You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلاردىن نەچچە مىليارد ھەسسە ئەقىللىق

سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلاردىن نەچچە مىليارد ھەسسە ئەقىللىق

زۆھەل تەرجىمىسى

داڭلىق كەلگۈسىشۇناس ئىئان پېرسون (Ian Pearson) بۈگۈن دېيىشىچە، سۈنئىي ئىدراك (AI) بەلكىم ئىنسانلاردىن نەچچە مىليارد ھەسسە ئەقىللىك بولۇپ، كەلگۈسىدە ئىنسانلار داۋاملىق ياشايمىز دەيدىكەن، چوقۇم كومپيۇتېر بىلەن بىرلىشىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، سۈنئىي ئىدراك بەلكىم ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراققا بارالىشى مۇمكىن، ئۇ بەلكىم ئىنسانلارغا قارىغاندا نەچچە مىليارد ھەسسە ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، بىز چوقۇم بەزى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك.»

پىرسون يەنە مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنى قوغداپ قالىدىغان ئۇسۇل شۇكى، سۈنئىي ئىدراك بىلەن ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئىنسانلار كومپيۇتېر بىلەن ئوخشاش يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسىدىن پايدىلىنالايدۇ. ئېلون ماسك (Elon Musk)قا ئوخشاش، مەنمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئىنتايىن بىخەتەر دەپ قارىمايمەن. مېنىڭ پەقەت ئىشەنچىم بار، بولمىسا ئاسانلىقچە سىناپ باققىلى بولمايدۇ.»

پىرسوننىڭ كۆز قارىشى بىلەن تېسلانىڭ CEOسى ماسكنىڭ كۆز قارىشى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇلتۇرقى دۇنيا ھۆكۈمەت باشلىقلار يىغىنىدا ماسىك مۇشۇ ئىش توغرىسىدا توختىلىپ، ئىنسانلارنى كەلگۈسىدە ماشىنا بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بىر خىل «يېرىم ماشىنا ئادەم»نى ياساپ چىققانلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈنئىي ئىدراك دەۋرى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماسىك يەنە مەخسۇس سۈنئىي ئىدراك ئىگىلىك شىركىتى Neuralinkنى قۇرغان بولۇپ، ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ ئۇلىنىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

ماسكنىڭ قارىشىچە، قىسقا مەزگىل ئىچىدە سۈنئىي ئىدراك بىۋاسىتە ئىنسانلارنىڭ خىزمەت ئورنىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. ماسكنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە شوپۇرلارنىڭ خىزمەت ئورنى پۈتۈنلەي سۈنئىي ئىدراك تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىدىكەن. كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى %12تىن %15كىچە بولغان ئەمگەك كۈچى سۈنئىي ئىدراك سەۋەبلىك ئىشسىزلىققا دۇچ كېلىدىكەن.

پىرسوننىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدە بىر قىسىم ئادەم كۈچى تەلەپ قىلمايدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى يوقۇلۇپ كېتىدىكەن. بۇ يىلقى دۇنيا ھۆكۈمەت باشلىقلار يىغىنىدا سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسانلار كەلگۈسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاساسلىق باش تېما بولغان بولۇپ، «گوگۇلنىڭ ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ئاتىسى» دەپ ئاتالغان سىباستيان (Sebastian Thrun)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلارنى «دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشچى»غا ئايلاندۇرالايدىكەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top