You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: تۆمۈر سىجاڭنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: تۆمۈر سىجاڭنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: تۆمۈر سىجاڭنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۇ ئۇرۇشتا ئوسمان ئەلى بولسا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ھەرخىل سۇيىقەستلىرىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، تاغقا قاراپ چىكىنگەن ئىدى. 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تۆمۈر سىجاڭ بولسا ئوسمان ئەلىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇشقا قەسەم ئىچىپ، ئەسكەرلىرى بىلەن تاغقا يۈرۈش قىلدى. ئەمما پىلانى ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. دەل مۇشۇ چاغدا يېڭىشەھەردىن يوشۇرۇن چىققان تۇڭگانلار، تۆمۈر سىجاڭنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ، يولدا پۇسۇ قۇرۇپ، يوشۇرنۇپ ياتقانىدى. تۆمۈر سىجاڭ تاغدىن ئارقىغا يېنىپ توغراق مازار دېگەن يەرگە كەلگەندە، يوشۇرنۇپ ياتقان تۇڭگان ئەسكەرلىرى، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئوق ئېتىپ، تۆمۈر سىجاڭنى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ بېشىنى تېنىدىن ئايرىپ، يېڭىشەھەرگە غەلىبە بىلەن قايتتى. يېڭىشەردىكى تۇڭگانلار بۇ غەلىبىدىن ئىلھام ئىلىپ، دەرھال مۆكۈنۈپ ياتقان يېرىدىن چىقىپ، قەشقەر شەھىرىنى بىر كىچە – كۈندۈز پۇلاڭ – تالان قىلىپ، ئۇچرىغانلا كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنى قانغا بويىدى. بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر سىجاڭنىڭ كوناشەھەردىكى سەلتەنىتى ئاخىرلاشتى.

سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان تۆمۈر سىجاڭ ئۆزىنى دولقۇنلار ئارىسىدا لىڭشىپ تۇرغان بىر كېمە ئۈستىدە كۆرۈپ، شۇنچىلىك بىخەتەر ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كاپىتانسىز بۇ كېمىنىڭ ئۇدۇل بېرىپ قورام تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، پارە – پارە بولۇپ پارچىلىپ، ئۆزىنىڭ سۇدا غەرق بولۇشىنى ئەسلا ئەقلىنىڭ ئۇچىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ باشسىز تېنى، توپىغا مىلەنگەن ھالدا ئادەمسىز يوللاردا قالغان ئىدى. تەنسىز بېشى بولسا، ياتلارنىڭ قوللىرىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ئاخىرى ماجەنسانىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ تېرىك چاغدىكىدىن ئوبدانلا يوغان كۆرۈنىۋاتقان ئېچىقلىق كۆزىگە قارىدى ۋە پىشقانمۇ، ياكى خاممۇ؟ دەپ، تاۋۇزنى چېكىپ باققاندەك، ئىشارەت بارمىقى بىلەن تەنسىز باشنىڭ توپا يۇقى ماڭلىيىنى چىكىپ باقتى – دە، ئاندىن ئۇنىڭ قانسىز گۆشلۈك يۈزىگە مەسخىرىلىك كۈلكە يۈگۈردى. تۆمۈر سىجاڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ئارقىلىق بۇ تراگېدىيەلىك رېئاللىقنى تارىخنىڭ سەھنىسىگە چىقارغان ئىدى.

ئۆزىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن، ئاقىۋەتنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. شۇڭا ھەر كىم ھەقىقىي كۈچى ۋە ھەقىقىي ئىرادىسى بىلەن يولغا چىققاندا، ئالدىدىكى يولنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئەردەملىك بىر تەپەككۇر قىلىشى لازىم. بۇ يولدا ئىلىم ئىنسانغا جاسارەت ئەكەلسە، نادانلىق ئىنساننى يولسىزلىق قىلىش يولىغا باشلايدۇ. نادانلار پۈتۈن يولسىزلىقىغا قارىماي بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ، ئۆزىنىڭ توغرىلىقىغا شەرتسىز ئىشىنىپ، باشقىلارنىڭ دانا پىكرىنى قارىغۇلارچە رەت قىلىدۇ. ھەتتا دانا پىكىر ئىگىلىرىنى ئۆزىگە دۈشمەن چاغلاپ كۆزدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما، ئۆزىنىڭ ماڭغان يولىغا سان – ساناقسىز توزاقلارنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. يولسىزلىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆزى كور بولۇپ، دۈشمىنىنىڭ يولسىزلىقىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ ۋە ئۆلۈم بىلەن تولغان تۇزاقلىق يوللاردا باشسىز قالىدۇ. ھەتتا نادانلىقىدىن تەپەككۇر قىلىشنى ئۆلۈمدىن بەتتەر قورقۇنچلۇق دەپ بىلگەچكە، جانلىرىنى دۈشمەنلىرىگە بىردەمدىلا تەسلىم قىلىدۇ.

كۈچلۈكلۈك، جەسۇرلۇق ئادەمنى يولدا ئالغا باستۇرسىمۇ، ئەمما ئادەمنى يۈكسەكلىككە، مەنزىلگە كۆتۈرىدىغان يەنىلا ئەقىلدۇر. ئەقىلسىزلار بولسا ئەنە شۇنداق پەرق ئېتىش تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، ئالدىدىكى توغرا يولنى كۆرەلمەي، ئۇدۇل تىك يارغا قاراپ يول ئالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنى تىك يارغا باشلاۋاتقىنى يەنە ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىزلىقى ۋە پارچە – پارچە بولۇپ كەتكەن جەمئىيەت ئەمەس، بەلكى «مېنىڭلا توغرا» دەپ، بىلىدىغان نادانلىقى، ئۆزىنى كۆرسىتىشى ۋە شەخسى ئاداۋىتىدۇر. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ بارلىق پىداكارلىقىنى بېسىپ چۈشىدىغان كەمچىلىكىدۇر. بۈيۈك بىر قەھرىماننىڭ زاۋاللىقىدۇر، قەدىرسىز بىر ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ئىنقىلابچىنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر. مانا بۇ مەغلۇبىيەت تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان سۈزۈك ئەينىكى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top