You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سابىت داموللامنىڭ تۆمۈر سىجاڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى

سابىت داموللامنىڭ تۆمۈر سىجاڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى

سابىت داموللامنىڭ تۆمۈر سىجاڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سابىت داموللام قەشقەرگە كېلىش بىلەن تەڭ، تۆمۈر سىجاڭ ئوبدان بىر مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تۆمۈر سىجاڭ بىلەن چىقىشالمايدىغان بەزى قەشقەر مۆتىۋەرلىرى، دىنىي زاتلار ۋە بەزى قوراللىق كۈچلەرمۇ سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خوش بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. سابىت داموللام مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قەشقەردىكى ھەرقايسى ساھە ۋە قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن ئوبدان سۆھبەتلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا كۈچىنىڭ بىرىچە تىرىشتى ھەمدە مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك غەلىبە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ دەرھال نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. نەشرىياتچىلىقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قەشقەردىكى تارقاق چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرغان قوراللىق سىياسىي كۈچلەرنى بىر پىكىر ۋە بىر ئىدىيە بىلەن ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدىغان ماقالىلەرنى بېسىپ تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خەلقنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئۇرغۇتىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى ئۇلى بولغان ئەدلىيە، قانۇن، ھەربىي ۋە ئىقتىسات، مائارىپ قاتارلىق دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈستقۇرۇلمىلىرىغا ئۇل سېلىپ، ئادالەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى خەلققە تونۇتۇش ئۈچۈن شۇ چاغدىكى قەشقەردە نەشىردىن چىقىدىغان ھەپتىلىك «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» ناملىق گېزىتتە نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك ماقالىلەرنى ۋە يېڭى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.

7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ھاياتىي» ناملىق گېزىتتە «بۈگۈنلەردىكى سىياسىي ئەھۋالىمىز» ناملىق باش ماقالە ئىلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە مۆھتەرەم غازى خوجانىياز ھاجىم ھەزرەتلىرىنىڭ قۇمۇلدىن تارتىپ قىلغان ئىنقىلابلىرى مەدھىيەلەنگەن ۋە خىتايلار بىلەن تەڭرىتېغىنى پاسىل قىلىپ كېلىشىم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ، خەلقنى ئۈمىدلەندۈرگەنىدى. گېزىتقا مۇنداق ساتىرلار يېزىلغان ئىدى: «….. قۇمۇلدىن تارتىپ قەشقەرغىچە قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ تۇرغان ئەھلى ئىسلام تېخىچە قىلىچىنى قېنىغا سوققىنى يوق. ئەمدى يەنە ئىختىيارەن قۇللۇق ھاقارىتىنى ۋىجدانلىرى ھېچ قوبۇل قىلمايدۇ. ناھەقچىلىك، ۋاپاسىز ۋە خىيانەتتە تەھەممۇل قىلالمايدۇ. ئۆز ھوقۇقىنى ھەرقانداق زۇلۇم ۋە جاپاغا قارشى مۇداپىئە قىلىشقا ھەرزامان تەيياردۇر. مۆھتەرەم غازى خوجانىياز ھاجىم ھەزرەتلىرى بۇ كېلىشىمدىن كېيىن قاراشەھەرگە تەشرىپ قىلىپ، مىللەتى ئىسلامنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن جىددى تىرىشماقتا. پۈتۈن ئالتە شەھەردىكى دىن قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىگە شەپقەتلىك قاناتلىرىنى ئېچىپ، ۋەتەن ۋە مىللەتنى مۇھاپىزەت ۋە ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلەر ئېلىپ بارماقتا. بىز ئالتەشەھەر خەلقى بۇ مۇبارەك ئاتىمىزغا تا قىيامەتكىچە مىننەتدار بولۇپ، ئاياغلىرىنىڭ تۇپراقلىرىنى كۆزلىرىمىزگە سۈرمە قىلىپ سۈرمەك ئۈچۈن چوڭ – كىچىك، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھوزۇرى ئائىلىسىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ مەقەددەس چېھرىنى كۆرمەككە مۇشۇنداق ئارزۇمەندۇرمىز. ھەر ئەمر ۋە پەرمانلىرىمىزغا كامىل ئىتائەت بىلەن دىن ۋە ۋەتەن ئۈچۈن دەردى ئىشق بىلەن پىدائىي بولۇشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ…..»

سابىت داموللام قەشقەردە ناھايىتى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ، «خوتەن ئەسكىرى ئىدارىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئورگان مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئوسمان سىجاڭ، ئۆزبېك قوشۇنلىرى ۋە تۆمۈر سىجاڭلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىشقا جىددى تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. مانا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سابىت داموللامنىڭ ئابرويى، ئىناۋىتى بولسا كۈندىن – كۈنگە ئىشىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاتتا بىلىمگە ئىگە بولغان بىر دىنىي ئالىملا بولۇپ قالماي، بەلكى يەنە پىشقان بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن ئىسپاتلاشقا باشلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئۈمىدى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ، يېڭىشەھەرنى ئېلىشقا ئىشەنچىسى ئارتقانىدى. بۇ ھال يېڭىشەھەردىكى خىتايلار بىلەن تۇڭگانلارنى ساراسىمىگە سالدى. ئەمما بۇ سېپىلنى بۆسۈپ كىرىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. قەشقەر يېڭىشەھىرى 1836 – يىلى قۇرۇلغاندا، ئېگىز سېپىللار بىلەن ئەتراپنى قورشاپ مۇستەھكەم ئىچكى قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىققان ھەمدە سېپىلنىڭ ئەتراپىغا كەڭ، چوڭقۇر خەندەكلەر قېزىلغان. ھازىر بۇ خەندەكلەرگە تۇڭگانلار دەريا سۈيىنى باشلاپ لىق تولدۇرىۋەتكەن ئىدى. سېپىلنىڭ ئۈستىگە بولسا زەمبىرەك ۋە ئېغىر تىپتىكى پىلىمۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئەمىر ئابدۇللاھ سېپىلنى ئوبدان كۆزىتىپ ئۇنىڭغا قانداق ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا تازا باش قاتۇرىۋاتقان پەيتتە. تۆمۈر سىجاڭدا بىردىنلا ھەسەت ئوتى قوزغىلىپ، سابىت داموللام بىلەن «خوتەن ئەسكىرى ئىدارىسى» نى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشتى.

ئۇ يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىشىنى بۈگۈن، ئەتە،- دەپ، ئارقىغا سوزۇپ، ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزدى. يەنە بىر تەرەپتىن خوتەن تەرەپنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان خوتەندىكى چوڭ تەرىقەت مۇرشىدى ئىشاننىڭ ئوغلى غولام قادىرنى نۇرغۇن مال – دۇنيا ۋە مەنسەپ بىلەن ئۆزىگە قارىتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سابىت داموللامنى قەشقەرگە كېلىشكە دەۋەت قىلغان، بۇ يولدا كۆپ كۈچ چىقارغان مۇھىم زاتلاردىن بىرى بولغان كىچىك ئاخۇن تەنجاڭنىمۇ ئۆزىگە قارىتىۋالغالدى. ئەنە ئاشۇنداق بىر قاتار ھىلىلەرنى ئىشلەتكەن تۆمۈر سىجاڭ 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شەھەردە ئۆز قوشۇنلىرىغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، سابىت داموللام تەرەپدارى بولغان قىرغىز ئەسكەرلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سابىت داموللا ئەمىر ئابدۇللاھقا بۇيرۇق بەردى ۋە ئۆزىمۇ ئۇرۇشقا ئاتلاندى. مانا ئەمدى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان قاتتىق جەڭ باشلانغان ئىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە خوتەن قوشۇنلىرىدىن ئۈچ يۈزگە يېقىن ئەسكەر، خائىن غولام قادىرنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئاستىرىتتىن سېتىۋىلىشى بىلەن تۆمۈر سىجاڭ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. نەتىجىدە سابىت داموللام بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئەسكىرى قاراگاھىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەسكىرى قارارگاھنىڭ ئەتراپىنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى قاتمۇ قات مۇھاسىرىگە ئالدى. ئەتىسى تۆمۈر سىجاڭ سابىت داموللامنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى. ئەمما سابىت داموللام ئازراق ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۇش ئۈچۈن «مۇزاكىرىلىشىپ بولۇپ جاۋاب بېرەيلى» دەپ، ۋاقىتنى ئىككى كۈن كەينىگە سۈردى.

ئەمىر ئابدۇللاھ بولسا ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سابىت داموللامنىڭ سۆزىنى يىرالماي تەسلىم بولۇشقا رازى بولدى. دېمىسىمۇ سىرتتىن كېلىدىغان ھېچقانداق بىر ياردەم بولمىغان شارائىتتا، بۇ يەردىن ساق چىقىپ كېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئەمىر ئابدۇللاھ بىلەن ئەرەن ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى. چۈنكى سابىت داموللام ئىككى تەرەپتە ئۇرۇش بولسا ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ قىرىلىپ كېتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەسلىم بولۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە قارار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدى. تۆمۈر سىجاڭ بولسا سابىت داموللام بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھ ۋە ئەرەننى نەزەربەند قىلىپ سولاپ قويدى. بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ باشسىز قالغان خوتەن ئەسكەرلىرى قەشقەر شەھىرىدە ئىنتايىن خارلىققا قالدى، ھەتتا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئادەملىرى، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىمۇ سالدۇرۋېلىپ شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى. بۇلارنىڭ بەزىلرى پىيادە خوتەنگە قاراپ يول ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوللاردا ئاچلىقتىن، سۇسىزلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا ھەيۋەت بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كىرگەن بۇ خوتەن قوشۇنى مانا ئەمدى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قولى بىلەن قىرىلىپ، خانى – ۋەيران بولغان ئىدى. بۇ تىراگېدىيەلىك پاجىئەنى كۆرگەن يېڭىشەھەردىكى خىتايلار ئىچ – ئىچىدىن خوش بولۇپ، سېپىلدىن سىرتقا چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قىرىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى پەيتىنىڭ كېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ ياتتى. بۇ چاغدا ئۆز ئەسكەرلىرىدىن ۋە ئاكىسىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەمىر ئابدۇللاھ تىت – تىت بولۇپ كىچىك تۈڭلۈكتىن ئازراقلا يورۇقلۇق چۈشۇپ تۇرىدىغان تۆت تامنىڭ ئىچىدە، ئىچى تىتىلداپ ئامالسىزلىقتىن ئۇياقتىن – بۇياققا توختىماي ماڭاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەرەن ئەگىشەتتى. بۇ ھالنى كۆرگەن سابىت داموللام بۇ ئىككى ياشنى ئۈمىدلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشنى ئويلىدى. ئۇ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا سۇۋاغلىرىنى چۈشغپ كەتكەن تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ:

‐ يىگىتلەر قېنى يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ھەزرىتى مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ بىر قىسقا ھېكايىسىنى ئېيتىپ بىرەي، – دېدى:

بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئەمىر ئابدۇللا بىلەن ئەرەن يالت قىلىپ سابىت داموللائامغا قارىدى ۋە ئەمىر ئابدۇللاھ:

‐ «تىكمىگۈچە ئۈنمەس، تىلىمىگىچە تېپىلماس» دەپ، ھەممە بالانى ئۆزىمىز تاپتۇق. ئاكامنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېيتقانلىرى بىرمۇ – بىر توغرا چىقىۋاتىدۇ. بىز ھەقىقەتەن ئالدىراقسانلىق بىلەن قەشقەرگە كەپتۇق. خىتايلارنى يوقىتىمىز دەپ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئۆز قېرىنداشلىرىمىز قىرىلىپ كەتتى. بىز بۇ يەردە كەلىمىلەر بىلەن ئويۇن ئويناپ ئولتۇرۇپ، سىرتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالىدىن ھېچ بىر خەۋەر ئالالمايۋاتىمىز. بۇ چارىسىزلىكىمىزگە بىر ئامال تېپىشنى ئويلىشىمىز كېرەك. ھەي! نېمە دېگەن تەقدىرىمىز كاج بىز ھەقنىڭ.

ئەمىر ئابدۇللاھنىڭ سۆزى تۈگە – تۈگىمەيلا ئەرەن تىرىككىدىن ئالدىراپ سۆز ئالدى:

‐   توغرا ئېيتتىلا قوماندانىم، ھەقىقەتەن تەقدىرىمىز كاج بىز خوتەنلىكلەرنىڭ. بولۇپمۇ مېنى ھەممىدىن بەكرەك ئازابلىغىنى غولام دېگەن گاداينىڭ خائىنلىقى بولدى. ئۇنى بۇنداق قلا دەپ، ھېچ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇنى مەن خىلى ئوقۇغان، ئاڭلىق بىرسى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئۆتۈپكەتكەن ئەقىلسىز نېمە ئىكەن ئۇ. توغرا، ئەقىللىق بىرسى بولغان بولسا، ئۇرۇشتا ئۆلۈمدىن قېچىشنىڭ ئورنىغا خائىنلىقتىن قاچقان بولاتتى. ئۇ گاداي، خائىنلىقنىڭ ئۆلۈمدىن بەتتەر مەرەز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەندە. ئۇ ئەمدى ئۆلمەي تۇرۇپلا ئۆلدى.

‐   ئەي، يىگىتلەر «تەقدىرىمىز كاج» دەپ، ئۆزۈڭلارنى خاراپ قىلماڭلار. ئىرادەڭلارنى تاۋلاپ، ئۇنىڭدىن تەسسەللى تېپىڭلار. بولغۇلۇق بولدى. ئۈمىدىمىزنى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشقا باغلىماي، ئەمدى نەزىرىمىزنى كەلگۈسىگە ئاغدۇرايلى. ئۈمىدنىڭ يېڭى بۇلاق كۆزلىرىنى ئىزدەيلى. يېڭى بۇلاقنىڭ تېرەن جايىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىدىغان كۈنلەرگە ئۇزۇن قالمىدى. بىز ھەردائىم ماڭغان يولىمىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم. ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولدىن قايتماسلىقىمىز كېرەك. بۇ يولدا ئاللاھنىڭ بىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغان چىغىمىزدىلا بەختنىڭ بۇلاقلىرى بىزنىڭ ئالدىمىزدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. بىز گەرچە ھەم كىچىك ھەم دېرىزىلىرىمۇ يوق بىر ئۆيگە سولانغان بولساقمۇ، كېچىلىرى ئوخشاشلا يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ئاسماننىڭ بىر پارچىسىنى كۆرگىدەك ئۈستىمىزدە كىچىك بولسىمۇ بىر تۈڭلۈك بار. بىزدە شۇ كىچىككىنە تۈڭلۈك ئارقىلىق پۈتۈن بىر ئاسماندا يۇلتۇزلارنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان، ئۇنى ھېس قىلىپ، ھۇزۇرلىنالايدىغان ئوتلۇق يۈرەك بار. دېمەككى بىزنىڭ ھازىر بەدىنىمىز ئەركىن بولمىغىنى بىلەن، يۈرىكىمىز ئەركىن، روھىمىز ئەركىن، شۇ ئەركىن قەلبىمىز، روھىمىز تېنىمىزدىن قالقىپ چىقىپ خەلقىمىز بىلەن شاد – خوراملىققا چۆمسۈن، گۈزەل، ئازات ھاياتقا ئىنتىلسۇن! ئاللاھنىڭ بىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلسۇن!

ھەزرىتى مەۋلانا بىر كۈنى ئۆيىگە كىرگەندە، ئوغلىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى سوراپتۇ، ئوغلى «ھېچ» دەپتۇ. مەۋلانا سىرتقا چىقىپتۇ، ئىشىك ئالدىدا بىر بۆرە تېرىسى بار ئىكەن، ئۇنى ئېلىپ ئۈستىگە يېپىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا ئاچقىنىچە بۆرىگە ئوخشاش ھۇۋلاپتۇ. ئوغلى دادىسىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ھەزرىتى مەۋلانا: «بالام كۆردىڭمۇ؟ دۇنيا دەرتلىرى دەل مۇشۇنداق. بۆرە ئەسلى قورقۇنۇچلۇق ھايۋان، ئەمما سەن بۆرە تېرىسىنىڭ كەينىدە داداڭنىڭ بارلىقىنى بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن قورقمىدىڭ ۋە كۈلدۈڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دەرتلەرنىڭ كەينىدە رەببىڭنىڭ بارلىقىنى بىل ۋە ئۇنىڭغا ئىشەن» دەپتۇ.

گەرچە ھازىر بىز «سۆكۈشۈپ ئۇرۇشار، ئارىدا تون تىتىلار» دېگەندەك، بىر – بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى نابۇت قىلىۋىتىپ بارغان بولساقمۇ، بۇ يولدا چوقۇم ئاللاھ ياردەمچىمىز بولىدۇ. بىزنى بۇ زىندانغا يالغۇز تاشلاپ قويمادۇ. ئاللاھتىن ئۈمىدىمىزنى كەسمەيلى. ھەقتىن باھارنىڭ خەۋىرى كەلمىگىچە، تۇپراق ئۆز سىرلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ. شۇڭا سەۋر قىلايلى. چىدامچان بولايلى، جالالىدىن رۇمىنىڭ بۇ سۆزىنى ئەستىن چىقارمايلى: «شام بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزەڭ كۆيۈشۈڭ كېرەك» خۇددى قىيا تاشلاردىن پەسكە چۈشۈپ ئاققان سۇ، بارا – بارا ئاستىلاپ، كېڭىيىپ تىنچ ئاققانغا ئوخشاش، بىزمۇ ئەمدى كۈچلۈك ھاياجانىمىزنى بېسىپ تۇرۇپ سالماقلىق بىلەن ئەقىلنى ئىشلىتىپ ھەرىكەت قىلايلى. «يىراقتىكى سۇ بىلەن يېقىندىكى ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ» مانا مۇشۇ چاغدا تۈڭلۈكتىن چۈشىۋاتقان كۈن ئۆزىنىڭ سارغۇش نۇرلىرىنى ئاستا – ئاستا يىغىۋېلىشقا تەرەددۇت قىلغانىدى. ئۆينىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان ئالاپاچاق پاشا غىڭىلداپ ئۇچۇپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋېتىپ باراتتى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top