You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 5‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى

5‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 23-ماي يەكشەنبە كۈنى 5‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سۆھبەتنى يوتىيۇب ئۇلىنىشىدىن كۆرەلەيسىز: https://www.youtube.com/watch?v=il3kkbvPuCY

يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېىميەىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا قۇتادغۇبىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندى «تىلشۇناس ۋە مائارىپچى ئىبراھىم مۇتىئىىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى» دېگەن تېمىدا، خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر گۇلنار ئەزىز خانىم «تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى» دېگەن تېمىدا، ئەگەي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «يازغۇچى ۋە شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر راھىلە قەشقرى «يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىغىن تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ جەريانى ئۇيغۇر ئاكادېميەسىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسى ۋە يۇتۇب قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن يىغىن رىياسەتچىسى مەغپىرەت خانىم سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقستى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرىشىدىكى مەخسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ بۇ تور سۆھبەت يىغىنىدا تارىختا ۋە كۈنىمىزدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان-تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تونۇشتۇرۇش؛ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي روھنى ئويغىتىش ۋە جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يازغۇچى ۋە شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ھەققىدىكى سۆزىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئاساسەن تارىخىي رومان يېزىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، تارىخىي رومانلارنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر گۇلنار ئەزىز خانىم تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان ھەققىدىكى سۆزىدە مەرھۇمنىڭ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەلەمنى قۇرال قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە دېيالېكتلىرى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەنلىكى ھەمدە بۇ ساھەدە مۇھىم ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. مىرسۇلتان ئوسمان 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قازاقىستاننىڭ ياركەنتكە قاراشلىق ئاقتىكەن مەھەللىسىدە توغۇلغان. ئۇ 3 ياش ۋاقتىدا بوۋىسى ۋە مومىسى بىلەن غۇلجاغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە دىيالېكتلىرى، شۇنداقلا چاغاتاي تىلى تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. مىرسۇلتان ئوسمان 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدە 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەزكۇر يىغىندا يەنە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندى تىلشۇناس ۋە مائارىپچى ئىبراھىم مۇتىئى ھەققىدە، دوكتۇر راھىلە قەشقەرلى يازغۇچى زوردۇن سابىر ھەققىدە سۆز قىلدى.

پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت مەرھۇم يازغۇچى مىرزاھىد كېرىمى ھەققىدىكى سۆزىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ 100 دىن ئارتۇق قىممەتلىك تارىخ رومانلارنى يېزىپ نەشىر قىلغانلىقىنى، ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئەنە ئاشۇ ئەدىبلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رومانلىرىدا ئوقۇرمەنلەرنىنى ھۆرلۈككە ۋە ئازادلىققا ئۈندەيدىغان مەزمۇنلار بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي دائىرلىرىنىڭ 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ پېشقەدەم يازغۇچىنى 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە قامىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tor-yighini-05242021155900.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top