You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى

قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى

تەرجىمىدە: ئابدۇكېرىم ئابباس

(1)

قۇياش يەر شارىغا ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەر شارى ئۈچۈن ھاياتلىقمۇ ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھاياتلىققا تەسىرمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىلمى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھايۋانات – ئۆسۈملۈكلەر كۆپىيىش ۋە ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدا، قۇياش ھەرىكىتىنىڭ تەڭشىشىگە ۋە تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ۋە خانىم – قىزلاردا كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ قۇياش دېغى ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كانادا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، تارقىلىشچان زۇكام قۇياش بورىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 1729 – يىلىدىن بۇيانقى دۇنياۋى خاراكتېرلىك زۇكاملار قۇياش دېغى ھەرىكىتى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن. ئالىملار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: قۇياش دېغى پارتلىغان ۋاقىتتا، زور مىقداردىكى زەررە ئېقىمى ۋە ئالەملىك نۇر دەستىسى يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتۈپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدا لەيلەپ يۈرگەن ۋىرۇس گېنى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاسانلا پارچىلىنىپ، قايتىدىن بىرىكىپ، ۋىرۇستا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، خەتىرى زور ۋىرۇسنىڭ ئېھتىماللىقى كۆپىيىپ بارىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە ئالىمى ناتالىيە. كارخۇۋانىڭ نەچچە يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: قۇياش ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە كۆرۈلىدىغان رادىياتسىيە لىمغا ھۈجەيرىسى ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، نەتىجىدە ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدىكەن. تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاندا، لىمفا ھۈجەيرىسىدىكى بېرىكمە ئاقسىلنىڭ ئىقتىدارى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدىكەن. رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشى قۇياش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 1961 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە مەلۇم شەھەردە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆپرەك قۇياش رادىياتسىيەسىدىكى مىكرو دانىچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، قۇياش دېغىنىڭ كۆرۈلۈشى كۆپ بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە تۇغۇلغان بالىلارنىڭكىدىن قىسقا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قۇياش ھەرىكىتى كۈچلۈك بولغاندا، ئىنسانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى نېرۋا، سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ سەۋەبلىك ئىنسانلاردىكى زەربە بېرىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئېشىپ بارىدىكەن، قاتناش ھادىسىلىرى كۆپىيىدىكەن.

قۇياش شىتورمى(بورىنى) ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 11.2 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدۇ، ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا، قۇياش ھەرىكىتى سەۋەبلىك بولىدىغان يەر ماگنىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك تەڭشەش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئادەم بەدىنىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى يەر ماگنىتىنىڭ تەۋرىنىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، شۇڭا قۇياش ھەرىكىتى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى بىيوئېلېكتىر ئادەم بەدىنىنىڭ ماگنىت مەيدانىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەتتە، ئادەم بەدىنىنىڭ ماگنىت مەيدانى يەر ماگنىت مەيدانى بىلەن ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ ماسلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، لېكىن قۇياشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم فۇنكسىيە ئىقتىدارىدا قالايمىقانلىشىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە، ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى قىزلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدىكەن، يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ تەۋرىنىش ئەگرى سىزىقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە چىققاندا، قىزلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈندۈزى ئادەم بەدىنىدىكى زور مىقداردىكى ھۈجەيرىلەر قېرىيدىكەن ياكى زىيانغا ئۇچرايدىكەن، كەچتە دەم ئالغاندا، چوڭ مېڭە ياشلىق ھالەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل فاكتورنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، زىيانلانغان ھۈجەيرىلەرنى تولۇقلايدىكەن. لېكىن قۇياش بورىنى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، زور مىقداردىكى ئالەملىك نۇر دەستىسى ئۇنىڭ ئاجرىتىلىشىنى توسۇپ، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن، بۇ ئادەمنىڭ بالدۇر قېرىشىنى تېزلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇياش ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كۆز، زىيادە سېزىمچانلىق، تېرە راكى كېسەللىرىنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقات ئورنى 1989 – يىلى قۇياش بورىنى مەزگىلىدە 3000 دىن كۆپرەك ياشانغانلارنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە، بۇ مەزگىلدىكى ئاياللاردىكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنىڭ تېزلىشىشى نورمال ۋاقىتنىڭكىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان. ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى %60 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.

قۇياش دېغى كۈچلۈك ھەرىكىتىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. قۇياش بورىنى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئاتموسفېرادىكى رادون گا – زىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ بارىدىكەن، رادون گازىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى، ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكى، كەيپىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، رادون گازى ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۆستۈرىدىكەن. تەكشۈرۈشلەر ۋە ماتېرىياللاردىن كۆرسىتىلىشىچە، قۇياشتا چوڭ قۇياش دېغى ھەرىكىتى كۆرۈلگەندە، يەر شارىدا زور ئىجادىيەتلەر ۋە بايقاشلار مەيدانغا كېلىدىكەن. مەسىلەن: ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنى بايقىغان ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى نيۇتون؛ نۇرنىڭ تەۋرىنىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان گوللاندىيەلىك ئالىم خۇيگىڭس كىلىسچىن؛ زەرەت ۋە ماگنىت قۇتۇپلىرىنىڭ ئۆز ئارا رولىنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقىغان فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى كۇلۇن؛ ئېلېكتىر ماگنىت نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادچىسى ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى لادى قاتارلىقلار قۇياش دېغى ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان مەزگىلدە زور ئىجادىيەت ۋە بايقاشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.

(2)

ھاياتىمىزنىڭ ھەر دەقىقىسى قۇياش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم بەدىنى ئورگانىزمىدىكى بارلىق ھۈجەيرىلەردە بىيولوگىيەلىك سائەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇلار قۇياشنىڭ ئۆرلەش، تۆۋەنلىشىگە ئاساسەن ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىدىكەن، خىزمەت ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەدەندىكى ئاساسلىق ئەزالار ئەڭ دەسلەپكى رىتىم ئاساسىدا رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.

قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. گېرمانىيە ‹‹ئىلمىي رەسىملىك ژۇرنىلى››نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋستىرىيەنىڭ ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 3000 ئايالنى تەكشۈرۈپ، مۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشكەن: يازدا تۇغىدىغان ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە 7 –، 8 – ئايلاردا تۇغقانلارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقى، بۇنى 12 – ئايدا تۇغقان ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا سېلىشتۇرغاندا %13.4 تۆۋەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان، شۇنداقلا ئەتىيازدا تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، كۈزدە تۇغۇلغانلارنىڭ ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئالىملار يەنە ئەتىيازدا تۇغۇلغانلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى باشقا پەسىللەردە تۇغۇلغانلارنىڭكىگە قارىغاندا 0.6 سانتىمېتىر يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. فىرانسىيە ئالىملىرى 6 مىليوندىن كۆپرەك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆپرەك ئەتىيازغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار تېمپېراتۇرىمۇ ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. گېرمانىيە مىڭسىتىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور لەيرش 1946 – يىلىدىن 1995 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيەدە تۇغۇلغانلارنىڭ ماتېرىيالىنى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈشتە تومۇز ئىسسىقتىن كېيىن ئانىلارنىڭ ئوغۇل بالىغا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، قىشتا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

گېرمانىيە ‹‹دۇنيا گېزىتى›› نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا نېبراسكادىكى ئوماخا ھەربىي سەپتىن قايتقان ھەربىيلەرنى داۋالاش مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ بايقىشىچە، بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى بىلەن مەلۇم كېسەل باغلىنىشلىق بولۇپ، تۇغۇلۇشى ئالاھىدە ئايلاردا بولغانلار ئاسانلا دەم سىقىلىش، مېڭە ئۆسمىسى، تۇتقاقلىق، خامۇشلۇق، ئاق قان كېسىلى، قەنت كېسىلى، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە دۇچار بولىدىكەن. شۇنداقلا بۇنداق كېسەللەر قىش، ئەتىيازدا تۇغۇلغانلاردا ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، 7 – ، 8 – ، 9 – ئايلاردا تۇغۇلغانلاردا ئاز بولىدىكەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيەنىڭ خۇيدېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار 3000 ئايالنى تەكشۈرۈپ، 3 – ئايدا تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش مەزگىلى بالدۇر، 10 – ئايدا تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش مەزگىلى كېيىن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى كىلىنىكا بالىلار بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى باۋلو ۋېنچىست سەككىز ياشتىن 15ياشقىچە بولغان 1 مىليون 500 مىڭ بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىستاتىستىكا قىلغان، نەتىجىدە ئەتىيازدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ۋە ماتېماتىكا نەتىجىسى باشقا پەسىلدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بۇنىڭ سەۋەبى كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولۇپ، ئۇ تۆرەلمە يېتىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مېڭىنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن.

‹‹تامېس گېزىتى››نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: گېرمانىيە مىڭسىتىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان تەھلىللىرىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر سىز 12 – ئايدا تۇغۇلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ 100 ياشقىچە ياشاش نىسبىتىڭىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن %16 يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئەگەر سىز 6 – ئايدا تۇغۇلغان بولسىڭىز، سىزدىكى بۇ نىسبەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن %23 تۆۋەن بولىدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، 6 – ئايدا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئانىسى ئادەتتە ئالدىنقى يىلنىڭ 9 – ئېيىدا ھامىلىدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى نىسبەتەن كۈچلۈك قوياش رادىياتسىيەسى تۆرەلمىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن ياكى ئۇلارنىڭ DNA سىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسانلا مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆمرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

مەنبە: دەۋر تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top