You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » كۈنىمىزدە بۇرۇقتۇملۇق

كۈنىمىزدە بۇرۇقتۇملۇق

ئەلى بۇلاچ

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئادىل يۈسۈپ

ھېگېل «ۋاقىتنىڭ روھى» ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئۆزگىرىشنى تەرغىپ قىلغۇچىلار[1] ھېگېلنىڭ يۇقىرقى ئىپادىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ھەر قانداق بىر تارىخىي باسقۇچ ياكى ۋاقتنى كاتىگورىيەگە ئايرىپ چىققىنىمىزدا، پەرقلىق «ئىنسانىيەت ئەھۋالىغا» ئىشارەت قىلغان بولىمىز. ۋاقت تۇنجى كۈندىن ئېتىبارەن ھەرىكەتنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ كەلدى. بۇ بەلكىم دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئىسانىي ئېڭىمىزغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن. ئىنسان ماھىيىتى جەھەتتىن يىگانە بىر تۈر بولۇپ، تۇنجى ئىنساندىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە قانداق بولغان بولسا شۇ پېتى داۋاملاشماقتا. سۇپىلارنىڭ مۇنۇ سۆزى بەرھەقتۇر: ئىنسان بۇرۇن قانداق بولسا  ھازىرمۇ شۇنداق.

نۆۋەتتىكى زامانىۋى دەۋىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى، چوڭ شەھەرلەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىنسان توپىنىڭ ئاسانلا ئەيۋاشقا كېلىشى بولۇپ، پىكىر ئېقىملار، ئىدىئولوگىيەلەر، سىستېمىلار، تۈزۈملەر، ئادەتلەر، كېسەللىكلەر ئومۇمىيلىق تۈسىنى ئالماقتا. ھەر قانداق نەرسە ئۆز رايونىدا مەيدانغا كەلگىنىدە، شۇ جايدىلا قالماستىن ئەتراپقا كېڭىيىپ ئومۇمىي تۈسكە ئىگە بولماقتا. دۇنيا بىر خىللىقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئولتۇرۇش شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئورتاق ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق زۆرۈرىيەتلەر پەرقلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكىللىرىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. گۈزەللىك سۈنئىي ھالدا يارىتىلىپ ئاۋام خەلققە تەقدىم قىلىنماقتا. يالغۇز مال ۋە مۇلازىمەتلەرلا ئەمەس، قىزىقىش، ھۇزۇرلىنىش، قايغۇ قاتارلىق ھەر خىل پىخسىكىلىق ھالەتلەرمۇ ئاۋام ئىستېمالىغا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن سۇنۇلماقتا.  ھەتتا ئەڭ تىراگىدىيەلىك ۋەقەلەرمۇ دۇنيا كاپىتالىزىمىنىڭ بازار دۇنياسىدا تاۋارلاشتۇرۇلماقتا. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، «يامان ئىشلار» «ياخشى ئىشلار»غا قارىغاندا تىزراق يېيىلىدۇ. «يامان كۆنۈپ قېلىش» دېگەن ئىبارىلەر ياكى قىلمىشلار نۆۋەتتىكى دەۋىرنىڭ روھىغا نىسبەتەن، ئىچى پۇشۇقلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرۈش، تارىخ بويىچە پايدىلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئۇسۇللار «ئەپىيۇن»لار سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. فۇكۇياما «تارىخنىڭ خاتىمىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىنسان»ناملىق مەشھۇر كىتابىدا ، ھەر نەرسىنىڭ مۆلچەردىنكىدىنمۇ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ماددىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىغان لىبرال دۇنيانىڭ ئىنساننىڭ يالغۇز بىرلا قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ «بۇرۇقتۇملۇق» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. فۇكايامانىڭ بۇ ھەقتىكى يەكۈنى جايىدا بولۇپ، ھەر قېيىنچىلىق ۋە مەسىلىنىڭ چارىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇرۇقتۇملۇقنىڭ چارىسى تېپىلمايدۇ. زامانىۋىلىق ئىنسانغا ئۈچ نەرسىنى ۋەدە قىلىدۇ. بىخەتەرلىك، ئەركىنلىك ۋە باياشاتچىلىق. ئەمەلىي تۇرمۇشتىن شۇنى ناھايىتى روشەن كۆرۈپ يەتتۇقكى، بۇ ئۈچ ۋەدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ۋۇجۇدقا چىققان جايلاردىمۇ بۇرۇقتۇملىققا چارە تېپىلمىدى. چۈنكى ئىنسان، زامانىۋىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدىيە ۋە ۋەدىلەرنىڭ ئەكسىچە، بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس، بىز ھىجرەتتە تۇراۋاتىمىز، تەۋە بولغان ماكانىمىزغا كېتىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا مېھمان سۈپىتىدە كەلدۇق. دىنىي ئىتىقادلاردىمۇ ھەر ھۆكۈمنىڭ ۋە نەسىھەتنىڭ بىزگە بۇ دۇنيانىڭ مېھمان سۈپىتىدە ياشىۋاتقانلىقىمىزنى، دۇنيانىڭ ئۆزىنى «سەپەردە يۈرۈش» شەكلىدە چۈشۈنىشىمىز كېرەكلىكىنى خاتىرلىتىپ ئۆتىدۇ.

زامانىۋىلىق بۇ دۇنيانى ئىنسانغا ئەبەدىي ماكان قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. مەنىۋى نۇقتىينەزەردىن مەسىلىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇرۇقتۇملۇق ياخشلىققا، خەيرىلىك ئىشلارغا، ئەبەدىيلىككە ئىشارەت قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئىنسان خوشاللىقنىڭ تەمىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە «بۇ دۇنيادا ۋە ھازىر»  تېتىپ بۇ دۇنيادىن رازى بولسا، سۇبىستانسىيىلىك (مەۋجۇتلۇق پەلسەپىسى) ئاساسى بولمىغان بىر قاراش ياكى تەخمىننىڭ  ئاساسىزلىقى جەلپ قىلارلىقى سەۋەبىدىن ، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىدۇ.

بۇرۇقتۇملۇق، بەلكىم قايغۇنى ۋە يالغۇزلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن ھاراققا، زەھەرلىك چېكىملىككە، تاماكىغا بېرىلىشى،  ئېنتېرنېت ۋە مەۋھۇم دۇنيانىڭ قاراڭغۇ بوشلۇقلىرىدا كېزىپ خوشاللىق ئىزدەپ يۈرۈشى مۇمكىن. گەرچە بۇنىڭغا قارشى نۇرغۇنلىغان تەشۋىق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، «سەلبىي ئېلانلار» تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچى تاپالايدۇ. لېكىن ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان « ناچار ئادەت» ھېسابلىنىدىغان تاماكا، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكتىنمۇ بەكرەك «يامان ئىشلار» بار. بۇلار ئاددەتتە ھەيۋەتلىك سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا چىرايلىق پەدازلىنىپ ئىستېمالچىلارغا تەقدىم قىلىنغاچقا، يا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ ياكى سەلبىي تەسىرى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېس قىلىنغاچقا، بازارغا سالىدىغان شىركەتلەر بىزگە زىيانلىق تەرەپلىرىنى قانچىلىك يەتكۈزگەن بولسا، شۇنچىلىك خەۋەردار بولالايمىز. شىۋېتسارىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئېنتېرنت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 72%ى مەۋھۇم دۇنيادىن (ئېنتېرنېت ئالىمى) «يامان مەقسەتتە» پايدىلىنىدىكەن. ئېنتېرنېت بىزنى مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن بىزنى «ئاڭ ۋە ئىدراكىلىق» تىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئەقلىمىزنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ئەگەر ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن يوپۇرلۇپ كەلسە، بەلكىم «ۋاقىت روھى» بىزنى تېخىمۇ بۇرۇقتۇم قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنىڭغا چارە تېپىش تولىمۇ مۈشكۈل.

[1] -ئىجتىمائىي ھادسىلەرنىڭ ئۆزگىرىش نەزىرىيەسى بارلىق تارىخىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئىزالاھلىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خۇددى ماركىسزىمغا ئوخشاش (تىلماچتىن).

  مەنبە: زامان گېزىتى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top