You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » كىتاب ئوقۇشنىڭ قۇدرىتى

كىتاب ئوقۇشنىڭ قۇدرىتى

كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى بىر خىل كىيىن يىتىلدۈرگىلى بولىدىغان ئىقتىدار ، كىتاب ئوقۇش بىزگە ئىككى چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ، بىرى ، توغرا بولغان ئىنسانىي پەزىلەت شەكىللەندۈرۈش ، يەنە بىرى ، ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش .

بىز ئەڭ ئاۋۋال «ئوقۇش»دېگەن سۆزگە ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى . بۇ كىتابتا دېيىلگەن ئوقۇش ، قەغەز كىتاب ۋە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەگەر سىز ئادەتتە خەۋەر ئوقۇشنى ، ژۇرنال ئوقۇشنى ياخشى كۆرسىڭىز ، ئۇنداقتا سىزنى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ ، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەنلىك ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە دېگەنلىك ئەمەس .

ئوقۇش ئىقتىدارى دېگەن نېمە ؟

ئوقۇش ئىقتىدارى دېگىنىمىز: كۆپلەپ ئوقۇش ئارقىلىق يېتىلگەن شەيئىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، بىر خىل تەپەككۇر ئىقتىدارى . مەشھۇر پەيلاسوپ دېكارتنىڭ ھەممىگە مەلۇم بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار ، ئۇ بولسىمۇ« مەن ئويلانغىنىم ئۈچۈن مەۋجۇدمەن » ، ئۇ :«تەپەككۇر ئىقتىدارى ئادەم بىلەن باشقا تۈرلەرنىڭ پەرقىنى بەلگىلىگەن ، شۇڭا تەپەككۇر ئادەمنىڭ ماھىيىتى بولىدۇ» دەپ قارىغان . شۇنداق بولغاندا، كىتاب ئوقۇش تەپەككۇر ئىقتىدارى ، يەنى ئادەمنىڭ ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل مۇھىم ئىقتىداردۇر.

زادى قانچىلىك كىتاب ئوقىغاندا ئاندىن كۆپ كىتاپ ئوقىغان بولىمىز ؟ جاۋابى شۇ ئاز دېگەندە 100 پارچە كىتاب ئوقۇش كېرەك . ئاپتور مۇنداق بىر سىتاستىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ، ياپونىيەدە بىر يۈرۈش كىتابلار بولۇپ ، ھەجىمى كىچىك ئېلىپ يۇرۇش ئەپلىك ، بۇ خىل كىتاب « مەدەنىيەت خەزىنىسى » دەپ ئاتالغان . ياپونىيەنىڭ شىنچاۋ نەشرىياتى « چايچى قىز » ، « ئوۋ .ھېنىرى ھېكايىلىرى»،توماس مېن نىڭ «ئالۋاستى تاغ» غا ئوخشاش بىر يۈرۈش شەرق بىلەن غەربنىڭ نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلىرىنى بېسىپ چىقارغان .ئاپتورنىڭ قارىشىچە ، بىر ئادەم ، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى كىشىلەر بۇ مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇشى كېرەك ئىكەن . ھەر ئايدا ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇسا ، 100 پارچە كىتابنى ئوقۇپ بولۇشقا تەخمىنەن تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ ، بۇنداق مەشىق ئارقىلىق ئوقۇش بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىدۇ ، سىزمۇ ئەڭ ئاساسىي ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىسىز . شۇنىڭدىن كېيىن كىتاب ئوقۇش سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىڭىزمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .

كىتابنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئاپتورنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، تۆۋەندە كىتابتىكى مەزمۇنلار بىلەن مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن تۇنۇشۇپ چىقىمىز : بىرىنچى ، كىتاب ئوقۇش ۋە ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ شەكىللىنىشى؛ ئىككىنچى ، كىتاب ئوقۇش ۋە ئالاقە ئىقتىدارى ؛ ئۈچۈنچى ، كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنداق بولسا بىز مۇشۇ ئۈچ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى.

بىرىنچى: كىتاب ئوقۇش ۋە ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ شەكىللىنىشى

كىتاب ئوقۇشنىڭ ساغلام ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە قانداق ياردىمى بار؟

كىشىلىك قەدىر – قىممەت پىسخولوگىيەدە شەخسىي خاراكتېر دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ مۇقىم پىسخىكىلىق سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇ يەنە ئادەمنىڭ ئېتىقادى ، مۇددىئاسى ، ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شۇنداقلا بىزنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىمىز ۋە ھايات يۆنىلىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ . ئەگەر كىشىلىك قەدىر – قىممەت مۇكەممەل بولمىسا ، ئۇ ئەتراپىدىكى ئادەم ياكى ئىشلارغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

1995-يىلى توكيو شەھىرىدە مېترودا زەھەرلىك گاز ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى ، نەچچە مىڭ ئادەم يارىلاندى ، ۋەقە پەيدا قىلغىنى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئوم ھەقىقەت دىنى مۇرتلىرى ئىدى. بۇ تەشكىلات ئەسەبىي ئىدىيەگە تايىنىپ نۇرغۇن ياشلارنى تەربىيەلىگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇنەۋۋەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. كوسۇكى سايىتونىڭ قارىشىچە ، ئەسلى بۇ ياشلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىدىن ئېيتقاندا بىدئەتچىلىكنى پەرىق ئېتىشى تەسكە چۈشمەيتى ، لېكىن ئۇلار كىچىكىدىنلا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنىڭ بېسىمى ئاستىدا يۈرۈپ، پەقەت ئۆگىنىشنىلا بىلگەن ، روھىي پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيەلەنمىگەن ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى . جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇلار كەسكىن رىقابەت ئىچىدە گاڭگىراپ قېلىپ، بىدئەتچىلىكنىڭ تەشۋىقات قىززۇقتۇرۇشلىرىنى يۈزەكى ئويلاپ، كىچىكىچىدىن بوش قالغان روھىي بوشلۇقلارنى بىدئەت كۆز قاراشلار بىلەن تۇلدۇرۇشقا ئورۇنغان ، ئاخىرىدا ئۆزىنى تارتىپ چىقالمىغان، ھەتتا جىنايەتنىڭ قولچوماقچىسى بولۇپ قالغان .

كوسۇكى سايىتونىڭ قارىشىچە ، ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە يېتەرلىك كىتاب ئوقۇغان بولسا، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ ، تراگېدىيە يۈز بېرىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى . كىتاب ئوقۇش ئارقىلق ئادىمىيلىكنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچ قەدەم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .

بىرىنچى ، ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ شەكىللىنىشى يالغۇز ئۆزىگىلا ئەمەس ، يەنە « كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى » غا تايىنىدۇ ، كىتاب ئوقۇش بۇ تورنى بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى .

ماركس ناھايىتى بۇرۇنلا:« ئادەمنىڭ ماھىيىتى- بارلىق ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر »دېگەنىدى .كىشىلەر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ،بۇ جەرياندا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلى تەبىئىيلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، كىشىلىك قەدىر – قىممەت كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا يارىتىلىدۇ .

كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى « تور » غا قوش پەش قوشۇش كېرەك ، چۈنكى ئۇ مەۋھۇم تور . ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ، بىز ھەر قايسى ئاپتور بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرىمىز ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئوخشاش بولمىغان ئىدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ : « ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن » دېگەن كىتاب بىزگە بىر ئادەمنىڭ ئۇرۇشتا ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مۇھەببەتنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ ؛ ئەپلاتوننىڭ « غايىۋى دۆلەت » ناملىق ئەسىرى بىزگە بىر دۆلەتنى قانداق قىلغاندا ياخشى باشقۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ؛ دارۋېننىڭ « تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى »دېگەن ئەسىرى بىزگە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . كىتاب ئوقۇش بىزگە ئەسەرلەردىكى ھەرخىل ئوبرازلارنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ياكى بىزدە ئۇلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلار ئوقۇتقۇچى ۋە سىرداش دوستلارغا ئايلىنىپ ، بىزگە كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . مانا بۇ كىتاب ئوقۇش ئېلىپ كەلگەن تور ، ئۇ بىزنى جەمئىيەتتىن ئايرىۋەتمەيدۇ ،بەلكى جەمئىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
بۇ مەۋھۇم تور ئارقىلىق نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىپ ماڭىدۇ . دىققەت قىلغان بولسىڭىز كىتاب ئوقۇش جەريانىدا بىزدە دائىم مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ : ھەر قېتىم ئاپتورلار مەسىلىلەرنى بىز ئويلاپ باقمىغان نوقتىلاردىن، چوڭقۇرلۇقلاردىن چىقىپ يۇرۇتۇپ بېرىۋاتقاندا «ھە، بۇ مەسلىنى ئەسلى مۇنداق ئويلىساقمۇ بولىدىكەنغۇ» دەپ قالىمىز. بۇ ۋاقىت دەل بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئادىمىيلىك پەزىلىتىمىزنىڭ ئاساسى قورۇلىۋاتقان ۋاقىتتۇر.

كىتاب ئوقۇشنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتنى يارىتىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى- قەلبنى ئويغىتىدىغان « يوشۇرۇن بىلىش » ، يەنى رېئال تەسىرات بىلەن ئوقۇش تەسىراتىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت .

« يوشۇرۇن بىلىش » بىز دائىم دەيدىغان « پەقەت چۈشىنىشكىلا بولىدۇكى ، تىل بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدۇ » دېگەنگە ئوخشاش ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بىلىپ بىلمەي بىلىش شەكىللەندۈرىدىغان بىر جەرياندۇر، مەسىلەن ، تۇنجى قېتىم مەشنى تۇتۇپ قولىمىز كۆيۇپ قالغاندا ، گەرچە بۇ ئازابنى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمىسەكمۇ ، لېكىن كېيىن بىرەرسى بىزگە «مەش قىززىق، قولۇڭ كۆيۈپ قالىدۇ» دەپ ئەسكەرتمىسىمۇ مەشكە يېقىن كەلمەيدىغان بولىمىز، بۇنىڭ بىلەن بىزدە «يوشۇرۇن بىلىش» شەكىللىنىدۇ .
كىتاب ئوقۇش يوشۇرۇن بىلىشنى ئويغىتىدۇ . بىز كىتاب ئوقۇغاندا ، دائىم كىتابتىكى تۇيغۇنىڭ بىزدە بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز .چۈنكى ئاشۇ مۈجمەل ، ئېنىق دېگىلى بولمايدىغان تۇيغۇلارنى يازغۇچىلار كىتابتا خەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىدۇ، خۇددى بالا تۇنجى قېتىم « قىززىق » دېگەن خەتنى بىلگەنگە ئوخشاش، ئەسلى خەت ئارقىلىقمۇ مەش ئېلىپ كەلگەن ئازابنى سۈپەتلىگىلى بولىدۇ، مانا بۇ يوشۇرۇن بىلىشنىڭ ئويغىتىلغانلىقتۇر . ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش كەچۈرمۈشتە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز، خۇددى ئىتىراپ قىلىشقا ،ھېسداشلىققا ئېرىشكەندەك تەسىراتقا كېلىسىز دە ،بۇ خىل روھىي كۈچ سىزنى توغرا يولدا ماڭغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرىدۇ ، بۇ خىل ئىشەنچ ئادىمىيلىكنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساستۇر.

بۇ خىل ئويغىتىش يەنە ئۆزلۈكنى كېڭەيتىپ ، ئىنسانىي پەزىلەتنى بېيىتىدۇ . بۇ گەپ ئاڭلىماققا سەل ئابستراكت بىلىنىدۇ ، بۇنىڭغا بىز مۇنداق بىر مىسال ئالايلى. ياپونىيەدە فۇجىخارا شىنيې ئىسىملىك بىر داڭلىق فوتوگراف بار بولۇپ، نەچچە ئون يىل پۈتكۈل ئاسىيادا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ، سۈرەتكە تارتىش ، ساياھەت قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدەيدۇ . ئۇ : « ھەر سەپەردە ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئېنىق تۇنۇپ يېتىمەن » دەيدۇ . ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسى نەشر قىلىنغاندا ، ياپونىيە يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ، شەھەرلىشىش دولقۇنىدا كىشىلەر ماشىنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچى كەمچىل ، ياشاش ئەھمىيىتى ھەققىدىكى تونۇشلار خىرەلىشىپ قالغان ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئەكس ئەتكەن تەبىئىي تۇيغۇلار ياشلارنىڭ ياشاش ئەھمىيىتىگە بولغان يوشۇرۇن تونۇشىنى ئويغىتىدۇ ، كىشىلەر بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن ، سەرگەردان بولۇپ جاھان كەزگەندىكى تۇيغۇغا كېلىدۇ. بۇ دەل كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر ئادەمنىڭ روھىيتىنى بېيىتىشتا ئوينايدىغان رولىدۇر.

ئەمدى بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىنسانىي خارەكتىر يارىتىش ھەققىدە توختىلىپ باقايلى.

مەقسەتلىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيىسىگە ماس ھالدىكى، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە پايدىلىق بولغان يۈرۈشلۈك كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش ئارقىلىق ، مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپتىن كۈزىتەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسەلەيدىغان بولالايمىز.

يۈرۈشلۈك كىتابلار دېگەن نېمە ؟ ئوخشىتىپ ئېيتساق ، يۈرۈشلۈك كىتابلار قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ ، مەسىلەن، ئىلھامبەخىش ئەسەرلەر، تارىخى ئەسەرلەرگە ئوخشاش ، مەلۇم بىر ساھەنى ھەر تەرەپتىن يورۇتۇپ بەرگەن ئەسەرلەر . يەنە مەسىلەن ، ئوخشاش بىر ئېقىمدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۈرۈشلۈك كىتابلار دەپ قارىساق بولىدۇ .يۈرۈشلۈك كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ، مەلۇم بىر ساھەدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ، مۇئەييەن كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ،

مەلۇم بىر ساھەدە ئىزدىنىپ كۆپلەپ كىتاب ئوقىغىنىمىزدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراش ، ئىدىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۇر قىلالايمىز . بىز قانچە كۆپ ئوقۇساق ، شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلغاندا ، ئويلىشىدىغان نەرسىلەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ،قارسىغا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ، مانا بۇ يەتتەئۆلچەپ بىر كەسكەنلىكتۇر.

مەسىلەن ، ھاياتتا مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، بەزىلەر «نېمىشقا بۇنداق ئازابلىق ئىشقا مەنلا يولۇقىدىغاندىمەن» دەپ ئازابلىنىپ، ھەتتا ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بىز « سوفىيەنىڭ تاللىشى » ناملىق روماننى ئوقۇپ باقساق بولىدۇ ، ئۇنىڭدا بىر ئايالنىڭ جازا لاگېرىدا ھاقارەتكە چىداپ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان ھېكايىسى سۆزلەنگەن ، سىز ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن قىزى ئوتتۇرىسىدا ھايات قېلىشنى تاللىغانلىقىنى كۆرگەندە ، ھەقىقىي ئازاب – ئوقۇبەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشىنىڭ نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . بىز يەنە « ئازاب – ئوقۇبەت » دېگەن ئاساسىي تېمىنى بويلاپ « ئەننىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى » ، « ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ، « ئەلۋىدا قورال » دېگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇساق بولىدۇ ، بۇ بىر يۇرۇش كىتابلار بىزنى ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۇرغا يېتەكلەيدۇ، بۇ كىتابلار قانداق ياشاش كېرەك، نېمىلەر ئازاپلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، نېمىلەر ئەرزىمەيدۇ دېگەندەك چۈشەنچىلىرىمىزگە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا بۇ كىتابلار بىزنىڭ كەلگۈسى يولىمىزنى تاللىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، مانا بۇ يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسكەنلىكتۇر.

«يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دىگەن بۇ ئەقلىيە سۆز دەل ئوقۇش ئارقىلىق ئىنسانىي پەزىلەت يارىتىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىدۇر . بۇ جەرياندا تاشقى دۇنيادىكى ئۇچۇر بىلەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ ، ئۆزئارا قايىل قىلىپ، قوشۇلۇپ ، ئاخىرىدا كىشىنى تېخىمۇ كەڭ پىكىر بوشلىقىغا باشلاپ بارىدۇ . بۇ جەريان تاماملانغاندىن كېيىن ، ساغلام كىشىلىك قەدىر – قىممەت يارىتىلىپ ، ئىجابىي ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ .
خوش ،يوقۇرىدا بىز بىرىنچى مۇھىم مەزمۇننى سۆزلەپ ئۆتتۇق: كىتاب ئوقۇش بىزنىڭ ساغلام كىشىلىك قەدىر – قىممەت يارىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .ئاۋۋال ئۇ بىزگە ياردەم قىلىپ « تور » قۇرۇپ ، بىزنى ھەر خىل كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە قىلىپ ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ . ئاندىن كىتاب ئوقۇش بىزنىڭ « يوشۇرۇن بىلىش » مىزنى ئويغىتىپ ، رېئال تەسىرات بىلەن ئوقۇش تەسىراتىنى بىرلەشتۈرۈپ ، يېڭى تونۇش ھاسىل قىلىپ بىلىم قۇرۇلمىمىزنى كېڭەيتىدۇ . ئاخىرىدا ، يۈرۈشلۈك كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ، مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن چوڭقۇر كۈزۈتۈپ ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلالايمىز،شۇنداقلا چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ ، پىسخىكا سۈپىتىمىزنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ساغلام ئىنسانىي پەزىلەتنى شەكىللەندۈرەلەيمىز .

ئىككىنچى: كىتاب ئوقۇش ۋە ئالاقە ئىقتىدارى

ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ ئاچقۇچى تىل ئالاقىسىدۇر . ئەمەلىيەتتە تىل ئالاقە جەريانى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ ،ئادەتتە بىز ئاۋۋال باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى تۇتۇۋېلىپ ، تولۇق چۈشەنگەندىن كېيىن ، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەيمىز .كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىز بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمىزنى چېنىقتۇرالايمىز . بۇ ھەقتە يىغىنچاقلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئايرىش قاتارلىق ئۈچ نوقتىنى ئېگەللىۋېلىشىمىز زۆرۇر.

بىرىنچى نۇقتا: يىغىنچاقلاش

كىشىلىك ئالاقىدىمۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ مىغىزلىق، ھالقىلىق يېرىنى بىلىش ناھايتى مۇھىم ،شۇڭا ئەسەردىكى ھالقىلىق مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلاشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك . كوسوكى سايىتو « ئۈچ خىل رەڭلىك قەلەم بىلەن خاتىرىلەش ئۇسۇلى » نى تەۋسىيە قىلغان ، يەنى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا ، قىزىل قەلەم بىلەن سىزىشنى ، نىسبەتەن مۇھىم مەزمۇنلارنى كۆك رەڭ بىلەن سىزىشنى ، ئانچە مۇھىم بولمىسىمۇ ، ئەمما بىر قەدەر قىزىقارلىق مەزمۇنلارنى يېشىل راڭدە سىزىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئەگەر كىتاب ئوقۇغاندا قايسى مەزمۇنلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمىسا ، ئالدى بىلەن كۆك رەڭلىك قەلەم بىلەن سىزىۋېلىپ ، ئاندىن سىزىلغان مەزمۇنلارنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇننى تاللاپ قىزىل قەلەمدە سىزىپ چىقىش كېرەك . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە بىز نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن ئەڭ مۇھىم مەزمۇننى تېپىش ئىقتىدارىمىزنى چېنىقتۇرالايمىز ،ئەمەلىي تۇرمۇشتا بولسا، باشقىلار ئېيتقان سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېز بايقىيالايمىز .

ئىككىنجى نوقتا: ئالماشتۇرۇش.

باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى ئاساسىدا بىز ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى چۇشىنىمىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئۇ مەسىلە ھەققىدىكى تۇنىشىمىزنى قايتىدىن تەشكىلللەيمىز ، يەنى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۆز چۈشەنچىمىز بويىچە قايتا رەتلەپ چىقىمىز ۋە بىلدۈرىمىز ، بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى چۈشەنگەنلىكىمىزنى بىلدۈرەلەيمىز . بۇنى بىر تەرجىمە جەريانى دەپ چۈشەنسەكمۇ تامامەن بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر دائىم دەيدىغان « گىپىمنى خاتا تەرجىمە قىلۋالما جۇمۇ» ، «ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى خاتا تەرجىمە قىلىۋاپتۇ» دىگەندەك گەپلەر دەل باشقىلارنىڭ گېپىنى چۇشىنىپ توغرا ھەزىم قىلىشقا قارىتىلغان. بۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدار . ئۇ كۆپ مىقداردا ئوقۇش ئارقىلىق چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى چۇشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، يېتەرلىك سۆزلۈك مىقدارىنى ئىگىلىگەندىلا ، ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ .

بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىگىلەشنىڭ ئېپى شۇكى ، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ دېگىنى ئابستراكت مەزمۇن بولسا ، سىز ئۇلارنى ئوبرازلىق سۆزگە ئالماشتۇرسىڭىز ، كونكىرت مەزمۇننى ئابىستراكىت مەزمۇنغا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ . مەسىلەن ، قارشى تەرەپ سىز بىلەن خىيالىي رېئالىزم ئەدەبىياتى دېگەن ئۇقۇم ئۈستىدە سۆزلەشكەندە ، سىز ئۇنىڭغا ماركسنىڭ مەلۇم ئەسىرىنى كونكرېت سۆزلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ ، مانا بۇ ئابستراكت مەزمۇننى ئوبرازلىق تىلغا ئالماشتۇرۇش بولىدۇ . ئەگەر قارشى تەرەپ « غەربكە ساياھەت ھەققىدە لاپ » دېگەن كىنودىكى مەلۇم بىر ۋەقەلىكنى تىلغا ئالسا ، سىز ئۇنىڭدىن بۇ ۋەقەلىكتە كېيىنكى مودېرنىزملىق ئۇسلۇب بارمۇ – يوق ، دەپ سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. مانا بۇ ئوبرازلىق مەزمۇننى ئابستراكت مەزمۇنغا ئالماشتۇرغانلىق بولىدۇ . بۇنداق ئالماشتۇرۇش باش تېمىدىن چەتنىمەيلا قالماستىن ، يەنە سىزنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىملەر بىلەن ئەمەلىيەتنى ناھايتى ياخشى باغلىيالىغانلىقىڭىزنى نامايان قىلىدۇ .

ئۈچىنچى نۇقتا: ئاجرىتىش .

ئامېرىكىدا ۋالتېر ۋېن ئىسىملىك بىر مېدىيا تارقىتىش ئىلمى پروفېسسورى بولۇپ ، ئۇ مېدىيا تارقىتىش ئىلمى ۋاسىتىچىلىك مۇھىتى ئېقىمىدىكى يادرولۇق شەخس . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئېغىز تىلى كىشىلەرنى ئۆز-ئارا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئالاقە ۋاستىسى ، لېكىن ئالاقە قىلغاندا يېقىنلىشىشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، مەسىلەن ، ئالاقىدە بەزىدە قانچە كۆپ چۈشەندۈرگەنسىرى شۇنچە چۇشىنىكسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا بىز ئاجرىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر قەدەم چېكىنىپ مەسىلىگە قارىشىمىز كېرەك .

بۇ يەردىكى ئاجرىتىش يىراقلىشىش ئەمەس ، ئايرىۋېتىشمۇ ئەمەس ، بەلكى باشقا ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ . ۋالتېر ۋېن يېزىقچىلىقنى ئاجرىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاستىسى دەپ قارايدۇ . گەرچە يۈز تۇرانە پاراڭلىشىشقا قارىغاندا، يېزىقچىلىق ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىق تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئېغىز تىلىغا قارىغاندا يېزىقچىلىق تېخىمۇ ئوبيېكتىپ ، ئەقلىي بولۇپ ، يېزىق ئارقىلىق كۆز-قاراشنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى ۋە دېمەكچى بولغان مەقسەدنى تېخىمۇ تولۇق يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بىر قەدەم كەينىگە چىكىنىپ قارىغان ۋاقىتتا ،سۆزلەشكەندىكى ھاياجاندىن ساقلىنىپ ، مەسىلىلەرگە سوغوققان تەپەككۇردا مۇئامىلە قىلغىلى ، ئوبيېكتىپ نۇقتىلارنى كۆپەيتىپ ، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

شۇڭا يېزىقچىلىقنى مەشىق قىلىش ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەنىلا ئوقۇش. ئوقۇشقا ئەگىشىپ ئاندىن كوسوكى سايىتو تەۋسىيە قىلغان « ئۈچ رەڭ يېزىقچىلىق ئۇسۇلى » نى قوللىنىپ يېزىقچىلىق مەشىقى ئېلىپ بارساق بولىدۇ .
يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان ئۈچ خىل رەڭلىك يېزىقچىلىق ئۇسۇلى بولسا يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسى. قىزىل رەڭلىك يەنى ئەڭ مۇھىم قىسمىدىن بەزى مەزمۇنلار تاللىنىپ ، قەغەزگە كۆچۈرۈپ يېزىلىدۇ ، ئاندىن نېمە ئۈچۈن بۇ مەزمۇنلارنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقى يېزىپ چىقىلىدۇ . بۇ دەل يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسى . ئاندىن يېشىل سىزىقلىق مەزمۇنلارنى، يەنى ئانچە مۇھىم بولمىغان ، ئەمما بىر قەدەر قىزىقارلىق قىسىملىرى تېپىپ چىقىلىپ، قەغەزگە كۆچۈرۈلۈپ ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى قىزىقارلىق ھېس قىلىدىغانلىقى يېزىپ چىقىلىدۇ. ئاساسىي گەۋدىنىڭ قىزىقارلىق تولۇقلىمىسى ئاساسىدا ، شۇنداق قىلىپ ، بىر پارچە ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى يېزىلىپ چىقىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللارنى كوسوكې سېيتو باشقا بىر نەچچە ئەسىرىدىمۇ تىلغا ئالغان ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاساسلىقى سىزىپ چىققان مەزمۇنلارنى كۈچۈرۈپ يېزىپ،بۇ مەزمۇنلارغا بولغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتىمىزنى يېزىپ چىقىمىز ، ئاساسى قۇرۇلما پۈتكەندىن كىيىن ماقالىنىڭ تىلىغا ئىشلەيمىز . بۇ ئەڭ ئاساسى ماقالە يېزىش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئاسان ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ . ئەگەر سىزگە بۇ خىل ئۇسۇل سەل تەس بىلىنسە، ئۇنداقتا ئىشنى ئاۋال ماقالىنى كۆچۈرۈشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ ، بۇ ئۇسۇلدا، سىز ئاپتورنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى ئۆگىنەلەيسىز .سۆز بايلىقىڭىز ھەم شۇنداقلا سۆز ئىشلىتىش ماھارىتىڭىز ئاشىدۇ.
يوقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىز ئىككىنچى نۇقتىلىق مەزمۇن ، كىتاب ئوقۇغاندا ئۈچ خىل ئىقتىدارنى تەڭ يېتىلدۈرۈپ ، ئالاقە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . بىرىنچىدىن كىتاب ئوقۇش بىزنى يىغىنچاقلاش ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدۇ ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنى تۇتالايمىز. ئىككىنچىدىن ، كىتاب ئوقۇش يەنە بىزنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ ، يەنى باشقىلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنىپ ، ئۆز كۆز قارشىمىزنى توغرا ۋە ئېنىق ئىپادىلەپ ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ . ئۈچىنچىدىن ، كىتاب ئوقۇش يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ ، كىشىلىك ئالاقە ئىشلىرىدا بەزىدە خەت ئالاقىسىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، خەت ئالاقىسى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرەلەيمىز ،كىتاب ئوقۇش بولسا يىزىقچىلىق ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ئۇلى ھېساپلىنىدۇ .

ئۈچىنچى: كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك

ئوقۇش تۇغما ماھارەت ئەمەس ، ئۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن شەكىللىنىدۇ ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس كونكىرت مەشىق ئۇسۇلى بار .

نۇرغۇن كىشىلەر پۇتبولنى ياخشى كۆرىدۇ . توپ توختىتىش پۇتبول ماھارەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسى ماھارەتلەرنىڭ بىرى. ئەگەر توپنى توختىتالمىساق ، كەسكىن مۇسابىقە مەيدانىدا توپنى ياخشى كونتىرول قىلالمايمىزدە ،مەيداندىكى تەشەببۇسكارلىق قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا ئاللىقانداق تاكتىكا چارىلەرنىڭ ھەممىسى قورۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇش ماھارىتى خۇددى توپ توختىتىش ماھارىتىگە ئوخشايدۇ ، ئەگەر بۇ ئاساسى ماھارەتنى پۇختىلىمىساق، تەپەككۇرىمىزدە بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ .

بىز تۆت كونكرېت باسقۇچ ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىمىزنى تەدرىجىي مەشىق قىلدۇرساق بولىدۇ .

بىرىنچى باسقۇچ: ئۈنكىتاب ئاڭلاش

كىتاب ئاڭلىغاندا ، ئاڭلىغانلىرىمىزغا ئاساسەن مېڭىمىزدە شۇ كىتابتىكى ۋەقەلىككە ماس كېلىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتلارنى تەسەۋۋۇرقىلىپ چىقىمىز . ئەسەرنىڭ تىلى قانچە ئىنچىكە بولسا، تەسىرى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ ، بىلىم ئېلىش ئىستىكىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇرغۇپ چىقىدۇ . بۇ بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ : ئۈنلۈك ئوقۇش

ئۈنلۈك ئوقۇشنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ بىۋاسىتە بولىدۇ . ياپونىيە شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار 2002 – يىلىلا تەجرىبە ئارقىلىق كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇغاندىكى چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيەت رايونىنىڭ دائىرىسى كىتابنى ئىچىدە ئوقۇغاندىكى رايوندىنمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . ئۈنلۈك ئوقۇش دىققىتىمىزنى كىتابقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. دېكلاماتسىيە قىلىش جەريانىدىكى ، ئىنتوناتسىيە ، ئاۋاز سۈرئىتى قاتارلىقلار كىتاب مەزمۇنىنى چۈشىنىشىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئوقىغاندا مۈجمەل بىلىنگەن بەزى جۈملىلەرنىمۇ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ .

ئۈچىنچى باسقۇچ: خاتىرە قالدۇرۇش

بايا بىز « ئۈچ خىل رەڭلىك قەلەم بىلەن خاتىرىلەش ئۇسۇلى » ۋە ئۇنىڭ رولىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق . تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ، كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا سىزىش ئۇسۇلى بولسا بىرخىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش جەريانىدۇر .بىز كىتابتىن مۇھىم نۇقتىنى ئىزدىگىنىمىزدە باشتىن – ئاخىر جىددىيلىك تۇيغۇسىدا بولىمىز ، دىققىتىمىزنى كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە مەركەزلەشتۈرىمىز .شۇنداق بولغاندا ئاساسلىق يەرلەرنى تولۇق سىزىپ چىقالايمىز، ناۋادا كىيىن قايتا ئوقۇغاندا ، سىزىلغان مۇھىم نۇقتىلارنى تېز سۈرئەتتە كۆرۇپ چىقساق ۋاقىت تېجىلىپ ، ئويلىنىشىمىزغا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچ: ئوقۇش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىش

يەنى ھەربىر كىتابنىڭ چوڭقۇر – تېيىزلىقىغا ئاساسەن ، ئوقۇش سۇرئىتىنى بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ . ھەتتا ئوخشاش بىر كىتابنىڭمۇ قەيەرىنى ئاستىلىتىپ تەپسىلىي ئوقۇش كېرەك ، قەيەرىنى كۆز يۈگۈرتۈپلا كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، بۇنى چۇقۇم پەرىقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك ئوقۇش تەجرىبىسى بولىشى كېرەك ئەلۋەتتە ، بىر مەزگىل توم كىتابلارنى ياكى چۈشىنىش تەس بولغان كىتابلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ،بۇ خىل ماھارەت تەدرىجى يېتىلىپ ماڭىدۇ . بۇ ماھارەت ئارقىلىق بىز ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز، بىرلا ۋاقىتتا رىتىمى ئوخشاش بولمىغان بىرقانچە كىتابنى تەڭ كۆرۈش ئارقىلق ، ھەرخىل مەزمۇنلار بىلەن پىكرىمىزنى بېيىتىپ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز .

يۇقاردىكى تۆت خىل ماھارەتنى مەشىق قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىك كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايمىز .شۇنداقلا كىتاب ئوقۇشتىن لەززەت ئالالايمىز، بۇ خىل لەززەتنى كوسوكې سېيتو « جىددىيلىكتىكى خۇشاللىق » دەپ ئاتايدۇ، ئۇنداقتا جىددىيلىكتىكى خوشاللىق دىگەن نىمە؟

مەسىلەن بىز يۈگۈرۈشنى مەشىق قىلغاندا ، مۇسكۇللار باشتىن – ئاخىر جىددىيلىكىنى ساقلاپ ، مەلۇم ئارىلىققا يۇگۈرگەندىن كىيىن ئاندىن بىزدە چارچاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ . تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇزاق مۇددەتلىك جىددىي ھەرىكەتتە ئادەم مېڭىسى دوپامىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ ، ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىكەن ، مانا بۇ « جىددىيلىكتىكى خۇشاللىق » ئىكەن . ھەرىكەتكە ئوخشاش كىتاب ئوقۇشمۇ مۇقەررەر ھالدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ . بىز كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىمىز .ۋەقەلىككە ئەگىشىپ روھىي ھالىتىمىزدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ ،ۋەقەلىك جىددىيلەشسە بىزمۇ جىددىيلىشىپ كېتىمىز، ۋەقەلىكتە بىز ئارزۇ قىلغاندەك ئىشلار يۈز بەرسە خۇش بولۇپ كېتىمىز ، بۇخىل جىددىيچىلىكنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان ھوزۇرىنى تەسۋىرلەش ھەقىقەتەن تەس ،ھەرقانداق ياخشى ئەسەرلەردە بىز ئۆگىنىشكە، ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن كۆز قاراشلار بار. بىز كىتابقا پۈتۈنلەي كىرىشەلىگىنىمىزدىلا ئاندىن كىتابدا ئېيتىلغان ھەربىر تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىشقا ۋە ئۈلگە ئېلىشقا كۈچىمىزنىڭ بارىچە كۈچەيمىز.
ئۇندىن باشقا ، دېكلاماتسىيە قىلىشمۇ بىزدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدۇ ، ئۇ بىزنىڭ سۆز بايلىقىمىزنى، ئوقۇپ چۇشىنىش ئىقتىدارىمىزنى سىنايدۇ . ، ئەگەر ئىچىمىزدە ئوقۇساق ، تونۇمايدىغان بىرەر خەتكە يولۇققاندا ئۇقمايلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن. لېكىن دېكلاماتسىيە قىلساق ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ھەرۋاقىت ئۇقمايدىغان خەت ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ جىددىي مۇئامىلىدە بولىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالىنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغاندا جاراڭلىق ئوقۇغىلى بولىدۇ ، بولمىسا دۇدۇقلاپ كېتىمىز. شۇڭا دېكلاماتسىيە قىلغاندا تەبىيلا ئەستايىدىل ھەم جىددىي بىر ھالەتكە كىرىمىز ، فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، دېكلاماتسىيە قىلغاندا ، توغرا ھەم راۋان ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت كىيىنكى قۇرغا كۆز يۈگۇرتۇپ تۇرىمىز ، نورمال كۆرۈش دائىرىدىسىن ئېشىپ كەتكەن بۇ خىل ئۇسۇلمۇ بىزنى جىددىيلەشتۈرىدۇ.

لېكىن مەيلى قانچىلىك جىددىيلىك پەيدا بولسۇن ، بىر كىتابنىڭ مەزمۇنى بىزدە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلغاندا ، روھىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا بىزدە خوشاللىق پەيدا قىلىدۇ ،كىتابنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەپەككۇرىمىز چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. بۇخل تەسىر ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يوقاپ كەتمەيدۇ ، ئەكسىنچە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىز بىلەن زىچ بىرلىشىپ ، مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.

خۇلاسە

بىز ئەمدى بۈگۈن سۆزلىگەن مەزمۇنلىرىمىزنى بىر قۇر ئەسلەپ باقايلى .

كىتاب ئوقۇشنىڭ قۇدرىتى شۇ يەردىكى ، ئۇ بىزگە ئىككى جەھەتتىن يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ . بىرىنچىدىن ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىز پايدىلىق كىشىلىك قەدىر – قىممەت شۇنداقلا شەخسىي خارەكتىر يېتىلدۈرەلەيمىز، چۈنكى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھەر خىل كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ۋاستىلىق ئېرىشىمىز ، قەلبىمىزدىكى « يوشۇرۇن بىلىش » نى ئويغىتىپ ، ئۆزىمىزنىڭ رېئال كەچۈرمىشى بىلەن كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئەسلىدىكى كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا يېڭى تونۇش ھاسىل قىلالايمىز، ھەمدە كۆپ مەنبەلىك قاراش ئارقىلىق نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ ،مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق كۈزىتىشنى ئۆگىنىپ ، ئىنسانىي پەزىلەتنى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرىمىز .

ئىككىنچىدىن ، كىتاب ئوقۇش بىزنىڭ ئالاقە سەۋىيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .

كىتاب ئوقۇغاندا يىغىنچاقلاش ، ئالماشتۇرۇپ ئىپادىلەش ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىمىزنى مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق شەيئىلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن ، ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىمىز. ئىدىيەۋى ئېڭىمىز چوڭقۇرلىشىپ، توغرا ۋە چۈشىنىشلىك پىكىر يۈرگىزىدىغان بولىمىز.

بۇ ئىككى جەھەتتىكى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، بىز ئۈنكىتاب ئاڭلاش ، دېكلاماتسىيە قىلىش ، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە ئوقۇش سۈرئىتىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ بويىچە مەشىق قىلىپ ، كىتاب ئوقۇش ماھرىتىمىزنى يىتىلدۈرسەك بولىدۇ . شۇ ئارقىلىق بىز « جىددىيلىكتىكى خۇشاللىق » ھالىتىگە يەتكىنىمىزدە، كىتاب ئوقۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيمىز ،شۇنداقلا يوقارىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئىككى خىل يۈكسىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

ياپونىيەلىك يازغۇچى كوسوكې سېيتونىڭ « كىتاب ئوقۇشنىڭ قۇدرىتى» دېگەن كىتابىدىن

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top