دەرىخىدىنلا ياسىلىدۇ. ئۈجمە دەرىخى بىلەن ساتار ئوتتۇرىسىدىكى بىر پۈتۈنلۈك ۋە پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت رىۋايەتلەردە قىسقىچە مۇنداق بايان قىلىنغان:

«بىر كۈنى ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپتۇ ۋە كەينىدىن يامغۇر يېغىپتۇ. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن ئاق ساقاللىق بوۋاي، بۇلۇت بىلەن بىرلكتە بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. بۇ ئىش 8- ئايدا يۈز بېرىپتۇ. بۇ كىشى، يېنىدا ئېلىپ كەلگەن ساتارىنى سەھەر ۋاقىتلىرىدا چاپتۇ ۋە ساتارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان تەبىئەتتىكى بارلىق جانلىقلار مەستخۇش بولۇپ، يېيىش ئىچىشتىنمۇ ۋاز كېچىپتۇ. ساتتار چېلىنغاندا كۆكتىكى پەرىشتىلەرمۇ يىغلاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ يەر يۈزىگە تامچىلىغان كۆز ياشلىرى، ئالتۇن ۋە كۆمۈشتەك قىممەتلىك بويۇملارغا ئايلىنىپتۇ. يانار تاغقا چۈشكەن كۆز ياشلىرى ياقۇتقا ئايلىنىپتۇ.

بۇ ئۆچۈپ كەتكەن ۋە ياقۇتقا ئايلانغان تاغنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلار، چوڭلاردىن بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ يەتتىنجى ۋە سەككىزىنجى ئايلاردا ئېگىز تاغلارغا چىقىپ بۇ بوۋاينىڭ ساتتار چېلىشىنى ساقلاپتۇ؛ پەقەت ساتتارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە كىشى دەرەخلەرنى كېسىپ ساتتار ياساشقا باشلاپتۇ. لېكىن بوۋاي چالغاندا چىققان ئاۋازنى چىقىرالماپتۇ.

بىر كۈنى، بېلىقچى بىر بوۋاينىڭ ئوغلى قولىغا پالتا ئېلىپ، ساتتار ياساش ئۈچۈن ئورمانلىققا دەرەخ كېسىشكە قاراپ كىتىۋاتقاندا، ئالدىغا ئاق ساقاللىق بىر بوۋاي چىقىپتۇ. بوۋاي ئورمانلىتىكى دەرەخلەردىن ساتار ياسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساتارنىڭ پەقەت ئۈجمە دەرىخىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى؛ چۈنكى بىر زامانلاردا بوۋاينىڭ چالغان ساتتارىنى ئاڭلاشقا نائىل بولغان ئەڭ ياخشى دەرەخنىڭ ئۈجمە دەرىخى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ھەمدە، ساتتارنىڭ ئاۋازىنىڭ جەننەتتىكى ھۆر ۋە غىلمانلارنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى؛ شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئوتتا كۆيمەيدىغابلىقى، سۇدا ئاقمايدىغانلىقى، بازغان بىلەن ئۇرسىمۇ ئىزىلمەيدىغان كۈچلۈك بىر ئاۋا ئىكەنلىكىنى سۆزلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياش بالا، ئۈجمە دەرىخىدىن ساتتار ياساپ بوۋاينىڭ ساتتارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىشتا غەلبە قىپتۇ.»

بىز يۇقىرىدا خۇلاسىلەپ ئۆتكەن رىۋايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار، ئىنسانلارغا بەزى چالغۇ ئەسۋابلىرنى ئىشلىتىشنى تۇنجى بولۇپ  پەرىشتىلەر ئۆگەتكەن  دەپ قارايدۇ. پەقەت، بۇ كىشى بەزى رىۋايەتلەردە ياشانغان خىزىر، بەزىلىرىدە تارىخى شەخس سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئەپسانىلەردە، تەمبۇر ۋە بەربابنى تۇنجى بولۇپ ئىجات قىلغان ۋە ئىنسانلارغا قانداق چېلىشنى ئۆگەتكەن كىشىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامىنىڭ نەۋرىسى تۈركنىڭ ئوغلى ھەرىز دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. راۋاب ۋە دۇتارنى تۇنجى بولۇپ كەشىپ قىلغان ۋە كىشىلەرگە ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن كىشىنىڭ ئەفراسياپ ۋە قۇمۇل غىجىكىنى كەشىپ قىلغان ئىسكەندەر زۇلقەر نەيندۇر. كۈلتۈر، مەدەنىيەت قەھرىمانى ياكى مەدەنىيلەشتۈرگۈچى قەھرىمان دەپ ئاتالغان بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە مۇزىكىلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردە دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئۇيغۇر رىۋايەتلىرىدە ئۆلۈكلەرنى ئازاپلايدىغان ئازاپ پەرىشتىللىرىنىڭ مۇزىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ، مۇزىكىنىڭ مەنىۋى ھۇزۇرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناخشىچىلارنىڭ ئۇستازى دەپ ئاتالغان «پىرچەنگى» توغرىسىدىكى رىۋايەتتە بۇ ئەھۋالنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ناخشىچىلارنىڭ ئىلگىرى بىر ئۇستازى بولغانمىش، ئۇنىڭ ئىسمى پىرچەنگىمىش. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئىنسانىيەتكە ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىشقا بېغىشلىغانمىش. ئاللا ئۇنىڭغا چەكسىز ھايات ئاتا قىلغانمىش، چۈنكى ئۇ پىرچەنگى ناخشىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىنتايىن خۇشال قىلارمىش. بىر كۈنى پىرچەنگى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشقا بارغانمىىش. ئۇ قەبرىنىڭ ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرغاندا، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن بىر ۋارقىراشنى ئاڭلىغانمىش. بىر مەزگىل ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ ئاۋازنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلاشقا باشلاپ، بۇنىڭ قەبرىدىكى ئۆلۈكلەرنىڭ  ئازاب پەرىشتىلىرىنىڭ قاتتىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيي چىقارغان ئازاپلىق ئاۋازى ئ‍ىكەنلىكىنى ئويلاپ تاپقانمىش. ئۆلۈكلەرنىڭ بۇ ۋارقىراشلىرى پىرچەنگىنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەنمىش. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئاستا – ناخشا ئېيتىشقا باشلىغانمىش. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدىلا ئاڭلانغان پەريادلار تۇيۇقسىز توختاپ قالغانمىش. پەرىشتىلەر ناخشا ئېيتقان يەردە تۇرالمىغاچقا، پىرچېنگىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپلا قېچىپ كەتتكەنمىش. قەبرىدىكى ئۆلۈكلەر پەرىشتىلەرنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇنىڭغا يەر ئاستىدىن «ماشاللاھ» دېگەنمىش ۋە پىرچەنگىنىڭ ناخشىسىدىن مەنىۋى خۇشاللىق ئالغانمىش. شۇ كۈندىن كېيىن، پىرچەنگى تىرىك كىشىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بېرىشنى شاگىرىتلىرىغا تاشلاپ، قەبرىستانلىقتىنمۇ قەبرىستان ئايلىنىپ، قازا قىلغانلارغا ناخشا ئېيتىپ بەرگەنمىش. شۇنداق قىلىپ پىرچەنگى لوقماندىن ئۇزۇن ياشغانمىش. (رىۋايەت قىلىنىشىچە، لوقمان ھەكىملەرنىڭ پىرى بولۇپ، يەر يۈزىدە ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا مىڭ يىل ھايات ئاتا قىلغان.) پەقەت، ئۆلۈكلەرگە جازا بېرىپ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ئازاپ پەرىشتىلىرى، ئۆزىنى بۇ ئىشتىن مەھرۇم قويغان پىر چەنگىگە دۈشمەن بولۇپ، ئۇنى ئاللاھقا  شىكايەت قىلىپ: «ئى ئاللاھ، ئەگەر پىرچەنگىنىڭ جېنىنى ئالمىساڭ، بىز سېنىڭ ئۆيىڭدىن چىقىپ جىنلار سېپىگە قوشۇلىمىز» دەپ  ئۆزلىرىنىڭ بىئاراملىقىنى ئىپادىلىگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ پىرچەنگىنىڭ جېنىنى ئېلىشقا مەجبۇر قالغانمىش ».

بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا چالغۇلىرىغا تەبىئەتكە بولغان كۆز قاراش  ۋە ئېتىقادىنى سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. مەسىلەن: قوچقار مۈڭگۈزى سىماسىنىڭ راۋابقا كىرگۈزۈلۈشى، خۇشتاردىكى  كەپتەر نەقىشى، ساتتارنىڭ ئىنسان شەكلىگە قىياس قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر خىل نەقىشلەرنىڭ ئىشلىنىشى قاتارلىقلار تەكىتلەشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى توغرىسىدىكى ئېتىقادى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختىلىش مۇۋاپىقتۇر.

ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلانغان. خىتاينىڭ ھەر خىل تارىخىي مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ 5-6-ئەسىرلەردە سىستېمىلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسىرلەردە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئۇلى سېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. «خىتاي خاتىرىسىدە، غەربىي خەن دەۋرىدە غەربىي رايونغا باش ئەلچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن جاڭ چيەننىڭ خىتايغا قايتقاندا خۇ (ئۇيغۇر) لارنىڭ نىڭ ئون ئىككى مۇقام ۋە ئۇنىڭ چېلىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ قايتقانلىقى، كۇچار، قەشقەر ۋە ئىدىقۇت قاتارلىق يۇرتلارنىڭ مۇزىكا ئۈمىكى بارلىقى، ئۇلارنىڭ خىتتايغا بېرىپ مۇزىكا ئورۇنلاپ بەرگەنلىكى، بۇ مۇزىكا ئۈمىكىدە 15 خىل چالغۇنىڭ بارلىقى، كۇچاردىن كەلگەن مۇزىكا ئۇستىسى سۇجۇپنىڭ 6-ئەسىردە خىتايغا ئون ئىككى مۇقام ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرلار بار». ئۇنىڭ ئەسىرىدە: «كۇچارلىق سۇجۇپنىڭ 12 رېتىملىق مېلودىيە ئۇسلۇبى خىتاي مۇزىكىسىغا زور يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، خىتاي مۇزىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن سەنئەتكارلار پەقەت سۇجۇپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى بۇنىڭدىن باشقا  بېيمىندا ۋە پى شىگۇ قاتارلىق مۇزىكانتلار (سۈي دەۋرىدىكى مەنبەلەردە ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى دەپ ئاتالغان) ئۆسۈپ يېتىلىپ، خەلق ناخشىلىرى ۋە چالغۇلىرىنى خىتايغا تارقاتقان.» دەپ يېزىلغان.

خىتاي تارىخى «سۈينامە» دە كۇچار، قەشقەر ۋە ئىدىقۇت قاتارلىق مەركەزلەردە مۇزىكا ئوركېستىرلىرىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى توغرىسىدا ئۇچۇرلار بار. بۇ ئەسەردە كۇچار ئوركېستىرىنىڭ يىگىرمە ئادەمدىن تەركىب تاپقانلىقى ۋە «كوڭگا»، «پىپا»، «دالا دۇمبىقى»، «ناغرا» ۋە «بالىمان» قاتارلىق ئون بەش چالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە مۇزىكىلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ داۋاملاشقان. مەسىلەن، بەرباب تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خىتايدىن باشقا ياپونىيە، كورېيە ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. ھەتتا، ئۇنىڭ تۇنجى شەكلى بۈگۈن ياپونىيىدە بايقالغان. مەلۇمكى، كۇررە ۋە نەقىشلىك گىلەم ئۈستىدە ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىدىغان داڭلىق سازەندىلەر ۋە ئۇسۇلچىلار، ئادەتتە تاڭ سۇللىسى دەۋرىدە كۇچا شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن.

ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە چالغۇلىرىمۇ تاڭ سۇلالىسى شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسىغا ئايلانغان. بۇ مەزگىلدە «داپ»، «پىپا» ۋە «بالىمان» قاتارلىق چالغۇلارغا شېئىرلار يېزىلغان. مەسىلەن; شۇ دەۋردىكى شائىرلارنىڭ بىرى بولغان لى چى ئۆزىنىڭ «ئەڭ چىۋىر چالغان بالماننى ئاڭلاپ» ناملىق شېئىرىدا بالىمانى تەسۋىرلەيدۇ:

Cenubiy tağ qomuşida yasilidu baliman \ جەنۇبتىكى تاغنىڭ قۇمۇشىدىن ياسىلىدۇ بالمان.

Bu müzika eslide Kuça şehiridin çiqqan \ بۇ چالغۇ ئەسلىدە كۇچادىن چىققان.

Ğarayip bop özgerdi Han yéride küyliri  \ بەكمۇ كۆپ ئۆزگەردى خاننىڭ شەھرىدە مىلودىيىسى.

Uni Liyañcu Uyğuri çalidu bizge buan \ ئۇنى لىيەنچۇ ئۇيغۇرى چالىدۇ بىزگە بۇئان.

Yanda turup añliğan kişiler peryad çekse \ يېنىدا تۇرۇپ ئاڭلىغان كىشىلەر پەريات قىلىدۇ.

Yurt séğinğan musapirniñ közliride yaş ravan \ يۇرتقا كەلگەن مۇساپىرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاقار.

خىتايلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتۇن دەۋرىنى ياشىدى. بۇ دەۋردە تارىخىي مەنبەلەردە نەچچە يۈز سەنئەتكارنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقى، خىتاي مۇزىكىلىرىنىڭ سىستېمىلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ناخشىلارنىڭ تېما بويىچە تۈرگە ئايرىلغانلىقى ۋە بەزى ئىسىملارنىڭ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. تارىخىي مەنبەلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە چالغۇلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇن باشلانغان ۋە تاڭ، خەن، جو سۇلالىسى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدە داۋاملاشقان ۋە بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئىدىقۇت، قەشقەر، خوتەن ۋە كۇچار قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخى يىپەك يولىغا جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىك، بۇ يەردىكى  مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ھىندىستان، رىم، ئانادولۇ، ئىران ۋە ئەرەب زېمىنىغا يىپەك يولى ئارقىلىق تارقىلىشىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى.

ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان چالغۇلارنىڭ سانى يەتمىشتىن ئاشىدۇ. پەقەت، بۈگۈن ئىشلىتىلگەن چالغۇلارنىڭ سانى قىرىق ئەتراپىدا. مەسىلەن، ئۇدنى ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئىشلەتكەن، ئەمما ئۇ بۈگۈن ئىشلىتىلمىگەن چالغۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇرلاردىن خىتاي مەدەنىيىتىگە ئۆتكەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار تەرىپىدىن كەڭ قوللىنىۋاتقان ئاساسلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى تۆۋەندىكىچە:

1) نەي: ئۇ قەدىمكى دەۋرلەردە ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان ۋە تىك تۇتۇپ چالىدىغان ئىككى ياكى ئۈچ تۆشۈك بار پۈۋلەش ئەسۋابىدۇر. مەلۇمكى، ئۇ ھونلار دەۋرىدە پادىچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇ قومۇشتىن ياسالغان بولۇپ، تۆشۈك سانى سەككىزگە كۆپەيتىلگەن. گەرچە بۇيۇملارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىسىمۇ، سۆڭەكتىن ياسالغانلىرى 20 سانتىمېتىر، قومۇشتىن ياسالغانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40-50 سانتىمېتىردۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر دىيارى مۇزېيىدا 542-581-يىلللرىغا تۇتىشىدىغان سۆڭەكتىن ياسالغان ئۈچ تۆشۈكلۈك نەي بار. گەرچە خىتايچە مەنبەلەردە پارسلار ۋە ئەرەبلەردىن ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۆتكەن بولۇشى ئېنىقراقتۇر. خىتايلار نەينى «دى» دەپ ئاتايدۇ.

2) سۇرناي: ئۇ قەدىمكى دەۋرلەردە كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆرۈك ياغىچى ۋە مىستىن ياسالغان پۈۋلەش ئەسۋابىدۇر. سۇرناينىڭ ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۈستىدە يەتتە تۆشۈك، ئاستى تەرىپىدە بىر تۆشۈك بار. ئۇ كۆپىنچە ئۇرۇشلاردا چېلىنىدىغان مۇزىكا قورالىدۇر. سۇرناي بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل بايراملىرى، توي-تۆكۈنلىرى ۋە كەچلىك مەشرەپلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. سۇرناي قەدىمكى دەۋرلەردە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئۆتكەن بولۇپ، خىتايلار كاتتا مۇراسىملىرىدا دۇمباق ۋە سۇرناي ئىشلەتكەن. سۇرناي خىتايچىغا «سونا» ۋە «سۇ ئېر نا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

3) بۇرقا: ئۇ ئەڭ قەدىمكى پۈۋلەش ئەسۋابلىرىنىڭ بىرىدۇر. قەدىمكى دەۋرلەردە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرقا كېيىن مىستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇرۇشلاردا كۆپرەك ئىشلىتىلگەن. بۇرقا يىگىرمە ئوتتۇز سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ھەم بارماق تۆشۈكى يوقتۇر. «نەغمەنامە» نىڭ 125-تومىدا، «مىس بۇرقا ئىدىقۇتلارنىڭ قورالىدۇر» دەپ ئۇچۇر بېرىلگەن. ئۇ خىتايچىغا «جياۋ» دەپ ئۆتتى.

4) بالىمان: ئۇ تۈز ھالەتتە چالىدىغان پۈۋلش ئەسۋابىدۇر. ئۇنىڭ نەي تۈرىدىكىسىدە سەككىز تۆشۈكى بار. ئۇ كۆپىنچە خوتەن رايونىدا ئىشلىتىلىدۇ. خىتايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان بالىمان، خىتاي تىلىدا «بىلى ۋە پىپى» دەپ ئاتالغان.

5) بەرباب: بەرباب، ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچادا كەشىپ قىلغان ئەڭ قەدىمكى مىزراپ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە قەشقەر بەرباب ئۇستازى «پىلول» تەرىپىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەسىرلەردىن بېرى يان تۇتۇلۇپ چېلىنغان بولسىمۇ، كىيىن ئۇنىڭ دەۋىرىدىن كىيىن تىك ھالەتتە تۇتۇپ چېلىنغان. ئۇ مىزراپ بىلەن چېلىنغاندا پاس ئۇرۇپ چېلىنىدىغان مۇزىكا قورالىدۇر. بەرباب، ئۈجمە ۋە چىنار دەرىخىدىن ياسالىدىغان بولۇپ، 70-80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا چېلىنغان بەربابلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆت تارا ۋە ئەگمە تۇتقۇچلۇق بولىدۇ. بەرباب خىتاي تىلىدا «پىپا» دەپ ئاتىلىدۇ.

6) راۋاب: راۋاب بۇرۇندىن تۆت تارىلىق مىزراپلىق ئەسۋابىنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان راۋاب 90 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چالغۇ بولۇپ، بۈگۈنلەردە 6-7 تارىسى بار. ئۇيغۇر رىۋايەتچىلىرىنىڭ «قەشقەر راۋابى»، «دولان راۋابى»، «قۇمۇل راۋابى»، «قاپلىما راۋاب»، «باس راۋاب» ۋە «كۈيچى راۋابى» قاتارلىق تۈرلىرى بار. دولان راۋابى 15-19 تارىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ پەدىسى يوقتۇر. قۇمۇل راۋابى يېرىم پەدىلىك يېرىم پەدەسىز، پەدە قىسمىدا 14 پەدىسى باردۇر. جەمئىي 13 تارا ئىشلىتىلگەن. كويچى راۋابى خوتەن ئەتراپىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئاساسلىقى پادىچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. راۋاب خىتاي تىلىدا «يۈ ئەن شىيەن» دەپ ئاتىلىدۇ.

7) قۇمۇل غىجىكى: ئۇ كۆپىنچە ئۈجمە ۋە تېرەك دەرىخىدىن ياسالغان چالغۇ ئەسۋابىدۇر. قۇمۇل غىجىكىنىڭ گەۋدىسى سىلىندىرلىق شەكىلدە بولۇپ، ئويۇلغان قىسمى يىلان ۋە ئۆچكە تېرىسى بىلەن قاپلانغان. خىتايلار بۇ ئىككى تارىلىق چالغۇنى «ئېرخۇ» دەپ ئاتايدۇ.

خۇلاسە

ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە چالغۇلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى دېيىشكە بولىدۇ: مۇزىكا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە مۇراسىملاردا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپ خىل ئېغىز ۋە يازما ئىپادىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىشلىتىدىغان چالغۇلارنىڭ سانى جەھەتتە ئىنتايىن باي بولغان ئۇيغۇرلار خەلق چالغۇلىرىنى ئورۇنداشتا زامانىۋى ئوركېستىرلارغا ئوخشاش بارلىق چالغۇلارنى تەرتىپلىك ۋە ماس ھالدا ئىشلىتىپ، بۇ مەدەنىيەتنى باشقا دۆلەتلەرگە يەتكۈزدى. خىتايلار 5-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە چالغۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، نەتىجىدە، بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋاپلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن كەلگەن.

ئۇيغۇرلار مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرى جەھەتتە خىتايغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، تارىخى يىپەك يولى ئارقىلىق ھىندىستان، رىم، ئانادولۇ، ئىران ۋە ئەرەب زېمىنىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز چېگرىسىدىن ھالقىپ، مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى جەھەتتە دۇنياۋى ئورۇنغا ئېرىشىشى دەپ باھا بېرىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر بىلەن پاراللېل بىر شەكىلدە قولغا ئېلىش كېرەك. تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېنىقلاش، كەڭ تارقىتىش ۋە ئۇلارنى دۆلەت ئىچى ۋە  خەلقئارادا بىر قىممەت ھالىتىگە ئىگە قىلىش بىر ئاكادېمىك تەتقىقات نىشانى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر زور بايلىقتۇر، بىز بۇنىڭ قىممىتىنى بىلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: Uygur Türklerinde bazı çalgılar ve Çin kültürüne etkisi

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top