You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » كۈنىمىز مەدەنىيىتىدە ئىنسان

كۈنىمىز مەدەنىيىتىدە ئىنسان

ئەلى شەرىئىياتى

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: قۇتلۇق بىلگە  

ئىنسان تېمىسى قەدىمدىن بېرى بەس – مۇنازىرە قىلىنىپ كەلمەكتە ياكى قەدىمدىلا بەس – مۇنازىرىنىڭ تېمىسى بولغان ئىدى. مېنىڭمۇ قارىماققا شۇنداق ئېنىق ۋە ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولغان بىر تېمىنى قايتىدىن قەلەمگە ئالغاندەك چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئانتورپولوگىيەدىكى، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ھەتتا بارلىق بىلىملەردىكى پۈتكۈل تېمىلار ئىچىدە ئەڭ مەجھۇل تېما ئىنساندۇر. ئارىستوتىلدىن كۈنىمىزگىچە، ئىنسان ھەققىدىكى ئىزاھلارنى ئاڭلىغىمىزدا ياكى ئوقۇغىنىمىزدا ئىنساننىڭ پەرقلىق بىلىم كاتىگورىيىلىرىدە مەيدانغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرى ۋە ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى زامان بىلىملىرىنىڭ كائىناتتىكى بارلىق ھادىسىلەرنى ئىنسانغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىزاھلىغانلىقىنى ۋە تەرىپلىگەنلىكىنىى كۆرۈۋالالايمىز. دەرۋەقە، ئالېكس كاررېل دېگىنىگە ئوخشاش « ئىنسان ھازىرغىچە ھەر ۋاقىت تاشقىي ئالەمگە (ئىنساننىڭ سىرتقى دۇنياسى) يۈزلىنىپ يەنى ئېتىبار بېرىپ ئالەمنى، شەيئىلەرنى ۋە ماددىي ھادىسلەرنى تونۇشقا تىرىشىپ كەلگەن، بىراق ھېچقاچان تاشقىي ئالەمنى تونۇشتىن بۇرۇن ئىچكى ئالەمنى تونۇش لازىملىقىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىگەن». دەرۋەقە، ئەڭ دەسلەپتە، ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن بۇرۇن، ھەر كۈلتۈرنى ۋە ھەر ئىدىيىنى، پەلسەپىنى ئىنسان ئۈچۈن بەرپا قىلىشتىن بۇرۇن، ئىنسانى تونۇشىمىز لازىم. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىنساندىن باشقا ھەر شەيئىنى تونۇيمىز!

بولۇپمۇ يېقىنقى 3 ئەسىرگە نىسبەتەن كۈنىمىزدە بىلىم تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلدى. ئىنسان، ھەر دائىم تەبىئەت ۋە شەيئىلەر ھەققىدە تەپسلى ۋە توغرا بولغان تونۇشقا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىراق جون دېۋېيمۇ ئېتىراپ قىلغىنىدەك « كۈنىمىزدىكى ئىنسان، ئۆزىنى  ئۆتمۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئاز تونىماقتا. يەنى چۈشەنچىسىنى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى كۆپرەك تاشقىي ئالەمگە قاراتماقتا». چۈنكى بۇرۇنقى بىلىملەرنىڭ، دىننىڭ ۋە پەلسەپىنىڭ مەقسىتى: ( گەرچە  بارلىق پەيلاسوپلار ۋە ئالىملار بۇ ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يەتمىگەن. ھەتتا نە پەيلاسوپلار نە ئالىملار تونۇپ يەتتى) ئىنساننىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئىنساننىڭ كائىناتتىكى ۋەزىپىسىنى بېكىتىدىغان ھاياتىنىڭ ھەققىقي مەنىسىنى ۋە كائىناتنىڭ مەقستىنى تونۇش ئىدى. يەنى بۇرۇنقى بىلىمنىڭ ۋە پەلسەپىنڭ مەقسىتى دەل مۇشۇنداق ئىدى.

بىراق يېقىنقى 3 ئەسىردە غەرب، فرانكس بېكونغا تەۋە يېڭى بىر نىشان بېكىتىپ چىقتى ۋە ھازىرغىچە بۇ نىشانىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ نىشان مۇنداق ئىدى: بۇرۇنقى بىلىملەر ۋە پەلسەپىلەر يالغۇز ئىنساننىڭ، ئالەمنىڭ ھەقىقەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىششىنى مەقسەت قىلاتتى. بىراق كۈنىمىزدىكى بىلىملەر بۇ نىشاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشلىرى لازىم. بۇ ۋەزىپىنى چۆرۈپ تاشلاپ يېڭى بىر ۋەزىپە بېكىتىشىمىز كېرەك. كۈنىمىز بىلىملىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ئەمەلىيەتتىمۇ بىلىم يېڭى بىر ۋەزىپە ئۈستىگە ئالغاندەك قىلىدۇ. بىلىمنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى بولسا ھاكىمىيەتتۇر. فرانكىس بېكون شۇنى ئېلان قىلدى: « يالغۇز ئىنسانغا بۇ ھاياتتا يەنى بۇ دۇنيادا كۈچ بېغىشلايدىغان بىلىم ۋە پەلسەپە ھەقىقىي ۋە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىلىم ۋە پەلسەپە ھېسابلىنىدۇ.» ئەمىلىيەتتىمۇ، كۈنىمىزدە تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان  بىلىم، يالغۇز ئىنساننىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا يەنى كۈچكە ئېرىشىشكە پايدىسى بولىۋاتىدۇ. ئىنساننىڭ كۈچلۈك بولۇشى دېگەندە، ئىنساننىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرشى يەنى تەبىئەتكە ھۆكۈمران بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەتكە ھۆكۈمران بولۇش بولسا ئىنساننىڭ يەر يۈزىدىكى ماددىي نىمەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.

يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلار، بىلىم ۋە پەلسەپە تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى ئۈچ ئەسىردە يالغۇز ئىنساننى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. يەنى سانائەت ۋە پەن – تېخنىكا بىلەن نەتىجىلەندى.  بۇرۇنقى بىلىم ۋە پەلسەپىلەر ئىنساننىڭ ئالەم ھەققىدە مەلۇماتلىق بولۇشىنى (مەرىپەت ئىگىسى) كاپالاتكە ئىگە قىلغان. بىراق كۈنىمىزدە بىلىمنىڭ نىشانى يەنى مەقسىتى بىلىمنى ۋە ئىلمىي خىزمەتلەرنى ۋە تەتقىقاتلارنى تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. دەرۋەقە، بىلىمنى ئىنسان ھاياتىدا كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان يىگانە كۈچ پەن- تېخىنىكىدۇر.

قەدىمقى زامانلاردا مەلۇماتى بولغان ھەرقانداق ئىنسان، تېخىمۇ كۆپ بىلىم جۇغلانىمىسى بولغان  ۋە يۇقىرى ئاڭغا ئىگە ئىدى. بىراق بېكون بۇنىڭ بىر قىممەت يارىتالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭغا كۆرە، ئەڭ مەلۇماتلىق ئىنسان، ئەڭ كۈچلۈك ئىنسان ھېسابلىناتتى. يەنى قورال كۈچى تېخىمۇ كۆپ بولغان، تېخىمۇ كۆپ مەبلىغى ۋە مال – دۇنياسى كۆپ بولغان ئىنساندۇر. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، مەسىلەن، ئافىنا ئىنتايىن مەلۇماتلىق، بىراق رىم ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. كۈنىمىزدە بىلىمنىڭ يېگانە مەقسىتى، ئىنساننى يەر يۈزىدە ۋە ھاياتتا ھەممە نەرسىگە قابىل قىلىشتۇر. بۇ كۈچ  ۋە بۇ شوئار مۇقەددەس بىر شوئار ھالىغا كەلگەن. دەرۋەقە، بىلىمنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئىنساننى ماددىي نىمەتلەردىن تېخىم كۆپ پايدىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە  قىلىشتۇر. بىراق بىلىمنىڭ يالغۇزلا مۇشۇنداق بىر ۋەزىپە بىلەن چەكلىنىشى ياكى چەكلەندۈرۈلىشى، بىلىمگە ۋە ئىنسانغا خىيانەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ بىلىمنىڭ ۋە ئىنساننىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ بۇ شەكلىدە چەكلىنىپ قېلىشىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىمۇ ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتتا ھەممىگە قابىل بولۇشىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇقەددەس ۋەزىپە (بۇ ۋەزىپىنى ئەلۋەتتە بىلىم ئۈستىگە ئېلىش لازىم) ئىنساننىڭ ھاياتتا يەنى دۇنيادا تېخىمۇ ياخشى بولۇش(ئەخلاقى) ۋەزىپىسىدۇر. ھالبۇكى، بېكونغا كۆرە بىلىم يالغۇز ئىنساننىڭ ھاياتتا كۈچلۈك بولۇشىغا ۋە تەبىئەتكە ھۆكۈمران بولۇشىغا ياردەمچى بولۇش ئىدى. « ئىنسان قانداق ياخشى بولالايدۇ؟» سوئالىغا جاۋاب تېپىشنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ياكى باش قاتتۇرۇپ باقمىغان. بۇ ۋەجىدىن، كۈنىمىزدىكى ئىنسان يەنى زامانىۋى ئىنسان، تارىخ بويىچە تەبىئەتكە ئەڭ كۆپ ھۆكۈمران بولغان ئىنسان ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئىنسان ئۆز –  ئۆزىگە ھۆكۈمران بولۇش نۇقتىسىدىن كۈنىمىزدە كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇت بولغان ھەر دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئاجىز ۋە بىچارى ھالەتتە تۇرماقتا.

زامانىۋى ئىنسان، تەبىئەتنى ئۆتمۈش ئەسىرلەرنىڭ ئىنسانىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ تونۇيدۇ، بىراق ئۆزىنى تونۇش جەھەتتە زامانىۋى ئىنسان، ئۆتمۈش ئەسىرلەردىكى ئىنسانغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۆتمۈشتىكى بىرەر پەيلاسوپقا: « ھايات قانداق بىر نەرسە؟ دەپ سوراپ قالساق ياكى « ئىنسان قانداق بىر مەخلۇق، بۇ ئالەم غايىسىز ۋە ئەرزىمەس بىر نەرسىمۇ؟» دەپ سورىغان تەقرىدە، ھېچ بولمىسا بىزنى جاۋابسىز قالدۇرمايتتى ياكى ئىنساننىڭ ھەمىشە كويىدا يۈرىۋاتقان، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ۋە بىلىم تەرىپىدىن جاۋاب تېپىلىشى لازىم بولغان بۇ نىگىزلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئۆزىنىلا، ئۆز بۇرچىنىڭ بىر تەقەززارسى سۈپىتىدە ئويلايتتى. بىراق كۈنىمىزدە بىر ئالىمغا سوراپ قالساق مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: « بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشىمىز لازىم. بۇلار ھەققىدە باش قاتتۇرۇشنىڭ قىلىچىمۇ ئورنى يوق. مەن پەقەتلا بىر ھادىسە ياكى بىردىن ئارتۇق ھادىسە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاشنىلا ياكى تېپىپ چىقىشنىلا خالايمەن. مۇشۇنداق قىلىش ئارقلىق ئېرىشلىگەن نەتىجىنى تېخىنىكىغا ئايلاندۇرۇشۇم لازىم. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئىنساننىڭ ماددي ئەشيالاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىم كېرەك».

ئۇنداقتا، ئىنساننىڭ پىكىرى مەنىۋى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسنىڭ نىشانى سانائەتلىشىشتىن ئىبارەت بولغان بولىدۇ. تېخىنىكىنىڭ ۋە سانائەتنىڭ نىشانى بولسا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالدۇر. يەنى ئىنساننىڭ چوڭقۇر، مۇقەددەس، مەنىۋى، ئەقلى ۋە مەنتىقىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سەۋەپتىن كۈنىمىز مەدەنىيىتى ئىستېمال مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمال زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر.

دۇنيانىڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلىرىدە قايسى ھۆكۈمەتكە ۋە جەمئىيەتكە نەزەر سالسىڭىز سېلىڭ ئىستېمالنىڭ مۇشۇلار نۇقتىسىدىن ئىلىمىي بىر دىنى ئىتىتقاد ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىسىز. بۇ، ھېچىككىمۇ گۇمان قىلمايدىغان بىر مەسىلىدۇر.  مەزكۇر مەسىلە زامانىۋى ئىنساننى مەنىۋى جەھەتتە ئاجىزلاشتۇرغان ۋە خۇنۇكلەشتۈرگەن بولسا، ماددىي جەھەتتە ( دۇنياۋى ) ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. بىراق ئىنساننى تېخىمۇ رەزىلەشتۈرۋەتكەن. ھالبۇكى، ئىنسان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتىن بۇرۇن مەنىۋى جەھەتتە ساغلام ۋە ياخشى بولۇشى كېرەك.

ئىككى سۆز بار بولۇپ، ئۈستىدە مۇلاھىز يۈرگۈزىۋاتقان تېمىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولۇشى ئۈچۈن مەزكۇر ئىككى سۆز ھەققىدە ئازاراق چۈشەنچە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. (چۈنكى بۇ ئىككى ئاتالغۇنى مەن ئىستېمال مەنىسىدىن پەرقىلىقراق چۈشىنىمەن). بۇ ئىككى سۆز مەنداش بولمىغان تەقدىرمۇ، ئېغىز تىلىدا مەنىداش سۆزدەك ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. بىرسى ئىنسانغا «خىزمەت»، يەنە بىرى ئىنساننى «ئىسلاھ» قىلماقتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىم مەنىسى بار. بۇ ئىككى سۆز ئىككى ئايرىم كاتىگورىيىگە تەۋە. بىز بەزىدە مەلۇم بىر كىشىگە ياكى بىر جەمىئىيەتكە خىزمەت قىلىمىز، مەسىلەن، بىر شەھەرنىڭ يوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرىمىز، ياكى بىر ئىنسانغا پۇل بىرىمىز ۋەياكى بىر ئۆي ئېلىپ بېرىمىز. بۇ ئەھۋال بىر كىشىگە ياكى جەمئىيەتكە خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئىسلاھ ھېسابلانمايدۇ. بۇ خىزمەت، ئىسلاھ بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىيانەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىنساننى ئىسلاھ قىلماستىن بۇرۇن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسام، مىنىڭ بۇ خىزمىتىم ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېزىپ كىتىشىگە ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانغا خىزمەت قىلشتىن بۇرۇن ئۇنى ئىسلاھ قىلىشىمىز لازىم.

بىلىم، ئىنسانغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. كۈنىمىزدە قايسى بىر بىلىم ئىنساننىڭ ئەخلاقى ئىسلاھىنى ئۈستىگە ئالماقتا؟ قايسى  بىر بىلىم، ئىنساننىڭ ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا؟ ئەپسۇس ھېچبىرى ئۇنداق ئەمەس. بارلىق بىلىملەر ئىنساننى تەبىئەت ھەققىدە مەلۇماتلىق قىلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئىنساننى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلماقتا. ئۇنداقتا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىلىم يالغۇزلا ئىنسانغا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، بىلىمنىڭ ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى ئىنساننى ئىسلاھ قىلىش ۋە تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. دەرۋەقە، بىر كىشى ئۈچۈن ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئۆيدە ياشىماقچى بولغان كىشىنىڭ قانداقراق بىرى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشى لازىم. نىمىشقا بۇ يەردە ياشاشنى خالايدۇ؟ نىملەرگە قىزىقىدۇ؟ قانداقراق بىر ئىنسان؟ بۇلارنى بىلمەي تۇرۇپ بىرۋاغا ئۆي سېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىز ئىنساننى تونۇشتىن بۇرۇن ئىنسان ۋە ھاياتى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ مەدەنىيەت بەرپا قىلىشقا، ھەشەمەتلىك كۈن كەچۈرۈشكە ۋە كۈچلۈك بولۇشقا تىرىشتۇق. ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ مەدەنىيىتىمىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ مول ۋە كۆركەملىك بولۇشى لازىم ئىدى. بىراق بۇ مەدەنىيەت ئىنسان ھاياتىنى، ۋەزىپىسىنى ۋە ھاياتىنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆركەملىكىنىڭ، ھەشەمەتلىكىنىڭ ۋە ئەھمىيىتىنىڭ ئەكسىچە ئىنساننى خاراكتىرسىزلەشتۈرۈشى ۋە پەسلەشتۈرۋېتىشى مۇمكىن.

20- ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان ج.پ، سارترېنىڭ «بۇرقتۇملۇق» ناملىق ئەسىرىدە زامانىۋى ئىنساننىڭ ھاياتى تەرىپلەنگەن. جىن ئسوۋلېتنىڭ پرسوناژى، زامانىۋى ئىنساننىڭ سمۋولىدۇر. پادىشاھ بولغان بۇ پرسوناژى مەئىشەتلىك، راھەت – پاراغەت ۋە ئالتۇنلار تولۇپ تاشقان  بىر تۇرمۇشتا ياشايدۇ.  بىراق بۇ پرسوناژ دەرمانى يوق بىر دەرتكە مۇپتىلا ئىكەن. جىن ئىسوۋلېتن بۇ پرسوناژنى تەرىپىلىگەندە مۇنداق دەيدۇ: « بۇ پرسوناژ فرانسىيىدۇر، فرانسىيە ئالتۇن، كۈچ ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۆلىتىدۇر.  يەنى مول نىمەتلەر ئۈستىدە ياشاماقتا. بۇنىڭدىن فرانس بېكوننىڭ بىلىم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ رىئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىراق دەرمانى تېپىلمايدىغان بىر دەرتكە مۇپتىلادۇر» .

جىن ئىسولېت بۇ پرسوناژنىڭ «فرانسىيە» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كۈنىمىزدە بولسا بۇ پرسوناژنى « بارلىق مەدەنىيەت» ۋە « مەدىنى ئىنسان»،دېسەك خاتالاشمىغان بولىمىز.

يەنە بىر پرسوناژنى ئىلىيوت  يارىتىدۇ. ئىلىيوت زامانىۋى ئىنساننى يەنى زاماننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانىنى گۈزەل بىر تىل بىلەن تەرىپلەيدۇ. ئىليوتنىڭ رومانىنىڭ پرسوناژى بولغان «تايرېسىس» قەدىمىي يۇناننىڭ تەڭرى مەلىكىلىرىدىن بىرى. بۇ تەڭرى مەلىكىسى قوش جىنىسلىق بىر مەلىكىدۇر. يەنى ھەم ئايال ھەم ئەردۇر. مەزكۇر پرسوناژ كۈنىمىزدىكى ئىنساننىڭ سمۋولى بولۇپ، تۈنۈگۈنكى (ئۆتمۈش)ئىنساندىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈكتۈر. بىراق ئىككى ھەسسە كۈچلۈكلىكىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ بۇ دەل قوش جىنىسىلىق ئىنسانغا قارىتىلغان. يەنى بۇرۇنقى ئىنسانغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۈچلۈك. بۇ ئىزاھلار نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ نىمە سەۋەبتىن مەدەنىيەت؟ قانداق بىر بىلىم؟ نېشىقىمۇ مۇشۇنداق نوپۇزلۇق بىر كىشى، مۇشۇ خىلدىكى ئىنساننى تەرىپلىدى؟ روتېردام ھەيلىكىنى نىمىشقا تۇرغۇزدى؟ نېمە سەۋەبتىن  كۆركەم، كۈچلۈك ۋە نىمەتلىرى كۆپ بولغان  بۇ ھايات بىر «بۇرۇقتۇملۇق» قا ئايلىنىپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ «ئىلغار» مەدەنىيەت كامۇسنىڭ تەبىرى بويىچە «ۋابا» كېسىلىگە گىرىپتار بولدى؟ قانداقلارچە كۈنىمىزدىكى ئىنسان قوش جىنىسلىق بولۇپ قالدى ياكى ھېسىياتسىز؟ مەنچە بىلىم ھەممىدىن بۇرۇن ئىنساننى توغرا ئىزاھلىشى كېرەك. ئىنساننىڭ مەجۇتلۇقىنى توغرا تەرىپلىشى لازىم.  ئاندىن ئىككىنچى قەدەمدە ئىنساننىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىنساننىڭ ۋەزىپىسىگە ماس ھالدا مەدەنىيەتكە، پەن – تېخنىكىغا، ئىجادلارغا ۋە كەشپىياتلارغا ئەھمىيەت بەرسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى. بىراق بىلىم ئىنساننى پەقەتلا تونۇيالمىدى ۋە ئىنساننى ھەققىي مەنىسى بويىچە ئىزاھىيالمىدى. توختىماستىن بىنا ئۈستىگە بىنا سالدى، لېكىن شۇ ھەيۋەتلىك بىنادا ياشايدىغان ئىنساننىڭ ھەققىي ئېھتىياجلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپمۇ باقمىدى. ئىزچىل ھالدا بۇرۇن سېلىنغان بىنادىن تېخىمۇ زامانىۋى، تېخىمۇ تەرققىي قىلغان بىناغىلا مەركەزلەشتى. ئەمما بىنادا ياشايدىغان ئىنساننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورايدىغان بولساق، مۇنداق دەيدۇ: « بۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سوئالىڭىز، بۇ ھەقتە پىكىرلىرىنى ئىپادە قىلىشقان بۇرۇنقى ئىلاھى ھىكمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك».

بۇمۇ ئىشقا يارىمىسا، بولدى قىلىشىمىز لازىممۇ؟ ئۇنداقتا بۇ مەدەنىيەتنى كىم ئۈچۈن ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز؟ ئەسىلىدە بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىن ، ئىلىمىي بىر مېتود بەلگىلەشتىن ۋە بىلىم ياكى پەلسەپە ئۈچۈن بىر ۋەزىپە بېكىتىشتىن بۇرۇن بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئىنساننىڭ قانداق بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم، بۇلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ مەلۇمات ئاساسىدا ئىشلارنى پىلانلىشىمىز،  مەدەنىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ مەلۇمات ئاساسىدا بىلىمنىڭ ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ چىقىشىمىز لازىم.

دەسلەپكى مەلۇماتتىن كۆزدە تۇتقىنىم، بىرەر نەرسە بىلەن تونۇشۇپ چىقماستىن، پەلسەپىلەرنى تەتقىق قىلىماستىن، سەنئەت ھەققىدە ھۆكۈم بەرمەستىن، ئەدەبىيات توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلماستىن، ھايات، ھەتتا دىن ۋە پەلسەپە بىلەن تونۇشۇپ چىقماستىن بۇرۇن ئىنساننى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتىش كېرەك. دىن ئىنساننىڭ مۇكەممەلىشىشى، نىجادلىق ۋە ھايات يولىدۇر. ئىنساننىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ چوڭقۇر ئىھتىياجلىرىنىڭ جاۋابىدۇر. بىراق دىن بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسان بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز لازىم، ئەگەر ئىنساننى چۈشۈنۈپ يېتىدىغان بولساق، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دىننى تاللىيالايمىز. شۇنچىۋېلا كۆپ ئىدىيەلەر، پەلسەپىلەر ئىچىدە ھەر خىل ئىھتىياجلىرى بولغان بۇ ئىنسان دېيىلىۋاتقان مەخلۇق ئۈچۈن قايسىسىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىمىز.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top