You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » رەھبەرلىك سەنئىتى

رەھبەرلىك سەنئىتى

تەرجىمىدە: قۇتلۇق بىلگە

بىر كۈنى، ئامېرىدىكى ئەڭ چوڭ زاۋاۇتلارنىڭ بىرىدە باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى زاۇۋتنىڭ پايدا-زىيانلىرىنى كۆزىدىن كەچۈرۈۋاتقاندا، زاۋۇت مۇدىرىنىڭ مائاشى دىققەتلىرىنى تارتىپتۇ،دە بۇ ئىشقا مەركەزلىشىپتۇ. ئۇزۇن بەس- مۇنازىرىلەردىن كېيىن، ئاخىرى مۇدىرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلىشىپتۇ. ھەيئەت ئەزالىرى ئىككى كىشىنى ئاجرىتىپ، زاۋۇت مۇدىرىنىڭ زادى نېمه ئىش قىلىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى، ئۇنىڭدىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگه ئاساسەن قارار بېرىشنى ئويلىشىپتۇ.

بىر كۈنى ئەتىگەن، ئىككى كىشىلىك ھەيئەت ئۈن تىنسىز زاۋۇتقا كېلىپ مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپتۇ. مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە دۇچ كەلگەن مەنزىرىدىن ھەيران قېلىشپتۇ: زاۋۇت مۇدىرىنىڭ بىر قولىدا قەھۋە ئىستىكىنى، پۇتلىرى ئۈستەلدە، توختىماي كۈلىۋاتقان ئىكەن، ئۈستەل ئۈستىدە نه بىرەر ۋارق ھۆججەت، نه بىرەر پارچه قەغەر يوق..

بىر ئاز مۇدىر بىلەن تاغدىن- باغدىن گەپ قىلىشقان ھەيئەت ئەزالىرى، ئىككى ئۈچ سائەت ئىچىدە مۇدىرنىڭ بىر ئىككى تېلېفوندىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلغىنىنى كۆرمەپتۇ. ھەيئەت بۇ مۇدىر ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن خوشال بولۇپ، زاۋۇتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىگه زاۋۇت مۇدىرىنىڭ ئىككى ئۈچ سائەت ئىچىدە تېلېفون قىلىشتىن باشقا ئاساسەن دېگۈدەك ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئاددى بىر ئىش ئۈچۈن بېرىلىۋاتقان يىللىق 100مىڭ دوللار مائاشتىن ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچته ئىككىسنى تىجەپ قالغانلىقىنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەلۋەتته، زاۋۇت مۇدىرى بۇنىڭغا قەتئىي رازى بولماي، ئىشنى تاشلاپ زاۇۋتتىن چىقىپ كېتىپتۇ.

يېڭى بېكىتىلگەن مائاشقا ئىشلەشنى قوبۇل قىلغان كۆپلىگەن ھەۋەسكار ئىچىدىن بىرى زاۋۇتنىڭ يېڭى مۇدىرى بولۇپ تەيىنلىنىپتۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن زاۋۇت باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىشلەپچىقىرىش دوكلاتىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. چۈنكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزۈلۈك تۆۋەنلىشكه باشلىغان ئىكەن. ھەيئەت زاۋۇت مۇدىرى يېڭى، دەسلەپته مۇشۇنداق تەجرىبىسىزلىك بولىدۇ، دەپ بولدى قىلىپتۇ. ئالته ئاي ئۆتكەندە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ. باشقۇرۇش ھەيئىتى يېڭى زاۋۇت مۇدىرىنى يوقلاپ كەپتۇ. يېڭى مۇدىر بىر قولىدا تېلېفون تۇتقاچ، يەنه بىر قولىدا ماتىرىياللارغا ئىمزا قويۇۋاتقاچ كەلگەنلەرنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپتۇ. مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىقىدىغانلار شۇنچىلىك كۆپكى، مۇدىر بىلەن ئوبدانراق پاراڭلىشالماپتۇ. ھەيئەت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ مۇنداق خۇلاسىگه كەپتۇ: جان-جەھلى بىلەن ئىشلەيدىغان مۇشۇنداق بىر ئادەم ئىشنىڭ بېشىدا تۇرسا چوقۇم ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا يەنه بىر مۇددەت ساقلاپ باقايلى. دېيىشىپتۇ.

يىل ئاخىرى كەپتۇ، ھەر ۋاقىت پايدا تېپىپ كەلگەن زاۋۇت بۇ يىلدىن ناھايىتى ئېغىر زىيان بىلەن چىقىپتۇ. باشقۇرۇش ھەيئىتى بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى بولۇپ بىر- بىرىگه تاپا- تەنه قىلىشپتۇ. ئاخىرى ئۇلار يىغىن چاقىرىپ يەنه تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەپ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى قارار قىلىپتۇ. يېڭى
ھەيئەت مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا بارماستىن، زاۋۇتقا ئۇدۇل بېرىپ، ھېچ ئىش قىلماي ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئىشچىلارنى كۆرۈپ، نېمىشقا ئىش باشلىمىغانلىقلىرىنى سوراپتۇ. ئىشچىلار، باشقا بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، زاۋۇت مۇدىرىنىڭ «مەن كەلمەستىن ئىشنى باشلىماڭلار» دېگەنلىكىنى، شۇڭا مۇدىرنى ساقلاۋاتقانلىرىنى، ئېيتىشىتپۇ.

ھەيئەت بىر چەتته قاراپ تۇرغان ياشانغان بىر ئىشچىغا كۆزىگه چۈشۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنى يېنىغا تارتىپ، زاۋۋۇتنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا نېمه ئۈچۈن كەينىگه چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى سوراپتۇ. ياشانغان تەجرىبىلىك ئىشچى ئىچىنى بوشىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى مۇشۇ پەيتنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئېچىلىپ سۆزلەپ كېتىپتۇ:

– بۇرۇنقى مۇدىرىمىز ئۇششاش چۈششەك ئىشلارغا قەتئىي ئارلاشمايتتى، داۋاملىق كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزەتتى، ئىشلىرىمىزغا ئارىشىۋالمايتتى، ئىشلارنى بىزگه تاشلاپ قوياتتى. بىزمۇ ئۇنى ئارامىدا قوياتتۇق. ھەل قىلالمايدىغان چوڭ كاشىلىغا يولۇققان چېغىمىزدا، ئاندىن ئۇنىڭ قېشىغا باراتتۇق. بىزمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھالقىلىق پەيتته بۇنداق ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا چىن دىلىمىز ئىشىنەتتۇق. ئۇ ھەقىقىي زاۋۇت مۇدىرى ئىدى. چىرايىدىن كۈلكه كەتمەيتتى. بىز بىلەن چاقچاقلىشىپ ئۆتتى. ئىشچىلارغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ھازىرقى مۇدىرىمۇ ناھايىتى دۇرست، كۆڭلى ياخشى بىر ئادەم، ھەتتا بۇرۇنقى مۇدىرغا قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشچان. لېكىن ھېچكىمگه ئىشەنمەيدۇ. ھهممه ئىشقا ئارىشىلىۋالىدۇ. ھهممه ئشىنى ئۆزۈم قىلسام، دەيدۇ. يەنى ئۇ بىزنىڭ ئورنىمىزغا ئۇستىلىق قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز مەدىكار مەرتبىسىگه چۈشۈپ قالىمىز. بۇنىڭىغۇ بولدى قىلايلى، ھەممىدىن مۇھىمى مۇدىرنىڭ ئىشخانىسى بېكار قالىدۇ. كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزىدىغان، تەدبىرلىك، داۋاملىق باش قاتتۇرىدىغان مۇدىرنىڭ ئورنىدا ھېچكىم قالمايدۇ.

بۇرۇنقى زاۋۇت مۇدىرىنى قايتىدىن ئورنىغا ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلغان باشقۇرۇش ھەيئىتى، بىر يىللىق ئاچچىق تەجرىبىدىن كېيىن 100مىڭ دوللارنىڭ ئورنىغا 150مىڭ دوللار مائاش بىلەن ئۇنى ئاران تەسلىكته قايتىپ كېلىشكه رازى قىلىپتۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئونلايىن.نىت

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top