You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » مەشھۇرلار كىمنىڭ مەشھۇرى: بىر مكرو تەنقىد

مەشھۇرلار كىمنىڭ مەشھۇرى: بىر مكرو تەنقىد

ئۇيغۇرزادە

ئۆزۈمنىڭ ئابستراكىت سۆيگۈچى ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يەتكۈچە تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. تونۇشقا تېگىشلىك ئاددىي ھەقىقەتلەرنى ناھايىتى كېچىكىپ تونۇغان ۋاقتمدا خېلىلا كېچىككەنىدىم.گەرچە ئۇيغۇر جەمئيىتىگە يۈك بولماسلىق، ئۆزۈمگە يۈز كېلىش ئۈچۈن خېلى قاتتىق تىرىشىۋاتقان بولساممۇ، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاشلا ئابستراكىت سۆيگۈچى بولۇپ كەپتىمەن.

 ئانا تۇپرىقىمغا ۋە قەۋمىمگە مۇھەببتىم بار،ئەقىدەم جايىدا، ھىدايەت يولىدا مېڭىۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم. ئەمدى بىلسەم، جەمئىيەتنىڭ زەھىرى ھەر بىر ھۆجەيرەمگىچە تاراپ كەتكەنىكەن؛ شوئار ۋە خىتاب مېنى ئالداپ كەلگەنىكەن، ساماۋىي چۈشلەر قوينىدا ئەلەيلەتكەنىكەن. چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانسام، نۇرغۇن قەۋمداشلىرىم ماڭا ئوخشاشلا ئابستراكىت سۆيگۈلەر قورشاۋىدا ئۆزىنى ئالداپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بىمارلارغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تۇيماي يۈرۈشۈپتۇ. شۇنداق بىر نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، نۇرغۇن ئادەملىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە بولغان مۇھەببىتى شوئار باسقۇچىدا توختاپ قالغان. ئۆزىمىز سەزمەيمىز؛ قەدەمنى ئەمەلىي، كىچىك ئىشلاردىن باشلىمايمىز.

ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەتراپىمىزدا ياخشىغىمۇ، يامانغىمۇ مۈجىمەل پوزىتسىيە تۇتىدىغان بۇرۇقتۇرما يۈزلىنىش ۋە سامان بىلەن داننى ئايرىماسلىق خاھىشى مەۋجۇت. ئۆزىمىزدە بار نۇقسانلارنى مىللەتكە ئارتىپ قويۇشمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ ئادىميىلكىمىزگە سوئال تاشلاۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزىمىزدە بار ئىللەتلەرنى ”ھەي بىر مانا مۇشۇنداق خەق، ئۇيغۇر مانا مۇشۇنداق مەرەز مىللەت“ دەپ ئومۇمغا ئارتىپ قويىدىغان ئادەملەرمۇ بار. ئۆزى ھاراق تاشلىماي تۇرۇپ ھاراق

ئىچمەسلىك ھەققىدە ئەسەر يازىدىغان، بىر ئىللەت ئۆزىدە بار تۇرۇپ شۇ ھەقتە ۋەز ئېيتىدىغان سەمىميەتىسىز يازارمەنلەرمۇ بار.
مەن بۇ يازمىدا ئۆزۈم ئەمەل قىلىپ كەلگەن بىر ئشىتا، ئومۇمنىڭ مەنپەتىگە ۋە قىممەت قارىىشىغا چېتىلدىغان، ئەمما قسىمەن ئەدىبلەر سەل قاراپ كەلگەن بىر ئشىتا ئازراق تەنقىد بەرمەكچى. بۇ مىكرو يازما ئەمەليەتتە بۇ ھەقتە ئازاپ ئىچىدە ئۇزاق ئويلىنىشمنىڭ مەھسۇلىدۇر. يازمىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان پىكرىمنىڭ توچكىسى شۇكى ، ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئورۇنسىز سۈكۈتلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىز بىر قوللۇق بوغۇچلىماسلىقىمىز؛ ئابستراكىت سۆيگۈدىن ھەرىكەتكە، مەسىلدىن پىكىرگە ئۆتۈش يولى بىلەن ئىمكانىيەتلەرنى قېزىشىمىز زۆرۈردۇر. بۇ يەردە بىر كىمگە قېلىپ، چەك بېكىتىپ بېرىۋاتقان ئىش يوق؛ بەلكى، بىز بۇ يەردە ئەمەلىي ھەرىكەت مۇمكىنىچلىكىنى،ئابستراكىت سۆيگۈنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈرىتيىنى مۇھاكىمەگە قويماقچىمىز. ھايات دېگەندە ئۆزىمىزنىڭ ئەمەل قىلىدىغان مىزانىمىز، پرىنسىلىپرىمىز ۋە خاس ئۇسۇللىرىمىز بولۇشى كېرەك. پرىنسپسىز، مىزانسىز ئادەم، ئۆزىنىڭ شوئارلىرىغا ئالدىنىدىغان ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس.

تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈپ ھەم ئۇدۇل كەلگەن يېرىدە ھايات كەچمشىىمدىن ۋە ئۆزۈم كۆزەتكەن مەسىلىلەردىن پاكىت كەلتۈرۈپ تۇرۇپ مۇھاكىمەگە قويىمەن.

مەشھۇرلار كىمنىڭ مەشھۇرى:نېمشىقا بىر قىسىم ئەدىبلەر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىغا چېىتلىدىغان ئىشلاردا سەگەك بولمايدۇ ۋە ئۆزىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىگە ئائىت ئىشلاردا يەڭگىل پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟

يازما ئەدەبياتىمىزدا، كىتاب-مەتبۇئاتلاردا، تېلۋېزورلاردا، ئاممىۋي سورۇنلاردا قىممەت قارشىمىزغا ئۇدۇل كەلمەيدىغان ئىش ۋە گەپلەرنى دەپ قويۇش، مۇققەددەس سىموۋللىرىمىزغا بىلىپ-بىلمەي بىھۆرمەتلىك قىلىش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا. مەن يۇرتتا ۋە تورلاردا بىر نەچچە قېتىملىق جەمئىيەت تەكشۈرۈشى جەريانىدا بۇ ئەھۋالنى بىر تۈركۈم مەشھۇر دەپ نام ئالغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ۋە يازمىلىرىدا ئەكىس ئەتكىنىنى بايقاپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم.
بۇنداق ئويلاپ قېلشىمغا تۈرتكە بولغان بىر قانچە ئىش بار. 2008-يىلى يازدا تالانتلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشقا يولۇقتۇم. بىر كۈنى بىر خۇسۇسىي كۇتۇپخانىغا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمىنى ئېلىش ئۈچۈن كىردىم. كىتابخانا خوجايىنى كىتابنى تېپىپ بەردى. پۇلىنى بېرەي دەپ تۇرغىنىمد،ا يېنىمدا تۇرغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى ياغلىقلىق ئايال تۇيۇقسىز گەپ ئېچىپ قالدى:
-نېمە قىلارىسىز بۇ ئادەمنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ؟
مەن تۇرۇپلا قالدىم.
-قانداق دەيسىز؟
–كۆرمىدىڭىزمۇ؟-دېدى ئايال كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تاماكا تۇتۇپ تۇرغان رەسىمىنى كۆرسىتىپ،–مۇسۇلمان بالىسى تۇرۇپ مۇشۇنداق رەسمگە چۈشكىنى ۋە ئۇنى كىتابقا چىقارغىنىنى نېمە دېيىش كېرەك؟
مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم ۋە يازغۇچىنى ئاقلاپ قوشۇپ قويدۇم:
—-يازغۇچى ناچار ئادەم ئەمەس. شۇ ئالدىراشلىقتا رەسىم تاپالماي بېرىپ سالغان ئوخشايدۇ.
–ئىشقىلىپ،-دەپ گېپىنى داۋام قىلدى ھېلىقى ئايال،–مەن بۇنداق يازغىنى بىلەن گېپى بىر يەردىن چىقمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايمەن. ئۇلار قايسى مىللەتكەن؟ ئۇيغۇردۇر، مۇسۇلمان بالىسىدۇر. تاماكىنى ئۆيىدە چەكسۇن، ئىشخانىسدا چەكسۇن، سورۇندا چەكسۇن. ئەمدى ئۇنى ئەجەپ كىتابقا بېرىشتىن خېجىل بولماپتۇ-يا؟ ئۇ يازغۇچى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بالىسى ئىكەنلىكىىنى بىلمەمدۇ؟
بۇ كۈتمىگەن تاسادىپيلىقتىن مەنمۇ، كىتابخانا خوجايىنىمۇ ھەيران قېلىپ بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق. ئايالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرشىنىمۇ بىلمەي قالدىم.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇستاز يازغۇچى مەمتمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمىنى ئۇيغۇرچە سېغىنغاندا قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كەلدىم. ھەر قېتىم ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى سېغىنىپ قالسام ۋە غېربسنسام بۇ توپلامنى ئوقۇيمەن. يازغۇچىنىڭ “كۈز يامغۇرى”، “ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر” قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەچچە قېتىم ئوقۇغىنمنى بىلمەيمەن. پات-پات مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى سۈرەتكە قاراپ ھېلىقى ياغلىقلىق ئايالنى ئەسلەپ قالىمەن. ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، خەلقىمىز مەشھۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئۈمىد، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى باغلايدۇ. مەشھۇرلارنىڭ ئۆزى بايقىمغان بىر ئىشى كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ ئوقۇرمەنلىرىنى، قوللغۇچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ شۇ ۋەجىدىن، مەشھۇرلارنىڭ قىممەت قارشىمىزغا، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە چېتىلدىغان ئىشلاردا ۋە ئامىۋىي سورۇنلاردا، يازمىلىرىدا بەكرەك دىققەت قىلمىقى لازىمكەن.
بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىشمغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئىش بار. يېقىندا ئالىي تەرجىمان غىلاجىدىن ئوسماننىڭ “پۈتۈلمىگەن پۈتۈكلەر” ناملىق بىر يۈرۈش يازمىلىرى “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” دە ئېلان قىلىنىپ ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىدى. مېنىڭ بىر تەقۋادار تونۇشۇم ئۇ پۈتۈكلەرنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى ئىكەن. بىر كۈنى سكايپېدا پاراڭلشىۋېتىپ مۇشۇ پۈتۈكلەرنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. ئارىدا شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئاكا بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭمۇ بۇ پۈتۈكلەرگە كىرگۈزۈلگىنىدىن خەۋەر تاپتىم. تۇيۇقسىز ئۇ تونۇشۇم گەپ ئېچىپ قالدى:
–مۇشۇ ئوسمانجان ساۋۇت دېگەن ئادەمنى خېلى ياخشى شائىرمىكىن دېسەم سەل قاملاشمىغان ئادەمكەن جۇمۇ؟
—نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ ئۇ قالتىس ياخشى شائىر. ئەينى ۋاقىتتتا ئۈچ داڭلىق شائىرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. مېنىڭ ھۆرمىتىم چوڭقۇر. سىز غەيۋەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم غەيۋەت قىلۋاتامسىز نېمە؟
–بۇ غەيۋەت ئەمەس،– دېدى تونۇشۇم،–شېئىرنى ياخشى يازغىنى بىلەن ھەقنى تونۇمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئاڭلاڭ ماۋۇ شېئرىنى.
ئۇ ئوسمانجان ساۋۇت تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە پۈتۈكلەرگە كىرگۈزۈلگەن تۆۋەندىكى مىسرالارنى مۇڭداشقۇدا ئوقۇپ بەردى:
شېئىر دېگەن ھاياتتۇر، شېئىر دېگەن مۇھەببەت،
ئوت بېرىدۇ باغرىدىن ئوتسىرىغان ئادەمگە.
شېئىر دېگەن خۇدادۇر، شېئىر دېگەن مۇھەممەت،
شەيتىنىنى بوغۇزلاپ ئازاد بولغان ئادەمگە!
–قانداق شېئىر بوپ كەتتى ئەمدى بۇ؟
تونۇشۇم قاقشاپ كەتتى:
–نېمە بولسا بولسۇن، مېنىڭ كارىم يوق.لېكىن، ئاللا بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇنىڭ يەكتاسى يوق. ئەمدى شېئىرنى ئاللاغا، پەيغەمبەرگە تەڭ قىلۋالغىنى نېمىسى؟ بۇ ئوچۇقتىن-ئوچۇق مۇشرىك بولغانلىققۇ!
ئىم دەپ قالدىم، دېمسىمۇ بۇ گەپكە جاۋاب بەرگىلى بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋال يېقىندا مۇنبەرلەردىمۇ كۆرۈلدى ۋە قاتتىق تەنقىدلەندى. مەن بۇ ئىشتىن يەنە بىر قېتىم داڭدارلىرىمىزنىڭ قىمەت قارشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قەلەم تەۋرەتكەندە، ئىپادە بىلدۈرگەندە ۋە ئاممىۋي سورۇندا، رەسىملەردە كۆزگە چېلىققاندا ناھايىتى ئېھتىياتىچان بولۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.

يەنە مۇنداق ئشىمۇ بار، داڭلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ۋە تارىخچى ئەنۋەر بايتور بىرلشىپ چاغاتايچىدىن ئۆرىگەن ”مۇزىكانتىلار رىسالىسى“(مۆجىزى) نىڭ مۇقەددىمىسدە، ئىككى تەرجىمان مۆجىزىنىڭ ئاللاھقا سېغىنىپ باشلىغان جۈملىلىرىنى تەھىلىل قىلىپ كېلىپ، بۇنداق يۈزلىنىشىنىڭ فېودال جەمئەىيتنىڭ چىرك تەسىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە مۆجىزىگە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تاڭىدۇ. بۇنداق بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەن سەۋەنلىك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىنىڭ “ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى’ دىمۇ كۆرۈلگەن. مەسىلەن، شۇ كىتابنىڭ 108-بېتىدە ئاپتور ئەسلى ئىسلام دىنىدا ئۈچ ناماز پەرز ئىكەنلىكى، ئەمما مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى بەش ناماز قىلۋالغانلىقىنى يازىدۇ. بىز بۇنداق قاراشلارغا نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىمىز. بىز ئەمدى يەنە ئا. مەمتىمىن نۇقتىىىسدىن پىكىر قىلىپ، ”ئۈچ نامازتى، مۇھەممەت پەيغەمبەر بەش ناماز قىلۋالغان“ دېگەن يېرىنى بىرەر نوپۇزلۇق مەنبەدىن كۆرگەنمىدۇ يا دەپ ئويلسىاق، بۇ كىشىنىڭ بۇ پىكرىگە پاكىت سۈپىتىدە ھېچقانداق مەنبەئە كۆرسەتمىگەنلىكىنى بايقايمىز. بىر تەتقىقاتىچى بۇنداق زىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىۋاتقان چېغىدا گېپىنى قاتمۇ-قات دەلىل بىلەن دېيىشى كېرەك.
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى تېلۋېزىيە ئىستانىسىى 2005-يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقىغا باغلاپ ئشىلىگەن فىلمىدە ئۇستازنىڭ ”مەيخانىدىن چىقتىم لاغايلاپ“ دېگەن دىكلاماتىسىيىسىنى ئۆز پېتى بېرىۋەتكەن. مەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنى توردا كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. (ئا. مەمتىمىننىڭ ئۆزى ئوقۇغان دىكالاماتىسيىسىنىڭ لېنتىسى ساقلانغان ۋە بۇ فىلىمدە كىرىشتۈرۈلگەن. پاكىت ئۈچۈن گۇگۇلدىن “ئابدۈشۈكۈر مەمتىمىن ئۈچۈن ئىشلەنگەن فىلىم” دېگەن تۈرنى ئىزدەڭ). ئۇستاز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئارفلىق ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ”ئەدىبلەر نېشمىقا پۇشايمان قىلىدۇ؟“ ناملىق ماقالىسدە ئابۇشۈكۈر مەمتىمىننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەقىقەتكە قايتقىىنى تىلغا ئالىدۇ. مەن بايىقى كۆرۈنۈشلەرنى تەھلىل قىلىۋېتىپ ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم: ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن راستنىلا ئارفلىقنىڭ قىممىتىنى ۋە ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنمۇ ۋە كېيىن ھىدايەتكە قايتقانمۇ؟ ئەمسىە ئۇ ئارفلىق ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ بولۇپ يازغان ”ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى“دا دىن ۋە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھەققىدە نېمشقا بۇنداق پاكىتسىز گەپلەرنى جىق قىلىدۇ؟ ئائىلىسى ياكى رېژوسسور فىلمىدە نېمشىقا ئالىمنىڭ”مەيخانىدىن چىقتىم لاغايلاپ“ دېگەندەك قاملاشمىغان بىر يازمىسىنىڭ چىقىپ كېتىشدىن ساقلانمايدۇ؟
بۇ يەردە مەشھۇرلارغا، ئۇستازلارغا پۇت ئېتىش ياكى ئۇلاردىن قۇسۇر ئىزدەش، گۇرۇھۋازلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئەسلا مەقسەت ئەمەس. مۇھىمى، ئۇستازلارنىڭ ساۋاقلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كېينىكىلەرگە بىر دەرس بېرىش. بىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن ساۋاق ئېلىش بەكمۇ مۇھىم. شۇ ساۋاقلار ئىچىدىكى مۇھىم بىر ساۋاق شۇكى، بىز بىر ئەدىب، تەتقىقاتچى ياكى بىر مەشھۇر بولۇشتىن ئاۋۋال مىللىي كىملىك نۇقىتىسىدىن ئۇيغۇر، دىني كىملىك نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان. شۇڭا بىزنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان توپنىڭ قىممەت قارشىغا، مۇقەددەس سىمۋوللىرىغا چېتىلدىغان ئىشلاردا ناھايىتى سەگەك بولۇشىمىز، يەڭگىل پوزىتسييە تۇتماسلىقىمىز لازىم. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز قەۋمىمىزنى ھەركىتىمىز بىلەن سۆيگىنىمزنىڭ، شوئارۋازلىق ۋە ئابستراكىت سۆيگۈلەر قورشاۋىدىن چىققىنىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.

خۇلاسە

مەن ئۇزۇن ئويلىنىپ، كەچۈرمشىلەردىن ساۋاق ئالدىم. چوڭ بىلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاغزىمىزدىكى بىر شوئار ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مىللەت ھەقىقىدىكى نۇرغۇن ساماۋي ئارزۇلارنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ۋە ئۆزۈمدىن ”ئەتراپىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەردىن لايىقىدا پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلالشىمىز مۇمكىن“ دەپ سورىدىم. بۇ ئەمەليەتچانلىق تەلەپ قىلدىغان سوئال ئىدى. بۇ ئەركىن مۇلاھىزە ئەنە شۇنداق ئوي ۋە تۈرتكەنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى. ئۇ ئەمەلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلدىغان تېما بولغاچقا، ئۇنىڭغا نەزەريىۋىي چوڭقۇرلۇق ۋە تەتقىقات مېتودى كىرگۈزۈشنى لايىق تاپمىدىم(بۇ تېمىىنىڭ نەزەريىۋي ئاساسى ئۈچۈن “نەزەرىيە ۋە نەزەريىۋي تەپەككۇر” دېگەن تېمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ).

ئەسلى بىلسەم، بىز ئەمدى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قاراۋاتقان بۇ رېئاللىق بىز تاللىۋالغان رېئاللىق ئىكەن، يۈز بېرىش مۇمكىنىچلىكى بار تالاي رېئاللىقلار ئىچىدىكى بىزگە تالىق بولغان بىرىكەن. ئۇنى ئۆزىمىز تاللاپتىمىز. ئومۇمنىڭ ئىشىغا كەلگەندە بىر ئىشلارنى قايناق خىتابلار بىلەن دەپ قويىىدىكەنمىز يۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتشكە تېگىشلىك مەىسلىلەر شۇ پېتى قالىدىكەن-دە، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ قاتلىمىدا ۋە ماھىيتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئەسلىدە ئىشلىرىمىزنى ئىلگىرى باستۇرۇشنىڭ نۇرغۇن ئامالى ۋە شەرتلىرى بار ئىكەن. ئىمكانيىەتلەرنى قېزىشنىڭ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلشىنىڭ يوللىرى يەنە بار ئىكەن. ئاشۇلارنىڭ بىرى ئورۇنسىز سۈكۈتكە تۇيغۇلىىرنى يەم قىلىپ بەرمەيدىغان ئەمەلىيەتچىگە؛ ياتلاشقىنىنى تۇيغان،ھالقىلىق پەيتتە، مۇھىم ئىشلاردا ھەرىكەت قىلىدىغان، ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئىجراچىغا ئايلىنىش ئىكەن.

مەنبە: مەرىفەت ئىسلام مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top