You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 100 يىللىقى – ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، زوراۋانلىق، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك تارىخىدىن ئىبارەت

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 100 يىللىقى – ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، زوراۋانلىق، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك تارىخىدىن ئىبارەت


ئاپتورى: ئەنۋەر ئەخمەت

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، 1921- يىلىدىن 1976- يىلى ماۋزىدۇڭ ئۆلگىچە بولغان 55 يىل ۋە 1976- يىلىدىن ھازىر شى جىنپىڭغىچە بولغان 45 يىل جەريانىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ نىمىلەرنى قىلغانلىق قىسقىچە تارىخىغا قاراپ باقايلى. ئەڭ دەسلەپتە كوممۇنىزىم ئىدىيىسىگە بولغان نوتۇش خىتايغا ياپونىيەدىن كىرگەن بولۇپ، «كوممۇنىزىم خىتاپنامىسى» نى ياپونىيەدە ئوقۇغان چەنلاڭ داخۇا خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ساختا ھىكايىلەر توقۇپ چىقىلغان. يېقىندىن بۇيان شى جىنپىڭ «ئېتىقاتنىڭ قۇدرىتى» دىگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق كوممۇنىزىم ئېتىقادىنى تەرغىپ قىلىپ، بالىلار چۆچەكلىرىگە ئوخشاش سەپ- سەتىلەر ئارقىلىق كوممۇنىزىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق پۈتۈنلەي سەپ- سەتە ۋە ئالدامچىلىققا تولغان تارىختىن ئىبارەت. ياۋروپادا دەسلەپكى چاغلاردا «كوممۇنىزىم خىتاپنامىسى» نى «كوممۇنىزىم ئەرۋاھى»، «ئەرۋاھ پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتىغان. بۇ «ئەرۋاھ» دىگەن سۆز، قورقۇنچ، ئەشەددىي، ياۋۇز ۋە زۇلمەت قاتارلىق ئىنتايىن سەلبىي مەنىلەر بىلدۈرىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. خىتاي كوممىنىست پارتىيەسى ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلۇپ 20 يىلدىن ئارتۇق، 95% دىن كۆپ ئېقتىساد ياردەمنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ئالغان.

كوممۇنىست پارتىيىسى، دۇنيادا مەلۇم دەرىجىدە كېڭىيىشى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، دۆلەتلەرنى ئىدارە قىلىشى جەريانىدا ئىنسانلار ئۈچۈن نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى نىمىلەردىن ئىبارەت؟

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تەدرىجى ھالدا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاممىۋىي ھەركەت قوزغاش خۇسۇسىيىتىنى يېتىلدۈردى. دۇنيادىكى ھەرقايسى كوممۇنىست پارتىيە، ھاكىمىيەت باشقۇرغان دۆلەتلەردە بۇنى ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن. بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قىسىم خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ باقايلى.

1. كوممۇنىست پارتىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلار ھوقۇق تارتىۋېلىش نەزىرىيەسىنى ھازىرلىغان. بۇ نۇقتا ماركىس دەۋرىدە ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما لېنىن دەۋرىدە روشەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا نۇرغۇن سىياسونلار لېنىننى ھوقۇق تارتىۋېلىش نەزەرىيەچىسى دەپمۇ قارايدۇ.
2. ئۇلارنىڭ سىياسى پارتىيە قۇرۇش نەزىرىيىسى كۈچلۈك. شۇ نۇقتىدىن لېنىننى ئەينى چاغدىكى ھوقۇق تاتىۋېلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە ئەينى زاماندا، ئۇتۇق قازانغان كوممۇنىست دىيىشكە بولىدۇ.
3. كوممۇنىزىمنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت. سىنىپىي جەھەتتىكى ئۆچمەنلىك، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك ئىنتايىن كەسكىن. شۇڭا كوممۇنىستلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك ئىنتايىن رەھىمسىز بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى كوممۇنىستلار قوزغىغان ھەر- بىر سىياسى ھەركەتتە، زوراۋان سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆز ماھىيىتىنى روشەن ئىپادىلىدى. ئەگەر كوممۇنىستلار مەلۇم ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز كەلگەندە، ئۆز ئورنى خىرىسقا دۇچ كەلگەندە دەرھال كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ۋە ئىدىيىسىنى تېزگىنلەشنى ۋەھشى ۋە زوراۋان ۋاستىلار بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. مىڭە يۇيۇش، ئىجتىمائي، سىياسى تەربىيە ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سالىدۇ. ساختىلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش كوممۇنىستلارنىڭ تىپىك ئەنئەنىسى.
4. ئالاھىدىلىگى تېخىمۇ ۋەھشى بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى، روھىنى تېزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئادەمنىڭ جىسمىنى جازالاش ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ، ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىدۇ، ئۆزلىرىگە قارشى كىشىلەرنى كۆزدىن يوقۇتىدۇ ياكى جىسمانى جەھەتتىن جازالاپ بويسۇندۇرىدۇ.
5. ئۇلار يەنە خەلقئارالىق ھەركەت قوزغاشقىمۇ ماھىر. كوممۇنىستلار ئۆز پۇقرالىرىنى ئالداش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلقارالىق ھەركەت قوزغاپ، دۇنيادىكى ئىنسانلارنى پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرىمىز دەپ سەپسەتە تارقىتىدۇ. ئۆزىنى يوقسۇللارنىڭ نىجاتكارى ۋە قۇتقازغۇچىسى قىلىپ كۆرسۈتۈپ غەرپنىڭ، ئىلغار دۆلەتلەر تۈزۈمىدە بارلىققا كەلگەن نەتىجىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ماھىر. بۇ نۇقتىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ، غەرپنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ياردىمى ۋە ئوغۇرلاپ ئېرىشكەن تېخنىكا جەھەتتىكى يېڭىلىقلىرى، بۇنى ئۆزىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە يولغا قويغان سىياسەتتىكى «دانا» لىقى، دۇنيادىكى «قۇدرىتى» قىلىپ، خەلقىگە كۆز – كۆز قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستلىرى، سوۋەت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرىنىڭ زور دەرىجىدىكى ئېقتىسادىي، سىياسىي ياردىمى بىلەن تەدرىجىي زورايغان ۋە ئەپيۇن سېتىش، ئەتكەس تىجارىتى بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ تېپىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى، خەلقئارا كوممۇنىزىمى يەنى ئىچكىي ۋە تاشقىي گوروھلاردىن تەركىپ تاپقان يامان خارەكتېرلىق گوروھ دىيىشكە بولىدۇ.
ماۋزىدۇڭ پۈتۈنلەي سىتالىننىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىش كۆرۈپ ئاخىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزدى. بۇ جەرياندا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن داۋاملاشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەينى چاغدا ۋېتنام قاتارلىق خەلقئارا كوممۇنىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش پاجىئەلەر يۈز بەرگەن.

ماۋزىدۇڭ ئالىي ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزگەندىن باشلاپ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خاتا سىياسەتلىرىگە نارازى بولغان بەرلىق كىشىلەرنى كۆزدىن يوقۇتۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادىنىمۇ جەھەننەمگە ئۇزاتتى. خىتاي دۆلىتىدە ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھات، سەكرەپ ئىلگىرلەش، ئۈچكە ۋە بەشكە قارشى تۇرۇش، ھەم مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى قاتارلىق نۇرغۇن ھەركەت ۋە بۇ ھەركەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىز ئۈچۈن سىر ئەمەس.

لېنىن ئەينى چاغدا «بىز قوشۇنىمىزنى ھەر ۋاقىت تازىلاپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك» دىگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ توغرا – خاتا بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى، ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش، ئۈزلۈكسىز رەھىمسىزلەرچە ھەركەت قوزغاپ كۈرەش قىلىپ، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش، ئۆزىگە قارشى نارازى بولغانلارنى كۆزدىن يوقۇتۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىنتايىن رەھىمسىز، قورقۇنچلۇق، ۋەھشى. نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتىدە ماۋزىدۇڭ بىلەن شى جىنپىڭ توغرىسىدىلا گەپ بولىدۇكى، باشقىلار توغرىسىدا سۆزلەش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئىلگىرىكى رەھبەرلىرى كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تازىلىنىۋاتىدۇ. يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى جازالىنىش نىسبىتىنى باشقا ھىچقانداق دۆلەتكە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

2021- يىلى 6- ئاينىڭ 27 كۈنى، بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارى شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 8 يىلدىن بۇيان، جازالانغان ئەمەلدارلار سانىنىڭ 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك، مىنىستىر، ئۆلكە ۋە نازارەت دەرىجىلىك كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى. بۇنىڭدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ نەقەدەر شىددەتلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى، خەلقنى ئالداش، ئۆزىنى- ئۆزى ئىنكار قىلىش ۋە ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىپ بىر- بىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش تارىخىدىن ئىبارەت. كوممۇنىست پارتىيە خىتاي دۆلىتىدە قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ 13 دىن ئارتۇق ئادىمىنى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆز قولى بىلەن ئۇجۇقتۇردى. پەقەت ماۋزىدوڭدىن كېيىنكىلىرىدىن خۇا گوفىڭ، خۇ ياۋباڭ ۋە جاڭ زىياڭ قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ماۋ زىدوڭ، دىڭ شىياۋپىڭ، جىياڭ زىمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭنىڭمۇ ئىنكار قىلىنىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئىنقىلاپ، قوزغىغان ھەركىتىدە تەخمىنەن 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان. بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى، بۇ ساننىڭ 80 مىليونغا يېقىن ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دىمەك خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشى، زوراۋان ۋە قاتىل پارتىيە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى پالاكەتكە دۇچار بولىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» پىلانى بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تۈگىمەس قەرزگە بوغۇپ قويدى. بۇ ئەمەلىيەتنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ روشەن كۆرۈۋاتىمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىشتىن باشقا، بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىقى ئېرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. خوڭكوڭ ئۈچۈن دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى. تەيۋەن شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ئىغۋاگەرچىلىك سېلىپ، ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ. جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكى خەلقئارانى ئەندىشىگە سېلىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ تېنچلىق، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشىغا ئېغىر دەرىجىدە خىرىس قىلماقتا.

خەلقئارادىكى نوپوزلۇق مۇتەخەسىسلەر 19 – ۋە 20 – ئەسىردىكى 3 چوڭ قاتىل توغرىسىدا توختالغاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن بولغان ماۋ زىدوڭنىڭ ئەڭ ۋەھشى قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

1. گېتلەر – باشقا مىللەتلەرنى بولۇپمۇ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلغان قاتىل.
2. سىتالىن – دۆلەت قانۇنى، يەنى كوممۇنىست پارتىيەنىڭ قانۇن – نىزاملىرى بويىچە، دۆلەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەن قاتىل.
3. ماۋزىدوڭ – سىياسى ھەرىكەت قوزغاپ، ئۆز خەلقىنىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل.
نۆۋەتتە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى، خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئاخىرقى خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 100 يىللىقى، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئۆز – ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، زوراۋانلىق، تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك تارىخىدىن ئىبارەت.

2021 – يىلى 30 – ئىيۇن، گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top