You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 20: دوستۇم ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپ

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 20: دوستۇم ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپ

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يىگىرمەنجى باب: دوستۇم ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپ

 * * *

كىشىلىك ھاياتنىڭ پەيزىدۇر دوستلۇق،

مەئنەلىك ياشامنىڭ ئەينىدۇر دوستلۇق.

گەر تۇرمۇش تويۇنغان بىر ياڭاق بولسا،

ئۇنىڭ تەل ماغىزى قەنتىدۇر دوستلۇق.

 * * *

دوستلۇقتۇر ئىنسانلىق مىھىر مەيدانى،

سىنالار ئۇنىڭدا مەردنىڭ مەردانى.

گەر يۈرەك ئۆلچەملىك گىر تاشى بولسا،

ئاق كۆڭۈل شەكسىزكى خالىس مىزانى.

(«كاشغارىيە سەلكىنلەرى»، 73-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل، ئىستانبۇل)

ئۆزى تەئەللۇق توپلۇم، جامائەت ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياشاشنى ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ياشام قىممەت قاراشى قىلغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، ئۆزى شۇغۇللانغان مۇئەييەن كەسىپ ياكى ئىش -ئەمگەكتە، قەۋم-قارىنداش، ئاغا-ئىنى بۇرادەرلەرنىڭ قوللاشى، مەدەت بەرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا ئەرىشىش ئۇنىڭ ھاياتىنى چەندىكىدەك ھوسۇل ساھىبى قىلىدىغان بىرىنجى مۇھىم ئامىلدۇركى، خەلقىمىز ئىچىدىكى  «ئادەم دەگەن ئادەم بىلەن ئادەم بولىدۇ» دەگەن ئۈچ ئادەملىك ئاتا سۆزىنىڭ ئۇقۇم يىلتىزىمۇ مۇشۇ يەردىدۇر، مەنىڭچە.

«مەن مۇرادىمغا يەتەلمەگەن ئىكەنمەن، سەنىمۇ ھەرگىز يەتكۈزمەيمەن» دەيدىغان شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنلىك ھەدەپ كەتكەن دۇنيا ھەرگىزمۇ گۈزەل دۇنيا ئەرمەس. بىر-بىرىنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، بىر-بىرىنى ئىئتىراپ قىلىشىپ، ئۆزئارا قوللاشىپ، بىر-بىرى بىلەن ھەمتىنىق بولۇپ ياشاغان دوست-بۇرادەرلىك ھاياتلا بۇ ئالەمدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ شانلىق ھايات بولىدۇ.

بىر بىنانى پۈتتۈرگەن باش مىمار ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇنىڭ قولىغا كىسەك ئالىپ بەرگەن ئىشچىمۇ ھەقلىق رەۋىشتە قەدىرلەنىشى كەرەك. قەھرىمانلار ئەلبەتتە ھۆرمەتلىك، ئەمما ئاشۇ قەھرىماننى قەھرىمان قىلغان، يەئنى ئۇنىڭ جانپىدالىقىنى قوللاغان، ئۇنىڭغا زۆرۈر مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن سەپداشلارىمۇ ئىززەتلىك ۋە ئەزىزدۇر، ئەلبەتتە.

مەن ئۆز ھاياتىنى ئەڭ ھوسۇلدار ۋە ئەڭ قىممەتدار ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىغا كىرىپ كەتەلمەسمەن بەلكىم، ئەمما پۈتكۈل ئىمكانى بىلەن تىرىشىپ-تىرماشىپ ياشاغان ۋە  ئۆز ياشام ساھەسىدە، غۇرۇرىنى ساقلاپ، ھالال ئەمگەكلەرى بىلەن ھەر پۇرسەتنى مائقۇل نۇسرەتكە ئۇلاپ  كەلگەنلەر سەپىگە تالىق ھىسابلايمەن، ئۆزەمچە.

مىلادىيە 1975-يىل7-ئايدا، جۇڭگودا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھىسابلانىدىغان بەيجىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. مەزكۇر ئىرپانگاھنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدا، ساق قىرىق يىل ئىشلەپ، 2015-يىل 3-ئايدا پەنسيونىر بولدۇم. بۇ جەرياندا، ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر (1931-2006-يىللار)گە شاگىرت ۋە ياردەمچى بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنىڭ جۇڭگو ئالىي مەكتەپلەرىدە رەسمىي ئاساسىي كەسىپ بولۇپ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تەگىشلىك ھەسسە قوشتۇم. ئۇستاز بىلەن ھەمكارلاشىپ ۋە مۇستەقىل ھالدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى, ۋەسىقەشۇناسلىق تەتقىقاتى, شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئائىت جەمئىي يىگىرمە بىر پارچە (بەش مىليون خەتتىن ئاشقىن) كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپ، ئىلىم ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.

ئۆمۈر ياشى ئۇلغايىپ، جەڭگىۋارلىقتىن ۋە ئەمەلىي كۈچتىن قالىۋاتقان ئىنسان ھەدەگەندە، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھايات مۇساپەسىنى ۋە شۇ مۇساپەدە ئۆزىگە ھەمكار ۋە مەدەتكار بولغان يار-بۇرادەرلەرىنى ئەسلەپ قالىدىكەن. شۇڭا، مەن بۇ يەردە، مەنى مۇشۇنچىلىك «مەن» قىلغان بۇرادەر ۋە قولداشلارىمدىن «ئالدىراشوپ» لەقەبلىك ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ھەققىدىكى ئەسلەمەمنى خاتىرەلەپ قويغۇم كەلدى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئورناتقان دوستلۇق

مەن بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخشۇناس، مۇزىكاشۇناس ئالىم ئىسمەتۇللاھ نىئمەتۇللاھ مۆئجىزىي يازغان مۇسۇلمان مۇزىكانتلار تارىخى ۋە تەتقىقاتى ھەققىدىكى بىباھا قوليازما ئەسەر »تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»نى دەسلەپ ئوقۇغان ۋاقتىمدا، «ئەلىشىر نەۋائىي بىلەن پەھلەۋان مۇھەممەد كۇشتىنگىر قىرىق يىل بۇرادەرلىك قىلغان ئىدى» دەگەن قۇرلار يەتكۈزگەن ئۇچۇردىن تەئسىرلەنىپ: «يا، پىرىم! نەمە دەگەن قالتىس ئادەملەر-ھە؟! قىرىق يىل ئاغىنە-بۇرادەرلىك قىلماق ئاسانمۇ-ھە؟!» دەپ كەتكەنىدىم. ئەمما، مەن «ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل» ئىسىملىك قارىنداش بىلەن شۇ كۈنگىچە ئەللىك بەش يىل بۇرادەرلىك قىلدىمكى، ماشائاللاھ! بۇ – مەنىڭ ئەل ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئىپتىخارلىق ۋە ئەڭ يارقىن شاراپەت نۇقتالارىدىن بىرى ھىسابلانىدۇ!

خۇددى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالتەيىل ئوقۇغانلار» ماۋزۇلۇق خاتىرەمدە يازغانىمدەك، بىز 1963-يىل 9-ئايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەنلەر قىسمەت بولۇپ، 1969-يىل 10-ئايغىچە ئالتە يىل تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى بولدۇق ھىسابتا. 1964-يىل تولۇق ئوتتۇرىغا كىرگەن ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇللار بولسا، تولۇق ئورتادا بەش يىل ئوقۇغانلار بولدى.

تەخى تۈنۈگۈنكىدەك ئەسىمدە، ئاشۇ 1964-يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىلمىي مەمۇرىيەتى مەكتەپ بويىچە ئۆگرەنىشتە ئەئلاچىلار تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىردى. مەن ئىككىنچى يىللىق تۆرتىنجى سىنىپتىن بولسام، ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل بىرىنجى يىللىق 5-سىنىپنىڭ ئەئلاچىسى بولۇپ، شۇ يىغىندا يانمۇيان ئولتۇرۇپ قاپتۇق. ئۆزئارا ئۆگرەنىش تەجرىبەلەرىمىزنى تونۇشتۇرۇشۇش جەريانىدا، تەبىئىي ھالدا بىر-بىرىمىزنى تونۇغانمۇ بولدۇق. ئەمما، يىغىن ئاخىرلاشىپ، بىللە تالاغا چىققاندا، ئەگىز بويلۇق، قويۇق قوشۇلما قاش، ئۇي كۆز ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل دەسلەپ قولىنى ماڭا ئۇزاتتى ۋە:

-تونۇشۇپ قالايلى، «ئابدۇرەئوپ پولات» دەگەن سىلەر ئىكەنسىلەر-ھە؟ ،- دەدى.

-شۇنداق، مەنمۇ تونۇشقانلىقىمىزدىن مەمنۇن بولدۇم،- دەدىم ۋە قوشۇپ قويدۇم،- سىلەر شەھەرلىك ھەر ھالدا، ئەمما مەن شامالباغلىق.

-بىزنىڭ تەگىمىزمۇ بەشكەرەم يەزاسىدىن،- ئادەش دەدى ئۇ مەنىڭ ئالاھىدە «مەن شامالباغلىق، يەنى يەزالىق» دەگەن ئەسكەرتمەمگە جاۋابەن.

ئۇ چاغلاردا شەھەر بىلەن يەزانىڭ پەرقى نىسبەتەن زور بولغاچقا، «مەن شەھەرلىك ئۇ يەزالىق» دەپ ئايرىش ۋە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئەمما، ئابدۇلقەييۇمنىڭ ھە دەگەندىلا ئىپادەلەگەن بۇ خىل باراۋەرچىلىك پوزىتسىيەسى ماڭا ئەڭ ياقىشلىق ۋە ئىللىق تۇيۇلغان ئىدى. كىم بىلىر، بىزنىڭ مۇشۇنداق يارىم ئەسىردىن ئاشقىن ئۇزۇن زامان جەريانىدا، شۇ قەدەر ساغلام داۋاملاشقان دوستلۇقىمىزنىڭ ئۇل-ئاساسى ئاشۇ بىر-بىرىنى ئۆز ۋە باب-باراۋەر كۆرۈش سەمىمىيەتى بىلەن قاڭدالغانلىقىدىن بولسا كەرەك.

ئابدۇلقەييۇمنىڭ ئۆيى قەشقەر شەھىرى ئىچكەركى شەھەرنىڭ چا:سا (چارسۇ) كوچاسىدا، مەنىڭ ئۆيۈم بولسا، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا چىنەباغ مەھەللەسى ئارقالىق تۇتاشىپ تۇرىدىغان شامالباغ يەزاسىنىڭ شامالباغ مەھەللەسى (ھازىرقى كۈندە، <كونا شامالباغ يولى مەھەللەسى> دەيىلىدىغان بولۇپتۇ)دە بولسامۇ، تونۇشقان شۇ كۈنىدىن باشلاپ، خۇددى ھەمسايەلەرنىڭ بالالارىدەك بىر-بىرىمىزنىڭ سايەسىدىن ئايرىلماي يۈرىدىغان ئا:غىنە (ئاغا-ئىنى) بولۇشۇپ كەتتۇق.

ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇم مەندىن بىر يىللىق سىنىپ تۆۋەن ئوقۇيدىغان بولۇشىغا قاراماي، ماڭا قاراغاندا رىغبەت ئۇپۇقى كەڭ، بىلىك دائىرەسى زور ۋە چۈشەندۈرۈش-بىلدۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىدى. پاراڭ-سۆھبەت ئاراسىدا، بۈيۈك ئەلىشىر نەۋائىينىڭ غەزەللەرىدىن باشلاسا، رۇس شىئىرىيەت ئاتاسى ئا.س. پوشكىننىڭ شىئىرلەرىدىن تارتىپ، ئاتاقلىق تاتار شائىر-يازغۇچىسى ئابدۇللاھ توقاينىڭ نەزمەلەرىگىچە نەقىل -سىتاتا كەلتۈرۈپ قىلغان پىكىرلەرى ھەممە ئادەمنى ئاغزىغا قاراتىپلا قوياتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان، كۆپ مۇلاھىزە قىلىدىغان بىر ياش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇراتتى.

ئاندىن، ئۇ مەندىن جاسارەتلىك، يۈرەكلىك، قولىدىن ئىش كەلىدىغان، تۇغما ھالدا باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش ماھارەتىگە ساھىب بىر خىل ئۆزگەچىلىكى بولغاچ، ئامماۋى سورۇنلاردا، ھەر قانداق بىر ئىشقا باشلامچىلىق قىلىشقا، ئادەم باشقۇرۇشقا ئامراق ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئەمەلىيەتتەمۇ تۈرلۈك ئىشلارنى، كۆپچىلىككە تالىق خىزمەتلەرنى جاي-جايىدا بەجىرىشكە ماھىر ئىدى. بۇ ئالاھىدەلىكى بىلەن ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان بەش يىل جەريانىدا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشماسىنىڭ ئۆگرەنىش ئىشلارىغا مەسئۇل ھەيئەت ئەزاسى ئىدى. ئامماۋى سورۇنلارنىڭ تۆرىدە ھەمىشەملىك ئورنى بولغاچ، مىڭدىن ئاشقىن پۈتكۈل مەكتەپ ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارى ئاراسىدا تونۇشلۇق دەرىجەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان داھىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇ شۆھرەتلىك، ئىناۋەتلىك ۋە ئەمەل-مەنسەپلىك بولغانى ھالدامۇ، ئىنسانغا تولامۇ قىزغىن ۋە تولامۇ سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان بۇرادەر ئىدى. بۇ جەھەتتە، ئابدۇلقەييۇمنى يەنەلا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئاغىنەسى مۇھەممەد كۇشتىنگىرگە ئوخشاتىپ قالىمەن. مۆئجىزىي «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»دا: «مۇھەممەد كۇشتىنگىر بۇرادەرلەرىگە ئاجايىپ قىزغىن ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتىكى، ئۇنىڭ بۇ خىل مۇئامىلەسىگە مۇيەسسەر بولغان ھەر قانداق بىر كىشى <پەھلەۋاننىڭ مەندىنمۇ ياقىن ئاغىنەسى بولماسا كەرەك> دەپ ئويلاپ قالاتتى» دەپ يازغان. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مەنمۇ ئۇنىڭ شۇ قەدەر سەمىمىي، شۇ قەدەر قىزغىن ۋە شۇ قەدەر مىننەتسىز مۇئامىلەسىدىن ئۆزەمنى <ئابدۇلقەييۇمنىڭ ئەڭ ياقىن ئاغىنەسى مەندۇرمەن> دەپ ھەم سۆيۈنەتتىم ھەم كۆرەڭلەپ كەتەتتىم. ئۇ ماڭالا ئەرمەس، مەنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكا قارىنداشلارىمغامۇ شۇ قەدەر تەبىئىي قارىنداشلارچە مۇئامىلە قىلاتتى. شۇڭا، ئابدۇلقەييۇمنىڭ ئىناۋەتى بىزنىڭ ئۆيدە مەنىڭ ئىناۋەتىمدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ۋە ئۆتەرلىك ئىدى. رەھمەتلىك ئانام بىر ئىش بولسالا، ئالدى بىلەن، ئابدۇلقەييۇمدىن مەسلىھەت سورايتتى. ئابدۇلقەييۇمنىڭ دەگەنى ھىساب ئىدى ھەمىشە. ئۇنىڭ دەگەنى بويىچە ئىش قىلىش گويا رەسىم-قائىدە ئىدى بىزنىڭ ئۆيدە.

1969-يىل 10-ئايدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولدۇق ۋە پەرمان بويىچە يەزالىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز يەزالارىغا، شەھەرلىك بالالار بولسا، قەشقەر ۋىلايەتىگە تەئۋە ناھىيەلەرنىڭ ھەر قايسى يەزالارىغا «زىيالى ياش» بولۇپ، دىھقانلارنىڭ تەربىيەسىدە ئەمگەك بىلەن چىنىقىشقا تەقسىم قىلىندى. مەن شامالباغ يەزامغا، شەھەرلىك ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ئاغىنەم بولسا، ياڭىھىسار ناھىيەسىنىڭ توپلۇق يەزاسىغا تەقسىم قىلىنغان بولدى.

ئەمدى بىر مەكتەپداش بولماساقمۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە باغلاغان دوستلۇق رىشتەمىز ئۈزۈلۈپ قالمادى. ناھىيەدىكى يەزالاردىن شەھەرگە ئۆي يوقلاپ كەلگەنلەرىدە ئىزدەشىپ، ھال-مۇڭلاشىپ تۇردۇق. 1972-يىل مەن مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا ئوقۇشقا كەتتىم؛ ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەم قەشقەردە ئاچىلغان دوختۇر تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇپ، پۈتتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنجى خەلق دوختۇرخاناسىنىڭ لابراتورىيە بۆلۈمىگە خىزمەتكە كىردى. كەيىنچە، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ تىبابەت فاكۇلتەتىغا كىرىپ، داۋالاش كەسپى بويىچە تۆرت يىل ئوقۇپ، ئالىي مەئلۇماتلىق دوختور سالاھىيەتىنى قازاندى.

مەن بەيجىڭدە، شۇ زاماندىكى ئىشچى-دىھقان-ئەسكەر ئوقۇغۇچى سالاھىيەتى بىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ڧاكۇلتەتىنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئۈچ يىل جەريانىدا، بىر قاتىممۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلمەدىم. بىرىنجىدىن پەقىرلىق، ئىككىنجىدىن يولنىڭ ئۇزاقلىقى. ئۇ چاغدا، بەيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە پويىز بىلەن تۆرت كۈن سەرپ قىلىناتتى. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتناش ئىدارەلەرىنىڭ ماشىناسى بىلەن ساق يەتتە كۈن كەتەتتى. شۇنداق بولغاندا، ئىككى ئايلىق يازلىق تەئتىلنىڭ يىگىرمە كۈنى يولغا خىراجەت قىلىناتتى دەگەن گەپ.

ئەسلىدە، مەن تەرجىمانلىق كەسپى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرسەم، ئاغىنەم مەنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنجى خەلق دوختۇرخاناسى (يەرلىك خەلق تىلىدا، «كەرەمباغ < يەئنى ئۈزۈمزار باغ> دوختۇرخاناسى» دەيىلەتتى ئۆز زامانىسىدا)نىڭ تەرجىمانى بولۇشقا تونۇشتۇرماقچى بولغان ئىدى.

قىسمەت، مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، مەكتەپ تەشكىلى مەنى ئۆز فاكۇلتەتىمدا قالىپ، ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا تەقسىم قىلدى.يۇرتقا بارىپ كەلىشىمگە يىگىرمە كۈن كەتىدىغان يەتتە مىڭ كىلومەتىر ئۇزاقتىكى بەيجىڭدا قالىپ خىزمەت قىلسام بولۇرمۇ ياكى ئىسسىقىدا، يۇرتۇمغا قايتىپ بارىپ ئىشلەگەنىم ياخشىمۇ؟ باشىمنىڭ ئىچىمۇ، تاشىمۇ قاتتى. نەمە قىلىشىم ھەققىدە بىر قارارغا كەلەلمەي، ئانامغا ياكى ئاكامغا ئەرمەس، ئالدى بىلەن يەنەلا مۇنەججىم ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇمغا تەلىفون قىلدىم.

يەتمىشلىك يىللارنىڭ باشلارىدا، جۇڭگودا تەخى ئائىلىلەرگە تەلىفون ئومۇملاشماغان، ئۇزۇن يوللۇق تەلىفون بەرىش ۋە ئالىش ئۈچۈن، چوڭ پوچتاخانالارغا بارىش كەرەك ئىدى. مەن 1975-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، بەيجىڭ تىيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ يانىدىكى شىدەن (西单) رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پوچتا-تەلىگىراڧ بىناسىغا بارىپ، سائەتلەرچە نۆۋەت ساقلاپ، ئابدۇلقەييۇم بىلەن تەلىفوندا كۆرۈشتۈم.

-قەشقەرلىك بىر ئاددىي زىيالىينىڭ بالاسى پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلسا، تازا ياراشىدۇ،- دەدى ئابدۇلقەييۇم كەسكىن ئاھاڭدا،-  بۇ بەلكى بىر غەنىيمەت پۇرسەتتۇر. ئىككىلەنمەي، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مائقۇل دەپ، بەيجىڭدا خىزمەت قىلىشقا قالىڭلار، ئادەش!

ئۇ ئاشۇ بىر تەلىفون بىلەنلا بولدى قىلمادى، ئارقادىنلا، ئەزىپ ئىچۈرۈپ زاكون سۆزلەپ، ئۇزۇن خەت يازدى. شۇنداق قىلىپ، ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇمنىڭ دادىل قوللاشى ۋە كۈچلۈك زاكونلار بىلەن تەۋسىيە قىلىشى ئارقاسىدا،  1975-يىل 7-ئايدا، مەن كاشغەر شەھەرىگە تەئۋە شامالباغ يەزاسىلىق ئابدۇرەئوپ پولات بەيجىڭنىڭ ئۇيغۇر بەگ كەنتى (魏公村) دىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ڧاكۇلتەتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدىم، خەيرلىك بولغاي.

«سىلەر يازىقچىلىق قىلساڭلار بولغىدەك، يازىڭلار»

مەن مۇئەللىمنىڭ بالاسى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، كىچىكىمدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشقا، ئوقۇغانلارىمدىن تەئسىرات يازىپ قويۇشقا ئامراق ئىدىم. دەسلەپتە، تەئسىراتىمنى شۇ ئوقۇغان كىتاب ۋاراقلارىنىڭ ھاشىيە قىسمىغا يازىپ قوياتتىم. بىراق، بۇ قىلمىشىمنى كۆرگەن دادام بىر كۈنى مەنى تەنقىد قىلدى:

-بۇ كىتابنى بۇ ئۆيدە سەنلا ئوقۇمايسەنكى! باشقالارنىڭ ئوقۇشىغا ۋە مۇلاھىزە قىلىشىغا دەخلى يەتىدۇ، بالام. تەئسىراتىڭنى ئايرىم دەپتەر تۇتۇپ، شۇنىڭغا يازغىن!

شۇنداق قىلىپ، كىتاب ئوقۇش تەئسىراتلىرىمنى ئايرىم دەپتەرگە يازىدىغان بولدۇم. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىمگە تالىق بىر نەچچە تەئسىرات دەپتەرلەرىم بولۇپ كەتكەن بىر چاغلاردا. ئاشۇ ئالتمىشلىق يىللاردا، تەئسىرات دەپتەرى ۋە تەپەككۇر جەۋھەرلەرى دەپتەر-خاتىرەلەرىنى تۇتۇش مەنىڭلا ئەرمەس، ئۇيغۇر ياشلار دۇنياسىدا مودا، شۇ زامان زىيالىي ياشلارىنىڭ بىر گۈزەل ئادەتى ئىدى. بىز يىغىلىش-ئولتۇرۇشلاردا، خاتىرەلەرىمىزدىكى تەپەككۇر جەۋھەرلەرىنى ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىشىپ كەتەتتۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ خاتىرە دەپتەرلەرىنى ئارىيەت ئالىشىپ، ئۇلاردىكى تەپەككۇر دۇردانەلەرىنى بەھس-بەھستە كۆچۈرۈشىۋالاتتۇق. شۇ سەۋەبتىن بولسا كەرەك، بىزدە ئىملاسىز خەت يازىش ئىللەتى يوق دەيەرلىك ئىدى.

ماۋزۇيىمىزدىن بەك يىراقلاپ كەتمەي. شۇنداق، ئىنساننىڭ بالالىق چاغىدا ئۆگرەنىپ قالغان مەھبۇب ئادەتى ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا بەلەن نەتىجە كۆرسەتىدىكەن ئاقىبەتتە. مەنىڭ تەئسىرات يازىش ئادەتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلىق ھاياتىمدا تەخىمۇ ھەدەب كەتكەندەك قىلدى. تەئسىراتلارىمدىن توختاماي خەت (سالام خەت) يازاتتىم ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇمغا. «كەچلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىش (晚自习) ۋاقتىدا ھەمىشە سالام خەت يازىدۇ، بۇ ئابدۇرەئوپ» دەپ، سىنىپ مۇدىرىمىز نەچچە قاتىملىق سىنىپ يىغىنىدا ئاشكارا تەنقىدلەپ كەتكەنىدى مەنى. بىراق، مەن ھەپتەدە، بىر-ئىككى پارچە بەلەن سالام خەت يازىۋالماسام، زادىلا پۇخادىن چىقمايتتىم شۇ زامانلاردا.

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىقىپ مۇئاشلىق بولغاندىن كەيىن، يازلىق تەئتىل مۇناسىبەتى بىلەن، يىلدا بىرەر قاتىم قەشقەرگە بارىپ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئاغىنە بۇرادەرلەرنى يوقلاپ، زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان بولدۇق. بۇ چاغلاردا، ئۆزئارا زىيارەتلەر قىلىشاتتۇق ۋە «خوش كەلىپسىز» چاي ئولتۇرۇشلارى قىلىپ، دوست-بۇرادەرلەر، كوھنا ساۋاقداشلار جەم بولۇپ تۇراتتۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئون نەچچە بۇرادەر ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇمنىڭ ئۆيىدە، چۈشلۈك تاماق زىياپەتىدە بولدۇق. تاماقتىن كەيىن، چاي ئىچىشكەچ، سوقا-سۆھبەت قىلىشتۇق. شۇ ئارادا، ئابدۇلقەييۇم ئىچكەركى ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتىپ، بىردەمدە قولىدا يىرتىلىپ، ئۈچ -تۆرت پارچە بولۇپ كەتكەن بىر پارچە سالام خەتنى كۆتۈرگەنىچە چىقتى ۋە ماڭا كۆرسەتىپ تۇرۇپ:

-مانا بۇ سىلەر يازىپ ئەۋەتكەن خەتىڭلار، تونۇدۇڭلارمۇ؟،- دەدى ۋە خەت يازىلغان ۋاراقلارنىڭ ئالدى-كەينىنى ئۆرۈپ كۆرسەتكەچ سۆزىدە داۋام ئەتتى،- بۇلتۇر 9-ئايدا، سەددىچىن سەپىلىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كەيىن يازغان خەتىڭلار بۇ، ئادەش، ئاغىنەلەر ئۇ كۆرۈپ، بۇ ئوقۇپ، ھەتتا ئۆيلەرىگە ئەپكەتىپ، بۇ يانچۇقتىن ئۇ يانچۇققا كۆچۈپ يۈرۈپ، مۇشۇنداق يىرتىلىپ-تىتىلىپ كەتىپتۇ بۇ خەتىڭلار. مەنىڭچە، سىلەر يازىقچىلىق قىلساڭلار بولغۇدەك. سىلەر مۇشۇنداق زىيارەت خاتىرەلەرى ۋە ھىكايە ئول-بول دەگەنلەرنى يازىپ، مەتبۇئاتتا ئەلان قىلىڭلار، ئادەش!

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدەلا، «ۋاي مائقۇل، مەن شۇنداق قىلاي» دەيەلمەدىم. ئەمما، ئاغىنەمنىڭ سەمىمىي تەۋسىيەسى ۋە سەككىز-ئون زىيالىي بۇرادەرلەرىمنىڭ مەنىڭ يازغانلارىمنى كۆڭلىدىن ياراتىپ ئوقۇغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىزغىن، ياخشى باھالىق ۋە بولۇشلۇق ئىنكاسى ماڭا كۈچلۈك رىغبەت تۈرتكەسى بولدى. «راست، نەمە ئۈچۈن يازغانلارىمنى مەتبۇئاتقا ئەۋەتىپ باقمايمەن-ھە؟» دەگەن سوئال كاللامدا چاقماق چاقتى شۇ كۈنى!

ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قەۋم-قارىنداشلارى، ئاندىن ياقىن دوست-بۇرادەرلەرى بىلەن ئىنسان بولىدىكەن. قارىنداشلارىنىڭ ئىلھامبەخش مەسلەھەتلەرى، دوست-بۇرادەرلەرىنىڭ سەمىمىي تەۋسىيە ۋە ئوچۇق كۆڭۈل پىكىرلەرى ياش ئىنساننىڭ قەلبىدە دەرمەھەللىك تەشەككۇر تۇيغۇسىدىن باشقا، مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىشقا بەل باغلاش ئىرادەسىنىمۇ تۇرغۇزىدىكەن، بىر ياڭى ئارزۇنى پەيدا قىلىدىكەن.  ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمنىڭ شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشتا ماڭا قىلغان تەۋسىيە پىكىرى مەنى بىر نەچچە كەچە ياخشى ئۇخلاتمادى. قەلبىمدە قانداقتۇر بىر خىل ئاتلانىش جاسارەتى جۇش ئۇراتتى، بىر غايە مەنى جىددى چاقىرىق بىلەن ھاياجانلاندۇراتتى.

1980-يىل 8-ئاينىڭ بىر كۈنى ئەرتەگەنلىكى ئىدى ئۇ. بىر قولۇمدا، ياڭى بىر خاتىرە دەپتەر، يەنە بىر قولۇمدا، قاتلاما ئورۇندۇق، پەيزىم بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، مەن «شامالباغدىكى تۆمەن بويى» ماۋزۇلۇق ئەدەبىي خاتىرەمدە يازغان تۆمەن دەرياسى بويىغا كەلدىم. سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بىر قۇمسال يەرگە ئورۇندۇقنى جايلاشتۇرۇپ، ئالدىمدىكى ياپ-ياشىل شال مايسالارى ئاتىزلارى ۋە ئۇنىڭ ئالدى تەرەپىدە دولقۇنلاپ ئاقىپ تۇرغان تۆمەن دەرياسىغا يۈزلەنىپ ئولتۇرۇپ، تۇنجى ھىكايەمنىڭ ماۋزۇسىنى خاتىرەمنىڭ بىرىنجى بەت، بىرىنجى قۇر دەل ئوتتۇرىغا يازدىم: قۇلاق (ھىكايە).

ئەسىمدە قالىشىچە، مەن «قۇلاق» ماۋزۇلۇق تەنقىدىي رىئالىزم ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق ئۇ ھىكايەنى يازىشقا ئۈچ-تۆرت كۈن سەرپ قىلدىم. پۈتكۈزگەندىن كەيىن، ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمگە كۆرسەتتىم. ئاغىنەم بىر -ئىككى قاتىم ياندۇرۇپ ئوقۇپ كۆرگەندىن كەيىن: «تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىغا كىرىدۇ بۇ ھىكايەڭلەر. بىراق، پىكىر سەل ئۆتكۈر  بولۇپ كەتتىمۇ-قانداق، ئويلاشساڭلار. ئەمما، ئەدەبىي ھىكايە نۇقتاسىدىن ئەيتقاندا بەلەن بولۇپتۇ. ھىكايە دەگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. يازالايدىكەنسىلەر، داۋاملىق يازىڭلار، ئادەش! » دەدى.

شۇنداق قىلىپ، مەن ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچاسىغا كىرىپ كەتتىم. ئىككى يىلغا يەتەر-يەتمەگەن ۋاقىت ئىچىدە، «قۇلاق»تىن باشقا، «كور خەرىدار»، «كۆرەلمەسلىك»، «چىراغ ياقىلغان چاغدا»، «قاۋۇلجان»، «تۇمۇچۇق»، «گۈلباغدا» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ھىكايە ۋە نەسىر يازىپ مەتبۇئاتلاردا ئەلان قىلدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كور خەرىدار» ماۋزۇلۇق ھىكايەم 1983-يىللىق»تارىم» ژۇرنالىنىڭ 1-سانىدا ئەلان قىلىنغاندىن كەيىن، ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل يازىلغان نادىر ئەسەر بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەمۇنىدىكى ئوبزۇرلارمۇ ئەلان قىلىندى. 1989-يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى «كور خەرىدار» ماۋزۇلۇق تۇنجى ھىكايىلار توپلامىمنى نەشىر قىلىپ بەردى. شۇ شاراپەتلەر بىلەن، «كور خەرىدار» ماۋزۇلۇق ھىكايەم سەكسەنلىك يىللاردا، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولدى.

شۇنداق، «كور خەرىدار»ىم خەرىدارلىق ئەسەر بولۇپ، تا ھازىرغىچە ۋەتەندە نەشىر قىلىنغان تاللانغان ھىكايەلەر توپلاملارىدىن ئورۇن ئالىپلا كەلىۋاتىدۇ.

قىسقاسى، مەنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم مۇساپە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت يازىقچىلىقى كوچاسىغا كىرىشىم ۋە ئۇنىڭدا ئىز قالدۇرۇپ ئۆتۈشۈمگە ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپ قاتارلىق ئاغا-ئىنى (ئاغىنە)لىرىم خالىس ھىدايەتكار، مەدەتكار ۋە سەمىمىي تۈرتكۈچىلەر بولغان ئىدى.

ئوبزۇرچى ئابدۇلقەييۇم ۋە كىتاب تەۋسىيەگەر ئابدۇلقەييۇم

ئابدۇلقەييۇمنىڭ مەنى قوللاشى سەمىمىي، ئۈزۈل-كەسىل ۋە ئاداققىچە بولدى. مەنىڭ تۇيغۇسال تەئسىراتىمچە، بۇ ئۇنىڭ مەنى بەك ئالاھىدە ئەتىبارلىق كۆرگەنىدىن ئەرمەس، بەلكى تەييارغا ھەييار بولۇپ، لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزمەي، بىر ئىش بىلەن سىجىل شۇغۇللانىدىغان ئادەمنى قوللاشنى ئۆزىگە بۇرچ بىلىدىغان، تىرىشىپ-تىرماشىپ، ھالال ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانىپ ياشاشنى كۈچەپ تەرغىب قىلىدىغان ساغلام ئىدىيەسىدىن كەلگەندۇر.

مەن سەكسەنلىك يىللارنىڭ باشىدا كىرگەن ئەدەبىي ئىجادىيەت يازىقچىلىقى كوچاسىدا، ئارالىقتا ئىزچىل ماڭالماي قالدىم. سەۋەبى، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر (1931-2006)نىڭ جىددىيەت بىلەن تەۋسىيە قىلىشى ئارقاسىدا، ھازىر بىز «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ تىلى» دەپ چۈشەندۈرىۋاتقان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى تەتقىقاتى ساھەسىگە كىرىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلەرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرى يازىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانىشىمغا توغرا كەلدى.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ بويىچە يازىقچىلىق قىلىش ساھەسى ئەدەبىى ئىجادىيەت يازىقچىلىق ساھەسىدەك كۆپ ئوقۇرمەنلىك، قايناق بازارلىق ساھە ئەرمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىنچە، يازىقچىلىقى تەرس بولغاننىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتچىلارىنىڭ ساپاسى تۆۋەن ۋە ئوقۇرمەنلەرىنىڭ تايىنى يوق ساپى ئۆزىدىن بىر غەرىب-غۇربەتلىك ساھە ئىدى. ئەمما، زۆرۈرىيەت بولۇپ، مەنىڭ بۇ ساھەگە كىرگەنلىكىمنى بىرىنجى بولۇپ قوللاغانمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن باشتىن-ئاخىر مەدەتكار بولغانمۇ يەنەلا ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇم بولدى.

-بۇ ساھەمۇ خۇددىي ئۇستازىڭلار خەمىت تۆمۈر ئەيتقاندەك مۇھىم ساھە. بىرىنجىدىن ئاق، ئىككىنجىدىن نامرات (نامۇراد) ساھە بولسامۇ، تۆھپەكار ئەجدادلارىمىز مول ۋە بىباھا ئەسەرلەرى بىلەن قەدەم ئىزى قالدۇرغان ۋە بىزنىڭ سوڭداشىپ-ئىز باسىپ ئىشلەشىمىزگە، تەر تۆكۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان ھەقلىق بىر ساھە. ھالبۇكى، جان-جەھلىڭلار بىلەن بەرىلىپ ئىشلەڭلار، ئادەش!،- دەگەن ئىدى ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت يازىقچىلىقى قەلەمىمنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرغانلىقىمنى ئۇققان كۈنى.

مەنىڭ باھايىمچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي يازىقچىلىق ساھەسى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجەلەر جەھەتتە، دەۋرداش باشقا قارىنداش مىللەتلەر بىلەن بەھسلەشەلەگۈدەك تەرەققىيات ياراتقان ساھە سانالىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇنىڭ مۇنداق بولۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، بۇ ساھەنىڭ ئوبزۇرچىلىق قاناتى خەلى مۇكەممەل. ئەمما، ئۇيغۇر تىلچىلىقى ۋە تىل تەتقىقاتى يازىقچىلىقى ساھەسى بولسا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى قىسمىدا نىسبەتەن مۇناسىپ كۆلەم ۋە قوشۇن ھاسىل قىلىنغان بولسامۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە كەلىش مەنبەسى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى تارماق ساھەسى تاكى سەكسەنلىك يىللارنىڭ باشلارىغىچەمۇ يەتەرلىك نەزەر ۋە دىققەتكە سازاۋەر بولالماغان ۋە دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ تىلنى تىلشۇناسلىق ئىلمىي ئاساسىدا، چۈشەنەلەيدىغان ۋە چۈشەندۈرەلەيدىغانلار مىسكىن ۋە ئاجىز ھالەتتە قالغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئوبزۇرچىلىقى خاس كۆلەم ۋە قوشۇن ھاسىل قىلالماغانلىقى ئۈچۈن، تا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچەلىكمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇناسىبەتىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بەرەلەيدىغان زىيالىيلار بەك ئاز. ئۆزى بىلمەگەنلىكى، تەگى-پەيىنى چۈشەنمەگەنلىكى ئۈچۈن، ئانا تىلىمىز بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئامىللارىنى «ئەرەبچە-پارسچە سۆزلەر» دەپ جۆيلۈپ، ھەممە يەردە يەكلەيدىغان ۋە  قارا قويۇق چەكلەيدىغان ناشايان قىلمىش بەكلا ئاغىر.

كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق دوختۇر ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەم ئۇيغۇر زىيالىيلارىدىكى مۇشۇ يەتىشسىزلىك ۋە نۇقساننى بىۋاسىتە تەئسىراتلارى بىلەن چوڭقۇر ھىس قىلغان زىيالىيلار قاتارىغا كىرىدۇ. شۇڭا، ئۇ مەن يازغان قىسقا ماقالىلەرنىمۇ ۋە ژىرىك ئەسەر-كىتابلارىمنىمۇ نەدىن بولسا، تاپىپ ئوقۇيدۇ، ئەستايىل مۇتالىئە قىلىدۇ ۋە سەمىمىي يۈرەكى بىلەن لىللاھ ئوبزۇر قىلىدۇ.

ئون، ھەتتا يىگىرمە يىل سەرپ قىلىپ يازغان بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى مىڭبىر مۇشەققەتتە نەشىر قىلدۇرساڭ، يا «ماۋۇ كىتابىڭ بولۇپتۇ» ۋەياكى «بۇ ئەسەرىڭنىڭ ماۋۇ-ماۋۇ يەرلەرى قاملاشماپتۇ» دەپ باھا-ئوبزۇر قىلىپ قويىدىغان ئادەم يوق بولۇپ كەلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلارى دۇنياسىدا، ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمنىڭ دوختۇرلۇق ۋە خىمىيە ئىلمى كەسپىگە تالىق ئىشلەرىنى دادىغا يەتكۈزۈپ بەجا كەلتۈرگەنىدىن سىرت، تىلشۇناسلىق، بولۇپمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۇ ھالال ئەمگەكنى بولۇشلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى تولامۇ نادىر ئەمگەك ئىدىكى، ئۇنىڭ ئەسەر ساھىبى بولغان ئەمگەكچىنى خالىس ئىلھاملاندۇرۇش يۈزىسىدىن قىلغان بىر نەچچە كەلىمە ئوبزۇرى ۋە يازىپ ئەلان قىلغان بىر قانچە پارچە باھا ماقالەسىنىڭ ماڭا نەقەدەر كۈچلۈك ئىلھام ۋە نەقەدەر زور مۇكاپات بولغانلىقىنى مەن ئۆزەم ئەڭ ئوبدان بىلىمەن. ھالبۇكى، ئاغىنەمنىڭ مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناش ئالىم ئابدۇرەھىم سابىت قاراخانىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە يازىپ ئەلان قىلغان «ئابىدە خاراكتىرلىك نادىر ئەسەر، ئەبەدىي ئىپتىخارلىق سەرخىل سەمەرە- <ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى>گە خالىس باھا» ماۋزۇلق ئوبزۇر ماقالەسى («شىنجياڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبەرى» ژۇرنالى 2007-يىللىق 3-سان، 69-75-بەتلەر) ئاشۇلارنىڭ دۇردانەلەرىدىن بولۇپ، ھالا مەنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

يەنە بىرسى، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلەرىگە ئوخشاش ھىسسىياتقا تايانىپ بىر ئىنجىقتالا يازىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلەرى قىزىقتۇرارلىق توقۇلما ئەمگەك بولغاچ، ئۇنى ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر تەبىئىي ھالدا كۆپ بولىدۇ. ئەمدى، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرى بولسا، ئۆز كەسىپداشلارىدىن باشقا ئادەمنى قىزىقتۇرالمايدىغان بولغاچقا، ئۇنى مىڭبىر مۇشەققەتتە يازىپ نەشىر قىلدۇرساڭ، ئوقۇيدىغان ئادەمنى تۈزۈكچە تاپقىلى بولمايدۇ تەخى.

كىتابنى ئاپتور يازىدۇ، نەشىرىيات باسىپ چىقارىپ، تارقاتىدۇ. ھازىرقى بازار ئىگەلىكى زامانىدا، نەشىرىيات ئۇنداق دەرھال ساتىپ پۇل قىلغىلى بولمايدىغان، بازارى كاسات كىتابنى ئاسانلىقچە نەشىر قىلمايدۇ. بىزدەك ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يازغۇچىلارى كىتاب-ئەسەرلەرىمىزنى ھۆكۈمەت تارماقلارى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىغان تۈر قاتارىغا كىرگۈزەلەسەك ۋە نەشىرىيات تەلەپ قىلىدىغان تراژ سانىنى توپلايالاساق، ئاندىن نەشىر قىلدۇرالايمىز. بۇ ھالدا، نەشىرىيات تەرەپ، كىتاب يازغان ئاپتورغا قەلەم ھەققى بەرمەيدۇ، پەقەت توختام بويىچە مۇۋاپىق ساندا كىتاب بەرىدۇ. بۇ كىتابلارنى بىز ئۆزىمىز خەرىدار ئىزدەپ ساتىپ، ئۇنى قەلەم ھەققى قىلىمىز.

بۇ خىل ئەھۋالدا، مەنىڭ كۆپىنچە تەئتىل دەم ئالىش ۋاقتىم تراژ توپلاش ۋە ئىلمىي تەتقىقات كىتابلارىمنى ساتىش ئۈچۈن خەرىدار ئىزدەش ۋە كىتابنى ئالىشقا تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن، كىتابخانامۇ كىتابخانا، بەزەن ھاللاردا ھەتتا شەھەرمۇ شەھەر قاتراپ يۈرۈش بىلەن ئۆتىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا، ماڭا ھەمكارلاشىپ، خالىس تەۋسىيەگەر بولغۇچى يەنەلا جانابى ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپ بولاتتى. ئالايلۇق، ئابدۇلقەييۇم بۇرادەرىم مەنىڭ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»(2004-يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان) ۋە «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئو ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (2005-يىل، مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان) دەگەن خاس ئەسەرلەرىمنىڭ كاشغەردىكى تەۋسىيەگەرى بولۇپ، ئۆزى كىتابلارىمنىڭ ئەۋرىشكەسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، قەشقەر 6-ئوتتۇرامەكتەپى قاتارلىق مەكتەپلەرگە ۋە «مەھمۇدىيە كىتابخاناسى» قاتارلىق شەخسى كىتابخانالارغا بارىپ، كىتابلارىمنىڭ مۇندەرىجە ۋە مەزمۇن نۇقتالارىنى ئوقۇپ بەرىپ، خەرىدار تاپىىپ، ساتىشىپ بەرگەنلەرى مەڭگۈ ئۇنتۇلماستۇر.

«ئالدىراشوپ» بىلەن لەقەبلەنىش

«لەقەمنى خىزىر ئەلەيھىسسەلام قويىدۇ» دەيدىغان ئاتا سۆزى بار ئۇيغۇردا. بىز ئون نەچچە زاكا ئاغىنەلەر ئىيمالىق ئىشلەتىدىغان مەزكۇر ئالدىراشوپ لەقەمى ئاداققىي جەھەتتە ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمگە سىڭىپمۇ كەتەلمىدىكى، بىز خىزىر بولماغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق بولسا كەرەك. بىراق، قەشقەردە «ئابدۇلقەييۇم» ئاتلىق ئەركەكلەر بەكمۇ جىق، ھەتتا فامىلەسى «تەۋەككۇل» بولغانلارمۇ كەڭ-كەڭرى. شۇڭا، بۇ يازمامدا، ئاغىنەمنىڭ «ئالدىراشوپ» لەقەبىنى ئىشلەتكۈم كەلدى، ئۆزۈرلەر!

ئەمما، ئۇنىڭ كۈندەلىك ياشامدا ھەقىقەتەنمۇ ئالدىراش ئۆتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تىنىمسىزلىقى ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممەسىگە ئايان. «ئالدىراشوپ ئاغىنەمىز تەخى كەلمەپتۇ-ھە؟» دەيمىز ھەمىشە، چۈنكى ھەر قانداق ئولتۇرۇش، يىغىلىشلارىمىزغا ئابدۇلقەييۇم ھەممەدىن كەيىن كەلىدۇ، ھەممەدىن بۇرۇن قايتىپ كەتىدۇ.

مەنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۈزەتىشىم ۋە قاراتمالىقى بار ھالدا ئالىپ بارغان بەئزى تەجرىبەلەرىمگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇلقەييۇمنىڭ ئالدىراشلىقى ياساما ئەرمەس تەبىئىي؛ كەيىن بارلىققا كەلگەن ئەرمەس، بەلكى تۇغما؛ مۇئەييەن مەقسەت ئۈچۈن ئەرمەس، بەلكى مۇتلەق تەمەنناسىز ۋە پەقەتلا ئىنسانىي ساخاۋەت ئۈچۈن ئىدى. ئۇ كەيىنچە، تەشكىلنىڭ تەستىقلاشى بىلەن، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،  مۇكەممەل سالاھىيەتلىك دوختۇر بولدى. ئەمما، ئەمەلىي خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخاناسىدا، ئادەتتىكى لابراتور ۋە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئوتتۇز نەچچە يىل ئىشلەدى. لابراتورىيە دەگەن دوختۇرخانانىڭ دەرمەھەللىك داۋالاش ئىشلارىغا جىددىي لازىملىق بولغان خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ۋەزىپەسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار ۋە جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرىدىغان كەسپىي بۆلۈم. ئابدۇلقەييۇم بۇ بۆلۈمدە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جىددىي ئىشلەيدۇ.

ئۇنىڭ ۋەزىپە چۈشمەگەن چاغلاردامۇ، گەزىت ئوقۇغاچ، ئىشخاناسىدا دەم ئالىپ ئولتۇرۇپ قالغۇدەك ۋاقتى يوق. ھەلى دوختۇرخاناغا كەسەل كۆرسەتكىلى چىققان بىر تونۇشى «ئەسسالام» دەپ كىرىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا مۇنداقلا يول كۆرسەتىپ، مەسلىھەت بەرىش بىلەن ھەرگىز چەكلەنمەيدۇ. ئۆزى ئۇ ھاجەتمەننى باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمگە ئاپىرىپ، دوختۇرنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرىدۇ، دوراسىنى يازدۇرىدۇ، دوراسىنى ئالىپ، ئۇنى قانداق چاغدا، قانداق يەيىش ھەققىدىكى تاپشۇرمالارنى قالدۇرماي، جىكەلەپ تاپشۇرىدۇ ۋە ئاخىرىدا، ئامانلىق تىلەكى بىلەن يولغا سالىپ قويىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىباشىدا ئۇقادەك ئاپپاق دوختۇر خالاتى كىيىكلىك، ئىش ۋاقتىدا خىزمەت بۆلۈمىدە ئولتۇرماي، تونۇش-بىلىشلەرىنى ۋە تونۇش-بىلىشلەرىنىڭ تونۇش-بىلىشلەرىنى باشلاپ، بۆلۈممۇ بۆلۈم كەسەل كۆرسەتىپ يۈرىدىغان ئىشى دوختۇرخانا رەھبەرلىكىنىڭ كۆزىگە مۇتلەق سىغماسىمۇ، نورمال خىزمەت قائىدەسىگە ھەم مۇۋاپىق بولماسىمۇ، ئاغىنەمنىڭ پەرۋايى پەلەك. خىزمەتكە تەئسىر يەتكۈزمەگەنلىكى، بۆلۈمنىڭ ھىچبىر ئىشىنى ئاقساتىپ قويماغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلى توق، بولۇشسىز ۋىجدان سوراقى يوق. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭغا ياردەم سوراپ كىرگەن ئۇ تونۇش-بىلىشلەرمۇ ھىچبىر ناكار ئادەملەر ئەرمەس: كەسەل كۆرسەتىش ئۆچرەت نومۇرىنى ئالىپ، مۇناسىبەتلىك دوختۇرنى تاپىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كەسەللىك ھال-ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، دورا يازدۇرۇپ ۋە ئۇنى ئالىپ كەتەلەيدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، ئابدۇلقەييۇم دوختۇر باشقا بىر نامايەندەكى، مەزكۇر بىمار ئۆزىنىڭ تونۇشى بولمىش ئابدۇلقەييۇمنى كۆرگەن ھامان كەسىلىنىڭ يارىمى ساقايىدۇ گويا. ئۇنىڭ يول باشلاپ بارىشى، ئۇنىڭ دورا يازدۇرۇپ بەرىشى بولسا، مەزكۇر بىتاب، بىمار ئىنساننىڭ كۆڭلىنى مىسلىسىز دەرىجەدە ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىنسان ئابدۇلقەييۇم قارىنداشىغا شۇ قەدەر ئىشەنىدۇ ۋە شۇ قەدەر ئەقىدە قىلىدۇ. ئۇ ئىنسان زادى ئابدۇلقەييۇمغا نەمە ئۈچۈن شۇ قەدەر ئىشەنىدۇ ۋە شۇ قەدەر ئەقىدە قىلىدۇ؟ بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرەلمەيدۇكى، ئىنسان دەگەن مۇشۇنداق قىزىق، ئالاھىدە مەخلۇق. ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمنىڭ چۈشەندۈرۈشى بولسا، تولامۇ ئاددىي ئەمما كەسكىن: «بىر ئىنسان ھاجەتمەن بولۇپ سەندىن ياردەم سوراسا، ئۇنىڭغا قۇربەتىڭنىڭ يەتىشىچە ياردەم قىلماساڭ، قانداق ئادەم بولىسەنكى!». دەمەك، ئاغىنەمنىڭ ئەقىدەسى شۇ: بىر ئىنساننىڭ ئىلتىماسلىق يەنە بىر ئىنسانغا ياردەم قىلىشى ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچتۇر!

مەنىڭ تونۇشۇمچە، ياردەمپەرۋەر ئىنساننىڭ نامايەندە بەلگەسى شۇكى، چىرايى ئوچۇق، چىقىشقاق بولغاندىن باشقا، خۇسۇسىيەت جەھەتتە، ئەڭ ئوتلۇق ۋە تەمەنناسىز مۇھەببەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، بۇ دۇنيادا، ياردەمپەرۋەر ئىنساننىڭ ئاغا-ئىنىسى ۋە تونۇش-بىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمنىڭ تونۇش-بىلىشلەرىنىڭ كۆپلۈكىگە شەھەرىمىزنىڭ كوچا-كويلارىدا، ئۇ باشىنى تىك تۇتقان ھالدا بەش مىنۇتمۇ ماڭالمايدۇ گويا. ھەلى ئوڭ تەرەپكە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەسە، ھەلى سول تەرەپكە «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەيدۇ-دە، ئالدىغا ئەڭىشىپ، ئەگىلىپلا يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قەدەر كۆپ تونۇش-بىلىشلىك بولۇشى ئۇنىڭ دوختۇرخانادا ئىشلەيدىغان بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىبەتلىك، ئەلبەتتە. دوختۇرخاناغا ھاجەتمەن بولمايدىغان كىم بار، بىمار-بىتاب بولۇپ قالمايدىغان كىم بار؟ ئەمما، دوختۇرلارنىڭ ھەممەسى ئابدۇلقەييۇمدەك كۆپ تونۇش-بىلىشلىك بولۇپ كەتەلمەيدۇ. ئابدۇلقەييۇمنىڭ تونۇش-بىلىشلەرى ئىچىدە، دوختۇرخاناغا ئىھتىياجلىقلارىدىن تولا ئۇنىڭدىن تۈرلۈك تۇرمۇش يوللارى ۋە قىسمەتلەرى بويىچە مەسلىھەت-ئەقىل سورايدىغانلار بەك جىق. بۇ خىل مەسلىھەت-ئەقىل سورايدىغانلارنىڭ ئىچىدە، خەلى-خەلى سالاپەتلىك ۋە ئىناۋەتلىك زىيالىيلارمۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كىرىشتە قايسى پەننى تاللاسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سورايدىغان ئاۋام ئاتا-ئانالارمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلارىمۇ، ئىش-ئوقەتتىن زەرىكىپ، لاغايلاپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغان بىكار تەلەپلەرمۇ، بالالارىنى نورمال تۇرمۇش يولىغا كىرگۈزەلمەگەن ئاتا-ئانالارمۇ بار. ھەتتا، بىر تۇغقان- قارىنداشلار ئۆز-ئارا جىدەللەشىپ-ئازارلاشىپ قالسامۇ، بىرىنجى تاللاشتا ئابدۇلقەييۇمدىن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. مۇنداق ھاجەتمەن ئادەملەرنىڭ كۆپىنچەسى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»نى قويۇق ئەيتىپ، بىۋاسىتە ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگەلا ئۈسسۈپ كىرىۋەرىدۇ. سەل تارتىنچاقراقلارى بولسا، ئاغىنەم ئىشتىن چۈشكەندە ياكى ئىشقا ماڭغاندا جەزمەن ئۆتىدىغان يولنىڭ دوقمۇشىدا، ئۆيى جايلاشقان كوچانىڭ ئاغىزىدا ساقلاپ تۇرىشىدۇ. شۇڭا، ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپنىڭ «ئۇھ» دەپ، دەم ئالىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قاچان قايتىپ كەلىدىغانلىقى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىنتاڭ ئىش قاتارىغا كىرىدۇ.

شۇنداق، ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل قاچان قاراساڭ، ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجەدە تولۇپ-تەشىپ تۇرىدىغان ئالدىراشچىلىق ئىچىدەلا ئۆتىدىغان ئىنسان بولغاچ، بىز ئۇنى «ئالدىراشوپ» لەقەمى بىلەن لەقەبلەندۈرگەنمىز. بىزنىڭ ئاڭىمىزدا، بۇ لەقەب ئۇنى مەركەز قىلغان ئون-يىگىرمە كىشىلىك ئاغىنەلەر توپىنىڭ دوستىمىزغا بولغان قايىللىقىمىز، ھۆرمەت-ئىھتىرامىمىز ۋە ھەيران-ھەسلىكىمىزنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ئالاھىدە ئۇنۋاندۇر.

ئابدۇلقەييۇم ئالدىراشوپنىڭ رىيازەتلەرى ۋە دارامەتلەرى

ئابدۇلقەييۇم باشقالارغا ياردەم قىلىمەن دەپ چاپىپ يۈرۈپ، ھارىدۇ، چارچايدۇ، رىيازەت چەكىدۇ، ئەلبەتتە. ئەمما، بۇ خىل رىيازەت ئابدۇلقەييۇمنىڭ نەزەرىدە، ئوشۇقچە جاپا تارتىش، مۇشەققەت چەكىش ھىسابلانمايدۇ مۇتلەق. نەمىشقا؟ خاسىيەت، سىر-ئەسرار مانا مۇشۇ يەردە!

چەكىدىن ئاشقىن مەشغۇلات ۋە تىنىمسىز ھەرىكەت پولاتتىن ياسالغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىمۇ خوراتىپ، شالاقلاتىۋەتىۋاتقان يەردە، ۋۇجۇدى گۆشتىن پۈتكەن ئىنساننى ئەلبەتتەكى ھاردۇرىدۇ، چارچاتىدۇ، ئورۇقلاتىدۇ ۋە زەئىپلەشتۈرىۋەتىدۇ. شۇڭا، ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمنى قاچان قاراساڭ، گەرچە ۋۇجۇد-سالاپەتىدىن جۇشقۇنلۇق، جاسارەت تەپچىپ تۇرسامۇ، يەگەن-ئىچكەنلەرى يۈزىگە ماي بولۇپ تەشىپ چىقىپ پارقىراپ تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ دەل ئەكسىنچە، چىرايى ياداڭغۇ، ۋۇجۇدى ئورۇق تۇرىدۇ. ئەمما، سەن قانداق قىلالايسەنكى، ئۇ ئۆزى ئاشۇنداق تىنىمسىز ئىشلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ۋە ئۇنى تەبىئىي بۇرچ بىلىدىغان بىر ئىنسان تۇرسا!؟

-مىللەت جىق ئاجىز، خەلقىمىزدە ياردەمگە مۇھتاج روۋۇك ئادەملەر بەكلا كۆپ.  بۇ ھالدا، قولۇڭدىن كەلىدىغان خالىس ئەمگەك بىلەن ئۇ ئاجىز، ياردەمگە ھاجەتمەن قارىنداشىڭغا ئۆز يولىدا تەگىشلىك مەدەتكار بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئىنسانغا خاس مەئرىپەت ۋە مەدەنىيلىك ئىچىدە ئۆتۈشىگە بىر ئۈلۈش كۈچ قوشساڭ، بۇ سەنىڭ ئىنسانىي بۇرچۇڭكى، پەقەت شۇ چاغدالا ئاندىن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ياشاغان ئادەم ھىسابلاساڭ بولىدۇ، بۇرادەر!

مانا بۇ ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇمنىڭ «خەقنىڭ ئىشىغا سەل چاغىداراق پالاقلاساڭلار بولمامدۇ،ئادەش؟» دەگەن ياخشى نىيەتلىك ئاغا-ئىنىلەرگە بەرىدىغان ھەمىشەملىك جاۋابىدۇر. روشەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئابدۇلقەييەم تەۋەككۇل ياردەمپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە يىلتىزى، ئادەمىيلىك ئەقىدە نەگىزى، ئىنسانىي ياشام دەستۇرىنىڭ يادروسى ۋە ماغىزىدۇر!

ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل بىراۋغا يار يۆلەك بولۇش ۋە ياردەم قىلىشتا، «تونۇيدىغان ئادەم» ۋە «تونۇمايدىغان ئادەم» دەپ مۇتلەق ئايرىمايدۇ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىن تونۇشلۇق ئاغىنەسىگە قانداق قىزغىنلىق ۋە ئىنچىكەلىك بىلەن ياردەم قىلسا، بۇرۇن ھىچ تونۇشمايدىغان، تەخى بۈگۈنلا ئەسسالاملاشقان ئادەمگەمۇ ئوخشاشلا ئەستايىدىللىق بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ.

ھىكايەت: 2007-يىل، پەنسيونىر بولۇش ئالدىدىكى ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ئۆز ئىدارەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆمەك بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكەلەر زىيارەتى قىلىپ، پايتەخت بەيجىڭغا كەلىدۇ. كوللىكتىپ پائالىيەت يوق كۈنلەردە مەن ھەمراھ بولدۇم تەبىئىي. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بازار ئايلانىپ بولۇپ، چۈشلۈك تاماق يەيىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەيجىڭدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ قىيپاش ئارقا تەرەپىدىكى گەنجياكو (甘家口) كوچاسىغا جايلاشقان ئۇيغۇرچە تاماق رەستۇرانلارى تەرەپكە ماڭدۇق ئىككى-ئۈچىمىز بىرلىكتە.

پاراڭلاشقاچ كەتىۋاتاتتۇق، ئابدۇلقەييۇم توساتتىن توختاپ: «قاراڭلار، يولنىڭ ئاۋۇ تەرەپىدە ئىككى نەپەر دىھقان چىراي ئۇيغۇر تۇرىدۇ، مەن بارىپ، بىر سالاملاشىپ قويۇپ كەلەي، سىلەر ئاستاراق ماڭىۋەرىڭلار. يەنەلا تۈنۈگۈن كىرگەن ھەلىقى رەستۇرانغا كىرىمىزغۇ-ھە؟ مەن تاپالايمەن» دەدى ۋە بىزنىڭ پىكىرىمىزنى ئاڭلاپ باقمايلا، يولنىڭ ئۇ تەرەپىگە ئۆتۈپ كەتتى. قاراساق، يولنىڭ ئۇ تەرەپىدە راست ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئىنسانى پاراڭلاشىپ تۇراتتى. بىز كۆرمەپتۇق، ئابدۇلقەييۇم كۆرۈپتۇ.

ئابدۇلقەييۇمنىڭ پىكىرىى بويىچە، بىز ئالدىمىزغا ماڭىۋەردۇق، ھەلىقى رەستۇرانغا كىردۇق، ئاچ قورساق يەنە بىرەيلەن بىلەن ئىككىمىز تاماق بۇيرۇتقاچ تۇردۇق، تاماقنى يەپمۇ بولدۇق. ئابدۇلقەييۇم يەتىشىپ كەلمەدى. يانىمدىكى ھەلىقى بىرەيلەننى ئالدىغا چىقاردىم. ئۇ خەلى ھايال بولۇپ، قايتىپ كىردى ۋە ھاسىراپ تۇرۇپ: «ھەلىقى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تۇرغان دوقمۇشتا، ئابدۇلقەييۇممۇ، ھەلىقى ناتونۇش ئۇيغۇرلارمۇ يوق» دەدى. ئۇ تەخى ھازىرقىدەك يانفون ئومۇملاشماغان چاغ ئىدى، بىز ئامالسىز، داستىخانغا دۇئا قىلىپ، مىھمانخاناغا قايتىپ كەتتۇق.

ئابدۇلقەييۇم شۇ كۈنى كەچ سائەت توققۇز يارىملاردا، مىھخانادىكى ياتاقىغا پەيدا بولدى. قورساق ئاچقانلىقتىن ياكى جىق گەپ قىلغانلىقتىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئاغىزلارى گەز باغلاپ كەتىپتۇ. چۈشتە نەمە ئىش بولغانلىقىنى بىز سوراپ بولغىچە، ئۆزى گەپ باشلاپ كەتتى:

-ھەلىقى ئىككەيلەن قەشقەر پەيزاۋاتلىق دىھقان خەق ئىكەن. بىر مەجرۇھ بالاسىنى دوختۇرخاناغا ئالىپ كەلگەنىكەن. تەرجىمان لازىم بولۇپ، ئۇيغۇرلار جىق كەلىدىغان بۇ كوچادا «بىرەرتە-يارىمتە ئۇيغۇر قارىنداش ئۇچراپ قالسا ۋە بىزنى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا باشلاپ بارسا، شۇ يەردىكى ئانا يۇرتلۇق ئوقۇغۇچىلاردىن تەرجىمان ئالىپ، يەنە دوختۇرخاناغا بارساق» دەگەن مۇددىئادا تۇرغانىكەن. ئەھۋالنى ئۇققاندىن كەيىن: «دوختۇرلۇق، ئاغرىق-كەسەل چۈشەندۈرۈشنىڭ تەرجىمانى بولۇشقا مەن ئەڭ يارايمەن. قەنى يول باشلاڭلار، دەرھال بارايلى» دەدىم. ئۇلار بەكمۇ خوشھال بولۇشتى. بىللە بارىپ، ھاجەت ئىشىنى بەجا كەلتۈرۈشۈپ بەرىپ كەلدىم.

ئابدۇلقەييۇمنىڭ ھىكايەسىنى ئاڭلاغاچ، بىرىمىز چاي قۇيۇپ، ئىھتىرام بىلەن تەڭلەدۇق، يەنە بىرىمىز ئاتاپ ئالغاچ كىرگەن سامسا-كاۋاپلارىمىزنى ئالدىغا قويدۇق. بىز شۇ كۈنى شاھىت بولۇپ كۆردۇقكى، شۇ ئاندا ئۇنىڭ كۆزىدىن ۋە پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن بۇ دۇنيادا پەقەت ئەڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر ئىش قىلغان ئادەمنىڭلا كۆزىدە ئىپادەلەنىدىغان شادىمانلىق، رازىيمەنلىك ۋە ئىپتىخارلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مانا بۇ –ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ئالدىراشوپتۇر!

مەن تەئتىل قىلىپ، كاشغەرگە دەم ئالىش ئۈچۈن كەلىپ قالسام، ھەر قانچە ئالدىراش بولسامۇ، ئۆزى يول باشلاپ، ياقىندىن بۇيان ئەڭ تەملىك تاماقلارى بىلەن داڭق چىقارغان رەستۇرانغا باشلاپ تائاملاندۇرىدۇ. «ماۋۇ ئۆز يۇرتىغا مۇساپىر يەتىم. تاماقنى بەلەنرەك قىلىپ بەرىشەلا، جىما!» دەپ ئالاھىدە تەئكىتلەپ تۇرىدۇ. مەيدەك پىشقان ئەڭ چىرايلىق ۋە تاتلىق مىۋەلەرنى يەگۈزىدۇ.ئۆزىنىڭ باشقا ئىشى بولۇپ قالغان كۈنلەردە، مەنى باشقا ئاغىنەلەرگە تاپشۇرىدۇ: «ماۋۇ يەتىمنى زەرىكتۈرۈپ قويمايلى. ھەي، خىزمەت ئورنى ئانا يۇرتتىن ئون مىڭ كىلومەتىرلاپ ئۇزاقتا، يىلدا بىر قاتىم كەلەلەيدۇ ئاران، بۇنىڭغامۇ ئاسان ئەرمەس» دەگەن ئالاھىدە ئىزاھات بىلەن.

«ئۆمۈر بويى ئانا يۇرتتىن غىرىچ سىرتقا چىقماي، يەپ-ئىچىپلا كۈن ئۆتكۈزۈش ۋەتەنپەرۋەرلىك بولمايدۇ، بەلكى ئىلىم-پەن ئۆگرەنىش، ئۆگرەتىش مۇددىئاسىدا، ئۇزاق-ئۇزاقلارغا ئىلىم سەپەرى قىلىش ۋە قەيەردە بولماسۇن، ئۆز يۇرتى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ يۈز-ئابرويى ئۈچۈن، ھوسۇللۇق ۋە بەرىملىك ياشاشمۇ ھەقىقىي ئۇقۇم-مەئنەدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بولىدۇ. ئاغىنەمىز ئابدۇرەئوپ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئانا يۇرتتىن ئۇزاقتا، بىز ئانا يۇرتلۇقلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغان نەتىجەلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. بىز ئۇنى ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاشىمىز لازىم، ئاغىنەلەر! «.

ۋىجدان بىلەن ئەيتىمەنكى، ئانا يۇرتتىن يىراقتا ئىشلەۋاتقان ئادەم ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىدىكى قارىنداشلارىنىڭ، ئەل-ئاغىنەلەرىنىڭ قوللاشى مىسلىسىز زور مۇكاپاتتۇركى، مەن ھەر قاتىم ئابدۇلقەييۇمنىڭ يۇقىرىقىدەك گەپلەرىنى ئەسلەسەم، ۋۇجۇدۇم باشقاچە كۈچ-غەيرەتكە تولىدۇ. قاچانكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ياكى بىرەر بولۇشسىز ئىش تۈپەيلىدىن روھىم چۈشۈپ، كۆڭلۈم يارىم بولۇپ قالسا، ئابدۇلقەييۇمنىڭ ئاشۇنداق جەۋھەر سۆزلەرى يادىمغا كەلىپ، بىر ژۇلقۇنۇپلا، يەنە ياڭىدىن جاسارەتلەنىپ قالىمەن.

مەنىڭ چۈشەنچەمچە، بەئزەن ئادەملەر تۇغما تەبىئەتىدىنلا قولى ئوچۇق، يەنە بەئزى ئادەملەر بولسا، تۇغۇلۇشىدىنلا پىششىق-پىخسىق خۇسۇسىيەتلىك بولغاندەك، ياردەمپەرۋەرلىكمۇ ئىنساندىكى بىر خىل تۇغما خۇسۇسىيەت. ئۇ ئادەمىيلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك پەزىلەتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئىنسانپەرۋەرلىكنى خەلق تىلىدا، «ئادەمىيگەرچىلىك» دەيدۇ. ياردەمپەرۋەر ئادەملەر باشقالارغا ياردەم قىلىشنى ئىنسانىي بۇرچ، ئىنسانلىقنىڭ نەگىزلىك ئالامەتى ھىسابلايدۇ. ھالبۇكى، ياردەمپەرۋەر ئادەملەر ئىنسانلار توپىدىكى گۈزەل تەبىئەت ۋە يۈكسەك پەزىلەت ساھىبلارى، ئىنسانلىقنىڭ گۈل-تاجلارى سانالىشقا ھەقلىقتۇر، ئەلبەتتە!

مەلۇمكى، باشقالارغا ياردەم قىلىش ئادەتتە، ۋاقىت، كۈچ ۋە زەھىن تەلەپ قىلىدىغان بىر ئەمگەك. ئەمگەك-جاپا  دەگەن ئىنساننى ھارغۇزىدۇ، رىيازەت چەكتۈرىدۇ. ئابدۇلقەييۇم بۇرادەرىم ئاشۇنداق تىنىمسىز ئەمگەك بىلەن توختاماي رىيازەت چەكىدۇ. بۇنىڭ بەدەلىگە ئۇ نەمە دارامەت ئالىدۇ؟

ئۇنىڭ ئەرىشكەن دارامەتلەرى شۇ: ئۇ ئۆزى ياردەم قىلغان ئادەملەرنىڭ خوشلۇقى، رازىيمەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ياردەمنىڭ ۋەسىلەسى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھوسۇل-نەتىجەلەرى ئۈچۈن، ئىچ-ئىچىدىن خوشھال بولىدۇ. شۇنداقلا، پەقەت ۋە پەقەت ياردەمپەرۋەر ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە شۇ قاتاردىكى ھەقىقىي ئىنسانلارلا  چۈشەنەلەيدىغان بىر خىل مەئنەۋى ھوزۇر ئالىدۇكى، مانا بۇ -ئىنساننىڭ ھايۋاندىن ۋە باشقا بارلىق جانلىق مەۋجۇداتتىن پەرقلىق ئۇلۇغلۇقى ۋە ئەزىزلىكىدۇر!

ئاللاھ سەندىن رازىي بولسۇن، ئالدىراشوپ دوستۇم ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل!

بۇ مىللەت ھەممەمىزنىڭ

» بىر ئىنسان ئۆز ئالدىغا مىللەت بولالمايدۇ، مىللەت دەگەن كۆپلۈك. بۇ مىللەت ھەممەمىزنىڭ. شۇڭا، ھەممەمىز مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئىشى ئۈچۈن، ئۆز ئىمكانىمىزچە بىر ئۈلۈش قوشۇپ، ھەمكارلاشىپ ياشاشىمىز كەرەك» بۇ ئابدۇلقەييۇم ئاغىنەمنىڭ جەۋھەر سۆزلەرىدىن سانالىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ئەقىدەدە بولغاچ، ماڭا قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ياردەملەرىنى بىر ئاغىنەسىنىڭ يۈزى ئۈچۈن، شۇ بىر شەخس ئۈچۈنلا قىلۋاتقان ياردەم ئەرمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئىشىغا تالىق مۇقەددەس ئىش يۈكسەكلىكىدە تونۇپ قىلىدۇ.

ھىكايەت. مىلادىيە 2008-يىل «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولدى. مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىن قىرىق نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى باشلاپ، قەشقەر ئوپالغا بارىپ، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرەسىنى ئون ئەسىردە بىر قاتىم دەگۈدەك ھەم تەنتەنەلىك ھەم ئەھمىيەتلىك بىر زىيارەت قىلدۇق. (بۇ ھەقتە «ئۇنتۇلماس كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق بىر ئەدەبىي خاتىرەم بار. نەسىب بولسا، ياقىندا مۇشۇ تەرزدە ئەئلان قىلىمەن).

بەيجىڭدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، مەن ئەقىدە قىلىدىغان زىيالىي بۈيۈكلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ قوللاشىنى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەبلەردىنمۇ ئەۋلادلاردىن ئىختىيار قىلغانلارىنى تەشكىللەپ، بىللە زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدىم. مەن كۆرۈشكەن ئۈچ كىشىنىڭ ھەممەسى ئوخشاشلا رەد قىلدى ۋە ماڭا سەمىمىي تەربىيە قىلدى: «بۇ يىل جۇڭگو تارىخىدا بىر بۈيۈك تەنتەنە بار، ئۇ بولسامۇ، بەيجىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقەسىدۇر. بۇ ئانا يۇرت سىلەرنىڭ بەيجىڭغا ئوخشامايدۇ. سىلەردە بار دىموكراتىيە بىزدە يوق. بىزگە قاتتىق سىياسەتلىك ئۇقتۇرۇش بار: ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقەسى بىلەن ئالاقەسى بولماغان ھەر قانداق كوللىكتىپ پائالىيەت قىلىشقا مۇتلەق رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئولىمپىك مەشئەلىنى كۆتۈرگەنلەر شەھەردىن ئۆتكەندە، يول بويىدا تۇرۇپ چاۋاك چالىدىغانلاردىن باشقا، بىنا-ئۆي دەرىزەلەردىن باشىنى چىقارىپ قاراشقامۇ بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى سىلە (مەنى دەمەكچى) ئۆزلەرىمۇ ئاشۇ باشلاپ كەلگەن ياش ئوقۇغۇچى بالالارنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۇ پائالىيەتنى قىلماسالا. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلە ھەلىقى «<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين>دىن <مەئارىفۇل لۇغەتەين>غىچە» ماۋزۇلۇق ئەسەرلەرىنى ئەئلان قىلغانلارىدىن بۇيان، سىلەنىڭ  بۇ ئانا يۇرتتا ھىچبىر ياخشى ئىناۋەتلەرى يوق. سىلەگە ئەرگەشىپ، قەبرىگاھ زىيارەتى قىلغان ياش ئوقۇغۇچىلار كەيىن جازاغا ئۇچراسا، ئۇلارغا ئۇۋال بولىدۇ. يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەسكۈلۈك! ياخشى ئويلانسىلا!»

مەن ئۇلار بىلەن مۇنازىرەلەشمەدىم. ئۇدۇل قەشقەرگە بارىپ، ئاغىنەم ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇلنى تاپتىم.

-بۈيۈكلەر توغرا دەپتۇ،- دەدى ئاغىنەم تەستىق ئاھاڭىدا،- بىراق، سىلەنىڭ ئون مىڭ كلومەتىرلاپ ئۇزاقتىن ياش ئوقۇغۇچى ئەۋلادلارنى باشلاپ كەلىپ، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىينەڭ مىڭ ياشى مۇناسىۋەتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانى بەكىتىپ ئەئلان قىلغان «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دا كاشغەرىي بوۋامىزنىڭ قەبرىسىگە گۈل-چەچەك ياپىمىز دەپ كەلگەنىڭلەرنىڭ ئۆزىمۇ بىر بۈيۈك جاسارەتلىك ئىش ئىكەن بۇ. شۇنداق، ھازىر ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە ئەرمەس، بۇ يەزادىن ئۇ كەنتكە بارىش ئۈچۈنمۇ يول خەتى بولماسا، ئۆتەلمەيمىز، ئادەش. قەنى، تەشكىلىڭلاردىن ئالىپ كەلگەن يول خەتى، پائالىيەت ئىجازەت تونۇشتۇرۇشى دەگەنلەرنى چىقارىپ باقىڭلار، مەن بىر كۆرەي. ئاندىن، مەن توقۇزاق ناھىيەسىگە ۋە ئوپال كەنتىگە بارىپ، ئىش باشىدىكى ۋەلىيلەر بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقاي. تىرىشايلى، تىرىشماي تۇرۇپ، ئەجىر قىلماي تۇرۇپ، ھەمىشە چەكىنىش كارنايى چالىپلا يۈرسەك بولماس!

ئەسلىدە، قەبرىگاھ زىيارەتى ئۆمەكىمىزنىڭ باشلىقى  ئۇيغۇر فاكۇلتەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشماسى ھەيئەتى بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىدى، مەن ئۆمەك يەتەكچىسى ئىدىم. كەڭەش-مۇزاكىرە ئارقالىق، ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇلنى ئۆمەكىمىزگە كومىسار قىلدۇق.

كومىسار ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇلنىڭ بىر ھەپتە جاپالىق ئەمگەك قىلىشى ئارقالىق، زىيارەت يولىمىز داغدام ئاچىلدى. بىز ئىلىملىك ئۆمۈرىمىزدە تولامۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر زىيارەت پائالىيەتىمىزنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملادۇقكى، زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ھەممەمىز كومىسار ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇلغا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان شۈكران چاۋاكلارىمىز بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈردۇق.

ئۇنۇتمايمىز ھەرگىز، بۇ مىلادىيە 2008-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، كاشغەر ئوپالدا بولغان ئىش.

2018-يىل 10-سنتەبىر، بەيجىڭ.

2021-يىل 17-ئاپرىل، سان ديەگو.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top