You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

زۇلھايات ئۆتكۈر

«ئاتسىز تۈرك بولماس، بۆركسىز باش بولماس». – «دىۋانۇ-لۇغەتىت تۈرك» تىن

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باش كىيىم مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ۋە شانلىق سەمەرىلەرنى ياراتقان مىللەت بولۇپ، تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا شەكىل، نۇسخا ۋە ماتېرىيال جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتقان.

ئۇيغۇر  ئېتنىك گەۋدىسىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تىپىنى ياراتقان قەبىلىلەر ۋە مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تۈزگەن «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دا :« ئاندرونوپ ۋە سارماتىنلار جەسەت سۆڭەكلىرى ئۈستىدىكى ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقات ئۇلارنىڭ بىر مەنبەلىكلىكىنى ئىسپاتلىدى» دەپ يېزىلغان. [1]

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «تۈرك» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۆزگىچە قارىشى بولۇپ، كۆكتۈرك دەۋرىدىكى «تۈرك »ئىبارىسى ئالتاي تاغ چوققىلىرىدەك تۇماقلارنىڭ يانلىرى قالپاق، شىلەپىدەك قاتلانغان، تۈرۈلگەن بولغاچقا ، «تۈرك» تۇماقلىقلار دەپ ئاتالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە بۇ قاراشتا مۇنداق ھەقىقەتنى ئاساس قىلىدۇ: بۇ ئاتالمىنىڭ كۆكتۈرك خانلىقىدىن ئىلگىرى بولۇشىدا گەپ يوق، يەنە كېلىپ بۇنداق ئۇچلۇق قالپاق مېتال فىگۇرلار ھازىرغىچە مەۋجۇت. بۇ خىل كۇلا قالپاق يەنە زېمىندىكى تۇر-ئىستىھكاملارغىمۇ، كۆكتەڭرى ماكانى دېيىلىدىغان تاغ چوققىلىرىغىمۇ ئوخشايدۇ.

تارىختا يەنە بىر قىسىم قەبىلە ۋە مەزھەپ، گۇرۇھلارنى  تىك، ئۆرە ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان «تۇر» ئىبارىسى بىلەن ئاتايدىغان ئادەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، قارا قالپاق، ئاق تەقىيە، قارا تەقىيەلىكلەر، بۆركلى قەبىلىسى قاتارلىقلار. [2]

تارىم ئادەملىرىنىڭ باش كىيىملىرى

كۆنچى دەرياسى بويىدىكى قەۋرىغول قەبرىستانلىقىغا جايلاشقان كروران دۆلىتى خارابىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى كىيىم-كېچەكلىرى، دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشى ساقلانغان جەسەت ئاۋرېل سىتەيىن بايقىغان ئەر جەسەت بولۇپ، جەسەت يۇڭ ئەدىيالغا ھىم ئورالغان، بېشىغا بۇغداي سېلىنغان سېۋەت قويۇلغان، مەيدىسىگە چاكاندا قويۇلغان بولۇپ، توغراق ياغىچىدىن ياسالغان كىچىك قولۋاققا دەپنە قىلىنغان.

جەسەتنىڭ بېشىغا ئاق كىگىز بۆك كىيگۈزۈلگەن. فولك بېرىگمان بايقىغان 36-نومۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان ئايال جەسەتنىڭ بېشىدىمۇ ساغۇچ رەڭلىك كىگىز باشلىق بولۇپ، تاش باشلىق تېرىدىن ياسالغان قالپاق بولۇپ،-قالپاقنىڭ يان تەرىپىگە قۇش پېيى قىستۇرۇلغان ئىدى. ئىچ باشلىق ساغۇچ كىگىز يۇڭ بۆك بولۇپ، ئىگىزلىكى   27  cm كېلەتتى.[3]

يەنە ئۆردەكلىكتىكى 5-نومۇرلۇق قەبرىدىكى ياشانغان ئايال جەسەتنىڭ بېشىدىمۇ ئوخشاشلا قوي يۇڭىدىن توقۇلغان ساغۇچ كىگىز بۆك بولۇپ، ئانچە نەپىس بولمىسىمۇ، لېكىن مەزمۇت بولۇپ، قۇم-بوران ، سوغۇق قاتارلىق ناچار ھاۋالارغا قارشى تۇرالايتتى. كىگىز بۆكلەر ئىچ باشلىق ۋە تاش باشلىق دەپ ئىككى بۆكتىن تەركىب تاپقان، ئىچىدىكى بۆك قۇلاققا چاپلىشىپ تۇراتتى، ئىچ بۆكنىڭ ئېڭەكتىن چىگىۋالىدىغان بوقۇچى بار، كىگىز بۆككە ئوخشاشلا قۇش پېيى قىستۇرۇلغان. قەۋرىغول قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇ كىگىز قالپاقلارنىڭ تارىخى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1800-يىلغا توغرا كېلىدۇ.

تارىم ۋادىسىدىكى كىشىلەر كۆپىنچە ئوۋچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي فولكلورىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن ھېرىسمەنلىك، قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، بارا-بارا شۇڭقار، لاچىن، بۈركۈتكە ئوخشاش قۇشلارنى ھاياتلىقتىكى تايانچ دەپ بىلىپ، ئۇلارنى ئۇلۇغلاش نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولغان.

بۇ خىل سۇبېكتىپ ئاڭ ۋە قاراشلار تۇتېملىق ئېتىقادلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ خىل قۇشلارنى مۇقەددەس بىلىدىغان، ھەتتا تۇتېم قىلىپ چوقۇنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا باش كىيىم مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، قىز –ئاياللار چېكىسىگە گۈللەرنى قىسىپ، باشلىرىغا پەر-مامۇقتىن ئوتۇغاتلارنى تاقىسا، ئەرلەر قالپاقلىرىغا چاغىر-تۇغرۇل قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى قادىۋالىدىغان ئادەتلەر بولغان. ئۇيغۇرلاردا ھازىر بۇ خىل قۇش پېيى تاقاش ئادىتى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن سەھنە كىيىملىرىدە باش كىيىملەرگە ۋە تاجلارغا پەي تاقاش ئادىتى مۇشۇ خىل ئادەتنىڭ ساقلىنىپ قالغان شەكلىدىن ئىبارەت.

«كروران گۈزىلى» دەپ ئاتالغان يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىغا توغرا كېلىدىغان ئايال جەسەتنىڭ بېشىدا يۇڭ توقۇلما باشلىق بولۇپ، ئىككى دانە غاز پېيى قىستۇرۇلغان. ئايال جەسەتنىڭ بېشىدىكى ئىككى دانە تاش ۋە ئىچ يۇڭ باشلىقلار ئىككى پارچە توقۇلغان يۇڭ رەختنى ئۇلاپ تىكىلگەن بولۇپ، داڭلىق توقۇلما بۇيۇم مۇتەخەسىسى ئېلىزابېت ۋېيلاند باربېرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن بۇ باشلىقلارنىڭ قوي يۇڭىدىن توقۇلغانلىقى، توقۇلۇش تېخنىكىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزگىچە تېخنىكا بولۇپ، يۇڭ توقۇلمىلىرى بويالغان، يۇڭ پارچىلىرى پاختا يىپ بىلەن تىكىلگەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ خىل كىگىز بۆكلەر قارىماققا غەرب دۇنياسىدىكى ئەپسانىۋىي قەھرىمان «روبىنخۇد» نىڭ بېشىدىكى دوپپىغا ئوخشايتتى. بۇ خل بۆكنىڭ ئەر-ئايال پەرقى يوق بولۇپ، ئەر ۋە ئاياللار تەرىپىدىن كىيىلگەنلىكى مەلۇم.

ئارخېئولوگ فولك بېرىگمان Folke Bergman يۇڭ توقۇلما بۇيۇملاغا قوللانغان قويلارنىڭ ئىرقىنڭ كاۋكاز ئىرقىدىكى قويلار ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ، شۇ تۇپراقتا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق سودا ئوبېكتىنىڭ يۇڭچىلىق ئىكەنلىكى، خىتايلار ياشىغان رايونلاردا ئەينى دەۋردە تېخى ئۇنداق تېخنىكا يوق بولغاچقا، ئاساسلىقى شۇلارنى يۇڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكىدەك كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئارخېئولوگ ئاۋرېل ستەيىن Aurel Stein ۋە سۋېن ھېدىنلارنىڭ Sven Hedin تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا خوتەن ۋە چاقىلىق رايونلىرىدا مۇشۇ خىل كىگىز توقۇش تېخنىكىسى مەۋجۇت ئىكەن.

يۇڭ توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئىگەللىنىشى ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى. توقۇلما بۇيۇم تەتقىقاتچىسى ۋىۋى سىلۋان بۇ خىل تېخنىكا خىتايدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئاندىن قوللانغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى كۆرسىتىدۇ.  ئارخېئولوگ فولك بېرىگمان لوپنۇرلۇقلارنىڭ چىگە ۋە كەندىرلەرنى توقۇش ئۇسلۇبى بۇ خىل توقۇش ئۇسۇلىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ،بۇ پاكىت لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلاردا، لوپلىقلارنىڭ ئەزەلدىنلا بۇ جايدا ياشىغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشتە مۇھىم پاكىتلىق رول ئوينايدۇ.

ئارخېئولوگ ۋە توقۇلما بۇيۇم مۇتەخەسىسى ئېلىزابېت ۋېيلاند باربېر Eizabeth Wayland Barber  ئۆزىنىڭ تارىمدىن قېزىۋېلىنغان مۇميالار ھەققىدە يازغان «Mummies of Ürümchi» كىتابىدا ئاپتور كرورانلىقلارنىڭ توقۇش تېخنىكىسىنىڭ ئىختىراچىلىرى ئىكەنلىكىنى يەنە مۇنداق نۇقتىئىينەزىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ: «ئېنگىلىز تىلىدىكى «توقۇمىچى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان  «weaver» سۆزى ئەسلىدە توخار تىلىدىكى «توقۇمىچى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «wawāttsa»  ياكى «wapāttsa» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىر تۈرلۈك ئىجادىيەت ياكى ئىختىرا شۇ خىل تېخنىكا ياكى يېڭىلىقنىڭ ياراتقۇچىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خۇددى ھازىر دۇنيا بويىچە ئوخشاش ئىسىمدا ئورتاق قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم تاماق ئىسىملىرىدىن  پىتسا pizza، ساپاگېتتى spaghetti قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئىتالىيان تىلىدىن، سۇپ soup، سالات salad نىڭ فىرانسۇزچىدىن، ھامبۇرگ بولكىسى hamburgers نىڭ گېرمان تىلىدىن كىرگەنلىكى كۆپكە مەلۇم. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كروراندىكى توقۇش تېخنىكىسىنىڭ ئاۋانگارت تېخنىكا بولۇپ، خىتاي قاتارلىق ئەللەرگە مۇشۇ زېمىندىن تارالغان دەپ قارايدىغان كۆزقاراشنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ. خىتاي زېمىنىغا توقۇش تېخنىكىسى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىرگەنلىكى مەلۇم.[4] ھالبۇكى كروران دۆلىتىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ تارىختىن خېلىلا بۇرۇن يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000- 1500 – يىلاردىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەردىن، بۇ جايدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ھىندى – ياۋروپا تىللىرىغا تەۋە بولغان توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

توخار تىلىنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلى (جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى) غا بولغان تەسىرى سوغدى تىلىغا ئوخشاشلا خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. توخارلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا كىرگەن ۋاقتى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 500-يىللاردىن بۇرۇن بولۇپ، ئىران قەبىلىلىرىنىڭ كىرگەن ۋاقتىدىنمۇ ئىلگىرى. بۇ جەرياندا توخار تىلى نۇرغۇن سانسىكرىتچە سۆزلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا كىرىشىدە ۋاسىتىلىق رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى ئەسىرلەردە تارىم ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ جايلىشىشى بىلەن بۇ تىل پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا ئايلىنىپ كەتكەن، تارىم ئويمانلىقىدىكى توخارلار كېيىنچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەن.[5]

چەرچەنگە يېقىن جايدىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ يىل دەۋرى قەۋرىغول قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرگە قارىغاندا مىڭ يىل كېيىن بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000- يىللارغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جايدىن تېپىلغان موميا جەسەتلەرنىڭ موميا تېخنىكىسى شەرقىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان جەسەتلەر ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىچىدە «چەرچەن ئادىمى» ۋە بىللە دەپنە قىلىنغان ئۈچ ئايال جەسەت ۋە بىر بوۋاق بالىنىڭ جەسىدى بار.

چەرچەن ئادىمى قىزىل چاچلىق، بويى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يۇڭدىن توقۇلغان تون ۋە ئشتان، رەڭدار يۇڭدىن توقۇلغان پايپاق كىيگەن ھالەتتە بولۇپ، بوي ئىگىزلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ساقاللىق، يۈز ۋە بەدىنىگە نەقىشلەر چېكىلگەن، چاچلىرى تولغانغان ئۇزۇن چاچ ئىدى.

قەبرىستانلىقتىن بايقالغان 1- خىل دوپپا سايىۋەنسىز دوپپا. بۇ  ھازىرقى زاماندىكى باروك ئۇسلۇبىدىكى دوپپىغا ئوخشايدىغان باش كىيىم بولۇپ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك يۇڭدىن توقۇلغان، قارىماققا ناھايىتى ئېسىلزادە ۋە سىپتا كۆرۈنىدۇ.

بۇ خىل دوپپا مىس قوراللار دەۋرىدە شىمالىي ياۋروپادىن تارقىلىپ، كېيىنچە 17-ئەسىردە فرانسىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرىلىپ كىيىلگەن ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئەسكىرىي كىيىم ئورنىدا قوللىنىلغان. قەدىمكى يېقىن شەرى ۋە ئوتتۇرا شەرق سەنئىتىدىمۇ بۇ خىل دوپپا نۇسخىلىرى ئۇچرايدۇ.

چەرچەندىن تېپىلغان بۇ خىل دوپپىنىڭ توقۇلۇش ئۇسۇلى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، بىر تال يىڭنە بىلەن ئايلانما گۈل چىقىرىپ ئىلىپ توقۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى توقۇش تېخنىكىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تېخى بىگىز بىلەن توقۇش تېخنىكىسى بارلىققا كەلمىگەن دەۋرلەر بولۇپ، بۇ دەۋردىن يەنە ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىن ئاندىن بارلىققا كەلگەن. [6]

2-خىل باش كىيىمى مۈڭگۈزلۈك قالپاق. بۇ خىل دوپپا خۇددى شىمالىي ياۋروپادىكى قاراقچىلار كىيگەن viking قالپىقىغا ئوخشايدۇ. بۇ خىل قالپاقلاردىن ئىككى دانە بايقالغان بولۇپ، ئاق رەڭلىك يۇڭدىن توقۇلغان بۇ خىل قالپاقنىڭ ئۈستى قىسمىگە ئاق يۇڭدىن ئېشىپ ياسالغان خۇددى مۈڭگۈزگە ئوخشايدىغان زىننەت بۇيۇمى قادالغان.

3-خىل باش كىيىمى  ئۇچلۇق بۆك. بۆكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، توقۇلغان يۇڭ رەختتە تەپچىپ تىكىلگەن.

بۇ خىل بۆك قارىماققا قەدىمكى گرېكلارنىڭ ئەجدادى بولغان فرېكلارنىڭ باش كىيىمىگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئۇچلۇق بۆك تۈركچىدە frikya başlığı دەپ ئاتىلىدۇ. فرېكلارنىڭ بىر قىسمى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1200-يىللىرى ئاناتولىيەگە كۆچكەن بولۇپ، بۇلار ياشىغان جايلار بىلەن چەرچەننىڭ ئارىلىقىدىكى مۇساپە ئىنتايىن يىراق ئىدى. شۇڭا بۇ خىل بۆك چەرچەنلىكلەرنىڭ قولىغا قانداق يېتىپ كەلدى؟

ياكى سوۋغاتلىق بولۇشى مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار تۇغۇلىدۇ. فرېكلار يايلاق خەلقى بولغاچقا، ھايۋانلار ئۈچۈن مول سۇ ۋە ئوتلاق مەنبەسىنى ئىزلەپ بۇ يەرلەرگە كېلىپ ماكانلىشىپ، كېيىن يەنە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشتىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بار.

1991-1992-يىلى تۇرپان تەۋەسىدىكى سۇ بېشى يېزىسىدىن 23 دانە جەسەت بايقالغان بولۇپ، قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-4-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئايال روھانىلار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۈچ ئايال جەسەتنىڭ قەبرىسىدىن قوي يۇڭىدىن قىلىنغان تېرە جۇۋا، قارا رەڭلىك ئۇچلۇق تەلپەك ۋە تېرە ئاياغ قاتارلىق بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان. غەربلىكلەرنىڭ نۇقتىئىينەزەرىدىن ئالساق، بۇ خىل تەلپەك خۇددى غەرب رىۋايەتلىرىدىكى جادۇگەرنىڭ ئۇچلۇق قارا رەڭلىك كۇلا تەلپىكىگىلا ئوخشايتتى.

ئۇچلۇق بۆكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ بولۇپ كاناينىڭ ئاغزىدەك كەلگەن بارغانسېرى تارىيىپ ماڭغان. بۆكنىڭ ئىگىزلىكى 60 cm كېلىدۇ. جەسەتلەرنىڭ بىرىنىڭ دوپپىسىنىڭ ئۇچ تەرىپى ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، بەزى ئارخېئولوگلارنىڭ پەرىزىچە بۇ ئايالنىڭ ئىككى ئېرى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئۈچ ئايال جەسەتنىڭ بويى ئىگىز ۋە ناھايىتى سالاپەتلىك ئىدى. چاچلىرى تۈگۈلۈپ بىر خالتىغا سېلىنغان ۋە بېشىدىكى بۇ بۆكلەر يېنىغا قويۇپ قويۇلغانىدى. قەبرىدىن يەنە تارغاق، ئەڭلىك ۋە قاشلىق قاتارلىق بۇيۇملار سېلىنغان خۇرۇمدىن ياسالغان گىرىم خالتىسىمۇ بايقالغان.[7]

ئاندرونوپ مەدەنىيىتىنىڭ ناماياندىلىرىدىن بولغان قەدىمكى ئارىيان-ساكلارنىڭ كۇلا شەكىللىك تۇماقلىرىنى «كۇلا»، «ئۆرە تەلپەك» ياكى «بۆرك» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

ئىلى رايونىدىن تېپىلغان مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت ئۇزۇن بۆكلۈك ھەيكەل

گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالبېرت فون لېكوك A.von.Lecoq ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سەپىرى ھەققىدە يازغان «تۇرپاندىن توپلانغان ماقال-تەمسىللەر ۋە سۆزلۈك» Sprichwörter und Lieder aus der Gegend von Turfan ناملىق كىتابىدا «ئۆرە بۆرك» دېگەن سۆزنى große mütze دەپ تەرجىمە قىلغان ۋە قۇمۇل رايونىدا شۇنداق ئاتايدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان.[8]

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «تۈرك» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا كۆزقارىشى ئۆزگىچە بولۇپ، كۆكتۈرك دەۋرىدىكى «تۈرك» ئىبارىسى ئالتاي تاغ چوققىلىرىدەك تۇماقلارنىڭ يانلىرى قالپاق، شىلەپىدەك قاتلانغان، تۈرۈلگەن بولغاچقا، «تۈرك» تۇماقلىقلار دەپ ئاتالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە بۇ قاراشتا مۇنداق ھەقىقەتنى ئاساس قىلىدۇ: بۇ ئاتالمىنىڭ كۆكتۈرك خانلىقىدىن ئىلگىرى بولۇشىدا گەپ يوق، يەنە كېلىپ بۇنداق ئۇچلۇق قالپاق مېتال فىگۇرلار ھازىرغىچە مەۋجۇت. بۇ خىل كۇلا قالپاق يەنە زېمىندىكى تۇر-ئىستىھكاملارغىمۇ، كۆكتەڭرى ماكانى دېيىلىدىغان تاغ چوققىلىرىغىمۇ ئوخشايدۇ. تارىختا يەنە بىر قىسىم قەبىلە ۋە مەزھەپ، گۇرۇھلارنى  تىك، ئۆرە ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان «تۇر» ئىبارىسى بىلەن ئاتايدىغان ئادەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، قارا قالپاق، ئاق تەقىيە، قارا تەقىيەلىكلەر، بۆركلى قەبىلىسى قاتارلىقلار. [9]

يەنە بىر خىل نۇقتىئىينەزەردىن ئالساق، بۇ خىل تەلپەكنى ساكلارنىڭ ئۇچلۇق بۆكىگە ئوخشىتىشقا بولاتتى. بۇ كونۇس شەكىللىك كىگىز تەلپەكلەر بىزگە ساكلارنىڭ كۇلا شەكىللىك بۆكلىرىنى ئەسلىتىدۇ، مانا بۇ مەدەنىيەتتىكى ئىزچىللىقنىڭ بىر ئىپادىسى.

ۋەتىنىمىزدە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ساكلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پاكىتلار تېپىلىدۇ. كۆنەستىن تېپىلغان قەبرىلەرنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 555-250-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. قەبرىستانلىقتىكى كاۋكاز ئىرقى تىپىدىكى يەكتىز ئولتۇرغان

ھالىتى ھەيكەلنىڭ بېشىدا قايرىلىپ تۇرىدىغان كەڭ جىيەكلىك ئۇچلۇق كەلگەن تەلپىكى بار. تەلپەكنىڭ شەكلىگە قارىغاندا ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، تىپىك ساك تەلپىكىگە ئوخشايدۇ.

ئېنگىلىز تىلىدىكى «سېھىر» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان magic دېگەن دېگەن سۆز پارسچىدىكى زوروئاستىرىيان دىنىدا «پوپ» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان maguš دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. سېھرىگەرلەر دېگەندە بىز ئادەتتە ئاسترونومىىيە، ئاسترولوگىيە يەنى يۇلتۇزلار تەتقىقاتى، تىببىي بىلىملەرگە ئىگە، روھىي دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان ۋە شامال ، يامغۇر قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كونترول قىلالايدىغان، بېشىغا ئېگىز تەلپەك كىيىۋالىدىغان شامانلارنى كىشىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز.[10]

ئۇنداقتا تۇرپاندىن تېپىلغان جەسەتلەر بىلەن پارسلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان زېمىن ئىدى. تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەردىن سىرت يەنە باشق مىللەتلەرمۇ بۇ زېمىندا ئۇزاق مۇددەت ياشاپ ، زېمىنىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

بېزەكلىكتىن تېپىلغان مەلىكىلەرنىڭ تام رەسىمى

تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىن قەدىمكى ئىران مىللىتىنىڭ بىر تارمىقى بولغان سوغدىلار يېزىقىدا يېزىلغان بۇددا، مانىي، نېستورىيان يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇلاردىن

قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا بوستانلىقنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە سوغدى مىللىتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئاقسۇ، كۇچار، تۇرپان قاتارلىق بوستانلىقنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا بولسا توخارلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىدى. ئاستا- ئاستا بۇ خىل مىللەتلەر تۈركلىشىپ، ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان.

قوجۇ ۋە قاراخانىلار دەۋرىدىكى باش كىيىملەر

مىلادىيە 4-ئەسىرگە كەلگەندە، بۇدىزىمنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان، خوتەن، كۇچار قاتارلىق جايلار تەۋەسىدە ئومۇملىشىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدا يېڭىچە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، مىمارچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن مىڭئۆي سەنئىتى، ئىبادەتخانىلار ئاساس قىلىنغان مىمارچىلىق شەكىللىنىپ راۋاجلاندى.

بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمۇ نەپىسلىك، كۆركەملىك سەۋىيەسىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى.

مۇرتۇقتىن تېپىلغان مىلادىيە 900-يىللارغا ئائىت ئاياللارنىڭ باش كىيىم نۇسخىلىرى

19-ئەسىردە گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەگە ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، ئارخېولوگلارنى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ۋەتىنىمىزگە ئېكىسپىدېتسىيەلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرى قىلىپ، مىرەن، كۇچاردىكى قىزىل ۋە قۇمتۇرا مىڭ ئۆيلىرى، قاراشەھەر، تۇرپاندىكى بېزەكلىك، مۇرتۇق قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك يازما يادىكارلىق ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ كەتكەن ۋە بۇ بۇيۇملارنىڭ بىر قىسمى ھازىر گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە شىۋېتسىيە  قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا.

مىلادىيە 900-يىللىرىدا بېزەكلىكتىن تېپىلغان توخارىيان ساخاۋەتچىلەر، قىزىل چاچلىق، كۆك كۆز، ساقاللىق

كۈسەن تام رەسىملىرىدىن ، بېزەكلىكتىكى تام رەسىملىرىدىن ۋە ھەيكەللەردىن ئەينى ۋاقىتتىكى چەۋەنداز، ياساۋۇللارنىڭ ئىنتايىن قامەتلىك، سالاپەتلىك كىيىنگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. قېزىلما يادىكارلىقلاردىنمۇ كۆپ مىقداردا توقۇلما بۇيۇم ۋە زىبۇ-زىننەتلەر چىققان بولۇپ،بۇلاردىن بۇ دەۋردە كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ، ھۈنەر-سەنئەت بىلەن كىيىم-كېچەكنى بېزەپ گۈزەللەشتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

ئۈنچە مەرۋايىت قويۇلغان دوپپىلار

باش كىيىملىرىمۇ ئىلگىرىكى يۇڭ ۋە تېرە تۇماقلاردىن تەرەققىي قىلىپ، تاج، بۆك، دوپپا، مالخاي، كىمخاپ دوپپا، تور پەردىلىك شىلەپە، پاختىلىق قۇلاقچا قاتارلىقلارنى كىيگەن. بۇ دەۋردە كىيىم-كېچەك ۋە باش كىيىملەرنىڭ ئەر -ئايال پەرقى روشەن، ئىجتىمائىي ئورنى، كەسىپلەرگە قاراپ ئايرىلغان بولۇپ، خان ۋە خان جەمەتىدىكىلەر، ئاق سۆڭەكلەر، روھانىيلار، سەنئەتكارلار، پالۋانلار ۋە ئاۋام خەلقنىڭ كىيم-كېچەكلىرىدىن ئىبارەت تۈرلەرگە بۆلۈش مۇمكىن.

كۇچار مىڭئۆي 123-غاردىكى ئەرەنچە كىيىنگەن ئايال ساخاۋەتچى قۇش قاناتلىق ئاق مالخاي  كىيگەن بولسا ،قىزىل مىڭئۆينىڭ 1-غارىدىكى رەسىمدە بىر ساخاۋەتچى چېچىنى كىمخاپ ياغلىق بىلەن چىگىپ،جاۋاھىراتلار بىلەن زىننەتلىگەن، قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 45-غارىدىكى  روھانىي چېچىنى ئىگىز تۈگۈۋالغان، بېشىغا ساماۋى مارجان، قولىدا نىلۇپەر گۈلى تۇتقان، بېغىشىغا بىلەيزۈك تاقىغان ھالەتتە بولۇپ، تولىمۇ پۇزۇر كۆرۈنىدۇ.

خان ۋە خان جەمەتىدىكىلەر بېشىغا تاج ۋە ئوتۇغاتلارنى تاقىغان. بۇ خىل ئوتۇغاتلار يىپەك بوغقۇچ بىلەن ئىڭەكتىن بوغۇپ مۇقىملاشتۇرۇلغان.

مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ساقالدۇرۇق» دەپ بىر ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنىپ، قالپاقلارنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېڭەكتىن باغلىۋالىدىغان يىپەك رەختتىن توقۇلغان بوقۇچ دەپ ئىزاھلانغان. دىۋانغا ئاساسەن، ئاياللارنىڭ پۈركەنجىسىنى باغلىۋالىدىغان بوقۇچنىڭ ئىسمى ئېڭەك دەپ ئاتىلاتتىكەن. بۇ خىل ئادەت كروراندىن تېپىلغان يۇڭ بۆككە بوقۇچ باغلاش ئادىتىگە ئوخشىسا، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ چاچ قىسقۇچلىرىغا گۈل ۋە پەيلەرنى قاداش ئادىتىمۇ لوپنۇر رايونىدىن تېپىلغان يۇڭ بۆكلەرگە قۇش پېيى قاداش ئادىتىگە بولغان ۋارىسلىق ئىدى.

بىر قىسىم تام رەسىمى ۋە ھەيكەللەردە نەۋكەرلەرنىڭ دۇبۇلغا كىيگەن تەسۋىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپ قىسىم دۇبۇلغىلار نەشپۈت شەكىللىك ۋە قوڭغۇراق شەكىللىك دۇبۇلغا بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئۇچىغا قۇش ھەيكىلى قوندۇرۇلغان. بۇ خىل دۇبۇلغىنىڭ تارىخىنىڭ كورىيەدىن تېپىلغان دۇبۇلغىدىنمۇ تارىخى ئۇزۇنلىقى ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلارغا ئائىت ئۇچۇرلار بولۇپ، دۇبۇلغىنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان ئىچ باشلىققا ئىزاھات بېرىلگەن. دۇبۇلغىلارغا پۆپۈك ۋە قۇببە ئورنىتىلاتتى. بۇلاردىن مىلادىيە 5-7-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز.

دىۋاندا يەنە باش كىيىملەردىن قوتۇرما بۆك، يەنى ئالدى ۋە ئارقا تەرىپى قايرىلىدىغان بۆك تىلغا ئېلىنغان. يەنە بۇ مەنبەگە ئاساسەن ئاياللارنىڭ ساراغۇچ، بۈرۈنچۈك، دەمدەك قاتارلىق بىرنەچچە خىل رومال ۋە پۈركەنجىلەرنى قوللانغانلىقىدىن ئىبارەت مەلۇماتقا ئېرىشىمىز.

بۇ دەۋردە باش كىيىملەرنىڭ تىكىلىش ۋە توقۇلۇش تېخنىكىسىمۇ يېڭىلىنىش يۈز بېرىپ، نەقىش، جىيەك، كەشتە، گۈل چىقىرىش، قاتلاش، پۈرۈش، زىغزىق چىقىرىش قاتارلىق ماھارەتلەرمۇ قوللىنىلىپ، مۇرەككەپ، كۆپخىل ۋە رەڭدارلىققا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇلار ئەينى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك تەلىپىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم باش كىيىملىرى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىستىمالدىن قالغان، بىر قىسىملىرى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ بارغان. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ جەرياندا خەلقىمىز مەيلى ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلسۇن ياكى ئوخشىمىغان ھاكىمىيەت ۋە دۆلەت تۈزۈمىگە يۈزلەنسۇن، بۇ جەرياندا ئۆرە بۆككە بولغان ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن.

بەزىلەر ئۆرە بۆكنىڭ سىمۋوللۇق خاراكتېرىنى قۇياش، ئوتقا بولغان ئېتىقاتتىن دەپ كۆرسەتسە، بەزىلەر شامان دىنىدىكى دەرەخكە چوقۇنۇشتىن «ھاياتلىق دەرىخى» گە بولغان سىمۋوللۇق روھتىن قالغان دېيىشىدۇ. ھازىرقى زاماندا قەشقەر، يەكەند رايونلىرىدا كاچۇڭ تۇمىقى، دولان تۇمىقىغا ئوخشاش ئۆرە تۇماق كۆپرەك كىيىلىدۇ.

بىر قىسىم تۇماقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىرقى دوپپىلىرىمىز ئاساسەن گۈمبەز شەكلىدە. مېنىڭچە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ گۈمبەز شەكلىنى ئېلىشى كېيىنكى ۋاقىتتا قاراخانىلار دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلامنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مىمارچىلىق، رەسساملىق ، نەققاشلىق سەنئەتلىرىگە گۈمبەز ئەقىدىسى سىڭىپ كىرىشى بىلەن تەڭ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئېستېتىك قارىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتۈپ تەدرىجى گۈمبەز شەكلىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ، «دوپپا» دېگەن  ئىسىممۇ «بۆرك» دېگەن قەدىمىي سۆز بىلەن بەزىدە تەڭداش مەنىدە ۋە بەزىدە ئورنىنى ئېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان. بەزى تەتقىقاتچىلار دوپپا تۆپە دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئالبېرت فون لېكوك 1800-يىللىرى يەركەندىن ئەكەلگەن دوپپا

ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي دوپپا شەكلى خوتەننىڭ يۆتكەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان رەڭدار ھەيكەللەرنىڭ بېشىدا كۆزگە چىلىقىدۇ، يىل دەۋرى ، مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىگە توغرا كېلىدۇ. ئاۋرېل سىتەيىن خوتەندىكى دەندان ئۆيلۈك خارابىلىقىدىن يېپىلغان ئايال ھەيكەلنىڭ بېشىغا زىغزىق چىقىرىلغان دوپپا كىيگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

19-ئەسىردىن باشلاپ ۋەتىنىمىز غەربلىك ۋە رۇس بىر سەيياھلارنىڭ ، ئارخېئولوگلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان «مەككە» سىگە ئايلانغاندىن بېرى، ئۇلار ۋەتىنىمىزدىن ئۆزلىرىگە كېرەكلىك يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوفرافىيە ۋە تۇرمۇشىغا ئائىت ماتېرىياللارنىمۇ توپلىغان. بىر قىسىم ئېكىسپىدېتسىيەچى ۋە مىسسىئونېرلارمۇ بۇ جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينىغان. 19-ئەسىرگە ئائىت باش كىيىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى جەھەتتە، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئەر-ئايال پەرقى، ياش پەرقى، يۇرت پەرقى، ئىجتىمائىي ئورۇن پەرقى قاتارلىقلار بارغانچە روشەنلىشىپ بارغان.

تۇرپانلىقلارنىڭ باش كىيىملىرى

بۇ دەۋردە مۆتىۋەر كىشىلەر ھىندىستان داكىسىدىن بېشىغا سەللە يۆگەيدۇ، دېھقانلار سەللە يۆگىمەيدۇ، ئەمما بازارغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ساتقىلى ئېلىپ كىرگەندە بېشىغا سەللە يۆگەيدۇ. ياشلار بولسا سۆسەر، تۈلكە، كۆرپە ۋە بۇلغۇن تېرىلىرىدىن تۇماق كىيىشىدۇ. ئەرلەرنىڭ تۇماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپەك ياكى پاختا رەختتە تىكىلىدۇ ۋە شەكلى گۈمبەز شەكىلدە بولىدۇ. ئاياللار كەمچەت تۇماق كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇماقلىرىمۇ گۈمبەز شەكىلدە بولۇپ، نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ.

قەشقەر ئۇيغۇر ئاياللىرى بېشىغا ، كەشتىلىك چىرايلىق دوپپىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن ئاق لېچەك ئارتىدىغان بولۇپ، نىكاھلىق ئاياللار ئوشۇقىغىچە كېلىدىغان لېچەك ئارتىدۇ ۋە پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرۇش ئۈچۈن، بېشىدىن تارتىپ ئوشۇقۇغىچە لېچەك بىلەن تولۇق ئورۇنىدۇ. بۇ بىر خىل نېپىز داكىدىن تىكىلگەن راھەت لېچەك ئىدى ۋە ئاياللارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى. ھىندىستان داكىسىدىن تىكىلگەن تۆت چاسا لېچەك بەھرى دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىل پۈتۈنلەي كەشتىلىك گەردىش دەپ ئاتىلىدىغان لېچەك بولۇپ، ياز كۈنلىرى ئارتىدۇ. يۈزىگە قىسقا بىر چۈمبەردە ياپىدۇ، ئادەتتە لېچەكنىڭ رەڭگىگە ئوخشىمايدىغان رەڭدە بولىدۇ.[11]

19-20-ئەسىرلەردە ئەتراپتىكى ھىندىستان، روسىيە، ئافغانىستان ، قوقەند، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسى كۈچەيگەن بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن باش كىيىملەرنىمۇ كىيىدىغان بولغان.

ھازىرقى زاماندا باش كىيىملىرىنىڭ سانى 50 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، دوپپىلاردىن مامپۇ دوپپا، بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالاتۇن دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلىرى بار. تۇماقلاردىن كۆرپە تۇماق، سالۋار تۇماق، داۋغان تۇماق، تەلپەك، كېرىيە تەلپىكى، كاچۇڭ تۇمىقى، سۆسەر تۇماق قاتارلىق تۈرلىرى بار.

ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى مەيلى تۇماق بولسۇن مەيلى دوپپا بولسۇن تۆت قىرلىق ياكى تۆت تالالىق قىلىپ تىكىلىدۇ. تۆت بادام تۆت گۈل، تۆت تامغا بولىدۇ. چۈنكى «تۆت» كۆپلىگەن دىن ۋە مەدەنىيەتلەردە خاسىيەتلىك سان دەپ قارىلىدۇ. تۆت تەرەپ، ئالەم تۆت تادۇدىن تۈزۈلگەن. «قۇتادغۇ بىلىگ» تىمۇ تۆت پېرسۇناژ بار، ئىسلام دىنىنىڭ سۈنىي مەزھىپىمۇ تۆت چاھاريانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئەجداتلىرىمىزنىڭ باش كىيىملىرىگە ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان ئەقىدە ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى، تارىخىي ئەنئەنىسى مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۇدۇم بولۇپ كەلگەم ئۆرپ-ئاادەتلىرى ۋە مىللىي خاسلىقى مۇجەسسەملەنگەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، 2002-يىل

Vivi Sylwan (1941) «Wollen Textile of the Loulan People»

Elizabeth Wayland Barber, 1999, The Mummies of Ürümchi

P. Mallory, Victor H. Mair , 2000, The Tarim mummies: Ancient China and the mystery of the earliest peoples from the West

von Le Coq (1911) «Sprichwörter und Lieder aus der Gegend von Turfan»

https://en.wikipedia.org/wiki/Magi

John Törnquist, «Kashgar» 1926

ئىزاھاتلار: 

[1] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، 2002-يىل، 101-بەت

[2] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، 2002-يىل، 116-بەت

[3] Vivi Sylwan (1941) «Wollen Textile of the Loulan People» ,p.46

[4]  Elizabeth Wayland Barber ,1999,  The Mummies of Ürümchi, p.126

[5] Elizabeth Wayland Barber ,1999,  The Mummies of Ürümchi, p.118

[6] Elizabeth Wayland Barber ,1999,  The Mummies of Ürümchi, p.33

[7] J. P. Mallory, Victor H. Mair , 2000, The Tarim mummies : Ancient China and the mystery of the earliest peoples from the West, p.196

[8] A. von Le Coq (1911) «Sprichwörter und Lieder aus der Gegend von Turfan» ,p.82

[9] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، 2002-يىل، 116-بەت

[10] https://en.wikipedia.org/wiki/Magi

[11] John Törnquist, «Kashgar» 1926

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top