You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 23: ئۇيغۇر فاكۇلتەتىدە ئاخىرقى بىر يىل

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 23: ئۇيغۇر فاكۇلتەتىدە ئاخىرقى بىر يىل

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يىگىرمە ئۈچىنجى باب: ئۇيغۇر فاكۇلتەتىدە ئاخىرقى بىر يىل

* * * 

بىلدىم: بوۋاملار ھەيتلىق بەرسە بوۋاسى،

 خەرجلەپتۇكەن كىتاب-دەپتەر ئالىشقا؛

خىجىل بولدۇم، خىتاب قىلدىم ئۆزەمگە:

«ئاساسىڭ يوق بوۋاڭدىن كەيىن قالىشقا!»

* * *

كاشغارىيە سەلكىنلەرى» 32-بەت، «بوۋامنىڭ ھەيتلىقى«، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەلىپبە ناخشاسى

مەن ئۆز زامانىسىدا، چىننىڭ ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى، نوبەل مۇكاپاتى ساھىبى، دوكتور  ياڭ جەننىڭ (杨振宁) ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ھىكايەلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم. ئۇ بىر قاتىملىق ئىلمىي سۆھبەتتە: «مەن ئاسپرانتلارغا دەرس سۆزلەشتىن، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارىغا دەرس سۆزلەشنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن» دەگەنىكەن.

مەن بۇ گەپنىڭ تەگىگە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە، تازا ياخشى يەتەلمەپتۇكەنمەن. كەيىنچە، مەنمۇ ماگىستەر ۋە دوكتور ئاسپرانتلارىغا دەرس سۆزلەش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغاندىن كەيىن ۋە بىر نەچچە قارار دەرس سۆزلەپ باققاندىن كەيىن، ئاندىن ياڭ دوكتورنىڭ گەپىنىڭ تەگىگە تازا يەتتىم. راستىنلا، ئوخشاشمايدىكەن: ئاسپرانت بالالار بەكرەك يالقاۋ، ھاكاۋۇر، جىددىيەتسىز كەلىدىكەن. ئۇلار سەنىڭ دەرسىڭنىڭ ئۆزىگە قىزىقىشتىن كۆرە، سەنىڭ دەرسىڭدىن قانداق قىلىپ چەندىكىدەك نومۇر ئالىشقا بەكرەك قىزىقىدىكەن. «مۇئەللىم، دەرس نەتىجەسى ئۈچۈن، ماۋسۇم ئاخىرىدا ماقالە يازىشنى ئورۇنلاشتۇرامسىز ياكى سىناق ئالامسىز؟» بۇ يۈز ئاسپرانتنىڭ ئىچىدە، توقسان توققۇزىنىڭ بىرىنجى سائەتلىك دەرستەلا سورايدىغان سوئالى.

تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارى بولسا، سەنىڭ دەرسىڭ بىلەن ياڭىلا ئۇچراشىۋاتقانى ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا قىزىقىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇ دەرسكە كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلارى بولسا، كۆپرەك ئۆگرەنىۋالىش ئۈچۈن، ئۇنى-بۇنى سوراپ، سەن بىلەن ياقالاشىپ، مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە قىلىشقا ئالدىرايدىكەن. بۇ خىل تەبىئىي قىزىقىش ۋە مۇلاھىزەچانلىق بىلەن ئىپادەلەنىدىغان ئىنكاس ياش ئەۋلادلارغا ئۆز بىلىم دائىرەسىدە بىر نەرسە ئۆگرەتىپ قويۇشنى ئۆزىگە بۇرچ بىلگەن مۇئەللىم ئۈچۈن، تولامۇ قىممەتلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە ئىپتىخارلىق غۇرۇر تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدىكەن.

شۇ ۋەجدىن، رەھبەرلىك مەنى2017-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە قايتا تەكلىپ بىلەن، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى ماگىستەر ئاسپرانتلارىغا «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» دەرسلەرىنى سۆزلەگەندىن باشقا، تولۇق كۇرس 2015-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلارىغا «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەرسىنى سۆزلەشىمنى ئورۇنلاشتۇرغانىدا، قەۋەتلا خوشال بولدۇم.

مەزكۇر 2015-يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپى ئوقۇغۇچىلارى قوش تىل مائارىپى (双语教育 چىننىڭ ھۆكۈمەت تىلىدا » ھانزۇ تىلى مائارىپى» نى شۇنداق دەيدۇ) بويىچە تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەر بولۇپ، مۇنداق بالالارغا مەنىڭ تۇنجى قاتىم دەرس سۆزلەشىم ئىدى بۇ. تۇنجى تەئسىراتىم شۇكى، قوش تىل مائارىپى كۆرگەن ياش ئىنسانلارىمىز دەگەن باشقاچە ئوماق بولىدىكەن: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيە ئۆلچەكى بويىچە ئەيتقاندا، ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىمۇ يارىم، ھانزۇچە سەۋىيەسىمۇ يارىم. يارىم قوشىمىز يارىم باراۋەر يەنەلا يارىم (0.5 =0.5+0.5). قىياپەت جەھەتتە، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالالارغا قاراغاندا، كۆرەڭ، ھاكاۋۇر كۆرۈنىدۇ. ئۇيغۇرچە دەرس سۆزلەسەڭ، چۈشەنگەن قىياپەتتە، باشلارىنى يەڭگىل لىڭشىتىپ قويۇپ، قىڭغىر ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. ئەمما، دەرس سوراساڭ، مۇتلەق جاۋاب بەرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرچە تۆرت جۈملەنى ئۇلاشتۇرۇپ، ساغلام جۈملە قىلىپ، نورمال سۈرئەتتە ئەيتىپ بەرەلەيدىغانلارى تولامۇ ئاز. ئاساسلىق ئاتالغۇلارنى، دەرسنىڭ ماغىز قىسمىنى، يەئنى مەزمۇن يادروسىنى ھانزۇچە ئاتالغۇلار بىلەن پاراللىل قىلىپ تۇرۇپ، ئاستا ۋە تەكرار-تەكرار دەپ بەرسەڭ، ئاران چۈشەنىدۇ. دەرستىن مۇتلەق خاتىرە يازمايدۇ، ئۇيغۇرچە تەكىستلەرنى ئوقۇتساڭ، پات-پات سولدىن ئوڭغا ئوقۇپ تاشلايدۇ، مەسىلەن، «رىشتە» دەگەن سۆزنى ھەمىشە «شىرتە» دەپ ئوقۇغانغا ئوخشاش، ۋەھاكازالار.

بىراق، نەمەلا دەگەن بىلەن، ئۇلار يەنەلا سەن-بىزنىڭ بالالارىمىز، نەۋرەلەرىمىز، ئوقۇتماساق، بىر نەرسە بىلدۈرمەسەك بولمايدۇ-دە! «بىسمىللاھ» دەپ، بىرىنجى دەرس «چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەلىپبەسى» نى باشلادىم. بارى-يوقى ئوتتۇز ئالتە ھەرپ. ئۈچ ھەپتە، ئالتە سائەت سەرپ قىلىپمۇ، يادلاتىپ، ھەرپلەرنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇلار ئىپادە قىلىدىغان تاۋۇشلارنى بىلدۈرۈپ بولالمادىم. جۇدۇنۇم تۇتتى: سەۋەب نەدە؟ مەن ئىقتىدارسىزمۇ، نەمە ئۈچۈن بىلدۈرەلمەيمەن؟ يا، سىلەر كالۋايى بەرھەقمۇ، نەمىشقا بىلمەيسىلەر؟

ياخشى يەرى، بۇلار ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالالارغا قاراغاندا، يۈرەكلىك، ئويلاغانىنى ئالدى-كەينىگە قارامايلا دەۋىرىدىغان جۈرئەتلىك ئەۋلادلار ئىكەن. بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى قول كۆتۈرۈپ، مۇنازىرەگە كىرىشىپ كەتتى:

– بۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەگەن ھازىرقى ئۇيغۇرچەغا قاراغاندا بەكلا تەرس ئىكەن، مۇئەللىم،- دەدى بىر قىز خەلىلا روھسىز قىياپەتتە.

ئۇنداق بولسا، ئۆگرەنمەيلىمۇ؟،- مەن قايتۇرۇپلا سورادىم.

ياق، ئۆگرەنىمىز!،- ھەممەيلەن بىردەك ئاۋازدا ئۈنلۈك جاۋاب بەردى.

– بىراق، بەزى ئۇقۇملارنى راستىنلا ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتىمىز، مۇئەللىم. مەسىلەن، بىز ھازىرقى ئۇيغۇرچىدا، «ئا، ئە، بى» دەسەك، ھەرپمۇ شۇ، ئىپادىلەيدىغان تاۋۇشمۇ شۇ ئىدى، ئاسان. ئەمما، چاغاتاي ئۇيغۇرچەسىدا، «ا»نى يازىپ، «بۇنىڭ ئىسمى <ئەلىف>، ئۇ ئىپادەلەيدىغان تاۋۇشلار <ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئى> قاتارلىق مانچە تاۋۇش» دەسەڭىز، باشىمىز ئايلانىپلا قالدى. ئۇ ھەرپنىڭ ئىسمى «ئەلىف» بولسا، سۆز-كەلىمە ئىچىدە نەمىشقا «ئەلىف» ئوقۇلمايدۇ؟- بۇ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالى ئىدى.

-سىلەر ئىنگلىز يازىقىنى بىلەمسىلەر؟- ھەممەيلەنگە يۈزلەنىپ تۇرۇپ سورادىم،- «Y» بۇ ھەرپنىڭ ئىسمى نەمە؟

– «ۋا:ي»،-ھەممەيلەن بىردەك جاۋاب بەردى.

– مەزكۇر «ۋا:ي» ئىسىملىك ھەرپ كونكرىت سۆز-كەلىمە ئىچىدە، ھەمىشە «ۋاي» دەپلا ئوقۇلامدۇ؟،- دەپ سورادىم ھەلىقى مەندىن سوئال سوراغان ئوغۇل بالادىن.

– ياق، بەزىدە «ئى، ئىي» سوزۇق تاۋۇشلارى ئوقۇلىدۇ، يەنە بەزەن چاغلاردا بولسا، «ي» ئۈزۈك تاۋۇشى ئوقۇلىدۇ،- دەپ دادىل جاۋاب بەردى ئۇ.

– دەمەك،- مەن جاۋاب خۇلاسەسى قىلىپ مۇنداق دەدىم: چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىمىز ھەر قانداق قەدىمىي، كلاسسىك يازىقلارغا، مەسىلەن، ئىنگلىز تىلى يازىقىغا ئوخشاشلا، ھەرپ ئىسمى باشقا، ئۇ ئىپادە قىلىدىغان تاۋۇش باشقا، بەئزىبىر ھەرپ بىرلا تاۋۇشنى ئەرمەس، بەلكى ئوخشاشمايدىغان بىرقانچە خىل تاۋۇشنىمۇ ئىپادە قىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كلاسسىك يازىقتۇر!

«چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئىنگلىز يازىقىغا ئوخشاش ئىلمىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە» دەگەن گەپ بۇ قوش تىللىق ئەۋلادلارنىڭ كۆڭلىگە ياغدەك ياقتى بولغاي، ئۇلار ھەلىقىدەك ئۆزىنىڭكىنى ياراتمايدىغان چۈشكۈن، خوشياقماس قىياپەتتىن بىردىنلا ئۆزگەرىپ، باشقادىن جانلانىشقا باشلادى.

– ئۇنداق بولسا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭمۇ ئەلىپبە ناخشاسى بارمۇ؟،- ھەلىقى سوئال سوراشقا ئامراق ئوغۇل بالا سىناش نەزەرى بىلەن قاراپ تۇرۇپ سورادى مەندىن.

– بار!،- دەپ جاۋاب بەرىپ بولۇپ، سەل تۇرىۋالىپ، كەسكىن قوشۇمچە قىلدىم: ئەگەر سىلەر رىغبەت قىلساڭلار، قىزىقساڭلار، بار بولىدۇ، جەزمەن!

– بىزگە بىر ئۆگرەتىپ قويساڭىز، ھەرپلەرنى يادلايالمايدىغان پاسسىپلىقتىن بىر قۇتۇلساق ئىكەن.

– ئوبدان!،- دادىل جاۋاب بەردىممەن شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدەلا.

مانا شۇنداق مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرەلەرنىڭ شاراپەتى بىلەن، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەلىپبەسىنىڭ ناخشاسى دۇنياغا كەلدى: يەنە بىر قاتىملىق دەرسكىچە، مەن مۇبارەك چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئوتتۇز ئالتە ھەرپنى تىزىپ شىئىرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلارىنىڭ بىرىگە سالىپ، خەلىلا جەڭگىۋار بىر ناخشا قىلىپ چىقتىم:

ئەلىف، بە، پە، تە، سە، جىيم، چىيم، ھە، خە،

دا:ل، زا:ل، رە، زە، ژە، سىين، شىين، سا:ت، زا:ت؛

ئىتقى، ئىزغى، ئەين، غەين، فە، قا:ف، كا:ف، گا:ف،

لا:م، مىيم، نۇ:ن، ۋاۋ، ھاۋ، يا:، ڭا،

ھەمزە، ۋاۋ ئەلىف، يا ئەلىف، ئات!

مەنىڭ ئاسپرانتلارغا سۆزلەۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» دەرسىمنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 2016-يىللىق ماگىستەر ئاسپرانت توڭ جواڭ (童僮) نوتا بىلىدىكەن، دەرھال نوتاغا سالىپ چىقتى:

C=1  2/4     

خ  ح چ ج    ث  ت پ ب ا

Elif,Be, Pe, Te, Se,Jiym, Chiym, He, Xe,

و ن  م ل   گ ك ق ف غ ع   ظ ط         ض ص ش س      ژ ز ر ذ د

Da:l, Za:l, Re, Ze,Жe, Siyn, Shiyn, Sa:t, Za:t;  Itqi,  Izghi,  Eyn, Cheyn, Fe:, Qa:f, Ka:f, Ga:f, La:m, Miym, Nu:n, Wa:w,

ئات!   ا ى           ا  و   ء        نك  ى   ھ

Ha:w,  Ya:, Nga:,  Hemze, Waw:elif,  Ya:elif, AT!

مانا بۇ چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەلىپبە ناخشاسىنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان، تۇنجى بولۇپ دۇنياغا كەلىشى ۋە ئەۋلادلار تەرەپىدىن مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىنىشى ھىسابلانىدۇ.

-بۇ ناخشا تەكىستىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممەسى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق،- دەدى بىر قىز ئوقۇغۇچى ناخشانى ئۆگرەنىپ بولغاندىن كەيىن،- بىراق، ئەڭ ئاخىردىكى «ئات» دەگەنىڭىز نەمە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، مۇئەللىم؟

-ياخشى سوئال،- دەدىممەن تەنتەنە ئاھاڭىدا،- ناخشا تەكىستىنىڭ ئىككىنجى مىسراسىنىڭ ئاخىرقى سۆزى «زا:ت» قا قاپىيەداش قىلىنغان «ئات» سۆزى مەزكۇر ناخشا تەكىستىنىڭ ئاپتورى «ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي» نىڭ قىسقارتىلماسى «ئا.ت»نى ئىپادەلەيدۇ!

-پاھ! ياشاڭ مۇئەللىم،- دەدى شاگىرتلار شادىيانە كەيپىياتتا،- ئەمدى تەخىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيمىز بۇ ناخشانى!

بۇ ناخشا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئاڭلاۋاتقان بۇ قوش تىللىق ئەۋلادلارنى شۇقەدەر شادلاندۇردىكى، «خۇددى ئىنگلىز يازىقىنىڭ ئەلىپبە ناخشاسىغا ئوخشاشلا، بىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىمىزنىڭمۇ ئەلىپبە ناخشاسى بار بولدى» دەپ پەخىرلەنىپ، ھەر قاتىملىق دەرسنى باشلاشتىن بۇرۇن بىر قاتىم زوق-شوق بىلەن يۈكسەك ئاۋازدا كوللىكتىپ ئوقۇۋەتىشنى كۆڭۈل خوشلۇقى، ياشلىق شوقلۇقى ۋە ئىلىم جۇشقۇنلۇقى قىممەتىدە بىلىپ، دەرسنىڭ كەيپىياتىنى باشقاچە جانلاندۇرىدىغان بولۇپ كەتتى.

ئەمەلىي ئۈنۈمدە، مەزكۇر چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەلىپبە ناخشاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇز ئالتە ھەرپنى ئۆز رەت تەرتىپى بويىچە يادلاۋالىشىنى يۈز ھەسسە ئاسانلاشتۇردى. مۇشۇ بىر ئىجادىيەتلىك ئۇسلۇبنىڭ يەتەكلەشى ئۇلارنىڭ دەرسكە بولغان رىغبەتىنى، ھەپسەلەسىنى ئويغاتتى، قىزغىنلىقىنى ھەسسەلەپ ئاشۇردى ۋە ئاخىردا، دەرسنىڭ چەندىكىدەك ئۆزلەشىشىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى شۇ.

چاھار شاگىرت

2015-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارىغا سۆزلەيدىغان دەرسنى باشلاپ، ئىككىنجى ھەپتەسى دەرس سۆزلەش ئۈچۈن كەلسەم، سىنىپنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، بىر-بىرىدىن كەلىشكەن تۆرت نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنت سەل تارتىنىش ئارالاش كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ. مەنىڭ كەلىشىمگەلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياراشىملىق بادام دوپپا كىيگەن ئوغۇل بالا بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ:

-سالام، ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم! مەنىڭ ئىسمىم ئۆركەش ئابلىز ،- دەدى ئۇ ۋە يانىدىكى ئۈچ ساۋاقداشنىمۇ كۆرسەتىپ تۇرۇپ سۆزىدە داۋام ئەتتى،- بىز مۇشۇ فاكۇلتەتنىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا ئوقۇشقا كىرگەن 2016-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارى. سىز دەرس سۆزلەۋاتقان بۇ سىنىپتا بىكار ئورۇنمۇ بار ئىكەن. ئىجازەت بەرسەڭىز، دەرسىڭىزنى ئاڭلايلى دەگەنىدۇق.

-مەرھەمەت، بالالارىم!،- دەدىممەن ھىچ ئىككىلەنمەيلا.

ئويلاپتىمەنكى، كۈننىڭ مۇشۇ سائەتلەرىدە دەرسى يوق بالالار بولسا كەرەك، «بىرەر قاتىم ئاڭلاپ باقايلى، قانداقراق دەرس سۆزلەيدىكىن بۇ مۇئەللىم» دەپ كىرگەندۇ. بىراق، تەكرار يەنە ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىمۇ، كەچىكمەي كەلىپ، بالىلار بىلەن تەڭ تاپشۇرۇق ئىشلەپ، قۇلاقلارىنى دىڭ تۇتۇپ دەرس ئاڭلاپ يەنە ئولتۇرغانىنى كۆرگەنىمدە، ئۇلارغا باشقادىن نەزەر ئاغدۇرۇپ، قىزىقىپ سوراپ قالدىم:

-پەيزىڭلار بارغۇ، چاھار شاگىرتىم!،- دەدىم يارىم چاقچاق، ئەمما رەسمىي قىزىقىش تەلەپپۇزىدا،- ئەلپازىڭلاردىن ماۋسۇم ئاخىرىغىچە ئاڭلايدىغاندەك كۆرۈنىسىلەرغۇ دەرسىمنى؟

-شۇنداق!،- دەدى دادىل قىياپەتتە ھەلىقى ئۆزىنى «ئۆركەش ئابلىز» دەپ تونۇشتۇرغان ئورتا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك ئوغۇل بالا ئەدەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،- دەل مۇشۇ ئىككى سائەتتە، بىزنىڭ باشقا دەرسىمىز يوق ئىكەن، شۇڭا دەرسىڭىزنى ماۋسۇم ئاخىرىغىچە ئاڭلاشقا ئىرادەلىكمىز!

-بارىكاللاھ!،-دەۋەتتىم چىن دىلىمدىن ھاياجانلانىپ،- كۆز تەگمەسۇن نەۋرەلەر!

دەمەسىمۇ، قىرىق ئىككى يىللىق ئالىي مائارىپچىلىق ھاياتىمدا، بۇ تۇنجى ئىش ئىدى. بىرەر يارىمتە ئوقۇغۇچى باشقا مەكتەپتىن، باشقا فاكۇلتەتتىن ياكى ئۆز فاكۇلتەتىمىزدىن كەلىپ، بىر-ئىككى كۈن ياكى بىر ئىككى ھەپتە ۋەياكى بىرەر ماۋسۇم دەرس ئاڭلاغان ئىشمۇ بولغان-دە، ئەمما، مۇنداق تۆرت ئادەم كوللىكتىپ ھالدا، يەنە كەلىپ، ئۆز فاكۇلتەتىمىزدىن، پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر ماۋسۇم دەرس ئاڭلاپ باققان ئەرمەس ئىدى.

-كەلەر يىلى سىلەرنىڭ سىنىپقامۇ ئۆتۈلىدىغۇ بۇ دەرس؟،- سەمىمىي كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ سورادىم.

-شۇنداق. بىراق، سىز پەنسيونىرسىز-دە. كەلەر يىلى بۇ دەرسنى سىزگە بەرمەسەچۇ؟

دۇرۇس. ئەمدى، تاپىشماق تاپىلدى، تۈگۈن يەشىلدى. ئۆركەش ئابلىز، مۇساجان ئابدۇشۇكۇر، ئازادگۈل سايىم ۋە بۈھەجەر ئوبۇل ئىسىملىك بۇ تۆرت ئوقۇغۇچى بىر ماۋسۇم بولسامۇ ماڭا شاگىرت بولۇش، مەن بىلەن بىۋاسىتە پىكىرلەشىۋالىش ئىستەكىدە كەلگەن ئەۋلادلار ئىكەن. بۇ ھال بىر پەنسيونىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن نەقەدەر شەرەپ، نەقەدەر مەدەت ۋە نەقەدەر بىباھا قىممەت ئىكەنلىكىنى مەن ئەڭ چۈشەنىمەن ۋە چۈشەندۈرەلەيمەن، قارىنداشلارىم.

ئۇيغۇرچە مائارىپ بويىچە ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بۇ چاھار (تۆرت) شاگىرتنىڭ غايىبانە قوشۇلۇشى قوش تىل مائارىپى بويىچە ئوقۇپ كەلگەن ئەۋلادلاردىن تەركىب تاپقان بۇ 2015-يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى باشقاچە جانلاندۇرىۋەتتى. مەن ئۇلارغا سامىي (ياندىن ئاڭلاغۇچى) ئوقۇغۇچى ئەرمەس، بەلكى رەسمىي ئوقۇغۇچى نورماسىدا مۇئامىلە قىلدىم. ئۇلارمۇ «بىز بۇ سىنىپقا مىھمان» دەپ نازىقاپ ئولتۇرماي، دەرس ئىچىدىكى ئۆتكەن دەرس مەزمۇنلارىنى تەكرارلاش، بەرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈش، چۈشەنمەگەن يەرلەرنى ئوقۇتقۇچىدىن سوراش باسقۇچلارىدا، ئاكتىپ ئىشتراكچىلاردىن بولۇپ، سوراغان سوئاللارغا تەنىمەي-تەمتىرەمەي تولۇق جاۋاب بەرىشلەرى، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ۋە توغرا-دۇرۇس ئىشلەپ كەلىشلەرى ۋە ۋەزنىلىك سوئاللارنى سوراپ مۇزاكىرەگە قاتناشىشى قاتارلىق ئەمەلىي ئىپادەلەرى ئارقالىق، پۈتكۈل سىنىپقا باشلامچى بولدى. نەتىجەدە، 2015-يىللىق قوش تىللىق ساۋاقداشلارمۇ ئۆزىدىن تۆۋەن سىنىپتىكى ئىنى-سىڭىللەرىدىن كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن، ھەممە تىرىشچانلىقلارىنى ئىشقا سالىپ ئۆگرەنىدىغان بولدى.

تەخىمۇ ئەسىل يەرى، تەلەپكە ئاساسەن مەزكۇر چاھار شاگىرت بىلەن دەرستىن سىرىتقى چاغلاردىمۇ بىمالال ئۇچراشىپ تۇرۇش مىخانىزىمىنى قۇرىۋالدۇق. ئۇلار ئىدىتلىق ھالدا خەۋەرلەشىپ تۇرۇپ، دەرس ئىچى-سىرتىدىكى ئۆگرەنىشكە تالىق سوئاللارىنى ئالىپ، مەنى ئىزدەپ ئىشخانامغامۇ كەلىدىغان بولدى. ئەسلىدە، بۇ تۆرتەيلەننىڭ ھەممەسى ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا، يازىقچىلىققا قىزىقىدىغان، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ۋەسىقەلەر تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان پەرزەنتلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆگرەنىش جەھەتتىكى قىزغىنلىقى، قوبۇل قىلىش ۋە ئىدراك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ئۆگرەنىش ئۇپۇقىنىڭ كەڭلىكى مەنى تەئسىرلەندۈردى. نەتىجەدە، 2017-يىللىق نەۋروز بايرامى ئەرپەسىدە، چىن  ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى، ئاتاقلىق «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتچىسى، ئالىمە لاڭ يىڭ (郎樱) خانىمنى بايرام مۇناسىۋەتى بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلدۇق. شاگىرتلار مەشھۇر پەشقەدەم ئالىمە بىلەن دەرقەمتە ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، مەمنۇن بولغانلىقلارىنى بىلدۈرۈشتىلەر.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ يىللىق تولۇق كۇرسقا سۆزلەگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئاياغلاشتى. ئەمما، چاھار شاگىرت بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز ئاخىرلاشمادى. ئۆگرەنىش ۋە ئۆگرەتىش ھاۋاسى قويۇق بولغان خاس سورۇنلارىمىزدا، يەنەلا ئۇچراشىپ، مۇڭداشىپ تۇردۇق. ھەتتا، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كەيىنمۇ تاشلاشىپ كەتمەسلىك، ئىزلەشىپ تۇرۇش  ھەققىدە سەمىمىي ئەھدەلەشىپمۇ ئۈلگۈردۇق. تەئسىراتىم شۇكى، نەۋرە دەمەتلىك ياشلار بىلەن، ئوچۇق-يورۇق مۇھىت ۋە سەمىمىي كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە ئىلىم ئۆگرەنىش، مۇئەييەن گۇمپا ساھىبى بولۇش ۋە ئىرپانلىق ياشاش ماۋزۇسىدا سۆھبەتلەشىش ئەمەلىيەتتە، مەنىمۇ ۋە ئەقىدەمنىمۇ ياشارتقاندەك قىلدى.

مەنىڭچە، زامانىمىزدا، مويسىپىتلەر بىلەن قىران ياشلار ئاراسىدا، مۇئەييەن بىر سىرداشىش بۇرجەكىنى ھاسىل قىلىش ئۇنچىۋالا تەرس، ئۇنچەۋالا ئەرزىمەس ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەرمەس. چۈنكى، ئەلمىساقتىن بۇيان، بۇ ئالەم ياشتا پەرقلىق بولغان ئىنسانلار بىر-بىرىنى مۇتلەق ئىئتىراپ قىلماغۇدەك دەرىجەدىكى ئۇنچەۋالا زور پەرقلىق ياشام مۇھىتىنى ياراتىپ كەتەلمەدى تەخى. ئالايلۇق، ئەلمىساقتا، ئىنسانلار تەبىئەت ياراتىپ بەرگەن تەبىئىي تاش غارلاردا ياشايتتى. بۈگۈنكى زاماندا بولسا، ئىنسانلار ئۆزلەرى سىمونت-بىتون بىلەن ياساۋالغان قەۋەتلىك سۇنئىي غارلاردا ياشاۋاتىدۇ، شۇ، خالاس!

ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىلار ناخشاسى

ئاستانە بەيجىڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستۇدىنتلار تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىپ، توپلۇم يۈكلەگەن ئوقۇش-ئۆگرەنىش ۋەزىپەسىنى غەلىبەلىك ئورۇنلاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسەتىدە، ھەر يىلى ئاپرىل ئايىنىڭ كەيىنكى يارىمىدا، بىر قاتىم ۋاسكىتبول مۇسابىقەسى ئۆتكۈزۈپ كەلىۋاتقان بولدى، يىگىرمە بىرىنجى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانەت. مەزكۇر مۇسابىقەنىڭ يەتتىنجى نۆۋەتلىكى مۇشۇ 2017-يىل 4-ئاينىڭ 29-30-كۈنلەرى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى تەنتەربىيە كومىتىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشماسى يەتەكچىلىك قىلغان، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى بىلەن تەييارلىق مائارىپ ئىنستىتۇتى بىرلىكتە تەشكىللەگەن بۇ «بەيجىڭدىكى ئۇيغۇر ستۇدىنتلار 7-نۆۋەتلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقەسى»نىڭ باشلاش مۇراسىمىغا مەنىمۇ تەكلىپ قىلغانىكەن، بەكلا خوشال بولدۇم. خۇددى ئالدىنقى يىللاردا، پۇتبولچىلارنى خاس مارش يازىپ رىغبەتلەندۈرگەندەك، شۇبۇ ياش ۋاسكىتبولچىلارنىمۇ قوللاش يۈزىسىدىن بىر پارچە شىئىر يازدىم ۋە مۇراسىمدا، تەكلىپ بىلەن يۈكسەك ئىنتۇناتسىيەدە دىكىلماتسىيە قىلدىم:

ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىلار ناخشاسى

(مەسنەۋى)

چىنىقايلى مەيداندا، كەلگىن دوستۇم چاپسان بول،

سال چاپاننى، يەڭنى تۈر، بىز ئوينايلى ۋاسكىتبول.

* * *

ۋاسكىتبول دەگەن ئوبدان، چوڭ توپلارنىڭ بىر تۈرى.

ئۇنى ئويناشنى بىلگەن قىز-يىگىت گۈللەر گۈلى.

* * *

كوبى(1) ، جوردان(2) دۇنياۋى ۋاسكىتبول ماھىرلارى.

قالىشمايدۇ ئادىلجان(3) بىزدە يەنە شىرئەلىي(4).

* * *

ئۆملۈك، بىرلىك، دادىللىق ۋاسكىتبولنىڭ شوئارى،

بەسلەشىشتە ئادىللىق مۇسابىقە مىزانى.

* * *

گويا قولنىڭ بەش پەنجى مەيدان ئارا بەش ماھىر ،

بەش پەنج مەھكەم يۇمۇلسا، بولىدۇ زەپەر زاھىر.

* * *

ۋاسكىتبولنىڭ مەيدانى مەردانلارنى چىللايدۇ.

جاسارەتلىك، قەيسەرنى ماھىر قىلىپ تاۋلايدۇ.

* * *

شۇڭا دەيمىز توپ ئويناش ساقلىق ئۈچۈن داغدام يول.

ساغلام، جۇشقۇن بولۇشنىڭ كاپالەتى ۋاسكىتبول!

ئىزاھاتلار:

كوبى (Kobe Bryant): سابىق ئامەرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول ماھىرى.

جوردان: (Michael Jordan): سابىق ئامەرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول ماھىرى.

ئادىلجان (阿的江): دۆلەتلىك «1-ئاۋغوست» ۋاسكىتبول كومانداسىنىڭ تەرىنىرى.

شىرئەلىي: شىرئەلىي مۇختەر، شىنجياڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كومانداسىنىڭ ماھىرى. «شىرئەلىي ۋاسكىتبولچىلار كۇلۇبى»نىڭ قۇرغۇچىسى.

شىئىرىمنى مۇراسىم قاتناشچىلارى گۈلدۇراس ئالقىش ۋە قىقاس-چوقانلار بىلەن جۆرە بولۇپ، قۇتلۇقلادى. مۇراسىمدا، ئاچىش نۇتۇقى سۆزلەگەن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى سەكرىتارى ئالىم توختى: «ناخشانىڭ تەكىستى تولامۇ ساغلام، دۇرۇس سۆزلۈك ۋە رىغبەتلەندۈرگۈچ مەزمۇنلۇق يازىلىپتۇ» دەپ سەمىمىي ئوبزۇر قىلدى ۋە «بۇندىن كەيىنكى مۇراسىملاردا، بۇ شىئىر ئوقۇغۇچىلارىمىز تەرەپىدىن كوللىكتىپ دىكىلىماتسىيە قىلىنسا ياكى ئاھاڭغا سالىپ، ناخشا قىلىپ ئوقۇلسا بولغۇدەك» دەدى.

بۇ قاتىملىق مۇسابىقەغا پايتەخت بەيجڭدىكى ئون بەش ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستۇدىنتلارنىڭ ۋاسكىتبول ماھىرلارىدىن تەشكىللەنگەن ئون بەش كوماندا، 29-،30-ئاپرىل ئىككى كۈن ئىچىدە، ئوتتۇز ئالتە مەيدان مۇسابىقە قىلدى. ئاخىرىدا، چىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋەرسىتىتى كومانداسى، بەيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋەرسىتىتى كومانداسى ۋە بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتى كومانداسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، بىرىنجى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجىلىككە ئەرىشىپ، مۇكاپاتلاندى.

خاس ئەسەر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە» نەشىردىن چىققاندا

2017-يىل 6-ئايدا، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرەپىدىن «察哈台维吾尔语研究导论» (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە) ماۋزۇلۇق (فورماتى1/16 960 x 640 مىللىمەتىر) ھانزۇچە خاس ئەسەرىم نەشىر قىلىنىپ، تارقاتىلدى. بۇ چىندە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى، ئەدەبىياتى ۋە ۋەسىقەلەر تەتقىقاتى مەزمۇن قىلىنغان ھانزۇ يازىقىدىكى تۇنجى ژىرىك خاس ئەسەر بولۇپ، ئۆز ساھەسىدە بوشلۇقنى تولدۇرغان شاراپەتلىك ئەسەر باھالاندى. مۇشۇ قىممەت ۋە ئەھمىيەت جەھەتتىن ئەيتقاندا، مەزكۇر كىتابىمنىڭ نەشىر قىلىنىشى 2017-يىلدىكىلا ئەرمەس، بەلكى مەن ئالىي مائارىپچىلىق بىلەن شۇغۇللانىپ كەلگەن قىرىق ئىككى يىلدىن بۇيانقى چوڭ شادىيانە ئىشلارنىڭ بىرسى بولدى.

بۇ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە» (察哈台维吾尔语研究导论) ماۋزۇلۇق ھانزۇچە خاس ئەسەرىمنىڭ ئورىگىنالى 2012-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى توختاملاشىلىپ، مىللەتلەر نەشىرىياتى ھانزۇ تىلى بۆلۈمىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئەسەر مەيلى تىماتىك جەھەتتىن، ۋە مەيلى ئىلمىي چوڭقۇرلۇق دەرىجەسى جەھەتتىن بولسۇن، مۇپەسسەل ئۆزگەچە ئەسەر بولغاچ، ئۇنىڭ تەھرىرلىكى نەشىرىيات باشلىقى ياردەمچىسى، ھانزۇ تىل-يازىقى بويىچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مۇھەررىر، ئاتاقلىق قازاق ژۇرنالىست باقت (巴哈提) ئەپەندىگە ھاۋالە قىلىنغان. باقت ئەپەندى بەش يىل سەرپ قىلىپ، تۆرت يۈز ئەللىك مىڭ خەتلىك بۇ ژىرىك ئەسەرنى ئىنچىكە تەھرىرلەگەندىن كەيىن، 2017-يىل 6-ئايدا، ئىمزا قويۇپ، باسماغا يوللاش بۆلۈمىگە تاپشۇرغان. ئاندىن، كىتابلارنى باسماغا يوللاش ۋە تارقاتىش ئىشلارىغا مەسئۇل ژۇرنالىست قاھار پولات ئەپەندىنىڭ جىددىيەت ۋە يۇقىرى مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئارقاسىدا، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى كىتاب باسمادىن چىقىپ، مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىن ئالدىن تراژ بەرگەن تەقەززا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا تەككۈزۈلگەن بولدى. بۇ يەردە، مەزكۇر ئىككى نەپەر غەمگۇزار ۋە جاپاكەش قارىنداشلارىمغا چىن دىلىمدىن تەشەككۇر ئەيتىمەن: رەھمەت قارىنداشلارىم!

مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە» (察哈台维吾尔语研究导论) ماۋزۇلۇق ھانزۇچە تۆرت يۈز ئەللىك مىڭ خەتلىك خاس ئەسەرىم بۇرۇن مەن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلدۇرغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» (2007-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» (2014-يىل) قاتارلىق خاس ئەسەرلەرىم مەزمۇنلارى يادروسىنىڭ ھانزۇ تىل-يازىقى بىلەن گۈزەل بايان قىلىنىشى بولۇپ ھىسابلانىدۇ. بۇ ئەمەلىيەت ۋە ئەھمىيەتنى چىقىش قىلىپ ئەيتقاندا، مەزكۇر خاس ئەسەر چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى باشلامچى بولغان كلاسسىك مىراس ئەسەرلەر تەتقىقاتىغا دائىر بىلىك-بىلگەلەرنى ھانزۇ تىل-يازىقى ئارقالىق شەرھلەپ، چىننىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات سەۋىيەسىنى خەلقئارالىق ئىلىم رەلىسىغا ئۇلاشتۇرغان تۆھپەكار ئەمگەك سانالىدۇ، ئەلبەتتە!

ئارمان شۇكى، مەزكۇر ھانزۇچە خاس ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى كلاسسىك تىل ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىدىغان بارلىق ئىلىم ئەھلىدىن باشقا، قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ئەۋلادلارىمىزنىڭمۇ قارشى ئالىشى ۋە ئالاھىدە نەزەر ئاغدۇرۇپ، سۆيۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولغۇسى!

2017-يىل ئىچىدە، خاس ئەسەر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە»نىڭ نەشىرىدىن باشقا، «شىنجياڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنالى شۇ يىللىق 1-سانىدا، «چىندە ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى لۇغەتلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلەرى توغراسىدا» ماۋزۇلۇق قايماقتەك بىر ئىلمىي ماقالەمنى ئەلان قىلىپ بەردى. «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالى 1-ساندا، «تىل ۋە تەرجىمەچىلىك تەتقىقاتىنىڭ كۆرەك مەيدانى- <تىل ۋە تەرجىمە> ژۇرنالىنىڭ ئىككى يۈزىنجى سانىغا قۇتلاما»ماۋزۇلۇق تەبرىك ماقالەمنى ئەلان قىلىپ بەردى. «كىتاب مۇنبەرى» ژۇرنالى 1-سانىدا بولسا، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئوتتۇز ئالتە پارچە كىتابىنى ئوقۇغان ئادەم-ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزى» ماۋزۇلۇق بىر تەتقىقات ماقالەمنى ئەلان قىلىپ بەردى.

روشەنكى، بۇ ماقالەلەر ئەمەلىيەتتە، ژىرىك خاس ئەسەر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە» (察哈台维吾尔语研究导论) گە قول-قانات بولۇپ، مەنىڭ بۇ مىلادىيە 2017-يىلىدىمۇ، تەخى ئىرپان كۈچىدىن قالماغان قەلەم ئەمگەكىم ئارقالىق، قەلەمداشلارىم، ئارمانداشلارىم ۋە ئوقۇرمەن قارىنداشلارىم ئاراسىدا، سالامەت ۋە مەزمۇت مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ شاھىدلارى بولدى، دەيەلەيمەن.

تۆمۈر مۇئاۋىن مەكتەپباشلىقى ھوزۇرىدا

2017-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۈيمۇ تىيې شى (曲木铁西) مەنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. چۈيمۇ تىيې شى يىزۇ مىللەتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىدا، بىر تىيې (铁) خەتى بولغاچقا، ئادەتتە ھۆرمەتلەپ، 铁校 (تۆمۈر مەكتەپ باشلىقى، تۆمۈر مەكتەپ) دەپ ئاتالىدۇ.

پەنسيونىرلىق دەگەن ھەممە يەردە ۋە ھەممە ئىرقتا ئوخشاش «ئارامغا چىقتى، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلدى» دەگەن بولىدۇكى، بۇ مۇئەييەن جەھەتتە، بىر ئايرىلىق، يەنى بىر ئىنسان ئۆمۈر بويى ئىشلەگەن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىش ئەمەلىيەتى ئارقالىق، پەنسيونىرنىڭ قەلبىدە بىر خىل يوقاتىپ قويۇش، مەھرۇم قالىش تۇيغۇسى (失落感) نى بەرىدىغان ئاغىر رەسمىيەتلىك ھايات راباتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مەدەنىي ھاياتلىقتا، ھەممە ئادەمنىڭ باشىغا كەلىدىغان ۋە ئامالسىزلىقتىن بەجىرىلىدىغان بىر مەجبۇرىيەت شەكلىدە ئىپادەلەنىپ، ئىنسانغا نائىلاجلىق بىلەن قىيماسلىق گىرەلەشىپ كەتكەن بىر خىل مۇرەككەپ روھىي ھالەت باغىشلايدىغان پەۋقۇلئاددە دوقمۇش.

پەنسيونىر بولغاندىن كەيىن، مەمۇرىي تەئۋەلىك جەھەتتىن ئەمدى ياشانغان كادىرلار باشقارماسىغا قارايدىكەنسەن. سەنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشۇڭ، ئارزۇ-ئارمانىڭ شۇ ئىدارەنىڭ يەتەكلەشى بىلەن بولىدىكەن. ئۇلار ناگان-ناگاندا، باھارلىق ئەكىسكۇرسىيە دەمدۇ ياكى كۈزلۈك ساياھەت ئولبۇل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا، شۇلارغا ئىشتىراك قىلىپ، قالغان چاغدا، ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن ئارام ئالىپ يۈرىدىكەنسەن. بۇمۇ بولدىغۇ، ئەمدى، قەرىغاندىكىن. ئەمما، ماڭا ئوخشاش كىتاب ئوقۇش بىلەن كىتاب يازىشقا خوردا بولۇپ كەتكەن ئادەم ئۈچۈن ئەيتقاندا، ياشام كۈنتەرتىپىڭدە نەمەدۇر بىر مۇھىم نەرسە كەمدەك تۇيۇلۇپ، خەلىلا زەرىكىش (زارىقىش) ھىس قىلىپ قالىدىكەنسەن.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر باسىپ، ئىككى باسىپ بارىپ، ياشانغان كادىرلار باشقارماسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىشخاناسىغا كىرىپ، ئىلتىماس تۇتۇپ، دەردىمنى تۆككەن ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ قوبۇل قىلىش شۇ ئىلتىماسىمنىڭ جاۋابى ئىكەن.

-ياشانغان كادىرلارنىڭ داۋاملىق ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانىشىنى قىزغىن قوللاش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر، ئابدۇرەئوپ پروفەسسور!،- دەدى تۆمۈر مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقى گەپنى دەل پوسكاللاسىدىن باشلاپ،- دوكلاتىڭىزنى ياشانغان كادىرلار باشقارماسى ماڭا يوللاپتۇكەن. مەزمۇنىغا چۆكۈپ، تەپسىلىي كۆردۈم. سىز پەنسيونىر بولماستىن بۇرۇن، مەكتەپىمىزدىكى ئوقۇتۇش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتتا ئوخشاشلا مول ھوسۇللۇق بولغان پروفەسسورلارىمىزنىڭ بىرى ئىدىڭىز. ھالا پەنسيونىر بولغاندىن كەيىنمۇ، ئەسلىدە كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈپ قىلىشقا باشلاغان ئىلمىي ئەمگەكلەرىڭىز ئۈستىدىكى ئىزدەنىشلەرىڭىزنى توختاتىپ قويماي، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانىۋاتقانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈم. سىز نەشىر قىلىنىشىغا ياردەم سوراپ، ئىسىملەرىنى قەيت قىلغان كىتابلار ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلارىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى فونىتىكاسى ۋە تەتقىقاتى» (察哈台维吾尔语语音学及其研究) ماۋزۇلۇق خاس ئەسەرىڭىزنى كەلەر يىلى مەكتەپ نەشىرىياتىمىز تەرەپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان كىتابلار قاتارىغا كىرگۈزدۇق. قالغانلارىغىمۇ گەزى كەلگەندە، ياردەم قىلىمىز، ئەلۋەتتە.

تۆمۈر مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقى ئەسلىدە، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنىڭ بىرىنجى سەپىدە ئىشلەپ ئۆسكەن كادىر بولۇپ، ئۇ پروفەسسور، دوكتور سالاھىيەتى بىلەن ئامەرىكا، گىرمانىيە ۋە فرانسىيەلەردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلارىدا زىيارەتچى ئالىم ۋە ھەمكار تەتقىقاتچى بولغان؛ ئىلمىي تەتقىقات ئەمگەكلەرى «ۋۇيۈيجاڭ ئىلىمىي تەتقىقات مۇكاپاتى»غا، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرى بويىچە بىرىنجى دەرىجەلىك مۇكاپاتغا ئەرىشكەن. ئۇ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلمىي تەتقىقات ساھىبى ۋە كەسىپ ئەھلى بولغاچ، مەنىڭ ئىلتىماسىمغا جىددىي قاراغان ۋە ماڭا ياردەم قىلىشنى يوللۇق ۋە مائقۇل ئىش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. مەن مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىپەرۋەر، ئىلىمسۆيەر  باشلىقنىڭ چۈشەنىشىگە، ئىللىق نەزەر بىلەن باقىشىغا ۋە سەمىمىي ياردەم قىلىشىغا ئەرىشكەنىمنى بىرخىل تەئلەي دەپ قارادىم ۋە بۇ قوبۇل قىلىشتىن بەكمۇ خوشھال بولدۇم.

بۇ چىن ئوقۇتقۇچىلار بايرامىنىڭ ئەرپە كۈنلەرى ئىدى. تۆمۈر مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقىغا چىن دىلىمدىن سەمىمىي رەھمەت ئەيتتىم. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرامىنى قۇتلۇقلاپ، ئالغاچ كىرگەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە» (察哈台维吾尔语研究导论) ماۋزۇلۇق ھانزۇچە ياڭى كىتابىمدىن بىرنى تەقدىم قىلدىم. تۆمۈر مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقىمۇ ئۆزىنىڭ《彝语义诺话研究》(يىزۇ تىلى يىنو شىۋەسى ئۈستىدە تەتقىقات) ماۋزۇلۇق خاس ئەسەرىدىن بىرنى تەقدىم قىلدى ۋە مەنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرامىمنى سەمىمىي قۇتلۇقلادى.

*              *                *                     *

يۇقىرىقىلار مەنىڭ 2017-يىللىق ئىلمىي ھاياتىمدىكى ئەھمىيەتلىك ياشام تەرمەچلەرىدۇر. «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول باردۇر » دەيدۇر ئۇيغۇر بوۋايلار. بۇ يەردە ئىستەك شۇكى، خاتىرەلەگەنلەرىم تۇيغۇداش ئوقۇرمەنلەرىمنىڭ كۆڭۈل ئەتىزلەرى تامان راۋان بولغاي؛ راھەتلىك مۇڭداش بولۇپ، كۆڭۈللەرنى ئاۋۇتقاي!

2017-يىل 22-دىكابىر، بەيجىڭ.

2021-يىل 24-ماي، سان ديەگو.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top