You Are Here: Home » ئومۇمى » گومىنداڭ ئىستىخباراتلىرىدا سەيپىدىن ئەزىزى

گومىنداڭ ئىستىخباراتلىرىدا سەيپىدىن ئەزىزى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى 1945-يىلىدىن باشلاپ 11 بىتىم ئىمزالانغىچە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستېرى، ئۆلكەلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە بولسا مائارىپ نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1946-يىلى ئاخىرىدا بولسا قەشقەر ۋىلايەتىگە يەرلىك سايلامنى نازارەت قىلغۇچى بولۇپ تەينلىنىپ، جەنۇبتا بىر مەزگىل بولغان ئىدى. تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللار ئىچىدە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىسمى كۆپ تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما خىتاي ئىستىخبارات ئورۇنلىرىدىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارەسى 1947-يىلىنىڭ باشلىرى تەييارلىغان مەزكۇر دوكلاتتىن خىتاينىڭ يەنىلا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەينى چاغدىكى پائالىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە دىققەت قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ يوليورۇقى بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلاتنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. 


شىنجاڭ مائارىپ نازىرى سەيپىدىننىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستېرى سەيپىدىن ئەزىزى

مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارەسى (باۋمىيجۈ 保密局) (1947-يىلى) 4-يانۋار تەييارلىغان دوكلات.

1)

شىنجاڭ مائارىپ نازىرى سەيپىدىن ئۆتكەن يىلى يەنى مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) نويابىردا قەشقەرگە بېرىپ ھەر قايسى بايلار (مال مۈلكى بار كىشىلەر) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار ئىچىدىكى بۇرۇن باندىتلار ئارمىيەسىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان. يەنە مەخپىي ھالدا ئۇلارغا بۇ جايلاردا پۇقراچە كىيىنگەن مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى قۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. بۇ قىسىملارغا قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى قاسىمجان قەمبىرى (ئىلى توپىلىڭى مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق شەخس) يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى، قۇرۇقبەگ؟ (库鲁克拜) باش سېكرىتار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە تەشۋىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلاب مەقسىتىنى تەشۋىق قىلىش؛ بۇزغۇنچىلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتايلارنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي ھېسنى ئۇرغۇتۇش؛ قەستلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خىتايغا مايىل كىشىلەرنى يوشۇرۇن قەستلەش قاتارلىقلارنى پىلانلىغان ۋە خىتايلارنى قىرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ئەمەلدارلارنىڭ مەزكۇر تەشكىلات ئىچىدىكى ئەزالاردىن تاللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان بۇندىن بۇرۇن قەشقەر سايلام نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىپى مى(米دەپ يېزىلغان ۋە تولۇق ئىسمى بېرىلمىگەن) غا مەخپىي يوليورۇق بېرىپ، سەپەر جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا قىزىقتۇرۇشنى تاپىلىغان.

2)

مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان ئىمىنئاخۇن ۋە مامۇت قاتارلىق كىشىلەرگە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى (伊斯兰教青年团) قۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەزا بولۇشقا قىستىغان. قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى قاسىمجان قەمبىرى يېقىندا ئابدۇلھەق (مائارىپ نازىرى سەيپىدىننىڭ قېرىندىشى) ۋە مەمەت خەلپەت (买买提海力排提) قاتارلىق ئىككى كىشىنى يەكەنگە ئەۋەتىپ، ئىمىنئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلدۇرغان. بۇ ئىككى كىشى يەكەنگە بارغاندىن كېيىپ، بۇ جايدىكى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى مامۇت، ئىمىنئاخۇن، ئابلاجان باي، ئابلىمىتجان، ئابدۇللالىدىن (阿卜杜拉力丁)، رىشات ئەخمەتجان ، نۇرمۇھەممەتجان قاتارلىق كىشىلەرنى يېتەكلەپ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان ۋە سوۋېت تەرەپكە ئاخبارات يەتكۈزگەن.

3)

سەيپىدىن قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى مائارىپ ئىدارەلىرىگە شۇ جايلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. قەشقەر كوناشەھەر ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىدە مەخپىي نازارەتچىلىك قىلىدىغان كىشىلەردىن ئابدۇللا رېھىم (阿布都拉热木)، مامۇت ۋە قۇتلۇق؟ (库吐如甫) قاتارلىق كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. مارالبېشى ناھىيەسىدە ھەم بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئابلىمىت؟ (阿布拉列买) گۇرۇپپا باشلىقى بولغان( بۇ كىشىنىڭ مائارىپ نازىرى سەيپىدىن بىلەن مۇناسىۋىتى تولىمۇ قۇيۇق بولۇپ، ئارىلاپ قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ). بۇ گۇرۇپپانىڭ خىراجەتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ تەمىنلەيدۇ.

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى


تۆۋەندىكىسى سەيپىدىن ئەزىزى ئۆلكەلىك مائارىپ نازىرى بولۇش ئالدىدا قول قويغان قەسەمنامەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولۇپ، 2005-يىلى سېنتەبىردە مەخپىيەتلىكى قالدۇرۇلغان. مەزكۇر قەسەمنامەگە قويۇلغان ئىمزادا «سەيپىدىن ئەزىزوف» دەپ يېزىلغان. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ مەزكۇر ئىمزا شەكلىنى كېيىنكى يىللاردا، يەنى خىتاي كومۇنىستلىرى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئىشلەتمىگەنلىكى مەلۇم. 

مەزكۇر دوكلاتتىن بىر بەت

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top