You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (4)

ۋەتەن ھەسرىتى (4)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

كۈنلەر، ھەپتىلەر ۋە ئايلار ئارقا – ئارقىدىن ئۆتۈپ، ئەتىيازغا ئۇلىشىپ يازمۇ كېلىپ قالغانىدى. بۇنداق چاغدا تاغ باغرىنىڭ مەنزىرىسى ئالامەت گۈزەللىشىپ كېتەتتى. ئەتراپنى قاپلىغان گۈل – گىياھلارنىڭ كىشىنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلىدىغان شېرىن پۇراقلىرى، كۆكتە پەس ھەم ئېگىز ئۇچۇۋاتقان رەڭمۇ – رەڭ، خىلمۇ – خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، تاغ باغرىنى قاپلىغان ھەرخىل ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان سېھىرلىك لاتاپىتى…

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بىر بارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزىگە بۇ مەنزىرىلە چېلىقمايتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كېچە ھەم كۈندۇز سېغىندىغىنى ئەتراپىنى تاقىر تاغلار بىلەن قۇملۇقلار ئوراپ تۇرغان، ئۈستىنى كۆك ئاسمان يېپىپ تۇرغان ئاشۇ قۇرغاق ئىقلىملىق يۇرتىلا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كونىلار «يېلىقسىمۇ ياغ ياخشى، كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان – دە!

ئەنە شۇ مەزگىللەردە، ئافغانىستان چېگرا ئەمەلدارلىرى ئابدۇللاھخاننىڭ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى پايتەخت كابۇلغا مەلۇم قىلدى. ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ نېمە مەقسەت بىلەن چېگرادا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش  ئۈچۈن، ئافغانىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا يوليۇرۇق بەردى. ئۇلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ سۆھبەتلەردە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز مۇددىئاسىنى ئېنىق قىلىپ: «پەقەت ئۆز يۇرتۇمغا قايتىش ئۈچۈن بۇ يولغا ئاتلانغان ئىدىم. ۋەھالەنكى ئۆزۈڭلار كۆرۇپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئالدىغا ئىلگىرىلەش يولۇم توسۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالدىم. ئەگەر بۇ قىيىنچىلىقىمنى نەزەرگە ئالغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ كابۇلغا بېرىپ بىر مۇددەت تۇرۇشۇمغا ئىجازەت بەرسە، كابۇلغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇنداق جىددىي بىر قارارنى ئېلىشىنىڭ تۈرلۇك ئاساسلىرى بار ئىدى. بىرىنچىدىن، ئالدىدىكى يولنىڭ ۋەتەنگە ئەمەس، ئۆلۈمگە تۇتاشقان بىر يول ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، بۇ يەردىكى يەرلىك قەبىلىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدى پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلانغانىدى. ئۈچىنچىدىن، بۇ يەردە ئازغىنە ئادەملىرى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇۋاپىق ھەربىي بازا قۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەندىن بارغانسېرى دەھشەتلىك شۇم خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، بولۇپمۇ خوتەن دىيارىنىڭ ھالى ھال ئەمەس، خەلقنىڭ كۈنى كۈن ئەمەس ئىدى. خوتەنگە تەۋە بولغان قاغىلىق، گۇما، قاراقاش، ئىلچى، لوپ، چىرىيە، كېرىيە، نىيە، چەرچەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىگەن ما خۇسەن، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى خوتەن خەلقىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىي قوشۇنىدا ھەربىي لاۋازىمەت باشقارمىسى، ھەربىي ئەسلىھە باشقارمىسى، ھەربىي قانۇن باشقارمىسى، سىياسىي تەلىم – تەربىيە باشقارمىسى، ھەربىي ئات – ئۇلاغ باشقارمىسى، ھەربىي دوختۇرلۇق باشقارمىسى، مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسى قاتارلىق باشقارمىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ خىراجىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى.

تۇڭگانلار ئۆزلىرىنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى، توپچىلار قىسمى، مىلتىقچىلار قىسمى، ساقچى قىسمى، ئاتلىق قىسىم، قىلىچ – نەيزە قىسمى قاتارلىق ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ، خوتەن خەلقىنىڭ ئۈستىدىن قاتتىق ھەربىي دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن خەلقتىن مەجبۇرىي ئەسكەر ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەللە – پاراق يىغىپ خەلقنىڭ كۈنىنى دوزاختىن بەتتەر قىلىۋەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە، ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى ئومۇمىي ئەسكىرى سانى 13 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەسكەرلەر تۇڭگاڭلارنىڭ خوتەندىكى ئىشغالىيەتچى ھاكىميىتىنى قوغداشتىن باشقا، يەنە خوتەننىڭ يەرلىك كان بايلىقلىرىدىن قاشتېشى ۋە ئالتۇنلارنى قازاتتى. ئۇلار ھەددى – ھېسابسىز بايلىق توپلاش ئۈچۈن خوتەننىڭ دەريا ۋادىلىرىنى، تاغلىرىنى چاشقاندەك كولاپ، ئۆتمە – تۆشۈك قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇلارنى ئاز دەپ بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق، قاتىللىق قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خوتەن خەلقىنىڭ بېشىغا بالا ياغدۇرۇۋاتاتتى.

ھەتتا ما خۇسەن خوتەندە ئۆز ئالدىغا قەغەز پۇل تارقىتىپ، خەلقنىڭ قولىدىكى ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى قۇرۇق قەغەزگە تېگىشىۋېلىشقا ئۇرۇنغانىدى. ئۇنىڭ زالىملىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدىكى ئۇنىڭ خوتەن خەلقىغە سالغان ئالۋاڭ – سېلىقلىرى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 40 خىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. يەنى، يەرگە قويۇلغان ئاساسلىق باجلاردىن ھېسابلىنىدىغان غەللىدىن باشقا، ئۆشرە ۋە دەن ئاشلىقى بېجى؛ چۆرىمە ئاشلىق (بوغازغا كېلىدىغان ئاشلىق) بېجى، ئاتلىرىنى سەمىرتىش ئۈچۈن ھەر بىر مو يەرگە قاراپ ئېلىنىدىغان ئارپا قاتارلىق ئاشلىق سېلىقى؛ ئاتلار ئۈچۈن كېپەك، سامان، ئوت – چۆپ سېلىقى؛ كىيىم – كېچەكلەر ئۈچۈن چەكمەن، پاختا يىپ سېلىقى؛ ئاياللىرىنىڭ توپلەيلىرى ۋە ئاتلىرىنىڭ جابدۇقلىرى ئۈچۈن خۇرۇم، چەم، تېرە سېلىقى؛ يوتقان – كۆرپىلىرى ۋە گىلەم، خۇرجۇنلار ئۈچۈن يۇڭ ۋە يۇڭ يىپ سېلىقى. ئاتلارنىڭ يۈگەن، تاقىلىرى ئۈچۈن ۋە قىلىچ، مىستەك، بومبا، ئوق – دورىلارنى ياساش ئۈچۈن تۆمۈر، مىس، چويۇن، قوغۇشۇن، قەلەي، تۇچ قاتارلىقلار سېلىقلار بار ئىدى. ئۇندىن باشقا مىنىش ئۈچۈن ئات، يېيىش ئۈچۈن قوي – كالا، توخۇ – ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىق سېلىقلار، يەنە تېخى جىگدە يىلىمى، ئۈرۈك يىلىمى سېلىقى، قاشتېشى سېلىقى، تۈلكە (چاپانلىرىغا ياقىلىق ئۈچۈن) تېرىسى سېلىقى قاتارلىق سان – ساناقسىز سېلىقلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە قۇمدەك ياغدۇرۋەتكەن ئىدى.

تۇڭگانلار يەنە قول – ھۈنەرۋەنلەرنى مەجبۇرىي تۇتۇپ ئەكېلىپ ھەقسىز ئىشقا سالدى. يەنى ياغاچچى، ماشىنىچى، تامچى، سۇۋاقچى، كىگىزچى، جۇۋىچى، موزدۇز، جۇۋازچى، تۆمۈرچى، گىلەمچى، ساتىراچ، ئاشپەز، خامچى (چەكمەنچى)، مىسكەرچى، بوياقچى، ئاتقۇچى (پاختا ئاتقۇچى)، قوشۇقچى (تاماق يەيدىغان ياغاچ قوشۇق ياسىغۇچى)، بورىچى، ساندۇقچى، تاغار – خۇرجۇنچى، تۇماقچى، ئېگەرچى، زەرگەر، سېۋەتچى، ئەلگەكچى، شاخاچى (سوپۇن ياسىغۇچى)، قەغەزچى، نوختىچى، مەشچى، قازانچى (بومبا قويۇش ئۈچۈن)، تاشچى، تۈگمەنچى، تۇزچى، بۆزچى، ساراچ (ئىگەر – جابدۇق تىككۈچى) قاتارلىق 40 خىلدىن ئوشۇق ھۈنەرۋەنلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ مەجبۇر ئەمگەككە سېلىپ، سىمكارىنى بەرمەيتتى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر زۇلۇمنىڭ دەستىدىن، خوتەن خەلقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن خانى – ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولۇۋاتاتتى.

ئەگەر ئۇلار بۇ سېلىقلارنى تۆلىمىسە ياكى ھاشارلارغا كۆنمىسە، تۇڭگانلار ئۇلارنى باغلاپ ئۇرۇپ، تېرىسىنى تەتۇر سوياتتى. ھەتتا بىر قېتىم ئالەمدىكى ئەڭ ۋەھشىيلىكنى تۇڭگانلار بۇ ماكاندا قىلغان ئىدى. ئۇلار 36 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ ئەكىلىپ، ئالتىدىن تىزىپ، ئالتە سەپ قىلىپ تۇرغۇزدى. بىرىنچى سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ بۇرنىغا سىم ئۆتكۈزۈپ، بىر – بىرىگە چاتتى، ئىككىنچى سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ قۇلىقىدىن سىم ئۆتكۈزدى، ئۈچىنچى سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ دولىسىدىن سىم ئۆتكۈزۈپ چاتتى، تۆتىنچى سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ ئالقىنىدىن تېشىپ سىم ئۆتكۈزۈپ چاتتى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى سەپتىكى 12 ئادەمنىڭ قولىنى كەينىگە قىلىپ سىم بىلەن باغلاپ ئوراپ، ھەممىسىنى يالاڭ باش قىلىپ يۈكۈندۈرۈپ، قىلىچ بىلەن چاناپ ئۆلتۈردى.

شۇ كۈنلەردە تۇڭگانلارنىڭ زۇلمى چەككە يېتىپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار خەلقنىڭ يىلىكىنى سۈمۈرۈپ، گۆشىنى يەپ، تېرىسىنى يېپىنچا قىلىپ، ئەل – يۇرتنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋاتاتتى. دەرد – ئەلەمدە زەردىگۆش بولۇپ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. تالاي – تالاي قىز – چوكانلارنىڭ يۈزى تىلغاندى، موماي – بوۋايلارنىڭ كۆزى ياشلاندى، يېتىملەرنىڭ بېشى ئېگىلدى، پالۋانلارنىڭ قانلىرى سەل بولۇپ ئاقتى. ئەسلىدىلا قەبرە كۆپ خوتەن ۋادىسىدا، ئەمدى قەبرىلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى ۋە قېرى توغراقلار رەڭلىك لاتىلارغا پۈركەندى.

بۇ زۇلۇملارغا چىدىمىغان ئەبەيدۇللاھ ئۆز يىگىتلىرى بىلەن تۇڭگانلارغا قارشى كۈرەش يولىغا ئاتلاندى. ئۇ ئۆز يىگىتلىرىنى قايتا توپلاپ، تۇڭگانلارغا قارشى قاراقاشتىكى ئەگرى سايدا قوزغالماقچى بولدى. بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار بولغان قۇم ئېرىقلىق دانا تاز دېگەن خائىن، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق تۇڭگان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى لەڭ پۇگۈەن دېگەن تۇڭگان ئوفىتسېرغا چېقىپ قويدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان لەڭ پۇگۈەن دەرھال ئىلچىدىكى باشقوماندانلىق شىتابىغا خەۋەر قىلدى ۋە دەرھال قاراقاشقا ئەسكىرىي يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدى. لەڭ پۇگۈەن ئەسكەرلىرىنى تەقلەشكە باشلىغان چاغدا، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مىرزا كېرەم دېگەن كىشى ئۆز ئادىمىنى بىر پارچە خەت بىلەن ئەبەيدۇللاھنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.

بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئەبەيدۇللاھ پۈتۈن ئادەملىرى بىلەن بىللە كېچىلەپ يول يۈرۈپ، دۇۋا پاششىيىمغا قېچىپ كەتتى. چۈنكى، كېلىۋاتقان تۇڭگانلار سانىنىڭ ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپلىكى توغرىسىدىكى مەلۇمات خەتتە ئېنىق يېزىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ تاغلىق رايونلارغا قېچىپ بېرىپ، تۇڭگانلارنى شۇ يەردە جايلىماقچى بولغان ئىدى. تۇڭگانلار ئەتىسى قاراقاشقا بېسىپ كەلدى ۋە ئەبەيدۇللاھنىڭ قوروسىدىكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىكى مورىنى مولجالغا ئېلىپ ئوق ئېتىپ، قىڭغىيىپ ئاران تۇرغان مورىنى كۇكۇم – تالقان قىلىۋەتتى. ئوق ئاۋازىدىن قاتتىق چۆچۈگەن ئەبەيدۇللاھنىڭ دادىسى جالالىدىنخان يۈگۈرگەن پېتى تالاغا چىقتى. ئىشىك ئالدىدا قوراللىرىنى تەڭلەپ تۇرغان تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى كۆرگەن جالالىدىنخان نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، قول باغلىغان پېتى قېتىپلا قالدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئەسكەرلەر جالالىدىنخاننىڭ قوللىرىنى ئارقىغا قايرىپ، چەمبەرچاس قىلىپ باغلىدى. ئارقىسىدىن ھاسىراپ – ھۈمۈدەپ چىققان سەيدىنىسە خېنىم جالالىدىنخاننىڭ باغلاقلىق تۇرقىنى كۆرۈپ، ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى.

ئەبەيدۇللاھنىڭ ئاللىقاچان ئاللىقاياقلارغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان لەڭ پۇگۈەن جالالىدىخانغا قاراپ، «ئەبەيدۇللاھ نەدە، دەرھال ئالدىمغا كەلسۇن!» دەپ جان – جەھلى بىلەن ۋارقىراپ، تەھدىت سالدى. ئۆز پەرزەنتىنى جېنىنى تىكىپ قوغدايدىغان جالالىدىنخان ئەلۋەتتە بالىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھەرگىز ئېيتمايتتى. شۇڭا ئۇ بىلمىگەن قىياپەتتە، لەڭ پۇگۈەننىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: «مەن ئەبەيدۇللاھنى كۆرمىگىلى تۆت يېرىم ئاي بولدى، باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ ھازىر ئەگرى ساي دېگەن يەردە ئويناپ يۈرگەنمىش» دېدى. بۇ گەپلەرگە قەتئىي ئىشەنمىگەن لەڭ پۇگۈەن غەزەپلىنىپ، جالالىدىنخاننى چوغۇندەككە ئېسىپ قويدى. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان جالالىدىنخاننىڭ ئىنىسى مەمتىلىخان يۈگرەپ كېلىپ، لەڭ پۇگۈەنگە نەچچە تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاكىسىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. ئۇ لەڭ پۇگۈەنگە ئەبەيدۇللاھنىڭ خەۋىرىنى ئۆزى ئەكىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. لەڭ پۇگۈەن ئون كۈنلۈك مۇھلەت بېرىپ، جالالىدىنخاننى قويۇپ بەردى. مەمتىلىخان بىلەن ئەبەيدۇللاھخان يەردە ياتقان سەيدىنىسە خېنىمنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزدى، ئۇنىڭ ئېغىزىغا سۇ قۇيۇپ، چېكىسىنى ئۇۋۇلاپ يۈرۈپ، بىرھازادىن كېيىن ھۇشىغا ئاران كەلتۈردى. ئاندىن ئۈچى ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىرىنى ئوبدان پىشۇرۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن مەمتىلىخان ئېتىنى توقۇپ، دۇۋا پاششايىمغا ئات سالدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top