You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ھەيران قالارلىق! ئالىملارنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش تەجرىبىسى

ھەيران قالارلىق! ئالىملارنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش تەجرىبىسى

تەرجىمىدە رەنا

مەڭگۈ ئۆلمەسلىك ۋە ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش ئىنسانلار ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان بىر مەسىلە، 19-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسى زور دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ۋە ھەرخىل تەجرىبە تەتقىقاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى، شۇنىڭدەك، گەرچە ئالىملارنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش تەجرىبىسى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىنىڭ گۈللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى.

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، نۇرغۇن ئالىملار ئېلېكترلىك داۋالاش ئۇسۇلى-ئىمپۇلس توك ئېقىمى ئارقىلىق مۇسكۇلنى غىدىقلاشنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، شوتلاندىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئەنجىر يوئېرمۇ شۇلارنىڭ بىرى. فانتازىيەلىك ھېكايە «فىرانكېنسىتېين»نىڭ تەسىرىدە، ئالىملار ۋە سەنئەتكارلاردا توك ئۆتكەندىن كېيىن ئوت ئۇچقۇندىغان جەسەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى، ئادەتتىكى ئالىملار پەقەت توك ئېقىمى ئارقىلىق مۇسكۇل ھەرىكىتىنىڭ پىرىنسىپىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمما يوئېر بولسا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولغان.

«فىرانكېنسىتېين» دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى فانتازىيەلىك ھېكايە دەپ قارالغان بولۇپ، كىتابتىكى ياش ئالىم فىرانكېنسىتېين ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىك دەپ قاراپ، جەسەت ساقلاش ئۆيى، قەبرىستانلىقتىن ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى ئوغرىلاپ چىقىپ، چاقماقتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قۇراشتۇرۇپ غەلىتە مەخلۇق پەيدا قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق قايتا ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەر تەبىئىي پەنگە نىسبەتەن مۇئەييەن تونۇشقا ئىگە بولغان، شۇڭا ئاشۇ ھايات-ماماتلىق تەكرارلىنىش، سەۋەب-نەتىجە جاۋابلىرى بەزىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان، كۆپچىلىك ھاياتلىقنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ۋە ئادەم قانداق ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى زادى نېمە؟ دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.
1780-يىلى ئىتالىيەلىك ئاناتومىيە ئالىمى پىروفېسسور لۇيگى گالۋانى ئۆلۈك پاقىغا توك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن مۇسكۇللارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئاندىن زور مىقداردىكى ھايۋانلار ئالىملارنىڭ توك ئۆتكۈزۈپ تەجرىبە قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. گالۋانىنىڭ جىيەنى، فىزىكا ئالىمى گىيوۋانى ئەلدىنى قۇشخانىدىن كالىنىڭ بېشىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان ھەمدە كالىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە تىلىغا توك ئۆتكۈزگەن.

يۇقىرى بېسىملىق توكنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كالىنىڭ بېشىدا كۆز قىسىش، بۇرۇن تۆشۈكى ئېتىلىش قاتارلىق ھاياتلىق بەلگىلىرى پەيدا بولغان، ئۇ چاغدا ئالىملارلا ئەمەس، ئادەتتىكى ئاممىمۇ جەسەتكە توك ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئۇلار دائىم توك ئۆتكۈزۈلگەن كالا جەسىتى، چوشقا جەسىتى كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى بارغان ھەمدە تاشقى كېسەللىكلەر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئەمەلىي گەۋدە ئاناتومىيەسى كۆرگەزمىسىنىمۇ كۆرگەن.

1818-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنجىر يوئېر ئەمدىلا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ بەدىنىدە بىر قېتىملىق ئاناتومىيە تەجرىبىسى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاناتومىيە گلاسگوۋ داشۆسىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار، پىروفېسسور ۋە ئاناتومىيە ئالىملىرىنى جەلپ قىلغان. چۈنكى بۇ بىر قېتىملىق ئاددىي ئاناتومىيە بولماستىن، جەسەتكە 270 ۋولتلۇق ئېلېكتر تاياقچىسى ئورنىتىلغان. بۇ چاغدا، توك ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، جەسەت ئويلىمىغان يەردىن غەلىتە ھالدا «ئۇسسۇل ئوينىغان». جەسەتنىڭ بوينى، ساغرىسى ۋە پۇتىغا ئايرىم-ئايرىم ئېلېكتر تاياقچىسى كىرگۈزۈلۈپ، ئاندىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە توك بىلەن غىدىقلىغان. نەق مەيداندىكىلەر جەسەتكە توك ئېقىمى ئۆتكەندىن كېيىن كۆكرەك قىسمىدا ئېگىز-پەسلىك كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگەن ۋە تەجرىبە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ باھا بەرگەن. تەجرىبىدە يۈز بەرگەن ئىشلار مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «بۇ جەسەتكە توك ئۆتكەندىن كېيىن، بارماقلىرىغا جان كىرىپ، خۇددى ئىسكىرىپكىچىنىڭ قولىغا ئوخشاپ قالدى، جەسەتنىڭ يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللار ھەرىكەتلىنىپ، غەزەپ، ۋەھىمە، ئۈمىدسىزلىك، ئازاب، خۇشاللىق قاتارلىق چىراي ئىپادىلىرى پەيدا بولدى.»

پۈتكۈل تەجرىبە تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەممەيلەن جەسەتنىڭ قايتا تىرىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان، ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ۋە ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان: ئەگەر ئۆلۈشنى بەدەندىكى جاراھەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلگەن ئادەمنىڭ قايتا تىرىلىش ئېھتىماللىقى بار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ خۇشال بولۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى قايتا تىرىلگىنى بولسا بىر قاتىلدىن ئىبارەت!

گەرچە تەجرىبە ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئىلمىي نەتىجە ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنجىر يوئېر يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى خاتىرىلىۋالغان. ئۇ نەتىجىنىڭ ھەممىسىنى بىر كىتابچىغا يېزىپ چىققان ھەمدە ئۇنى ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپى دەپ ئاتىغان. بىراق، كېيىن كىشىلەر بۇ خىل «تىرىك ئۆلۈك» ئادەم تەجرىبىسىنى رەزىل قىلمىش، كىشىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان ۋە ئالىملارنى ئالۋاستى دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىلدۈرۈش تەجرىبىسى كۈلكىلىك ئويۇن دېيىلىپ، ۋاقتىنچە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن.

ئەينى چاغدا «تىرىك ئۆلۈك» توغرىسىدىكى سەلبىي خەۋەردە، ئىككى ئالۋاستى مۇسبەت مەنپىي ئېلېكترودقا ۋەكىللىك قىلغان، بۇ ئىككى ئالۋاستىنىڭ تۈرتكىسىدە «تىرىك ئۆلۈك» ھايات قالغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان.

ئەينى چاغدا جەمئىيەتنىڭ «تىرىك ئۆلۈك ئادەم»گە بولغان بىزارلىقىغا قارىتا، بىر دانا مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان:

«بىز ھەمىشە ئىلىم-پەن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايمىز، ئادەتتىكى تۇرمۇشتا، بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس بىر يۈرۈش ئاتالمىش ھەرىكەت مىزانىمىز بار. لېكىن بەزىلەر ئاق خالات كىيىۋالسىلا، يەنە بىر يۈرۈش ھەرىكەت مىزانى بويىچە خالىغىنىنى قىلالايدۇ. مانا بۇ 18-ئەسىردىكى ئالىملارنىڭ قارىماققا مۆتىۋەر، دۇرۇس ئوبراز ئاتا قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئەمما قىلىۋاتقىنى جەمئىيەتكە، ئەخلاققا قارشى تەجرىبە.»

گەرچە 19-ئەسىردىكى «ساراڭلار» ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىدە خاتىرىلەنگەن تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە يەكۈنى ھازىرقى مېدىتسىناغا نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، ھازىر بىزگە تونۇشلۇق بولغان توك سوقتۇرۇپ تىترەشنى يوقىتىشنىڭ «تىرىك ئۆلۈكلەر» بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار… ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئەخلاق ۋە ئېتىكا دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ۋەھشىيلەشكەن تەجرىبە ئېلىپ بېرىشى، بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېبابەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئورنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top