You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

تەرجىمىدە زۆھەل

نۆۋەتتە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بېرىلگەن تەبىر مۇنداق ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى قاراشتا خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئالتە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئورگىنى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بىر ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىق پىلانى بولۇپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ياۋروپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى، ياپونىيە ئالەم ئاۋىياتسىيە تەتقىقات-تەرەققىيات ئورگىنى، كانادا دۆلەت ئالەم قاتناش ئىدارىسى ۋە برازىلىيە ئالەم قاتناش ئىدارىسىدىن ئىبارەت.

ئەمما خەلقئارا ئالەم پونكىتى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تۆۋەن ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى تۇنجى ئۇقۇم مەنىسىدىكى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى 1983-يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى رېگان ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە 1993-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە يۈزلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى

بېكىتىلگەن پىلان بويىچە، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشىنى ئامېرىكا باشلامچى بولۇپ يولغا قويغان. 1987-يىلى، ئامېرىكىنىڭ بوئىن شىركىتى، ھەممىباب ئېلېكتىر شىركىتى ھەمدە ماداۋ ئايروپىلان شىركىتى ۋە لودىن ئىتتىرگۈچ ئېنېرگىيە شىركىتى بىرلىكتە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش زاكاز تالونىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ياساش باسقۇچىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويغان.

بىرىنچى باسقۇچ:

پىلاندىكى ۋاقىت 1994-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بولۇپ، تەييارلىق باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى تۇتاشتۇرۇش تەجرىبىسى باسقۇچى بولۇپ، تەجرىبىنىڭ مەزمۇنى مىكرو ئېغىرلىق كۈچى ئىلمى ۋە يەرنى كۆزىتىش تەجرىبىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ:

بۇ باسقۇچتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئۈچ كىشىلىك ئىقتىدارغا ئىگە دەسلەپكى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش بولۇپ، پىلاندىكى ۋاقتى 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە. ئالدى بىلەن 1998-يىلى «تاڭ نۇرى» ناملىق كۆپ ئىقتىدارلىق يۈك ساندۇقى ئوربىتىغا قويۇپ بېرىلىدۇ، شۇ يىلى ئىتتىپاق ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يادرولۇق زاپچاسلىرى بولغان «يۇلتۇزلار» ناملىق مۇلازىمەت بۆلۈمچىسى ئوربىتىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، 15 قېتىم ئۇچقاندىن كېيىن، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.

ئۈچىنچى باسقۇچ:

بۇ باسقۇچنىڭ پىلانلانغان ۋاقتى 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولۇپ، قۇراشتۇرۇش ۋە قوللىنىش باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالتە ئادەمنى سىغدۇرغىلى بولىدۇ، خىزمەت قىلىش ئۆمرى 15 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ. گەرچە ئۈچ باسقۇچنىڭ ھەممىسى تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىدىكى پىلاندىكى ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يەنىلا كۆزلىگەن ۋاقىتتىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئاساسلىق زاپچاسلىرى

خەلقئارا ئالەم پونكىتى نۆۋەتتە بىر پۇتبول مەيدانىچىلىك بولدى، شۇڭا بۇ پونكىت بىردەمدىلا پۈتۈپ بولالمايدۇ، ئۇنى قۇرۇشقا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ. نۇرغۇن زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىلا ئاندىن ھازىرقىدەك غايەت زور خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنى قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ. پىلانغا ئاساسەن، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە قاتارلىقلار قويۇپ بەرگەن 13 بۆلمە بار بولۇپ، ئېغىرلىقى 400 توننىغا يېتىدۇ، تۆۋەندە كۆپچىلىككە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر مۇھىم زاپچاسلارنى تونۇشتۇرىمىز.

«تاڭ نۇرى» ناملىق خىزمەت بۆلۈمچىسى: «تاڭ نۇرى» ناملىق خىزمەت بۆلۈمچىسى 1998-يىلى ئوربىتىغا كىرگۈزۈلگەن، ئېغىرلىقى 24.2 توننىغا يېتىدۇ. توك مەنبەسى، ئىلگىرلەش، يول باشلاش، خەۋەرلىشىش، قىياپەت ۋە تېمپىراتورىنى كونترول قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىقتىدارغا ئىگە.

«ئىتتىپاقلىق» ناملىق تۈگۈن بۆلۈمچىسى: بۇ تۈگۈن بۆلۈمچىسى ئامېرىكا مۇستەقىل ياسىغان تۇنجى بىرىكمە بۆلۈمچە، شۇنداقلا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى ئىككىنچى بىرىكمە بۆلۈمچە. دىئامېتىرى بەش مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر، ئاساسلىق رولى ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، باشقا ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ.

«يۇلتۇزلار» ناملىق مۇلازىمەت بۆلۈمچىسى: بۇ مۇلازىمەت بۆلۈمچىسىنى رۇسىيە ئۈستىگە ئالغان. ئۇزۇنلىقى 13 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر بولۇپ، خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ يادرولۇق بۆلۈمچىسى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇرمۇش ئىشلىرىنى قىلىدۇ ۋە خىزمەت ئىشلىيەلەيدۇ. 14 دەرىزىسى، تۆت ئۇلاش ئېغىزى بار، باشقا بۆلۈمچىلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top