You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » رىم شەھىرى راستتىنلا بىر كۈندە پۈتكەنمۇ؟

رىم شەھىرى راستتىنلا بىر كۈندە پۈتكەنمۇ؟

تەرجىمىدە مەمىتىمىن

ھەممىمىز «رىم شەھىرى بىر كۈندە پۈتكەن ئەمەس» ئېنگىلىزچە (Rome wasn’t built in a day) دېگەن بۇ گەپنى كۆپ ئاڭلىغان، بۇ بىزگە بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۇزاق جەرياننى بېسىپ ئۆتۈشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما چەتئەل تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارخېئولوگلار يېقىندا ھەيران قالارلىق بىر ئىشنى بايقىغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىسپاتلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەخت شەھەر قۇرۇلۇشىىنىڭ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 625-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈن چىقىش بىلەن ئىش باشلاپ كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن پۈتكۈزۈلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. مۇخبىر ئارخېئولوگلاردىن بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى سورىغاندا، ئارخېئولوگلار جۇلىيئوس قەيسەر ئۆزى ئىمزا قويغان بىر ھۆججەتنى يەنە بىر يۈرۈش توختامنى كۆرسەتكەن.

ئارخېئولوگلار لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان بۇ توختامنىڭ «بىز بابىلون AlJeida قۇرۇلۇش شىركىتى، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى رىم شەھرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاشقا ھەم بىر كۈن ئىچىدە تاماملاشقا قوشۇلىمىز، ئەگەر بىز ئىمپېرىيە بېكىتكەن ۋاقىتتا قۇرۇلۇشنى تاماملىيالمىساق، ئىمپېراتور قەيسەر بىزنىڭ بېشىمىزنى كېسىپ شىرغا تاشلاپ بەرسە بولىدۇ» دېگەن بىر بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئىسپات مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇلار «ھۈنەرۋەنلەر بىر كۈن ئىچىدە رىم شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ چىققان» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدىكەن، چۈنكى ئۇلار يېقىن ئەتراپتا ھېچقانداق بىر باش سۆڭىكىنىڭ تاشقاتمىسىنى بايقىمىغان.

ئەمەلىيەتتە ئىمپېراتور قەيسەرنىڭ بۇ ھۆججىتى ئادەمگە، تورىننىڭ جەسەت يۆگىكىگە ئوخشاش، بىر قارىسا ئىشەنچلىكتەك بىر قارىسا گۇمانلىقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھازىر ئالىملار كاربون ئانالىزى بىلەن يىلىنى بېكىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنىڭ ھەقىقىي يېزىلغان ۋاقتىنى مۆلچەرلەۋاتىدۇ.

ھەممىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىكىدىن، رىم شەھىرىنىڭ 280 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق زور يەر كۆلىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر نەچچە كىچىك شەھەر، كىچىك بازار، بىر نەچچە تاغ-دەريا، چوڭ تىياتىرخانا، كۆپلىگەن سۇ باشلاش تۇرۇبىسى، سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى، ئەگمە ئىشىك، مۇزېي، ئالتۇن يالىتىلغان چوڭ چېركاۋ ۋە پىسا كىچىك ئۆيلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن. ئەگەر «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە تاماملانغان» دېيىلسە ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا ئارخىتېكتور فىرىد: «بىر كۈن ئىچىدە مېنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىم ھەتتا بىر نەچچە رەت قۇرۇق تامنىمۇ پۈتتۈرەلمەيدۇ. بۇ رىم شەھىرىنىڭ مودېل خەرىتىسى ۋە كۆلىمىدىن قارىغاندا، شىركىتىمىز نەچچە يۈز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن پۈتكۈل رىم ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ» دېگەن.
ئەگەر ھۆججەتتە بايان قىلىنغان ئەھۋال راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ بۈگۈنكى ئالىم ۋە ئارخىتېكتورلارغا نىسبەتەن يېڭى بىر قىيىن سوئال ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ بىر كۈندە 280 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان رىم شەھىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا تارىخشۇناس روگېرس: «بۇلار ئېھرامغا ئوخشاش مەڭگۈلۈك سىر، شۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىنى پەقەت شۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرلا چۈشەندۈرەلەيدۇ، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ بەزى ھالقىلىرى بەلكىم ئۇ زاماندىكىگە يەتمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن. مەسلەن، قەدىمكىلەر ئالدى بىلەن ئېھرام ياسىغان، ئاندىن شىر تەنلىك ئادەم باشلىق ھەيكەللەرنى ياسىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىرېس مۇنارى قاتارلىقلارنى ياسىغان. بىز بۇلارنى ھېلىھەممۇ ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز» دېگەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top