You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران

ھىجران

ھىجران

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

زامان پۈتۈنلەي ئاينىدى،

ئوسال كىشىلەر تەۋرىدى،

پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،

دۇنيا بېگى يوقۇلۇپ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ بۇياققا قاراپ يولغا چىققانلىقىدىن خەۋەر ئالغاندىن كېيىن، بۇ تۇرادا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىمكانى قالمىغانلىقىنى بىلىپ، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سانجۇ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، يەنە ئىككى كۈن يول يۇرگەندىن كېيىن سۆگەت قورۇلغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ يەردە ئالتە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ كېلىۋاتقان تۇڭگانلارنىڭ شەپىسىنى سېزىپ، ھىندىستان تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ئات ئۈستىدە باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان ئەردەم قاتارلىق ئون ئىككى باھادىرغا قاراپ، ئۇنىڭ ئىچى سىرىلىپ، كۆڭلى يېرىم بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئۆز ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا چىدىمايۋاتاتتى. ئۇلار مۇشۇ قارا تۇپراقلاردا ئۆلۈشكە رازى ئىدىكى، بۇ تۇپراقلاردىن پۇتلىرىنى ئۈزۈشكە رازى ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ئەردەم داۋاملىق ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقاتلىقىنى ھەممىدىن بەك چاندۇرۇپ قويۇۋاتاتتى.

ئۇ يەنە ئوڭ قولى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئۈچ قېتىم سىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئانا زېمىنغا سىنچىلاپ قارىدى، شۇ تاپتا خۇددى دادىسى ئۇنىڭغا «ئوغلۇم! ئوغلۇم! نەگە كېتىۋاتىسەن، قايسى يولغا؟» دەپ، ئانا زېمىن ئاستىدا تۇرۇپ ۋارقىراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. دادىسىنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى، ياداڭغۇ يۈزى، قاداق باسقان قوللىرى، ئېغىر بازغان ۋە سەندەل ئۈستىدىكى چوغدەك قىزارغان تۆمۈرلەر كۆز ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئىچىدە، «مەن ئەنە شۇنداق ئېزىلگەن ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن بۇ يولغا چىققان ئەمەسمىدىم، شۇلارنىڭ بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئەمەسمىدىم، دوستلىرىم ئاشۇلار ئۈچۈن، ئانا يۇرت ئۈچۈن ياش جانلىرىنى پىدا قىلغان ئەمەسمىدى، دۇنيادا مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان سۆيگىنىم پەرۋىندىن شۇ سەۋەپتىن ئايرىلغان ئەمەسمىدىم، يەنە شۇ سەۋەپتىن ئاشىقنىڭ ھىجران ئازابلىرىغا چىداپ، تاغ – دالالاردا داق يەرلەردە يېتىپ كۈرەش قىلغان ئەمەسمىدىم. ئەمدى ئۆز يۇرتىمىزدىن ئۆزگىلەر قوغلىدى، بۇ دۇنيادا ئادالەت يوقمۇ؟» دەپ، ئۆزىگە تۈگىمە سۇئاللارنى قوياتتى.

سوغۇق تاغ شامىلى ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئۇچۇرتسا، چاپىنىنىڭ ياقىسى سەرسان قۇشنىڭ ھالسىزلىغان قانىتىدەك يەلپۈنەتتى، يۈز – كۆزىدە سۆيگۈ، دەرد ۋە ئېچىنىشلىق بىر ھىجران ئازابى بار ئىدى. چارچىغان ئاق قاشقىلىق ئېتى ئۇنى ھاپاش قىلىپ كۆز يەتكۈسىز داۋان ئۈستىگە توختىماي يامىشىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ھېچ كۆرۈپ باقمىغان يىراقلاردىكى يات بىر دۇنياغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇياقتا ئۇنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. بىلىدىغىنى پەقەت، شۇ يەرلەردە كۈچىيىپ پەيتى كەلگەندە قايتىپ كېلىپ، ئۆز يۇرتىنى ئازات قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، يۈرىگى ئۈستىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باستى، ھازىر ئۇنىڭ مۇشۇ ئېتى بىلەن ھەزرىتىمدىن باشقا ھېچنېمىسى قالمىغان ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆككە باقتى، ئەمما يۈرىكى تېخىمۇ سىقىلىشقا باشلىدى، ئىچىدە بىر سانجىق پەيدا بولدى. ئۇ يەنە تاغنىڭ ئۇچلۇق چوققىلىرى تاقاشقان كۆز يەتكۈسىز ساماغا قارىدى ۋە  ئۇپۇقلارغا قەدەر سوزۇلغان سامان يولىنى كۆرگەندەك بولدى، سامان يولى كۈمۈشتەك پارقىراپ، ئۇنىڭغا يەنە ھىجران يوللىرىنى ئەسلەتتى.

بۇ يولدا كېتىۋاتقان سەپداشلىرىنىڭ تۇيغۇلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى شۇنچىلىك بىئارام، ھاللىرى بىر – بىرلىرىدىن بەتەر ئىدى. بۇ ھاللارغا ئەلۋەتتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ شرىك ئىدى، لېكىن ئۇ بىر يولباشچى بولغاچقا، ئۆز سەركىلىرىگە قايتىدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلماقچى بولدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قاراپ: «بۈگۈن ئۈستىمىزگە باستۇرۇپ كەلگەن تۇڭگانلار خۇددى ئاشۇ تاغنىڭ ئۈستىگە قونغان توپا – چاڭلارغا ئوخشايدۇ. بۇ توپا – چاڭلار بىر شامال چىقسىلا ھەممىسى توزۇپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ تاغلار مۇشۇ ئانا تۇپراقنىڭ ئۈستىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە ئاشۇ ھەيۋەتلىك تاغلار دەل بىزگە ئوخشايدۇ. بىز بۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە ئەبەدىلئەبەد يوقالمايمىز. چۈنكى بۇ زېمىنىڭ ئىگىسى بىز. توغرا، بىز ھازىر ئانا يۇرتىمىز خوتەندىن قوغلاپ چىقىرىلدۇق، بىز ئۆمرىمىزدە ھېچ كۆرۇپ باقمىغان يات ئەللەرگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. بىز، ‹رىمدىن قوغلاپ چىقىرىلساڭ، رىمنىڭ سىرتىدا ياشايسەن، خالاس› دېگەن رىملىقلاردەك، بىز خوتەندىن قوغلاپ چىقىرىلدۇق، خوتەننىڭ سىرتىدىكى ئەللەردە ياشايمىز، خالاس، دەپلا، ھەممە ئىشقا خالاس قىلىۋىتىدىغان رىملىقلار ئەمەس. بەلكى بىز خوتەنلىك! بىرنى بىر دەيمىز! خوتەن بىزنىڭ،  بىز خوتەننىڭ، بىز خوتەنگە چوقۇم قايتىپ كېلىمىز، خالاس!

بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلدۇق، ئەپسۇس ئاجىز كېلىپ قالدۇق. قانداق كۈرەش قىلغانلىقىمىزنى پۈتۈن ئەل بىلىدۇ. كونىلار ‹ئەل ئۈمىدىنى ئەل ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار!› دەپتىكەن، بىزنىڭ بۇ كۈرەشلىرىمىزنى، بۇ يولدا كۆرسەتكەن بىداكارلىقلىرىمىزنى، دەريادەك سەل بولۇپ ئاققان شېھىتلار قانلىرىنى ئەل – يۇرت ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بۇ كۈرەشلىرىمىز تىللاردا داستان بولىدۇ، يازغۇچى، ئالىملىرىمىز دەستە – دەستە كىتابلارنى يازىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بىز پەقەت ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق!» دەپ كەسكىن خىتاپ قىلدى. ئاندىن ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، ئېگىز داۋاندىن ئاخىرقى قېتىم پەسكە نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرغۇسىنى كۆتۈرۈپ ۋەزىنلىك قىلىپ ئېيتقان «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق!» دېگەن جاراڭلىق سۆزلىرى، كۆز ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان مېھىرلىك خوتەن دىيارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغا تارىلىپ كەتكەندەك بولدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا «ئېھ، باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان، شېھىتلەر مازارلىقلىرى بىلەن قاپلانغان شېھىدانە خوتەن! شۇ مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى بىلەن تولغان، ئۇيغۇر خەلقىگە سۆيگۈ بىلەن باققان قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەريالىرى، مەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، قەھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار. مانا ھازىر سېنىڭ يۈزۈڭنى بىر قارا ھىجران تۇمانى قاپلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن شۇنچە دەردلىك، شۇنچە ھەسرەتلىك، شۇنچە مۇڭلۇق ئاقماقتاسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن غەزەپلىك سەن، شۇ غەزەپلىرىڭدىن تاشتىن – تاشقا ئۇرۇلۇپ، ئاپئاق كۆپۈكلەرنى چاچرىتىپ، نەچچە مىڭ يىللار بويى قوينۇڭدا ساقلاپ كەلگەن قاشتاشلىرىنى قىرغاقلىرىڭغا پىرقىرىتىپ ئېتىپ، يۈرەك – باغرىڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئاچچىقىڭدىن دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ ئاقماقتا سەن. كۆك بۆرىدەك ئاۋازلىرىڭنى چىقىرىپ، قىيا تاشلارغا ئۆزۈڭنى زەرب بىلەن ئۇرۇشلىرىڭدا، يىلاندەك تولغىنىشلىرىڭدا تاپتايىنلىق بىر چوڭقۇر مەنا بار. سەن بەلكى بىزنى يولىدىن ئۇزاقلاشتى دەپ ئويلىدىڭ. بۇنداق ئويلاشقا ھەم ئەلۋەتتە سېنىڭ ھەققىڭ بار، ھەر نېمە قىلماققا ھەققىڭ بار. مانا، مەن ۋە سەپداشلىرىم يولغا چىقىش ئالدىدا سەن بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن، ساڭا ھېرىس، تەشنا كۆزلىرىمىز بىلەن باغرىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرماقتىمىز.

بۇ ھاياتتا پەقەت سەنلا بىزنى چۈشىنىسەن، چۈنكى سەن بىزنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىمىزغا شاھىت بولدۇڭ، بىز يول يۈرگەندە، سەن بىزگە ھەمراھ بولۇپ يانمۇ – يان ئاقتىڭ. يولىمىز، يۆنىلىشىمىز بىر بولدى. مانا ھازىر بىز بىلەن سېنى ھىجران ئازابى ئازابلىماقتا. سەن بىزنى ئۇنۇتما، بىزنى ھەر زامان ئەسلە. بىزنىڭ سۆيگۈمىزنى، ۋاپادارلىقىمىزنى، ۋەتەن سۆيەرلىكىمىزنى، ئار – نۇمۇس ئۈچۈن كۈرەش قىلغان روھىمىزنى، ئەزگۈ ھېسلىرىمىزنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېقىتىپ، ئەزىم تارىم دەرياسىغا قوشۇلۇپ تەكلىماكانغا سىڭىپ كەت! ئەي ئۇلۇغ ئانا يۇرت! سېنىڭ ئۈچۈن چەككەن ئەلىمىم، سېنىڭ ئۈچۈن تارتقان دەرتلىرىم، سېنىڭ ئۈچۈن ئۇچرىغان جاپا – مۇشەققەتلەر مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك راھەت! مەڭگۈلۈك بەخت – سائادەت! سەن بىزدىن رازى بول! ھەققىڭنى بىزگە ھالال ئەيلە. سەن ئۈچۈن تۆككەن قانلار سېنىڭ يۈزۈڭنى مەڭگۈ پاك تۇتسۇن! ئەلۋىدا، ۋەتەن! بىزنىڭ روھىمىز ھامان سەن بىلەن بىرگە، بىز پەقەت سېنىڭ ئۈچۈن سېنىڭدىن ئايرىلدۇق!» دېگەن ئويلارنى كۆڭلىدە ئويلاپ، لېۋىدە پىچىرلاپ، ئېگىز داۋانغا قاراپ ئات سالدى. ئۇ قاتمۇقات داۋانلار ئاشقاندا، بۇ ھىجران يوللىرىنى پات يېقىندا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئانا يۇرتقا تېزرەك قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىد، ئارزۇغا چۆمۈلگەن ئات ئۈستىدىكى سىيماسى ماكان سۈپەتلىك تاغلار ئىچىگە، زامان سۈپەتلىك يولچىلار ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى.ئەي ھىجران يولچىسى، خەيرلىك بول! ھىجران يولىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى قەلب كۆزۈڭنىڭ نۇرى بىلەن ئىرادەڭنىڭ تاللاش  ئىقتىدارىدا! ئۆز يۇرتىنىڭ تۇپراقلىرىدىن ئاستا – ئاستا يىراقلىشىۋاتقان يولچىلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قاناتلىرى ئاستىدا، جالالىدىن رۇمىنىڭ «ھىجران ئەتمە» ناملىق شېئىرىنىڭ ھېكمەتلىك مىسرالىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى.

ئاللاھىم بۇ ۋىسالنى ھىجران ئەتمە،

ئاشىقنىڭ مەستخۇشلىرىنى نالە ئەتمە.

سۆيگۈ باغلىرىنى ياپيېشىل قوي،

بۇ ئاشىق باغلىرىنى ۋەيران ئەتمە.

تال ياپراقىنى قاقما خازان پەسلىدەك،

خەلق بېشى قايغان ھەقىر ئەتمە.

قۇش ئۇۋاسى بار دەرەخنى ئۆرىمە،

قۇشلارنى دات – پەريات ئەتمە.

قۇمۇنى ۋە مۇمىنى ئارىلاشتۇرما،

دۈشمەنلەرنى كور قىل، شاد ئەتمە.

ئوغرىلار ئايدىڭلىقنىڭ دۈشمىنى،

ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان ئەتمە.

ئىقبال قىبلىسى پەقەت خەلق ئۈچۈن،

ئۇمىد كەبىسىنى ۋەيران ئەتمە.

بۇ چېدىر يىپلىرىنى ئۇنداق قاتلىما،

چېدىر سېنىڭدۇر ھەي سۇلتان! ئەتمە.

يوقتۇر دۇنيادا ھىجراندىن بەتەر ئاچچىق،

نېمە قىلساڭ قىل – دە، ئۇنى ئەتمە.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top