You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئامىنە بۇغرا تۇراغا كەلدى

ئامىنە بۇغرا تۇراغا كەلدى

ئامىنە بۇغرا تۇراغا كەلدى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تەبىئەت قوينىدا يېتىپ ئۆكۈنۈش، ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تەئەججۇپلىنەرلىك ئىشلارنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، يەنە خۇشاللىق كۈنلەرنىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەسلەپ، ئۆز كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشتى. خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنى بىر يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە خوتەن دىيارىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىپ، شەرقتە چارقىلىقتىن تارتىپ غەربتە يېڭىسارغىچە بولغان زېمىنلارنى ئازات قىلغان چاغلارنى، ئايمۇ ئاي، كۈنمۇ كۈن، سائەتمۇ سائەت بويىچە كۆز ئالدىدىن بىرمۇبىر ئۆتكۈزدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خېلى كۆپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ۋە خوتەننىڭ يۇرتئەھلى ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەنلەردىن بىرمۇنچىسىنى مەككە مۇكەررەمگە ھەج تاۋابى ئۈچۈن يولغا سېلىۋەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى، ئۇ: «بولمىسا مۇشۇ ئۇرۇش مالىماتاڭچىلىقىدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئالار ئىدىم؟ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قانداقمۇ قوغدايتتىم؟ ھەقىقەتەن ھەج تاۋابىدەك بۇ مۇقەددەس يولدا نۇرغۇن ساۋاب ۋە ھېكمەت بار ئىكەن! مانا، ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئاكىسىدەك كۆرىدىغان ئىلاخۇن ئاكىغا ۋە ئۇنىڭ قىزى پەرۋىنگىمۇ ئىگە چىقالمىدىم، ئۇلارنى قوغدىيالمىدىم. ھەتتا ئىككى ئىنىمنىڭ قەبرىسىنىڭ نەلەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، ئۇلارنىڭ قەبرە بېشىدا ئولتۇرۇپ ياسىن ئوقۇشقىمۇ نېسىپ بولمىدى. شۇنچىلىك چارىسىز، ئاجىز بىرسىگە ئايلىنىپ قالدىم، ئەمدى مانا ئۆز ئايالىم بىلەن قىزىمنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدىنمۇ بىخەۋەرمەن» دەپ، يەنە ئۇھ تارتتى. ئۇ، ئائىلىسىنىڭ ئۆز يېنىدا بولۇشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلدى ۋە ھىجران يولىدا سەدپارە بولغان قەلبى ئۇلارنىڭ ۋىسال يولىغا ئىنتىزار بولدى. ئۇ ئېگىز خىياللار تېغىدا پەرھاتتەك كېزىپ، كېچىچە ئۇياقتىن – بۇياققا ئېغىناپ ياتقاچقا، ئۇيقۇ كەلمىگەن كۆزلىرى تېخىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرى،  ئۈمىدسىز خىياللاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۆزىنى سۈتتەك ئاقىرىپ تۇرغان تۈن باغرىغا قاراتتى. ئاينىڭ يۈزى كۆككە ئېسىلغان ئالتۇن تاۋاقتەك يالتىراپ تۇراتتى، ئەتراپىدا جىمىرلاپ تۇرغان دۇردانە يۇلتۇزلار كىشىنىڭ غەش كۆڭلىنى ۋاللىدەك يورۇتۇۋىتەتتى. قارىماققا بۇ تۈننىڭ چېكى يوقتەك، ئاي پاتماي، يۇلتۇزلار ھېچ ئۆچمەيدىغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بەرىبىر تاڭ ئاتاتتى، ئاي پېتىپ، يۇلتۇزلار ئۆچۈپ، مېھىرلىك قۇياش جاھاننى يورۇتاتتى. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ مەڭگۈ بۇزۇلماس نىزامى ئىدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىككى ئىنىسى شېھىت بولغاندىن كېيىن ئارقا – ئارقىدىن ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەر سەۋەبىدىن، مۇشۇ ھالغا ئامالسىز چۈشۈپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ بۈگۈن ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن پەرۋىننىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى، ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىماقتا ئىدى. ئۆز ئىنىسىدەك كۆرىدىغان ئەردەمنىڭ تېخى بېلى قاتماي تۇرۇپ بۇنداق ئېغىر ئەلەملەرنى تارتىشىغا كۆزى قىيمايتتى. نە چارە، مۇشۇ كۈنلەردە تۇڭگانلارنىڭ قانلىق قولى يەتمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى قالمىغان ئىدى. ئارقا – ئارقىدىن بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قەلبىنى ئامبۇردەك قىسىۋاتاتتى. ئۇ بۇ كېچە كۆزىنى يۇمۇشقا شۇنچە تەرەددۇت ئەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزىدىن ئۇيقۇ قېچىپ، تاكى تاڭ سۈزۈلگۈچە ھېچ كىرپىك قاقماي چىقتى. ئۇ: «مانا مۇشۇنداق دەرت، ئىزتىراپ ۋە ھىجراننىڭ ئازابىدا چارىسىز قىلىۋاتقان مەندەك بىر يولباشچى بارمىدۇ جاھاندا؟ مۇنداق يولباشچىنى قايسى ماكان، قايسى زاماندا كۆردىڭىز؟ ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ! ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ يوللىرىغا تەلمۈرۈپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى مەن بولۇپ قالاي! ھېچكىمنى ۋاقىتسىز قارا تۇپراقنى قۇچاقلاتقۇزۇپ قان يىغلاتمىغىن! ھېچكىمنى ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، ھىجران يولىدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلمىغىن! بۇ دۇنيادا ئەنە شۇنداق غېرىپ يولچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى مەن بولۇپ قالاي!» دەپ، ئۆز ئۆزىگە سوئال قويۇپ، ئاللاھقا نىدا قىلىپ تاڭنى كۈتۈۋالدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ 40 باھادىرى بۇ تۇرادا ئون كۈندىن بېرى تۇرۇۋاتاتتى. بۇ جەرياندا ئەڭ خوشاللىق ئىش شۇ بولدىكى، ئەبەيدۇللاھ ئۆز يىگىتلىرىدىن ئىككى چەۋەنداز ئەزىمەتنى يېنىغا ئېلىپ بىر كېچىسى تۇيۇقسىز كۆزدىن غايىپ بولدى – دە، ئەتىسى نامازشامدا ئەرشتىن چۈشكەن مالائىكىلاردەك، ئامىنە بۇغرا بىلەن قىزىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇراغا باشلاپ كەلدى. تەڭرىنىڭ رەھمى ۋە يىگىتلەرنىڭ سەۋەب قىلىشى بىلەن كۆرۈلگەن بۇ مۆجىزە، تۇرادىكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشلىق پۈتۈن ئەسكەرلەرنى ئالەمچە ھاياجانغا سېلىپ، شۇنچىلىك بەختلىك قىلىۋەتكەن ئىدى. قىزغۇچ تورۇق ئاتنىڭ ئۈستىدە چەبدەس ئولتۇرغان ئامىنە خانىم ئورۇق ئوتتۇرا بوي، قەددى – قامىتى قاملاشقان، ئاق يۈزلۈك، يېقىملىق ئايال ئىدى. ئامىنە بۇغرا ئالدىدا ئولتۇرغان قىزى پاتىمەنى سول قولى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ، ئوڭ قولى بىلەن ئاتنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى پۇتى بىلەن ئۈزەڭگىنى چىڭ دەسسەپ، بىلىنەر – بىلىنمەس بەختلىك ۋە شادىيانە تەبەسسۇم بىلەن تۇراغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىدا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كۆڭۈللىرى يايراپ، دىللىرى سايراپ كەتكەن ئىدى. ئامىنە بۇغرا تېخى ئۆزى بىلەن قوشۇپ، ئىككى برېزېنت دالا چېدىرى، سوغۇقتا كىيىدىغان كىيىم – كېچەك ۋە سەپەردە جىددىي لازىم بولىدىغان قازان، چۆمۇچ قاتارلىق نەرسە – كېرەكلەرنى، يولدا يېيىش ئۈچۈن سۈرلەنگەن گۆش، تېخى ھۆل مېۋىلەرنىمۇ ئالغاچ كەلگەن ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئايالىنىڭ ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا، ھايات – ماماتلىق پەيتلەردىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، تەمكىنلىك بىلەن بارلىق ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇش بولدى. بولۇپمۇ بۇ سىپايە ئايالنىڭ ئات ئۈستىدە شۇنچىلىك مەغرۇر ئولتۇرۇشلىرى، تۈرك تارىخىدىكى ئىرادىلىك باھادىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىماسىنى ھەركىمگە ئوبدان خاتىرىلىتىپ قويغان ئىدى. دېمىسىمۇ تۈرك قەۋملىرىنىڭ تارىخىدا ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت بەكمۇ يۇقىرى. دۇنيا تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساقمۇ، ئاياللارنىڭ ئورنى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭكىدەك شۇنچە يۇقىرى بولغان ئىككىنچى بىر مىللەت يوق.

خىتايلار ئۆز قىزلىرىنىڭ پۇتلىرىنى بوغۇپ، توغرا – دۇرۇس ماڭالمايدىغان مەجرۇھقا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان، ئەرەب ئەللىرىدە بولسا قىز تۇغۇلسا نۇمۇس دەپ بىلىپ، قىز بوۋاقلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان چۆل قۇملىرىغا تىرىك كۆمۈۋېتىدىغان، ئافرىقا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئاياللارنى ھايۋان ئورنىدا قۇل بازارلىرىدا ئاشكارا ئېلىپ – ساتىغان زامانلاردا، ھەممىدىن ئەرك، ھەممىدىن ھۆر تۈرك قىزلىرى ئات ئۈستىدە قېلىچ ئوينىتىپ چەۋەندازلىق قىلىشنى ئۆگىنەتتى. ياۋلار بېسىپ كەلگەندە، ئۇلار ئەرلەرگە ئوخشاش قوللىرىغا يا ئېلىپ مۆرىسىگە ساداق ئېسىپ چاپقۇر ئاتلار بىلەن سەپ يېرىپ جەڭگاھتا ياۋلار بىلەن تىغمۇ – تىغ، روبىرو جەڭ قىلاتتى. ئەل ئامان، تىنچ زامانلاردا ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندىن سىرت، يەنە تېرىقچىلىق قىلىش، چارۋا مال بېقىشتەك ئىشلارنىمۇ زېممىسىگە ئالاتتى. تۈرك ئەنئەنىسى بويىچە ئاياللار يالغۇز ئائىلىدە سۆز ساھىبى بولۇپلا قالماي، يەنە قەبىلە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي،  ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇھىم  ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە دادىللىق بىلەن ئالاتتى. شۇڭا تۈرك قەۋملىرىدە، «بىرىنچى بايلىق تەننىڭ ساقلىقى، يەنە بىر بايلىق بولسا ياخشى بىر قىزغا ئۆيلىنىش» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بىكارغا دېيىلمىگەن.

تۈرك ئەرلىرى شۇ زامانلاردا خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالمايتتى. دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھېچبىر زامان ئەر بىلەن ئايالغا ئايرىمىچىلىق قىلمايتتى. ھەتتا ھۇنلار زامانىدا، قاغاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنىڭ مۆھۈرى بىلەن ئايالىنىڭ مۆھۈرىنى تەڭ باسىدىغان قائىدە بار ئىدى. ئەگەر ئايالىنىڭ مۆھۈرى ئۇرۇلمىغان بولسا، بۇ بۇيرۇق ئۆزىنىڭ كارايىتىنى يوقاتقان بولاتتى. ئەگەر قوشنا ئەللەردىن ئەلچىلەر كەلسە، قاغان بىلەن تەڭ ئايالىمۇ بىرگە قارشى ئالاتتى. دۆلەت مەكتۇپلىرى بولسا، «قاغان ۋە خاتۇننىڭ نامى بىلەن…» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىناتتى. مانا ھازىر، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەسرەتتە قالغان سۆيۈملۈك ئايالى بىلەن چىرايلىق كۆزلىرى بۆلەكچىلا خۇمالىشىپ ئويناپ كەتكەن قىزىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقى ئالەمگە سىغماي قالغان ئىدى. يىگىتلەر بۇ ۋىسالنى قۇتلاش ئۈچۈن، ھايت – ھۇيت دېگۈچە ، كەنتتىن سېتىپ ئەكەلگەن قويلارنى سويۇپ، گۈلخان يېقىپ، قازان ئېسىپ، گۆش پىشۇرۇپ مۆھتەشەم بىر زىياپەت ھازىرلىدى. ئۇلار ھەممىسى دەرقەمتە ئولتۇرۇپ، قورساقلىرى چىقىپ كەتكۈچە يەپ – ئىچتى، بىردەم بولسىمۇ دۇنيانىڭ غەملىرىنى ئۇنتۇشقان بولدى.

ئۇلارنىڭ بۇ تۇرادا تۇرۇۋاتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ يەردە بىكارغا كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇۋېرىشكە رايى بارمىدى. ئۇ بۇ ئىنقىلابتىن يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، ئەبەيدۇللاھنى يىگىرمە يەتتە باھادىر بىلەن سانجۇغا ئەۋەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭ مۇنداق بىر قارارغا كېلىشىدىكى مەقسىدى، سانجۇدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنى قايتا توپلاپ، يېپيېڭى بىر قوشۇننى قايتىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش، يېڭى بىر كۈرەش يولىغا ئاتلىنىش ئىدى. ئەبەيدۇللا ئەنە شۇنداق مەقسەت ۋە نىشان بىلەن ئۆزىنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا سېلىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە جانجىگەر دوستى ئەردەم بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتى. بۇ يول ھىجران يوللىرى ئىدى. ئەبەيدۇللاھ ئوڭ قولىدا تۇتۇۋالغان بادام دوپپىسىنى ئۇزۇنغىچە پۇلاڭلىتىپ، ئۇلار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشتى. گەرچە ئەبەيدۇللاھ بىلەن ئەردەم يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۇزۇنغىچە مۇڭدىشىپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلىشقا قىيماي كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ ۋىدالاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەبەيدۇللاھ سەپداشلىرىدىن، ھەزرىتىمدىن ئايرىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماي ئارقىسىغا قاراپ: «ئەلۋىدا قوماندان ھەزرىتىم! ئەلۋىدا دوستۇم ئەردەم!» دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن يولغا چىقىشقا ئالدىراۋاتقان ئالتۇن رەڭلىك ئەتىۋارلىق بۆگرۈل ئېتىنىڭ تىزگىنىنى قويۇۋەتتى، ئارقىدىنلا قالغان يىگىتلەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن قويۇق چاڭ – توزانلار كۆتۈرۈلدى. ئارىدىن بىرنەچچە مىنۇت ئۆتە – ئۆتمەيلا ئۇچقۇر ئاتلار ئوقتەك چېپىپ، بۇ ئاتەش باسقان قانلىق زېمىندىن تېزرەك قۇتۇلۇپ نەلەرگىدۇر كەتمەكچى بولغاندەك، بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى.

ئەردەم ياخشى بىر دوستتىن، ياخشى بىر سەپدىشىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ھايات يولىدا، بولۇپمۇ بۇنداق قانلىق كۈرەش يوللىرىدا ئادەمنى پەخىرلەندۇرىدىغان، بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدىغان، ھايات – ماماتلىق جەڭلەردە مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ بىرگە جەڭ قىلىدىغان، چەكسىز دالىلاردا بىرگە دۇم يېتىپ دۇم قوپىدىغان، پايانسىز چۆللەردە، ئېگىز تاغلاردا جاننى ئالىقانغا ئېلىپ دۈشمەنگە قارشى بىرگە كۈرەش قىلىدىغان ئەبەيدۇللاھدەك يىگىتلەرنى جان دوست تۇتۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆلۈپ، بىرگە تىرىلىشتىنمۇ ئارتۇق بەختلىك ئىش بولمىسا كېرەك. ئەردەم، ئەبەيدۇللاھ، ئەرەندەك يىگىتلەرنىڭ دوستلۇقى گويا ئادەمنى سېھىرلەيدىغان يارقىن سىرلىق كۈيدەك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. قول ئېلىشقان چاغلاردا بىر – بىرىگە ئىپادىلەيدىغان خەيرخاھلىقىنى تەسۋىرلەشكە كىشىنىڭ تىلى ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇمۇرلۇق، خۇشپېئىل، قىزىقچى مىجەز – خاراكتېرى ھاياتتىكى بارلىق خاپىلىقلارنى، بىئاراملىقلارنى ۋە غەم – غۇسسىلەرنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىدۇ،  ئۇلارنىڭ دۈشمەن ئالدىدىكى شىر يۈرەك باتۇرلىقى بۇ مۇقەددەس زېمىننى دۈشمەن تاپىنىدا خورلۇققا قويمايدۇ، ئۇلارنىڭ تۆككەن قانلىرى ئانا يۇرتنى مەڭگۈ ياشنىتىپ تۇرىدۇ.

ئەبەيدۇللاھ ئۆز يىگىتلىرى بىلەن سانجۇغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ يەرنىمۇ تۇڭگانلار ئىگىلىۋالغان بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازغىنە كۈچى بىلەن دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قايتماقچى بولدى. ئەمما، ئارقىسىدىكى يوللارنىمۇ دۈشمەن كۈچلىرى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خوتەندە پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، تاغ يولى بىلەن نائىلاج خوتەن تەرەپكە قاراپ ئات سالدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top