You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئىنسانلار بەلكىم قۇياش سىستېمىسىدىن مەڭگۈ ئايرىلالماسلىقى مومكىن

ئىنسانلار بەلكىم قۇياش سىستېمىسىدىن مەڭگۈ ئايرىلالماسلىقى مومكىن

سىرلار تورى

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قاراشلاردا، ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، مەسىلەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزىلەر يەر شارى تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ تۈرمىسى دېيىشكەن، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەجرىبە بۇيۇمى سۈپىتىدە يەر شارىغا سۈرگۈن قىلىنغان، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تاينىپ  يەر شارىدىن چىقىشى ناھايىتى تەس بولىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى باشتىلا قۇلۇپلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60ـ يىللىرىدىن 70ـ يىللىرىغىچە، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارمۇ باشقا پىلانېتلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى ئارقىلىق، ئالەمدىكى تېخىمۇ يىراق جايلارغىمۇ نەزەر سالغان.

بىراق، غەلىتە يېرى شۇكى، NASA قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتىدە خۇددى بىر خىل كۆرۈنمەس كۈچنىڭ بارلىقىنى بۇكۈچنىڭ ئىنسانلارنىڭ قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا ئىزدىنىشىنى توسىدىغانلىقىنى بايقىغان، بارلىق ماددىلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، غەلىتە ھالدا سۈرەتنى ئاستىلىتىشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر قۇياش سىستېمىسى چېتىدىن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىنى سۈرەتكە تارتسا، پارقىراپ تۇرغان قۇياشنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدا، NASA قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ بېكىنمە ھالەتتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈشىنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا ھېچقانداق يۇلتۇزنى كۆرۈپ باقمىغان، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپ پىسخىكىلىق خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، شۇنى بىلىش كېرەككى، قۇياشنىڭ نۇر دولقۇنىنى ئاز دېگەندىمۇ 10 مىليارد كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا بىزنىڭ كېچىدىكى يۇلتۇزلار يەنە قەيەردىن كەلگەن؟

شۇڭا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر يەر شارىنىڭ راستتىنلا تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ تۈرمىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى يەر شارى ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىشقا ئەسلا ماس كەلمەيدۇ، ئىنسانلار بەلكىم ئىلگىرى خاتالىق ئۆتكۈزگەن تاشقى پىلانېت ئادەملىرى بولۇشى مۇمكىن، يەر شارىغا سۈرگۈن قىلىنىپ تەجرىبە ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە، بىزمۇ تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ گېنىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ياراتقان ئەسىرى بولۇشىمىز مۇمكىن.

ناسا دىكى ئالىملارمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەخمىنەن 200 مىڭ يىل ئىلگىرى، ئىنسانلار تاشقى پلانېتا ئادىمى تەرىپىدىن يەر شارىغا ئېلىپ كېلىنگەن، 60 مىڭ يىل ئىلگىرى  بۇ توختىتىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى تاشقى پلانېتا ئادىمى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان، بەلكىم بىزنىڭ كۆرگىنىمىز تاشقى پلانېتا مەدەنىيىتى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئادەمنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭ جاۋابى نېمە بولىدۇ؟

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top