You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دار ئالدىدا

دار ئالدىدا

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە

دار ئالدىدا
ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ كېڭىشى ئېچىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن خوتەننىڭ يارباغقا قاتار ئون بىر دار ياغىچى قۇرۇلدى. دارنىڭ ئارتىق لىمىغا باغلانغان مايلىق ئارقان يەرگە ساڭگىلاغلىق بولۇپ، ئۇنىڭ كىرمەك ئۇرۇپ باغلىغان سىرتمىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. قوللىرى ئارقىسىغا باغلانغان تارىبەگ، قارامەت، باۋۇدۇنبەگ ۋە روزىسوپى قاتارلىق خائىنلارنى ۋە ئۆيىگە قۇرال – ياراق، ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى تىقىۋالغان خىتايلارنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بولۇپ جەمئى 11 جىنايەتچىنى قوراللىق يىگىرمە ئىككى ئەسكەر يالاپ دار ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ قاپلىغان بولۇپ، خۇددى سوغۇقتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۆشۈكتەك تىترەپ تۇراتتى. ئۇلارنى ئورىۋالغان مىڭلىغان تاماشىبىنلار تەقدىرنىڭ كارامىتىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا دارنىڭ ياغلىق سىرتمىقىنىڭ تېزرەك سېلىنىشىنى تەقەزالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.

ئىلچى خەلقنىڭ چىرايىنى بولسا پەقەت غالىپلاردىلا بولىدىغان مەغرۇر بىر قىياپەت ئەسىر ئالغان ئىدى. بۇ خائىننىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايى بىر – بىرىدىن قىلىشمايتتى. ئۇلارنىڭ ساقال – بۇرۇتلىرىغا ئۇستۇر تەگمىگەن بولۇپ، رەڭگى – رويىنى توپا باسقان، لەۋلىرى گەز باغلىغان، ئاغزىنىڭ چۆرىسىدىن كۆپۈك ئۆرلەپ تۇراتتى. بولۇپمۇ روزىسوپىنىڭ سەللىسىز قالغان پاينەك بېشى پاقا يالىۋەتكەن سويمىدەك پارقىراپ، باشقىلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن يېشى ئەللىكلەرگە ئۇلاشقان، رەڭگى قارا كەلگەن، ئوتتۇرا بوي، قاپلان باش، چوڭ ئۆتكۈ كۆزلۈك، ساقال – بۇرۇتلىرى قويۇق ئۆسكەن بىر كىشى تايغاندەك ئۇياقتىن – بۇياققا تاقلاپ، ئاغزىغا كەلگەننى ۋارقىراپ:
‐ روزى سوپىدەك خائىنلارنىڭ جاجىسى ئۆلۈم، ئۇلارنى دەرھال ئېسىش كېرەك، بولسا ئەڭ ياخشىسى بۇلارنى چوماقلاپ ئۆلتۈرگەن ياخشىراق. بىگۇناھ قاراقاشلىقلارغا ئاز زۇلۇم قىلمىدى. ئۇلارنى دەرھال ئۆلتۈرۇپ جانغا – جان ئېلىش كېرەك.

ئۇلارنى دارنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، ھەربىردارنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا دەللەپ قويۇلگان قېرى قارياغاچنىڭ قوزاقلىق كۆتىكىنىڭ ئۈستىگە بىر – بىرلەپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا بوينىغا سېلىنىدىغان ياغلىق سىرتماق ساڭگىلاپ تۇراتتى. جانسىز پۇتلىرى بىلەن كۆتەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىسىنى دەسسەپ تۇرغان تارىبەگ خۇنسىز كۆزلىرىنى يۇقىرىغا تىكتى. كۆك ئاسماندا بىر توپ ئاپاق مامۇقتەك بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پارقىراپ تۇرغان قۇياش بولسا ئۇنىڭغا يۈزىنى بىر نېپىز پەردە تورىۋالغاندەك غۇۋا كۆرۈندى. بۇ ھال ئۇنىڭ ئەنسىزلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. ئۇ ئۆز كۆڭلىدە قاتتىق تەۋبە قىلىشقا باشلىغانىدى. ئەگەر ئۇ، مۇشۇ قېتىمقى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالسا ئىككىنچىلەپ خائىنلىقتەك بىر قىلمىشنى قىلمايدىغانلىقىغا ئۆز – ئۆزىگە قەسەم قىلدى. ئەمما بۇنداق بىر پۈرسەتنىڭ ئەسلا كەلمەيدىغانلىقى ئالدىدا ساڭگىلاپ تۇرغان سىرتماقتىن بەلگىلىك ئىدى. گۈرۈلدەپ چىقىۋاتقان شامال چاچ – ساقاللىرىنى ئۇچۇرتۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر ئاۋازلار بىلەن قۇلىقىغا بىر نېملەرنى پىچىرلايتتى. قارىداپ رەڭگى كەتكەن يۈزلىرى ھېلىلا ئاچچىق غورا يېۋالغاندەك پۈرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاچچىق پۇشايمىنىنى ئىچىگە يۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. توغرا كىشى پۇشايمان قىلسا كەچۈرۈشكە بولىدۇ.

بىر ھەدىس شەرىپتە: «تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىڭلار»، دېيىلگەن. ئەمما ۋەتىنىگە، ئۆز مىللىتىگە قىلىنغان خائىنلىقنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا سىرتماق سېلىندى، ئەمدى پەقەت پۇتىدىكى كۆتەكنى يانلىرىدا سەپراس تۇرغان ئەسكەر يىگىتلەر بىرلا تەپسە، خائىنلار بۇ دۇنيادىن شەرەپسىزلەرچە خوشلىشاتتى. روزىسوپىنىڭ بوينىغا سىرتماق سېلىنىش بىلەن تەڭ قورۇق باسقان يۈزلىرى بۇرۇنقىدىن بەتتەر تاتىرىپ، بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك شالاڭ ساقىلى تىترەپ كەتتى. ھازىر بولسا بۇ دۇنيا بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر چېگرا باردەك ھېس قىلدى. كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆرۈنمەۋاتاتتى. ئالدىدىكى پۈتۈن تاماشىبىنلارنىڭ چىرايى ئۇنىڭغا خىيالى نەرسىلەردەك تۇيۇلدى. «ئاللاھىم مەن ھازىرلا ئۆلىدىغاندىمەنمۇ؟ بۇ رېئاللىقمىدۇ؟ ۋاي خۇدايىم! ئاشۇ قۇياش، باش باھار، گۈللەر، ئېتىزلار، بۇلۇتلار، دەرەخلەر، ھە راس بىر ئۆمۈر يىغقان مال – دۇنيالىرىمنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ كېتەمدىمەن؟» دېگەن خىياللار ئۇنىڭ مېڭىسىنى قوچىلايتتى. ئۇ بىردىنلا يورۇقلۇققا دۇچ كەلگەن شەپەرەڭدەك تېڭىرقاپ، پۇتلىرىنىڭ ماغدۇرى كەتتى. ئەگەر بوينىدا سىرتماق بولمىغان بولسا، ئوق تەگكەن قۇشتەك ئۆزىنى يەرگە پالاققىدە ئاتقان بولاتتى. ئەمما ئەجەل سىرتمىقى بوينىدا بولغاچقا ئۆرە تۇرماقتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. چۈنكى جان بەكمۇ تاتلىق. ئەجەل تۇمشۇققا كەلگەندە بۇ دۇنيادا بىر سېكىنۇت بولسىمۇ كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ كىشى. بولۇپمۇ بۇنداق خائىنلارنىڭ جېنى ئۆزىگە تېخىمۇ تاتلىق، تېخىمۇ قەدىرلىك. شۇڭا ئۇ، ئازراق بولسىمۇ يورۇق دۇنيانى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

توغرا بۇ دۇنيادا ھەممە كىشى يورۇقلۇقنى ئارزۇ قىلىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار بىلەن يامانلىق قىلغانلار ئوخشاشلا يورۇقلۇقتا ياشاشنى خالايدۇ. يامانلىق قىلغانلار يامانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جازالىنىپ ئازاب – ئوقۇبەت تارتىشتىن قورقىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، بۇ ھۆكۈمدىن تېزرەك قۇتۇلىشىنى ئويلايدۇ. ھەتتا بوينىغا سىرتماق سېلىنىپ، پۇتىدىكى كۆتەك تەۋرىنىۋاتقاندىمۇ يورۇقلۇققا تەشنا بولىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار بولسا ياخشىلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن تاپقان خوشاللىقىنىڭ مەڭگۈ تۇگىمەي، چەكسىز يورۇقلۇق ئىچىدە ئۆتۈشىنى خالايدۇ. يامانلىق قىلىپ جازاغا تارتىلغاندىن كېيىنكى يورۇقلۇققا ئىنتىلىش بىلەن، ياخشىلىق قىلىپ ئېرىشكەن خوشاللىقنىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىشى بىر – بىرى بىلەن ئەسلا چىقىشالمايدۇ. غالىپ بولغان بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى يورۇقلۇقتىن دەرھال مەھرۇم قالدۇرۇشى شەرت. بۇ قېتىم خائىنلار مەغلۇپ بولدى. شۇڭا ئۇلار يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولۇشى مۇتلەق. مانا قاراڭلار! خائىنلارنىڭ پۇتىغا قويۇلغان كۆتەك تەڭلا يىقىلدى. ئۇلارنىڭ تەنلىرى دار ياغىچى ئاستىدا پۇلاڭلاپ، كۆزلىرى چاناقلىرىدىن چىقىپ كەتتى. بۇ دۇنيا ئازراق بولسىمۇ مەينەتچىلىكتىن قۇتۇلدى. مانا بۇ خائىنلارنىڭ ھاياتلىق يولىدا خاتا يولنى تاللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. نەپسىنىڭ يولىغا كىرگەنلىكنىڭ ئالامىتى. نەپسى ئىنساننى ھەر يولغا باشلايدۇ. ئىنساننى ئازدۇرىدۇ، ھەتتا خائىن قىلىۋېتىدۇ.

خائىنلىق بولسا نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر يېتىپ بارىدىغان ئەڭ يۇقىرى پەللە. نەپسىنىڭ يولى نورمال ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر قورقۇنچلۇق يول. بۇ يول ئادەمنى ئازابقا، ئىزتىراپقا، ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ھەتتا پۈتۈن بىر مىللەتكە زىيان سالىدۇ. ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ بوينىغا سىرتماق سالدۇرىدۇ. نەپسىنىڭ يولىغا ماڭغانلارنىڭ مەقسەتلىرى، نىشانلىرى خاتا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ھاياتتا ھەرقانداق بىر نەرسىنى جاپا تارتمايلا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. ھاياتلىق يولىدا خاتا نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى كەشىپ قىلالمايدۇ. ئەسلىدە بۇ دۇنيادا ئىنسانغا ھەقىقىي كېرەكلىك نەرسە ئىنسان ئۆزىدە ئەسلىدىلا بار بولغان ۋىجدان. شۇڭا ئىنسان ئۆزىدىكى ۋىجداننى كەشىپ قىلىپ چىقىشى بەكمۇ مۇھىم. مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن ياكى گاداي، ۋىجداننى كەشىپ قىلالىغان كىشى بۇ ھاياتنىڭ چىشلىق چاقلىرى ئارىسىغا ھەرگىز قىسىلىپ قالمايدۇ ۋەياكى ئادالەتنىڭ ياغلىق سىرتمىقى بوينىغا سېلىنمايدۇ. شۇڭا مۇھىم بولغان نەرسە بارىدىغان پەللە ئەمەس، بەلكى توغرا يولغا چىقماقتۇر، توغرا يول يۈرمەكتۇر. مېڭىۋاتقان يولدا ئۆزىنى تونۇپ، ئۆزىنى ھەقىقىي كەشىپ قىلماقتۇر. ئىنسان ئەۋلادى ھاياتلىقنىڭ بۇ يولدا مېھنەت قىلىپ، بەزىدە بورانلار ئارىسىدا قانات ئاچسا، بەزىدە دولقۇنلار ئارىسىدا يەلكەن ئاچىدۇ. شۇڭا بۇ ھاياتتا مۇھىم بولغان نەرسە تۇرمۇش يولىدا ئۆزىمىزنى كەشىپ قىلىش جاپاسىدۇر، ئالىننىڭ تەرىدۇر يەنى سىڭدۈرگەن مېھنەتتۇر. ھەرگىز بۇ يولدا نەپسىگە ئەسىر چۈشۈپ خائىنلىق قىلىش ئەمەستۇر. خائىنلىق ۋىجداننىڭ ئوغىسىدۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top